زەھەرنىڭ زىيىنى زور
( <ز > ھەرىپىدىن تۈزۈلگەن سۆز ئويۇنى )
زەھەرچىلەر زىمىنغا زۈرۈرىيەتسىز زىيانداشلاردەك زاڭلىشىپ،زەھەردىن
زوقلىنىدۇ.زەھەردىن زېھنى زېدىلىشىپ زەنى زوڭزايغاندا زاماندىن زارلىنىدۇ.
زېرىككەندە زەھەردىن زادى زورۇقمىسىمۇ زىبىب،زىغىر،زۇماتاڭ،زەپە،زاغرا،
زاغۇن،زاسۈي،زاراڭزىلار، زىيانسىزلا زوقمەنلەرنى زوقلاندۇرالايتتى،زەھەرگە
زورۇققانلارنىڭ زېھنىي زەئىپ،زىيانلىرى زىيادىدۇر.
زەھەر _ زەھەرچىلەرگە زەمبىرەك زەربىسىدىنمۇ زور زەربىدۇر.
زامانە زورنىڭ،زىيان زىرەكنىڭ.زەھەر زەربىسىدىن زېدىلەنگەن زىرەكلەرنىڭ
زۇۋانى زەئىبتۇر. زىرەك زىيالىلاردىن زونۇن،زوھرە،زىياۋۇدۇن،زىننەتخان،
زاكىر،زاھېد،زۇلخۇمار،زېۋىدەملەر زۇكامداپ زۇۋانى زىڭىلدىسىمۇ،زامانداشلارغا
زەھەرنىڭ زىيىنىدىن زارلىنىپ،زەھەرگە زورۇقماسلىق،زورلىماسلىق،زورلانماسلىقنى
زىيادە زوكۇنلاپ،زارىقىپ زىغىرلىدى.
زەنىمىزگە زۆرۈركى: زەھەرنىڭ زىيىنى زور،زەھەرنىڭ زەربىسىدىن زىرەكلەر
زەردگۆشتلىشىپ زەيگە زوڭزىيىشۋاتىدۇ،زەمبىلدە زارلىنىشىۋاتىدۇ،زىنا-زىددىيەتلەدىن
زىيان-زەخمەتلىنىپ زاۋاللىققا،زىندانغا،زۇلمەتكە،زاراتگاھلىققا زىچلىشىۋاتىدۇ.
زامانداشلار:زەھەردىن زادى زەھەرلەنمەيلى.
**********
مەنبە: ئۆزقەلىمىم.(ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي)