«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 1015 قېتىم كۆرۈلدى
menggutash

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 349
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 455 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 444 سوم
تۆھپە: 236 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 236 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 300(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تەتۈر تېمپىراتۇرا بەلۋىغى(بەدئىي مۇلاھىزە)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kokturuk تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-03-24)
رەسىم:
  (بەدئىي مۇلاھىزە)


            ﺑﯩﺮ ﮬﻪرﻛﻪﺗﻜﻪﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﻣﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﻗﯘرۇق ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯘ دۇﻧﻴﺎدا ﻏﻪﻳﯟەﺗﭽﯩﻠﯩﻚﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﭼﯜﻣﯜﻟﻪ ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﯩﺰ ﮬﻪرﻛﯩﺘﻰ ۋە ﺳﯜﻛﯜﺗﭽﺎن ﺋﺎﻏﺰى ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗلاپ ﺗﯘرﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺷﯘ ﻳﯩﺮاق ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ زاﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﺋﯩﺸلار ﺑﯘزۇﻟﯘﺷﻘﺎ ﻳﯜزﻟﻪﻧﺪى. ﺑﻮران ﺑﻮﻟﺴﯘن، ﻗﻪﮬﺮﯨﺘﺎن ﺑﻮﻟﺴﯘن ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ﻣﯩﺪﯨﺮلاپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯧﻐﯩﺰلار ﺋﯘﭼﯘر ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﺶ ۋە ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﯩﺮدەﻛﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ دۇﻧﻴﺎﻏﺎﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪى. ﮬﻪﻳﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻗﻪﺳﯩﺮ- ﺋﺎﻳﯟاﻧلار ﺑﯩﻨﺎ ﺑﻮﻟﺪى. ﺗﺎﻏلار ﺗﯜزﻟﻪﻧﺪى، ﺗﯜز ﻳﻪرﻟﻪر ﭼﻮﻗﭽﺎﻳﺪى. ﭘﯩﺮوﺑﯩﺮﻛﯩﺪا ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜرۈﻟﮕﻪن ﺑﺎﻟﯩلار ﭘﺎت ﺋﺎرﯨﺪا ﻳﻪرﮔﻪ دەﺳﺴﻪﻳﺪۇ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻣﯧﮭﯩﺮ ﺋﻪﻧﻘﺎﻧﯩﯔ ﺗﯘﺧﯘﻣﯩﺪەك ﻏﺎﻳﯩﭗﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻛﯩﻠﻮﻧلاﻧﻐﺎن ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﺰ ﻗﻮزا ﻗﻮﺷﻘﺎرلارﻧﻰ ﻏﯧﺮﯨﺒﺴﯩﻨﺪۇرﻣﺎﻗﺘﺎ. دﯦﻤﻪك، ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﺋﻪﻗﯩﻞ ۋە ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﺘﯩﻦ ﺑﻪرﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﯘدرەﺗﻠﯩﻚ ﻛﺎﻟﺘﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﯘلاﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﻧﻪرە ﺗﺎرﺗﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮدى. ﭘﺎك ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻪت ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﻪﺧﻠﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎرﯨﺪا ﺗﯩﻠﻪﻣﭽﯩﻨﯩﯔﭼﯚﭼﯩﻜﻰ، ﺋﯩﺨلاﺳﻤﻪن زاﮬﯩﺪﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨلا ﻗﺎﻟﺪى. ﮬﻪرﻛﯜﻧﻰ ﻗﻮﻧﭽﺎﻧلار دۇﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰﺋﺎرﯨلاﻳﻤﻪن. ﺋﯚﻳﯜﻣﻤﯘ ﮬﻪم ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻧﭽﺎق ﻛﯜﻟﺒﯩﺴﻰ. ﻛﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﻜﯩﻠﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﻮت ﻳﯧﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪم ﻳﯘﻣﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘﯩﻨﯩﭽﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ - ﺋﻪﺗﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪﮬﻪﻳﺮاﻧﯘ- ﮬﻪس ﺑﻮﻟﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪەك ﺗﯘﻳﯘﻟﯩﺪۇ. ﻳﺎۋاﻳﻠﯩﻖ ﺳﺎﭘﺎﻟﺪەك ﻛﯘﻛﯘم ﻗﯩﻠﯩﻨﺪى. ﺗﻪﺑﺌﯩﻲﻛﯜچ ۋە ﻗﺎرام ﺧﺎراﻛﺘﯩﺮ ﺟﺎﯕﮕﺎﻟلاردﯨلا ﻗﺎﻟﺪى. ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﮬﻪر ﻣﯩﻨﯘت ﺋﯧﺴﯩﻤﯩﺰﮔﻪﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘرﺳﺎﻗﻤﯘ، ﺑﯩﺮاق ﻣﯧﮭﯩﺮﻟﯩﻚ ﭘﻪردﯨﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪي ﻳﯩﺮﺗﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪۇق. ﻣﺎﺗﯘر ۋە ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﺎراﻗﻠﯩﻐﺎن ﺋﺎۋازى ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﭘﯘرﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻦﻣﻪﮬﺮۇم ﻗﯩﻠﺪى. > ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻨﯘت، ﭘﻪﻗﻪت ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻨﯘﺗﻠﯘق ﺳﯜﻛﯜت ﻛﯧﺮەك < دﯦﮕﯜﻣﯩﺰ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ، ﺋﯚز ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﮔﻪ...
******
               ﺷﺎﻛﺎﻝﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﻪﮔﯩﭗ ﻳﯜﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﺮﺳﯩﺰﻫﺎﻳﺎﺕ، ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﯩﻚ، ﺩﻩﺯ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭼﯩﻨﻪ. ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯘﺭﺳﻰﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﯩﮕﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ؟ ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﺴﯩﺰ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺧﻮﺗﯘﻥﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ.ﺩﻩﺭﺩﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ «ﻗﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ» ﺩﻩﭖ ﺳﯧﺴﯩﻖﺷﯚﻟﮕﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﻦ ﻗﯩﺰ ﭼﯩﻘﻤﯩﺴﺎ ﻗﯘﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺗﯚﺷﯜﻙ ﻧﺎﻥ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻫﯧﻜﻤﯩﺘﻰ ﻧﻪﺩﻩ؟ ﻧﯩﻜﺎﻫ ﭘﺎﻙ ،ﻫﺎﻻﻝ ﻧﯧﻤﻪﺕ.ﺋﯩﭙﭙﻪﺕﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮔﯜﻟﻰ.ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﮔﯜﻟﻨﻰ ﮔﯜﻝ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﻩ ﮔﯩﻴﺎﻫ ﺩﯦﮕﻪﻥﺗﯜﺯﯛﻙ.ﺋﺎﺷﯘ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻱ ﺋﯩﭙﭙﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﺧﺸﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺑﻪﺩﻩﻝ ﺗﯚﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻨﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘ ﻧﯩﻜﺎﻫﻨﻰﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ،ﻳﻮﺗﻘﺎﻥ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺗﯩﯟﯦﻠﯩﭙﻤﯘ ﺳﻪﯞﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﮕﯩﻨﻰ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱﭘﻮﻗﻘﺎ ﭼﯩﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﺎﯕﻘﯘﺭﺕ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻘﺎﻧﻤﻪﻥ.ﻫﻪﻱ ﺳﺎﺩﯨﺮ،ﻫﻪﻱ ﻧﺎﻣﺴﯩﺰﭘﺎﻟﯟﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ،ﻛﯚﺭﯨﯟﺍﺗﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻟﯩﻨﻰ. ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍﺗﯩﻠﻼﺷﺴﺎ «ﺋﻪﺳﻜﯩﻠﯩﻜﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻨﺎﯕﻤﯘ ﻳﻮﻕ.»ﺩﯦﻴﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﭘﺘﯩﻤﯩﺶ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻫﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻗﻪﺩﺩﯨﻨﻰ ﻛﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻧﯘﺗﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔﻣﺎﺋﺎﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﭙﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻳﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩﺪﺍﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺭﻩﯕﮕﻰ ﻗﺎﺭﯨﺪﺍﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻫﻪﯞﯨﺴﻰ ﻗﺎﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶﺧﯩﺘﺎﭘﻨﺎﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﺪﻯ.ﺷﻪﻫﻪﺭﮔﻪﻳﯧﻘﯩﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﻪﻧﺘﺘﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﺘﺎ ﺑﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﯕﯜﻝﺋﺎﭼﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ،ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﯜﺭﯨﻨﻰ ﻫﻪﻡ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥﺋﺎﺗﺎ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻯ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﭼﺎﻗﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﺟﯘﻻﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ .
ﻫﺎﺭﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﻼﺳﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺯﯗﻟﻘﻪﺭﻧﻪﻳﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﻼﺳﯩﺪﯨﻦﻗﯧﻠﯩﺸﻤﯩﺪﻯ.ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﺋﯚﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺟﯩﮕﺪﻩ ﻳﯩﻠﯩﻤﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗﺷﺎﻫﺰﺍﺩﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ.ﻗﯩﻴﺴﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﻛﺎﺭ ﺳﻮﻗﻤﺎ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﻏﯧﺮﯨﺒﻠﯩﻘﻰﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ.
                 ﻫﻪﺳﻪﻝ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ، ﻗﺎﭼﺎ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ،ﺋﯩﻨﺴﺎﭖ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ، ﺳﯚﻟﻪﺕ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ.ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻨﻰﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﭺ ﻗﺎﻟﺪﻯ.ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﻢ .ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻗﯩﻖ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺑﻮﻻﻱ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺳﯚﺯ ﯞﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯧﻨﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥﺋﻪﻱ ﺷﺎﺋﯩﺮ.ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﯖﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯨﯟﻩﺕ.ﺋﻪﻟﮕﻪ ﻛﯚﻳﻤﯩﮕﻪﻥ ﻗﻪﻟﻪﻣﻨﻰ، ﻗﺎﻥ ﺗﺎﻣﭽﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻗﻪﻟﻪﻣﻨﻰﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯨﯟﻩﺕ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﯔ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎﻥ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖﮕﻪ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﯔ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ،ﻛﯚﺭﻣﻪﺳﻜﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖﮕﻪ.ﻳﺎﭘﺮﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻣﺴﻪﻥ؟  ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ  ﺋﯩﺸﯩﻜﻠﻪﺭ ﻗﯘﻟﯘﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻗﻮﻟﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﻪﺭ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺳﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭ ﺋﻪﺭﻛﯩﻠﯩﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﻪﺭﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺳﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﭘﯩﺴﺘﻪ ﻛﯜﭼﯩﻜﯩﯖﻨﯩﯔ ﭘﻮﻗﯩﻐﺎ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﯩﻨﯩﯖﭽﻪ ﺧﯩﻴﺎﻟﻐﺎ ﭘﺎﺗﻘﺎﻥﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ.
           ﺑﻮﯞﺍﻡ ﮔﯜﺭﺳﯩﻠﺪﯨﺘﯩﭗ ﺩﻩﺳﺴﻪﭖ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﺯﯨﻤﯩﻨﺪﺍ ﺧﯧﻨﯩﻤﺪﻩﻙ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﺩﻩﺳﺴﻪﭖﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﻛﻮﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﯞﺍﺧﺎﺧﺎ،ﺟﻴﺎﺟﯩﻴﺎﮔﻪﻳﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﯩﮕﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻨﻰﺧﺎﻟﯩﻤﯩﺪﯨﻢ-ﺩﻩ ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ.
*** **** ***
           ﻻﺗﺎﺭﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﻛﯩﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺱ -ﺑﻪﺳﺘﻪﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ،ﺗﺎﻻﻱ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺗﯧﺮﯨﻤﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﻳﯩﺮﺗﯩﻖ ﭼﺎﭘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭ ﺋﯧﺸﻪﻛﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﺮﺩﺍﻥ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ.ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﻳﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ ﺩﺍﺭﺍﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻳﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﯘﻻﭖ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘﻗﻪﯞﻡ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﺱ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﻏﯘﻗﻘﺎﻥﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﻫﺎﻻﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﻨﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﻪﺕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﯨﻨﻰ ﻫﺎﺭﺍﻡ ﺗﻪﻟﻪﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻼﺵ ﻗﯩﺴﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺋﻪﭘﺘﻰﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﻪﺭ، ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﭗﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ.ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻳﯧﺰﯨﺪﺍ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﻪﻣﻨﯘﻧﻠﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯜﺭﯨﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ،ﺩﻩﺭﻩﺥﻛﯧﺴﯩﺸﺘﻪﻙ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ،ﭼﯜﻧﻜﻰ 3-4 ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﺰﯨﻤﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﯩﺪﺍ ﺑﯘﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ﺩﯦﻤﻪﻱ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻗﻮﻟﯘﻡ -ﻗﻮﺷﻨﯩﻼﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪت ،ﻣﯧﻬﯩﺮ-ﯞﺍﭘﺎ،ﺋﯩﺸﻪنچ ۋەيران بولىۋاتاتتى.ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﻰﭼﺎﻻ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﺳﻪﻫﺮﺍﻻﺭﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺕﯞﻩ ﻗﻪﺭﺯ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﻻ ﺋﯩﺴﻜﻪﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﻣﺒﻪﻝ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﺪﯨﻜﻰﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯘﻫﺴﯩﻨﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ.ﺗﯩﭙﺘﯩﻨﭻ ﯞﻩ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺭﯦﺘﯩﻢ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﯧﻴﺘﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪﻩﻙ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﻛﯚﻣﮕﻪﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻘﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﺗﯚﻛﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ،ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯧﺴﯩﻖ ﺳﯘ ﻛﯚﻟﭽﻪﻛﻠﯩﺮﻯ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯘﯞﯨﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺭﻩﯓ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﯜﭼﻰﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ،ﺭﻩﯕﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﺑﮕﺎﻫ ﻣﺎﻟﻼﺭ ، ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺗﺎﯞﺍﺭﻻﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻖﻗﯩﺴﻤﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﯩﺴﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯧﺰﺍ ﻗﯩﺸﻼﻗلارغا ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ،ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ  ﻳﯜﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
          ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻖ.ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯚﻛﯜﺯﺩﻩﻙ ﺗﯚﺕ ﺋﻮﻏﻠﻰﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﺪﻯ.ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﻜﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯘﻳﻤﺎﻳﺘﺘﻰ.ﺑﻮﯞﺍﻳﻼﺭ ﺋﯘﻫﺴﯩﻨﺪﻯ.ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔﻣﯘﯕﻠﯘﻕ مۇقام ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ،ﺟﻪﯕﻨﺎﻣﻪ ،ﻫﯧﻜﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﺮﺍﻛﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻤﺴﯩﺰ ﺋﯜﻧﻰﺋﻮﻏﺮﯨﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ ﻗﻮﺭﻏﯩﻨﻰﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻫﯩﻼﻧﻪ ﺗﯩﺮﻛﯩﺸﯩﺶ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.
        ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﻝ ﯞﻩ ﻗﻪﯞﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﻯ.
        ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﯨﮋ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ،<ﺑﯜﻳﯜﻙﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻨﺪﯗﺭ.> ﺷﺎﻫﻤﻪﺷﺮﻩﭘﻨﯩﯔﺋﺎﻏﯟﺍﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺷﺎﻫﻤﻪﺷﺮﻩﭘﻨﯩﯔ 30-ﺋﻪﯞﻻﺩﻯﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺩﻩﯞﺍﻏﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.ﺋﺎﻓﺎﻕ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ،ﺑﻪﮒ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﺩﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﭼﯧﻜﯩﻢ ﻣﻮﺧﻮﺭﻛﺎ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﻣﻪﺧﻮﺭﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥﭘﯜﻛﯜﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺑﮕﺎﻫ ﺭﻭﻫﻼﺭﻧﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.ﺷﺎﻫﻤﻪﺷﺮﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ «ﭘﯩﺮ،ﺋﻪﯞﻟﯩﻴﺎ» ﺩﻩﭖ ﭘﯧﺸﯩﮕﻪ ﺳﯚﻳﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺭﯛﻥ ﺗﻪﻟﻪﺗﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺳﯩﻴﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔﻫﯧﻜﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ.
    ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﺗﯘﻏﯘﻟﺴﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺕ ﺷﺎﺩﻟﯩﻨﺎﺭﻣﯩﺶ.ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﯩﺰﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﺋﻪﻫﻠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﺪﺍ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﻜﻪﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.ﻣﯘﺷﯘ ﻗﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﯟﯦﺘﯩﭗ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗﻛﻪﺗﻜﻪﻥ <ﻟﯜﻛﭽﻪﻙ> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﺘﻰ.ﺑﯚﺭﻩ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻗﻮﻳﻨﻰﻗﻮﺗﯘﺭ ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻟﯜﻛﭽﻪﻙ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ﺧﯧﻨﯩﻢ-ﺯﻩﻳﭙﺎﻧﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﺵﻛﯚﺗﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻜﻪﻧﺪﻩ؟ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ،ﻟﯜﻛﭽﻪﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺑﻮﺯﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﺎﯞﺍﺵ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺗﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﺗﺘﻪﻫﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺩﯨﭙﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺴﻪ ﻛﯧﺮﻩﻙ.ﺳﺎﺩﯨﺮ ﭘﺎﻟﯟﺍﻧﻤﯘ ﻫﻪﻡ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺟﯩﮕﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﻟﯜﻛﭽﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻟﯜﻛﭽﻪﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍﺯﯨﻨﺪﺍﻧﺪﺍ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﮔﺎﯕﮕﯘﯓ ﺑﺎﻗﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﭘﺎﻟﯟﺍﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺯﯨﻨﺪﺍﻧﻨﻰ ﺗﯧﺸﯩﭗﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ..ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ ﺳﺎﺩﯨﺮﻧﯩﯔﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺯﯨﻨﺪﺍﻧﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺟﯩﮕﯩﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﻣﻪﻫﺒﯘﺱ ﻗﺎﻣﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻴﺪﻯ ﻗﯧﭽﯩﭗﭼﯩﻘﺎﻟﯩﻐﺎﻥ،ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭼﯧﺮﯨﻜﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻩﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻻﺭﻣﯩﺪﻯ؟ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺯﯨﻨﺪﺍﻧﺪﺍ ﻗﯘﺭﺗﻼﺭﻏﺎﻳﻪﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ،ﮔﯘﻧﺎﻫﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﭖ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻥ ،ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﻮﺷﺎﻕﺗﻮﻗﯘﭖ ﺋﺎﻫ ﺋﯘﺭﺍﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙقەھرىمانلار ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.بىر ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﻟﯟﺍﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﻪﺵ ﺋﺎﺗﺎ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰﺗﯩﺮﯨﭙﯩﺮﻩﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭ ﻛﯚﭖ.ﺋﻪﻧﻪ ﺋﺎﺷﯘ ﭘﺎﻟﯟﺍﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺭﺍﺟﻰ ﺑﺎﻻ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﺑﺎﺳﻤﯩﭽﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻐﺎ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.ﺟﺎﻟﻼﺕ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﯧﺸﻰ ﺭﺍﺟﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻳﻐﺎ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭﭼﻪﺱ ﺑﺎﻏﻼﭖ <ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﯩﺪﻩﻙ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﻮﯓ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺎﻱ.>ﺩﻩﭖﭘﯩﭽﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﺍﺟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﻛﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﻏﯘﺯﯗﭖ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﯞﺍﻟﯩﺪﯗ.ﻫﯧﻠﯩﻘﻰﻣﻪﻟﺌﯘﻥ<ﺑﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﻳﯧﺴﻪ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺑﻮﻻﺭﻣﯩﺶ> ﺩﻩﭖ ﺭﺍﺟﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﯩﻨﻰﻗﻮﺭﯗﭖ ﻳﻪﻳﺪﯗ.ﻣﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﯘﻣﯘﻟﻨﯩﯔ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ،ﻫﻮﺭﯗﻧﻠﯘﻕ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﺭﯛﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﭼﺎﻣﯩﺴﻰﻳﻪﺗﻤﻪﻱ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﻍ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﺭﻭﻫﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﻧﺎﻟﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﭼﯧﻠﯩﻘﺘﯘﺭﺍﻟﻤﯩﺪﯨﻢ.ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﻮﯞﺍﻳﻼﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮﺋﯘﻫﺴﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.ﺋﻪﻧﻪ ﺋﺎﺷﯘ ﭘﺎﻟﯟﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﺳﯜﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﻳﻪﺗﻤﻪيۋېتىپتۇ.ﺋﯚﻱ-ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﺗﯧﻠﻔﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﻪﺭ ﻛﯜﻧﻠﻪﭖ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺗﯘﻧﯩﻴﺎﺯﻧﯩﯔ <ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﻳﻮﻕ ،ﺗﺎﻏﻼﺭ ﻗﯘﻣﯘﻟﻠﯘﻕ> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﯩﺴﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ.ﺋﻪﻳﻨﻰﭼﺎﻏﺪﺍ ﻟﯜﺷﯜﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﺎﭘﯜﻧﯩﻴﯩﺪﻩ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻟﯘﻗﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﯩﻨﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺋﯘﻧﻰﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯧﻨﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﯩﻦ ﺭﻭﻫﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.ﻓﯩﻠﯩﻤﺪﻩﺑﯩﺮ ﺟﻮﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻨﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ  ﺟﻪﻣﺌﯩﻴىەتكە ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ، ﮔﯘﻧﺎﻫﺴﯩﺰ ئادەمنى ﺑﯩﺮ ﺑﻪﺩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻜﺎﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﺋﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻫﻪﻕﻧﺎﻫﻪﻗﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﺩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﻫﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﺎﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻫﯘﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭﻛﻰ ﻛﯚﭖ.
***********************************
            ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﻠﺪﯨﺮﻻﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﻯﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﻜﯩﻤﮕﻪ ﻗﻪﺳﺖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺑﯘ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﻤﻪﻥ.ﺋﺎﺭﺍﻣﺒﻪﺧﺶﺟﺎﯕﮕﺎﻟﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮﺩﺍﻥ ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻳﯚﮔﻪﻳﻤﻪﻥ-ﺩﻩﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﻧﯧﺮﭘﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﺭﺍﻣﻼﻧﺪﯗﺭﯨﻤﻪﻥ.ﺟﺎﻥ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﻰ ﻳﺎﻧﻔﯘﻧﯩﻤﻨﻰ ﺯﻩﺭﺩﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥﭘﺎﭼﺎﻗﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻤﻪﻥ.ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﺗﺎﻻﻟﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺗﯩﺘﻤﺎﺗﺎﻻﯓ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﻫﺎﺭﺍﺭﻩﺗﺴﯩﺰﺗﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ﭼﯚﻟﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﻗﯩﻤﻪﻥ.ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﯩﺘﯩﻤﻪﻥ. ﺋﻪﻱ ﺋﺎﻧﺎﺯﯨﻤﯩﻦ،  ﭘﺎﺭﺍﻏﻪﺕ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻗﺎﻣﻐﺎﻗﻼﺭﻏﺎﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﯔ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﺗﻮﻏﺮﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ﻏﯘﺭﯗﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻨﯩﯔ ﻫﺎﺟﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟

ﺑﻮﻏﯘﻟﺪﯗﯓ ﻗﺎﺗﻤﯘ -ﻗﺎﺕ ۋىجدان ﻗﻪﺭﺯﯨﮕﻪ،
ﻗﯧﻨﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯘﻧﻐﺎ ﭘﯘﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﻟﺌﯘﻥ.
ﺳﯘﺳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺭﻩﯕﮕﯩﻤﮕﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﺪﻯ كەچمىش،
ﻣﻪﻥ ﻏﺎﭘﯩﻞ ﻗﻪﻟﺒﺘﻪ ﺋﯘﺧﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯜﻥ.
 
ﺑﯧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯜﻥ-ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ،
ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻛﯚﻟﺪﯨﻜﻰ ﻟﻪﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ.
ﭼﯩﻦ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻧﻪﻳﺰﯨﺴﻰ ﻛﯚﺳﻪﻱ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ،
ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻗﯘﺕ ﻳﯚﮔﻪﻛﺘﻪ ﺋﻪﻟﻠﻪﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ.
 
ﺗﯘﺭﺍﻻﺭ ﺳﯧﻐﯩﻨﻐﺎﭺ ﭘﺎﻟﯟﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ،
ﻫﯩﺠﺮﺍﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﯞﯗﻟﯘﭖ ﭼﯜﺷﻪﺭ ﭼﺎﻟﻤﯩﻼﺭ.
ﺳﻪﻧﻪﻣﻨﯩﯔ ﺗﻮﺯﯗﻏﺎﻥ ﭼﺎﻫﺎﺭ ﺑﯧﻐﯩﺪﺍ ،
ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻳﺪﯗ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﺨﺎﻧﯩﻼﺭ.
 
ﺑﯘﺯمىغىن ﯞﻩﺩﻩﯕﻨﻰ ﺋﻪﻱ ﻏﻪﻣﻜﯩﻦ ﺩﺍﻻ،
ﻛﯜﻳﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯ،ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﻗﻮﺵ -ﻛﺎﻻ.
ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﯘﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﮔﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ ﻧﯘﺭ-ﺟﯘﻻ.
 
          ﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ، ﺧﯘﺵ ﻗﺎﻝ ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﻰ ﺋﯧﮕﯩﻠﮕﻪﻥ ﻳﻮﻟﻼﺭ. ﺋﯩﭙﭙﯩﺘﻰ ﺑﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺩﻭﻗﻤﯘﺵ.ﺧﯘﺵ ﻗﺎﻝﭘﺎﺭﺍﯓ ﺋﺎﯞﯗﻏﺎﻥ ﺭﻩﺳﺘﻪ.ﭼﯩﻨﯩﺴﻰ ﭼﯧﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﻮﻛﺎﻥ.ﺗﻪﻛﭽﻪﯕﺪﻩ ﺳﯘﺱ ﭘﯩﻠﺪﯨﺮﻻﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺟﯩﻦﭼﯩﺮﯨﻘﯩﯖﻨﻰ ﭘﻪﺭﻟﻪﭖ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎ.ﻧﯘﺭﯗﯕﻨﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ كوچا چىراقلىرى ﺋﻮﻏﺮﯨﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.ﺋﯧﺸﯩﻜﯩﯖﮕﻪ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﺎﻣﺴﻪﻥ،ﺩﯦﻬﻘﯩﻨﯩﻢ؟ ... ﻗﺎﺩﺍﻗﻠﯩﺮﯨﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺳﯘ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﯖﺪﺍ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﻳﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯘﺭﯨﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﭖﺳﻪﭘﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯧﭽﻪ ﭼﯧﻜﻪﺗﻜﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﻘﯘﭼﻪ ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺵ ﺗﯚﻛﺘﻰ،ﺑﯘﻧﻰﺳﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﻠﯩﺴﻪﻥ؟ ﺳﻪﻥ ﻛﻪﺗﻤﯩﻨﯩﯖﻨﻰ ﻗﺎﻏﺎﯞﻩﺭﻣﯩﮕﯩﻦ.5 ﺑﺎﻻﯕﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﺴﻰ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﯖﻨﻰﺋﻪﺯﺩﻯ.ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﺋﯩﺪﯨﯔ.
 
ﺋﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﮔﺴﻪﯓ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻪﮔﻜﯩﻦ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﯚﺭﻩﺭﺳﻪﻥ،
ﭼﺎﭘﯩﻨﯩﯖﻨﯩﯔ ﭘﯧﺸﯩﻐﺎ ﺗﯧﺰﻩﻙ ﺗﯧﺮﻩﺭﺳﻪﻥ.
 
        ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﺪﻯ.ﺳﻪﻫﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﺩﻯ ﺋﯧﮕﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﯓ.ﻗﯩﺮ ﺑﻮﻳﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰﺋﯘﻳﺎﺗﭽﺎﻥ ﺋﻮﺗﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺷﻪﺑﻨﻪﻡ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ.ﺋﯜﺟﻤﯩﻠﻪﺭ ﻣﯧﯟﻩ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎﻛﻪﻟﺪﻯ.
        ﻛﯜﻧﺪﻩﺷﻠﯩﻚ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﯚﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﻨﻰﻗﻮﻗﺎﺳﻘﺎ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ.ﭼﺎﺗﺮﯨﻘﯩﻐﺎ <ﮔﯘﻧﺎﻫ> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ <ﻛﯧﻠﻪﭼﻪﻙ> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﻘﺎ ﺗﻪﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯧﭽﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﻤﻪﻥ.ﻛﯧﭽﻪ ...ﺗﺎﻻﻱ ﻛﯧﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ.ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺩﻫﯩﺶ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻗﻪﺗﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺌﯩﺪﻯ.ﺑﯘﻛﯧﭽﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯜﻟﺒﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﮔﯘﻧﺎﻫﻰ ﻛﻪﺑﯩﺮ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ.ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻫﯩﻴﻪﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﻣﺪﻩﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ.ﺳﯧﺴﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻗﯩﻞ ...ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰﺋﯩﺒﺎﺭﯨﮕﻪ ﺳﯩﻐﺪﺍﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻏﺠﯩﺮﺍﻕ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻤﻨﻰ ﻗﻮﻳﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﻳﻤﯘ؟ ﻳﺎﻕ،ﺷﯩﺮﯨﻦﺋﯘﻳﻘﯘﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﺎﻱ ﺩﻩﻣﺴﻪﻥ؟ ﺳﻪﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﺴﯩﺪﯨﻦﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﻰ.ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﺘﯩﻦ ﻏﺎﻝ -ﻏﺎﻝ ﺗﯩﺘﺮﯨﮕﯜﭼﯩﺴﻪﻥ.ﺳﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ؟!ﺋﻪﻱﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﻗﯘﺭﺕ.ﻗﯧﻨﻤﯩﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﺎﺩﺍ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ.ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﻮﻳﻨﺎﻗﺸﯩﭗ ﺳﻮﻗﯘﭖﻛﯚﻧﮕﻪﻥ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻢ ﻗﻪﭘﯩﺰﯨﺪﻩ ﭘﯘﻻﯕﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ.ﻗﯧﻨﻰ ﻣﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﮔﯘﻧﺎﻫ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ؟ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻢ؟ ﻫﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﻧﻪﻳﺮﻩﯕﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﻢ ﺗﯜﯞﯨﺪﻩ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ.ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻗﻮﺭﻏﯩﻨﯩﻐﺎ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.ﺋﯩﺒﻠﯩﺲ ﺩﻩﯞﺯﻩﻗﻘﻪﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻩﺳﺴﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﯩﻴﯩﻘﯩﺪﺍ ﻛﯜﻟﯜﭖﻗﻮﻳﺪﻯ.
************
         تۇرۇپلا كۆز ئالدىمدا بىر دۆۋە ئەخلەت مېڭىپ يۈرگەندەك ھېس قىلىمەن. بولدىلا، سەۋر قىلىش يەنىلا ئاقىلانە تاللاش. مېنى تەشۋىشكە سۆرەيدىغان ئىشلار ساماندەك . قايسى بىرىنى قىلىمەن. مىنگىنىم يەنىلا ئاتام مىنگەن ئېشەك. كىيگىنىم كاستۇم- بۇرۇلكا بولغىنى بىلەن كاللامدا باتىل سۆيگۈ.  گىياھلارغا قارا. زىمىندىن كۆكلەپ زىمىنغا سولىدۇ. پەيلەرگە قارا. بۇيۇك پەرۋاز ئۇچۇن قېقىلىپ ، ئەجىر ئۈچۈن توزۇيدۇ. تۇغۇمدىن يەنە بىر تۇغۇمغىچە بولغان جەرياندا ئۇپرىغان زېھىن، كەش ۋە تاپانلارنىڭ چوقۇم ھېسابى ئېلىنىدۇ.  يوقال، قېنىمدا ماراپ تۇرغان شەيتان! ئوزىگە ئىگە بولالمىغان قەۋمنىڭ ئىككى دۇنيادىلا قارا يۇز بولۇپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەز ئېيتىۋاتقان چېغىمدا دوپپىلارنىڭ قۇسۇققا مىلىنىپ ياتقانلىقى ، ئەيدىزنىڭ ئەتلەس كۆينەكلەرنى ئەگىپ يۇرگىنىنى كوردۇم. رېستۇرانغا جەملەنگەن بىر دۆۋە ئەخلەت  تەخسە- تەخسە ئەخلەتلەرنى ئىشتىھا بىلەن يېمەكتە ئىدى. دىل قەساۋەتلىشىپ كەتكەندە تېرەڭ شەيتان ئۇچۇن دۇمباق كېرىشكە ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولغان بولىدۇ. "تورمۇز" ئىنى قويىۋەتكەن ئازغۇنسەن.
           بوۋامنىڭ نىداسىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ رىئاللىققا نەزەر تاشلىدىم. ئىمتىھان مەيدانى بولغان فانى دۇنيا ۋاراڭ- چۇرۇڭغا تولۇپ كېتىپتۇ. مىسكىنلەر بىر بۇردا نانغا زار بولسا ، رىزىق بېرىلگەنلەر سۈت بىلەن بېزەپ تەنلىرىنى يۇيۇۋېتىپتۇ. ئىنسان ئىنسانغا باش ئۇرىۋېتىپتۇ. ئۇنۋان ئېلىش تەمەسىدە سەلتەنەتلىك ئاكادېمىيە بىنالىرىنىڭ ئالدىدا ھۇقۇشتەك ماراپ تۇرغانلار ئەڭ مۇھىم ئۇنۋاننىڭ ، ئادىمىيلىك ئۇنۋانىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلالامدۇ؟ شائىر يازدى. ئەمەل قىلمىدى. ئانا تۇغدى، پەرۋىش قىلمىدى. مەسئۇلىيەت بىلەن مەھكۇملۇقنىڭ ئارىسى بىر قەدەم. مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ مېۋىلىرى ئەتراپىمىزدىلا سانجاق- سانجاق تۇرمامدۇ؟ قۇندۇزدەك قارا كېچىنىڭ قوينىدىن :

 پىۋا ئىچسەم ، سىيمىسەم،
  ئىشتان كۆينەك كىيمىسەم.
  مەست بوپقالسام ئەتىسى،
  ھېچنىمىنى بىلمىسەم.
 
          دېگەن قوشاقلار ياڭراۋاتاتتى. "ئانا، بويۇمدا قاپتۇ. پۇل بېرە، چۇشۇرىمەن." ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكەن قىزنىڭ شىۋىرغاندەك سوغۇق ھۆكۇرىشىدىن زىمىن سىلكىنىپ كەتتى. تاغلار تىترەپ كەتتى. بىر ئوغۇل پۇل بەرمىگەنلىكى ئۇچۇن ئاتىسىنى ئۇرىۋاتاتتى.
   "ئىنسان قەلبى بولغانغان دەريا. سەن دېڭىز بولغىن. شۇندىلا بۇلغانغان دەريانى ئىلكىڭگە ئېلىپ تۇرۇپمۇ بۇلغانمايسەن." دەيدۇ ئۆلىمالار. ئىختىيارىمىزنى بەرسەك تەڭشەك بۇزۇلۇپ تەن خارابلىققا يۇز تۇتىدۇ.    ئەقىدە بولمىسا ئادەمنىڭ ئېشەكتىن پەرقى بارمۇ؟ پەرق بىرىنىڭ بەدىنىدە لىققىدە تۇك. يەنە بىرىنىڭ تېنىدە لىققىدە گۇناھ قاچىلانغان بىر پارچە سېسىق گۆش.
         ساقچى بىلەن ئوغرىنىڭ دوستلۇقىدا نېمە مەنە بار؟ ئالەمگە ئۇچقان ئۇچقۇچى بىلەن قۇسۇقىغا مىلىنىپ ياتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ئۇچۇرلار قايسى مەزمۇندا؟ تەپەككۇر قۇدرىتى بىلەن زىمىندا سەير قىلغۇچىلارغا ئاپىرىن.
  بىر دوقمۇشقا باردىم. "شارۇننىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپتۇ. نىجاد چاتاق سۆزلەرنى قىلىپ سالدى." يەنە بىر كوچىغا باردىم."مائاش ئۆسىدىكەن." بۇ يەردە ۋاقىت ئەزمىلىك بىلەن ئۆتىۋاتاتتى.
    نېمە ئۇچۇن ئوخشاش ماكان ئوخشاش زاماندىكى كۆك كۆزلۇكنىڭ مېڭىسىدە ئالەم كېمىسىنىڭ نازۇك چېرتىيۇژى شەكىللىنىدۇ-يۇ، قوي كۆزلۇكنىڭ مېڭىسى ئېشەك ھارۋىسىنىڭ ئاددىي سىخىمىسىدا توختاپ قالىدۇ؟
  ئۆزىنى ئىزدەش داۋاملىشىۋاتاتتى. ھەر بىرى 9000  ئادەمنىڭ كاللىسىدىن پۈتكەن، 124 كاللا مۇنارى سارغايغان ئۇيغۇرنىڭ ئېڭىدىن پاكىزە سۈپۈرۈپ تاشلانغان ئىدى.

  **********
            بىر موماينىڭ قېتىقى ئۇچۇن ئوز چېرىكنىڭ قارنىنى يارغان ياقۇپبەگ سەلتەنەتى نېمە ۋەجىدىن قولدىن كەتتى؟  "سىرلىق ئارال" ناملىق كىتابتىكىدەك پۇتى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىر تال ھاشاراتنى ئۇچ پۇتلۇق ھاشارات بايقىدىم، دەپ بىر ئۆمۈر تەتقىق قىلغان بىندىكىتتەك ئادەملەر ئارىمىزدا خېلى كوپ. ئاسانلىقچە چىن دوست تاپقىلى بولمايدىغان بۇگۇنكى كۇندە بىر قېتىملىق چوكا دېگەندەك بىر قېتىملىق دوست دېگەن ئاتالغۇ پەيدا بولۇپ قالدى. ئاڭلىسام بۇنداق دوستلاشقاندا ھاجەت راۋا قىلىنغاندىن كېيىن كوۋرۇك بۇزۇۋېتىلىدىكەن.
     بىر >ھۈرمەتلىك< قەلەم ساھىبى ئۆز يۇرتىدا ئەۋج ئالغان بەچچىۋازلىق ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ، ئۆزىنىڭمۇ بىر قېتىم  قاملاشقان بەچچىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ قويغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى.
 بۇغدا دوختۇرخانىسى ئالدىدىكى ئۆچرەت نېمانچە ئۇزۇن؟ خوتەننىڭ ئەرلىك قۇۋۋەت ئاشۇرغۇچى دورىلىرىنىڭ نېمىشقا بازىرى ئىتتىك؟ سەۋەبسىز ئىش يوق. مەنىۋىيەت بۇزۇلۇپ ، تۇزۇلۇشنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى بىلەن تەڭ ئۇنىڭ جازالىرىمۇ يېتىپ كەلدى. سېرىق چاچلىق خېنىملار بىلەن پەنجىنلەنسىمان چوكانلارنىڭ قۇچاقلىرىدا ھۇزۇر سۇرىۋاتقان نائەھلىلەر ئارىسىدىن دەۋزەق ئوتىنىڭ تەپتىنى سەزگەندەك بولىمەن. ئەيدىز كەلكۇندەك يامراپ كەلدى.
        بۇ يەردە غۇرۇر رومكىلارغا مىخلانغان. ئىپپەت چار بازارچىنىڭ ئەرزان مېلىغا ئايلانغان. بىز خەق ھەمجىنىسلار تۇرمۇش قۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغاندا بۇ ھەقتە ئاللاتوۋۋا كۆتۇردۇق. كۆتلۈك قىلىدىغان ئۇيغۇر بىزدىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى.   يائاللاھ! بىر نائەھلى خوتۇن ئوگەي نارەسىدىنى ئولتۇرۇۋەتتى. بىر ئوغۇل تۇغقان ئانىسىغا باسقۇنچىلىق قىلدى. يەنە بىر مەلئۇن قىزىنى ئاياغ- ئاستى قىلىۋاتاتتى. ئىمكانسىزلىق ۋە غۇرۇرسىزلىق قەددىنى ئەگكەن ئايرىم كىشىلىرىمىزنىڭ ئۇچىسىغا ئاز- تولا مودا كىيىم ئىلىنغاننى دېمىگەندە كاللا يەنىلا 200 يىل بۇرۇنقى ناسۋال قاپاق تارتىپ ئولتۇرغان چاغدىكىدىن قېلىشمايتتى. پەقەت ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا بىنالار ۋە زامانىۋىي تۇس قويۇق ئىدى. خۇددى ھازىرقى چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ سۇلالىلەر ۋاقتىدىكىدەك پۆپۇكلۇك قالپاق ۋە زەرباب تون  كىيمىگەن بىرلا پەرقى قالغاندەك ئىدى.
  چىۋىن ھەرقانچە چوڭايغان بىلەنمۇ چىۋىن تۇغىدۇ. بالىلارنى ئەقىللىق تەربىيىلەش ھەققىدە كىتابلار ئۇزۇلدۇرمەي چىقىۋاتىدۇ. بىراق ئەقىدىلىك تەربىيىلەش ھەققىدە بىرمۇ كىتاپ چىقىپ باقمىدى. ئاتنىڭ كۆزىنى توسۇپ جۇۋازغا قوشۇپ قويسا ئۇ مەڭگۇ ئۆزىنى شانلىق سەپەردىمەن ، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى شۇنداق. زىيالىيلىرىمىز دېھقاننىڭ ئەھۋالىنى چۇشەنمەيدۇ. كادىر پۇقرانىڭ ئويىنى بىلمەيدۇ. مىللي ئۇيۇم سۇسلىشىپ ھەر كىم ئوز كويىدا. مەن تونۇيدىغان بىرنەچچە سودىگەر بىرلىشىپ بىر تاللا بازىرى قۇردى. لېكىن شەيتان نەسنىڭ يامانلىقىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقى باشقا چىقمىدى. خەنزۇ قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ھەر يەرلەردىن كېلىپ ئاسمانپەلەك بىنالارنى نەچچە ئايدىلا پۇتتۇرۇپ مىليونلاپ پۇل تېپىۋاتىدۇ.تۇرۇپلا"  بىزنىڭ تۇزىمىز ئەسلى ئاشۇ ئوتۇكەن يايلاقلىرىدا قەپقالغانمىدۇ؟" دەپ ئويلايمەن.
 بىزنىڭ ئۇلۇغ ئەجداد- بوۋىلىرىمىز بالىلىرىنى ھەم ئەلەم ھەم قەلەمدە تەڭ تەربىيلىگەن ئىكەن. مەھمۇد قەشقىرى قىلىچۋازلىق، ئات مىنىش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئىگىلىمىگەن بولسا شۇنچە ئىقلىمنى كېزىپ "تۇركى تىللار دىۋانى" نى يېزىپ چىقالمايتتى. بۇ تەن بىلەن روھنى تەڭ تەربىيلەشنىڭ تىمسالى. بۇ كىتاپتىكى ئىلمىي بايانلار ئويىگە بېكىنىۋېلىش ئەمەس ، زىمىننىڭ ئۇستىدە مېڭىپ يۇرۇش ئارقىلىق يىمىرىلمەس ھەقىقەت ۋە پاكىتقا ئايلىنالىغان. ھازىرقى يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى قەلەم تۇتالىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ۋېلىسپىت  مىنىشنىڭ ھوددىسىدىن ئاران چىقىدۇ.  "ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتى" نىڭ مەلۇم بىر سانىدا ئىچكى ئۆلكىدە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئادەم ئۇرۇش گۇرۇھى پەيدا بولغانلىقى، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنى 20 يۇئەندىن، ئوقۇتقۇچىلارنى 30 يۇئەندىن ئۇرۇپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى. كەينىدىنلا مەلۇم بىر شەھەرنىڭ مالىيە كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشقان ھاراق زاۋۇتىنى قوللاش يۇزىسىدىن پۇتۇن شەھەردىكى كادىرلارغا ھاراق ئىچىش ھەم ھاراق سېتىۋېلىش ۋەزىپىسىنى ھوججەت شەكلىدە چۇشۇرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى كورۇپ قالدىم. "مايمۇن پادىشاھ بولسا سېنى دەرەخكە چىقىشقا مەجبۇرلايدۇ." بۇ ماقالنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى "ساڭا پاقا باشلىق بولسا كۇكىراشقا مەجبۇرلايدۇ."  "ئىتنىڭ كوڭلىدىن پوق كېچىپتۇ." دېگەن بىر ماقالمۇ بار.
  ئەجدادلاردىن ئۇدۇم قالغان تەۋەرۇك نەسىھەتلەر بۇ دىياردا كۈچىدىن قالغاندەك ئىدى. خۇددى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىشان، تەركىدۇنياچىلىق ئەدەپ، ئىشانلارنىڭ سوھبىتىگە قۇلاق سېلىش ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغاندەك ئاڭقاۋ پىسخىكا بىخ چىقارماقتا ئىدى.
  يېڭىچە بىر خىل نامراتلىق ، ئىدىيە، ئەقىدە ، ئېتىقاد نامراتلىقى يىرتىق ئاياقتىن مارىلىغان بىچارە بارماقتەك ئۆزىنى ئاشكارە قىلماقتا. ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ ئالدىغا سوزۇلغان ئۆچرەتتە سارغايغان ئۇيغۇر دوپپىسى ئىمكانسىزلىقنىڭ دۇمبىقىنى چالماقتا. "پۇل بولسا نېمىلا ئىش بولسا قىلاتتىم" دەيدىغان زەيپانە روھنى قەدەمدە بىر ئۇچراتقىلى بولىدۇ.  پىليۇشكىننىڭ ئۆلۇم ئالدىدا يېقىپ قويۇلغان شامدىن بىرىنى ئۆچۇرۇۋېتىشنى ئىشارەت قىلىپ كۆزىنى يۇمغانلىقى پىخسىقلىقنىڭ يۇكسەك ناماياندىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلەندى. بىراق، ئۇنى يەنە بىر نۇقتىدىن تېجەشلىك ياشاش نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغان ئادەم چىقمىدى.  بىر تەرجىمە ئەسەردىكى "ئوغلىڭىز خەتنى سەترەك يازسا مەيۇسلەنمەڭ، ئۇ كەلگۇسىدە داڭلىق دوختۇر بولۇپ قېلىشى مۈمكىن." دېگىنىدەك ھېچكىم ئىشسىز قالمىدى. كەسپلەر تەرەققىي قىلىپ 5-،6- كەسپلەرگىچە كېڭەيدى.
يېقىندا ، مەلۇم بىر داڭلىق سەنئەتكارنىڭ سەنئەت كېچىلىكى ھەققىدىكى ئېلان يۇرتىمىزنى قاپلاپ كەتتى. شۇئان ئۇنىڭ سىنتەخسىسىدىكى قىزلارنىڭ ئەسەبىي چۇقانى، سەھنىگە قاراپ ئاساۋ بايتالدەك ئېتىلىپ چىقىپ ئۇنى سۆيىۋاتقان ، گۇل تەقدىم قىلىۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئازابلىنىش تۇيغۇسى ئاختا قىلىنغان ئادەملەر ئىچىدە سىز تېز ئارىدىلا مومىياغا ئايلىنىسىز. سىزنى يەۋەتمىگىنىگە خۇش بولسىڭىز بولىدۇ.
   مەلۇم بىر يىلى ئامېرىكىدىكى بىرنەچچە ئالىم ئافرىقىدىكى ئىنتايىن ياۋايى بىر قەبىلىنىڭ ئارىسىغا بارىدۇ. بۇ قەبىلە ئادەم يەيدىغان ، قويۇق ئورمان ئارىسىدا ياشايدىغان قەبىلە بولۇپ، بۇ ئالىملار بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن مەسلىھەتلىشىپ بۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرەر ئادەمنى تەربىيىلەپ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشنى ئۇمىد قىلىدۇ. ئۇلار ئاقساقالغا دەپ بىر بوۋاقنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېتىدۇ ھەم ئىنتايىن مۇنتىزىم تەربىيىلەيدۇ. بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن ھېلىقى قەبىلىنىڭ ئارىسىغا بېرىپ ئۇلارنى مەدەنىي جەمئىيەتكە قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئوتۇپ ھېلىقى ئالىملاربۇ قەبىلە تۇرۇشلۇق ئورمانلىققا بېرىپ ھېلىقى مەدەنىيەتلىك ياشنى ئۇچرىتالماي، ئۇنى سورىغاندا بىرەيلەن مۇنداق دەيدۇ:- ئۇ ھېچ ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان نەرسىكەن. شۇڭا ئۇنى ئۆلتۇرۇپ يەۋەتتۇق.
     بىر دۆۋە ئوغۇتنىڭ ئىچىدە سىزمۇ ئوغۇت بولۇشقا مەجبۇرلىنىسىز. شامالدا تىك تۇرغان قۇمۇش ئاسان سۇنىدۇ. ئادەملەر ئىچىدە ياشاش ئۇچۇن سىز بۇ توپنىڭ 80 پىرسەنت ئادىمىنىڭ ياشاش مەقسىدى ۋە ئادىتىگە ئۇيغۇنلىشىشىڭىز كېرەك.  
     بىز سەگەكمىز. شەخسىي مەنپەئەت ئالدىدا. ئادەملىرىمىز قېرىنداشلىرىدىن خەۋپسىرەپ يۇكسەك مۇداپىئە ھالىتىنى ساقلاپ تۇرىدۇ. كوچا كوچىغا، بالا- بالىغا ئىشەنمەيدۇ. ئىقتىساد گۇللىنىپ، ئەقىدە خارابلاشتى. بىزدە ئىچ- ئىچىدىن ھاياجانلىنالايدىغان ئادەملەر تولىمۇ ئاز. 10 يىل بۇرۇن يىغلاپ ئولتۇرۇپ كۆرگەن كىنونى كۆزىمىزنى مىت قىلىپ قويماي كۆرەلەيمىز. يۇرىكىمىزگە قاراپ باقساق يۇرەك دىۋارىمىز قېلىنلاشقا باشلاپتۇ.  چالما- كېسەككە لايىق پاھىشە، ھەزلەكلەر ھۇرمەتكە سازاۋەر بولىۋاپتۇ...
        يارا ئېغىزى ھەقىقەتەن چوڭ. بىزگە ئالىم ئەمەس ئالدى بىلەن ئادەم كېرەك. ئۆزىنىڭ پىرىنسىپى بويىچە ، ئۆزىنىڭ پىروگىراممىسىنى ئىجرا قىلىپ ياشايدىغان ئادەم كېرەك. بىز باشقىلار ئۇچۇن ياشاپ كېلىۋاتقىلى ئۇزۇن يىللار بولدى. ئاتىلار يەرگە كىرىپ كەتتى. ئانىلار چېچىنى سۇپۇرگە قىلىپ يەنىلا ياشاۋاتىدۇ. تويۇنمىغان ئادەم باشقىلارنى تويۇندۇرالامدۇ؟  ئۆلۇپ تۇگىگەن ئاتىلارغا دۇئا قىلماقتىن باشقا ئىلاج يوق. بۇلاقلارنىڭ يۇمۇلغان كۆزلىرىگە قاراپ ئولتۇرۇپ، ھەقىقەتنى كۆرمەس كوزلەرنى نەزەردىن ئۆتكۇزۇش تولىمۇ ئازابلىق.
    بېلىقنىڭ سۇ ئىچىدە تۇرۇپ ياش تۆكۈۋاتقانلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ قايسىدۇر بىر ئەدىب >ئەڭ چوڭ كىرىزىس كىرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلمەسلىك.< دېگەن ئىكەن. ئاتىلار خاماندا، بالىلار دىبادا...
*************
           قىسسەدە ئېيتىلىشىچە، مال - دۇنياسى ھېسابسىز قارۇن پىخسىقلىق قىلغانلىقى ئۇچۇن يەر يۇتقان. ئۇ تاكى قىيامەتكىچە زىمىننىڭ ئاستىغا چۆكۈپ تۇرارمىش. يەر ئاستى سۇيىنىڭ توۋەنلىشى بىلەن تەڭ ئەخلاقمۇ يەر ئاستىغا چوكۇپ كېتىۋاتىدۇ.  بۇ يەردە كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرى تېيىز بىر نۇقتىدا توختاپ قالغان. كىشىلەرنىڭ كۆزلىرى ئەۋرەتلەردە توختاپ قالغان، قانلار ئۆزىنى ئۇنتۇش سىزىقىدا توختاپ قالغان، نىكاھ رەسمىيەت جاھازىسىغا مىخلانغان.  ئايالىدىن تاياق يەيدىغان، ئايالىنى كوچىغا قويۇپ  بېرىپ، يۇندىسىنى ئىچىۋاتقان ئەر ئۇيغۇر نوپۇسىدا قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوق ھەم مەلۇمات ئېلىش ئويۇممۇ يوق. بۇ ھەقتىكى پاكىتلار ئوچۇق ئاسماندىكى قۇياشتەك زاھىرلىنىپ تۇرماقتا.
ئەتراپىمدىكى رىئاللىققا قاراپ  بىر تونۇشۇمنىڭ "جەمئىيەت داشقاللىرىنى نوپۇس تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىش كېرەك"  دېگەن سۆزلىرىنى قايتا تارازىغا سالدىم. يېرىم كېچىلەردە ئىشرەت قاينىغان قىزىل چىراق رايونىدا تىمىسقىلاپ يۇرگەن، شەپكىنى باسۇرۇپ كىيىۋالغان 40-50 ياشلىق دېھقانلارنىڭ چىرايىدىكى لاۋزا تەبەسسۇمنى تولا كۆردۇم.
       يۇلغۇن بويىلىرىدا شېھىدلارنىڭ پىچىرلاشلىرىنى، تۇگىمىگەن ئارمانلىق خىياللارنى كۆرەلەيسەن. بىر پاي ئوقنىڭ ئاۋازى ئەمەس، بىر تال مىشەكنى سىلاپ كورمىگەن ئوغلۇڭنىڭ جەڭگاھلاردا توشقانغا ئايلىنىدىغانلىقى مۇقەررەر.   
        قورقۇنچاقلىق ئۆمۇرنى ئۇزارتالمايدۇ. باتۇرلۇق ئۆمۇرنى قىسقارتالمايدۇ.
       لوقمان ھەكىم 1000 يىل ئۆمۇر سۈرۇپمۇ ھاياتقا قانمىغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئەجىلىنىڭ يېقىنلاشقانلىقى ھەققىدە بىشارەت بولغاندىن كېيىن ئۇ ئۆلۇمدىن قېچىپ بىر يۇرتقا بارسا بىرمۇنچە كىشىلەر گور قېزىۋاتقۇدەك. لوقمان ھەكىم "كىمگە گور قېزىۋاتىسىلەر؟" دەپ سورىسا "لوقمان ھەكىمگە" دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ، كىشىلەر. لوقمان ھەكىم قېچىپتۇ، قېچىپتۇ. يەنە بىر يۇرتقا  بارسا يەنە شۇ گەپنى ئاڭلاپتۇ. ئاخىرى ئۆلۇمدىن قۇتۇلۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىگە كوزى يېتىپ بىر گۆرگە كىرىپ يېتىپتۇ.

*******
           ھايات كۆرۈنمەس قوللىرى بىلەن بىزنى يەنىلا ياشاشقا مەجبۇرلاپ تۇراتتى. ئىنسان تۈرلۈك مەقسەت، مەپكۈرىلەر ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ياشاپ ئۆتىدىكەن. كۆز ئالدىمدىن ئىس- تۈتەك ئارىسىدا تىترەپ تۇرغان بىگۇناھ تەنلەر، مىشەككە يەم بولغان نارەسىدىلەر ، قەلبى قۇرتلاپ كەتكەن مەلئۇنلار، قىيامەت ھەققىدىكى بايانلار ئۆتتى. ھايات خوراپ بارماقتا ئىدى.قەلەمكەش راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال >ماھىيەتتە ھەممىمىز كەلگۈسىدىكى ئۆلۈكتىن ئىبارەت<دېگەندەك بىر گەپنى قىلغان ئىدى. ئاخىرقى دەقىقىلەردە تارتىشمىغان ئىنسان قالدىمۇ ؟ ئۆلۈمنىڭ زىلزىلىلىك دەملىرى تاۋۇتتىكى بەندىنىڭ باتىن قىسمەتلىرىنى دېرەكلەپ تۇراتتى. كۆپ ھاللاردا ئۆلۈم تىپتىنچ ھالەتتە يۈز بېرىدۇ. بىراق ئاشۇ سەكرات ئۈستىدىكى پاچاق-پاچاققا كىرىشىپ كەتكەن بەندىنىڭ ھالىنى،  سوۋۇشقا باشلىغان ئاخىرقى قاندىكى ئاداققى دىئالوگنى كىم تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ؟ قايسى خىلدىكى ئۆلۈم بولسۇن ھامىنى ئىنسان ھاياتىغا قويۇلغان چېكىتتىن ئىبارەت. ئىنساننىڭ قولىدىن پەقەت پەرەز كېلىدۇ. ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان ئۆيلەردە گاھى ئۇلۇغ پىكىرلەر تۇغۇلىدۇ. گۈل كۆپ ھاللاردا ئەڭ كۆرۈمسىز شاخلاردا ئېچىلىدۇ.
         ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪﺭ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﺘﯩﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯘﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵﺗﻮﺯﯗﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻳﻮﻟﻼﺭ ﻛﻮﻧﯩﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﻗﯩﺴﻤﻪﺕ ﻳﯧﯖﯩﻼﻧﺪﻯ. .
      دۇنيا ئاجىزلار ۋە ھاجەتمەنلەرنىڭ كۆز يېشى ئۈستىدە لەيلەپ تۇراتتى. يەر يۈزىدە تەكەببۇرانە دەسسەپ كېتىۋاتقان چىرايلار ئاستىدىكى مەغلۇبىيەتلىك كۈلۈمسىرەش  يەر يۈزىدىكى تۇنجى قاتىللىقنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەتتى. بىر ئۆمۈر ناشايان ئىش قىلىپ ئۆتكەن بىر بەندىنىڭ جەسىتى ئۈستىگە جاۋاپنامە قويۇلۇپ خاتىرجەم ھالدا كۆمۈۋېتىلدى. ئوغلى گۇناھقا ۋارىسلىق قىلدى. نامە- ئەمەل دەپتىرىنىڭ قارا بەتلىرى شىرىك، زىنا، غەيۋەت، سۈخەن ئاتلىق گۇناھلار بىلەن بېزەلدى.
        جەڭگاھلاردا تولەنگەن بەدەللەر ئەرزىمدۇ؟ باتىل نىشان، ئەقىدە ئۇچۇن جان تەسلىم قىلىش تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. جان شۇنچىلىك قەدىرسىز ھالەتكە چۇشۇپ قالغان شۇنداق زامانلار ئۆتكەن. بىر ئېسىلزادىنىڭ ئۆلۇكىگە يۈزلەپ بىگۇناھ قوشۇپ تىرىك كۆمۇلگەن. شۇنىڭدەك بىر ئەركەك تەن يۇزلەپ دۇشمەننى جەھەننەمگە ئۇزاتقان.
           >ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻫﻪﻣﯩﺪﯨﻴﻪ<ﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦﺋﺎﻳﺎﻧﻜﻰ، ﻳﺎﻗﯘﭘﺒﻪﮒ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻼ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﺪﻩ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍﻗﺎﻧﻼﺭ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﭼﺎﺭﭼﯩﻐﺎﻥ ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﺎﻟﻼﭖﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻗﯩﻠﯩﭽﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺴﻰ ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪﻥ. ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻦﺯﯦﺮﯨﻜﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﭘﯘﭼﯘﻕ ﻳﺎﻣﺎﻕ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺷﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺳﺎﺯﺍﯕﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﻮﭘﺎﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. ﺯﻩﺋﯩﭗ ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﺯﻩﺋﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﻩ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻮﻧﺘﯧﺴﻜﯩﻴﯘﻧﯩﯔﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺧﻼﻗﻘﺎ ﻳﺎﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ ﺳﺎﺩﯨﺮﻗﯩﻠﺴﺎ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻫﺎﺭ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺴﺎﭼﺎﺭﻩﻙ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯘﻳﻘﯘﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯘ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﯩﺮﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﯩﺪﯗ؟ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺷﯘﻧﯩﺴﻰ ﺭﺍﺳﺘﻜﻰ، ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﻰ.
 تەندىن ئىبارەت ئاتنى توغرا نىشانغا سېلىش ئۇچۇن مىنگەن كىشىدە كامىل ئەقىدە بولۇشى كېرەك. نۇرغۇنلار ئەقىدە يولىدا ئۆلدى. ئۆلتۈرۈلدى.
ھەقنى توسۇش يولىدىكى شەيتان قوشۇننىڭ قۇتراتقۇلىقى باشلاندى. تۇرمىلەر قۇرۇلدى. رەزىل پىلانلار تۇزۇلدى.
     تارىختا شۇنداق ھۆكۇمدارلار ئۆتكەن. رىمنىڭ مەشھۇر كالۋا پادىشاھى كالىگولا كېيىنكى ئۆمرىدە نېرۋىسىدىن ئادىشىپ، ئۆزىنىڭ ئېتىنى ئوردىدىكى كەچلىك زىياپەتكە تەكلىپ قىلغان ئىكەن. بىر ئەلنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئېلىۋالغان بىر ھۆكۇمدارنىڭ كاساپىتى بىلەن بىر پۇتۇن ئەل يېرىم ئومرىنى زالالەت ئىچىدە ئۆتكۇزىدۇ. كورۇنمەس نادانلىق زەنجىرى ئاتىدىن بالىغا قالىدۇ. بۇ بايقۇشلار ۋەتەننى كونكىرىت ھالەتتە ئەمەس بايراق خادىسىدا دەپ پەرەز قىلىدۇ. بالىلار شاكىلات ئۇچۇن، ئاياللار توپلەي ئۇچۇن ياشايدۇ. قېرىندىشىنىڭ يىغىسى بۇنداق چاغدا قېرىنداشقا مۇقام مەرغۇلىدەك تۇيۇلىدۇ. ۋەتىنى ياۋغا ئۇچرىغاندا كۆرسەتمىگەن باتۇرلۇق بىر سىنت زىيان چىققاندا تومۇر- تومۇرلاردىن ئوخچۇپ چىقىدۇ.
 مەن ئاشۇ مەيدانى تۆت پەسىلگە ئوخشاش ئايرىلغان، ھالال تەپەككۇر، ھالال رىزقى بىلەن ياشاۋاتقان ئىنسانلارغا مەدھىيە ئوقۇيمەن.
  بىر ياندا خىيانەت، بىر ياندا جىنايەت.  ئۆزۇمگە سۇئال قويدۇم. مەنپەئەت ئالدىدا قانچە قېتىم باشقىلارغا يول بەردىڭ؟ ھەق ئاياغ - ئاستى قىلىنغاندا قانچە قېتىم كوكرەك كېرىپ چىقتىڭ؟ نەپسىم قىسىلدى. ئىنسانىي ئاجىزلىق، قوپالراق ئېيتقاندا لاتىلىق تومۇر- تومۇرلىرىمدىن ماراپ تۇراتتى. توغرا، ياخشىلىقنى تەۋسىيە قىلدىڭ، لېكىن ئوزۇڭدىن باشلىمىدىڭ. مەن ئىنسان، دېگەن بىر توپ كىشىنىڭ ئۇستىدە بۇ سۇئال بەلگىسى بۇلۇتتەك ئەگىپ تۇراتتى.

***   ****
            ئۇيغۇر ئاتلىق قەۋمنىڭ ھاياتلىق لىنىيىسىنى بويلاپ زىمىندىن رىزقىنى تېپىپ ياشاۋاتقىنىغا ئۇزۇن ئەسىرلەر بولدى. كەتمەن بىلەن سىزىلغان ھاياتلىق خەرىتىسى بۇ قۇرغاق زىمىندا گۆدەك قېرى مىللەتنىڭ ياشاپ ئۆتكەنلىكى ھەم ياشاۋاتقانلىقىغا شاھىد ئىدى. دوپپىلارنىڭ ھەر بىر قىرى بىردىن يولغا ۋەكىللىك قىلاتتى. قىرلار كېسىشكەن دوقمۇشتا بىر موماي قېتىق سېتىۋاتاتتى.قۇمدەك ئاۋۇغان غەملەر ئىچىدە پاكىزە بالىلىق پارلاپ تۇراتتى. تۈندەك يېنىپ تۇرغان كۆزلەردە كېلەچەك ھەققىدىكى گۇمان... ئورخۇن ۋادىلىرىدا چۈش كۆرۈپ ياتقان مەڭگۈ تاشلار شىۋىرلاپ تۇراتتى: تىزى بارلارنى تىزلاندۇردۇم، بېشى بارلارنى باش ئەگدۈردۈم.... بەگ بولىدىغان ئوغۇللىرىڭلار قۇل بولدى. خانىش بولىدىغان قىزلىرىڭلار دېدەك بولدى...
ئات تۇياقلىرىغا ئەگىشىپ ئاپاق خوجىنىڭ ھەلقە، سامالىرىغا قۇلاق سالدىم. كاللا مۇنارىدىن سىرغىپ چۈشكەن بىر تېمىم قان >ئو < تىپلىق ئىدى.گېرىك ئېمپىراتۇرىنىڭ تېنىگە سۇس تىترەك ئولاشتۇرغان قان مۇشۇ قان ئىدى. چېلىشىش ئۈچۈن ئېيىق ئىزدەپ يۈرگەن ئەرنىڭ سول تەرىپىدە شەمشەر، ئوڭ تەرىپىدە ئىستەك كۆيەتتى. بۇ قەۋم تارىخىنى قەلئەلەرگە، نامسىز دۆڭ، تاشلارغا يېزىپ قويۇپ شامالدەك تېز غايىپ بولاتتى. سەركەردە ، سەرۋازلارنىڭ ھۆكۈرەشلىرى زىمىننىڭ قايغۇسىنى ئاشۇراتتى. بۇ قەۋم مەركىزىي ئاسىيانىڭ يۈرىكىدە تىغدەك يالتىراپ تۇرغان دەملىرىدە سارغۇچ دېڭىز ھىدى ئۇنىڭ تېنىنى زەرەتلەشكە تۇتۇندى. بۇ ھىدنىڭ تەركىبىدە كۈچلۈك ئاياللىق پۇراق  ۋە ئەۋرىشىم پىراق بار ئىدى. بۇ دولقۇندىن مەستخۇشلانغان شىرمەتلەرنىڭ تىزلىرى پۈكۈلدى.  كارۋان بىلەن بىللە شاراپ، سەتەڭ، خارابلىق ئەگىشىپ كەلدى. قەھرىماندەك تۇغۇلۇپ قەھرىماندەك ئۆلۈشنى ئۇدۇم قىلغان بۇ قەۋم كۈيلەر قۇچىقىدا ئەللەيلىنەتتى. مارش، ھۇررا سادالىرى ئېزىلەڭگۈ، كەيپى تۆۋەن ئۇدارلارغا ئورۇن بەردى. ئۇلار ئاۋۇيتتى. ئەۋلادلىرى ناسۋال قاپاق بىلەن جەننەت چۈشەيتتى. ئارغىماقلار جۇۋازدا ئېغىر پۇشقىراتتى. گۈلدەك قىزلار ئۆرۈم چاچلىق ساياقلارغا خوتۇن بولاتتى. ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلىكتىن ئۆلۈپ كەتتى. ساتتى. سېتىلدى.  بۇ قەۋمنىڭ ئەزالىرى  دېگەن گېپىدىن يانالايتتى. مەنپەئەت يولىدا ئۆلەلەيتتى. بىراق ھەق ئۈچۈن ئۆلەلمەيتتى. ئۇلار يىراق ئەسىرلەردىكى ئەزىمەت بوۋىلىرىنىڭ ئىزلىرىنى ئەسلىمەكچى بولۇشتى. غۇۋا تارىخ بەتلىرىدە ئوقنىمۇ سەنئەتلىك ئاتىدىغان، مۆرىتى كەلگەندە دۈشمەننى دوست قىلالايدىغان، ۋەتەننى قىلىچ بىسىدا يېزىپ چىققان قەھرى بار بىر توپ كىشىلەر كۆزگە چېلىقتى. ئۇلار كۆزلىرىنى يېقىنقى زامانلارغا تىكتى. ئاۋارە چىراي بىر توپ ئادەم ناخشا - كۈي ئىچىدە ئەركەكلىك بىلەن ۋىدالاشماقتا ئىدى. ئۇلار ياۋ يېقىنلاپ كەلگەندە قازناقلىرىدىكى ئېسىقلىق شەمشەرلىرىنى قوللىرىغا ئېلىشتى. شەمشەرلەر ئاللىقاچان داتلىشىپ كەتكەن. قوللار ئەۋرىشىملىشىپ شەمشەر كۆتۈرۈشكىمۇ يار بەرمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇلار چىن تۆمۈر باتۇرنى چاقىرماقچى بولۇشتى. بىراق ئۇ رىۋايەت ئىچىدىن قايتىپ چىقالمىدى. بۇ جايدا ئۈجمىلەر ياش تۆكۈپ تۇرۇپ مېۋە بېرەتتى. ئۇلارنىڭ بوۋىلىرى ياسىغان قەلئەلەر قاۋان تۆشۈكىگە ، تىككەن كۆچەتلەر سېغىزخان ئۇۋىسىغا ئايلاندى. بىر - بىرىگە يىقىلغاندا يۆلەك بولغان بۇ كىشىلەر ئەمدى نېمىشقىدۇر پۇتلاشنى ئىزدەيدىغان بولدى. ئۇلار دوستلىرىنىڭ قىسمەتلىرىدىن خاتىرجەم كۈلەلەيتتى. تالاغا قارىغان ئايالىنى بوغۇزلىۋەتكەن ئەر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەخمەقكە، نوزۇكۇم بايقۇشقا ئايلاندى. ئايالىنىڭ ئاشنىسىنى ئۆيىدە قوندۇرۇپ قالالايدىغان، ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەنگە ئانىسىنى بېرىدىغان ئاينىش ئۇلارنىڭ ئېڭىغا سىغىدىغان بولدى. > كەچتە سورۇندىن قايتىپ كېلىپ، ئايالىنىڭ ئېغىزى بىلەن بۇرنى جايىدا بولسىلا خاتىرجەم بولۇپ خورەكنى باشلىۋېتىدىغان <ئەرلەر كۆپەيدى.
 
بۇ ئاخىرقى جۇدالىق بەلكىم،
ئەرنىڭ يارىسىدا يايرايدۇ چىۋىن.
ئەردەك ئۆلۈپ ئەردەك تۇغۇلغان،
ئەنئەنىلەر بولدى بىر تىيىن.
 
ئارغىماقنىڭ كىشنەشلىرىنى.
تاپالمىدىم ئاسفالىت يولدىن،
زەمزەم سۈيى ئاقار لايلىنىپ،
يېزىلارنىڭ يېرىق قەلبىدىن.
 
            گۈل ئېچىلىپلا توزۇپ كەتتى. شۇئاردەك ئاۋۇغان كوچىلاردا كېتىۋېتىپ ئەخلاقنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، ئەقىدىنىڭ لاماكان، خاكسار ھالەتتە تەمتىرەپ يۈرگىنىنى ئۇچراتتىم. توغراق شاخلىرىدا ئەۋرەت لاتىسى پۇلاڭلاپ تۇراتتى.
      ﭼﯩﻨﮕﯩﺰ ﺋﺎﻳﺘﻤﺎﺗﻮﻓﻨﯩﯔ <ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯘﻥ>ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﺪﺍﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ.ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ:ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔﻧﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﺎﯞﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ.ﻳﺎﯞ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥﺑﻪﺭﺩﻩﻡ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯘﻥ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﻏﯩﺰﺍﻻﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﺎﺭ ﺗﯚﮔﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﻨﯩﺪﯨﻦﺷﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺗﯧﺮﯨﻨﻰ<ﺷﯩﺮﻩ>ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻳﮕﯘﺯﯗﭖ ﭘﯘﺕ-ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺗﯘﺧﯘﻡﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﭘﯩﺸﻘﯘﺩﻩﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﺎ ﺩﻩﺷﺖ-ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﻐﺎﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ.ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻳﮕﯘﺯﯗﻟﮕﻪﻥ ﺷﯩﺮﻩ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﺎ ﻗﻮﺭﯗﻟﯘﭖ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﯩﺸﻘﺎﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ.ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯘﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﭘﯘﺗﯘﻧﻠﻪﻱ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﯘﻙ ﺩﯨﺴﻪ ﺋﯚﻟﯘﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ،ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺩﯦﺴﻪ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ،ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ.ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ.ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﺗﻤﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﺘﻮﻛﯘﺱﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.ﻳﺎﯞ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻼﺭﻧﻰ <ﻣﺎﯕﻘﯘﺭﯗﺕ>ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺋﻮﺯ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪﺳﺎﻟﯩﺪﯗ.ﻣﺎﯕﻘﯘﺭﯗﺕ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯩﭽﻜﯩﻤﻨﻰ ﺗﻮﻧﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻣﺎﯕﻘﯘﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﻕ ﻟﯩﭽﻪﻛﻠﯩﻚ ﻧﺎﻳﻤﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﺪﺍ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰﺗﺎﭘﯩﺪﯗ.ﺋﺎﻧﺎ ﺗﺎﺷﺘﻪﻙ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ؛<ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﯓﺩﯙﻧﻪﻧﺒﺎﻱ.ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎﯓ.>ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎﺗﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺑﯩﺮﺍﻕﺋﻮﻏﯘﻝ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﻴﺎﺩﺍ ﻗﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙﺋﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ.ﺷﯘﺋﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺷﻘﺎﭼﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ <ﺳﻪﻥ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﺴﻪﻥﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﯕﭽﯘ؟ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﯓ ﺩﯙﻧﻪﻧﺒﺎﻱ،ﺩﯙﻧﻪﻧﺒﺎﻱ..>ﺩﻩﭖ ﺳﺎﻳﺮﺍﭖ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
          ﺳﯘﺳﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻣﯧﻬﯩﺮ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯜﺳﯜﻓﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﻛﯚﯕﻠﯩﻜﻰﭘﯘﻻﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﻰ ﮔﯩﻴﺎﻫﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺷﻨﺎﺗﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﺎ ﺭﻩﺕ- ﺭﻩﺕ ﺑﯩﻨﺎﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﻣﺎﯕﻘﯘﺭﺕ  ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻟﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻏﻪﻡ ﺋﺎﻗﺎﺗﺘﻰ. ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺩﺍﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﯓﺗﯧﺰﻩﻛﻜﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻏﯧﺮﯨﭗ ﺳﻮﻗﻤﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﮔﯜﻝ ﻗﯩﺴﻘﺎﻥ ﺋﯧﺸﻪﻙﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻟﺪﻩ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻗﯩﻠﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻤﯩﺘﻰ...
ئىزلىرىمغا قارىدىم. سوۋۇغان قېنىمدا ئادىمىيلىكنىڭ ئاداققى چۇقانلىرى ئاڭلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئادەم دېگەن بۈيۈك ماركىدا ياشاشقا نائىل بولغىنىمنىڭ ئۆزى ھىممەتتىن. ئەتراپىمدا بىر توپ كىشىلەر بار. ، ئۆمرىدە بىر قېتىممۇ ھاياجانلىنىپ باقمىغان بۇ ئادەملەرنىڭ سوغۇق كۆزلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشنى ئارمان قىلاتتىم.دەججالنىڭ توسۇق تامنى يالاۋاتقاندىكى يىرگىنىشلىك ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتىمەن.مىنۇتلارنى غاجاپ سائەت ماڭماقتا.يۈرىكىمنى غاجاپ ئايالىم كوتۇلدىماقتا.دۇنيانىڭ يەنە بىر چېتىدىمۇ چوقۇم مەندەك لاتىدىن بىرى بار.ئۇ پۇتى بىلەن پىكىر قىلىدۇ.ئۇلۇغۋار ماركىلارنى ئەمدى تاشلىۋېتىشىم ،ئۆزۈمگە يۈزلىنىشىم كېرەك.قورقۇنچنىڭ سەۋەبى بەلكىم ئاشۇ يۇلتۇز كۆيگەن كېچىدىن باشلاندى.ھىدايەتتىن بۇرالغان قەلبلەر ئەمدى شاپائەت كۈتمىسۇن.قورقۇنچاقلار قان يەڭگۈشلەپ ئاۋارە بولمىسۇن.

***************
ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪۇق ﺋﺎداۋەﺗﺘﻪ،
دەۋاﻳﯩﻢ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﺘﻪ...
 
           ﻏﯩﺠﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﻪرﻛﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜرﮔﯜﭼﻰ ﻣﯘﯕﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻣﯘﻗﺎم ﺑﺎﻳﺎۋﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰﺑﯩﺮ ﺗﺎل ﻳﺎﻧﺘﺎﻗﻘﺎ ﺋﺎﻳلاﻧﺪﯨﻢ. ﺗﯧﻨﯩﻤﺪە ﻟﯩﻘﻘﯩﺪە ﺗﯩﻜﻪن ﺑﺎر ﺋﯩﺪى. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﻳﺎﭘﺮاﻗﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﻳﻮﭘﯘرﻣﯩﻘﯩﻢ ﻳﯘﻟﯘﻧﺪى. ﺗﯩﻜﻪن ﺑﻮﻟﯘپ ﺳﺎﻧﺠﯩﻠﺪﯨﻢ. ﻗﺎرﺷﯩﻠﯩﻖ ﻧﯧﻤﻪ دﯦﮕﻪن ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﺒﺎرە - ﮬﻪ؟! ﭘﯩﮋ- ﭘﯩﮋ ﺋﺎﭘﺘﺎپ ﺗﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﺪە ﺋﯩﺸﺮەت ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا ﺑﯘ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪل ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺷﯩﺮﻧﻪ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪى. ﻳﯩلاﻧلار ﻣﻪﻧﺪە ﺗﯧﺮە ﺗﺎﺷﻠﯩﺪى. ﺗﯘﭘﺮاﻗﻘﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎن ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻢ ﺋﻪﺳﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯧﮭﯩﺮﻟﯩﮕﯜﭼﻰ ﻛﻮﻟﺪۇرﻣﯩﻨﯩﯔ زﯦﺮﯨﻜﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯘدارﯨﻐﺎ ﻗﯘلاق ﺳﺎﻟﻐﯩﻨﯩﭽﻪﺗﺎرﯨﺨﺘﺎ زور ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﯜز ﺑﻪرﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪى. ﻛﻪﯕﺮى ﺳﻪﻳﻨﺎدا ﺑﯩﺮ ﺗﻮپ دوﭘﭙﺎ ﺳﺎﻣﺎﻏﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪن ﺋﯩﺪى. راۋاپ ﺗﺎرﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﺎزﯨﻨﯩﻦ ﻛﯜﻳﻠﻪر ﺳﯩﺮﻏﯩﭗﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻧلارﻧﻰ ﺳﻮلاﺷﺘﯘرﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺧﺎﻟﺘﺎ ﻛﻮﭼﯩﺪا ﺑﯩﺮ ﺗﻮپ ﺋﺎدەم ﺋﻪڭ ﺋﯘزۇن ﻏﻪﻳﯟەت ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﻪڭ ﻳﯩﺮاﻗﻘﺎ ﺳﯩﻴﯩﺶ، ﺋﻪڭ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﯚﮬﻤﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯜرى ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﯩﻨﻨﯩﺲ رﯦﻜﻮرﺗﻰﻳﺎرﯨﺘﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻨﯩﯟاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﻳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﭼﯩﺪا ﻛﯩﻤﻠﻪردۇر ﺋﺎﻟﻪم ﻛﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔﭼﯧﺮﺗﯩﻴﯘژﯨﻨﻰ لاﻳﯩﮭﯩﻠﻪش ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاش ﺋﯩﺪى.
         مۇقامچىنىڭ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﺳﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮى ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺷﯩﻠﯩﻤﺸﯩﻖ ﮬﻪرﭘﻠﻪر ﭼﺎك- ﭼﺎك دﯨﻠلارﻏﺎﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ.  شائىر روھ ﭼﯚﻟﯩﺪە داپ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜرەﺗﺘﻰ.   ﺋﺎراﻳﻮﻟﺘﯘز ﻳﻮﻟﯩﺪا ﺑﯩﺮﺋﺎرﻣﺎن ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﻪﻳﺪۇ.  ﺑﯘ ﭼﯚﻟﺪە ﭘﯘرﺳﻪﺗﭙﻪرەس ﺗﻮﺷﻘﺎﻧلار ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎددا ﻛﻪﺳﻠﻪﻧﭽﯜﻛﻠﻪر ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻣﯧﻠﻮدﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﯕﺮﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﭘﺎدﯨﭽﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻳﯩﻘﯩﺪا ﺟﯩﺠﯩﻠﻐﺎن ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻜﺴﯩﺰ ﺳﯩﺰﯨﻘلار ﻣﻮدﯨﺮﻧﯩﺰﯨﻤﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﺪۇ.
ﻗﻮﻳلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﺪا ﭘﯧﺘﯩﻘلاﻧﻐﺎن ﺳﯜﻛﯜت ﺋﯧﺘﯩﺒﺎرﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ۋەز ﺋﯧﻴﺘﺴﺎ،  ﺗﺎﺷلاردﯨﻜﻰ ﺗﻮﺷﻘﺎن ﻣﺎﻳﯩﻘﻰﻗﻪدﯨﺮﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗلاپ ﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﺋﯜﭼﻪﻳﺪەك ﺳﻮزۇﻟﻐﺎن دەﺷﺖ ﻳﻮﻟﯩﺪا ﺑﯩﺮﺋﯧﺸﻪك ﮬﺎرۋﯨﺴﻰ زاﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪا ﺋﯩﺮﻏﺎﯕﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﺘﯚﻛﯜس ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎن ۋاﻗﯩﺖ ﺑﻮۋاﻳﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﻐﺎن ﻛﻪﺷﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎرﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪا ﻣﯜﮔﺪەپ ﺗﯘراﺗﺘﻰ.  ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﮭﺮى ﺧﯘددى زﯨﻤﯩﻨﺪەك ﺑﻮزارﻏﺎن. ﺋﯘلار ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎرﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺋﯧﺸﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﻪرﮔﻪﻧﺪەك ﻗﯩلاﺗﺘﻰ. ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺧﯩﻴﺎل ﺳﯜرﯨﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﻪرەز ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﻤﯘ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺪى.
        ﻣﻪن ﻳﺎﻧﺘﺎق ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﻳﯘﻟﯘﻧﺪۇم. ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻜﯩﻨﯩﻤﻨﻰ زﯨﻤﯩﻨﻐﺎ ﻧﻪﭘﺮەت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯧﭽﯩﭗﻗﻮﻳﺪۇم. ﺷﯩﺮﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﻗﯘﺗﯩلارﻏﺎ ﻗﺎﭼﯩلاﻧﺪى. ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎل ﺗﯩﻜﯩﻨﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﻧﯩﺸﺎﻧﺴﯩﺰﺳﻪﭘﻪردﯨﻜﻰ ﺋﯧﺸﻪك ﮬﺎرۋﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﺎﻗﯩﻐﺎ ﺳﺎﻧﺠﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺑﻮۋاي ﭼﯚﭼﯜپ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﺪى. ﺑﺎلا ﭼﺎﭘﺎق ﺑﺎﺳﻘﺎن ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘۋۇﻟﯩﺪى. ﺋﯧﺸﻪك ﺋﯧﻐﯩﺮ ﭘﯘﺷﻘﯘرﯨﯟەﺗﺘﻰ. غەربتىن شەرققە، شەرقتىن غەربكە توختىماي قاتناپ تۇرىدىغان كارۋانغا ئەگىشىپ كەلگەن بىر توپ ساياق بوۋاينىڭ چۈشىنى بۇزىۋەتكەن ئىدى.  بىر كۈنى سەھەردە بوۋاي تۇيۇقسىزلا ھاياتىدىكى ئاخىرقى قارارنى چىقىرىپ، نىمجان ئىشىكىنى ھارۋىغا قوشتى. يىتىم نەۋرىسىنى ھارۋىغا سېلىنغان يىرتىق سېلىنچىغا ياتقۇزدى. بىر ئۆمۈر تۆمۈرچىلىك قىلغان بوۋاي قەدىناس سەندىلى ۋە تۆمۈرچىلىك جابدۇقلىرىغىمۇ تارتىشمىدى.  قاپاققا چاينى تولدۇرۇپ، بىر ئۆمۈر پەرۋانە بولغان سوقما تاملىق ھويلىسىغا كۆزلىرىدىن ياش ئەمەس، قان تامچىتىپ تۇرۇپ ئاداققى قېتىم نەزەر تاشلىدى. بوۋاي چېقىلغان مەھەللىدىكى ئاخىرقى پۇقرا ئىدى. ئۇ ئەجدادلىرى ياشىغان ئۆتۈكەن ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى تولا ئاڭلىغان. بىراق ئۇ يەرگە قانداق بېرىشنى بىلمەيتتى. نەۋرىسى بوينىغا بىر تال بۆرە ئوشۇقى ئېسىۋالغان، يىرتىق ئىشتىنىدىن بۇ قەۋمنىڭ ئاخىرقى ئۇرۇقىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىۋاتقاندەك قاسماق چوچىقى ماراپ تۇراتتى. بوۋاي راستىنى ئېيتقاندا ئاخىرقى مەنزىلىنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.بوۋاي ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ مەدەنىيەت ياراتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ئەردەك تۇغۇلۇپ ئەردەك ئۆلۈشنى ئۇدۇم قىلغان شىرمەت پالۋانلار ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇ پەقەت ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەرسىلا ھامىنى چېقىلغان مەھەللىسىدىن يىراقلاپ كەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى. خۇددى ۋانكىنىڭ >يېزىدىكى بوۋامغا تېگىدۇ< دەپ خەت يازغىنىدەك ئۇ ئېشەك بېرىپ توختىغان يەرگىچە بارماقچى. ئاندىن ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى يولغا چىققان كارۋانغا قوشۇلماقچى ئىدى. ﻗﯩﺰزﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن دەﺷﺖﻗﺎﻧلارﻧﻰ ﻗﯘرۇﺗﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﺎرارﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎﺷلارﻧﻰ، ﺗﯧﺮﯨﻠﻪرﻧﻰ ﻏﯩﺪﯨﻘلاپ ﺗﯘراﺗﺘﻰ.  يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى ھارۋىنىڭ چاقلىرىنى يەرگە مەھكەم چاپلىۋەتكەن ئىدى.  ئۆزگىلەر نەزىرىدە ئۈندەش بەلگىسىچىلىكمۇ قىممىتى بولمىغان بۇ ئاۋارە سەپەرداشلار زاﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﻮﻳﯩﻨﯩﯔﮬﺎرۋا ﻛﺎﻣﯩﺮﯨﺪەك ﺳﻮلاﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪى. ﻗﺎﻧﯘن، ﺋﻪﺧلاق، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت، ﻏﯧﺮﯨﺐﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪر ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯧﯖﯩﺪا ﻗﯘﻣﺪەك ﻳﺎﻟﺘﯩﺮاپ ﺗﯘراﺗﺘﻰ.
         مىڭ يىللىق ئەخلەتتىن بىخسىغان تۈتۈن ئۇلارنىڭ نېرۋا تومۇرلىرىنى ئۈزمەكتە ئىدى. ئاچچىق ئۈچەيگە ئۇيۇپ قالغان ھەسرەتلەر يىلتىزلىنىپ، بوغۇزغا قاراپ ئاينىۋاتاتتى. تۇڭگۇز قوتىنىدەك سەسكىنىشلىك پەرىشانلىق ئىچىدە ئۇلار يىلتىزى قومۇرۇلغان توغراق كۆتىكىدە ئولتۇرۇپ ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەنگە ئانىسىنى بېرىش ھەققىدىكى ئەقلىيەنى يادلىماقتا ئىدى.
 
*********
        ﮔﯜﻟﭽﯩﺮاي ﻗﯩﺰلار ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎﻣﺎﻧﭽﯩﺮاي دﯦﮭﻘﺎﻧلار ﺑﯘ زﯨﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯚﺷﯜﻛﯩﻨﻰ ﺗﻪۋرﯨﺘﯩﭗﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﻣﯧﺰﯨﻠﯩﻚ ﻏﻪﻣﻠﻪرﻧﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﻛﯚﻧﮕﻪن ﻣﯧﯖﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻗﺎﺳﻠﯩﻘﺘﺎ ﻳﻪﻧﯩلا ﺑﯩﺮ ﺋﯜﻣﯩﺪﭘﺎرلاپ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻳﯩلان ﭼﯧﻘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮرﻗﯘش ﺋﯧﯖﻰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﭼﯧﻐﯩﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗﻣﯧﻨﻰ ﺋﻪﮔﯩﭗ ﺗﯘرﻣﺎﻗﺘﺎ.  ﺑﯘ  ۋەﮬﯩﻤﻪ  ﻳﯩلاﻧﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻛﺮەك ﻣﯧﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﻗﺎﭘﻘﺎرا ﺑﯩﺮ ﺗﺎل ﻳﯩﭙﻘﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﻐﺎن ﺧﯩﻴﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪددﯨﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﺘﺎﻗﻨﯩﯔ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاﻧﻐﺎن. قىز چىققان ئايالىدىن ئەمەس، مىليون يۈەن مۇكاپات چىققان لاتارىيە بېلىتىدىن سۆيۈنگەن ئەركەكلەرگە سالام!
        ﺋﯚزى ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯚﻟﮕﻪن ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻨﯩﯔﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﻐﯘلاﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳلاﻧﺪى.  ﻣﻪن ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻛﯚزﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎرﻏﯘچ ﻧﯘرﻧﻰ ﻛﯚرۈپ ﻗﺎﻟﻐﺎن. سۆيگۈ سولغان شەھەردە  لۈكچەك ئەر بىلەن داپشاق خوتۇنلار قۇتراپ يۈرىيدۇ. ئاتا! بۇ بىزنىڭ شەھەر، مەن بالكۇندا لەغمەن سوزىۋاتقان چېغىمدا سەن قەبرەڭدە يەر ئۈستىدىكى سورۇقچىلىقلارنى تىڭشاپ ياتاتتىڭ. چېچى سۈپۈرگە بولغان ئانام يېزامنىڭ خىرەلەشكەن كۆزلىرىنى ئاچماقچى بولاتتى. ئوغلۇم ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ تورىدا جان تالىشىپ ياتاتتى.
       مەن تاشقاتمىغا ئايلانغان ۋاقىتنىڭ يەنە بىر يۈزىدە تارىخ بوۋاينىڭ سۇلغۇن سەھىپىلىرىنى كۆردۈم. تۇلپارلار ھەقىقەتنى چەيلەپ ئۆتۈۋاتاتتى. كەڭ يۈزلۈك قالماق چېرىكلىرى نەيزىلىرىنىڭ ئۇچىغا نارەسىدىلەرنىڭ ئۆلۈكىنى ئىلىۋېلىپ تاماشا قىلىۋاتاتتى.بالىلارنىڭ قەلبى قىلىچنىڭ سايىسى، قالقانلارنىڭ جاراڭ- جۇرۇڭلىرىدىن سىلكىندى. ئاياللارنىڭ كۆزلىرىدە خورلۇق قېتىپ قالغان ئىدى. سېپىللار تۈزلەندى. ئەلمىساقتىن بىر پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلىپ كەلگەن ئانا يەر ئۆمۈچۈك تورلىرىدەك چېگرا سىملىرى بىلەن ئايرىۋېتىلدى. ماھىيەتتە بۇ چېگرا سىملىرىنىڭ ئىچىگە ئوخشىمىغان ئىدىيىلەر بەند قىلىنغان ئىدى. بوپا- تۈگۈنچەكلىرىنى كۆتۈرۈشكەن مۇساپىرلار ئۇ قىتئەدىن بۇ قىتئەگە، ئۇ چېگرادىن بۇ چېگراغا دوقۇرايتتى. رەڭدار مەپكۈرىلەر رەڭدار ئۆلۈمنى چىللاپ كەلمەكتە ئىدى. شاھ مەشرەپنىڭ ھەلقە- سامالىرىغا گۇۋاھ بولغۇچى دەشتتىكى گىياھلار خۇدىنى يوقاتقان سوفىلاردەك ئىرغىنىپ تۇراتتى. بۇ چۆل ئوغۇزنىڭ چۆلى. شىراق دارا لەشكەرلىرىنى ئېزىقتۇرۇپ ھالاكەتكە دۇچار قىلغان چۆل. تەۋپىق بۇ چۆلدە >ئوقۇ< دەپ خىتاب قىلىۋاتاتتى. مۇللا مۇسا سايرامى >ئۆزۈم ئادىمىيلەر فەقىرى ئىدىم، فەقىرى نەدېمەك ھەقىرى ئىدىم < دەپ ئېغىر تىنغان چۆل ئىدى. مەلئۇننىڭ پىچىقى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تېنىگە سانجىلغاندا چىققان پىغانلىق>ئاھ< لىرى كەتمىگەن چۆل ئىدى. قارا يۈرەك كەلگۈندىلەر >ئاق تاغ< بىلەن >قارا تاغ< بولۇشۇپ، بىگۇناھ ئەلنىڭ قېنىنى سۇدەك چېچىشقانلىرىدا، زاماننى قارغاپ، روزىغارىنى توزۇتۇپ، ئۆلۈكلەرنى ئۇزىتىپ، قېچىپ چىققان سەرگەردانغا ۋاقىتلىق پاناھگاھ بولغان چۆل مۇشۇ ئىدى. باغلار يېشىل ناخشىلىرىنى ئېيتىپ بولۇشقانلىرىدا، تاغلار بۈيۈكلۈك ھەققىدىكى مەرسىيىنى ئوقۇۋاتاتتى. ئۆيىدىن قوغلانغان بىر ئەرنىڭ كۆز يېشى ۋە كارۋات ئاستىدىكى ئەر... 3- شەخس ۋە 3 -كەسپ، ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى ۋە ئۈچتە ھەمراھ خېنىم... مۆلجەر تاغ باغرىدا يەتتە قىز قىلىچقا ئايلاندى.       . كالتە يۆتىلىپ ئولتۇرغان بوۋاينىڭ ئېتىكىدىن كېلەچەك سېرىلىپ چۈشتى.  
      ﺳﯘﺳلاﺷﻘﺎن ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻨﯩﯔ ﻏﯘۋا ﺋﯩﺰﯨﺪا ﺋﯜﻧﯜپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻗﺎﻣﻐﺎق ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﭘﻪﺳﯩﻠﻠﻪردﯨﻦﭘﻪﺳﯩﻠﻠﻪرﮔﻪ ، ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪرﮔﯩﭽﻪ ﺳﻮزۇﻟﻐﺎن ﺗﯜﻧﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺎﻧﯩﺪا ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻤﺪﯨﻦﻣﻪﮬﺮۇم  ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯨﻢ. دوﻣﯩﻠﯩﺪﯨﻢ.   ئۆتۈكەن بويلىرىدىن ئىسفاھان چۆللىرىگىچە سەرسان بولدۇم. كۆزىدىن قان ئېقىپ تۇرغان بۇلاقلارنى ۋە بىر- بىرىنى ساتىدىغان بۇلاقلارنى ئۇچراتتىم. بىر قەلەندەر ساپايىسىنى چېلىپ، غەزەل توۋلاپ ئۆلۈكلەرنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ يۈرەتتى. تىزى پۈكۈلگەن ئاتىلار جەڭنامە سۆزلىشىۋاتاتتى. گۈلدەك چىرايلىق رەستىدە بىر غۇنچە خېرىدار كۈتىۋاتاتتى.  رەڭدار شاماللارغا ئەگىشىپ، سۇ قوغلىشىپ، قېنى سۇدەك ئاققان ئەللەرنى زىيارەت قىلدىم. نابۇت بولغان گىياھلار ۋە ئۈگۈت بولغان جانلارغا قەبرە قاتۇرۇلمايدۇ.  راۋاپ چېلىپ ئۆلۈپ قالغان بىر سەرگەرداننىڭ ئالۋۇنغا تىكىلگەن كۆزلىرى قاپقارا ھاياجان ۋە غاپىللارچە ئىنتىلىش ئىچىدە قېتىپ قالغان ئىدى. ئەي مەست ئەر! گۈل ئالدىدا تىزلانما. بوشىغان بەلۋىغىڭ دار بولۇپ، نامەردلىكىڭگە سېلىنسۇن. سېنىڭ يار ئالدىدا ئەقىدەڭ نېسى، كۈل ئالدىدا يالقۇنۇڭ نېسى. شاماللاردىن سورىما مېنى. رۇجەكلىرىڭ ئالدىدا تەڭقىسلىقتا قالىمەن. خائىن ماڭغان كوچىلىرىڭدا ئەمدى ماڭمايمەن. كېسەكلەر ئۆز ئورنىدا يېتىپ سەلتەنەتلىك چۈشلەرنى كۆرىۋەرسۇن. تاغ ئىدىم، توزۇدۇم. باغ ئىدىڭ، توزۇتتۇم. قۇمغا يازغان ھەقىقەتلىرىڭنى كىمگە ئېيتماقچىسەن؟ قۇمغا قايتقىن، ئەي تەكلىماكان! بىگۇناھ ھەرپلەر بىلەن يازمىلىرىمنى قانغا بويايمەن. بۇلۇڭلارغا سىغدىلىپ تۇرۇپ، گۈل ھەققىدىكى ئاخىرقى ناخشامنى تاماملايمەن.
 
تېما تەستىقلىغۇچى : kokturuk
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-03-24, 18:52
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+9(kokturuk) نادىر ماقالە
  • چ چ:1272497571
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-03-24 18:42 |
    turan
    تەپەككۇردىن ئايرىلغان كۇنۇم ھاياتىمنىڭ ئاخىرلا ..

    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 159
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 301
    شۆھرەت: 1654 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1654 سوم
    تۆھپە: 963 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 969 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 193(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    يازمىڭىزنى تەپسىلى ئۇقۇپ چىقتىم،اللە تەپەككۇرۇڭىزگە بەركەت بەرگەي!خەلقىمىزنىڭ بىر پۇتۇن كارتنسىنى يورتۇپ بېرىپسىز،دەرھەققىقەت مىللىتىمىز كىرزېس ئىچىدە تېڭرىقاپ ئازغۇنلۇقنىڭ چېركىن پاتقاقلىقىغا پاتماقتا...ئۇزۇن زامان بىكىنمىلكتە ياشىغان خەلقىمىز يات مەدەنيەتلەرنىڭ زەرەتلىشىدە  گاڭگىراپ روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىكى زەئىپلىككە تۇشەك ھازىرلىماقتا ..... كوزدىن ئايرىغان خۇدا ھاسسىدىن ئايرىماپتۇ ،دىگەندەك مىللىتىمىز  ئىچىدىن  تەپەككۇرى ئۇيغاق ،ئادىمىلىكى كىشىنى خۇشھال قىلدىغان زامانداشلېرىمىز كۇنسېرى كۇپۇيۋاتىدۇ،ئشىنمىزكى ، ئەينى زامانلاردا پۇتكۇل ئۇتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئاتلىرىنىڭ تۇياقلېرىدىن ئوت چاچېرتىپ دۇنيا مەدەنيىتىگە ئالامشۇمۇل تۆھپىلەرنى قۇشقان بۇ خەلىق  يېراقتىن پاللىدىغان نۇردەك  ئۆزنىڭ پارلاق مەدەنيىتىنى جۇلالاندۇرالايدۇ......
    music bagdax
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-24 19:48 |
    kokturuk
    ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 410
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 370
    شۆھرەت: 2317 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2322 سوم
    تۆھپە: 1301 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1319 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 512(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-01
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم ،نېرۋىلىرىم قېتىپ قالدى،تەپەككۇرۇم  بوشلۇقتا ئېسىلىپ قالدى،ۋۇجۇدۇمدىكى ئەرلىك ھۇجەيرىلەر ئىسيان كۆتۇرۇشكە باشلىدى،مەن مەن ئەمەس،مەن زادى كىم،زالالەت ۋە جاھالەتنىڭ قۇچىغىدىن كامالەت تۇغۇلىدىغانلىغىغا بۇگۇن ئىشەندىم،تىلدىكى مەستخوشلۇق،مەزموندىكى پاساھەت،مەناسىدىكى پاراسەت مىنى خېلىلا سەگىتتى،مەڭگۇ تاشنىڭ بۇ ئەسىرىنى ئوقۇپ ،تۇمەن تەڭرىقۇتنىڭ ئوڭ-سول ۋەزىرلىرنى ھارۋا چاقىغا باستۇرۇپ پارە-پارە قىلىۋەتكەنلىگىدىكى ھەقىقەتنى چۇشەندىم ،رەھمەت سىزگە.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-24 20:20 |
    iwirgholl

    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 66
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 286
    شۆھرەت: 1645 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1660 سوم
    تۆھپە: 946 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 946 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 597(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-26
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     Re:تەتۈر تېمپىراتۇرا بەلۋىغى

    ئۇففففف ف ف ف!!!
    ئىسىل يازمىڭىزغا رەھمەت، نىمە دىيىشنىمۇ بىلەلمىدىم.............
    hawar
    تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن قانچىلىك ئاتا قىلغىنىڭنى ئويلا
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-24 20:37 |
    nur
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 846
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 51
    شۆھرەت: 280 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 280 سوم
    تۆھپە: 163 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 163 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 36(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-27
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ﺳﯘﺳلاﺷﻘﺎن ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻨﯩﯔ ﻏﯘۋا ﺋﯩﺰﯨﺪا ﺋﯜﻧﯜپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻗﺎﻣﻐﺎق ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﭘﻪﺳﯩﻠﻠﻪردﯨﻦﭘﻪﺳﯩﻠﻠﻪرﮔﻪ ، ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪرﮔﯩﭽﻪ ﺳﻮزۇﻟﻐﺎن ﺗﯜﻧﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺎﻧﯩﺪا ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻤﺪﯨﻦﻣﻪﮬﺮۇم  ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯨﻢ. دوﻣﯩﻠﯩﺪﯨﻢ.   ئۆتۈكەن بويلىرىدىن ئىسفاھان چۆللىرىگىچە سەرسان بولدۇم. كۆزىدىن قان ئېقىپ تۇرغان بۇلاقلارنى ۋە بىر- بىرىنى ساتىدىغان بۇلاقلارنى ئۇچراتتىم. بىر قەلەندەر ساپايىسىنى چېلىپ، غەزەل توۋلاپ ئۆلۈكلەرنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ يۈرەتتى. تىزى پۈكۈلگەن ئاتىلار جەڭنامە سۆزلىشىۋاتاتتى. گۈلدەك چىرايلىق رەستىدە بىر غۇنچە خېرىدار كۈتىۋاتاتتى.  رەڭدار شاماللارغا ئەگىشىپ، سۇ قوغلىشىپ، قېنى سۇدەك ئاققان ئەللەرنى زىيارەت قىلدىم. نابۇت بولغان گىياھلار ۋە ئۈگۈت بولغان جانلارغا قەبرە قاتۇرۇلمايدۇ.  راۋاپ چېلىپ ئۆلۈپ قالغان بىر سەرگەرداننىڭ ئالۋۇنغا تىكىلگەن كۆزلىرى قاپقارا ھاياجان ۋە غاپىللارچە ئىنتىلىش ئىچىدە قېتىپ قالغان ئىدى. ئەي مەست ئەر! گۈل ئالدىدا تىزلانما. بوشىغان بەلۋىغىڭ دار بولۇپ، نامەردلىكىڭگە سېلىنسۇن. سېنىڭ يار ئالدىدا ئەقىدەڭ نېسى، كۈل ئالدىدا يالقۇنۇڭ نېسى. شاماللاردىن سورىما مېنى. رۇجەكلىرىڭ ئالدىدا تەڭقىسلىقتا قالىمەن. خائىن ماڭغان كوچىلىرىڭدا ئەمدى ماڭمايمەن. كېسەكلەر ئۆز ئورنىدا يېتىپ سەلتەنەتلىك چۈشلەرنى كۆرىۋەرسۇن. تاغ ئىدىم، توزۇدۇم. باغ ئىدىڭ، توزۇتتۇم. قۇمغا يازغان ھەقىقەتلىرىڭنى كىمگە ئېيتماقچىسەن؟ قۇمغا قايتقىن، ئەي تەكلىماكان! بىگۇناھ ھەرپلەر بىلەن يازمىلىرىمنى قانغا بويايمەن. بۇلۇڭلارغا سىغدىلىپ تۇرۇپ، گۈل ھەققىدىكى ئاخىرقى ناخشامنى تاماملايمەن.

      بارىكاللا! تۇنجۇققان ھىسلار غىدىغلانمىسا، مۈگدەك تەپەككۈر كاچاتلانمىسا ئادەملىگىمنىمۇ ئىسىمدىن چىقىرىپ قويغىلى  تۇرۇمەن.   ئىشائاللا . توختىماي تىرىشساقلا مەنىۋى كىسەللەرگە داۋامۇ تېپىلىدۇ ، قانچىلىك ۋاقىت كىتىشىدىن قەتئى نەزەر ئالغا!!
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-24 20:53 |
    tohotur

    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 251
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 267
    شۆھرەت: 1425 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1435 سوم
    تۆھپە: 841 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 841 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 391(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نىمە دىگەن ئۇمۇتسىزلىك بۇ .ئەخلاق ئۇيغۇردا پاختا ئچىدىكى چوغدەك ساقلانماقتا
    music bagdax
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-25 10:30 |
    menggutash

    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 349
    نادىر تېما : 8
    يازما سانى : 38
    شۆھرەت: 455 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 444 سوم
    تۆھپە: 236 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 236 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 300(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نىمە دىگەن ئۇمۇتسىزلىك بۇ .ئەخلاق ئۇيغۇردا پاختا ئچىدىكى چوغدەك ساقلانماقتا.
    -----------------------------------------------------------
    مەن ئۆزۈمگە تەسىر كۆرسەتكەن، ئۆز دائىرەمدىكى ئىشلارنى يازدىم. بۇ ھەممە ئۇيغۇر تۈگەشتى، دېگەنلىك ئەمەس، توخوتۇر، بولسا ئاشۇ ئەخلاق دۇردانىلىرىنى قېزىپ بىزگە تەقدىم قىلىڭ، {ساغرامنى بۆرە يېسە يېسۇن، كۆزۈم كۆرمىسۇن} دېيىشنى خالىمىدىم. يازمامدىكى ئىللەتنىڭ ئۆزىدە بارلىقىنى كۆرۈپ يەتكەنلەر تۈزىتىشكە ھەركەت قىلسۇن،
    سىزنى بۇ مۇنبەردە خېلى ئۆزگىچە پىكىر قىلىدىغانلاردىن، دەپ بىلىمەن. بولسا پىكىرلىرىڭىزنى سەل كونكىرت يازسىڭىز.
    چ چ:1272497571
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-25 10:55 |
    tohotur

    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 251
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 267
    شۆھرەت: 1425 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1435 سوم
    تۆھپە: 841 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 841 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 391(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەڭگۇتاش سىز قۇياشنى كورگەنمۇ ،مەڭگۇتاش سىز چىراقنى كورگەنمۇ . ئەجداتلىرىمىز قارا كۆزنىڭ مەركىزىنى چىراق دەپ ئاتايدىكەن .
    hawar
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-25 13:50 |
    kokturuk
    ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 410
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 370
    شۆھرەت: 2317 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2322 سوم
    تۆھپە: 1301 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1319 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 512(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-01
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تۈمەن تەڭرىقۇتنىڭ ئوڭ- سول قول ۋەزىرلىرىنى ھارۋا چاقىغا باستۇرۇۋەتكەنلىكى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ دۇشمىنىگە يول قويۇپ ئەڭ ئەمراق ئايالىدىنمۇ كىچىشى،ئۇيغۇرلاردا (قەدىمقى ئۇيغۇرلاردا) تۇلپار ئاتتىنمۇ ئارتۇق بىباھا ئەڭگۇشتەر بولمايتتى ،بۇنىڭدىنمۇ كىچىشى،ئاخىردا دۇشمەن قاقاس بىر پارچە زېمىننى سۇرىغاندا ئوردا ئەھلىگە مەسلىھەت سالىدۇ،شۇ ۋاقىتتا ئوڭ-سول يابغۇ(ۋەزىرلەر خان تاغىلىرىدىن بولاتتى ) خان تاغىلىرى زېمىندىن ۋاز كىچىپ دۇشمەنگە  ئۆتۇنۇپ بىرىش مەسلىھەتىنى بىرىدۇ،باتۇر تەڭرىقۇت غەزەپلىنىپ ،زېمىن قولدا بولسا مىڭلىغان نازىنلاردىن ،مىڭلارچە تۇلپارلاردىن غەم قىلىش نە ھاجەت،زېمىن بولمىسا سىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەپسىڭمۇ ساڭا تەۋە بولمايدۇ،شۇڭا سىلەر ئۇلۇمگە ،دەھشەتلىك ئۇلۇمگە مەھكۇم دىگەن ئىكەن.مانا بۇ باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئۆز قەۋمىنى تەربىيلەش پىسخىكىسى،ناچار ئەخلاق باش كۆتەرگەندە باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئۇسۇلى ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-25 20:18 |
    eerpan
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1156
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 9
    شۆھرەت: 45 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 45 سوم
    تۆھپە: 27 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 27 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    چاراسلاپ چاققان چاقماقتىن قېچىپ كۆزلىرىمنى يۇمۇپلا ، چاقماق ئۆتۈپ كەتكەندە ھەممە ئىش ئۆتۈپ كەتتى دېگەن بولۇر ئىدىم ، لېكىن بۇنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى چاقماق تېنىمنى پارە - پارە قىلىۋەتتى ، ئۇنى يىغىشقا كۇچەشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ ....... رەھمەت مەڭگۇتاش
    [ بۇ يازمىنىeerpanدە2011-03-26 20:18قايتا تەھرىرلىد ]
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-26 13:08 |
    kokturuk
    ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 410
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 370
    شۆھرەت: 2317 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2322 سوم
    تۆھپە: 1301 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1319 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 512(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-01
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى eerpanدە2011-03-26 13:08يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    چاراسلاپ چاققان چاقماقتىن قېچىپ كۆزلىرىمنى يۇمۇپلا ، چاقماق ئۆتۈپ كەتكەندە ھەممە ئىش ئۆتۈپ كەتتى دېگەن بولۇر ئىدىم ، لېكىن بۇنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى چاقماق تېنىمنى پارە - پارە قىلىۋەتتى ، ئۇنى يىغىشقا كۇچەشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ ....... رەھمەت بەڭگۇتاش

     ھاھا   ھاھھااا،ھا بەڭگى تاش ئەمەس،مەڭگۇ تاش.
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-26 16:26 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «12»Pages: 1/2     Go
    Bagdax bbs » تەرمىلەر