ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
قارىشىڭىزغا قارشى ئەمەسمەن، لېكىن مەن كېلىشكەنلىكىمدىن 26يېشىمغا كەلگۈچە مۇھاببەتلىشەلمەي ئۆتكەنمەن، نىمىشقا ؟ قىزلار دائىم قىز دوستۇمنى سورىسا مەن يوق...دەيتتىمدە ھېچ بىر قىز ماڭا ئىشەنمەيتتى. راست گەپ يوق!!! ... ھازىر ھەم يەنە يوق!!!
دېمەككى، ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ مەنبەسىنى ئارىمىزدىكى كېلىشكەن يىگىتلەر ھەم چىرايلىق قىزلارنىڭ ھەممىسىگە ئارتىپ، جەمئىيىتىمىزدىكى ھەممە كېلىشكەن ئەركەك ۋە چىرايلىق قىزلىرىمىزنىڭ يۈزىگە قارا سۈركىمەيلى... مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئېتىقادسىزلىق، نومۇسسىزلىق،ئەخلاقسىزلىق... قاتارلىق بارچە كىرزىسنىڭ مەنبەسى بىزدىكى ئېتىقادى ئاساسنىڭ ئەسلىدىنلا بىر قەدەر تېيىز بولغانلىقى ياكى ئالدىنقى ئەسىردىكى تارىخى ۋەقەلەر سەۋەبلىك شەكىللەنگەن مەزگىللىك بوشلۇق، يەنە مائارىپ تۈزۈلمىسى، كۆچمەنلەر مەسىلىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك... ...
قىسمەن كېلىشكەنلەر سىز ئېيتقاندەك ھەقىقەتەن توغرا يولدا ماڭماي ئازدى... بۇ ئازغۇنلۇققا بىز قالقان بولالمىدۇق... شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ، بىز ھەم گۇناھكارمىز...