«12345»Pages: 1/6     Go
بۇ تېما 2439 قېتىم كۆرۈلدى
ozturuk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 860
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 143 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 139 سوم
تۆھپە: 80 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 81 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مەن كېلەر يىلدىن باشلاپ 3.8 ئۆتكۈزىمەن !

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن قۇلۇپلاش بىكار قىلىندى(2011-04-06)
مەن كېلەر يىلدى باشلاپ ئاياللار بايرىمى ئۆتكۈزىمەن ، چوقۇم ئۆتكۈزىمەن ، مۇنبەردىكى 3.8نى يەنە ئۆتكۈزۈمسىز دىگەن تېمىغا قارىتا بۇ يازمىنى يازدىم : شۇ تېمىنىڭ ئادىرسى : ./read.php?tid=1159

   تۆۋەندىكىلەر شۇ تېمىدىكى ئىنكاسلاردىن نەقىل :

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى araturukدە2011-03-08 01:58يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھازىر مىللىتىمىزدە باشقا مىللەتلەرنى دوراش بەك ئېغىر،
  باشقا مىللەتلەرنىڭ بايراملىرىنى تارتىۋالايلا دەپ قالدۇق،


بۇ بىر مىللەتنىڭ بايرىمى ئەمەس . 8-مارت خەلقئارا خانىم قىزلار بايرىمى

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 11قەۋەتتىكى aslimaدە2011-03-08 11:24يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىز بۈگۈن كەچتە بارلىق كېلىنلەر قېينى ئانامغا بايرام ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەنمىز، بۇنى چوڭ كېلىن ئوتتۇرىغا قويغان. بىز بىللە مەسلىھەتلىشىپ قېينى ئانامنىڭ ئۈچ ئوغۇلنى تۇغۇپ قاتارغا قوشقانلىقىنى ئالتۇن ئۈزۈك بىلەن مۇبارەكلەيدىغان بولدۇق، بۇ ئىشنى ھازىرچە ئەرلىرىمىز بىلمەيدۇ،ھەممىمىز كەچ بولۇشىنى، ئەرلىرىمىز قېينى ئاتام ۋە قېينى ئاپامنىڭ چىرايىدىكى شاتلىقنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولۇپ كېتىۋاتىمىز.
  بۇنىڭدىن بالاممۇ تەربىيىگە ئىگە بولىدىغان بولدى، دەپ ئويلايمەن، كەلگۈسىدە ئۇ چوقۇم مەندەك قېينى ئانىسىنى، قېينى ئاتىسىنى ياخشى كۆرىدىغان قىز بىلەن توي قىلىدۇ( خۇدا بۇيرىسا)  


ئەسلىمە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈپتۇ ، دىنغا مۇخالىپلىق قىلغان بولامدا ؟

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 18قەۋەتتىكى kamilدە2011-03-08 15:49يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
< 8_مارت> خانىم-قىزلار بايرىمىنى ئۆتكۆزسە نېمە بولۇپتۇ ؟ < 8_مارت> خانىم-قىزلار بايرىمىنى ئۆتكۈزگەنلىك ئاشۇ چەتئەللەرنىڭ ئۆتمىشىدىكى پاھىشە بولغانلىقمۇ ؟مەن ئۇنداق قارىمايمەن،بوپتۇ بۇنى چەتئەللىكلەرنىڭ بايرىمىمۇ دەيلى ،بىزنىڭ خانىم قىزلىرىمىز ئۆتكۈزسە نېمە بولۇپتۇ ؟ئەلمىساقتىن ياخشىنى قۇبۇل قىلىش،ياماندىن يىراق تۇرۇش دەپ ئېيتىلغانغۇ ؟چەتئەللىكلەرنىڭ كاللىسى ئىشلەيدىكەن،جاپاكەش ئانىلىرى،چاپاكەش ئاياللىرىنى كۈندە قىلمىسىمۇ يىلدا بىر قېتىم بايرام قىلىپ بېرىپ كۆڭلىنى ئالىدىكەن،بىز قىلساق نېمە بولۇپتۇ ؟مېنىڭچە مۇشۇ بايرام پۇرسىتىنى ن چىڭ تۇتسا سو غۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرىشى قىلىۋاتقان ئەر-ئاياللار ياخشىلىشىپ ئائىلىسى يەنە بىر بالدا مېھىر-مۇھەببەتكە تولىدۇ ،چۈنكى ئاياللارنىڭ بەك ئاقكۆڭۈل كېلىدۇ ئەمەسمۇ،بىز ئەرلەرنىڭ قىلىدىغىنى بايرامنى ئۆتكۈزۈشتىن توسۇش ئەمەس بەلكى مۇشۇ بايرامنى خوتۇن-قىزلىرىمىزغا قانداق ئۇسولدا،قانداق ئۆتكۈزۈش ،بولسا سىزمۇ بۇ بايرامنى ئايالىڭىزغا قىزىڭىز بولسا ،قىزىڭىزغىمۇ ئۆكۈزۈپ بېرىڭ ،بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ ئايالىڭىز ۋە قىزىڭىز نەزىرىدىكى ئوبرازىڭىز تېخىمۇ يوقىرى كۆتىرىلىدۇ!!ھى ھى ھى ھى ھى
مۇنبەردىكى  بارلىق خانىم قىزلار  بايرىمىڭلارغا  مۇبارەك  بولسۇن!!!!ئۆتكۈزگەن ھەربىر كۈنلىرىڭلار خوشال-خورام،بەخىت ئىچىدە ئۆتىشىگە تىلەكداشمەن 
            


پاھ ،پاھ ، كامىل خېلى ياخشى پىكىرنى ئويلاپتۇ ، راستىنلا مۇشۇ يېقىنچىدا باتنىشىپ قالغان ئەر -ئاياللار بوپ قالسىچۇ ؟ بىزنىڭ ئەقىللىق ، كۆكسى كەڭ ئەرلىرىمىز بۇ كۈنى ھەممە ئاچچىقىنى چىقىرىپ تاشلاپ ئايالىغا قىزغىن مۇئامىلە قىلالايدۇ ، بارلىق ئىشلار تۈگەپ ، قايتا ئىللىق مۇھەببەت يەنە داۋاملىشىدۇ .




ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 29قەۋەتتىكى umudyultizi923دە2011-03-10 15:21يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سىلەرگە قۇربان ھىيىت بايرامى بىلەن روزا ھىيت بايرامىدا ئاياللار بايرىمىغا ئائىت بىرەر نەرسە تىپىلمىدىما؟بىر قانچە ئادەم ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇپ پالانى كۈنى مۇنداق بايرم بولسۇن دەپ  بىكىتىپ بەرگەن بايرام بەك كۆڭۈللۈك بولامدىكەن؟ئىسىڭلادا بولسۇن تورداشلار!
ئاياللار بايرىمى ،ئانىلار بايرىمى،دادىلار بايرىمى ،بالىلار بايرىمى ،سۆيگۈ-مۇھەببەت بايرىمى،ھاتتاكى بىر قىسىم كىشىلەر بايرمقىلاي دەپ تاپالميۋاتقان دىھقانلار بايرىمى،غىرىپ مىسكىن بىچارىلەنىڭ بايرىمىۇ شۇ قۇربان ھىيت بىلەن روزا ھىيىت بايرامىغا مۇجەسسەملەشكەن.ئاللا ھەممىنى بىر- بىلەپ بىزگە دەپ ئولتامايدۇ .چۈنكى ئاللا نىڭ سۆزى ئىخچام ئەمما مەزمۇنى تولىمۇ مولدۇر.ئۇ يەنى سىلەر دوراۋاتقان بىچارە خەلىقنىڭ ئىلاھى بايرىمى بولمغاندىكىن ئەنە شۇنداق بىرى ئۇنىڭغا بەلگىلەپ بەرگەن بىر كۈننى بايرام قىلىدۇ ،بىز نىڭ كىنى چۇ ؟ئىنسان ئەمەس ئاللا پەرمان قىلغان بايرام ،قارسام نۇرغۇن تورداشلا بۇ بايرامنى ئىتراپ قىلغۇسى كەلمەپتۇ ،ھەتتاكى دەپتۇكى بىزنىڭ يىلدا بىر كىلىدغان بايرىمىز بۇ ،ئۇنداق ئەمەس سىز گە يىلدا بۇنداق ئىسىل چوڭ بايرامدىن ئىككىسى كىلىدۇ،ئەجەبا بۇ بايرام ئىنسانلار سىز گە تۈزۈپ بەرگەن بايرامدەك رومانتىك ئەمەسمىكەن.؟بولدىلا جىق گەپ قىلماي  بولمىسا ئىدىيسى ياۋرۇپالىشىپ كەتكەن ئۇقۇمۇشلۇق بۇلەرمەنلەنىڭ نەپرىتىگە قالماي.
ئەسلىدە مەن بۇ تىمىغا ئىنكاس يازماي دەپمۇ ئۇلىغان قارسام ھەممە ئىنكاسلا تىمىغا قارشىلام يىزىلىپتۇ شۇڭا تورداشلانىڭ زىتىغا تەگسەممۇ ئازراق سۆزلەپ قويدۇم،تۇرداشلار بىلەن سىلىق سىپايە ئۆز -ئارا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا بولسۇن دەپ تورداشلانىڭ ئىنكاسىنى نەقىل قىلمدىم .




      ئەسسىلام ئۈمۈد يۇلتۇزى ۋە باشقا ئاياللار بايرىمى ئۆتكۈزمەيمىز شوئارىنى توۋلىغان ئەھلى مۇسۇلمان :
مەن بۇ يىل ئاياللار بايرىمىنى ئۆتكۈزمىدىم . لېكىن كۆپ ئويلاندىم ،ھەر تەرەپتىن ئويلاندىم ئاخىرى كېلەر يىلدىن باشلاپ چوقۇم ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدىم :
    ئۆتكۈزمەيمىز دەيدىغانلاردىن ئەڭ ئالدى بىلەن سوراپ باقسام ، ئاياللار بايرىمى ئۆتكۈزسە ھاراممۇ بولامدا ؟ گۇناھ بولامدا : ئاللاغا قارشى چىقققان بولامدا ؟ دىندىن چىققان بولامدا ؟
  ئاياللار بايرىمى ئىسلامدا بەلگىلەنمىگەن ، بۇ توغرا ، بۇنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن بېكىتكەن بايرام ، لېكىن باشقا بىر دىن بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشلىقى يوق .بىر خىل ئارام ئېلىش ، تەبرىكلەش خاراكتىرىنى ئالغان ئاددى بايرام خالاس ، بۇنى يوقىرى نۇقتىغا كۆتۈرۈپ دىن بىلەن باغلاپ پەتىۋا چىقىرىۋاتقانلار ، بۇ بولسا پەقەت بىر ئاددى بايرامكەن خالاس ، كۆپ ئويلاپ كەتكەندەك قىلىمىز ، ئىسلام پەتىۋا كوممىتىتىت ئاياللار بايرىمى ئۆتكۈزمەڭلەر دىگەن پەتىۋانى چىقاردى دىگەندەك ئىنكاسلەر باركەن ، بەلكىم ئۇلار ، بىر قانچە ئايال يىغىلىپ بايرام ئۆتكۈزۈپ قالسا بەلكىم ئۇلار بىلىپ -بىلمەي غەيۋەت قىلىپ قويىدۇ ، ۋە ياكى باشقا كىچىك گۇناھلارنى سادىر قىلىپ قويىشى مۇمكىن دىگەندەك تەرەپلەرنى ئويلاپ بۇنى ئۆتكۈزمەسلىكىنى ئېيتقان بولىشى مۇمكىن .
يەنە شۇنداق بىر ئىنكاسلار چۈشۈپتىكى ، ئاياللار ، ئانىلار بۇ بىركۈندە ئەمەس ،365 كۈننىڭ ھەممىسىدە قەدىرلىنىشى كېرەك ،بىر كۈننى بېكىتىۋالساق بولمايدۇ دىگەندەك . ھېچكىم تېخى مۇشۇ كۈننىنى بېكىتىپ ئاياللارنى قەدىرلەپ باشقا چاغلاردا خورلىغىنى يوق ، ئەلۋەتتە ئاللارنىڭ ھەر بىر كۈنلىرىدە بىز ئۇلارنى قەدىرلەيمىز ، ئۇلارنى ئاسرايمىز ، ئۇلار مىللەتنىڭ ئانىلىرى ، ئىسلامدىمۇ  جەننەت نەدە؟ ئاناڭنىڭ ئايىغى ئاستىدا دەپ ئاياللارنى ، ئانىلارنى ئەڭ ئۇلۇغلىغىنى مۇشۇ قىسقا بىر جۈمىلگە يىغىنچاقلىغان .

   تەرەققىيات ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتىدۇ ، تەرەققىياتقا يىتىشەلمەي قېلىۋاتىمىز ، تۇرمۇش ، خىزمەت ، ئائىلە بېسىمى بىزنى ئالدىراش قىلىۋەتتى ، ئۆتمۈشتە ئەرلەر ئائىلىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق يۈكىنى ئۈستىگە ئالغان بولسا  كېيىن ئاياللارغىمۇ ئىش تەقسىماتى ئېنىق ئايرىلغاندىن كېيىن ئاياللىرىمىزمۇ ئائىلىنى يۈكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى ،بەزى ئاياللار پۈتۈن يۈكنى ئۈستىگە ئالدى .
  مۇشۇ دەۋرنىڭ رېتىمىغا ئەگشىمىز دەپ ئالدىراش بوپ كەتتۇق ، ئاياللىرىمىزغا ، ئانىلىرىمىزغا بەك كۆپ ۋاقىت چىقىرالمىدۇ ق، شۇنداق ئىكەن ،ئاشۇ يىلدا بىر كېلىدىغان كۈنى ئۇلارغا ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىپ . بىر ئەر بولغان كىشى شۇ يىلدا بىر قېتىم ئەتتىگەنرەك ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ئىسسىق ناشتا تەييارلاپ ئايالىڭىزنى ئويغاتسىڭىز ، ئۇنى ئايلاندۇرۇپ كەلسىڭىز ، ئازراق سوۋغات ئېلىپ بەرسىڭىز ئۇلارمۇ شۇ كۈندە ئالاھىدە ئۆز قىممىتىنى ھېس قىلىۋالغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ، بۇنىڭلىق بىلەن بىز دىدىن چىقىپ كەتمەيدىغاندىمىز ؟ ئىسلامدىمۇ ئاياللارنى ئاسراش ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش تەكتىلەنگەنغۇ  ، ئەجەبا سىز شۇ كۈنى ئايالىڭىزنىڭ ئازدۇركى خىزمىتىدە بولۇپ قالسىڭىز كاپىر بولۇپ كېتەسىزمۇ ؟
  قايسى بىر ئىنكاسلاردە . قايسى قەۋمنى دورىساڭ سەن شۇ قەۋمدىن دېيىلگەن شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ بايرامنى ئۆتكۈزمەسلىكىمىز كېرەك ،
بۇنى قايسى بىر يەھۇدىلارنىڭ مەلۇم بىر ئايال ئىلاھىنى ياكى باشقا سەۋەپلىك ئۆتكۈزۋىۋاتقان بايرام ئەمەس بەلكى ئاياللارغا ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۆتكۈزىلىۋاتقان بايرام ، مەيلى ئۇنىڭ ئەسلىدىكى كېلىپ چىقىشى قانداقلا بولسۇن ئاللىقاچان ئۇنىڭ شەكلى ئۆزگىرەپ بولدى .

      ئۈمۈد يۇلتۇزى ئەپەندىم توغرا بۇ بايراملارنى بىزگە باشقىلار بەلگىلەپ بەرگەن ، ئاللا پەقەت ئىككىلا بايرامنى بەلگىلەپ بەرگەن . باشقىلار بەلگىلەپ بەرگەننى بىز بىلىمز ، بىز ھەرگىزمۇ  ب د ت دىكى پالانچى غوجامكاملار بۇ كۈننى ئاياللار بايرىمى قىلىپ بېكىتىپتۇ ، بۇلارنىڭ دېگىنى بەرھەق دەپ ئۇلارنى بېكىتكىنىنى پەرز دەپ بۇ بايرامنى ئۆتكۈزمەيۋاتىمىز . پەقەت ئۇلار پۈتكۈل خەلقئارادىكى كىشىلەرگە ۋاكالىتەن مۇشۇ كۈننى بىر ئالاھىدە قىلساق دىگەننىلا بېكەتكەن ، بۇ بىزنىڭ روزى ھېيت ،قۇربان ھېيتلىرىمىز بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرق قىلىدۇ ئەلۋەتتە .
  قايسى قەۋمنى دورىساڭ شۇ قەۋمدىن ، يەھۇدىلار ئۆتكۈزگەن بايرامنى بىز قىلمايمىز دەپ يۈرسەك يەھۇدىلاردىن ئۆرنەك ئېلىپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز نۇرغۇن نۇرغۇن ،ئەگەر بىز ئۇلارنى دورىساق راستىنلا دىندىن چىقىپ كېتىدىغان ئىش بولسا بولدى ھەممىنى قىلمايلا ، 19 ئەسىرنىڭ ئالدىنى مەزگىللىرىگە قايىتىپ ياشايلى ،
 سېتىرالار بايرىمى ، ئەمگەكچىلەر بايرىمى ، مۇخبىرلار بايرىمى ، بايرام ھەقىقەتەن تولا ، بۇ بايراملار ناھايىتى ئاددى بىر بايرام خالاس ، شۇ كەسپ ئىگلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ، شۇلارنى ھۆرمەتلەش ، شۇلارغا ئۆز قىممىتىنى بىلدۈرۈشتىن باشقا مەقسەت يوققۇ ، ئۇنىڭ دىن بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى ،ئاللا بۇنى ئەلۋەتتە راۋا كۆرىدۇ . 
   

       ئۈمۈد يۇلتۇزى ئەپەندىم سىز يوقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك بىر قانچە ئادەم ئولتۇرۇپ بېكىتىپ بەرگەن كۈن بايرام  ھېساپلانمايدۇ ، ئۇ بايرامنى ئۆتكۈزسە گۇناھ بولامدا ؟
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-03-10, 16:24
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+5(kokturuk) نادىر ماقالە
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-03-10 16:18 |
    kamil

    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 452
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 76
    شۆھرەت: 460 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 460 سوم
    تۆھپە: 260 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 260 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-08
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى ئويلىشىپسىز ozturuk
    ،لېكىن سىزنىڭ بۇندىن بۇرۇن ۋە مۇشۇ قېتىملىق 8-مارت خانىم-قىزلار بايرىمىنى ئۆتكۈزمىگىنىڭىزدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم، توغرا بۇ بايرام دىن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ،مۇناسىۋىتى بار دېسە بايرام ئۆتكۈزگىچىنىڭ بايرامنى قانداق سورۇندا قانداق شەكىلدە ئۆتكەزگىنى مۇناسىۋەتلىك خالاس!!سىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى 8-مارت خانىم-قىزلار بايرىمىنى خوشال-خورام،چەكسىز بەخىت ئىچىدە ئۆتكۈزىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.....
    music bagdax
    تورپاق
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-10 16:36 |
    oguzhan
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 59
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 305
    شۆھرەت: 1560 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1560 سوم
    تۆھپە: 929 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 929 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 574(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-26
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

       نورۇز  بايرىمى   ئۆتكۈزسە   بولامدۇ   بولمامدۇ   ؟   بۇ   ئىسلامدا   بەلگىلەنمىگەن  ئەمما   مىللىتىمىزنىڭ   بايرىمى  .   بىلىدىغانلار   جاۋاپ   بەرسەڭلار   .
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-10 16:59 |
    ozturuk
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 860
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 18
    شۆھرەت: 143 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 139 سوم
    تۆھپە: 80 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 81 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

      ئۈمۈد يۇلتۇزى تېز جاۋاپ بېرىڭ ،  نورۇزنى ئۆتكۈزسە بولامدۇ ؟
     يېقىندا سىزنىڭ گېپىڭىز بويىچە 4 ئادەم ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇپ نورۇزنى خەلقئارالىق بايرام قىلىپ بېكىتپتۇ ، بۇنىڭدىن خەۋىرىڭىز بارمىكىن ؟
    hawar
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-10 17:01 |
    umudyultizi923
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 859
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 31
    شۆھرەت: 170 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 170 سوم
    تۆھپە: 99 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 99 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-28
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۆز تۆرك سىز مەندىن سورىماي قۇرئان ھەدىستىن سوراڭ.خالىسىڭىز ھەر كۈنى بايرام قىلسىڭىز بولىدۇ ،بەلكى كۆپراق تىرىشسىڭىز  يەنە نۇرغۇن ئاخىرى چىقماس بايراملانى پەيدا قىلالايسىز.
    بۇ بىر تاللاش يولى سىز قايسىسىنى تاللىسىڭىز ئەركىنسىز  بەلكىم بىر كۈنلەردە بۇنىڭ خۇلاسىسى چىقىپ قالار.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-10 18:11 |
    kamil

    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 452
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 76
    شۆھرەت: 460 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 460 سوم
    تۆھپە: 260 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 260 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-08
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى oguzhanدە2011-03-10 16:59يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
       نورۇز  بايرىمى   ئۆتكۈزسە   بولامدۇ   بولمامدۇ   ؟   بۇ   ئىسلامدا   بەلگىلەنمىگەن  ئەمما   مىللىتىمىزنىڭ   بايرىمى  .   بىلىدىغانلار   جاۋاپ   بەرسەڭلار   .

    مېنىڭچە نورۇز بايرىمىلا ئەمەس ھەرقانداق بايراملارنى ئۆتكۈزسەك بولىدۇ،مەسلەن يېڭى يىل دېگەندەك ،ئۆزىمىز يېڭىدىن پەيدا قىلساقمۇ بولىدۇ دەپ قارايمەن،چۈنكى بىزنىڭ بىرەر بايرامنى ئۆتكۈزىشىمىز مۇھىم ئەمەس بەلكى بايرامنى قانداق شەكىلدە،ئىدىيىدە ئۆتكۈزىشىمىز مۇھىم دەپ قارايمەن.(مېنىڭ بۇ كۆز-قارىشىم كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدەتوغرىمۇ-خاتامۇ ئۇقمايمەن،بۇ پەقەت مېنىڭ شەخسىي كۆزقارىشىم-خالاس)ئەگەريېڭى يىلدا بىر نەچچەيلەن بىر جايغا يىغىلىپ مۇڭدىشىپ ،ئۆزئارا پىكىرلەشسەك،خىزمەت ،تۇرمۇش بېسىمىمىز يىنىكلەيدۇ،قايتاشىمىزدا ئازراقتىن پۇل چىقىرىشىپ ئاجىز-ئۇرۇق،يىتىم-يىسىرلارغا ئىئانە قىلساق،يىغىلغان دوسلارمۇ خوشال ،ئاشۇ ئىئانىنى قۇبۇل قىلغانلارمۇ بايرام خوشاللىقىغا چۆمىدۇ ئەمەسمۇ~!بۇنداق يېڭى يىل ئۆتكۈزۈش ئىسلامدا چەكلەنمەس بولغايدى؟يەنە دېسەم يەنە شۇ ،مەيلى ئۆزىمىزنىڭ بايرىمى بولسۇن ياكى باشقا مىللەتلەرنىڭ بايرىمى بولسۇن ،مېنىڭچە ئىسلامدا چەكلىنىدىغىنى بايرام ئەمەس بەلكى بايرامنىڭ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى خارەكتىرىنىڭ قانداق بولىشى..........
    music bagdax
    تورپاق
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-10 18:36 |
    bandit
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 554
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 41
    شۆھرەت: 220 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 220 سوم
    تۆھپە: 129 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 129 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن كامىلجاننىڭ پىكرىنى قوللايمەن....
      چۈنكى مۇشۇنداق بايرىملار بىزنى خوشاللاندۇردۇ....بىزگە ھەقىقى بەخىتنى ھېسقىلدۇردۇ...
       بۇنىڭغا قارشى چىققانلاردىن سوراپ باقسام،ئاشۇ بايراملاردا خىزمەت قىلامسىلەر ياكى دوستلىرىڭلار،ئۇرۇق-تۇققانلار بىلەن بىرگە خوشال-خورام بايرام شاتلىقىغا چۆمەمسىلەر؟؟؟؟؟؟سىلەرچە ھېچ ئىش بىلەن كارىڭلار بولمىسا بۇ دۇنيا قانداق ئۆزگۈرۇپ كېتەر؟؟؟؟؟
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-10 20:58 |
    turan
    تەپەككۇردىن ئايرىلغان كۇنۇم ھاياتىمنىڭ ئاخىرلا ..

    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 159
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 301
    شۆھرەت: 1654 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1654 سوم
    تۆھپە: 963 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 969 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 193(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى umudyultizi923دە2011-03-10 18:11يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    ئۆز تۆرك سىز مەندىن سورىماي قۇرئان ھەدىستىن سوراڭ.خالىسىڭىز ھەر كۈنى بايرام قىلسىڭىز بولىدۇ ،بەلكى كۆپراق تىرىشسىڭىز  يەنە نۇرغۇن ئاخىرى چىقماس بايراملانى پەيدا قىلالايسىز.
    بۇ بىر تاللاش يولى سىز قايسىسىنى تاللىسىڭىز ئەركىنسىز  بەلكىم بىر كۈنلەردە بۇنىڭ خۇلاسىسى چىقىپ قالار.

    پىكىرىڭىز تۇلىمۇ ئورۇنلۇق بۇ تېمىغا سۇكۇتتە تۇراي دىگەن ،پىكىرىڭىزنى  كۆرۇپ ئازىراق بىر نەرسە دىگۇم كەلدى مەنمۇ مۇنبەرداشلارغا قارشىمنى دەپ باقاي،قايسى بايرامنى ئۇ تكۇزۇش  ،قايسى بايرامنى ئۇتكۇزمەسلىك  ھەممىڭلارنىڭ ئەركىنلىگى، ئەلۋەتتە.بۇ ئەركىنلىكنى دۆلەت سىلەرگە بەرگەن،دىنى ئەركىنلىكنىمۇ شۇ ،ئەمما شۇنىسى ئىسىڭلاردا بولسۇنكى،ھاياتلىق ئۇلۇم بىلەنلا ئاخىرلاشمايدۇ،ياراتقۇچى زات تەرپىدىن قايتا ھاياتلىق بېرىلىپ مەھشەرگاھقا يېغىلغىنڭلاردا كاشكى،ئاشۇ بايراملرىڭلار سىلەرگە ئەسقاتسىچۇ؟شۇنچە ئۇچۇق بىشارەتلەرگە تەپەككۇرى ئۇتمىگەن ئىنسانلارنىڭ دېىللرى قۇلۇپلانغاندۇ،تايىنلىق،جانابى اللە مۆمىنلەرگە ئىككى ئالەملىك ھىدايەت قىلغاي!......
    hawar
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-10 21:36 |
    iwirgholl

    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 66
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 286
    شۆھرەت: 1645 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1660 سوم
    تۆھپە: 946 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 946 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 597(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-26
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

       تەركىي دۇنيا بولساق بولامدۇ نىمە............
    تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن قانچىلىك ئاتا قىلغىنىڭنى ئويلا
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-10 21:50 |
    arsilan
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 201
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 67
    شۆھرەت: 335 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 335 سوم
    تۆھپە: 201 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 201 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 79(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىزگە ئاتا ئانىلىرىمىز ، ئات ، ئىشەك ، چوشقا  فامىلىلىرى بىلەن باشلىنىدىغان ئىسىملارنى قويماستىن ، ئەخمەت ،مۇھەممەت ، ياقۇپ ،ئىبراھىم ، باھادىر  دىگەندەك ئىسىملارنى قويغان ،بىز ئىسلام ئۈستىگە تۇغۇلغان بەندىلەر ، ئىسمىڭلارنى شۇنداق فامىلىلىك ئىسىملارغا ئۆزگەرت دىسە بىز ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايمىز ، چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان ھېساپلايمىز . بىز تەقۋادار مۇسۇلمانلاردىن بولالمىساقمۇ ،ئازراق بولسىمۇ ھىمايە قىلغۇچىلاردىن بولالىساق نەقەدەر ياخشى . كىشى بىزگە دوزاققا كىرىپ كەتسۇن دەپ خاتا يولغا ئىتتەرگىنى يوققۇ ،بىزگە ياخشى بولسۇن دەۋاتقاندۇ ،
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-10 23:09 |
    ilim
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 35
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 211
    شۆھرەت: 1472 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1498 سوم
    تۆھپە: 808 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 815 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 293(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسىلام قېرىنداش
    بۇ بايرامنى كىمنىڭ ئۆتكەزگۈسى يوق دەيسىز ؟مەن ئىككى يىل ئىلگىرى
    <ئايالىم مەن سىنىڭ بايرىمىڭنى خويمۇ ئۆتكۈزگۈم بار> دەپ بىر يازما يازغان
    يازما يازغان ۋاقتىمدا ئىچىلىرىم شۇنداق ئاچچىق بولغان .مەن شۇ يىلدىن باشلاپ
    ئاياللار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدىغان بولدۇم .لېكىن مەجبورەن ئەمەس
    ئايالىمنىڭ قەتئىي رازىلىقى بىلەن شۇنداق قىلدىم .
    بۇ بايرام بىزگە ھارام ئىكەن .خالقارا پەتىۋا كومىتىتى شۇنداق بىكىتكەن ئىكەن
    مۇسۇلمان بولغان سىز بويسۇنماي ئامالىڭىز يوق .ئەگەر سىز تەقۋا مۇسۇلمان بولاي دىسىڭىز .
    لېكىن شەكلەن مۇسۇلمان بولۇپ باقاي .ياكى ئاياللار بايرىمىنى ئۆتكۈزىدىغان لېكىن
    باشقا باتىل بايراملارنى ئۆتكۈزمەيدىغان تەقۋا مۇسۇلمان بولاي دىسڭىزمۇ بىز
    سىزنى توسالمايمىز ..ھاھاھا..چۇنكى ھېچكىم سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىزنى بۇغمىدى .
    ھاتتا ئەرەبىستاندا ،مىسىردا خۇپىيانە ھالدا ياكى ئاشكارە ھالدا  بۇ بايرامنى
    ئۆتكۈزىۋاتقانلار بار .بۇلارنىڭمۇ ھاياتىغا خەۋىپ يەتمەي ئۆتكۈزىۋاتىدۇ ئەنە .
    بۇنداق مەسىلىلەردا <مېنىڭچە > ئەسقاتمايدۇ قېرىنداش قوساقتىكى بىلىم ئەسقاتىدۇ .
    ئەگەر دىنى بىلىم چولتا بولسا پەتىۋا چىقىرىشقا قادىر بولمىسىڭىز پەتىۋا چىقرالايدىغانلاردىن
    سورايسىز بۇ مۇسۇلمان بىلىشكە تىگىشلىك ۋە ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك ئەقەللىي ساۋات
    <ياق ئۇنداق قىلمايمەن ئۆتكۈزىمەن > دەپ ۋاقىرسىڭىز ئىختىيار .<مېنىڭچە> دەپ پەتىۋا
    بەرگىنىڭىزنىڭ جازاسىنى ئاللاھ خالىسا تارتىسىز .
    2.ئالدى بىلەن بۇ بايرامنىڭ بىر ئۇچى يۇناندىن كەلدى يەنە بىر ئۇچى ئاياللارنى
    ھەقىقەتەن ئەزىزلىمىگەن خىرىستىيان دۇنياسىدىكى ئاياللارنىڭ چوقانلىرىدىن كەلدى .
    لېكىن كېيىن يەنە بىر غەيرى ئۇچ پەيدا بولدى .ئۇ بولسىمۇ <ئۇچىغا چىققان >
    ئەركىنلىك شامىلى يېپىشتى بۇ بايرامغا .ھازىرقى زاماندا بۇ تەرەققىي قىلىپ
    غەيرى ئۆسمە ھالەتكە كەلدى .بۇنى دىمىسەممۇ بىلىسىز .
    مېنىڭ ئۆيۈم توتكوچا سودا كوچىسىغا يېقىن . ئىككى يىل ئىلگىرى مەن شۇ ئاياللار بايرىمى
    كۈنى كەچتە ئايالىم بىلەن سىرتقا ئايلىنىپ چىققان ئىدۇق .ئايلىنىپ قايتاشىمىزدا
    سورۇندىن قايتقان نۇرغۇن ئاياللارنى كۆردۇق .ئۇلار ئالا تاغىل ۋاقىرىشپ سەت
    چاخچاقلىشىپ كىېتىپ بېرىشاتتى .بەزىلىرى مەس بولۇپ قاپتۇ ..بەلكىم ھەممىسى
    ئىچمىگەندۇ .لېكىن شۇ كۈنى ئۆيگە كىرىپ كەتكۈچە ئاز بولمىغان سەت ئىشلارنى
    كۆردۈم .بۇ يەردە بىر بىرلەپ دىيىشكە ئاغزىم كۆيىدۇ .
    قاراڭ تورلاردا ئىجتىمائىي ئەخلاقنى ئەڭ ياخشى ۋە ئەركىن تەشۋىق قىلىۋاتىمىز .
    بولۇپمۇ ئىسلام قىممەت قارىشى ۋە ئەخلاقىنى تەشۋىق قىلىۋاتىمىز .ھازىر پەقەتلا
    مۇشۇ ئۈنۈملۇك ئۇسول بار .
    قىسقىسى بىز ئىھتىيات قىلىۋاتقان نەرسە ئىككى ،بىرى پەتىۋا كومىتىتىنىڭ ھارام دەپ پەتىۋا قىلىشى بىلەن بۇ بايرامنى
    ئۆتكۈزۈشكە شۈبھە چۈشۈپ قېلىش .ئىككىنچىسى بولسا يەنىلار شۇ غەرىپ ۋە غەيرى مەدەنىيەتنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ بىزنى
    ئاستا ئاستا چىرىتىشى .بىز ئۆتكۈزمەسلىككە ئۈندەۋاتقان تۇغۇلغان كۈن ،ئاشۇق مەشۇق بايرىمى دىگەندەك بايراملاردا
    غەرىپ قىممەت قارىشىنىڭ ئوچۇق ئىپادىلىرى بولغاچقا ئۆتكۈزۈشنى بەلكىم سىزمۇ قارشى تۇرىسىزغۇ دەيمەن .دىمەك
    ماۋۇ ئاياللار بايرىمىمى شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندور .بولسا ئايالىڭىز بىلەن ئىككىڭىزلەرنىڭ ئەڭ خاتىرىلىك كۈنلىرىڭىزلەرنى
    بىكىتىپ مەيلى بىر يىلدا بەش قېتىم بايرامدەك ئۆتۈزەمسىز بولىۋىرىدۇ ئەمەسمۇ .مانا مەن شۇنداق قىلىپ كېلىۋاتىمەن .
    ئايالىم مەندىن بەك رازى .ئۆزەمنى ئاز ماختاي .
    سىزگە مەسلىھىتىم بولسا يەنىمۇ ئىزدىنىپ باقسىڭىز
    ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ بەدىنىدە <مەدەنىيەت ئاسمىلاتسىيەسى> گە قارىتا
    قارشىلىق شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىپ باقساق،بەلنى ئۇنداق ئاسان قويىۋەتمىسەك  ..قانداق دەيسىز ؟
    [ بۇ يازمىنىilimدە2011-03-11 00:03قايتا تەھرىرلىدى ]
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-10 23:45 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «12345»Pages: 1/6     Go
    Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە