ئۇ بۈگۈن بىر كۈن سىرتتا دوستلىرى بىلەن ئوينىدى ، قورسىقى ئاچقاندىلا كەچ بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۆيگە قايتتى ، ئانىسى ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى ، ئانىسى ئۇ ئۆيگە كىرىشىگىلا ئانىسى بىر تاۋاق پولونى ئېلىپ چىقتى ، مەززىلىك قىلىپ ئېتىلگەن پولۇنى ئۇ مەززە قىلىپ يېيىشكە باشلىدى .ئانا ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقانلىقىنى بىلگەنمۇ ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇردى . ئۇنىڭ سىزمۇ يەڭ دېگەن سوئالىغا :بايا تاماق ئېتىۋېتىپ يەۋالغان ،سەن يەۋەرگەن دەپ جاۋاپ بەردى .
ئۇ بىر تاۋاق پولىنى يەپ بولۇپ تېلىۋىزور كۆردى ، ئانىسى تاۋاقلارنى يىغىشتۇرۇپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى ،
ئۇ تېلىۋىزور كۆرىۋېتىپ ئۇسسىدى . چاي - دەپ توۋلىدى ئانىسىغا، ئانىسدىن جاۋاپ كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆزى ئاشخانا ئۆيگە كىردى ، شۇ چاغدا شۇنى كۆردىكى ،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تامچىلاپ چۈشتى : ئانىسى قارا چايغا زاغرا نان چىلاپ يەۋاتقان ئىدى .
بۇ تېمىدىن تەسىرلىنىپ كېتىپ يېزىپ سالدىم ئەيىپكە بۇيرىماڭلار ،