مەن تاسادىپى پۇرسەتتە بىر تونۇشۇمىزنىڭ ئازاتلىقتىن ئىلگىرىكى يەر خېتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشنى بېجىرىۋېتىپ يەر خېتى قېتىدىن تۆت پارچە ماركىنى كۆرۈپ قالدىم. قىزىققان ھالدا ماركىغا سىنچىلاپ قارىسام 1938-يىلىنىڭ ماركىسى بولۇپ يۈز قىسمىغا جاللات شېڭ شىسەينىڭ باش سۈرىتىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ئىكەن .قىممىتى 50تىيىنمۇ 50سوممۇ ئىشقىلىپ 50رەقىمى بار ماركا ئىكەن .مەن بۇ ماركىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى سورىسام ئۆي ئىگىسىمۇ بىلمەيدىكەن.شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ماركىنىڭ ساقلاش قىممىتى بارمۇ يوق بىلەلمەي بۇ ئۇچۇرنى ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان باغداش تورىغا يوللاپ باقتىم .ماركا ئىگىسىگە ۋاكالىتەن كەڭ تورداش بۇرادەرلەرنىڭ بۇ ھەقتە تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-09-15 00:06قايتا تەھرىرلىدى ]