2-قىسىم.
ئوردا ئىچى، تەخىتتە ئۇزۇن شاھانە تون كەيگەن باغداش كېرىلىپ ئولتۇرىدۇ، يېنىدا ئەلقۇندى قولىغا بىر 50 سۇڭلۇق خاتىرە كومپىيۇتىرىنى ئېلىپ، تۇتاشتۇرۇش ئويۇنى ئوينايدۇ(لىيەنلىيەنكەن)، ئۇنىڭ قېشىدا ئاقىللاردىن ئەركىم، سۇمران، مەڭگۈتاش قاتارلىقلار ئۇزۇن قاشلىرىنى تاراپ، ساقاللىرىنى ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا رەڭگارەڭ لىنتىلارنى تاقاش بىلەن ئاۋارە.
شاھانە كۇرستا مەلىكە ئەسلىمە يېنىدا سەھەر كۈيى، گۈلباھار، گۈزەل دۇنيا، ئاقگۈللەرنىڭ ھەمراھلىقىدا شىپتىكى ياغاچلارنى ساناش بىلەن ئاۋارە.
ئوڭ تەرەپتە تەسۋىي سېرىپ تۇرغان ئىلىم، يانچۇقىدىكى تۇخۇمنى كىمگە ئارقا ئىشىك قىلىشنى بىلمىگەن توخۇتۇر، قولىدا خىيالەن مائۇسنى تۇتۇپ، ئويۇننىڭ داۋامىنى ئويناۋاتقان كۆكتۈرۈكلەر قاتار تىزىلىپ تۇرۇپتۇ.
-ھە، قېنى تۇمان تارقىتالايدىغان ئەزمەتلەر، -ئەلقۇندى بىر كىتاب قېلىنلىقتىكى ئۈچ پارچە جەدىۋەللەر توپلىمىنى ئۇلارغا بەردى.-سىلەر مۇشۇ جەدىۋەللەرنى تولدۇرۇپ كېلىڭلار، ئاندىن بۇنىڭ كەينىگە ئەللىك مىڭ خەتلىك تۇماننى قانداق تارقىتىمىز دىگەن مەزمۇندا بىر پارچە دوكىلات خاتىرىسى يېزىپ كېلىڭلار. بۈگۈن باغداش شاھنىڭ مىجەزى يوق، كۆڭلى نۇرۇز ئېشى تارتىپ قاپتۇ. كىلەر ھەپتىنىڭ مۇشۇ كۈنى ئوردىدا كۆرۈشەيلى.
-تەقسىر، تەقسىر..-دېدى ئىلىم چىشسىز ئاغزىنى مۇكۇلدىتىپ، بۇنچە جىق جەدىۋەلنى تولدۇرۇپ بولغۇچە قەلەم توشماسمىكىن، قەلەمنىمۇ قوشۇۋەتسەكمىكىن.
-مۇشاۋىر بولغۇچە بىرەر قەلەمنىڭ مەرىدىن ۋاز كەچسىلەمىكىن، ئىلىم ھەزرەت.-دېدى ئەلقۇندى تەئەددىي بىلەن.
-توخۇ پېيىنى، توخۇ قېنىغا تەككۈزۈپ توشقۇزساقمۇ بولامدۇ؟-دېدى توخۇتۇر يانچۇقىدىكى تۇخۇمنىڭ ئەلقوندىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قۇلىقىغا ‹‹جىڭ يەرلىك تۇخۇم›› دەپ قويدى.
توخۇمنى كۆرگەن ئەلقۇندى يۇمشاپ قالدى.
-مەيلى ئەمىسە ياش توخۇنىڭ قېنىنى ئىشلىتەرلا، خەتلەرنى تونۇغىلى بولسۇن،
-ماقۇل، ماقۇل، گۆشىنى ئۆزلەگە يەتكۈزۈپ بىرەي.
ئەلقوندى جاۋاب بەرمىدى، قولىدىكى ئاخىرقى جەدىۋەلنى كۆكتۈرۈككە بەردى. كۆكتۈرۈك ئاستاغىنە:
-ھەزرىتىم، بۇنىڭ تور نۇسخىسى بولسا، توردىنلا چۈشۈرۋالساق بوپتىكەن. تولدۇرۇپ يۈرىمەن دىگۈچە، مەن بىر كىتابلىق شېئىر يېزىپ بولىمەن.
-ئاھاي، بايامتىن دىسىڭىز بولمامدۇ؟ ئوردىنىڭ پىرىنتىرىنى ئاۋارە قىلغۇچە. –ئەلقوندى يانچۇقىدىن بىر ئادىرىسنى ئېلىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدى.-مانىڭغا كىرىپ تولدۇرۇپ ئىۋەتىڭ.
-توك پۇلى ئىسراپ بولىدىغان بولدىدە،-دېدى ئىلىم.
-مىڭ تولدارسىمۇ يەنىلا مەن ئەپ كەلگەن تۇخۇمچىلىك تولدۇرالمايدۇ.-دېدى توخۇتۇر.
-يارلىق تامام، ھەممەيلەن قايتىشقايلا.
-تۆۋۋە خۇدايىم، ماۋۇ تۇمان تارقىماي ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىگە ۋەھىمە تارقاتسا، جەدىۋەل توشقۇزيۇڭ دەيدىيا بۇ ئەلقۇندى؟
دىدى كۆكتۈرۈك ئاچچىغىدا .
-مەن يەنىلا كۈمۈش سودام بىلەن توخۇلىرىمغا قاراي جۇما، بۇ باش مۇشاۋىرلار چېچىغا لىنتا ئېسىپ، قىزىل يېشىل بوياپ يۈرگەندىكىن بۇلارنىمۇ كۈنى تەسكەن-دەپتۇ توخۇتۇر.
-بۇلاردىن سورىۋالماپتىمەن، ئۆزۈم ياسىغان ھالال تاڭخۇلۇ يەمدىكىن؟
-ۋاي يىسىمۇ بىكارغا بەرسىلە يەيدۇ.
-شۇ ئەمەسمۇ، ئويۇن ئوينىغان بولسام نۇرغۇن ئۇتۇپ بولاتتىم.
ئۇلار تارقىلىپ كىتىپتۇ. توخۇتۇر بېرىپلا تۇخۇملارنى ساناپ ئۆتكۈزىۋىلىپ، ئىشتان بېغىدىكى بىر توپ ئاچقۇچلار ئىچىدىن بىر تال ھەم ئۇزۇن، مۇرەككەپ، ياغاچتىن ياسالغان ئاچقۇچنى ئېلىپ، گەمىگە كىرىپ، تۇخۇملارنى كۈرۈك توخۇنىڭ ئاستىغا قويۇپ بىرىپ يېنىپ چىقىپ، بىر چۈجىنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ قېنىغا چۈجە پېيىنى چىلاپ جەدىۋەللەرنى توشقۇزۇشقا باشلىدى.
ئىلىم بولسا قايتىپ كىلىپ جەدىۋەللەرنى ئوغلىغا تۇشقۇزۇپ قويۇشنى ئېيتىپ، ئۆزى تاڭخۇلۇ ساتقىلى چىقىپ كەتتى. ئوغلىنىڭ ساۋادى ئەمدى چىققان بولۇپ، ھەممە بوش ئورۇنغا ھەرىپلەرنى، ‹‹ياخشى ئوقۇپ ۋەتەنگە ياراملىق ئادەم بولايلى ›› دىگەندەك مۇئەللىمى ئېيتىپ بەرگەن جۈملىلەرنى توشقۇزۇپ قويدى.
كۆكتۈرۈك بولسا تورنى ئېچىپ باغداش تورىغا چىقىپ، چۈشۈرۈڭ سەھىپىسىدىكى جەدىۋەلنى چۈشۈرۈپ، ئۇنى ئاپتۇماتىك تولدۇرۇشقا پىروگىرامما تۈزۈپ قويۇپ ئۆزى يەنە ئويۇن ئويناشقا كىرىشىپ كەتتى.
ئەتىسى ھەممەيلەن يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىپ جەدىۋەللەرنى ئېلىپ ئوردا ئالدىدا ھازىر بولدى. ئوردا جاكارچىسى مىراس ئەپەندى ئۇچىسىغا يوللۇق تون، بېشىغا پىپى تۇماق كەيگەن ھالدا ئوردا ئالدىدا ئولتۇرۇپ بۇيرۇق كۈتىۋاتقان ئۈچەيلەننى چاقىردى:
-ئۈچ ئەپەندىم ئوردىغا كىرگەي!!!
ئۇلار كىيىملىرىنى قېقىشتۇرۇپ ئوردىغا كىردى. ئەلقۇندى 50 سۇڭلۇق خاتىرە كومپىيۇتىرىنىڭ ئۈستىگىلا ئورۇن سېلىپ ئۇخلاپ قالغان، باغداششاھ بولسا باغداش تورىغا چىقىپ خەۋەر كۆرىۋاتقان، ئەسلىمە ئۆزىنىڭ ئاداشلىرى بىلەن كىپىنەك قوغلاپ ئويناۋاتقان ئىكەن. ئۆلىما، ئاكابىر-ئەشرەپلەر بازاردا يېڭى بىر چاچ بويىقى چىقىپتۇ دەپ ئالغىلى كىتىپتۇ.
-ھە، جەدىۋەللەرنى تاپشۇرىلى،-مىراس كېلىپ جەدىۋەللەرنى ئېلىپ باغداش شاھقا ئەكەپ بىرىپتۇ، شاھ بۇ جەدىۋەللەرنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ تېشىغىلا قاراپ:
-ھە، پۇقرالىرىم، قېنى ئاغزاكىيلا دەپ ئۆتۈڭلار. تۇماننى قانداق تارقىتىمىز؟
ئۈچەيلەن بىر-بىرىگە قارىشىپتۇ.ئارىدىن توخۇتۇر شارتتىدە ئالدىغا چىقىپ:
-دىمەكچى بولغىنىم، تۇمان دىگەن ئەتىلا تارقاپ كىتىدۇ، بۇنى تارقىتىپ يۈرمەيلى!-دەپتۇ.
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئىلىم ئالدىغا يەنە بىر قەدەم مېڭىپ:
-بۇ ئارىمىزدا كاززاپ ئادەملەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىدۇر. شۇڭا نۇرۇز، ئاياللار بايرىمى، ئالداش بايرىمى ئۆتكۈزمەيلى، شۇندىلا پاسىقچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.
باغداش شاھ يوق ساقىلىنى سىقىمداپ بىر ھازاغىچە تاراپ ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن:
-كۆك كىيىم كىيىۋالغان ھەزرىتىم، سىزچىچۇ؟
كۆكتۈرۈك ئەدەبىي قابىلىيىتىمنى شاھ بىلمەي قالمىسۇن دەپ، گەپنى پاساھەتلىك قىلىشقا تىرىشىپتۇ:
-ھۆرمەتلىك، ئۇلۇغ، باشلىق، كېلىشكەن، قامەتلىك، ئورۇندۇقى ئىسىل، تىرىشچان....
-نىمە دىمەكچى؟-دېدى توخۇتۇر توخۇ پېيى چاپلاپ ئۇزارتىۋالغان ساقىلىنى سىقىمداپ.
-گېپىمنى بۆلمەڭ، ھۆرمەتلىك باغداش ئالىيلىرى، مەن دەيمەنكى، پۈتكۈل باغداش ئەھلىنى ئېلىپ چىقىپ تۇمانغا ھېكايە ئوقۇپ بىرەيلى.
-ھاھاھا.....-مۇشاۋىرلىقنى كۆكتۈرۈك تارتىپ كىتەرمۇ دەپ ئەنسىرەپ تۇرغان ئىلىم خوش بوپ كىتىپتۇ. –موشۇنداقمۇ ئامال بولامدۇ؟ ئىشىنى قىلسۇنا.
-نىمە دەيسىز، مەن بۇنى توردىن تاپقان ئامال.
-ئۆمۈچۈك تورىدىنما ؟-دەپتۇ توخۇتۇر. –ئۆمۈچۈك بولسا تۇتۇپ قويسىلا كۆكتۈرۈك، ئۆمۈچۈك يىگەن توخۇنىڭ تۇخۇمى دەپ ماركا ئالاي.
-ئاندىن ئۇنى چايغا چىلاپ پىشۇرامدىلا؟
-ياق، تاڭخۇلۇ قىلايمىكى.
-سېسىق گەپ قىمىسىلا.
-سېسىق گەپ قىلمىدىم.
-پالاق تۇخۇمدەك گەپ قىلىدىكىنا ما ئادەم.
-جىم........
ئەلقۇندى ۋاراڭ چۇرۇڭدىن ئويغىنىپ كىتىپتۇ. باغداش شاھمۇ بۇ غەلۋىدىن قۇلىقى ئاغرىپ ۋاقىراپتۇ.
-سىلەرنى غەيۋەت قىلىۋالسۇن دەپ چاقىرمىدىم.
-ئەمىسە مۇشاۋۇرلىقنى...
-تۇماننى تارقىتىڭلار، بولمىسا سىلەرنى تۈرمىگە قامايمەن.
ئۇلار جىم بوپ قاپتۇ، شۇ ئەسنادا ئەلقۇندى گەپ باشلاپتۇ:
-تۇمان تارقىتىدىغان ئامال شۇنداق قىلىپ تېپىلدىمۇ؟
ئۈچەيلەن بىر-بىرىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ ئۆزىنى قاچۇرۇپتۇ، دەل شۇ چاغدا كۆكتۈرۈكنىڭ ئېسىگە بىر ئامال كەپتۇ.
-داد، شاھى ئالەم مېنىڭ بۇۋامنىڭ بۇۋىسى بىر چاغلاردا قارا دۆۋىنىڭ ئاستىدا، يارداڭلىقنىڭ قېشىدا بىر ئۆڭكۈردە ئويغانغان زىمىن ئىسىملىك بىر دانىشمەن بار. ئۇنىڭ بىلمەيدىغىنى يوق دەپتىكەن، شۇ بوۋايدىن سوراپ باقساق بوپتىكەن.
-قارا دۆۋە بۇ يەردىن قانچىلىك يىراق؟
-ئىشەكلىك ماڭساق، ئاۋال بوغازغا چۈشۈپ، ئاندىن ئۇدۇللاپ كۈنپېتىشقا قاراپ ماڭساق 25 كۈندە بارىمىز.
-يېقىن يول يوقما ؟
-بۇ يەردىن چىقىپ 1يولغا چىقىپ، پويىز ئىستانسىسىغا چىقىپ شۇ يەردىن ئۈستىگە سىۋەت باسقان قارا دۆۋىنىڭ ئاپتۇبۇسىغا چىقساق 2 سائەتتە بارىمىز.
- كۆكتۈرۈكنىڭ شەخسىي ماشىنىسىغا چىقىپ بارساق 1 سائەتتە بارىمىز.
-قارا دۆۋىگە بېرىۋالساق، ئۇنىڭ نېرىسىغا تۆگە بىلەن بارىمىز.
-ماقۇل، ئەمىسە پەرماننى قوبۇل قىلغايسىلە.
يارلىق:
كۆكتۈرۈك، ئىلىم ۋە توخۇتۇرلار باغداش شاھنىڭ يارلىقى بىلەن تۇماننى تارقىتىشقا مەسئول بولىدۇ، ئۇلارغا ئوردىدىن 25 كىلۇ ماي بېلىتى، 2 خۇرجۇن سەپەر توقىچى ۋە ھەر بىر كۈنىگە 2.3 كويدىن كاماندۇرۇپكا پۇلى بىرىلىدۇ. 10 كۈن ئىچىدە تۇمان تارقىتىشنىڭ ئامالىنى قىلالمىسا، ئاشۇ يارداڭلىقنى ئېچىش رايونى قىلىپ، ئۇلارنى ئاۋانگارت ئاچقۇچىلار قاتارىدا ئالدى بىلەن كۆچۈرۈپ ئاپىرۋىتىلىدۇ. يارلىق تامام.
-ئاپلا....نىمىشقىمۇ بۇ بالا قازاغا كىرىپ قالغاندىمەن؟ -دەپتۇ ئىلىم يىغلاپ كېتىپ. –تاڭخۇلۇنى ئۇ يەردە كىمگىمۇ ساتارمەن؟
-خاتىرجەم بولۇڭ، ئۇ يەردە جىن-ئالۋاستىلار ماكان تۇتقان، شۇلارغا ساتارسىز.-دەپتۇ كۆكتۈرۈك.
-ئۇلار پۇلغا ئالارمۇ؟ پۇلغا ئالغان تەغدىردىمۇ ئۇ پۇللار ئوبرۇتقا كىرەرمۇ؟ ئالماشتۇرۇش نىسبىتى قانداق بولار؟
-كۈمۈش سورىمامدىلا، تەقسىرىم، ھازىر توردا كۈمۈشنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتتى دەيمەن-دەپتۇ توخۇتۇر كۈلۈپ كىتىپ، -ماڭا بەرسىلە مەن توردا ئايرىۋاشلاپ بىرىمەن.
- ماقۇل دەپتۇ ئىلىم ھىقىلداپ يىغلاپ تۇرۇپ.
ئۇلار مەيۈس قايتىپتۇ. كۆكتۈرۈك ئۆيگە بېرىپ ئويۇن ئويناشمۇ خۇش ياقماي، ئايالى ئېتىپ ئەكەلگەن مېزىلىك تاماققىمۇ باقماي يېتىۋاپتۇ.
[ بۇ يازمىنىtaratiدە2011-03-14 02:00قايتا تەھرىرلىد ]