باغداش تورى قايتا ئېچىلغاندىن بۇيان كونا يېڭى ئەزالارنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋەتلىشى ئارقىسىدا ، ناھايىتى تېز جانلاندى . تەپەككۇرى چوڭقۇر ، قەلىمى ئۆتكۈر ئەزالارنىڭ نادىر ئەسەرلىرى ، ئېسىل ئىنكاسلىرى بىلەن باغداش مۇنبىرىمىزدە جۇشقۇن بىر كەيپىيات شەكىللىللەنمەكتە . بۇ جۇشقۇن كەيپىياتنى تېخىمۇ ياخشى داۋاملاشتۇرۇش ، ھەمدە مۇنبەردە ئۆزگىچىلىك يارىتىش مەقسىتىدە مۇنبەر مەسئوللىرى مەسلىھەتلىشىپ، «باغداش تورى تەرجىمە گۇرۇپپىسى» قۇرۇشنى قارار قىلدۇق .
بۇگۇرۇپپىنى قۇرۇشتىكى مەقسەت
تىل ئۆگۈنۈشكە قىزىقىدىغان ھەمدە تەرجىمىگە قىزىقىدىغان ھەۋەسكارلارغا يېڭىچە بىر ئۆگۈنۈش سەھنىسى شۇنداقلا تەرجىمانلارغا ئۆزىنى نامايان قىلىش سۇپىسى ھازىرلاش . بۇئارقىلىق مۇنبىرىمىزگە كىرىۋاتقان ئەزىز تورداشلارنى ھەرقايسى ساھە ، ھەرقايسى كەسىپ جۈملىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان يېڭىلىقلار ۋە نادىر ئەسەر -يازمىلاردىن بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش .
گۇرۇپپا ئەزالىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپ
بۇگۇرۇپپىغا قاتنىشىشىنى خالايدىغان ئەزالارغا كۈندە مانچە سائەت تورغا چىقالىشى شەرت دەيدىغان تەلەپلەر قويۇلمايدۇ ، ئەمما ھەرھەپتىدە بەلگىلىك ۋاقىت مۇقىم تورغا چىقالايدىغان بولۇشى ، خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىزچە ماتىرىياللارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشتا بەلگىلىك تەجىرىبىگە ئىگە بولۇشى شەرت. ھەمدە مۇنبەرنى قىزغىن سۆيىدىغان ، مەسئولىيەتچانلىق تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك . يەنە بىرسى تەرجىمە قىلغان ماتىرىيالىڭىزنىڭ تارقىتىش ھوقوقىدىن مۇنبىرىمىز بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى خالايدىغان بولۇشىڭىز كىرەك.
بىز ھەرقايسى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇۋاتقان سىتۇدېنتلارنىڭ (بولۇپمۇ تىل فاكولتىلىرى ئوقۇغۇچىلىرى) سىناپ بېقىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
تەرجىمە ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپ
ئەسەرلەرنىڭ ژانىرىغا چەك قويۇلمايدۇ . ئەمما چوقۇم دۆلەتنىڭ قانون سىياسەتلىرىگە خىلاپ بولماسلىقى ، مۇنبەر بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى كىرەك . كۈچىڭىز يەتسە ياخشى بولغان ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنى ئىشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئەمما چوقۇم ئەسلى ئىجادىيەت بولۇشى شەرت ، باشقا مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىنىپ بولغان ، نۇرغۇن قېتىم تەرجىمە قىلىنىپ بولغان ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ. گۇرۇپپا ئەزالىرى يوللىغان ئەسەرلەرنىڭ تارقىتىش ھوقوقى باغداش تورىغا تەۋە بولىدۇ.
تەرجىمانلارنى قوللاش ، رىغبەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن ھەر ئۈچ ئايدا بىرقېتىم نادىر تەرجىمانلارنى ماددى بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ . ھەم نادىر تەرجىمە ئەسەرلەرنى مۇنبەر پۇلى بىلەن قەرەلسىز مۇكاپاتلاپ تۇرىمىز .
قېنى ئەمىسە نىمىگە قاراپ تۇرىسىز قابىلىيىتىڭىز نامايان قىلىشنى ، ئۆزىڭىزنى سىناپ بېقىشنى خالىسىڭىز سېپىمىزگە قوشۇلۇڭ !
بۇگۇرۇپپىغا قوتۇلۇشنى خالايدىغانلار مۇنۇ qq توپىغا قوشۇلۇڭ . توپ نومۇرى : 146109369
باشقا ياردەم كېرەك بولسا مۇنۇ qq بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ . نومۇر : 1910404635
يوقۇرىدىكى نومۇرلار پەقەت مۇنبەر خىزمىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ ، بىكارچىلار ئاۋارە قىلماڭ ! ھەمكەرلاشقىنىڭىزغا رەھمەت !