saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 742 قېتىم كۆرۈلدى
uyghur.yolwisi
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3396
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 262
شۆھرەت: 1620 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1786 سوم
تۆھپە: 919 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 923 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 269(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 پاراسەت شەربەتلىرى

پاراسەت شەربەتلىرى



پەلسەپىۋى پىكىرلەر

پەلسەپە.......... بىلىم ۋە پاراسەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىدۇر ، يازغۇچىنىڭ كامالەتكە يەتكەن پاراسىتى بىلەن يېزىلغان پەلسەپىۋى كىتاپ ۋە يازمىلار مىڭ يىللاپ ئىنسان بالىلىرىنىڭ جەۋھەر بىلىپ قەدىرلىشىگە مۇيەسسەر بۇلىدۇ ، ئىلغار پىكىرلەر ئىنسان بالىلىرىغا ئەقىل ئۆگىتىدۇ ۋە مەنىۋىيىتىنى دەريا كەبى قاندۇرىدۇ .

ئىنساننىڭ ھاياتىدا قىلغان مەشھۇر ئىشلىرى ئەۋلاتلارغا ئۈلگە بولسا ، قىلغان مەشھۇر سۆزلەر ئەۋلاتلارغا ئەقىل - پاراسەت ئاتا قىلىدۇ ، پاراسەتلىك ئەقىلەرنىڭ تەپەككۈر قىلىشىدىن ھاسىل بولغان جەۋھەر كەبى مەشھۇر سۆزلەر ، ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ ، قۇلاقلاردىن - قۇلاقلارغا ئاڭلىنىپ ، يازمىلاردىن - يازمىلارغا كۆچۈرلۈپ ، ئەۋلاتلاردىن -ئەۋلاتلارغا مىراس قالىدۇ ، ئۇ قۇلاقلاردىن كىرگەن ھامان يۈرەكلەرگە مەڭڭۈ چاقناپ تۇرىدىغان ئۆچمەس ئابىدە بۇلۇپ تىكلىنىدۇ ، ئىنسان بالىسىنى ئەقىل - ھىدايەتكە باشلايدىغان مەشھۇر سۆزلەرنى قالدۇرۇپ كېتىشمۇ شان - شەرەپتۇر.




پاراسەت

ئەقىل- پاراسەت ھەممە ئېرىشىشنى ئويلايدىغان خاسىيەتلىك ئەڭگۈشتەر ، ئەقىل - پاراسەت ئىنساننى بۈيۈكلۈك ۋە ئۇلۇغلۇققا مۇيەسسەر ئېتىدۇ ، ئەقىل - پاراسەت خۇددى كۈچلۈك قۇياش نۇرىدەك پارلاپ ، توختىماي چېقىۋاتقان چاخماقتەك ۋال - ۋۇل قىلىپ چاقناپ تۇرىدۇ ، مۇكەممەل پاراسەت بولسا ھەممە بۇلىدۇ ، مىسال باي - باياشاتلىق بولمىسىمۇ بەخىت - خۇشاللىق بۇلىدۇ ، ھۇقۇق - ھۆكۈمرانلىق بولمىسىمۇ ھۆرمەت - ئىناۋەت بۇلىدۇ ، شانۇ - شەۋكەت بولمىسىمۇ ئابروي ۋە سالاپەت بۇلىدۇ ، غەلبە - ئۇتۇق بولمىسىمۇ تۇلۇپ تۇرغان ئۈمۈد ۋە ئىشەنىچ بۇلىدۇ ، قانچىكى پاراسەتسىز بولسا ئېرىشكىنى شۇنچە ئاز ، مەھرۇم بولغىنى شۇنچە كۆپ بۇلىدۇ ، پاراسەت ئەڭ مۇھىم نەرسىنى تۇنۇتقۇچى ۋە ماددى - مەنىۋى بايىقلارغا ئېرىشىشتە ھالقىلىق رول ئوينىغۇچى ، بارچە خۇشاللىق ۋە بەخىتنى قولغا كەلتۈرگۈچىدۇر ، پاراسەت ئىنسان ھاياتىدىكى ئۈنۋىرسال قۇرال .
ياخشى -يامانغا ، پايدا - زىيانغا ، ئارزۇ - ئارمانغا ، قايغۇ - شاتلىققا ، ھۆرمەت - خارلىققا تولغان ئىنسانلىق ھاياتىمىزدا ، ئەقىل - پاراسەت...... يامانغا يۇلۇقماسلىقىمىز ، زىيان تارتمناسلىقىمىز ، ئارمانغا يەتمىكىمىز ، قايغۇدا قالماسلىقىمىز ، خار بولماسلىقىمىز ئۈچۈن ھەممىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى ئۆلچەيدۇ ، پايدا - زىياننى ئايرىيدۇ.



پاراسەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بەش خىسلەت



1. غايە پاراسەتنى كامالەتكە يەتكۈزىدۇ

بىرلا كېلىپ بىر كېتىدىغان بۇ ھاياتنىڭ قەدرىگە يەتكەن ھەر بىر ئىنساننىڭ چۇقۇم غايىسى بۇلىدۇ ، گۈزەل غايە گۈزەل قەلىبنى ھازىرلايدۇ ، گۈزەل قەلىب پاراسەت بۇلىقىنى ئاچىدۇ ، غايە مۇكەممەللىكنى شەرت قىلىدۇ ، مۇكەممەللىك ئەقلىنى مۇكەممەل قىلىدۇ ، غايە ئۇلۇغ ئىشلار ئۈستىدە تەپەككۈر قىلغۇزىدۇ ، تەپەككۈر ئەقىلگە قۇۋۋەت بېرىدۇ .




2.ساغلام ئىددىيىۋى قەلىب بولمىسا ساغلام پاراسەت بولمايدۇ


پاراسەت يەتتە ئەزانىڭ ھۆكۈمرانى ، ھۆكۈمران كۈچلۈك بولسا ئەگەشكۈچىلەرمۇ كۈچلۈك بۇلىدۇ ، ھۆكۈمرانىڭغا تەپەككۈر بىلەن قۇۋۋەت بەر ، ئۇنى چېنىقتۇر ، ئەخلاق بىلەن كامالغا يەتكۈز ، ئاندىن ھۆكۈمرانىڭ يۈرۈگۈڭدىكى نادانلىق ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ ، قاتمال ئىددىيە سېپىللىرىنى تالقان قىلىپ ، سېنى باشلاپ بەخىت ئالىمىنى سەيلە قىلغۇزىدۇ ، سەن شۇ چاغلاردا چىدىغۇسىز ئازاپ - قىسمەتلەرنىڭمۇ تەڭدىشى يوق بەخىت - سائادەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يىتىسەن ، يارالماقنىڭ ئۆزى بەخىتتۇر ، قايغۇ - شاتلىقى تەڭشەلگىنىدۇر ، ھۆكۈمرانىڭنى ھەر گىز كۆرۈنمەككىلا كۈچلۈك قىلمىغىن ، يۈرۈگۈڭدە بىرەر ناچارلىق ياكى قاتماللىقنى ساقلاپ ئۇنى مېيىپ قىلمىغىن ، ئەڭ ساغلام پاراسەت......... ئەڭ ساغلام ، ھۆر ئىددىيەدىن بارلىققا كېلىدۇ ، روشەن ھەقىقەتلەرنى ئىنكار قىلىش سېنى ھۆكۈمرانىڭدىن ئايرىيدۇ ، ھەقىقەت ئىزدەش ۋە روشەن ئىپادىلەنگەندە ئۇنى تۇنۇپ يېتىش ئىددىيەڭنىڭ ساپلىقى ، ئىددىيەنىڭ ساپلىقى ھۆكۈمرانىڭنىڭ قۇدرەت - كامالىدۇر.




3.ھەقىقەتنى سۈيۈش ئەقىلنى بىر تەرەپلىمىلىك قەپىزىدىن ئازاد قىلىدۇ


ھەقىقەت دېمەك ئەڭ توغرا رىئاللىق دېمەكتۇر...........بىر - بىرىگە زىت ئىككى رىئاللىقنىڭ تەڭ مەۋجۇت بۇلىشى كىمنىڭمۇ ئەقلىگە سىغسۇن ، ھەقىقەت ئىزدەشتە مەنتىقىنى يول ئەقىلنى ھەمراھ قىلماق لازىمدۇر ، ئىنساننىڭ كۆز - قارىشى دەيدىغان سۆزمۇ بار ۋە ھەقىقەت دەيدىغان سۆزمۇ بار ، ھەقىقەت ئىنساننىڭ ئىددىيىسىگە باقمايدۇ ، ئىنسان ئىلاھە ئەمەس تۇتقان يۇلى ۋە ھەقىقەت قاراشلىرى مۇتلەق توغرا بۇلىشى ناتايىن ، ھەر كىشىلەر ھەر نېمە دېسىمۇ ، جاھاندا ھامان بىرلا رىئالللىق ، بىرلا ئەمىلىيەت ، بىرلا ھەقىقەت مەۋجۇتتۇر ، ئەڭ توغرا ھەقىقەتلەرنى قۇبۇل قىلالايدىغان ئىددىيە ، ئەڭ ساغلام ئىددىيەدۇر ، ساغلام ئىددىيە ۋە ساغلام قەلىپ ئىنسان ئۈچۈن ھەمممىنى بۆسۈپ ئۆتىدىغان ، ھەممە يەرگە يېتىدىغان ئۆتكۈر ۋە مۇكەممەل پاراسەتكە ئىگە قىلىدۇ .
ھەممىگە تىرىشىپ ھەقىقەت تېپىشقا تىرىشماسلىق ھۇرۇنلۇق ، ھەممىگە ئېرىشىپ ھەقىقەتنى تۇنىماسلىق مەھرۇملۇق ، ھەممىگە كاللىسى ئىشلەپ ھەقىقەت ھەققىدە ئويلانماسلىق دۆتلۈكتۇر ، ھەق بىلەن سەپسەتىنى ئايرىش ئۈچۈن تەفەككۈر قىلىش ئىنساننىڭ پاراسىتىنى نۇر تىزلىگىدە تەرەققى قىلدۇرىدۇ .






4.پاراسەتكە ئېرىشتۈرگۈچى ئەخلاقتۇر

يىتۈك پاراسەتكە ئىگە قىلغۇچى ئامىل ئەخلاقى مۇكەممەللىكتۇر ، بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالى مۇكەممەل پاراسەتكە ئىگە بۇلۇش ئۈچۈن ، بىرەر ئەخلاقى نوقسانىغىمۇ سەل قارىماسلىق لازىم ، ئەخلاقى نوقسان ئەقلى نوقساندىن ئىبارەتتۇر ، ھۇجۇدىدا بىر ئەخلاقسىزلىققا ئۇرۇن بەرگۈچى ئىدىيىسىدە بىر قاتماللىق بىلەن ئەقلىدە بىر كەمتۈكلۈكنى ساقلاپ قالغۇچىدۇر .
ئەخلاق بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالى بولمىسا رولىنى يۇقىتىدۇ ، ئەخلاق دوست ئالدىدىكى مۇلايىملىقتىن دۈشمەن ئالدىدىكى جاسارەتكىچە ، ئاددىي - ساددىلىقتىن گۈزەللىكنى سۈيۈشكىچە ، باتۇرلۇقتىن قەبىھلىكنى يامان كۆرۈشكىچە ، دادىل بۇلۇشتىن ھايالىق بۇلۇشقىچە ، ئېغىر بېسىقلىقتىن كەسكىنلىككىچە ، كەسكىنلىكتىن سەۋىرچانلىققىچە ، سەۋىر چانلىقتىن ھەقىقەتنىڭ دەپسەندىسىگە سۈكۈت قىلماسلىققىچە ، خۇش چاخچاق بۇلۇشتىن چاكىنا بولماسلىققىچە ، ئۆزىنى بىلىشتىن ئەزىيەتنى توسۇشقىچە ، ئەزىيەتنى توسۇشتىن چىداملىق بۇلۇشقىچە ، چىداملىق بۇلۇشتىن ئۆزىنى قىينىماسلىققىچە ،جەسۇر بۇلۇشتىن خۇش چىراي بۇلۇشقىچە ، خۇش چىراي بۇلۇشتىن مەككار بولماسلىققىچە ، سېخى بۇلۇشتىن خوشامەتچى بولماسلىققىچە ، سەمىمىي بۇلۇشتىن ، ساددا بولماسلىققىچە ...................... ئەڭ مۇكەممەل ، ئەڭ يىتۈك ، ئەڭ ئېسىل ئەخلاقنى ئۆزىگە جەملىگەن كىشى ، ئەڭ يىتۈك پاراسەتنى يىتىلدۇرىدۇ.


5.مېھىر - مۇھەببەت پاراسەتنىڭ قانىتىدۇر


ياۋۇزلۇق........ جاسارەت ۋە قورقۇمسىزلىقنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىۋالسىمۇ ، ئىنساننىڭ نەزەر دائىرىسىنى قارىماققا كەڭ بىلىنىدىغان ئەخمەقلەرنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ ئەقلى قەپەزگە بەنىت قىلىپ قۇيىدۇ ، مەيلى قەپەز قانچە چوڭ بولسۇن ھۆرلۈك ئەمەس ، مېھىر - مۇھەببەتلىك بۇلۇش دىلىڭنى يۇمشۇتۇپ ، قەلبىڭنى پاكلاپ ، نەزەرىڭنى روشەنلەشتۈرۈپ ، پەزىلەتكە ئىگە قىلىپ ، ئەقىل - پاراسىتىڭنى دۇلدۇل بۇلۇتلار ئارىسىدا ئۈزگەندەك ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرىدۇ.


مەنبە .......... قەلبىم
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-13, 11:50
ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش ، پەزىلەت بىلەن ياشاش !
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-09-12 23:35 |
darya99
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9938
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 70
شۆھرەت: 368 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 369 سوم
تۆھپە: 219 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 220 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 64(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دانا ئىدىيە ، ئۆتكۈر كۆز، يىمىرىلمەس ئېتقاد، ئەركىن تەپەككۈر ، تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسى پاراسەتنىڭ داستىخىنى .
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-13 13:11 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تورداشلار ئىجادىيتى