بىر ئادەم ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن جەننەتكە كىرىپتۇ ۋە اللاھنى كۆرۇشكە مۇيەسسەر بولۇپتۇ، اللاھ ئۇ كىشىگە ھايات ۋاقتىدىكى ھايات مۇساپىلىرىنى كۆرسىتىپتۇ،ئۇ تۆۋەنگە قارىغان ئىكەن ، ئۆزىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن يوللىرىدا تۆت ئاياغ ئىزىنى كۆرۈپتۇ، باشقىلارنىمڭمۇ ھەم شۇنداقكەن. ئۇ كىشى اللاھدىن سوراپتۇ ، « مېنىڭ ماڭغان يوللىرىمدا نىمە ئۇچۇن تۆت ئاياغ ئىزى بولىدۇ؟»، اللاھ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ:«چۇنكى سېنىڭ ماڭغان يوللىرىڭغا مەن ھەمراھ بولغان»، دەپتۇ.
ئۇ كىشى يەنە تۆۋەنگە قاراپتۇ، ئۇ ئۆزى ئەڭ ئازاپلانغان ، مۇشكۇلچىلككە قالغان، قىينالغان ۋاقىتلىرىدا پەقەت ئىككىلا ئاياغ ئىزىنى كۆرۈپتۇ ۋە ئاچچىقلانغان ھالدا اللاھدىن سوراپتۇ: «مەن ساڭا ئەڭ ئېختىياجلىق ۋاقلىرىمدا، سېنى سېغىنغان ۋاقلىرىمدا نىمە ئۇچۇن سەن مېنىڭ يىنىمدا ئەمەس؟» دەپتۇ. اللاھ ئۇنىڭغا: « سەن ئەڭ ئازاپلانغان ، مۇشكۇلچىلككە قالغان، قىينالغان ۋاقىتلىرىدا مەن سېنى يۇدۇپ ماڭغان»، دەپتۇ.
توغرا بىر ئىشنىڭ سەۋەبىنى چۇشەنمەي تۇرۇپلا باشقىلارغا خاپىلاش نارازى بولۇش بۇ ئۆزىمىزنىڭ خاتلىقى...