پايدىنلىنىش قىممىتى ھەقىقەتەن يوققۇرى ماقالىكەن . بۇ ماقالىنى مائارىپ خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى ھەر دەرىجىلىك مەمۇرى خادىملاردىن تارتىپ ئوقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە يەنى مۇنبەردە < قوش تىللىق ئوقۇتۇشى > تەلىپى بويىچە ئوقۇتۇش خىزمىتى ئېلىپ بارىدىغان، مائارىپ ئوبىكىتلىرى( ئوقۇغۇچىلار ) بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىدىغان ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئەمىلىيىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرىشىنى سەمىمى تەۋىسىيە قىلىمەن . شۇنداقلا نۆۋەتتە < قوش تىللىق ئوقۇتۇش > تا ساقلىنىۋاتقان خاتا چۈشەنچە ۋە ناتوغرا ئۇسۇللارنىڭ ۋاقتىدا قەتئىي رەۋىشتە تۈزىتىلىپ ، ئەمىلىيەتنى چىقىش قىلغان ساغلام ۋەئىلمىي بولغان < قوش تىللىق ئوقۇتۇش > ئەندىزىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . چۈنكى بىر ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن پەرزىنەتلىرىمنىڭ تورداش مۇتەللىپنىڭ ئىنىسىدەك تەقدىردە قېلىشىنى ئىزدىمەيمەن . مۆھتىرەم ئۇستازنىڭ قەلىمى ھارمىغاي . ئۇستازغا سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن .