saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 1133 قېتىم كۆرۈلدى
عبد
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10404
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 16 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 16 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 يىڭى ئەزادىن مۇنبەر ئەھلىگە سالام

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باغداش مۇنبىرىنىڭ كونا يىڭى ئەزالىرى: مەن بۈگۈن بۇ مۇنبەرگە تىزىملىتىپ مۇنبىرىڭلارغا ئەزا بولدۇم، سىلەرنىڭ مەندەك يىڭى كەلداخۇننى يات كۆرمەي سېپىڭلەرگە قېتىۋېلىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. ئاز بولسىمۇ بۇ سىلەرگ كۈرۈشۈش سوغام بولسۇن كىچىك كۆرمەي قۇبۇل قىلارسىلە.

جۇلەيبىب:
بۇ ئىسىم ئۆزى ئىنتايىن كەمبەغەل، چىرايى كۆرۈمسىز، يىغىپ ئېيتقاندا باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئاساسى جەھەتتىن كۆزگە چېلىقمايدىغان تەقۋادار بىر ساھابىنىڭ ئىسمىدۇر. بۇ دائىم رەسۇللۇللاھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرەتتى، بىر كۈنى مىھرىبان رەسۇلىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئى جۇلەيبىب ئۆيلەندىڭمۇ؟ دەپ سورىغاندا ئۇ كىممۇ مىنى ئۆيلەپ قويسۇن؟ دەپ جاۋاپ بەردى، رەسۇلىمىز مەن ئۆيلەپ قويمامدىم دىدى، جۇلەيبىب رەسۇلۇللاھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ چىرايىغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن، ئۇ ۋاقىتتا مىنى كاساد تاپىسەن (يەنى مىنى ھېچكىم ياراتمايدۇ) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دېگەندە، رەسۇللۇللاھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، سەن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا كاساد ئەمەسسەن دىدى ۋە ئىزچىل ئۇنىڭغا بىرەر ئايال تېپىپ بىرىشنى ئويلاپلا يۈردى. دەل شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىزىنىڭ يولدىشى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بىر ئەنسارلىق ساھابى شۇ قىزىنى رەسۇللۇللاھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تۇنۇشتۇرۇپ كەلدى، «ساھابى ئىكراملارنىڭ ئادىتىدە ئۇلارنىڭ بىرەر قىزى بالاغەتكە يەتسە ئاۋۋال رەسۇللۇللاھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خەبەر قىلاتتى، مەقسىدى يا رەسۇللۇللاھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ياتلىق قىلش يا بولمىسا شۇ ئارقىلىق ياخشىراق بىر كىشىگە ياتلىق قىلىش ئىدى،» رەسۇللۇللاھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: بولىدۇ: ئەمما مەن نىكاھلاپ ئالمايمەن دىۋىدى ئۇ ساھابى، ئۇنداقتا كىم ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ سورىدى، رەسۇللۇللاھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىزىڭنى جۇلەيبىب قا نىكاھلاپ قويسام قانداق دەپ جاۋاپ بەردى، ھېلىقى ئەنسارلىق ساھابى؛ جۇلەيبىب!! ئۇنداقتا مەن بىر قىزىمنىڭ ئانىسىغا بىر مەسلىھەت سالاي دەپ قايتىپ ئايالىغا بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى، ئانا ئېيتتى؛ رەسۇللاھ!!! ئۇ زاتقا قىزىمىز يارىغان بولسا نىمىشقا رەت قىلغۇدەكمىز ئەجەپ ياخشى ئەر، ئەجەپ ياخشى جۈپ!! دېۋىدى، ئۇ ساھابى رەسۇللۇللاھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزىگە ئەمەس بەلكى جۇلەيبىب، نىمە جۇلەيبىب!!! ئاللاھ نامى بىلەن قەسەمكى ئۇنىڭغا ھەرگىز بولمايدۇ، بىز ئۇنى نى نى ئەرلەرگە بەرمەي ئاشۇ جۇلەيبىبقا بىرەمدۇق دەپ كەسكىن رەت قىلدى، غەمگە پاتقان دادا قانداق قىلارىنى بىلمەي نائىلاج رەسۇللۇللاھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا بېرىشقا تەييارلىنىۋىدى، ئىچكىردىكى ئۆيدە دىيىلگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغان قىز، قاتتق ئاۋازدا ۋاقىراپ؛ ماڭا خېرىدار بولغان كىم دەپ سورىدى. دادىسى؛ رەسۇللۇللاھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم،دېۋىدى، ئاھ!! ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ تەلىۋەنى رەت قىلماقچىمۇ سىلەر. مىنى ئۇ زاتقا تاپشۇرۇڭلا، ئۇ مىنى ھەرگىزمۇ زايا قىلمايدۇ دېدى، قىزىنىڭ بۇنداق تاتلىق سۆزىدىن سۆيۈنگەن دادا. دەرھال رەسۇللۇللاھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بۇ خەبەرنى يەتكۈزدى، رەسۇللۇللاھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇلەيبىبنى چاقىرىپ ئۇ قىزغا نىكاھلاپ قويدى ۋە مۇبارەك قوللىرىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ؛ ئى ئاللاھ بۇ بىر جۈپكە ئەر-ئايالغا كۆپ ياخشىلىق تۆكۈپ بەرگىن، بۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قىيىنچىلىق تۇرمۇش قىلمىغىن دەپ دۇئا قىلدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي رەسۇللۇللاھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلار بىلەن بىر ئۇرۇشقا ئاتلاندى ئەلۋەتتە بۇلانىڭ ئىچىدە جۇلەيبىبمۇ بار ئىدى، ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ، شېھىت بولغانلارنىڭ سانىنى ئالغان ۋاقىتتا رەسۇللۇللاھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىم كىم لەر يوق ئىكەن دەپ ساھابىكىراملاردىن سورىۋىدى، ئۇلار يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانىنى ئىسمى بويىچە ئېيتىپ بەردى، رەسۇللۇللاھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەكرار ئۇنتۇپ قالغانلار بارمۇ دېگەندە ئۇلار بىز مۇشۇلارنىڭ بىلەلىدۇق دەپ جاۋاپ بىرىشتى، رەسۇللۇللاھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەمما مەن جۇلەيبىبنىڭ يوقلىقىنى بىلدىم دىدى ۋە تۇرۇڭلا بىز ئۇنىڭ ئىزدىرىگىنى قىلايلى دىدى، ئۇلار ئۇنىڭ جەسىدىنى يىقىنلا بىر جايدىن يېنىدا مۇشرىكلاردىن يەتتە كىشىنىڭ جەسىدى ئارىسىدىن تاپتى، دېمەك ئۇ بۇ يەتتە نەپەر مۇشرىكنى ئۆلتۈرگەندىن كىيىن شېھىت قىلىنغان ئىكەن، رەسۇللۇللاھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ قانغا مىلىنىپ كەتكەن پارچە پارچە جەسىدى يېنىدا توختاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ يۈزىدىكى قانلارنى تازىلىغاندىن كىيىن كۆز يېشى قىلىپ يىغلىدى ۋە ئاۋال سەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپسەن ئاندىن ئۇلارن سىنى ئۆلتۈرۈپتۇ دەپ، «سەن مەندىن مەن سەندىن» دىدى، ۋە ئۇنىڭ جەسىدىنى مۇبارەك تىزى ئۈستىگە ئېلىپ ياتقۇزۇپ، ساھابىكىراملارنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن يەرلىك كولاشقا بۇيرىدى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك تىزىدىن باشقا ھېچ نىمىسى يوق ئىدى، دىدى.

ئۆزىنى كەمبەغەل دىمەستىن ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن شۇ شەھىد بەندىگە ئاتىغان ئاشۇ سالىھە ئايالنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشى مەدىنە ئىچىدە ئىنتايىن پاراغەتلىك بولۇپ كەتتى.

خوش مۇبارەك بولسۇن ئۆزىنى جىھاد ئۈچۈن ئاتىغان كىشىگە،

خوش مۇبارەك بولسۇن بۇ ۋاقىتلىق دۇنيانى ئۇنۇتقان كىشىگە،

خوش مۇبارەك بولسۇن سالىھە ئايالغا،

سەھىيھۇل مۇسلىم 2472-ھەدىس
مەنبە: تەرجمە ماقالە

تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-14, 18:51
ھەممىمىز ئاللاھنىڭ قۇللىرى دۇرمىز.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-09-14 16:55 |
uygurjan09
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6235
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 17 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 17 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆزۈم يىڭى ئەزا بولساممۇ پۇتۇن باغداشتىكىلەر نامىدىن سىزنى قارشى ئالىمەن ......  بەك ياخشى ھەدىسكەن  ماۋۇ ......
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-14 19:13 |
alqondi
ئەلقوندى
دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 404
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 737
شۆھرەت: 3976 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3985 سوم
تۆھپە: 2357 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2366 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2153(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

باغداش تورىدىكى بارلىق خادىملار ھەم بارلىق ئەزەلار زىنى ھەم باشقا يېڭى ئەزالارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. قەدەملىرىڭلاردىن گۈللەر ئۈنگەي
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-14 19:16 |
nul
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9895
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 90 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 54 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 54 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆزۈم يىڭى ئەزا بولساممۇ پۇتۇن باغداشتىكىلەر نامىدىن سىزنى قارشى ئالىمەن
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-14 20:37 |
abdukorax.
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10187
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 52
شۆھرەت: 263 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 264 سوم
تۆھپە: 158 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 159 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 36(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قىرىنداش،باغداش مۇنبىرىگە خۇش كەلدىڭىز.
تۇنجى سالام بىلەن يوللىغان ئىنتايىن چوڭقۇر ئەھمىيەتلىك سۆزلىرىڭىز مىنى خۇشال قىلدى.
<< خوش مۇبارەك بولسۇن ئۆزىنى جىھاد ئۈچۈن ئاتىغان كىشىگە>> بۇ سۆزلەر ئادەمنىڭ يۈرەك پارىنى چىكىدۇ.ئاللاھ يولىدا كۆرەش قىلغۇچىلار،ئاللاھقا ئۆزىنى ئاتىغۇچى مۇجاھىتلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ئۈستۈن كىشىلەردۇر،ئاللاھ ئۇلارغا مۇكاپاتىنى ئۆزى بىرىدۇ.
جىھات قىلىش،كۆرەش قىلىش قانداقتۇر دىنسىزلارنى،كاپىرلارنى ئۆلتۈرۈش بولماستىن ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىگە جەڭ ئىلان قىلىشتۇر.ئۆزى بىلەن كۆرەش قىلىش،يەنى ئۆزى بىلەن قىلىنغان جىھات،جىھاتنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر.ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن  ئۆز قىرىنداشلىرىنىڭ بەختى،مەنپەتى ئۈچۈن ئۆز جىنى،تىنى،كۈچ قۇۋۋىتىنى ئايىماي تىنىمسىز ئەجىر قىلىۋاتقان شۇ ئەزىزلىرىمىزگە ئاللاھ ئىگىمىز ئەڭ ئۇلۇغ مۇكاپاتىنى بەرگەي ...
بۇنى دىننىي نوقتىدىن چۈشەندۈرمەي،پەننى نوقتىدىن چۈشەندۈرگەندە ئۆز مەنپەتىنى كۆزلىمەستىن خەلىق مەنپەتىنى كۆزلەش،ھىچ بولمىغاندا بۈگۈنكىدەك پارتىيە ۋە ھۆكىمەتنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈپ،سىياسەتنى ئىگىز پەس ئىجرا قىلىپ،خەلىقنى ئىزىۋاتقان يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە شۇنداق ناھەقچىلىقلەرگە بىر ئىغىز بولسىمۇ ھەق گەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش.بۇ ئىشلارنى ئۇ ئاللا رازىلىقى ئۈچۈن قىلغان بولسا ئاللاھنىڭ چەكسىز رەھمىتىگە ئىرىشىدۇ ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەسىلەن يەرلىكتە نۇرغۇن چىرىك ئەمەلدارلار پارتىيە ھۆكىمەتكە خيانەت قىلىپ،ئۆز نەپسى ئۈچۈن خەلىقنىڭ ھوقوقى ۋە ئەركىنلىكىنى ئىغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقان ئەھۋاللارنى بەزى قىرىنداشلىرىمىز يۇقىرغا مەلۇم قىلىۋاتىدۇ.بەزىلىرىنىڭ ئاۋازى يۇقىرىغا يىتىپ بولالمايلا شۇ يولدا تۇيۇقسىز يوقالغانلارمۇ يوق ئەمەستۇ...
گەپنى يىغقاندا جەننەتكە ئۇنداق ئاسان ئىرىشكىلى بولىدىغان مۇكاپات ئەمەس.ئەمما ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن،ئۆزىنىڭ خالىس نىيىتى بىلەن قىرىنداشلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن قەدەم ئالىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بىرىدۇ...
سىزنىڭ سالام بىلەن قوشوپ يوللىغان سۆزلىرىڭىزنىڭ تىگىگە يىتەلەيدىغانلار باغداش مۇنبىرىدە ئاز ئەمەس...
ئاللاھ ھەممەيلەننى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن،دۈشمەنلىرىمىزنى يەر بىلەن يەكسان قىلسۇن... 

ۋەتىنىمىزنىڭ پارلاق ئىستىقبالى ۋە يۇرتىمىزنىڭ تىنىچ ئامان-خاتىرجەملىكى،ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ھەممەيلەن ئورتاق كۈچ چىقىرايلى...
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-14 21:37 |
uyghurizlari
دىنىم ئىسلام ،مىللىتىم ئۇيغۇر.
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 3877
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 403
شۆھرەت: 2136 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2154 سوم
تۆھپە: 1264 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1270 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 314(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ۋەئەلەيكۇم ئەسسلام   قىرىندىشىم  باغداش  خەلىقنىڭ  مۇنبىرى  شۇڭا  خەلىقمۇ  سىزنى  قارشى ئالىدۇ  قىرىندىشىم..........
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-14 23:24 |
muhammat110
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10424
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ يىڭى كەلدىم بۇ يەرگە قارشى ئالامسىلەر دوسلار
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-15 01:50 |
budunya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1017
شۆھرەت: 5176 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5183 سوم
تۆھپە: 3098 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3104 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 946(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى muhammat110دە2012-09-15 01:50يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەنمۇ يىڭى كەلدىم بۇ يەرگە قارشى ئالامسىلەر دوسلار

قارشى ئالىمىز سىزنىلا ئەمەس باغداشقا ئەزا بولغۇسى بار ھەرقانداق قېرىنداشنى قارشى ئالىمىز......
istanbol
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-15 02:44 |
huxfal
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 100 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 57 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 57 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ سىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن، مەنمۇ يىڭى ئەزا...ھى ھى
ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-15 13:21 |
lion17
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8653
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 84
شۆھرەت: 420 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 420 سوم
تۆھپە: 252 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 252 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇيەردە تېخى قارشى ئېلىنمىغانلاريۇق
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-15 22:16 |
baturhan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10525
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 19 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 19 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

‏رەخمەت قېرىندىشىم قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن  . ياخشى تېما يوللاپسىز  . 
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-20 17:00 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە