karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 447 قېتىم كۆرۈلدى
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 517
شۆھرەت: 3325 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3311 سوم
تۆھپە: 1860 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1894 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 965(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇر تىلىدىن ئاددى ساۋات

ئۇيغۇر تىلى (لىكسىېكا)ئۆگۈنۈش
لېكسىكا ھەققىدە ئومۇمىي چۇشەنچە

لېكسىكا تېخىمۇ توغرىسى لېكسىكولوگىيە دېگەن سۆز.
گرېك تىلىدىكى ‹‹››(سۆز) ۋە ‹‹››(تەلىمات،ئىلىم-پەن) دېگەن ئىككى سۆزدىن تەركىپ تاپقان تىلسۇناسلىق ئاتالغۇسى بۇلۇپ، ‹‹سۆزھەققىدىكى تەلىمات››،‹‹لۇغەت تەركىبى ھەققىدىكى پەن›› دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ. دېمەك، لېكسىكا تىلنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسىمى بولغان سۆز ۋە لۇغەت تەركىبىي سىستېمىسىنى تەتقىق قىلدىغان پەن .
6§.لۇغەت تەركىبى


بىرەر تىلغا مەنسۇپ بولغان بارلىق سۆزلەرنىڭ يىغىندىسى لۇغەت تەركىبى دەپ ئاتىلىدۇ.

لۇغەت تەركىبى بىر مىللەتنىڭ تىل بايلىقى ھېساپلىنىدۇ.ھەرقانداق تىلدىكى لۇغەت تەركىبىنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بۇلىدۇ. جۈملىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى ئۇزۇن يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن .

ئۇيغۇرتىلىنىڭ لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر قوللىنىلىش دائىرىسىگە قاراپ ئاساسىي لۇغەت تەركىبى ۋە ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى دەپ ئىككى تۈرگە بولۇنىدۇ.
 

1.
ئاساسىي لۇغەت تەركىبى

لۇغەت تەركىبى ئىچىدىكى ئەڭ تۇراقلىق، ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ بولغان ۋە يېڭى سۆزلەرنى ياساشتا ئاساس بۇلىدىغان سۆزلەر ئاساسىي لۇغەت تەركىبى دىيىلىدۇ.
ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەرتۆۋەندىكى ئۇچ
خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە:
1) ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەر شۇ تىلدا سۆزلىشىدىغان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن چۈشىنىشلىك بولغان كەڭ قوللىنىلىدىغان سۆزلەردۇر. شۇڭا ئۇ لۇغەت تەركىبىنىڭ مەركىزى ھېساپلىنىدۇ .
2) ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەر شۇ تىلدا ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ئۆزگەرمەي قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان ئاممىباب سۆزلەردىن ئىبارەت .
3) ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەر تىلىمىزدا يېڭى سۆزلەرنىڭ ياسىلىشىغا ئاساس بۇلىدۇ. تىلىمىزدىكى نۇرغۇن سۆزلەر ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنى قۇشۇش ياكى باشقا سۆزلەرنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ياسالغان.

2.
ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى

تىلىمىزدىكى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە تەۋە بولغان سۆزلەردىن باشقا بارلىق سۆزلەر ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە كىردىغان سۆزلەرنىڭ خۇسۇسىيەت، ئالاھىدىلىكلىرى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىردىغان سۆزلەرنىڭ خۇسۇسىيەت، ئالاھىدىلىكلىرىگە ئوخشاشمايدۇ. يەنى ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر شۇتىلدا سۆزلىشىدىغان ئۇمۇمىي كىشىلەرگە بىردەك چۈشىنىشلىك بولمايدۇ. ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىدىكى بىر قىسىم سۆزلەر ئايرىم كەسىپلەردە، يەنە بىر قىسىم سۆزلەر زىيالىيلار ئارىسىدىلا قوللىنىلىدۇ.

ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى تۇراقسىز بۇلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادى، مەدەنىيىتى، پەن-تېخنىكىسى، تۇرمۇش ئەھۋاللىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، بېيىپ تەرەققىي قىلىپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئۆزگىرىش ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىردىغان سۆزلەرگە قارىغاندا تېز ھەم زور بۇلىدۇ .

6-
كۆنۈكمە:ئەدەبىي كىتابلاردىن قىسقا بىر ئابزاسنى ئوقۇپ، ئۇنۇڭدىكى ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە تەۋە بولغان سۆزلەرنىڭ ئاستىغا سىزىڭ.

7-
كۆنۈكمە:ئۆز يۇرتىڭىزدىكى يەرلىك شېۋە سۆزلىرىدىن 10نى يېزىپ كېلىڭ.
 
7§. چۇشەنچە ۋە سۆز

ئوبىيېكتىپ شەيئىلەر ۋە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى
كىشىلەر مېڭىسىدە ئەكس ئېتىشى چۇشەنچە (ئۇقۇم) دەپ
ئاتىلىدۇ.
مەسىلەن:‹‹قەلەم›› دېسەك، بۇ سۆز يېزىقچىلىقتا قوللىنىلىدىغان بىر خىل قورال نامى (تىل بەلگسى)نى
بىلدۇرىدۇ، بىز ئۇنىڭدىن خەت يېزىشتا ئىشلىتىلىدىغان
مېتال ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەردىن ياسالغان
يېزىقچىلىق ئەسۋابى دېگەن مەنىنى بىلەلەيمىز.

بەلگىلىك بىر مەنىگە ئىگە ، ئەركىن ئىشلىتىشك
بولىدىغان تىل بىرلىكى سۆز دەپ ئاتىلىدۇ.

مەسىلەن: كۈن، كۆمۈر، سۇ، باغ، تاغ، ئادەم، ئوقۇغۇچى،
كىيىم، گۈزەل، بەش ۋە باشقىلار،جۈملە سۆزلەرنىڭ بىرىكتۈرۈلىشىدىن تۈزۈلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزنى جۈملىنىڭ ئەڭ زۆرۈر قۇرلۇش ماتېرىيالى دەيمىز . سۆز بولمىسا، جۈملە تۈزگىلى بولمايدۇ.
چۈشەنچە بىلەن سۆز بىر-بىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك ،لېكىن ئۇلار بىر نەرسە ئەمەس .ئىككىسىنىڭ پەرقىنى مۇنۇ بىر قانچەتەرەپلەردىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ:
1.ھەر قانداق چۈشەنچە سۆز ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، لېكىن
ياردەمچى سۆزلەر بىلەن ئىملىق سۆزلەر گەرچە سۆز ھېسابلانمىسىمۇ، ئەمما نەر نەرسىلەر توغرىسىدا بىرەر چۈشەنچە ئۇقۇمنى بىلدۇرەلمەيدۇ.

2.
چۇشەنچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ،بەزى
چۈشەنچىلەر ئككى ياكى ئۈنىڭدىن ئارتۇق سۆزنىڭ بىرىكىشى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.


مەسىلەن: ‹‹ئاقبۇلاق›› مەلۇم جاينىڭ نامى بولسىمۇ،لېكىن بۇ چۈشەنچە ‹‹ئاق›› ۋە ‹‹بۇلاق›› دېگەن ئككى سۆزنىڭ بىرىكىشى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.

بەزىبىر خىل چۈشەنچىلەر بىر قانچە سۆز ئارقىلىقمۇ ئىپادىلىنىدۇ.

مەسىلەن:يۈز-چىراي،جامال، رۇخسار، ھۆسن، دېگەن سۆزلەر بىر خىل
مەنىگە ئىگە.

3.
بەزىدە بىر سۆز ئارقىلىق بىرلا چۈشەنچىنى ئەمەس، بەلكى بىر قانچە
چۈشەنچە ۋە مەنىنى
ئىپادىلەشكىمۇ بۇلىدۇ .‹‹ئاق رەخت››،‹‹ئاق يول››‹‹ئاق كۆڭۈل›› دېسەك،‹‹ئاق›› سۆزى رەڭنى،ئوڭۇشلىقنى،سەمىمىيلىكنى بىلدۈرۈپ كەلدى.‹‹ئىشىك ئوچۇق››،‹‹ھاۋا ئوچۇق››،‹‹كۆڭلى ئوچۇق››،
دېسەك، ‹‹ئوچۇق››سۆزى ئۈچ خىل مەنىدىكى چۈشەنچىنى ئىپادىلەيدۇ.

8.
كۆنۈكمە:تۆۋەندىكى سۆزلەردە چۈشەنچىلەرنىڭ قانداق ئىپادىلەنگەنلىكنى سۆزلەپ بېرىڭ.
قەلىپ،سەلتەنەت، دەريا،گۈلدەستە، سوۋغا، تاپشۇرۇق،پائالىيەت،ساپ، ئويلاش،سالام.
8§.سۆز شەكلى ۋە سۆز مەنىسى

سۆز تاۋۇشلاردىن تۈزىلىدۇ، سۆزلەردىكى تاۋۇشلارنىڭ سانى ۋە بىرىكىش شەكلى ئوخشاش بولمايدۇ.

سۆزلەر تاۋۇش بىلەن مەنىنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزىلىدۇ. سۆزنىڭ تاۋۇشلۇق تۈزىلىشى ئۇنىڭ شەكلى بولىدۇ.

تاۋۇش سۆزنىڭ تاشقى پوستى، شەكىل سۆزنىڭ گرامماتىكىلىق شەكلى،مەنە سۆزنىڭ مەزمۇنىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزدىكى تاۋۇشلارنىڭ بىرىكىشى
مۇقەررەر بىر مەنىنى بىلدۈرىدۇ،شۇنداقلا ھەر قانداق بىر مەنە مەلۇم شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.دېمەك،ھەرقانداق سۆز تاۋۇش،شەكىل،مەنىدىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلنىڭ بىرىكمىسىدىن ھاسىل بولىدۇ.
بىر تىلغا نىسبەتەن، سۆز شەكلى بىلەن سۆز مەنىسى ئوتتۇرسىدىكى
باغلىنىش تۇراقلىق بولىدۇ. سۆز شەكلى ئۆزگەرسە،سۆز مەنىسىمۇ
ئۆزگىرىدۇ.

سۆزدە ئىپادىلەنگەن مەزمۇن سۆز مەنىسى دېيىلىدۇ.
9§.سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى ۋە كۆچمە مەنىسى

مەلۇم بىر سۆزنىڭ ئەسلىدىكى ئۆزىگە خاس لېكسىكىلىق مەنىسى سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى دېيىلىدۇ.


مەسىلەن: ئېگىز، گۈزەل يېزا


‹‹
سال›› سۆزىنى ئەسلىدە ‹‹ساندۇققا سال››،‹‹قازانغا سال›› دەپ
ئىشلىتىمىز. ھازىر ئۇنى يەنە ‹‹يولغا سال››،‹‹قۇلاق سال››،‹‹بەس سال››،‹‹نەزەر سال››،‹‹قول سال››،‹‹تەرتىپكە سال››،‹‹ئاھاڭغا سال››،‹‹مەبلەغ سال››دېگەندەك نۇرغۇن مەنىلەردە قوللىنىمىز.

سۆزنىڭ ئەسلىي مەنە ياكى كۆچمە مەنىدە كەلگەنلىكى يەككە سۆزدە ئىپادىلەنمەيدۇ، پەقەت جۈملە ئىچىدە كەلگەندىلا بىلىنىدۇ،سۆز بىرىكمىلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ.

مەسىلەن: ‹‹قۇشنىڭ قانىتى›› دېسەك، بۇ يەردىكى ‹‹قانات››سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسىدە كەلگەن.‹‹ئىشىكنىڭ قانىتى››،‹‹ئايرۇپىلان قانىتى››،‹‹ئات-ئوغۇل بالىنىڭ قانىتى››،‹‹قانىتىمدىن ئايرىلدىم››،‹‹قانات يايدۇرۇلدى››،‹‹قانات ئاستىغا ئالدى››قاتارلىق سۆزلەر ئەسلىي مەنىدە ئەمەس،بەلكى سۆزنىڭ كۆچمە مەنىسىدە كەلگەن.

سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى ئاساسىدا كېڭەيگەن مەنىلىرى سۆزنىڭ
كۆچمە مەنىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

مەسىلەن:
بۇلاقنىڭ بېشى، تاغنىڭ بېشى، ياشلىق باھارى، ئۈستەلنىڭ
پۇتى، ئىشنىڭ يولى، تۇرمۇش ئېگىز-پەس بولىدۇ، ناخشا چولپىنى، ئەقىل بۇسۇغىسى،ئىلىم نۇرى...

سۆزنىڭ كۆچمە مەنىسى شەيئىلەرنىڭ ھەرخىل خۇسۇسىيەتلىرىنى جانلىق
ئىپادىلەشتە مۇھىم رول ئوينىغاچقا، شېئىرلاردا كۆپرەك قوللىنىلىدۇ.

9-
كۆنۈكمە:تۆۋەندىكى سۆزلەرگە ئەسلىي مەنە ۋە كۆچمە مەنە بويىچە ئىككى
جۈملە تۈزۈڭ.

كۈن، قىل، ئىللىق
10§.بىر مەنىلىك سۆزلەر ۋە كۆپ مەنىلىك سۆزلەر

1.
بىر مەنىلىك سۆزلەر
ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ھەققىدە بىرلا مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىر مەنىلىك سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ.
مەسىلەن:قەشقەر، پېرسوناژ، سىنئالغۇ...

ئۇيغۇر تىلىدا بىر مەنىلىك سۆزلەرنىڭ سانى كۆپ ئەمەس. ئۇلارغا خاس ئىسىملار، پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرى، باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر ۋە يېڭىدىن پەيدا بولغان سۆزلەر كىرىدۇ.

2.
كۆپ مەنىلىك سۆزلەر

بىر ئاساسىي مەنە ۋە ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق بىرقانچە مەنىلەرنى
بىلدۇرىدىغان سۆزلەر كۆپ مەنىلىك سۆزلەر دىيىلىدۇ.

ئۇيغۇرتىلىدا كۆپ مەنىلىك سۆزلەرنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ.

مەسىلەن:ئاچ، سال، تاش، ئىسسىق، سوغۇق، ئاچچىق، تاتلىق، ئوچۇق دېگەنگە ئوخشاش.

كۆپ مەنىلىك سۆزلەر ئەسلى مەنىدە ۋە كۆچمە مەنىدە كېلەلەيدۇ.

مەسىلەن: ئوچۇق-ئىشىك ئوچۇق(ئەسلىي مەنىسى). ھاۋا ئوچۇق، كۆزى ئوچۇق، قولى ئوچۇق، ئاغزى ئوچۇق (كۆچمە مەنىلىرى).
11§.مەنىداش سۆزلەر

شەكلى ھەرخىل، ئەمما مەنىلىرى ئوخشاش ياكى بىر-بىرىگە يېقىن سۆزلەر مەنىداش سۆزلەر دەپ ئاتىلدۇ.

مەسىلەن: ئۇلۇغ، بۈيۈك، يۈكسەك، يۈز، ھۆسن، چىراي، جامال، رۇخسار، بەت، تېتىك، جانلىق، جۇشقۇن قاتارلىقلار.

مەنىداش سۆزلەر مەنە جەھەتتىن بىر-بىرىگە يېقىن بولسىمۇ، جۈملە ئىچىدە قوللانغاندا بەزى پەرقلەر بۇلىدۇ. يەنى بەزى مەنىداش سۆزلەرنى جۈملىدە ئالماشتۇرۇپ قوللانسىمۇ بۇلىدۇ، بەزى جۈملىلەردە ئالماشتۇرۇپ قوللىنىشقا بولمايدۇ.

11-
كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى سۆزلەرگە مەنىداش سۆزلەرنى تېپپ يېزىڭ.

مەززىلىك:

ئاتاقلىق:

كۆپ:

سەزگۈر:

يۈرەك:
12§.شەكىلداش سۆزلەر

تىلىمىزدىكى يەنە بىر قسىم سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن
يېزىلىشى تامامەن ئوخشاش،ئەمما ئۇلارنىڭ مەنىلىرى تامامەن ئوخشىمايدۇ.

مەسىلەن: ياش-(ئىسىم) كۆزنىڭ يېشى، ياش-(سۈپەت) ياش
بالا، يۈز-(ئسىم) ئادەمنىڭ يۈزى، يۈز-(سان)يۈز يىل.


تەلەپپۇزى، يېزىلىشى ئوخشاش، ئەمما مەنىلىرى ئوخشاشمايدىغان سۆزلەر شەكىلداش سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ.

شەكىلداش سۆزلەرنى بىر نەچچە خىل مەنە بىلدۈرىدىغان ئوخشاش بىر سۆز دەپ قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى شەكىلداش
سۆزلەر شەكلى ئوخشاش، مەنىلىرى باشقا-باشقا سۆزلەردىن
ئىبارەت.

12-
كۆنۈكمە:تۆۋەندىكى شېئىرلاردىكى ئاستى سىزىلغان
شەكىلداش سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بېرىڭ.

1.
دەۋېرىش بەك ئۇيات ‹‹بىلمەيمەن، ۋاي-تاڭ››،

بىلىمنى ھەر قاچان دىلىڭغا چىڭ تاڭ.

تىرىشقىن ئىجتىھات بىلەن، بىزنى كۈتىدۇ،

ئالدىمىزدا كۆرۈنگەن ئاشۇ گۈزەل تاڭ.

2.
ئايرىماي يۈرۈپسەن‹‹ئا›› نى ‹‹ئە›› دەپ،
غەپلەپتە ھەددىڭدىن ئېشىپ، بەك ئەدەپ.
ئالىمەن دېسەڭ ئەل قەلبىدىن ئورۇن،
نومۇس قىل، ئۆزلەشتۈر ئەخلاق ۋە ئەدەپ.
13§.قارىمۇقارشى مەنىلىك سۆز

ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى سۆزلەر مەنە جەھەتتىن قارىمۇقارشى،
بىر-بىرىگە زىت ئۇقۇملارنى بىلدۈرىدۇ.

مەسىلەن: ياخشى-يامان، قىش-ياز، پايدا-زىيان، ھەق-ناھەق، ئاق-قارا، كېچە-كۈندۇز، قىز-ئوغۇل، شەرق-غەرب، ئاز-كۆپ...

قارىمۇقارشى مەنىلىك سۆز بۇلۇش ئۈچۈن بىر سۆزگە قارشى ياكى زىت مەنىلىك يەنە بىر سۆز بۇلىشى كېرەك .

مەنىلىرى ئۆزئارا قارىمۇقارشى بولغان سۆزلەر قارىمۇقارشى مەنىلىك سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ.

تىلىمىزدىكى قارىمۇقارشى مەنىلىك سۆزلەر بىر-بىرىگە زىت سانسىز شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، شەكىللىرى، ھەرىكەتلىرى، ھالەتلىرى، ۋاقتى ۋە ئورنى قاتارلىقلارنى بىلدۇرۇپ، روشەن سېلېشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ.

13-
كۆنۈكمە: قارىمۇقارشى مەنىلىك سۆزلەردىن تۈزۈلگەن ماقاللاردىن بەشتىن يېزىپ كىلىڭ.
14§.تىلىمىزدىكى تۇراقلىق تەركىبلەر

ئۇيغۇرتىلىدىكى تۇراقلىق تەركىبلەر مەنىسى ۋە تۈزىلىشىگە ئاساسەن ئىدىئوم، ماقال-تەمسىل ۋە ھېكمەتلىك سۆزدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

1.
ئىدىئوم

ئىدىئوم ئوخشىتىش، مۇبالىغىلەشتۈرۈش خاراكتېرىنى ئالغان بۇلىدۇ، مۇنداق ئىدىئوملار شۇ سۆزلەرنىڭ يەككە تۇرغان چاغدىكى مەنىسىدىن باشقىچە مەنىنى بىلدۇرىدۇ.

تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ ئەسلى مەنىلىرىدىن باشقىچە مەنىنى بۈلدۈرگەن تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى ئىدىئوم دەپ ئاتىلىدۇ.

مەسىلەن:‹‹ئاغزى قۇلىقىغا يەتمەك›› دېگەن ئىدىئوم ھەرگىز ئاغزى يوغىناپ قۇلىقىغا يەتكەنلىكىنى ئەمەس، بەلكى بەكمۇ خوشال بولغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.

14-
كۆنۈكمە:
تۆۋەندىكى ئىدىئوملارنىڭ ئاستىغا سىزىپ، ئۇلارنىڭ قانداق مەنە بىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ.

1)
بېشىنى تاشقا ئۇرماق

2)
خورىكى ئۆسۈپ قالماق

3)
مېغىزىنى چاقماق

4)
قولى ئۇزۇن

5)
كۆڭلى تۇز

2.
ماقال-تەمسىل

تىلىمىزدىكى تۈزۈلۈشى بۇختا، چوڭقۇر مەنىلىك، ئۈلگە، نەسىھەت، ئىبرەت خاراكتىرىدىكى تۇراقلىق جۈملىلەر ماقال-تەمسىل دەپ ئاتىلىدۇ.

ماقال-تەمسىل ئاتا-بوۋىلارنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئاساسىدا يەكۇنلەنگەن، ئۈلگە، نەسىھەت، تەنبىھ، ئىبرەت خارەكتىرىدىكى جۈملىلەر بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى چوڭ، مەزمۇن دائىرىسى كەڭ. ئۇنى خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش ۋە جەمئىيەت توغرىسىدىكى بىلىم جەۋھەرلىرى دىيىشكە بۇلىدۇ.

ماقال بىلەن تەمسىل بىر-بىرىگە ئوخشاپ كەتكەچكە، ئادەتتە بىرىنىڭ ئورنىدا يەنە بىرى ئاجرىتىلماي قوللىنىلىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ پەرقى بار.

ماقالدا خەلقنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرى توغرىسىدا يەكۈنلەنگەن ئوي-پىكىرلىرى ئۇدۇللا ئىپادىلىنىدۇ.

مەسىلەن: ‹‹بىلىكى كۈچلۈك بىرنى يېڭەر، بىلىمى كۈچلۈك مىڭنى يېڭەر››، ‹‹ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويىڭ سامان بولماس››، ‹‹ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا››،‹‹بىچاقنى ئاۋال ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا كىشىگە›› ۋە باشقىلار.


تەمسىلدە بولسا ئوي-پىكىرلەر ئۇدۇل ئەمەس، بەلكى باشقا شەيئىلەرنىڭ خىلمۇخىل خۇسۇسىيەتلىرى ۋاستە قىلىنىپ، ئەگىتمە يول بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ.

مەسىلەن: ‹‹گۆش بىلەن ياغ بىر تۇغقان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن››. بۇ تەمسىلدە گۆش، ياغ بىلەن پىياز ئوتتۇرسىدىكى خۇسىسىيەت ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئۇتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەمسىل قىلىنغان.

15-
كۆنۈكمە: تۆۋوندىكى ماقال-تەمسىللەرنى تۇللۇقلاپ يېزىڭ.

1)
مەرد بىر قىتىم ئۆلەر،

2)
قاغا بالام ئاپئاق،

3)
ياخشى تېپىپ سۆزلەيدۇ،

4)
بىلىم-بىلگۈچىدە،

5)
يېمەيدىغان ھەسەل بار،

6)
پالتا چۈشكىچە،

7)
قول قولنى يۇسا،

8)
ئېغىزدا بار،

9)
كۆزۈڭ ئاغرىسا، قۇلۇڭنى تارت،

3.
ھېكمەتلىك سۆز

ھېكمەتلىك سۆز ‹‹ئەقلىيە سۆزلىرى››،‹‹تەپەككۇر جەۋھەرلىرى››،‹‹تەپەككۇر ئۈچقۇنلىرى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنداق سۆزلەرنىڭ ھەممىسىدە بىرخىل ھېكمەت، چوڭقۇر پىكىر-چۈشەنچە جىلۋە قىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، كېشىلەر ئۇ سۆزلەرنى ئېغىزدىن ئېغىزغا، كىتابتىن كىتابقا ئەينەن كۆچۈرۇپ، تۇراقلىق شەكىل بىلەن ئىشلىتىدۇ.

مەلۇم شەخس تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان، ئۆزىدە چوڭقۇر ھېكمەت ۋە پەلسەپىۋى پىكىر ئەكس ئېتىپ تۇرىدىغان تۇراقلىق جۈملىلەر ھېكمەتلىك سۆز دەپ ئاتىلىدۇ.

مەسىلەن: مىلتىقتىن ھاكىمىيەت چىقىدۇ.

-
ماۋ زېدۇڭ

قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.

-
مەھمۇد كاشغەرى
 

ئۆز تارىخىدىن شۆھرەت نامايەندىلىرى بىلەن نەپرەت
ئوبيېكتلىرىنى بايقاپ تۇرمىغان مىللەت خامۇش مىللەتتۇر.

-
ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن

تەنتەكنىڭ تىلى ئۆز بېشىغا دۈشمەندۇر.

-
يۇكنەكى

بىز ئۆمۈر بويى قەرزدار بولغان ئەڭ ئۇلۇغ بىر زات بار، ئۇ بولسىمۇ ئانا.

-
ن.ئا.ئوستروۋېسكى

16-
كۆنۈكمە:ھېكمەتلىك سۆزلەردىن ئالتىنى توپلاڭ.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-03-12 17:07 |
almas
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 269
شۆھرەت: 1445 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1445 سوم
تۆھپە: 848 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 848 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 349(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەقىقى گۈزەل ئەخلاق بەئەينى بىر ئېقىنغا ئوخشايدۇ ، ئۇ تىرەن جايغا ئاققانسېرى شاۋقۇن چىقارمايدۇ .      -  خالېفكىس .                                                                                        
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-13 13:23 |
aslima
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 406
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 316
شۆھرەت: 1720 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1736 سوم
تۆھپە: 1006 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1010 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 351(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئالماسنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-15 01:22 |
梁服岐
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3602
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 260 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 265 سوم
تۆھپە: 134 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 139 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 



  淘宝客在前两年可以说是风靡站长群体,在互联网上也是相当响亮,很多人都认为淘宝客可以赚大钱,纷纷投入到淘宝客网站的建设中,其中确实有人曾月入过万,但是实在是少数,大部分淘宝客站长是无法赚钱的。谁都知道网站的盈利基础在于流量,而淘宝客网站的流量通常都非常小,无法有效的运营起来。在淘宝客风靡互联网的那段时间除了少数专业淘宝客站长能赚钱,大部份赚钱的淘宝客网站都是基于门户、网址导航站、应用平台,由于这些平台的淘宝客站无需直接从搜索引擎来流量,可以直接引导本站用户进入淘宝客程序即可,所以目前所剩下的淘宝客基本都是这类平台。

    2010年6月份百度开始大规模清理淘宝客网站的动态API内容。很多淘宝客站长都被百度清理得惨不忍睹,90%以上的淘宝客网站无法生存,由于中国的搜索巨头百度的打压,现在的淘宝客可以说是进入最低谷时期了。但是呢?我的淘宝客网站却是逆势而上,反而取得不错的成绩。那么我是怎么做到呢?

    说实话我其实对淘宝客不大感冒,我的淘宝客运营模式是怎么出来的呢?其实我最早是非常向往独立平台的电子商务网站的,但是我没有钱,没有货源,根本就无法实现这个想法。但是出于对电子商务的喜爱,我也建立了正装服饰商城,刚开始没内容,我就从淘宝那边转载了一些到我这边,然后提高价格,这样即使有订单也能有赚头。经过一个月这样,我的服饰商城也是有模有样,然后依然是传统网站的运营模式—发外链。就这样过了两个月。在一次百度大更新后,我用站长工具查询我的收录时候吓一跳,发现百度收录3000多,这可不得了赶紧看下网站流量居然有500多,还仅仅如此,我发现我在自己的电子商务平台上面发布淘宝的商品和文章时候,百度简直就是秒收录。

    到这里我也发现了一些不寻常,原来淘宝屏蔽百度,淘宝上面最新的文章和商品对于百度来说就是原创,而且我坚持一个多月的发外链,这样“内容为王、外链为皇”的口号在我这里得到彻底贯彻。到目前给我带来最大价值的两个关键字:正装品牌和正装批发,如果订单多的话,月入过万很轻松。另外我们还放了一些淘宝客广告,每月也有稳定的销售抽成收入,这种方式运营淘宝客也算是另类了。

    这里总结一下,淘宝客运营新模式在于避开百度对淘宝客网站动态API内容的封杀,也就是用确实的内容来吸引百度,另外还要和传统网站一样,不断坚持发外链,不要觉得电子商务网站没有优化价值,其实只要由一个关键字排名靠前,立刻就可以给你带来无穷商机。
[img=1,1]http://www.bqun.net/view-2120/js.php?mod=dpcms&name=addview&eid=2120[/img] 最好用的论坛群发软件推荐

hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-09 02:28 |
iparhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 230
شۆھرەت: 1165 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1175 سوم
تۆھپە: 696 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 696 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 230(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىلگىركى ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمغا قايتىپ ، دەرس ياتلاۋاتقان چاغلىرىم ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ ، ئانا تىلىمىزنىڭ گۆھەر تامچىلىرىنى قايتا ئەسلەتكىنىڭگە رەھمەت ...
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-09 10:00 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تىل ئۆگىنمەن