قومۇل ئاراتۈرك ناھىيسىدە ئۈچ يەردە مازار بار. بىز بۇ قېتىم نېرىنكىر يېزىسىنىڭ ئۆلۈگۈي تاغلىرىنىڭ ئەڭ خىلۋەتلىرىگە ئورۇنلاشقان داراخلىق غوجام مازىرىغا باردۇق. بىز ئەسلىدىكى كونا يولدا مېڭىشنىڭ تەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئايلىنىپ كىچىك نوم بىلەن غوجامغا ئاتلاندۇق، بۇنداق بولغاندا ماشىنا بىلەن 200 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول ماڭىدىكەنمىز. خۇدايىم ساقلاپتۇ ھېلىمۇ تاغ ئىچىگە ماشىنا كىرەلمەيدىكەن، تاغ يولىغا 20 كىلومېتىر ياياق ماڭىدىكەنمىز. تاغ ئېغىزىدا ئۈچكۆل ( سەنتاڭخۇ) كۆمۈر كېنىنى( چەتئەل، جۇڭگو مەبلىغىدىكى جۇڭگو بويىچە ئەڭ چوڭ كانلاردىن بىرى) ئېچىش ئۈچۈن ئامبار ياسىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. تاغ ئىچى بولسا يىل دەۋرىنىمۇ بىلىپ بولغۇسىز ھەيۋەتلىك ئاقتېرەك بىلەن تولغان ئىدى، ئىككى يېنى تىك قىيالىق بۇ داراخلىق غولنىڭ ئىچىدە كۈندۈزى يالغۇز ماڭغان ئادەمنىڭمۇ تەنلىرى شۈركىنىدىكەن. ئۇ يەر بۇيەردە ئۇچىراپ قالىدىغان ئۆلۈك مال-پادىلارنى كۆرگەن بىزلەرمۇ بىر خىل قورقۇنىش ئىچىدە ئىلگىرلەپ مېڭىۋاتىمىز. ئىچىمدە، توۋۋا مۇشۇ كۈندىمۇ ئىنساننىڭ قەدىمى شالاڭ تېگىپ قالغان گۆھەردەك زىمىنىلارنىڭ بارلىقىغا ھەيران بولاتتىم. ۋە قانداقتۇر شېرىن خىياللار ئارلاش بىر خىل خۇشلۇقتىن ھاياجانلىناتتىم. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇندىن 300-400 يىللار ئىلگىرى بولغان دىنسىزلار بىلەن بولغان غازات سوقىشىدا بۇ تاغنىڭ خىلۋىتىدە ئۈچ نەپەر شېھىد يېتىپ قالغانكەن. ئەگەر بۇ مازارغا كەلمەكچى بولغانلارنى غوجام خالىمىسا يولدا يىلان، چايان ۋە ياۋايى ھايۋانلار توسۇپ تۇرىۋالارمىش. ياكى بولمىسا بىرەر ۋەقەگە ئۇچىراپ مازارغا بېرىشى مۇمكىن بولماسمىش. قارىغاندا بىزنى مازار خالىغان ئوخشايدۇ. بىز ئوڭۇشلۇق ھالدا كۆزلىگەن مەنزىلگە ساق-سالامەت يەتتۇق. قىزىقارلىق يېرى شۇ بولدىكى ماڭدامغا چىداپ غېرىچقا چىدىماپتۇ، دېگەندەك، ئەڭ ئىچىدىرەك جايغا جايلاشقان مازارغا 300 مېتىر قالغاندا سەپەرداشلار ھېرىپ ھالىدىن كەتكەچكە شۇنچە زورلىساقمۇ ماڭغىلى ئۇنىمىدى. بىزمۇ بارالمىدۇق. ئويلاپ قالدىم، بەلكىم، ئاشۇ مازارغا بېرىش بىزگە نىسىپ بولماپتۇ، ئۇ بىزنى خالىماپتۇ...
مازارغا بارىدىغان تاغ ئېغزى
بىر بىرىگە گىرەلىشىپ ئۆسۈپ كەتكەن شونىلار
خەتەرلىك تاغ يوللىرى...
بۇ يەردىكى كونا چۇۋرو يول(چىغىر) دائىم تاشقۇننىڭ زەربىسىدە يوقىلىپ كېتىدىكەن.
نەقەدەر ساپ ھاۋالىق، گۈزەل زىمىن بۇ؟
بىزگە يولباشلاپ كەلگەن ئاراتۈركتىكى <<تىرىك خەرىتە>> دەپ ئاتانغان بەكرى ئاكام...
ئورخۇن ئاكام بىرەر بايلىق تېپىۋالدىمۇ نىمە؟...
غولنىڭ زەمزەمدەك سۇلىرىدىن ئىچكەچ، ئازراق ئارام ئېلىۋالايلى...
ئېھتىيات قىلايلى، بۇ كۆۋرۈك بەك خەتەرلىك ئىكەن...
مېڭىپ بىر چاغلار بولغاندا بىر بىرىمىزگە گەپ قىلغۇمىزمۇ كەلمەيدىغان بولۇپ كەتتى...بەك چارچىدۇق!
مەن كىتىۋېتىپ تىنەپ قاپتىمەن، ئەسلىدە كەينىدە قالدىممىكىن دىسەم ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋاپتىمەن...سەپەرداشلىرىم بۇ گۈزەل مەنزىرىنى كۆرەلمىدى. مەن بىر نەچچە پارچە رەسىمگە تارتىۋېلىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىم.
مانا بۇ بىز كۆرمەكچى بولغان غوجام...بۇ يەردە جەمئىي ئۈچ غوجامنىڭ قەبرىسى بولۇپ، ئىككىسى مەزلۇم ئىمىش. ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ھەققىدە دەتالاش كۆپ بولغاچقا ئىسمىنى بۇ يەرگە يوللاشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم.
بۇ خىلۋە تاغ باغرىغا قويۇلغان مازارلارغا قارىغان ئادەمنىمۇ بىر خىل سۈر باساتتى، ھەر يىلى بۇ يەرگە نەزىر- چىراق قىلىپ چىقىدىغان ئۇيغۇر، قازاق مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭمۇ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىكەن. بۇ مازارلار بىر بىرىدىن ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 100 مېتىر، 300 مېتىر ئارلىق قالدۇرۇپ قويۇلۇپتىكەن. پەرىزىمچە بۇ بەلكىم ئۇلار شېھىد بولغان جايلىرىدۇر.
بۇ بىز بارالماي قالغان مازار ئىكەن...
يەرلىكلەرنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە: غوجاملارنىڭ ئەرۋاھى ھەر كۈنى مۇشۇ يەردە ئەزان ئېيتارمىش...
ئۈرۈمچى ۋاقتى 5 تىن باشلاپ باشلانغان سەپەر ئاخشام قۇرۇن7 لەردە تامام بولدى...
مەن بۇ قېتىملىق سەپەردىن كېيىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم. بولۇپمۇ بۇ غوجاملار ھەققىدە تەگسىز خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولدۇم. ئىسلام دىنىمىزدا غوجاملاردىن مەدەت تىللەش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈنلىك دەپ ئەيىپلىنىدۇ. قەدىمكى زامانلاردا، بولۇپمۇ ئاپپاق خوجا دېگەن قانخور، جاللات، كەلگۈندى مۇناپىقنىڭ دەۋرىدە، تەركى دۇنيالىقنى تەرغىپ قىلىدىغان، ئۇچىغا چىققان دىنىي خوراپاتلىقنى ئۆزىگە دەستەك قىلغان بىر ئۇچۇم ئاتالمىش يۇرت كاتتىلىرى ھەر خىل رەزىل مەقسەتلىرىگە يىتىش ئۈچۈن ئافغانىستان، مىسىر، ئەرەبىستانلاردا ياشاپ ئۆتكەن ئاتام بىلمەيدىغان ساھابىلەرنىڭ قەبرىسىنى تۇرغۇزۇپ نادان خەلقنى شىلىغان ئىكەن. يۇقىرىدىكى مازارلاردىن بىرىنى يەرلىكلەر رىۋايەت قىلىپ مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىزدىن بىرىنىڭ ئىسمىنى دەپ ئۆتتى. بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟! بىراق، ئۇ قەبرە ئىگىلىرىمۇ تارىختا يۈز بەرگەن غازات ئۇرۇشىدا ۋە ياكى ئەل-ۋەتەننى، ئۆز ئەركىنى قوغداش يولىدا قۇربان بولغانلارمۇ بولىشى مۇمكىن. تېخى، مىڭ يىللار ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق يىللار بۇرۇنقى قەھرىمنالار ۋە ياكى خان-مەلىكىلەرنىڭ بولىشىمۇ تەسەۋۇردىن يىراق ئەمەس...ئەمما، يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلانغان، ھۆرمەتلەنگەن قەبرىسىلا قېلىپ نام- ئەمەللىرى ۋە رىۋايەتلىرى شۇ زاماندىكىلەرگە خىزمەت قىلدۇرۇلۇش ئۈچۈن قەستەن ياكى شەكلەن ئۆزگىرەپ كەتكەندۇ...
ئەگەر مۇشۇ گۈزەل جەننەتتەك زىمىنلاردا قوغدىلنىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن مازارلار بولمىغان بولسا، بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە بۇ يەرلەر يەنە قانداق بىر قۇرۇلۇشلارنىڭ يەكلىشىگە ئۇچىرار بولغىيتى. بۇنىسى بىزگە نامەلۇم، مەيلى قانداقلا بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۆز ئېتىقادىنىڭ، ھۆرلۈكنىڭ يولىدا جان بەرگەنلەر مەڭگۈ ياتلىنىشقا ئەرزىيدۇ.
2012-يىلى9-ئاينىڭ14-كۈنى قومۇل