300-70 -1 oztil xj 50
بۇ تېما 965 قېتىم كۆرۈلدى
alqondi
دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 404
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 336
شۆھرەت: 1864 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1865 سوم
تۆھپە: 1103 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1092 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 842(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بىز ياپۇنلاردىن نىمىلەرنى ئۆگىنىمىز ؟(يەر تەۋرەشتىن تەسىرات)

           تۆۋەندە  ياپونىيىدە يەرتەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن يۈزبەرگەن بىرقانچە ھېكايىنى سۆلەپ ئۆتەي(ھەممىسى توردىن يىغىپ رەتلەنگەن)

بىرىنچى ھېكايە : بىر تورداشنىڭ ياپونىيىدىكى بىر تاللا بازىرىدا سۈرەتكە ئالغان ۋىدىئو كۆرۈنۈشى :
       يەرتەۋرەش يۈزبەرگەندە تاللا بازار خىزمەتچىلىرى ئالدىراپ سىرتقا قاچماستىن ئالدى بىلەن ئاسان چېقىلىدىغان بۇيۇملار تىزىلغان جازىلار يېنىغا بېرىپ بەدىنى ھەم قوللىرى بىلەن جاھازىلارنى تىرەپ ماللارنىڭ يەرگە چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان . يەرتەۋرەش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن خىزمەتچىلەر ناھايىتى تېز ماللارنى رەتلەشكە كىرىشكەن ، پۈتۈن جەرياندا ئازراق ۋارقىراش ھەم قالايمىقانچىلىق بولمىغان ، بارلىق خىزمەتچىلەر تەمكىنلىك بىلەن ئۆزخىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇشقا تىرىشقان. 

 ئىككىنچى ھېكايە : توكيودا ئوقۇۋاتقان شىياۋشىياڭ ئەتتىگەنلىك گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ساۋلىڭشىنىڭ كەچۈرمىشى ،:

      يەرتەۋرەش كۈچەيگەندە ئايال ئوقۇتقۇچىمىز بىزھەممىمىزنىڭ پارتىلارنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىشىمىزنى ئېيىتتى ، ئۇئۆزى باشتىن ئاخىر بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۆرەتۇردى . يەرتەۋرەش پەسەيگەندە ئۇبىزنى ھېچنەرسىمىزنى ئالماي دەرھال ئوقۇتۇش بىناسىدىن يىراق كېتىشىمىزنى بۇيرۇق قىلدى ھەمدە ئۆزى ئەڭ ئاخىردا توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىپ ئاندىن سىنىپتىن ئايرىلدى. 

 ئۈچىنچى ھېكايە : ۋاگزول
     يەرتەۋرەشتىن كېيىن كىشىلەر ۋوگزال پەلەمپىيىنىڭ ئىككى ياقىسىدا ئولتۇرۇپ ئوتتۇرىنى بوش قالدۇرۇپ نورمال  ئۆتۈپ-كېچىشكە كاپالەتلىك قىلدى . سىرتتا پاناھلىنىۋاتقان كىشىلەرمۇ بىخەتەرلىك بەلۋېغىدا تۇرۇپ، چوڭ يولدا قاتناشنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

       تۆتىنچى ھېكايە : ياپونىيە سەندىلى شېركىتى :

     سەندىلى شىركىتى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ، ياپونىيىدىكى سەندېلى شىركىتىنىڭ 220مىڭ تورلاشقان ئاپتۇماتىك مال سېتىش ماشىنىسىنىڭ ۋاقتىنچە ھەق ئالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ، كىشىلەر بۇماشىنىلاردىن ھەقسىز يىمەكلىك ھەم ئىچىملىك سۇغا ئېرىشەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا كىشىلەرنى پەقەت ئۆزىگە يىتەرلىكلا ئېلىپ تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنى چاقىرىق قىلدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ياپونىيە قارا جەمئىيەتلىرىمۇ ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى پاناھلىنىدىغان جاي ھەم ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەۋېتىپتۇ.

       بەشىنچى ھېكايە  :  يەر تەۋرەشتىن كېيىن يانفۇن سىگنالى ئۈزۈلۈپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا كىشىلەر ئاممىۋى تېلېفون ئالدىدا رەتلىك ئۆچىرەتتە تۇرۇپ تەرتىپ بىلەن تېلېفون ئۇرغان ، ھەمدە ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ماگىزىنلاردىن جىددى قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغان .

      ئالتىنچى ھېكايە : يۈزنەچچە ئادەم كەڭ مەيداندا پاناھلىنىۋاتاتتى ، بىرمۇ تاماكا چەككەن ئادەم يوق .مۇلازىمەتچىلار ئۇيان بۇيان چېپىپ ، ئەدىيال ، سۇ ، پېچىنە قاتارلىقلارنى توشۇماقتا ، بارلىق ئەرلەر ئاياللارغا ياردەم بېرەتتى ، بىنا ئىچىگە كىرىپ ئاياللارنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى ئەچىقىپ بېرىۋاتاتتى. ئۈچ سائەتتىن كېيىن كىشىلەرتارىدى مەيداندا بىرپارچە ئەخلەت يوق تۇراتتى.

      يەتتىنچى ھېكەيە : ياپونىيىدىكى ھەربىر ئولتۇراق رايوندا پاناھلىنىش ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ ، يول بويلىرىغا كۆرسەتمە تاختىلىرى ئېسىلغان.بۇپاناھلىنىش ئورۇنلىرى ئاساسەن ئازراق بوش يەرلەر بولۇپ (باغچىلارمۇ بار)  ، كىشىلەر توپلاشقان رايونلاردا مەخسوس شۇنداق بوش يەرلەر پاناھلىنىشقا ئاجرىتىلغان . بۇجايلاېدا يەنە يىتەرلىك سۇ ، يىمىەكلىك قاتارلىقلارمۇ بار ، بەزىلىردە ياتاق ، تۇرمۇش لازىمەتلىرىمۇ تولۇق بولۇپ ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى ۋاقىتلىق پاناھلىنىشقا تەمىنلىگەن. مەكتەپلەرنىڭ ياتاقلىرى ، تەنتەربىيە مەيدانلىرى يەرتەۋرەش يۈزبەرگەندە ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ ئاپەتكە ئۇچىرىغانلارنىڭ ئالدىن تاللايدىغان پاناھگاھى.

     سەككىزىنچى ھېكايە : ياپونىيىلىكلەرنىڭ ئۆيىدە ئاپەتتىن پاناھلىنىش قوراللىرى ساقلاپ قويۇلىدىكەن. مەسىلەن : پىرژىكتىر ، بىخەتەرلىك قالپىقى ، سەپەر ئوزۇقى ، سۇقاچىلايدىغان خالتا قاتارلىقلار ، بۇلار ئادەتتە «يەرتەۋرەشتىن ساقلىنىش خالتىسى » ئىچىدە تۇرىدىكەن. ئۇندىن باشقا ئائىلە جاھازىلىرىنىڭ يەرتەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ئادەمنى يارىلاندۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئۆي بېزىگەندە ئائىلە جاھازىلىرىنى تام ياكى تورۇسلارغا مۇقۇملاشتۇرۇرىۋېتىدىكەن ، ياڭراتقۇ ، تېلېۋىزور ۋەياكى باشقا ئاسان شۇنىدىغان بۇيۇملارنىڭ تۆت بۇرجىكىدە رېزىنكىدىن ياسالغان تېيىلىشتىن ساقلاش قۇرۇلمىسى بولىدىكەن. ياپونىيىلىكلەر ئۆيدە ئادەم يوق چاغدا گازنى ئېتىۋېتىشنى ئادەت قىلغان ئىكەن.

      توققۇزىنچى ھېكايە :مىكرو بىلوگلاردا مۇنداق خەۋەر تارقالغان:« فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا پارتىلاش يۈزبەرگەندىن كېيىن ، سوغاق سۇ بىلەن سوۋۇتۇشقا توغرا كەلگەن  ، قۇتقۇزۇشقا قاتناشقانلار ئىچىدە ئۈچەيلەننىڭ رادىئاتسىيەگە ئۇچرىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ ، ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۈز پىرسەنت ، ئەڭ كۆپ بولسىمۇ 3يىلدىن كۆپ ئۆمۈر كۆرەلمەيدىغانلىقىنى بىلسىمۇ يەنىلا 20ئادەم قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان ، ئىككىنچى تۈركۈمدە 90 ئادەم ، 80ئادەملىك ئۈچىنچى تۈركۈم قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئارقا –ئارقىدىن قۇتقۇزۇشقا ئۆتۈپ ئاخىرى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسسنى تۇراقلىق ھالەتكە ئەكەلگەن . بۇزادى قانداق ررھ؟»

       ئونىنچى ھېكايە : يەرتەۋرەشتىن كېيىن ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى يوقىرى سەۋىيىلىك بولغان ئاخبارات كەسپى ۋە ئۆز ئۆزىنى ئىدارەقىلىش تۇيغۇسىنى نامايان قىلىپ ، ئاپەت ئەھۋالىنى ئازراقمۇ بۇرمىلىماستىن ئەينەن خەۋەرقلىدى. ئەنگلىيە «ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى»نىڭ جۇڭگوتىلى تەھرىرى جاڭلىفېن ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدا ياپونىيەNHK تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئىپادىسىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : «ئۇ ياپۇن تىلى ، ئىنگىلىزتىلى ، جۇڭگوتىلى ، كورىيەتىلى قاتارلىق بەش خىل تىلدا ئارقا-ئارقىدىن ئاپەت ئەھۋالى ھەم دېڭىز تاشقىنى كۆرۈلۈش مۇمكىن بولغان جايلارنى ئۇختۇرىۋاتاتتى » . جاڭلىفېن باھا بېرىپ مۇنداق دېدى ، ئاپەتتىن كېيىن ياپونىيىنىڭ ئىپادىسى تەرتىپلىك ، سالماق ،يوقىرى دەرىجىدە تەشكىللىك بولدى ، بۇكىشىگە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. ھەقىقى ئاممىۋى تېلۋىزىيە ئىستانسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ياپونىيەNHK تېلۋىزىيە ئىستانسىسى دۆلەت ئېغر كېرزىسقا دۇچ كەلگەن چاغدا ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئاممى سۇپىغا ئايلىنىپ خەلقنىڭ مەنىۋى تەرتىپىنى تۇراقلاشتۇردى.

      ئون بىرىنچى ھېكايە : شىياڭگاڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە ، ياپونىيىدە يۈزبەرگەن دېڭىزتاشقىنى ساناقسىز كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ، ناھايىتى  ئازكىشى ھايات قالغان. ئاپەت ئېغىر بولغان مىياگى ناھىيىسى سېنداي شەھىرى پۈتۈنلەي سۇ ئاستىدا قالغان . 56 ياشلىق چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان ۋاپادار ئوغۇل ئىككىنچى قەۋەتكە ئۆمۈلەپ چىقىپ پۇتىنى كىيىم ئىشكاپى بېسىۋالغان 90 ياشلىق مومىسىنى قۇتقۇزغان ، ئىككەيلەن ئىككىنچى قەۋەتتە ئاپەتتىن پاناھلانغان ، بىركۈندىن كېيىن تاشقىن سۇيانغاندا ئۇلار ئۆيدىن ئايرىلىپ پاناھلىنىش ئورنىغا بېرىپ داۋالانغان. ۋاپادارلىق يەرجاھاننى تەسىرلەندۈرگۈسى!

     ئون ئىككىنچى ھېكايە : 12-مارت چۈشتىن كېيىن سائەت 5لەر ئەتىراپىدا ، خەلق تورى مۇخبىرى شىنجۇكۇ ئەتىراپىدا ئامراق ئىتىنى ئېلىپ سەيلە قىلىۋاتقان بىر ئايالنى زىيارەت قىلدى:«ئىتىم ئاخشام بىر ئاخشام قاۋاپ چىقتى ، بۈگۈن ئۇنى ئېلىپ ئۇنىڭ ھەم ئۆزەمنىڭ كۆڭلىنى ئاراملاندۇرۇپ كېلەي دەپ ئايلىنىپ چىقتىم » ، ئۇ ئايال مۇخپىرنىڭ سوئالىغا كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاپ بېرىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ گەپلىرى كىشىگە بۇ بىر ئادەتتىكى دەم ئېلىش كۈنىدەك تۇيغۇ بېرەتتى.

[باھا]
       ياپونىيىلىكەردىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟شۇنداق ھەرقانداق بىر ئامما ۋە دۆلەتنىڭ بىز ئۆگۈنۈشكە تىگىشلىك جايلىرى بار ، يەرتەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدىغان ئارال دۆلىتىدە قەيسەرلىك بىلەن ياشاش ، ھەمدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تەربىيە ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ھەم تېخنىكا ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىدە كۆتۈرلۈپ چىققان ياپونىيە ئىقتىسادى گەۋدىسى ، ياپونىيە دۆلىتى ھەم دۆلەت خەلقىنىڭ ئاپەتكە بولغان تولۇق تەييارلىقى ، مانىۋېرى ھەمدە ئاپەت كەلگەن چاغدىكى تەرتىپىنى دېمەيلا قويايلى . يوقاردا ئېيتىلغاندەك ۋەقەلەر دۆلىتىمىزدىمۇ بار، ھەم ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى قىلالايدىغىنىمىزغا ئىشىنىمىز ، بۇ قېتىمقى ياپونىيىدىكى يەرتەۋرەشتە قىسمەن جايلاردا قالايمىقانچىلىق كۆرۈلگەن بولسىمۇ ، بىراق ياپونىيە خەلقى ھەم دۆلىتىنىڭ ئومۇمىي ئىپادىسى ، يەنىلا بىزنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشىمىز ھەم ھۆرمەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

      2011-يىل  3-ئاينىڭ11-كۈنى چۈشتىن كېيىن ، ياپونىيىنىڭ شەرقى شىمال رايونىدا 8.8بال يەرتەۋرىدى(كېيىن 9بالغا يوقۇرلىتىلدى)، ياپونىيە پايتەختى توكيودا تەۋرەش ئېغىر بولغان. بۇ ياپونىيە ئۆلچەپ خاتىرە قالدۇرغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بىرقېتىملىق يەرتەۋرەش . بۇ قېتىملىق ئاپەت مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشى مۇمكىن ، دېڭىز تاشقىنى كەلگەن چاغدىكى ئېچىنىشلىق مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس.12-مارت يېرىم كېچىگىچە ، ساقچى تەرەپ دەلىللىگەن ئۆلگەنلەر سانى687گە يەتكەن ، 200نەچچە جەسەتنىڭ سالاھىيىتى تېخى بېكىتىلمىگەن.بۇندىن باشقا مىياگى ناھىيىسىدە يەنە 10مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىزدىرىگى بولمىغان. بۇقېتىملىق ئاپەت ياپونىيىگە ئېلىپ كەلگەن سىستېمىلىق ۋەيرانچىلىقى بىرقېتىملىق «ئوتتۇراھال ئۇرۇش» تىن قېلىشمايدۇ. ياپونىيىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ قاتناش ، خەۋەرلىشىش ، سۇ-توك ، ئىشلەپ چىقىرىش ، ماددى ئەشيا ئوبروت ، ئېكولوگىيە سىستېمىلىرى كەم ئۇچرايدىغان ئېغىر دەرىجىدىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇردى ، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىنىڭ پارتلىشى ئوت ئۈستىگە ياغ سەپكەندەك ئىش بولدى. يەرشالىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ياپونىيىدىكى يەرتەۋرەش پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى ئىقتىسادى تەۋرەشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ قېتىمقى ئاپەت تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق ، يەنە داۋاملىشىش ھەم كېڭىيىش خەۋپى بار.

       ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز ئىنسان ، يەرشارىنىڭ بىرئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزمۇ ئېچىنىمىز. تارىختا ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئازابىنى ھېچكىم ئۇنتۇيالمايدۇ ، ھەم ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بىراق ھەرگىزمۇ ياپونىيىنىڭ ئۆتمۈشتە ئېلىپ كەلگەن ئازابلىرىغا غەزەپلىنىش ئىچىدە قەپقەلماڭ ، ھەرقانداق بىر دۆلەتتە چىرىك ئەمەلدار بولىدۇ ، ھەرقانداق دۆلەتتە جىنايەتچى بولىدۇ ، ھەرقانداق بىر دۆلەتتە سىز ھەم ماڭا ئوخشاش  ئاق كۆڭۈل تىنچلىقنى سۆيىدىغان كىشىلەر بار.

     جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتى ياپونىيىگە يىتىپ بېرىپ ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇۋېلىشىنى ئۈمۈدقىلىمىز!
     قازاقىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز… ئاپەت رايونىدىكى خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز… باتۇر، خالىس قۇتقۇزغۇچىلار ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!

مەنبە : qq بوشلۇقى
ئەلقوندى تەرجىمە قىلدى :  باشقا تورلارغا كۆچۈرمەڭ ، ئەمگىكىمنى ھۆرمەت قىلىڭ
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+20(bagdax) ياخشى ئەسەر
  • www.alqondi.tk
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-03-16 14:41 |
    taxkizi
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 850
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 61
    شۆھرەت: 305 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 305 سوم
    تۆھپە: 183 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 183 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-01
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياپونىيەلىكلەر ھەقىقەتەن باتۇر،ۋەتەنپەرۋەر،خەلقپەرۋەر، مەدەنىيەتلىك، ...قائىدىلىك خەلىقكەن.  [رەخمەت سىزگە،ھەقىقەتەن ياخشى ماتىريال يوللاپسىز،بىزئۆزىمىز ھەققىدە يەنىمۇ ياخشى ئويلۇشۇپ باقساق بولغىدەك.]
    music bagdax
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-16 15:38 |
    tohotur

    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 251
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 386
    شۆھرەت: 2187 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2187 سوم
    تۆھپە: 1284 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1287 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 744(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تولا يەر تەۋرەپ يەرتەۋرىگەندىمۇ چىرايلىق رەتلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپتۇ .ئۇلارنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ھادىسە ئالدىدىكى سوغۇققانلىقى ۋە ئەپچىل رەتلىكلىكى ماڭا بەك تەسىر قىلدى.
    تېخىمۇ تەسىر قىلىغىنى ئالتۇننىڭ باھاسى شالاققىدە چۇشۇپ كەتتى  
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-16 15:59 |
    ئۇدۇن
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 817
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 109
    شۆھرەت: 585 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 585 سوم
    تۆھپە: 343 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 343 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۇنداق ياپۇنلارنىڭ  يۇقىرىقىدەك ئادەتنى يىتىلدۈرىشىنى، ياپۇنلىقلار ئەجداتلىرنىڭ  تەربىيسىدىن  ۋە ھازىرقىلارنىڭ  ۋارىسلىق قىلىش روھىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.
    hawar
    دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان!
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-16 16:44 |
    turan
    تەپەككۇردىن ئايرىلغان كۇنۇم ھاياتىمنىڭ ئاخىرلا ..

    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 159
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 327
    شۆھرەت: 1829 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1829 سوم
    تۆھپە: 1068 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1074 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 216(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياپۇنلاردىكى تىرىشچانلىق،ئۆملۇك،خەلىقچىللىق،مىللەتپەرۋەرلىك ھەققىىقەتەن ئۇگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ،دۇنيادا ئۇيغۇر مەدەنيىتىگە ياپۇنلاردەك قىزىققان،بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدەنگەن،كۇڭۇل بۆلگەن ئۆزگە دۆلەت،مىللەت يوق،ھازىر ياپۇنيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس،اللە ياپۇن زىممىننى شۇ يەردە ياشاۋاتقان ھەر خىل قەۋىمدىكى خەلىقلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي!ئاپەت ئەھۋالىنى ئاخپارات ۋاستىلېرىدىن كۆرۇپ گەرچە ئۇلار مۇسۇلمان بولمىسسىمۇ يۇرۇكۇم ئچىشىپ كەتتى،ئۇلار ئۇزاققا بارمايلا ئەسلىگە كىلەلەيدۇ،ھەم شۇنداق بۇلۇشنى ئۇمۇد قىلمەن،ئۇلاردا مۇشكۇلات ئۇستىدىن غالىپ كىلدىغان روھ بار.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-16 16:57 |
    iwirgholl

    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 66
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 350
    شۆھرەت: 2028 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2044 سوم
    تۆھپە: 1169 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1170 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 845(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نەچچە كۈندىن بۇيان خەۋەرلەردىن ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈپ بەك تەسىرلەندىم....
    music bagdax
    تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن قانچىلىك ئاتا قىلغىنىڭنى ئويلا
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-16 18:23 |
    tarati
    http://risaletmerdan.blogbus.com/

    دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 81
    نادىر تېما : 9
    يازما سانى : 636
    شۆھرەت: 3586 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 3568 سوم
    تۆھپە: 2108 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2090 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1602(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    راس ئەستايىدىل، ئۆزگىچە كۈزىتىش بوپتۇ بۇ.
    تەسىرلەندىم.
    خۇدايىم بىزنىڭ بېشىمىزغا ئۇ كۈنلەرنى سالمىسۇن.
    oztil
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-16 18:25 |
    apandim
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 399
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 128
    شۆھرەت: 655 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 655 سوم
    تۆھپە: 391 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 391 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن ، ،،،،،،ماقالە ئاپتۇرىنىڭ تەپەككۈرى ئوچۇق ، كۆزىتىش ئىقتىدارى يوقىرىكەن ،،،،،
    1- ھېكايىدىكى ئەھۋالغا مەنمۇ دىققەت قىلغان ،،،يەر تەۋرىسە بۇلار نىمە قاچماي ئۇ نەرسىلەرنى يۆلەشتۈرۈپ يۈردىغاندۇ دەپ ئويلىغانتىم  . ئەسلى بۇ ياپۇنلارنىڭ خاراكتىر روھى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن ئەمەسمۇ ؟
    hawar
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-16 19:17 |
    karima
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 648
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 68
    شۆھرەت: 350 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 350 سوم
    تۆھپە: 208 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 208 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 97(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۈگۈنۈشكە تىگىشلىك نەرسە بولسا چوقۇم ئۈگىنىشىمىز كېرەك. توغرا ياپۇنلارنىڭ جۇڭگوغا قىلغىنى ئاز ئەمەس ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئۆتمۈش. بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر.
    oztil
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-16 21:27 |
    ahojing
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 141
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 10
    شۆھرەت: 55 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 55 سوم
    تۆھپە: 32 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 32 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مانا بۇ sony،toyota،panasonic،nissanنىڭ ئىگىلىرى...
    ئادەتتىكى GDP بىلەن ،جۇڭگو ياپونىيە ئوتتۇرسىدكى پەرىقنى بىلگىلى بولمايدۇ،ھەقىقى پەرىق يەنىلا ئاڭ ۋە روھتا!
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-17 11:34 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    Bagdax bbs » دۇنياغا نەزەر