karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 600 قېتىم كۆرۈلدى
yalhuztuyun
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 21
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 47
شۆھرەت: 267 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 267 سوم
تۆھپە: 153 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 156 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 100(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا- ئانىغا ۋاپادار بولىشى ئىلاھىي مەجبورىيەت

پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا- ئانىغا ۋاپادار بولىشى ئىلاھىي مەجبورىيەت
     بۇ تېمىدا يېزىلغان ماقالىلارنى گېزىت- ژورناللاردا كۆپ كۆرىۋاتىمىز. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ بۇ تېمىدا يەنە يازغۇم كەلدى، چۈنكى ئاتا- ئانىغا ۋاپادار بولۇش، غەمخورلىق قىلىش پەرزدۇر، مۇسۇلمانلارنىڭ ئالاھىدە بەلگىسىدۇر.

  ھەرقانداق ئىنسان مەيلى قايسى مىللەت، قايسى تەبىقىدىن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئاتا- ئانىسىز دۇنياغا كەلمەيدۇ ۋە ئۆسۈپ- يېتىلىپ تەرەققىي قىلىپ ئۆز كۈنىنى كۈن ئېتەلەيدىغان دەرىجىگە يېتەلمەيدۇ.

  ئاتا- ئانىلار بىزنى بۇ دۇنياغا كەلتۈردى، باقتى، تەربىيەلىدى. نۇرغۇن ئەجىرلەر بىلەن بىزنى چوڭ قىلدى. مۇشۇلارنى ئويلىغان ئىنسان ئاتا- ئانىسىنىڭ ئەجرى ئۈچۈن قانچىلىك قۇربانلارنى بەرسە ئازلىق قىلىدۇ.

   ئانا بولغۇچى توققۇز ئاي، توققۇز كۈن قورساق كۆتىرىپ، ئاچچىق تولغاق يەپ، ئۆلۈم ئازابىنى باشتىن كەچۈرۈپ كۆزى يورۇيدۇ. شۇ پەرزەنت ئېڭەلەپ، يىغلاپ يەرگە چۈشكەندە ئاتا- ئانا بولغۇچىنىڭ بېشى كۆككە يەتكەندەك شاد- خورام بولغانلىقىنى تىل بىلەن ئىپادىلەش تەس، ئەلۋەتتە!

  ئانا شۇ پەرزەنتى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ. كېچىلىرى شېرىن ئۇيقۇسىدىن كېچىپ، ئاق سۈت بېرىپ، ئاستىنى قۇرۇقداپ، ھۆل يەردە ئۆزى يېتىپ، قۇرۇق ئورۇندا شۇ پەرزەنتىنى ياتقۇزۇپ، قەدىرلەپ، پەپىلەپ، ئەركىلىتىپ بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. شۇ پەرزەنت ئاق- قارىنى بىلگىچە نۇرغۇن ئەقلىي ۋە جىسمانى كۈچ قۇۋىتىنى ، ئىقتىسادىنى سەرىپ قىلىدۇ؛ يېتىلەپ، يېتەكلەپ يۈرۈپ بىلمىگەننى بىلدۈرىدۇ، تونىمىغاننى تونىتىدۇ، چۈشەنمىگەننى چۈشەندىرىدۇ. ئىنساننىڭ  بىرىنجى ئۇستازى ئاتا بىلەن ئانىدۇر. ئۇ ئەقىل سۈيى بىلەن سۇغۇرۇپ، مىڭىسىدە ئەقىل نۇرىنى جۇلالاندۇرىدۇ؛ ئىسسىق قېنى، شېرىن جېنى ــ ئۆز ھاياتى بەدىلىگە شۇ بالىنى چوڭ قىلىدۇ، ئوقۇتىدۇ، ئەڭ بولمىغاندا ئىش- ئوقەتنىڭ بىرەر توغرا يولىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنساندىكى پۈتكۈل گۈزەللىك، ئىقتىدار، ئالاھىدىلىك، نۇر ۋە ئىللىقلىق، ئىپتىخارلىق، ھارارەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاتا- ئانىنىڭ مېھرىدىن كەلگەن.

  مانا مۇشۇنداق مېھرىبان، بىردىنبىر ۋاپادار ئاتا- ئانىغا ۋاپادارلىق قىلىش، ئۇنىڭغا تەشەككۈر بىلدۈرۈش ئىنسانىي بۇرۇچتۇر، ئادىمىي پەزىلەتتۇر. ئەگەر كىمىكى ئاتا- ئانىسىنىڭ ئەجرىگە كۆز يۇمۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىبار قىلماي ئۇنىڭغا ۋاپادارلىق، خەيرخاھلىق قىلمىسا، چوڭ بولىۋېلىپلا ئاتا- ئانىسىنىڭ ئەجىرىنى ئۇنتۇپ، يۈز ئۆرۈپ، سۆزىگە كىرمىسە، قۇلاق سالمىسا، ئۆز بېشىمچى بولىۋېلىپ ئۆزى بىلگىنىنى قىلسا، ئادىمىيلىكتىن چىقىپ كەتكەن بىلەن باراۋەردۇر. چۈنكى ئاتا- ئانا شۇ ئىنساننىڭ ھاياتلىقتا مەۋجوت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسچىسى، ياخشىلىق ، رەھىم- شەپقەت يەتكۈزگۈچى مەنبە، ھايات پەيزىنى سۈرىشىنىڭ كاپالەتچىسىدۇر. دىمەك ئاناڭ سېنى ئاجىز تۇرۇپ، شۇ ئاجىز بەستىدە كۆتۈردى، يەنى ھامىلدار بولۇپ قۇرسىقىدا كۆتۈردى، تۇغۇلغىنىڭدا قۇچىقىدا كۆتۈردى. كىچىكىڭدە كېچە- كۈندۈز تىلىكىڭدە بولۇپ، ئارامىنى ساڭا بېغىشلاپ باقتى.

  ئۆسمۈرلىكىڭدە يىمەي يىگۈزدى، كىيمەي كىيگۈزدى، سېنىڭ ھاياتىڭ، ساقلىقىڭ، مەنپەئەتىڭ ئۈچۈن بېشىڭدا پەرۋانە بولدى. ئاتا- ئاناڭ ساڭا بارلىق خۇشاللىقنى، بەخت- پاراغىتى، ئۈمىدىنى بېغىشلىدى. كېچە- كۈندۈز ئاللاھتىن سېنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىڭنى تىلىدى. قېشىڭدىن نېرى كەتمەي دەرتلىرىڭگە دەرمان بولدى؛ كۈلسەڭ ساڭا قوشۇلۇپ كۈلدى، سېنىڭدىن پەخىرلىنىپ بېشى ئاسمانغا تاقاشقىدەك شادلاندى. ئازاپلانساڭ، يىغلىساڭ ساڭا قوشۇلۇپ يىغلىدى، قايغۇرساڭ قايغۇڭغا ھەمدەم بولۇپ قايغۇردى. سېنىڭ ھاياتىڭ، بەختىڭ ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىدى. سېنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق دىشۋارچىلىق، مۈشكۈللۈككە پىسەنت قىلمىدى. تېنىنى قالقان، جېنىنى قۇربان قىلىشقا بەل باغلىدى. بالام دىسە ئىچ- ئىچىدىن زوقلىنىپ كۆڭلى شادلىققا تولدى، ئۈستىدىكى غۇربەتچىلىك، مۇشەققەتلەرنى ئۇنتىدى، پەقەت سېنىڭ ئارامىڭ، راھىتىڭ ئۈچۈن كۈل- كۆمەچ بولۇپ كەتسىمۇ ۋايسىمىدى، بەلكى خۇشاللىق بىلدى. جان –پىدالىق بىلەن يۈرەك قانلىرىنى سەرىپ قىلدى، قىزىل گۈلدەك رەڭگى- رۇخسارى ، يۇلتۇزدەك شەھلا كۆزلىرى بىلەن ساڭا تەلمۈرۈپ، ئەقلىي ۋە جىسمانى كۈچ- قۇۋىتىنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ئاتىدى......

      شۇنى بىلىڭىزلەركى،  ئۆز بالىسىغا كۆيۈنمەيدىغان ھېچقانداق ئاتا- ئانا ـــــ ئىنسان ، ھەتتا ھايۋانمۇ بولمىسا كېرەك. ئۇچار قاناتلارمۇ بالىلىرىغا ئاغزىدا دان بېرىدۇ، ئىنسانلار ئۆز پەرزەنتلىرى ئۈچۈن جان بېرىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە ھاياتىنى تەغدىم قىلىدۇ....

   ئەي ئوغلەنلەر، ئەي سۆيۈملۈك خانىم- قىزلار شۇنى بىلىڭكى: ھاياتلىق سەپىرىنىڭ ئاخىرقى دەملىرىدە ياشانغان ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولۇپ قېلىشى تەبىئىي ھال، ئەلۋەتتە ! بۇ ھەرقانداق ئىنسان ئۈچۈن ئورتاق ئەھۋالدۇر. چۈنكى ھەرقانداق نەرسە ئاپىرىدە بولىدۇ، ئۆسىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ، زورىيىدۇ، ئاخىرى قېرىيدۇ، يوقۇلىدۇ. بۇ ئۆزگەرمەس ئىلاھىي قانونىيەتتۇر. بۈگۈن سەن ياش، ئەتە قېرىيسەن، ئاشۇلاردەك بېلى مۈكچەيگەن، چاچلىرى ئاقارغان، تېنىدىن ماغدۇر كەتكەن، ھالسىرغان، ئاجىزلىغان قېرىغا ئايلىنىسەن. بۇ ھاياتلىق مۇساپىسىنىڭ قارشى تۇرۇشقا بولمايدىغان يۆنلىشىدۇر.

   بۈگۈن سەن ياش خەيرخاھلىق قىلىش نۆۋىتى ساڭا كەلدى. كۈچلۈك بولغانلارنىڭ ئاجىزلارنى يۆلەش مەجبۇرىيىتى بار، سۆيۈملۈك بولاي دىسەڭ قولۇڭدىن كېلىدىغان ياخشىلىقنى ئاتا- ئاناڭدىن ئايىما، ئاتا- ئاناڭنىڭ ھالىغا يەت، ئەھۋالىنى سوراپ تۇر، سۆزىگە قۇلاق سال، ئاڭلا، ئۇلارنى ھۆرمەتلە، ئىززەت- ئېكرام قىل، قەدىرلە، بۇلار پەرزەنتلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىدۇر ھەمدە بۇ ئىنسانلىق ، ئادىمىيلىك بۇرچىمىزدۇر. تۆت كۈنلۈك ئۆمرىدە ئۇلارنى رەنجىتمە!

ئۇلارنى بېقىش، ھال- كۈنىدىن (ئاغرىق- سىزلاق، كىيىم- كېچەك، يىمەك- ئىچمەك، ئوتۇن- كۆمۈر، چاي- تۇز قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمەتلىكلىرىدىن)  خەۋەر ئېلىش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزەپىمىز. ئۇلارنىڭ بىزنىڭ قولىمىزغا قاراپ قېلىشى بىلەن ئۇلارغا خوجايىنلىق قىلىپ، ھۆرت- پۆرت دەپ ئازار بەرمەسلىكىمىز، دۈشكەللىمەسلىكىمىز، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ تاشلىۋەتمەسلىكىمىز لازىم. ئاتا- ئانىغا ئۆمۈر بويى خىزمەت قىلىپ بالىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە قويغان تەلىپىدۇر.

بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە ئېلىپ بېرلىۋاتقان ئىسلاھات، ئېچىۋىېتىش سىياسىتى، ھەر مىللەت خەلقگە زور ئىقتىسادى شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەرمەكتە. ئەمما بىرقىسىم كىشىلەر مەنىۋىي مەدەنىيەتكە كۆڭۈل بۆلمەي، ئۆزىنىڭ ئەخلاق مىزانىنى چۆرىۋەتتى. ئۇلار ئاتا- ئانىلارنىڭ ھەققىنى تونۇمايدۇ، ئۇلارنى قەدىرلىمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجرىنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلارغا ھە دىسە قوپاللىق بىلەن دىل ئازارى قىلىدۇ، سۆزىنى ئاڭلىمايدۇ، ئۇلارنى ھەتتا خارلايدۇ، ئۇلارغا قاراشنى ئۆزىگە يۈك ھېساپلايدۇ، ئۇلارنى زار قاخشىتىدۇ، ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىش ئەمەس، توسالغۇ، پۇتلىكاشاڭ بولدى دەپ تونۇيدۇ. ئۇلارنىڭ تاپقان- تەرگىنىنى ئۇيالماي سېرىپ- سۈپۈرۈپ يەۋېتىدۇ، تويمايدۇ. گەپ قىلسا ئاتا- ئانىسىنى ئەسكى، بەزەپ تىللا بىلەن تىللايدۇ، ھەتتا كانىيىدىن سىقىپ ، چېچىدىن قاماللاپ تۇتۇپ ئۇرىدۇ، كۈدە- كۆرپىلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. بەزىلىرى ئاتا- ئانىلىرىنىڭ ‹‹قاتتىق قول›› لۇق قىلغىنىدىن تاشلاپ كەتسە، يەنە بەزىلىرى ئاتا- ئانىلىرىنىڭ تۇرمۇش چىقىمىنى ئۈستىگە ئېلىشقا يارىماي باشقا ھەدە- سىڭىللىرى، ئاكا- ئۇكىلىرىغا بەس سېلىشىپ، چىقىمنى تەڭ تارتىمىز دەپ بىر- بىرى بىلەن دە تالاش قىلىشىدۇ. يەنە بەزىلەر ياشانغان ئاتا- ئانىلىرىنى ئۆي ئىشلىرىغا سېلىۋاتىدۇ. بالا باقتۇرىۋاتىدۇ.....

بەزەن ئوغۇل- كېلىنلەر تاپقان پۇللىرىغا قوش- قوش كىيىم- كېچەك، زىبۇ- زىننەتلەرنى ئېلىپ تاقايدۇ. كېچە- كېچىلەردە چاي ئويناپ، ھەرياقلاردا ھاراق ئىچىپ، قىمارخانىلاردا، ئىشرەتخانىلاردا كەيىپساپا بۇزۇقچىلىق قىلىشىدۇ. ئۇ يەرلەردە مەردلىك بىلەن پۇللىرىنى بۇزۇپ- چېچىپ تۈگىتىۋېتىدۇ، قىلچە قارنى ئاغرىمايدۇ. ئەمما ئاتا- ئانىلىرىغا بىر قۇر كىيىم ئېلىپ بېرىشكە، يىمەكلىك ئېلىپ بېرىشكە قۇرسىقى ئاغرىيدۇ.....

ئەي پەرزەنتلەر ئاتا- ئانىمىزنى قەدىرلەيلى ! ئۇلار ئۈچۈن ئازراق ۋاقتىمىزنى سەرىپ قىلىپ يوقلاپ قويايلى!!!!  
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-03-25, 14:05
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-03-25 13:45 |
turan
تەپەككۇردىن ئايرىلغان كۇنۇم ھاياتىمنىڭ ئاخىرلا ..
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 159
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 419
شۆھرەت: 2317 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2318 سوم
تۆھپە: 1356 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1363 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 296(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزنىڭ ياخشىلىق قىلشىمىزغا ئەڭ لايىق ئادىمىمىز ئاتا-ئانىمىزدۇر، چۇنكى ئاتا-ئانىمىز بىزنىڭ بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بۇلشىمىزغا سەۋەپچىدۇر،ئۇلار  بولمىسا  باللارنىڭ بۇلىشى مۇمكىنمۇ؟شۇڭا ئاتا-ئانا ئالدىدا ئۇتەشكە تېگىشلىك مەجبوريەتلەرنى ئۇتەش ئەقەللى ساۋات،تۇزكورلۇق ئىنساننى ئازغۇنلۇققا باشلايدۇ،ئازۇنلۇق زوبۇنلۇققا باشلايدۇ.....
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-25 14:16 |
everoll
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 703
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 129
شۆھرەت: 987 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1023 سوم
تۆھپە: 525 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 532 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 855(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

«جەننەت ئانىلار ئايىغى ئاستىدا »دەپ بىكار ئېيتمىغاندە...
http://everoll-iz.blogbus.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-25 19:19 |
yadkar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1311
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 45 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 45 سوم
تۆھپە: 27 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 27 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەدەپلەرنىڭ ئىچىدە ئاتا-ئانىنى ھۇرمەت  قىلىش ئەڭ ئەۋزەلدۇر. ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىنى ھۇرمەت قىلىش ،ئاتا-ئانا  ھەققىنى تونۇش ۋە ئاتا-ئانىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش پەرزەنتكە نىسبەتەن  پەرز  ھەم قەرزدۇر. پەرز   بولغانكەن،ئۇنى چوقۇم  ئادا قىلىش كېرەك،قەرز بولغانكەن ،چوقۇم ئۇنى تۇلەش كىرەك. بۇلارنى ئادا قىلمىغان پەرزەنتتە ئادىمىلىك سۇپەتمۇ   بولمايدۇ.
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-07 00:53 |
anwarkapak
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 98
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 289
شۆھرەت: 1465 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1485 سوم
تۆھپە: 877 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 877 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئانىمىزنى يۈدۈپ ھەرەمگە ئاپىرالىساق  بىزگە بەرگەن بىر تېمىم سۈتنىڭ  بەدىلىنى تۆلىگەن  بولىدىكەنمىز ........شۇنىڭدىنلا بىزنىڭ  ئاتا-ئانىلىرىمىزغا  قانچەلىك قەرز ئىكەنلىكىمىزنى چۈشۈنۋالالايمىز.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-07 10:52 |
dilnaz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2771
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 161
شۆھرەت: 810 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 839 سوم
تۆھپە: 485 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 485 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 142(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆز ئاتا -ئانىلىرىنى ھۆرمەتلەشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئەر -ئاياللار بىر-بىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىمۇ ھۆرمەتلەش توغرۇلۇقمۇ كوپرەك مۇنازىرە ئېلىپ بارغان بولساق .
西部医院
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-03 22:50 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئادەت قېرىماس