ئىلاۋە: بۈگۈن باغداش تورىنىڭ ئەزاسى 10 مىڭغا يەتكەنلىكىنى قۇتلۇقلايمەن دىگەن تېمىنى كۆرۈپ ئىنكاس يازماق بولدۇم . لېكىن مۇشۇ پۇرسەتتە تورداشلارغا بىر كەپسىز بالىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشنى ئويلاپ ئايرىم تېما شەكلىدە يوللىدىم . ************************************
گەپنى قەيەردىن باشلاشمۇ بىر قىيىن مەسىلە ، گەپنى يەنىلا 18 ياشلىق بىر شوخ بالىنىڭ شۇ چاغلاردىكى قىزىقىشى ۋە ئارزۇسى بويىچە ئالىي مەكتەپنىڭ كومپىيوتور كەسپىگە قوبۇل قىلىنىشى ۋە بىر قانچە يىلدىن كېيىن باغداش نامىدا ئاددى بىر تور بېكەت لاھىيەلەپ ئېلان قىلىشىدىن باشلايلى .
قىزىقىش ، ھەۋەس دىگەن ئاجايىپ بولىدىكەن ، بىر نەرسىگە قىزىقسا قانداقلا ياخشى ئىمتىيازلار كەلسۇن، بۇ قىزىقىشتىن ۋاز كەچكۈسى كەلمەيدىكەن . ئەگەر بۇ قىزىقىشقا باشقىلارنىڭ مەدەت -ئىلھاملىرى قوشۇلسا غايەت زور بىر كۈچ بولىدىكەن .
بۇ كەپسىز شوخ بالا ، ئەينى چاغدا كۈنلەرنىڭ بىرىدە باغداش نامىدىكى بۇ بېكەتنىڭ خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالىدىغان ، خەلق ياقتۇرىدىغان ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغان بىر سەھنە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقماپتۇ .
بۇ كەپسىز بالىغا دادىسى دائىم <مەيلى قانداقلا ئىش قىلغىن چوقۇم باشقا چىقىرىشىڭ ، چوڭراق ئىش قىلالىشىڭ كېرەك ، ھەمدە قىلغان ئىشىڭغا ئىككى دۇنيادا جاۋاپ بېرەلەيدىغان بولۇشۇڭ كېرەك > دەيدىكەن ، بۇ بالىمۇ شۇنى ئارزۇ قىلدىكەن. يىللار ئۆتۈپ بۇ بالىمۇ چوڭ بوپتۇ . گەرچە دادىسى ئېيتقاندەك ۋە ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك چوڭراق ئىش قىلالمىغان بولسىمۇ ھازىرقى بۇ جاپالىق ئەمگىكىنى باشقىلارنىڭ قەدىرلەۋاتقىنىنى كۆرگەندە سۆيۈنۈپ، تولىمۇ خوش بولىدىكەن . ھەم دائىم چوقۇم چوڭراق بىر ئىش قىلىمەن دىگەننى خىيال قىلىدىكەن .
كەپسىز بالا چوڭ بوپتۇ . چوڭ بولغانسېرى نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشۈنىدىغان ، ئويلىيالايدىغان بوپتۇ. ئەمدى بۇ تولا خىيال سۈرىدىغان تەنتەك بالا توغۇرلۇق مۇشۇنچىلىك سۆزلەپ ، گەپنى يەنىلا باغداش تورى ئۈستىدە قىلايلى :
باغداش تورى تور دۇنياسىغا كۆز ئاچقاندىن بۇيان نۇرغۇن ئىسسىق - سوغاقلارنى باشتىن كەچۈردى. نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىن قىزغىن قوللىشى بىلەن ئاستا- ئاستا ھەممە ياقتۇردىغان ئىللىق بىر ئائىلىگە ئايلاندى. نۇرغۇن ئوتيۈرەك ياشلارنىڭ ئېسىل يازمىلىرى باغداشتىن ئورۇن ئالدى ، نۇرغۇن كىشىلەرگە روھى ئوزۇق ئېلىپ كەلدى. خۇددى تەڭرىتاغلىرىنىڭ بىرى بولغان مۇقەددەس باغداش تېغى كىشىلەرنى ھاياتلىق مەنبەسى بولغان سۇ بىلەن تەمىن ئەتكەندەك ، باھادىرلار بۆشىكى باغداش خەلققەروھى ئوزۇق بەردى .
شۇنىڭ بىلەن ئەينى چاغدىكى قىزىقىش بىلەن روياپقا چىققان ئاددى تور بېكەت ئەمدىلىكتە قانداق قىلغاندا خەلققە كۆپ مەنپەئەت ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ دىگەن يۈكسەك مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالدى .
ئەلۋەتتە بۇ يەردە نەتىجىلەر ئۈستىدە ماختىنىش ۋە كېينكى پىلانلار توغرىسىدا سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت مەن ۋە باغداش تورىنىڭ بارلىق تورداشلارغا مۇشۇ پۇرسەتتە دەيدىغىنى : مۇكەممەللىك مەۋجۈت ئەمەس ،لېكىن بىز تىرىشىمىز !
ئەمدى يەنە بايىقى گەپ ئاڭلىمايدىغان كەپسىز بالىغا كېلەيلى :
بۇ بالا بۇ يىلقى قارنىڭ يېغىشىنى ساقلايدىكەن ، چۈنكى بۇ يىل قار ياغسا بۇ بالا 28 ياشقا كىرىدىكەن . دائىم مەن بۇ 28 يىللىق ھاياتىمدا نىمە ئىشلارنى قىلدىم ، ئەمدى نىملەرنى قىلىشىم كېرەك دىگەننى كۆپرەك ئويلايدىغان بوپ قاپتۇ ، يەنىلا خىيالپەرەسلىكنى تاشلىماپتۇ . دادىسى ھېلىقى گەپنى ھازىرمۇ دەيدىكەن ، بۇ بالىمۇ شۇنى ئارزۇ قىلىدىكەن !
ئۇنداقتا بۇ خىيالپەرەس بالىنىڭ خىياللىرى ۋۇجۇدقا چىقامدۇ يوق ؟
قاراپ باقايلى ، تولا كەپسىزلىك قىلىپ كەتسە قۇلىقىنى تولغاپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى .
ئاخىرىدا باغداش تورىنى قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق تورداشلارغا تەشەككۈر ! باغداش ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى بولغۇسى :