تىترىدى قوللار
كونوپكا تاخىتىسىدا
ئابدىرىمگاڭ ئۆلۈپ كەتتى
30 يېشىدا
ساپساقلا ئىدى
تەپسە يەر تىترەيتتى
ۋاھىت قازا قىلدى
نەقەدەر ئاقكۆڭۈل ئۇ ھە؟
ھايات ۋاقتىدا!
ئېلىپ كىتەركەن بىر ئىبرەت ئۈچۈن
ئىىبرەت !!
ئىبرەت !!
شۇنداق بىر ئىبرەت ئۈچۈن
ئاھ !جان تۇرماسكەن ئىنسان قولىدا
گۇناھقا پاتقان تۆت كوچا
گاۋاھتور ئازغۇنلار مەشرەپلىرىگە
قان ئاقار ھەر بىر كاۋابداندىن
رېستۇراندىن
قىمارخانىدىن
سەرۋەڭ تىترەر
بەش شەھەر ئون ئىككى تاغ ھەم
قوللار تىترەر
كونۇپكا تاختىسىدا
شۇ نىجىس ۋەقەنى دەيمۇ دىمەيمۇ؟
رامزان ناخشىسىغا جۆر بولغان
ھاراق سورۇنى
قول تېلىفۇندا تۇرار زىناخورنىڭ
سېرىق فىلىمى
بەش پۇڭ يەر ئۈچۈن
قاش تۇرۈلدى قېرىنداشقا
تاغلار يېرىلمىدى لېكىن
يەر يۇتمىدى
ۋابا تارقالمىدى
بالاھى ئاپەت ياق ھەم تېخى
قوللار تىترەر
كونوپكا تاختىسىدا
ئىبرەت !!بىر ئىبرەت بار
تىرىكلەرگە
[ بۇ يازمىنىilimدە2011-03-17 10:56قايتا تەھرىرلىدى ]