saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 2850 قېتىم كۆرۈلدى
menggutash
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 349
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 117
شۆھرەت: 1110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1164 سوم
تۆھپە: 595 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 595 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1871(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قەلبىم تۆككەن چېچەكلەر

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-03-23)
ھاياتقا ھىيلە ئىشلىتىپ چارچىغان چېغىمىزدا بىزگە ئۇسسۇزلۇق بېرىدىغىنى يەنىلا سەمىمىيەت دەرىخىدىكى ھالاللىق مېۋىسىدۇر. ئاقىللار ئاددىي تۇرمۇشتىن چوڭقۇر مەنىلەرنى سۈزۈپ ھاياتلىق ئاچىلىدىكى نۇرلۇق مەشئەلگە ئايلاندۇرسا، نادانلار ئاددىي، پاكىزە ھاياتنى يامان پەيلى بىلەن چىگىشلەشتۈرۈپ، پۇشايمان ۋە نادامەت يىپلىرىغا چىرماپ قويىدۇ. ئاددىي كۈلبىلەردىن نېمىشقا شادىيانە كۈلكىلەرنىڭ ئاڭلىنىدىغانلىقى، شاھانە قەسىرلەردىن يىغا ئاۋازى كېلىدىغانلىقىنى تەپەككۇر تارازاڭغا سالغىن، ئەي ئادەم!
 
***
»ھەقىقەت ئېگىلىدۇ، سۇنمايدۇ« دەيسەن، شۇڭىمۇ ھەقىقەتنى ئېگىپ ئوينايسەن. ھەقىقەت ئېتىبارسىز ئورۇنغا چۈشكەن زامانلاردا ياخشىلارنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇمايدۇ. ھەقىقەت پولات شەمشەركى، ئۇنى ئەگمەكچى بولغانلارنىڭ قولىنى كەسكەي، توسماقچى بولغانلارنىڭ تېنىنى پارە- پارە قىلغاي. شۇنداق ئىنسانلارنى كۆرگەنمەن. ھەقىقەتنى كۆرۈپ كۆرمەسكە سالغان، نەپنى كۆرۈپ چۆنتەككە سالغان. يەنە شۇنداق سىمالارنى ئۇچراتقانمەن. ھەقىقەت ئۈچۈن مەردانە جان بەرگەن. ئۇلارنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى غەيۇر سىماسى تاغۇ- تاشلارنى تەسىرلەندۈرگەن، دۈشمەننى غال- غال تىترەتكەن. ئالدىنقىلار ئادىمىزات بىنا بولغاندىن بۇيان ئۈزۈلۈپ قالمىدى. كېيىنكىلەر ئىنتايىن ئاز نېسىپ بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ يۈكسەلگەن روھى زامان- زامانلاردىن ھالقىپ، يىقىلماس ئابىدىلەرنى تىكلىدى، شۇڭىمۇ، »ھەقىقەت ئېگىلمەيدۇ، سۇنمايدۇ« دەيمەن.
 
********
سۆيگۈ ئۈچۈن سۆيگۈ بىلەن خوشلاشتىم. چۆللەردە رىيازەت چەكتىم. ئىلىم- ھېكمەت سورۇنلىرىدا بولدۇم. ئىلىم گۈلشەنىنىڭ خۇشپۇراق رەيھانلىرىنى ھېدلىدىم. روھىم بىر پارلاقلىققا يۈكسىلىۋاتاتتى. ئىلىم يولىدا ئاچ قالدىم، يېپىنچىسىز قالدىم. سۆيگۈ ئىشتىياقىدا نىگار تامان يول ئالدىم. يار ئۈچۈن قاقاس چىغىريوللارغا گۈلدىن پايانداز راسلىدىم. ۋاھالەنكى، جانان روھىمنى ئەمەس، تېنىمنى كۆردى. مەندىن يىرگەندى. ئۇنىڭ جاۋاھىراتلار ئۈستىدىكى مەغرۇر تۇرقىدىن خىيانەت تۆكۈلۈپ تۇراتتى. گۈلدىن شۇنداق نىدا كەلدى: ئەي روھىنى پارلاقلىققا باشلىغۇچى ئەر! پەزىلەت ئىگىلىرى ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇش بىھاجەتتۇر. ئۇلار ماددىي مەئىشەت ئۈستىدە ئەمەس، روھىي بىرلىك ئۈستىدە ۋىسالغا ئېرىشكۈچىلەردۇر. رىيازەت دۇلدۇلىغا مىنگىن- دە ، ئەقىدە باياۋانلىرىغا ئات سالغىن. جانانىڭنى روھىنى كەمسىتكۈچىلەر ئارىسىدىن ئەمەس، قەلبىگە چۆككۈچىلەر ئارىسىدىن ئىزدىگىن.
مۇشەققەتلىك سەپىرىم باشلاندى. يىقىلدىم، ۋايسىمىدىم. چاڭقىدىم، قاقشىمىدىم. ئۈمىد يىپلىرىم ئۈزۈلۈشكە تەمشەلگەن دەقىقىلەردە توساتتىن جاناننىڭ تونۇش ھېدىنى ھىدلىدىم. ئۇ ئىشەنچ ۋە ۋاپا بوستانلىقىدا ھايا ۋە پاكلىق لىباسى ئىچىدە مېنى ساقلاۋاتاتتى.
 
*****
 
تاغلارنىڭ بۈيۈكلۈكى سۈكۈتىدە. ناداننىڭ خارلىقى ئورۇنسىز سۆزىدە. سۆزنىڭ بوغۇزدىن ئۆتۈپ 32 قاراۋۇلنىڭ نازارىتىدىن چىقىپ كالپۇكقا كەلگۈچە بولغان 3 قاتلاملىق مۇساپىسى بىر ھېكمەت. ئاقىللار سۆزىنى ئەقىل تارازىسىغا سېلىپ، دىيانەت سۈزگۈچلىرىدە تاسقاپ ئېيتسا، بەدنىيەتلەر ئۇنى گۇمان ۋە رەسۋالىق يۆگەكلىرىگە يۆگەپ كىشىنىڭ قەلبىگە ئاتىدۇ.
تارىختىن بۇيان بىر ئېغىز سۆزنىڭ نامۇۋاپىقلىقى ۋەجىدىن تالاي قانلار تۆكۈلگەن. سانسىز بىگۇناھنىڭ كۆزىدىن ياش ئورنىغا قان ئاققان. بىر جۈملە ياخشى سۆز بىلەن ئىشىك ئالدىغا كېلىپ قالغان ياۋ پەيلىدىن يانغان.
بەزىدە سۈكۈتمۇ مەنىسىز ۋاتىلداشتىن ئەلادۇر. ئىتنىڭ كۆرمەي تۇرۇپ قاۋىشى تەبىئىتىدىن بولسا، ئادەمنىڭ كۆرمەي تۇرۇپ سۆزلىشى ئەقىلسىزلىغىدىندۇر. شۇڭىمۇ ئاتىلار »تىلغا ئېتىبارسىز، ئەلگە ئېتىبارسىز« دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان.
 
*********
 
ئالدىغا قەدەھنى تىكلەپ قويۇپ ۋەتەن ھەققىدە سۆزلەۋاتقانلارنى كۆپ كۆرگەنمەن. ۋەتەن كەيىپچىلىكتە نىشانىنى يوقاتقانلارغا ئەمەس، ھۇشيارلىقتا ئۇنى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق سۆيگەنلەرگە مەنسۇپ. ۋەتەنپەرۋەرلىك قۇسۇقلاردا ئەمەس، يىقىلماس چېلىشلاردا. ئۇرۇشتىن كېيىن ئالدىغا مېدال تاقىۋېلىپ قەھرىمان بولىۋالغانلارنى ئۇچراتقانمەن. ھەقىقىي قەھرىمان جەڭگاھلاردا ئۆز قېنىدىن ياسالغان مېدالنى تاقايدۇ. قەھرىماننىڭ ئوچۇق كەتكەن كۆزلىرىدىكى قېتىپ قالغان سۈرەتكە قارا. ئۇنىڭدىن ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى، خەلقىڭنىڭ سۆيگۈسىنى كۆرىسەن.
 
*******
 
بىراۋنىڭ تەلىمى بويىچە سەپنىڭ ئالدىدىمۇ ئەمەس، كەينىدىمۇ ئەمەس، ئوتتۇرىدا ماڭدىم. ھەر ئىش قىلسام ئوتتۇرا يولنى تۇتتۇم. »مەيدانسىز« ، »ئىككى يۈزلىمىچى« دېگەن ئاتاققا قالدىم. كەينىدە ماڭغان ئىدىم، »سۆرەلمە«، »دۆت« دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشتىم. ئىجتىھات قىلىپ سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىۋىدىم، »مەنمەنچى« دېگەن سادا قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىدى. شۇندىلا، بىر قەۋمنىڭ سەركىلىرىدىكى ھەسرەتنىڭ، ئاۋامدىكى نادامەتنىڭ يىلتىزىنى تاپقاندەك بولدۇم.
 
********
 
مېنى مەنىسىز بەزمىگە چىللىما، دوستۇم. مەن ئالدىراشمەن، ئوڭ قولۇمدا كېلىچەكنىڭ يول خەرىتىسى، سول قولۇمدا ئارزۇ ئارمانلىرىم. ناچار دەرەخنىڭ ھارام شېخى كۆپ بولغاندەك نادان ئەلنىڭ كۈلكىسى، بەزمىسى كۆپ بولىدۇ. بۇ كۈلكىلەردىن مەنە تاپالمايسەن. مەن 365 كۈن ياشىماقچى، بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىماقچى ئەمەس. مەن ھەر بىر كۈنۈمدە بىر قەدەم بولسىمۇ نىشان تامان سىلجىيالىسام ، كەلگۈسىدە كۈلىدىغان كۈلكەم بىر ئۈلۈش كۆپىيىدۇ. قۇرتمۇ ئاشۇ تىنىمسىزلىقى بىلەن بىر پۈتۈن ئورماننى نابۇت قىلىۋېتەلەيدىغۇ! ياق، ياق، مېنى مەنىسىز بەزمىگە چىللىما. ئالاتاغىل ناخشىلارنىڭ ئاراشلىرىدىن مەھرۇملۇقنىڭ سايە تاشلاۋاتقانلىقىنى كۆرمەيۋاتامسەن؟ ئىشرەت كوچىسىدىكى نازىنىنلارغا مەيلىم يوق. قىزىل چىراق رايونلىرىدا شۆلگەي ئېقىتىۋاتقان ئەيدىز ئاتلىق ئىبلىسنى كۆرمەيۋاتامسەن؟ ياق، ياق. بولدى، مېنى بەزمىگە چىللىما.
 
*****
 
بىر قەلەم ساھىبى بار ئىدى. باشقىلارغا ياخشى ئىشلارنى كۆپ تەۋسىيە قىلاتتى. لېكىن، ئۆزىدىن باشلىمايتتى. پاكلىق ھەققىدە سۆزلەيتتى- يۇ، بەش تەڭگە ئۈچۈن قاغىنىمۇ بۇلبۇل قىلىپ تەسۋىرلەر ئىدى. ئېتىقاد ھەققىدە يازاتتى- يۇ، قولىدىن قەدەھ چۈشمەيتتى. ئىپپەت ھەققىدە سۆزلەيتتى- يۇ، قىزلار ئۈچۈن بارلىقىدىن ۋاز كېچىشكە رازى ئىدى. خەلقىم، دەيتتى- يۇ ئەل ئالدىدا گىدىيىپ تۇراتتى. ئۇ ئادىمىيلىك ھەققىدە ۋەزخانلىق قىلاتتى- يۇ، ئەمەلدارلارنىڭ خىزمىتىدىن بېرى كېلەلمەيتتى. تەقدىر سائىتى توشۇپ، بىر كۈنى ئۇ ئۆلۈپ قالدى. شۇ ھالەتتىمۇ ئۇنىڭ قولىدا بىر قەدەھ شاراب بار ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ بارماقلىرىدا قاماللىۋالغان قەلەمنى تەستە ئاجرىتىپ، شىرەدىكى ئارىگىنالغا قاراپ چۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭدا: شارابتىن پۈتمەيدۇ ھەرگىز ئاسايىش،
شارابتا رەسۋالىق قىلار نامايىش.
 
دېگەن مىسرالار بار ئىدى. ئۇنىڭغا قەبرە قاتۇرۇلدى. بىراق، قەبرە بېشىدا شۇندىن بېرى بىر قاغا قاقىلدايدىغان بولۇپ قالدى.
 
*******
 
ئاتا گۈلدەك ھۈنەرۋەن ئىدى. مۇشەققەتلىك كۈنلەردە بۇ ھۈنەر ئائىلىنىڭ تىرىكچىلىك مەنبەسى بولدى. ئاتا قېرىدى. قوللىرى تىترەيتتى. ئۇ تامدەك بولۇپ قالغان ئىككى ئوغلىنىڭ ئۆز ھۈنىرىنى قولىغا ئالغانلىقىنى كۆرۈشنى تولىمۇ ئارمان قىلاتتى. لېكىن ئاتىنىڭ ئىككى پەرزەنتىگە بولغان مۇھەببىتى ھەددىدىن  زىيادە بولغاچ، ئۇلارنى مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، پەرۋىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپ قويدى. ھالاللىق ئىچىدە نۇرلىنىپ ئۆتكەن ھايات شامى ئۆچۈپ، بوۋاي باقىغا سەپەر قىلدى. ئىككى ئوغۇل ئاتىنىڭ تەئەللۇقاتلىرىنى يەپ تۈگەتتى. ئۇلار ئىككى دوقمۇشنىڭ مۇئەككىلى بولۇپ ئەتىدىن كەچكىچە لاغايلاپ يۈرەتتى. ئانا چىدىمىدى. ھالسىز ئاياغلىرىنى سۆرەپ، بىر دوقمۇشقا ياغلىقىنى يېيىپ تىلەشكە باشلىدى. موچەنلىك، يۈەنلىك پۇللار ئانىنىڭ زارى بىلەن ياغلىققا يامغۇردەك ياغاتتى. كۈندە كەچتە بۇ ئۆيدىن ئىككى ئوغۇلنىڭ شىردەك ھۆكۈرىشى ئاڭلىناتتى. ئۇلار سەدىقىنى تالىشىپ، باش- كۆزلىرىنى يېرىشاتتى. بىر- بىرىنى ئەپسانە سۆزلەر بىلەن تىللىشاتتى. ئانىمۇ باقىغا سەپەر قىلدى. ئائىلىنىڭ يىلتىزى قومۇرۇلغان ئىدى. ئۇلار ئەمدى تۆت كوچىغا مۇئەككەل بولۇپ، تىلەمچىلىكنى باشلىدى. گاھىدا ئورۇن تالىشىپ ئۇرۇشۇپمۇ قالاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتى سۆڭەك تالاشقان ئىتلارنى ئەسلىتىپ قوياتتى.
رەستىنىڭ يەنە بىر بېشىدا ئىككى موماي ئالدىغا گازىر ۋە گۈلە قاچىلانغان ساندۇقىنى قويىۋېلىپ خېرىدار كۈتىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ھالاللىق ۋە قانائەت تەپچىپ تۇرغان چېھرىدىن ھاياتقا بولغان مۇھەببەتنى ھېس قىلىش قىيىن ئەمەس ئىدى. مۇشۇ مۇھەببەت ئۇلارنى خارلىق باياۋانىدا ئېتىبارسىز قامغاق بولۇپ ياشاش قىسمىتىدىن ساقلاپ قالدى. ئۇلار ھېلىقى ئىككى ئوغۇلنى كۆرگەندە ئۆز تۇرمۇشى ئۈچۈن تۈمەن قېتىم شۈكرىلەر ئېيتار ئىدى. ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانلىق ماركىسىدا ئۆتكەن ئۆمرىدىن پەخىرلىنەتتى.
 
تەربىيە كۆرمىسە ئىنسان مۇبادا،
بولغۇسى ھالاللىق، ئىنسابتىن جۇدا.
ئاتىنىڭ ئىزىنى يىتتۈرگەن ئوغۇل،
ھەسرەتكە قاپسىلىپ ياشايدۇ ئۇدا.
 
گەر موماي بولسىمۇ بېلى پۈكۈلگەن،
قەدىر ۋە قىممەتتە ياشىدى ياپياش.
ئىنسانلىق تەختىگە سۇلتان بول ئۆزۈڭ،
ئەركەككە مۇناسىپ ئەمەستۇر باتناش.
 
*********
 
بىنالار ئىگىزلىگەن، سەمىمىيەت پەسكۇيغا چۈشكەن، نوپۇس كۆپەيگەن، ھەقىقىي ئىنسان ئازايغان، چىراي گۈزەللەشكەن، قەلب خۈنۈكلەشكەن، ئۆيلەر ئاۋاتلاشقان، كۆڭۈل غېرىبلاشقان، ئىپپەت بازارلاشقان، مۇھەببەت خازانلاشقان رىئاللىقنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى چىن مەنىدىن ئېيتقاندا شۇ جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىي بۆھرانغا دۇچ كەلگەنلىكىنىڭ دەلىلى. لېكىن سەۋەبنى جەمئىيەتكە يۈكلەپ، ئۆزىدىن ئىزدىمىگەنلەر دەل شۇ ئەخلاقنىڭ گۆركارلىرىدۇر.
 
********
- ﺑﻮۋا، ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﻮﻳﻰ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪپ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ؟
- ﺑﺎلام،  ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﺎدەم ﻳﺎرﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪا 60 ﮔﻪز ﺋﯩﮕﯩﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﻳﺎرﺗﯩﻠﻐﺎن ﺋﯩﻜﻪن. ﺑﯩﺮ ﻗﻪۋﻣﺪە ﺋﯩﻨﺴﺎپ ﻛﯚﺗﯜرۈﻟﯜپ، ﺋﯩﺶ ﺷﯘ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎﺗﺎﭘﺸﯘرۇﻟﻐﺎﻧﺪا ، زﯨﻨﺎ، زالاﻟﻪت ﺋﺎﻳﻨﯩﭗ،  ﺋﻪرﻟﻪر ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﯜﻧﻠﯩﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺟﺎزاﻧﯩﺨﻮر،  ﻣﻪﻳﺨﻮر ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪە ﺑﻪرﻛﻪت ﻛﯚﺗﯜرۈﻟﯜپ،  ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔﺑﻮﻳﯩﻤﯘ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪپ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﻪرﻛﻪت ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪۇ.
-ﮬﻪ...
 
*********
چىرايلىق پىستە كۈچىكىنى كۆتۈرۈۋالغان خانىمنىڭ ئوغلى ئانىسىغا ئارانلا يېتىشىپ كېلىۋاتاتتى. بالىنىڭ چىرايى قاسماق، سەبى كۆزلىرىدە غېرىبلىق ھۇۋلاپ تۇراتتى. ئانىسى پىستىنى تۈجۈپلەپ يۇيۇندۇردى. ئادەتتە بالىسىغا ئېلىپ بېرىشكە كۆزى قىيمايدىغان توخۇ گۆشى قېزىسىنى پىستىگە يېگۈزدى. بالىنىڭ شۇ تاپتا پىستىگە ئايلىنىپ، بىر دەقىقە بولسىمۇ ئانىنىڭ قۇچىقىدا يېتىۋېلىشتىن ئۆزگە ئارمىنى يوق ئىدى. ئانا تۇيمايتتى...
ھايۋان تەختكە چىقىپ، ئىنسان پەگاغا چۈشۈپ قالغان قىسمەت تارىختا كۆرۈلمىگەن. ئەتاراپىمغا قارىدىم. پىستە قولتۇقلىۋالغان خانىملار كۆپىيىپ كېتىۋاتاتتى.
 
  ****
  چوڭ كوچا... ئادەملەر ئوتۇشۇپ تۇراتتى.
  ئۇستىبېشى ئاددىي بىر ئايال دوستى بىلەن پاراڭلىشىپ كېتىۋاتاتتى. ئادەملەر كۆپرەك جايغا كەلگەندە ھېلىقى ئايال ئاۋازىنى قەستەن كۆتۈرۈپ دوستىغا مۇنداق دېدى:- ئاداش ، بۇ بايرامدا 5000 يۇئەنلىك كىيىم ئالايمىكىن دەيمەن. بىللە كۆرۈشۈپ بەرسەڭ قانداق؟
  "قوسىقى توق، كىيىمى پۇتۇن بولۇش" چاقىرىقى بويىچە، خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۈستى ئىللىپ قالدى. ئەمدى قارىغاندا بۇ چاقىرىققا "كۆزى توق بولۇش " دېگەن مەزمۇننى قوشسا بولغۇدەك.
  ****
  كورىيە كىنولىرىنى كۆرۈش مودا بولۇش بىلەن تەڭ، كورىيىچە كىيىنىش، كورىيىچە يېيىش، كورىيىچە چاچ پاسۇنىمۇ مودا بولدى. ئاڭلىسام، ئۈرۈمچىدە كورىيىلىك ئۇستاملار ئىشلەيدىغان بىر ساتراچخانىدا ئاياللار 2000 يۇئەنلىك مودا چاچ پاسۇنىدا چاچ ياسىتىش دولقۇنى قوزغاپتۇ. بۇ چاچ پاسۇنىنىڭ ئارتۇقچىلىقى، پەقەت بىر ئايلا ساقلىغىلى بولىدىكەن.
  ئەمدى كورىيىنىڭ ھاجەتخانىلىرىدا ئولتۇرۇش مودا بولسا ، جاھاندا سېسىقچىلىقنىڭ دەستىدىن قاچىدىغان جاي چىقماي قالارمۇ؟
 
********
بىراۋغا ساخاۋەت قىلىپ ئالقىش تەمە قىلغانلار شەكسىزكى ئۆلۈكتىن ئابروي تالىشىدىغانلاردۇر. »ئوڭ قول بەرگەننى سول قول تۇيمىسۇن« دېگەن ھېكمەتنىڭ »خەلقى- ئالەم بىلسۇن« دېگەن مەنتىقىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقىنىغا ھەيرانمەن. تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ، داۋراڭ ئەڭ ئاز سېلىنغان، مېھنەت ئەڭ كۆپ قىلىنغان زامانلاردا ئالەمشۇمۇل ئىختىرالارنىڭ روياپقا چىققانلىقىنى كۆردۈم.
 
*******
  - ئاداش، بۇگۇن "8-مارت" مۇناسىۋىتى بىلەن كوڭۇل ئاچقىلى رېستۇرانلارغا بېرىپ بىرمۇ بوش ئورۇن تاپالمىدۇق. ساپلا ئەرلەر دېگىنە؟
  - بىز چاغاندا دوستلار يىغىلىشى قىلغاندىمۇ ئورۇن تاپالماي، سىرتتا بىر ئاشخانىدا تۇنىگەن. ئەمەتلەر ئاشىق- مەشۇقلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئولتۇرۇشقا بىر ئاي بۇرۇن ئايرىمخانە تىزىملىتىپتۇ
  - ھە، راست. ئاداش. غەمكىن كۆرۈنىسەنغۇ؟
  - خەپ، ئۇنۋاننى ھېلىقى كىتاپ خالتىسى، سايىم لۆملۆمگە بېرىۋەتتى، ئەمەسمۇ! نەزەرىيەدىن باشقا نېمە قولىدىن كېلىدۇ، ئۇنىڭ؟ يا ئويناشنى بىلمىگەن. ساڭا دېسەم ئاداش، يەپ- ئىچىشنى، ئويناشنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ. شۇڭىمۇ بىر خوتۇنغا قاراپ ئۆتىۋاتمامدۇ- ئۇ؟!
  ۋاقىتنى ئاستىغا باستۇرۇۋېلىپ ئىشرەت بەزمىسىگە چۆككەن بۇ ئادەملەرنىڭ ئۇستىدە شەيتان قاقاھلاپ كۈلمەكتە ئىدى.
 
 
تېما تەستىقلىغۇچى : kokturuk
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-03-23, 12:35
چ چ:1272497571
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-03-23 10:06 |
alnur
ئىنسانسەن، ئىنساندەك ياشىغىن مەغرۇر،بولسۇن ھەم ..

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 62
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 719
شۆھرەت: 3913 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3908 سوم
تۆھپە: 2304 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2313 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 706(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  

تاغلارنىڭ بۈيۈكلۈكى سۈكۈتىدە. ناداننىڭ خارلىقى ئورۇنسىز سۆزىدە. سۆزنىڭ بوغۇزدىن ئۆتۈپ 32 قاراۋۇلنىڭ نازارىتىدىن چىقىپ كالپۇكقا كەلگۈچە بولغان 3 قاتلاملىق مۇساپىسى بىر ھېكمەت. ئاقىللار سۆزىنى ئەقىل تارازىسىغا سېلىپ، دىيانەت سۈزگۈچلىرىدە تاسقاپ ئېيتسا، بەدنىيەتلەر ئۇنى گۇمان ۋە رەسۋالىق يۆگەكلىرىگە يۆگەپ كىشىنىڭ قەلبىگە ئاتىدۇ.

تارىختىن بۇيان بىر ئېغىز سۆزنىڭ نامۇۋاپىقلىقى ۋەجىدىن تالاي قانلار تۆكۈلگەن. سانسىز بىگۇناھنىڭ كۆزىدىن ياش ئورنىغا قان ئاققان. بىر جۈملە ياخشى سۆز بىلەن ئىشىك ئالدىغا كېلىپ قالغان ياۋ پەيلىدىن يانغان.

بەزىدە سۈكۈتمۇ مەنىسىز ۋاتىلداشتىن ئەلادۇر. ئىتنىڭ كۆرمەي تۇرۇپ قاۋىشى تەبىئىتىدىن بولسا، ئادەمنىڭ كۆرمەي تۇرۇپ سۆزلىشى ئەقىلسىزلىغىدىندۇر. شۇڭىمۇ ئاتىلار »تىلغا ئېتىبارسىز، ئەلگە ئېتىبارسىز« دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان.

ھەممىدىن بەك ياقتۇردۇم.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-23 16:34 |
nusrat
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 46
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 233
شۆھرەت: 1193 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1197 سوم
تۆھپە: 715 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 716 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 231(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يۈرەكلەرنى ئاختۇر ئادەملەر،
بىر يۈرەكمۇ تېپىلماس پۈتۈن...

ھەربىر ۋەقەدىن بىر ئىلھام. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەممىمىز ئۇچرايمىز خىلمۇخىل ئادەم ۋە ۋەقەلەرگە. بىراق شۇنىڭدىن تەپەككۇر ھاسىلاتى يىغىپ، قۇر تىزالايدىغانلار ھەممىلا يەردە بولىۋەرمەيدۇ. ھەممىمىز تۇرمۇشنىڭ يازغۇچىسى، دەپ قويىدىكەن، بىراق بۇنىڭ ئالدىغا «ھەقىقىي» دېگەن سۆزنى يېزىش كېرەكتۇر بەلكىم.

قوشۇمچە: ماۋزۇنىڭ ئاخىرىدىكى «چېچەك» دېگەن سۆز تېما مەزمۇنى بىلەن ئانچە بىردەكلىككە كېلەلمىگەن چىراي. ماۋزۇنى مۇنداقلا ئوقۇماققا كىشى بىرخىل رومانتىك ياكى سۈزۈك، يىنىك قۇرلارنى خىيال قىلىدۇ. بىراق تېمىدا ئىپادىلەنگىنى ئاچچىق ھەقىقەت، كىشى ئويلانمىسا بولمايدىغان تەخىرسىزلىكلەردىن بىشارەت. سەمىمىي پىكىرىم لېكىن.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-23 17:41 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 661
شۆھرەت: 4176 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 4169 سوم
تۆھپە: 2356 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2399 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1236(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەڭگۇ تاشنىڭ ئەسەرلىرىنى 10 خىل مۇنبەرگە كىرسەم 10 قېتىم ئۇچۇرتىمەن ،بىرەر قېتىم بولسىمۇ باشقا مۇنبەرلەرگە بەرمىگەن ئەسەرلىرىنى باغداشقا  بەرسىكەن دەيمەن.
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-23 22:49 |
menggutash
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 349
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 117
شۆھرەت: 1110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1164 سوم
تۆھپە: 595 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 595 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1871(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   مېنى يامان يەردىن تۇتتىڭىزغۇ كۆكتۈرۈك. دەرۋەقە، بەزى ئەسەرلىرىم باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ بېرىلدى. لېكىن مېنىڭ مەقسىدىم مۇنبەرنى پاخاللاشتۇرۇش ئەمەس. چۈنكى، بەزى مۇنبەرلەرنىڭ خاس ئوقۇرمەنلىرى بار. باغداشقا بەرگەن خېلى كۆپ ئەسەرلىرىم باشقا مۇنبەرلەرگە بېرىلمىدى.
بۇندىن كېيىن سەل دېققەت قىلاي.
simfoniya
چ چ:1272497571
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-24 09:34 |
iparhan

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 762
شۆھرەت: 3865 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3895 سوم
تۆھپە: 2315 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2315 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 833(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەكمۇ ئېسىل چېچەكلەركەن .  
lutun
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-28 17:37 |
kapkara
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1279
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تەپەككۇر قاناتلانسۇن ، قەلب چىرىمىسۇن ، قەلىمىڭىز ھېرىپ قالمىسۇن. رەھمەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-04 15:07 |
gulistan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 439
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 33 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 34 سوم
تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 21 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 67(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئادەم قانچىلىك ئەقىللىق ۋە ئەپچىل بولسىمۇ ، ھالاللىقىنى يوقۇتىشى بىلەن شۇنچىلىك ياۋۇز ،ئاداۋەتچى بولۇپ  كىتىدۇ.
تېمىڭىزغا رەھمەت ،ھارماڭ
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-06 18:30 |
yadkar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1311
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 45 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 45 سوم
تۆھپە: 27 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 27 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەممە ئادەمدە نەپس ۋە روھ بولدۇ .  نەپسنىڭ گۇناھىنى روھ تۇزتىدۇ .نەپسىنى يىڭىپ روھنى غالىپ قىلالىغان ئادەم مەرد ئادەمدۇر.
ئاللا ئادەملەرگە ئىنساپ بەرگەيسەن .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-07 11:09 |
iparhan

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 762
شۆھرەت: 3865 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3895 سوم
تۆھپە: 2315 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2315 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 833(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ يازمىدا ئېيتىلغان ھەر بىر دۇردانىلەر  بىزنىڭ ھەر كۇنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىمىزغا ، ئۆز - ئۆزىمىزنى قايتا - قايتا تەكشۇرۇپ چىقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ !

« بىنالار ئىگىزلىگەن، سەمىمىيەت پەسكۇيغا چۈشكەن، نوپۇس كۆپەيگەن، ھەقىقىي ئىنسان ئازايغان، چىراي گۈزەللەشكەن، قەلب خۈنۈكلەشكەن، ئۆيلەر ئاۋاتلاشقان، كۆڭۈل غېرىبلاشقان، ئىپپەت بازارلاشقان، مۇھەببەت خازانلاشقان رىئاللىقنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى چىن مەنىدىن ئېيتقاندا شۇ جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىي بۆھرانغا دۇچ كەلگەنلىكىنىڭ دەلىلى. لېكىن سەۋەبنى جەمئىيەتكە يۈكلەپ، ئۆزىدىن ئىزدىمىگەنلەر دەل شۇ ئەخلاقنىڭ گۆركارلىرىدۇر.  »

ئارىمىزدا يوقىرقى جۇملىلەرنى چىن ۋەزنى بىلەن  چۈشىنەلەيدىغانلار  زادى قانچىلىكتۇ ؟! ...

« ھايۋان تەختكە چىقىپ، ئىنسان پەگاغا چۈشۈپ قالغان قىسمەت تارىختا كۆرۈلمىگەن. ئەتراپىمغا قارىدىم. پىستە قولتۇقلىۋالغان خانىملار كۆپىيىپ كېتىۋاتاتتى. »
يوقىرقى جۇملىلەرنى كۆرۇۋاتقان قانچىلىكىمىزنىڭ ئەتراپىمىزنى  پىستە كۇچۇكلىرىمىز ئايلىنىپ يۈرىيدىغاندۇ ؟!....

ئۆلگەندىن كېيىن قەبرىمىز  بېشىدا قاغا قوقۇلدايدىغان ئاقىۋەتتىن ساقلىنايلى !!
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-10-04 14:20 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تەرمىلەر