saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 866 قېتىم كۆرۈلدى
shahdiyar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 384
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 56 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 56 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 شاھدىيارسوفت ئىزباسارلار سىستېمىسى 2011

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ھازىر دەۋىر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان  بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ئىشلىرىمىز كومپيۇتېر، ئۇچۇرلىشىپ كەتتى. ھەم مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئارخىپلىرىنى باشقۇرۇشمۇ بارغانسېرى ئاسانلىشىپ كېتىپ بارىدۇ. بىز مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ تۆۋەندىكى ‹‹شاھدىيارسوفت ئىزباسارلار سىستېمىسى›› نى ياساپ چىقتۇق. بۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى، ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇرلىرىنى تەپسىلىي خاتىرىلەش. بۇنى ئاساسلىقى كەسپىي تەربىيىلەش مەكتەپلىرى، كۇرسلار ۋە شۇنىڭدەك ئورۇنلاردا ئوقۇغۇچىلار ئارخىپلىرىنى مەخسۇس خاتىرىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
بۇنىڭدا سىنىپ ئۇچۇرلىرى، دەرس ئۇچۇرلىرى، نەتىجە ئۇچۇرلىرى، مۇكاپات - جازا ئۇچۇرلىرى، ئوقۇغۇچى ئۇچۇرلىرى ... قاتارلىق بىر قاتار ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي خاتىرىلەشكە بولىدۇ.
كۆرۈنۈشلىرى تۆۋەندىكىدە:
بۇ يۇمشاق دېتالغا كىرىش رامكىسى

بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئاساسىي كۆزنىكى بولۇپ، ئۈستىدىكى <<سىنىپ، دەرس، ئوقۇغۇچى ئۇچۇرى>> قاتارلىق ئارخىپلارنى مۇشۇ ئورۇندىن تۇرغۇزۇشقا بولىدۇ.


بۇ قوراللار تۈرى بولۇپ، بۇنىڭدا مەزكۇر يۇمشاق دېتالغا مۇناسىۋەتلىك قوراللارمۇ، مەزكۇر يۇمشاق دېتالغا مۇناسىۋەتسىز بولغان ئەمما ئىشلىتىشكە بولىدىغان يۇمشاق دېتاللارمۇ بار. بۇ تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارمۇ ساپ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار بولۇپ، بۇ قوراللارنى گورۇپپىمىز ياساپ چىققان قوراللار.


بۇ قوشۇمچە ئىقتىدارلار تۈرى بولۇپ، بۇ ئورۇندىن بىر بىر قاتار بولغان Windows ئۆزى تەمىنلىگەن قوراللارنى تېز ئىجرا قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.


بۇ ئورۇندىن ئىشلەتكۈچى قوشۇش، تەھرىرلەش ۋە ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتلىرىنى قىلىشقا بولىدۇ.


بۇ پروگرامما توغرىسىدا رامكىسى بولۇپ، ياردەم ئۇچۇرلىرى تەمىنلەنگەن.


بۇ سىنىپ ئۇچۇرى بولۇپ، بۇ يەردىن سىنىپ ئۇچۇرى قوشۇش، تەھرىرلەش ۋە ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتلىرىنى قىلىشقا بولىدۇ.


بۇ دەرس ئۇچۇرى بولۇپ، بۇ يەردىن دەرس قوشۇش، ئۆچۈرۈش، باشقا سىنىپلارغا يۆتكەش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.


بۇ ئوقۇغۇچى ئۇچۇرى بولۇپ، بۇ يەردىن ئوقۇغۇچى نومۇرى، ئىسمى، جىنسى، تۇغۇلغان ۋاقتى، سىنىپ نومۇرى، كىرگەن ۋاقتى، چىقىش ۋاقتى، ئادېرىسى، ئىزاھات قاتارلىق ئۇچۇرلارنى قوشۇش، تەكشۈرۈش، ئۆزگەرتىش، ئۆچۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىشقا بولىدۇ.



بۇ ئىمتىھان ئۇچۇرى بولۇپ، بۇ يەردىن ئىمتىھان ۋاقتى، سىنىپ نومۇرى، ئوقۇغۇچى نومۇرى، دەرس، ئىمتىھاندىن ئالغان نومۇر قاتارلىق ئۇچۇرلارنى قوشۇش، تەكشۈرۈش، ئۆزگەرتىش، ئۆچۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.



بۇ مۇكاپات ۋە جازا ئۇچۇرى، بۇ ئورۇندىن ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات ياكى جازا بېرىشكە بولىدۇ. بەرگەن ۋاقىتتا ‹‹مۇكاپات ياكى جازا›› دېگەن ئورۇنغا مەزمۇنىنى يازسا بولىدۇ.



بۇ تەكشۈرۈش ئورنى بولۇپ، ‹‹ئوقۇغۇچى نومۇرى:›› دېگەن ئورۇنغا ئوقۇغۇچى نومۇرىنى كىرگۈزسىڭىزلا بارلىق ئۇچۇرلىرىنى بىر  باسقۇچ ئارقىلىقلا كۆرسىتىپ بېرىدۇ.



بۇ ‹‹قوراللار›› تۈرىدىكى ‹‹كىرگۈزگۈچ›› يۇمشاق دېتالى بولۇپ، بۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى رەسىمدە بېرىلگەن.



بۇ ئاددىغىنە بولسىمۇ تور كۆرگۈچ بولۇپ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھەر قانداق تور بىكەتلەرنى زىيارەت قىلالايسىز.



بۇ ‹‹شاھدىيارسوفت ۋەزىپە يۇشۇرۇش پروگراممىسى›› بولۇپ، بۇنىڭ ئىقتىدارلىرى رەسىمدىكىدەك.



بۇ ‹‹شاھدىيارسوفت SWF كۆرگۈچ 1.0›› بولۇپ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كومپيۇتېرىڭىزدىكى Flash ھۆججەتلىرىڭىزنى قولايلىق باشقۇرالايسىز.



بۇ قويۇش تىزىملىكى ياساش پروگراممىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ 10 نەچچە خىل شەكىلدىكى ئاۋاز ۋە فىلىم ھۆججەتلىرىنى تىزىملىك قىلىپ ياسىۋالالايسىز.



بۇ ‹‹شاھدىيارسوفت ئوچۇق مۇندەرىجىلەرنى كۆرۈش پروگراممىسى›› بولۇپ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كومپيۇتېرىڭىزدا نۆۋەتتە ئوچۇق بولغان مۇندەرىجىلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
بۇ قورالنىڭ ئانچە زۆرۈرۈيىتى بولمىسىمۇ، بىر چاغلاردا ئېھتىياجلىق بولۇپ قېلىپ ياساپ قويغان نەرسە ئىدى. شۇڭا بۇ پروگراممىغا قوشۇپ قويدۇم.

مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ كۆرۈنۈشلىرى مۇشۇنداق بولۇپ، ئېھتىياجلىق بولغانلار بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ سېتىۋالسا بولىدۇ.
بىز تېخىمۇ كۆپ يۇمشاق دېتاللارنى ياساپ چىقىشقا تىرىشىمىز.

ئەسلى تېما ئادېرىسى: http://www.shahdiyar.com/bilim/viewthread.php?tid=749
تېما تەستىقلىغۇچى : alqondi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-03-25, 15:00
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-03-25 14:47 |
nabijan520p
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7143
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىز ئۇيغۇرلاردا  قانداق دىتال بولسىلا  پۇل پۇل دەيدىكەن .....ھەقسىز دىتالدىن بىرسىمۇ يوقكەن ......لېكىن خەنزۇچە دىتاللارنىڭ   شۇنداق ياخشى دىتاللارمۇ ھەقسىز ئىكەن ......ھەي بۇ جاھاننى ..........
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-25 23:54 |
altun00
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 240
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 64
شۆھرەت: 395 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 395 سوم
تۆھپە: 231 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 231 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 54(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى nabijan520pدە2012-04-25 23:54يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىز ئۇيغۇرلاردا  قانداق دىتال بولسىلا  پۇل پۇل دەيدىكەن .....ھەقسىز دىتالدىن بىرسىمۇ يوقكەن ......لېكىن خەنزۇچە دىتاللارنىڭ   شۇنداق ياخشى دىتاللارمۇ ھەقسىز ئىكەن ......ھەي بۇ جاھاننى ..........

سىز ياسالامسىز ئاشۇدېتالنى ئاددىسى يانفۇنىڭىزغا ئويۇندىن بىرنى ياساپ بېقىڭە !ئېلىپ _بەنى ئۆگەنگەنمۇ؟ ھازىر ئۇيغۇرلانىڭ يۇمشاق دېتال كەسپى ئەمدى بىخ سۇرۋاتسا بىكارغا تارقاتسا ئۇلار بوران يەمدۇ؟ مىللى ئىگىلىكنى قوللايدىغان يەردىغۇ بىز!قوينۇمدىن چۇشسە قونجامغا!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-26 17:48 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » يۇمشاق دېتال بازىسى