بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى muammarدە2012-09-12 18:17يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۇيلاپ باقسام ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ھەربىي بازىسىنىڭ سانى ھازىر بار ھەر بىر دۆلەتكە ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 4تىن توغرا كېلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ھەربىي بازا تورى خۇددى دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە-رايۇنلىرىدا قۇرغان ھەربىي رايۇنلىرىغا ئوخشاش، بارلىق سىتراتېگىيىلىك رايۇنلارنى تولۇق دىگۈدەك قاپلاپ بوپتۇ ئەمەسمۇ؟...ئەگەر ئىشلار ھەقىقەتەن شۇنداق بولۇپ قالسا، يەنە پۈتۈن دۇنيادا بىرلا خىل دىن، بىرلا خىل مىللەت، بىرلا خىل تىل-يېزىق، بىرلا خىل كىيىم كېچەك، بىرلا خىل ساقال بۇرۇت قويۇش بەلگىلىمىسى چىقىرىلىپ، قايتىدىن يېڭىچە ئەندىزىدىكى «قوش تىل» مائارىپىنى يولغا قويۇشقا توغرا كېلەرمۇ؟ ئادەم بۇنداق ئېغىر غەمدىن بەكلا تۈگىشىپ كېتىدىكەن ئەمەسمۇ...