مىنىڭ قىزىممۇ 2010-يىللىق ئوقۇش مەۋسۈمىدە ئوقۇشقا كىرگەن.قېرىشقاندەك شۇ يىلدىن باشلاپ بارلىق دەرىسلەر خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلىدىغان بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزىمنى ئانا تىلىدا دەرىس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەرگە بىرەي دەپ ناھىيە ئەتراپىغا يېقىن يېزا مەكتەپلىرىنى ئۇقۇشقان بولساممۇ شۇ مەكتەپلەرگىمۇ ھەممە دەرىسنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىق توغىرىسىدا ئۇختۇرۇش چۈشكەنلىكىنى ئاڭلاپ ئامالسىز يەنە شۇ ئۆز تەۋەلىكىمىزدىكى مەكتەپكە بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم.مەكتەپكە بەرگەندىن كېيىن قىزىممۇ باشقا بالىلار بىلەن بىرقاتاردا نەچچە قېتىم سىنىپ ئالماشتى،بۆلىندى،مۇئەللىملىرىمۇ نەچچە قېتىم ئالماشتى. بەزى كۈنلىرى تاپشۇرۇقلىرى تۈگىمەي سائەت 10 بولۇپ كىتەتتى. ئۇيقۇم كىلىپ كەتتى دەيتى ،ئۇخلاڭ دىسەم ،تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولالمىسام مۇئەللىم ئۇرىدۇ، دەيتى.سىزنى ئۇردىمۇ دىسەم ،ياق مىنى ئۇرمىدى،لىكىن بەزى بالىلارنى ئۇرىدۇ دەيتى. مەن قىزىمغا،ئۇخلاڭ ،ئىشلەپ بولالمىغاننى مۇئەللىمگە ئۇيقۇم كىلىپ كېتىپ ئىشلەپ بولالمىدىم دەڭ. ئەگەر يەنە سىزنى ئۇرسا مەن بېرىپ مۇئەللىمنى ئۇرىمەن، سىز قورقماڭ دىسەم شۇنىڭ بىلەن قىزىم ئاستا ئۇخلايتى،كەچتە مەكتەپتىن كەلگەندە قىزىمدىن ،مۇئەللىم ئۇردىمۇ دەپ سورىسام ،ئۇرمىدى دەيتى. مۇشۇنداق قىلىپ قىزىمنى تاپشۇرۇق قورقۇنچىدىن قۇتۇلدۇراتتىم.( ئەمەلىيەتتە ئالدىراپ مۇئەللىمنى ئۇرغىلى بولمايدۇ-دە،لىكىن راستىنلا شۇنداق مۇئەللىم ئۇرۇپ قالسا ئومۇميۈزلۈك خەنزۇ تىلى ئۇقۇتۇشقا بولغان نارازىلىقىمدا مەكتەپكە بېرىپ مۇئەللىم،سىنىپ مۇدىرى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بىلەن قاتتىق دىيىشىش توغرىسىدا ئاللىقاچان ئىدىيەدە تەييارلىق كۆرۈپ قۇيغان ئىدىم).
قىزىم بەزىدە دادا بۇ نىمە دىگەن گەپ دەپ بەزى خەنزۇچە ئادەم تىللىغان ئەپسانى گەپلەرنى كۆتۈرۈپ كىلەتتى.كىم شۇنداق دەيدۇ دىسەم ،مۇئەللىم بەزى گەپ ئاڭلىمايدىغان ئوغۇل بالىلارنى ئاشۇنداق تىللايدۇ دەيتى. مەن بۇ گەپلەرنى مۇئەللىم بىزگە ئۆگەتمىگەن دەپ قۇتۇلاتتىم. ئەشۇ بالىلارنىڭ ئاتا –ئانىسى بۇ ئەھۋالنى مەكتەپ رەھبەرلىرىگە ئىنكاس قىلىشى كىرەك.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بىر قېتىم ئاتا ئانىلار يىغىنىغا ،ئىككى قېتىم ئوچۇق دەرىسكە قاتناشتىم. ئانا تىل-ئەدەبىيات دەرىسى بۇ يىل مەكتەپلەرگە قايتىپ كەلگەن ھەم ئالدىنقى ئوقۇش يىلىدا ئېلىپبە ئوقۇمىغان بولغاچقا كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىس ۋاقتىدىكى ئىنكاسى ئىنتايىن ناچار بولدى. مەن قىزىمغا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن بورۇن ئېلىپبەنى تولۇق ئۆگىتىپ توغرا قىلغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.
خەنزۇ تىل –ئەدەبىيات دەرىسىدىمۇ نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار ئىكەن.مەن شۇندىلا قاتتىق ھەسرەتلەندىم.ھەي بالىلار،يا ئانا تىلىڭدا نەتىجەڭ بولمىسا ،يا خەنزۇ تىلىدا نەتىجەڭ بولمىسا ئاقىۋىتىڭ قانداق بولار ،بۇ ئاقىۋەتكە كىم ئىگە بولار .ئاتا ئانىلارمۇ؟ مەكتەپمۇ؟ ياكى ھۆكۈمەتمۇ؟ بىر كۈنلەردە ھۆكۈمەت بىزدىن،بالىلىرىمىزدىن كەچۈرۈم سورايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالارمۇ؟ مەن شۇنداق ئاجىز بىر نىدا قىلمەنكى ئەي ئاتا- ئانىلار بالىلىرىڭلارغا ھەر ئىككى تىلنى ئۆگىتىش ئىقتىدارىڭلار بولمىسا ئۇيغۇر تىلىنى بولسىمۇ ئۆگىتىپ قويۇڭلار! شۇنچىلىك بولسىمۇ قىلساڭلار كەلگۈسىدە بالىلىرىڭلارنىڭ ئالىدىدا جاۋاپ بەرمىكىڭلار ئاسان بولىدۇ. بالىلىرىڭلار خەنزۇ تلىنى بىلمىسىمۇ يەنىلا شۇ ئۇيغۇر تىلىدا جېنىنى گۈلدەك جان ئېتىپ كىتەلەيدۇ. ھەقىقەت شۇ –مەنبەسىدىن ئايرىلمىغان سۇ دۆڭگە قاراپمۇ ئاقالايدۇ.
مەن قىزىمنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىشىنىڭ چالا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن كىتاپخانىلاردىن ئۇيغۇر تىلىدىكى ماتىماتىكا ۋە ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قوش تىلدىكى ماتىماتىكا مەشىقلىرىنى ئەكىلىپ قىزىمنىڭ ئۆيگە قايىتقاندىكى مەشىقىگە ئۇرۇنلاشتۇردۇم. بىللە تەھلىل قىلىپ ئىشلەيمىز. ئەمەلى قوللىنىلىدىغان خەنزۇ تىلى دەرىسلىكى دىگەن كىتاپنى سېتىۋېلىپ خەنزۇ تلىنى نۆلدىن باشلاپ ئۆيدە بىللە ئۆگىنىۋاتىمىز.چۈنكى قىزىمنىڭ بارلىق دەرىسلىكلىرى خەنزۇچە بولۇپ كەتكەندىن كېيىن بالامغا يىتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن خەنزۇ تىلىنى پىششىقلاپ ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولدۇم.قىزىممۇ ھەم خەنزۇچە تىل ئەدەبىيات دەرىسلىكىدىكى تېكىستلەرنى شۇنداق راۋان ئوقۇپ بەرگەن بىلەنمۇ لىكىن شۇ ئوقۇغانلىرىنىڭ ئانا تىلىدا نىمە مەنا ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.شۇڭا مەن قىزىمغا سىز ئۆگەنگەن خەنزۇ تلىنىڭ ئانا تىلىدا نىمە مەنا ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز ۋە ئانا تىلىڭىزدا ئۇنى راۋان ،توغرا ،چۈشىنىشلىك قىلىپ تەسۋىرلەپ بېرىشىڭىز كىرەك.ئاندى سىز خەنزۇ تىلىنى ھەقىقى ئۆگىنىش مەقسىتىڭزگە يىتەلەيسىز دەپ قىزىمنىڭ ئىدىيىسىنى توغىرىلاپ تۇرىمەن.
مۇ ئادىرىستىكى يازمىنى تولۇق ئۇقۇپ چىقسىڭىز نىمە ئۈچۈن خەنزۇ تىلى مائارىپىنىڭ كۈچىيىش سەۋەبىنى ئاز تولا چۈشىنىپ قالارسىز.
شىياڭگاڭ سۇمرۇغ تورى
http://blog.ifeng.com/article/13359487.html