سالام باغداش
سالام باغداش ،خۇشاللىق ھەم قايغۇمىزغا بولدۇڭ «باغ +داش»،
يازماڭ بىلەن بىزنى چىرماپ قەلبىمىزنى قىلدىڭ «باغداش»
تونۇشمايتتتۇق تەڭرىتىغىنىڭ بۇ ئونمىڭ يىگىت -قىزى.
ماگىنىتتەك بىزنى تارتتىڭ، مانا بۈگۈن بولدۇق «باغداش»
ئۇيغۇر دېگەن بۇ نام بىلەن ئەسلىدىنلا «باغداش» ئىدۇق.
مەدەتكار بىرىپ ئۆز-ئارا بولدۇق مانا قەلبداش.
قايغۇ تولسا قەلبىمىزگە،ئۈمىد شامى ياقتىڭ ھەر چاغ،
ھەسرەت تولسا يۈرەكلەرگە ئىللىتتىڭ بولۇپ «باغداش»
مانا بۈگۈن ئون مىڭ ئەزا يىغىلىپتۇ ئەتراپىڭغا،
بولماق بولۇپ ئۆز-ئارا ،يۈرەك-قەلبى بىر تۇتاش،
تىلەيمەن سابات تۇر مەڭگۈ،بولۇپ گوياكى ئۇيۇلتاش،
چۈنكى ئونمىڭ ئەزانىڭ يۈرەك قەلبى ساڭا «باغداش».
قەلەم قۇۋۋىتىم تازا ياخشى بولمىغان پەقەت مۈشۈنچىلىك يازالىدىم.ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ باغداش ئەزالىرىنىڭ 10000غا يەتكەنلىكىنى تەبرىكلىمەمدۇق،دوستلار؟
[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-09-14 11:43قايتا تەھرىرلىدى ]