saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 2630 قېتىم كۆرۈلدى
addi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9773
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 55 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 55 سوم
تۆھپە: 31 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 31 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئاجىزلار توپى توغرىسىدا

مىللەتنى چۈشۈنۈش ھەققىدە نۇرغۇن ئەسەرلەر يېزىلدى،مۇنازىرىلەر بولدى.بۇ بىر ياخشى ئەھۋال.مۇنازىرە ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق بارغانسىرى ئىلمىيلىككە يېقىنلاشقىلى بولىدۇ.
بۈگۈن مەن مىللەت چۈشۈنۈشنىڭ يەنە بىر مىتودى ئاجىزلار توپى ھەققىدە توختىلىمەن.
ئاجىزلار توپى (خەنزۇچە 弱势群体) بىر جەمىيەتشۇناسلىق ئاتالغۇ بولۇپ بىر جەمىيەتتىكى ئاجىزلار قاتلىمىنى كۆزدە تۇتىدۇ.مەسىلەن بىر شەھەردىكى كۆچمەنلەر ،بىر جەمىيەتتتىكى تۇل خوتۇنلار ،يىتىم بالىلار ياكى زەھەر چەككۈچىلەر ،ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاجىزلار توپى دەپ قارىلىدۇ ۋە بىر توپ ياكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئېگە كوللىكتىپ سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنىدۇ.
  مەسىلەن مەلۇم بىر جەمىيەتتىكى ئاجرىشىپ كەتكەن ئاياللار ياكى تۇل خوتۇنلار نۇرغۇن جەھەتتىن ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئېگە بولىدۇ.ئۆيدە ئەر كىشى ھىماتى بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئائىلە ئەزالىرى تولۇق ۋە پۈتۈن بولغان ئائىلىلەرگە قارىغاندا نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئۆزىگە ئاجىزلىقلارنى يوشۇرغان بولىدۇ.
زەھەر چەككۈچىلەر توپىمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئېگە بولۇپ ،زەھەر چەككەنلىكى تۈپەيلىدىن تەپەككۈرى توسالغۇغا ئۇچرىغان ،كېسەل ھالەتتە بولىدۇ.ئوڭاي جىنايەت يولىغا ماڭىدۇ.زەھەرنى تومۇرىغا ئوكۇل قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوڭايلا ھەرخىل جانغا زامىن كېسەللەرنى يۇقتۇرىۋالىدۇ.ئۇلارنىڭ تونۇشى ،جەمىيىەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسى قاتارلىقلاردا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك شەكىللەنگەن بولىدۇ.ئۆمرى ئانچە ئۇزۇن بولمايدۇ.جەمىيەتشۇناسلىق ئىلمىدە بۇ خىل توپلار ئايرىم -ئايرىم تەتقىق قىلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ ھەركەت ،زىيانكەشلىككە ئۇچراش قانۇنىيىتى تېپىپ چىقىلغان.مۇنداقچە ئېيتقاندا بىر ئادەم زەھەر چېكىشنى باشلىسا بىلىپ بىلمەي شۇ توپقا خاس بولغان ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىدە پەيدا قىلىدۇ.ياكى توپقا خاس قانۇنىيەتلىك قىلمىشلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
 ئازسانلىق مىللەتلەرمۇ ئاجىزلار توپىغا مەنسۇپ بولۇپ ئاجىزلار توپى ئىلمىدە مەخسۇس تەتقىق قىلىنغان بولىدۇ.ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس جەمىيەت ۋە توپ ئالاھىدىلىكى بولىدۇ.ئاجىزلار توپى كۆپىنچە ھالدا ئاجىزلار توپىغا خاس ئالاھىدىكىلەرنى ئۆزىدە پەيدا قىلىدۇ ياكى سادىر قىلىدۇ.
   نىمىشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاجىزلار توپى دەپ قارايمىز؟
چۈنكى نوپۇسى ئاز بولسىمۇ ئۆزى ئايرىم ،مۇستەقىل ھاكىمىيەت ۋە تىروتىرىيەدە ياشايدىغان مىللەتلەر ئاجىزلار توپىغا كىرمەيدۇ ۋە ئۇلار ئاز سانلىق مىللەت دەپ قارالمايدۇ.
نوپۇسى كۆپ ،لېكىن مەلۇم دۆلەتنىڭ يىتەكچى ياكى ئاساسى مىللىتى ئەمەس مىللەتلەر ئاز سانلىق مىللەت دەپ قارىلىدۇ.مەسىلەن ئون مىليۇن ئۇيغۇر دۇنيا ئۈچۈن ئېيتقاندا نوپۇسى كۆپ چوڭ مىللەت.لېكىن جوڭگۇدىكى بىر مىليارت ئۈچ يۈز مىليۇن ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا ئاز سانلىق مىللەت ياكى ئازسانلىقلار توپى ھىساپلىنىدۇ.خەنزۇدىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مىللەت ئالدىدا ئۇيغۇر مىللىتى ھەقىقەتەن ئاجىزلار توپىغا كىرىپ كېتىدۇ ۋە شۇ تۈپەيلىدىن ئاجىزلار توپىغا خاس ئالاھىدىلىككە ئېگە بولۇپ قالىدۇ.
 مەسىلەن بۇخىل ئاجىزلار توپىنىڭ تىلى ،مائارىپى ،مەدەنىيىتى ،ئۆرىپ -ئادىتى ئىزچىل خىرىس ئىچىدە بولىدۇ.ئۇنىڭغا خىرىس شەكىللەندۈرگۈچى توپنىڭ تىلى ،مەدەنىيىتى ،مائارىپى قاتارلىق ئامىللار ئاجىزلار توپىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .
شۇ سەۋەپتىن دۇنيادىكى كۈچلۈكلەر توپىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدە ھەر خىل پەرقلەر بولىدۇ.بەزى كۈچلۈك توپلار ئۆزىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى قوپال يوسۇندا ئىپادىلەپ ،ئاجىزلار توپىنى يەۋەتمەك بولىدۇ.پىلانلىق ،ئاڭلىق ھالدا ئۇلارنىڭ تىل ،مەدەنىيەت ،مائارىپ قاتارلىق ئامىللىرىنى ئاسسىلىماتسىيە قىلىش كويىدا بولىدۇ.ئاسسىىلىماتسىيە قىلىش پىلانلىرىنى تۈزىدۇ.قارشى تەرەپنىڭ تۇيغۇسىغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ ياكى ئاجىزلار توپىنى ئىلاجىسىز ھالدا شۇ يولدا مېڭىشقا مەجبۇرلايدۇ. مەسىلەن ئاجىزلار  توپىنىڭ تىلىدا سۆزلەيدىغانلارنى خىزمەتتىن قىسىش ،كۈچلۈك توپنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆزىدە ئۆزلەشتۈرگەنلەرنى قەدىرلەش ،مەدەنىيەتلىك ۋە ئىلغار دەپ قاراش. بۇ خىل قاراشنىڭ يىلتىزى كۈچلۈك توپنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن ئۆزىدىكى ئىچكى پايدىسىز ئامىللارنى تازىلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ،ئاجىزلار توپىنىڭ كۈچلۈككە ئايلىنىش ئارزۇسى كۈچلۈكلەر توپىنىڭ دۈشمەنلىكى ئىچىدە بولىدۇ.چۈنكى بۇ زىمىن ،بايلىق قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارغا تۇتىشىدۇ.لېكىن بۇ خىل قوپاللىق ئازسانلىقلار توپىنىڭ ئۇزاققىچە ئۆزىنى ئۇنتالماسلىقى ۋە قارشى تەرەپ مېنى كەمسىتتى ،مېنى يوقاتماقچى بولدى دەپ قاراپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.زىددىيەت ئۇزۇنغىچە ھەل بولمايدۇ.
بەزى كۈچلۈكلەر توپى ئۆزىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ئىلمىي ۋە مۇلايىم يوسۇندا ئىپادىلەيدۇ. قارشى تەرەپنى ھۆرمەتلەيدۇ.ئۇلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتى قوغداشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ.كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىپ ئاجىزلارنى كەمسىتىشكە قارشى تۇرىدۇ.خۇددىي ھازىر ئەيدىز بىمارلىرىنى ،زەھەر چېكىدىغان ۋە تۈرمىدىن چىققانلارنى كەمسىتىشكە قارشى تۇرغاندەك كەمسىتىشكە قارشى تەدبىرلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.ئازسانلىقلار توپىغا ھەرخىل ئېتىبار بېرىش سىياسىەتلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.لېكىن بۇ بىر خىل يۇمشاق تەدبىر بولۇپ كۈچلۈكلەرنىڭ قوپال تەدبىرىدىن ئۈنۈملۈك بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.ئاجىزلار توپى ياكى ئازسانلىق مىللەت بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ تەسىرىدە ئاستا-ئاستا قارشى تەرەپكە ئىشىنىدۇ.قارشى تەرەپنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىنى ئىلغار دەپ قاراپ ئۈگۈنىدۇ.دورايدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۆزى خالىغان ئاساستا ئۆزىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.
 كۆپىنچە ھاللاردا  ئاجىزلار توپى ياكى ئازسانلىق مىللەتنىڭ مىللەتچىلىكى ۋە رادىكاللىقىنى كۈچلۈك توپنىڭ مىللەتچىلىك ۋە رادىكاللىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. رادىكال تەدبىرلەرنى ئېلىش ،رادىكال مىللەتچىلىك ئاجىزلار توپىنىڭ قورالىغا ئايلانغاندا زىدىيەت تېخىمۇ كۈچىىيىدۇ.مەسىلىنى قوپال ھەل قىلىش خاراكتىرىدىكى كۈچلۈكلەر توپى تېخىمۇ رادىكال تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلايدۇ.
  بۇ مەسىلىلەر بۇ يازمىنىڭ دېمەكچى بولغان مەقسىتى ئەمەس.
  دېمەكچى بولغان گەپ شۇكى ئاجىزلار توپى بولغان ئازسانلىق مىللەتتىن چىققان ھەرقايسى قاتلامدىكى جەمىيەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى بىلىپ-بىلمەي ئاجىزلار توپىنىڭ ھەر خىل كېسەللىكلىرىنى يۇقتۇرىۋالغان بولىدۇ.مەسىلەن بۇ خىل مىللەتتىن چىققان رەھبەر ،يازغۇچى ،سەنئەتكار قاتارلىقلارنىڭ خاراكتىرىگە ئاجىزلار توپىنىڭ تامغۇسى بېسىلغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەقىل كويپىنسىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەركىتى مەلۇم قېلىپقا چۈشۈپ قالغان بولىدۇ. يازغۇچىللىرىنىڭ يېزىش شەكلىكى ۋە جاھاننى كۈزىتىشىمۇ بىلىپ بىلمەي بۇ قانۇنىيەتنىڭ ئىچىدە مەۋجۇت بولىدۇ.ئۇلار ئاجىزلار توپى ئېرىشەلمەيدىغان خىياللار بولىدۇ ۋە شۇنداق نەرسىلەرنى يېزىپ چىقىدۇ.ئاجىزلار توپىنىڭ ئانالىزچىللىرىنى ئىزچىل ھالدا ئۆزىدىكى مەسىلىنىڭ تۈپ سەۋەبى بولغان ئاجىزلار توپىنىڭ قانۇنىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ھەققىدە پىكىر قىلالمايدۇ ياكى ئاجىزلار توپىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇلارنى مەسىلىنىڭ تۈپ نېگىزىگە يېقىنلاشتۇرمايدۇ.
بەزى ئالىملار ئاجىزلار توپى بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ياشاش ئالاھىدىلىكىدىن تارتىپ پىكىر قىلىشىغىچە بىر-بىرىگە شۇنداق ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ.ئاجىزلارنىڭ مىللەتنى ئوپىراتسىيە قىلىپ ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئىزدىشى كۆپىنچە ھاللاردا بىر-بىرىگە بەكمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ.ئۇلار ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللارنىڭ تۈپ سەۋەپلىرى ھەققىدە پىكىر قىلماي ئۆزىنىڭ ئاجىزلار توپىغا تەۋە بولۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىدە پەيدا بولۇپ قالغان سەۋەبلەرنى ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى دەپ قارىۋالىدۇ.مەسىلەن غەيۋەتچىلىك چېقىمچىلىق بىر خىل پىسخولوگىيەلىك ۋە جەمىيەتشۇناسلىققا تەۋە مەسىلە.
لېكىن بەزىلەر بۇنى مىللەتنىڭ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلە دەپ قارىۋالىدۇ. ھالبۇكى غەيۋەتچىلىك ئادەمنىڭ بىر خىل پىسخىل خۇسۇسىيىتى . مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا چېقىمچىلىقىنى تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان.تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق چېقىمچى ئەمەس دەپ قارالغان ئادەملەرنىمۇ چېقىمچى قىلىپ تاشلاش مۈمكىن.تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئىشچان توپنىڭ ئادەملىرىنى ھورۇن قىلىپ تاشلاش مۈمكىن.ھەتتا مەلۇم ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭگە سەت كۆرسىتىپ ئاخىرىدا ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭنىڭ ئەرزىمەس ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇپ كۈچلۈكلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادەڭنى سۇندۇرۇشقا يىتەكلەش مۈمكىن.
    ئاجىزلار توپى بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاجىزلار توپى بولۇپ قالغانلىقتىن كېلىپ چىققان بولۇپ بۇمەسىلىلەر ھەققىدە رادىكاللىق بىلەن پىكىر قىلىشتىن ساقلىنىپ مەسىلىنى ئىلمىي كۈزۈتۈش كېرەك.
قىسقىسى ئاجىزلار توپىنى تەتقىق قىلىدىغان بۇ ئىلىمنى ئۈگۈنۈش ،تەتقىق قىلىش ئازسانلىق مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنى چۈشۈنىشىدىكى مۇھىم بىر جەرياندۇر.
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-12, 11:49
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-09-12 01:55 |
anatil8
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8450
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 167
شۆھرەت: 845 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 845 سوم
تۆھپە: 506 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 506 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شۇنداق ياخشى تىمىكەن،،ئاز ھەم ساز يېزىلغان،،،،،،،

ھەربىر ئۇيغۇر بولغۇچى مۇشۇنداق ئىسىل تىمىنى ئوقۇش ئارقىلىق،يات مىللەتنىڭ مىللىتىمىزگە قىلغان خىرىسنى چۈشۈنۈپ يەتسە ئىدى،،شۇندىلا كۆپلىگە كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا تۇنجى قەدەملىك ئويغۇنۇش ھاسىل بۇلۇپ مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە باش قاتتۇرىدىغانلار كۆپىيەر ئىدى،،،،،

ئاپتۇرغا كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن.....
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 13:09 |
darya.
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4198
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 72
شۆھرەت: 368 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 369 سوم
تۆھپە: 220 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 221 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 325(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىللەت ئومۇمىي گەۋدىسىدە ئومۇملاشقان  زىيادە سەزگۈرلۈك ، خۇدىكسىرەش ، ئۈمۈتسىزلىك ، چۈشكۈنلۈك ، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك ، ھورۇنلۇق ، قورقۇنچاقلىق ، قۇلچىلىق ، ئۆگەيلىنىش ،تىزلا بازىرى چىقىدىغان ھەر تۈردىكى زىيادە رادىكاللىق .... قاتارلىقلارنىڭ سەۋەبى يىغىپ كەلسە بىرلىكەندە...بۇ مەن مەنپەئەتلەنگەن بىر تىما بولدى ...
سۇ ئېرىقتا ئاقىدۇ  ، تاشقىن سايدا.....
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 13:19 |
mamat.habiybul
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8196
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 216
شۆھرەت: 1165 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1190 سوم
تۆھپە: 703 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 728 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 98(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئېسىل ئەسەركەن !  تۈگىمىگەندەك  قىلىدۇ -ھە ؟
ئەمدى ئاجىزلار توپىنى تەتقىق قىلىدىغان بۇ ئىلىمنى ئۈگۈنۈش ،تەتقىق قىلىش ئازسانلىق مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنى چۈشۈنىشىدىكى مۇھىم بىر جەريان  توغۇرلۇق ئىزدىنىپ باقساق بولىدىغان ئوخشايدۇ .
داۋامىغا تەشنامىز !
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 13:19 |
das-qelak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9893
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 59
شۆھرەت: 320 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 320 سوم
تۆھپە: 188 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 188 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى darya.دە2012-09-12 13:19يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مىللەت ئومۇمىي گەۋدىسىدە ئومۇملاشقان  زىيادە سەزگۈرلۈك ، خۇدىكسىرەش ، ئۈمۈتسىزلىك ، چۈشكۈنلۈك ، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك ، ھورۇنلۇق ، قورقۇنچاقلىق ، قۇلچىلىق ، ئۆگەيلىنىش ،تىزلا بازىرى چىقىدىغان ھەر تۈردىكى زىيادە رادىكاللىق .... قاتارلىقلارنىڭ سەۋەبى يىغىپ كەلسە بىرلىكەندە...بۇ مەن مەنپەئەتلەنگەن بىر تىما بولدى ...


ئا

ئاتام مۇشۇنداق تاغاممۇ مۇشۇنداق خوشناممۇ مۇشۇنداق  ئاپام ئازراق . ھەننىۋاسى مېنى مۇ شۇنداق بولۇشقا زورلاۋاتىدۇ  لېكىن مەن ئۇنىۋايماتىمەن
نېمىشقا  چۈنكى مەن توردىن  يەنى باغداش تورىدىن قاتتىق مەنىۋى ئىلھام ئەشەددى كۈچ قۇۋۋەت ئېلىۋاتىمەن ئىشىنەمسىلەر  تۇققانلىرىم ،ئاتا -ئانام بىلەن ئاكائۇكا  ئۈچىمىز ئايرىم بىر دۇنيادا ياشايمىز  خۇدايڭم باغداش تورىنى ساق-سالامەت قىلغاي ھە راست باغداش تورىنى  كىم قۇرغان
مۇھەممەتجان ئۈمىدۋارما
simfoniya
مەن چىنە-قاچا ساتىمەن
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 13:55 |
das-qelak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9893
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 59
شۆھرەت: 320 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 320 سوم
تۆھپە: 188 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 188 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قايسىڭلار ھەر-قانداق يەردەساپ ئۇيغۇر  تىلىدا سۆزلىيەلەيسىلەر.بۇنداق دېسەم كۈلمەڭلار يەنى شىجى دىيەنشى بىنشاڭ  دېمەي دەيمەن  كىم مەن دېيەلىسە  شۇنى نوچىكەن  دەيمەن------داس-چېلەك
lutun
مەن چىنە-قاچا ساتىمەن
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 14:00 |
xiho
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6105
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

باغداشتىكى يەنە بىر ئىسىل تېما !
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 15:58 |
koygandengiz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6375
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 151
شۆھرەت: 763 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 764 سوم
تۆھپە: 458 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 459 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 265(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   ئەسەر ئۆز ئىجادىيىتىڭىزمۇ ياكى تەرجىمىمۇ ؟ مەنبەسىنى ئەسكەرتسىڭىز بوپتىكەن .
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 16:00 |
umidwar728
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9539
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
شۆھرەت: 65 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 65 سوم
تۆھپە: 39 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 39 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 95(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەقىقەتەن ئۆزگىچە تەپەككۇر، ئۆزگىچە پىكىركەن، ئويلاپ يەتمىگەن نۇقتىلارنى چۈشەندىم، مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىغا تەشۋىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان تېمىكەن، ھەممىلا ئەيپنى ئۆزىمىزدىن كۆرۈپ، ئۆزىمىزنى چۆكۈرۈپ، باشقىلارغا ھەۋەس قىلىدىغانلار ئويلاپ باقسا بولىدۇ، كاۋاپنىڭ كۆيۈپ كەتكىنى گۆشنىڭ گۇنايى ئەمەس، ئوت مۇۋاپىق بولسا كاۋاپ كۆيمەيدۇ. تەمىمۇ ئۆزگىچە بولىدۇ.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 16:18 |
darya99
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9938
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 70
شۆھرەت: 368 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 369 سوم
تۆھپە: 219 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 220 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 64(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تەپەككۈردىكى يەنە بىر كۆز ئېچىلىپتۇ، ئاپرىن . تور ئەدىبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا يەنە بىر يول ئېچىلىپتۇ.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 17:19 |
xirakbowam
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9201
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 80
شۆھرەت: 435 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 435 سوم
تۆھپە: 254 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 254 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 199(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى تىمىكەن،كىسەلنى ئېنىقلاش،سەۋەۋىنى تېپىپ  چىقىش ،كىسەلنى داۋالاش=ھازىرقى ئورنىمىز ۋە روھى ھالىتىمىزگە توغرا باھا بىرىش يەنى روھى غالبىيەتچىلىكنى تۈگۈتۈپ ئاجىزلار تۇپىغا تەۋە ئىكەنلىگىمىزنى دادىللىق بىلەن ئىتىراپ قىلىش ئاجىزلغىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپلەرنى تېپىپ چىقىش،ئاكتىپ ئۆزگەرتىش ئاجىزلار تۇپىدىن قۇتۇلۇش=؟ ؟؟
ئۇھ  قاچانمۇ ئەمەلگە ئاشار .........
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 18:43 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە