saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 2820 قېتىم كۆرۈلدى
kawimmol
kawmimol
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2920
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 217
شۆھرەت: 1281 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1312 سوم
تۆھپە: 733 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 742 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 273(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 70- يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرى

70- يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرى

     بىز40 ياشقا قاراپ ماڭغان 70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار، قاۋاقخانا ، KTV لاردىن ئاستا ئاستا زېرىكىۋاتىمىز، تەبىئەتكە يېقىنلىشىۋاتىمىز، ساغلام بولغان تۇمۇش ئادىتىنى يېتىلدۇرىۋاتىمىز.
     بىز40 ياشقا قاراپ ماڭغان 70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار، بەزىدە تۇرۇپ زېرىكىپ قالىمىز، يەنە بەزىدە بىرەر كىشىنى چوڭقۇر سېغىنىمىز.
       بىز40 ياشقا قاراپ ماڭغان 70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار، ياشلىقتىكى جۇشقۇنلۇق قالمىدى، يولۇققان قىينچىلىقلىرىمىز بىزنىڭ كىشلىك كارتىنكىلىرىمىزنىڭ تارىخى بولۇپ قالدى، باشقىلارنى كەچۈرۈشنى ،يەنە بەزى نەرسىلەرگە چىداشنى ئۆگىنىۋاتىمىز.
     بىز40 ياشقا قاراپ ماڭغان 70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار، ئولتۇرۇپ ئەسلىسەك، بىزنىڭ بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەنلىرىمىز تولىمۇ كۆپ، ھەم يوقاتقانلىرىمىزمۇ شۇنداق، بىزدە ئەپسۇسلىنىش بار، لېكىن ئۇلار كەلمەسكە كەتتى، بىزنىڭ سەبى ۋاقتىلىرىمىز كەلمەسكە كەتتى. جەمئىيەت، تۇرمۇش بىزنى بېسىپ نەپەس ئالالماي قالغان ۋاقىتلىرىمىزدا، بىز ئاشۇ ساپ سۆيگۇمىزنى سېغىنىمىز، كۈندە ئىشتىن چۈشكەندە بىرگە تاماق يېيىشنى ، بىللە كىنو كۆرۈشنى ، يەنە بىر كىشىنىڭ بىزنىڭ يەلكىمىزدىكى يۈكىمىزنى بىللە كۆتۈرۈپ بېرىشنى ئارزۇ قىلغان. بىز تىكەن باسقان يولدا جاپالىق ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز، بىز بىرەرسىنىڭ بىزگە مەدەت بېرىشىگە مۇھتاج،  بىز بەزىدە ھېرىپ چارچىغانلىقىمىزدىن بەل قويۇۋېتىشنى ئويلىغان، لېكىن ئەتراپىمىزدىكى بىزنى ئويلاۋاتقان، مەدەت بېرىۋاتقان كىشىلىرىمىزنى ئويلاپ، چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋىتىپ داۋاملىق ئىلگىرلەيمىز، نىشانىمىز:  مەنزىلىمىزگە بېرىپ توختاش .
       بىز40 ياشقا قاراپ ماڭغان 70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار، بىز داۋاملىق QQ دا يوشۇرۇنچە چىقىۋېلىپ كىم  توردا باركىن ؟ دەيمىز، تونۇشلارنى كۆرگەندىن كېيىن بىر نەرسە دېگىمىز كېلىدۇ- يۇ ، لېكىن ئاخىرىدا ھېچ نەرسە دېمەيمىز، مانا موشۇنداق ئىرماش- چىرماش خىياللاردا ئولتۇرۇپ قالىمىز، QQ بوشلۇقىمىزنى قايتا قايتا ئېچىپ كىم خاتىرىسىنى يېڭىلىدىكىن ، كىم كۆڭۈل سۆزلىرىنى يازدىكىن دەپ كومىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرىمىز.
      بىز40 ياشقا قاراپ ماڭغان 70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار، كۆڭلىمىز يېرىم ۋاقلىرىدا بۇرۇنقىدەك غودۇڭشىمايدىغان بولدۇق، بىز تېپ تېنىچ، تېپتېنچ ھالدا كۇزىتىمىز بۇ ئەمەلى ۋە ساختا بولغان دۇنيانى.
      بىز40 ياشقا قاراپ ماڭغان 70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار، بىزنىڭ ھەقىقىي يىغلىغۇمىز بار ، لېكىن يەنە كۈلىمىز،
ئېنىق كۆڭۈل بۆلگىمىز بار لېكىن يالغاندىن كارىمىز يوق بولىۋالىمىز. بارغان يېرىمىزدە قېپ قالغۇمىز بار لېكىن يەنىلا كېتىپ قالىمىز.ئازاپلىنىۋاتقانلىمىز ئېنىق، لېكىن يەنىلا ئۆزىمىزنى ئالداپ بەخىتلىك دەيمىز. ئۇنتىيالمايدىغانلىقىمىز ئېنىق لېكىن ئەلقىسسە ئۇنتۇپ كەتتۇق دەيمىز. ئېنىقتىن ئېنىق ۋىجدانغا خىلاپ يالغان سۆز قىلساقمۇ لېكىن مېنىڭ دېگىنىم راست دەپ تۇرۇۋالىمىز. كۆز ياشلىرىمىز كۆز چاناقلىرىمىزدىك چىقىپ كېتەي دىسىمۇ ، بېشىمىزنى  ئىگىز كۆتۈرىۋالىمىز.
       بىز40 ياشقا قاراپ ماڭغان 70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز ، لېكىن گېپىمىزدە چىڭ تۇرۇۋالىمىز...ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى يوشۇرغىمىز كېلىدۇ، ئازاپلىنىۋاتىمىز ، لېكىن يالغاندىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۇرۇيمىز، باشقىلارنىڭ ئازاپلىرىمىزنى كۆرۈشنى خالىمايمىز، باشقىلارنىڭ ھېسداشلىق قىلىشنى خالىمايمىز، پەقەت قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا تەنھالىققا بوي سۇنىمىز، قەلبىمىز ئازاپتىن پۇچۇيلىنىپ كېتىۋاتسىمۇ لېكىن باشقىلارغا«ھېچ ئىش يوق»دەپ قويمىز، كەيپىيات تەڭشەلگەندىن كېيىن ئۆز ئۆزىمىزگە كۈلۇپ تۇرۇپ ، نىمە ئۇچۇن ئۆزۇڭنى مۇنداق قەيسەر كۆرسىتىسىەن؟ خۇددى سەن ھەممە ئازاپلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغاندەك... ھې ھې ، بۇنداق ياشاش بەك ھارغىنلىق، ھەي ...
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ تۇيۇقسىز كەيپىياتىڭىز ناچارلاشتى، باشقىلارغا دېگۈڭىز كەلمەيدۇ، پەقەت ئۆزىڭىز تەنھا ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ قالىسىز، ئۆتمۇشتىكى بىر ئادەمنى ياكى بىرەر ئىشنى ئويلايسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  تۇرۇپلا كەيپىياتىڭىز بۇزۇلۇپ ئىچىڭىز تىتىلدايدۇ، ھېچ نەرسە خوش ياقمايدۇ، دىمىڭىز تۇتۇلۇپ خاتىرجەمسىزلىنىسز ، بىر يەردىن بىرەر چىقىش ئېغىزى تاپقۇڭىز بار لېكىن تاپالمايسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەر سىزنى چۇشەنمەيدۇ، يىنىڭىزدىكى ئادەم ئۇددۇلىڭىزدا تۇرغاندا تۇيۇقسىز گەپ قىلالماي قالىسىز.
   سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  تۇيۇقسىزلا سىز بۇ دۇنيا بىلەن چىقىشالمايدىغاندەك ، سىز ئەزەلدىن قەتئىي تۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان نەرسە بىر كېچىدىلا ئۆزگىرىپ كەتكەندەك.
     سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  تۇيۇقسىزلا ھازىرقى تۇمۇشىڭىزنى تاشلاپ بىر نەچچە قۇر كىيىم ، ئاددىي يۇق تاقنى كۆتۈرۈپلا سەرگەردان بولغىڭىز كېلىدۇ.
     سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  باشقىلار سىزگە : سىز ئۆزگىرىپ كەتتىڭىز  دىسە، ئارقىدىن سىز ، تېگى يوق خىياللارغا كېتىسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  تۇيۇقسىزلا سىز ۋاقىتنى موشۇ ۋاقىتقا توختىپ قويغىڭىز كېلىدۇ، بۇنداق بولغاندا سىز ياقتۇرىدىغان ئادىمىڭىز بىلەن مۇڭغا چۇشۇپ كېتىسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  ئۆزىڭىزنى ئاجىز ھېسابلىغان ۋاقتىڭىزدا ، ئۆزىڭىز بىر يەرگە بىكىنىۋالىسىز، باشقىلارغا ئازاپلىرىڭىزنى كۆرسەتكۇڭىز كەلمەيدۇ.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  تۇيۇقسىز يىغلىڭىز كېلىدۇ ، لېكىن يىغلىيالمايسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  تۈن نىسبى بولغان ۋاقتىدا، ئۆزىڭىزنى بەكمۇ مىسكىن تەنھا ھېس قىلىسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  تونۇش بولغان كوچىلاردىن ئۆتكەندە، تونۇش بولغان مەنزىرىلەرنى كۆرگەندە ، تۇيۇقسىز سىز بىلەن بىللە بولغان كىشىنىڭ سىماسى ئالدىڭىزغا كېلىدۇ.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  قەلبىڭىزدە نۇرغۇنلىغان دەيدىغان سۆزلىرىڭىز بار ، لېكىن قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەيسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  بەزىدە ئۆزىڭىزنى ھېچ نەرسىسى يوقتەك ھېس قىلىپ، تەركىدۇنيا بولغىڭىز كېلىدۇ.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  ئەتراپىڭىزدا نۇرغۇنلىغان دوسلىرىڭىز بار ، لېكىن ئۆزىڭىزنى يەنىلا تەنھا ھېس قىلىسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  ئۆزىڭىزنى مەيلىڭىزگە قويىۋەتكىڭىز بار، ئۆزىڭىزنى ھېچ نەرسىنى تۇيمايدىغاندەك بىر قېتىم مەس بولغىڭىز بار.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  نۇرغۇنلىغان ئوي خىياللىرىڭىز بار، لېكىن ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  داۋاملىق قىلىدىغان ئىشىڭىزنى تاپالمايسىز، زېرىكىشلىكتىن ھەممە نەرسىدىن زېرىكىسىز. 
   سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  بەزىدە ئۆزىڭىزنى تاپالماي قالىسز، ئۆزىڭىزنى تاشلىۋېتىسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ قەلبىڭىزدە بەزىدە تۇيۇقسىزلا «زېرىكىشلىك» ھېسيات پەيدا بولۇپ ، ئۆزىڭىزنى بەك ھارغىن ھېس قىلىسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۇسىنى ئويلىغىڭىز كەلمەيدۇ، كەلگۇسىگە يۈزلەنگەندە، تەمتىرەپ قالىسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  تۇرۇپلا ئۆزىڭىز نى قېرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  بىرەر كونا ناخشىنى ئاڭلىغاندا ، تۇيۇقسىز ئېسىڭىزگە بىرەرلىرى كېلىپ قالىدۇ
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ بىرەرسىنىڭ سىزنى قەدرىلىشىنى ، سۆيىشىنى، بىرخىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىشنى ئۈمىد قىلىسز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  باشقىلار سىزنى خاتا چۇشۇنىپ قالغاندا ئۇنىڭغا چۈشەندۈرگۈڭىز كەلمەيدۇ، ئۆزىڭىز قەلبىڭىزدە تەنھا ئازاپلىنىسز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  داۋاملىق خىياللار ئىچىدە تىركىشىسىز، نۇرغۇنلىغان ئۆتۇپ كەتكەن ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالىسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟  بىرسىنىڭ قەلبىڭىزنى چۈشۈنىشىڭىزنى، بىر قاراشتىلا قەلبىڭىزنى چۈشۈنىشىنى ، قەدىناس بولۇپ ئۆتۇشنى ئويلايسىز.
    سىزنىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ، ئۆزىڭىزنى قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىسىز.
     مانا بۇ بىز 40 قا ئاتلىغان 70 – يىللاردىن كيىن تۇغۇلغانلار.
     ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئاستا – ئاستا قېرىشقا ماڭغانلار، بۇنىڭ ئىچىدە سىزمۇ بار ، ئۇمۇ بار ، مەنمۇ بار ھەم.
مەن يوقۇردىكى قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ تۇيۇقسىز كۆزلىرىمگە ياش كەلدى، ئۆزۈممۇ 70 - يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ، بۇنىڭدىكى بۇ قۇرلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ ئۆزۈمدە بارلىقىنى ھېس قىلىپ، ئولتۇرۇپ قالدىم. بەلكى نۇرغۇنلىغان تورداشلارمۇ موشۇنداق ھېسياتتا بولسا كېرەك دەپ تەرجىمە قىلىپ سىلەرگە سۇندۇم.
مەنبە : ئۆزۈم (تەرجىمە قىلغان ئەسەر)

تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-12, 18:05
ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچى !!!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-09-12 12:04 |
kartanesi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8775
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 43
شۆھرەت: 215 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 215 سوم
تۆھپە: 129 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 129 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 84(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

راست دەيدۇ، مەنمۇ شۇنداق خىياللاردا بولۇپ قالىمەن. ئۆزۈمنى 20 ياشتىن ئەمدى ئاشقاندەك ھېس قىلىمەنۇ، تۈنۈگۈنلا ئالدىمدا ئويناپ يۈرگەن بالىلارنىڭ چوڭلا قىز - يىگىتلەردىن بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگىنىمدە، بارغانسىرى سەمىرىپ كېلەڭسىزلىشىپ كېتىۋاتقان بەدەن قۇرۇلۇشۇمغا دېققەت قىلىپ قالغىنىمدا، ئۆزۈمنى قېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلىمەن.
lutun
مېنىڭ ئېمزايىم 100 ھەرپتىن ئاشمىغان ئىدى.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 18:36 |
alqondi
ئەلقوندى
دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 404
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 737
شۆھرەت: 3976 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3985 سوم
تۆھپە: 2357 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2366 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2153(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللا-ئاللا مەن قېرىپ كەتتىممۇ نىمە ، يوقۇردا دىيىلگەن نۇرغۇن نۇقتىلار مەندىمۇ ئىپادىلىنىۋاتقاندەك قىلىدىغۇ
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 18:39 |
mamat.habiybul
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8196
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 216
شۆھرەت: 1165 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1190 سوم
تۆھپە: 703 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 728 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 98(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى alqondiدە2012-09-12 18:39يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاللا-ئاللا مەن قېرىپ كەتتىممۇ نىمە ، يوقۇردا دىيىلگەن نۇرغۇن نۇقتىلار مەندىمۇ ئىپادىلىنىۋاتقاندەك قىلىدىغۇ

مەنمۇ ئوخشاش ھېسياتتا ، تۇلىمۇ ئەپسوس  ئۆزەمنى بۇلار ئېچىدىن ھېس قىلالمىدىم دىسە
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 18:46 |
yultuz78
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10191
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەلكىم ھاياتنىڭ چوققىسىغا چىقىۋاتىمىز ،شۇنداقلا قۇرۇق قول كېتىۋاتىمىز،شۇڭا ئارماندا،بەلكىم بۇ ھەسرەت ۋە ئۇمىدسىز ئارماننىڭ باشلىنىش نوقتىسى.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 18:53 |
orkex
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4025
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 119
شۆھرەت: 652 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 652 سوم
تۆھپە: 381 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 384 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 73(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

       ھەييييييييييي  ...ھايات مانا موشۇنداق تۈگەيدۇدە ؟ شۇنچىلىك دۇنيادا يەنە تويۇشماي ، بىر - بىرىمىزنى رەنجىتىشىپ ئۆتىدىكەنمىز . ھەيييييييييييييييي...
       بىز جىم تۇراي ،تېنىچ ياشاي دېسەكمۇ بەزىلەر بىزنى تېنىچ تۇرغۇزمايدىكەن . موشۇنداق ئىشلاردىن بەكمۇ بىزارمەن .
lutun
ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 19:02 |
lion17
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8653
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 84
شۆھرەت: 420 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 420 سوم
تۆھپە: 252 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 252 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قارىغاندا 40ياشتىن ئاشقاندا ئادەملەر ئەسلىمە ئېچىدە ياشايدىكەندە.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 20:35 |
hijran712
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8124
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 89
شۆھرەت: 498 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 499 سوم
تۆھپە: 289 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 290 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 69(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ئەھۋاللارنىڭ كۆپۈنچىسى مەندە بار ئىكەن چۈنكى مەنمۇ بۇ يىل 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 38 گە كىمەن ئەمەسمۇ      
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 21:27 |
budunya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1017
شۆھرەت: 5176 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5183 سوم
تۆھپە: 3098 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3104 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 946(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھايات دېگەن ئەنەشۇ .........ئاللاخالىسا بىزمۇ كۆرىمىز شۇكۈنلەرنى ........       
[mp3]http://delet.muzika.cn/Aza/Nahxa/2008/11/8/Retim-Cn_4989.mp3[/mp3]
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 21:31 |
uyghurizlari
دىنىم ئىسلام ،مىللىتىم ئۇيغۇر.
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 3877
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 403
شۆھرەت: 2136 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2154 سوم
تۆھپە: 1264 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1270 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 310(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەي  ياشلىقىمنى  قەدىرلەي جۇمۇ  .............     
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 21:51 |
梅花
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10352
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

راست گەپ قىلسام 70تىن كېيىن تۇغۇلغانلارغا ھەۋىسىم كېلىدۇ،سەۋەبى نۇرغۇن ،ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 22:56 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە