ئالدىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ ./read.php?tid=1491 بىز ئۇلارنىڭ ئېڭىدا <<چوشقا گۆشى يىمەيدىغان ، ئاق قاچىدا تاماق يەيدىغان شىنجاڭلىق>> تىن ، ھۇرۇن ، ئويۇنچى ، تۈزۈمسىز ، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان ، دىلى بىلەن تىلى بىردەك چىقمايدىغان شىنجاڭلىققا كېڭەيدۇق . ئۇلار بىزنى<<شىنجاڭلىق>> دىسە غەزەپ بىلەن قايتۇرۇپ ئۆزىمىزنى <<ئۇيغۇر>> دەپ ئەسكەرتتۇق . تىلىمىزنى <<شىنجاڭ تىلى>>(新疆话) دېسە چەكچىيىپ ، <<شىنجاڭدا مىللەت جىق ، بۇ دىگەن ئۇيغۇر تىلى>> دىدۇق . بۇمۇ ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز بىرىۋالىدىغان مىللى غۇرۇرنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋانى ئىدى . ھەممىمىزگە مەلۇمكى ، تىلىمىزدا ئەبجەشلىشىش ئېغىر . ئەلۋەتتە بۇ ئەيىپ سۆزلىگۈچىدە . تېلىفۇندا پاراڭلاشقاندا بىزمۇ ھەم خەنزۇ تىلى ئارىلاشتۇرۇپ ئانا تىلنى خورلىغانلىقىمىزغا ئىتىبار ئالماپتۇق . ياتىغىمدىكىلەر نەچچە رەت ماڭا سۇئال تاقىقى سالغاندىلا بۇ ھەقتە ئويلاندىم . چۈنكى ئۇلار تېلىفۇندا پاراڭلاشقاندا قىزىقىش تۇيغۇلىرىدا سۆزلىرىمگە زېھىن يۈگۈزەتەتتى . شۇڭا ئۆز تىللىرىنى سۆزلىرىمدىن ئاجىرىتىپ ئېلىشقا ئىزدىنىش ھاجەت ئەتمەيتى . مۇشۇنداق چاغلاردا مىللىتىمنى <<ئۇيغۇر>> ، تىلىمنى<<ئۇيغۇر تىلى>> دەپ ئۈنلۈك دەۋراڭ سالغىنىمغا خىجالەت بولۇپمۇ قالىمەن .
مانا مۇشۇنداق بىر تالاي خىجالەت ئوتلىرىدا پۇچىلانغاندىن كىيىن قەلبىم ھىدايەتتە ئۇپۇق كەبى قىزارغاندەك بولدى . ئىمانىم سۈبھى گۇگۇملىرى تاراپ يېقىشلىق تاڭدەك سۈزۈلۈشكە باشلىدى . ھايۋانى ھەۋەسلىرىم پەسىيىپ ، شەھۋانى كۆزلۈرۈم قىزلارنىڭ ئۇ يەر - بۇ يەرلىرىگە يۈگۈرەپ ئۈسۈشنى ئۇيات تاپتى . يوللاردا ماڭسام ئويچان بۇلۇپ قالدىم . تولىراق يىگانە يۈرۈشنى خالاپ قالدىم . بولۇپمۇ مۇنۇ ئاددىغىنە بىر ھىكايىنى مەنىلەپ ئۆزۈمگە يۇغۇرىۋەتتىم . << بىر بوۋاي جەينىمازدا قۇرئان ئۇقۇپ ئولتۇرىدۇ . ئوچاق بېشىدا ئولتۇرغان ئوننەچچە ياشلاردىكى نەۋرىسى تۈرلۈك خىياللاردىن باش كۆتۈرۈپ بوۋىسىدىن سوراپ قالىدۇ .
_ بوۋا ، سىز قۇرئاندىكى خەتلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟ ...... بوۋاي ئۇقۇشتىن توختاپ نەۋرىسىگە بۇرۇلىدۇ ۋە بىر ئازلىق سۈكۈتتىن كىيىن :
_ ياق ، مەن بىلمەيمەن .
_ ئۇنداقتا چۈشەنمەي تۇرۇپ ئوقۇغاننىڭ نىمە پايدىسى؟ ........... نەۋرىسى بالىلارغا خاس مەسخىرانە كۈلىدۇ بوۋىسىغا ئەركىلەپ.
_ جۈرە ، ئاۋۇ سۆۋەتتىكى كۆمۈرنى تۆكۈۋېتىپ ئاشۇ سۆۋەتتە ئۆستەڭدىن سۇ ئېلىپ كىر.
بوۋاي كۆمۈر ئېلىپ قارىداپ كەتكەن سېۋەتنى كۆرسىتىپ نەۋرىسىگە بۇيرۇيدۇ.
_ سېۋەتتە قانداقمۇ سۇ توختىسۇن؟! ئەجەپلەنگەنچە سورىدى نەۋرىسى.
_ ئاۋال چىقىپ باقمامسەن . قىلماي تۇرۇپ قانداق بىلىسەن؟
نەۋرىسى سېۋەتتىكى كۆمۈرنى مەش تۈۋىگە تۆكۈپلا چىقىپ كېتىدۇ . ئۇ بىر نەچچە قېتىم سىناپ باققان بولسىمۇ ، ئۆستەڭدىن چىقماي تۇرۇپلا سېۋەتتە سۇ قالمايدۇ . ئۇدا ئىشلەنگەن تەكرارلىقتىن ھىچبىر نەتىجە كۆرمىگەن نەۋرە نارازى قىياپەتتە بوۋاينىڭ قېشىغا قايتىپ كىرىدۇ ۋە نەتىجىنى بايان قىلىدۇ .
_ ئۇنداقتا سەن ئۇسۇلۇڭنى ئۆزگەرتىپ باق . سۇنى ئېلىپ يۈگىرەپ ماڭغىن.
بۇ قېتىم ئۇ سېۋەتنى سۇغا چۆكۈرۈپ ئېلىپلا يۈگۈرەيدۇ . نەتىجە يولدىن ئۆتۇپ بولغىچە سۇ تۈگەپ قالىدۇ . ئۇ يەنە قايتىپ ئالدىنقى قېتىمقىدىن تىزرەك يۈگۈرەپ باقىدۇ . نەتىجىدە يەنىلا بوسۇغىدىن ئاتلىتالمايدۇ . ئۈمۈدسىزلەنگەن ياش بوۋاي قېشىغا كىرىپ ئەرزىيىتىنى بايان ئېتىدۇ ۋە نەتىجىنى بىردەك بىلدۈرىدۇ.
_ يۈر ، - دەيدۇ بوۋاي نەۋرىسىنىڭ چىرايىدىكى سەبىلەرچە پۈرلەشلەرگە قاراپۈ.
_ قانداق قىلدىڭكىن ، مەن ئۆزۈم بىللە چىقىپ كۆرۈپ باقاي.
بوۋاي نەۋرىسىنى قايتا قىلىپ كۆرسۈتۈشكە بۇيرۇيدۇ . نەۋرىسى نەچچە رەت قىلىپ تەكرار كۆرسىتىدۇ ۋە بىھۇدە ئاۋارىچىلىق ئىكەنلىكىنى نارازىلىق بىلەن بوۋايغا سۆزلەيدۇ . شۇ چاغ بوۋاي :
_ قولۇڭدىكى سېۋەتكە قاراپ باقە . بايام قانداقتى؟ ھازىر قانداق؟
ياش شۇ چاغ سېۋەتكە دىققەت قىلىدۇ ۋە بايامقى كۆمۈردەك سېۋەتنىڭ يېڭىلا توقۇلغاندەك تۇرغىنىنى كۆرۈپ بوۋايغا سۇئال نەزىرى بىلەن قارايدۇ .
_ بۇنداقلا توشىساڭ سېۋەتتە سۇ تۇرمايدۇ ، بۇنى بوۋاڭ ياخشى بىلىدۇ . سەن بىلمەي تۇرۇپ قىلدىڭ . قاپقارا سېۋەت پاكىزە بوپ قالدى . قۇرئانمۇ شۇ ، چۈشەنمەي تۇرۇپ ئوقۇساڭمۇ ئىمانىڭنى پاكلايدۇ . سۇ ئالمىساڭ سېۋەت ئاقارمىغاندەك ، قۇرئان ئوقۇپ ئىمانىڭنى پاكلاپ تۇرمىساڭ دىلىڭ ، ھەم دىنىڭ قارىداپ كېتىدۇ.>>
بەرھەقكى ، بىز ئىمانىمىزنى پاكلاشتىن ، ئېتقادىمىزنى مۇستەھكەملەشتىن مۇستەسنا قالدۇق . بىزنىڭ ئۇنداق شارائىتىمىز يوقما؟ ياق ، بىزدە شارائىت تولۇق . پەقەت بىزنىڭ شەيتان نەغمىسىدە ئۇچىۋاتقان نەپسى - خائىشلىرىمىز ئۆزىمىزگە بوي سۇنمايۋاتىدۇ . ئۆزىمىز ئۇ خائىشلارنىڭ قۇلى بۇلۇپ كىتىپ بارىمىز . بۇ يەردە ھىچكىم بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى يوق . بولۇپمۇ خەنزۇلاردىكى ئومۇمىيۈزلىك ئادەت . شۇنداق بولغاچقىمۇ ئۇلاردا ھايا ، باشقىلاردىن خىجىل بۇلۇش تۇيغۇسى دىگەندەكلەردىن ئەسەرمۇ تېپىلمايدۇ . بۇ ئۇلاردىكى ئوچۇق ئاڭ . مانا مۇشۇ خىل ئىجتىمائى موھىت بىزلەرنىمۇ ھاياسىز مەخلۇقاتلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى . گەپنى ئۆزۈمىزگە يۈكلەپ بايان قىلغاندا ، پارتىلالماي تۇرغان ھايۋانى ھىسلىرىمىزغا يول ئېچىپ بەردى . مىللى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆزىدىن يىراق بولساقلا ،بىزمۇ ئۇلاردەك سورۇن تاللىمايدىغان،ئەدەپ-قائىدە، ئىتقاندىگەندەكلەرنى داچەن سانىمايدىغان بولۇپ كەتتۇق. قىزلارغا كۈندۈزنى كۈندۈز دىمەي يۆگىمەشتەك يامىشىپ ، تېرەك غاجىغان ئېشەكتەك بويانداپ غاجايدىغان بۇلۇپ كەتتۇق . مانا بۇ بىز ئىسلام دىنى تونىنى ئارتىۋالغان كۇلى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ماھىيىتى ۋە باشقىلاردا قالدۇرغان<<ئاق قاچىدا تاماق يەيدىغان شىنجاڭلىق>> ئۇقىمى.
ئەلۋەتتە بۇ يەردە ھەم شۇنداق خائىشلىرىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ ، ئېتىقاد ۋە ئىمانى بىلەن بىزنى ئەيمەندۈرىدىغان ، ئاللاھ ئالدىدا قۇربىنىڭ يىتىشىچە بىزگە ھىدايەت يولىنى كۆرسىتىپ ، بىزنى ئىمان بىلەن دوستلىشىشقا دەۋەت قىلىۋاتقانلار يوق ئەمەس . ئۇنداقلارنى ساناشقا ئىككى قۇلۇمنىڭ بارمىقىنى ئىشلەتسەم بارمىقىم ئېشىپ قالىدۇ . شۇڭا ئۇلار يات مىللەت كۆزىدە سۇ ئاستىدىكى رەڭسىز تاشتەك كۆرۈنمەي قالىدۇ . ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئورتاقلىقىمىز ، ھەممىمىز بىر مىللەت ، بىر قەۋىم . دىنىمىز بىر ، ئاللاھقا ئىشىنىمىز . بىزمۇ ھەم قايسى يولنىڭ توغرا ، قايسى يولنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز . قايسىنى قىلىپ ، قايسىنى قىلماسلىقىنى پەرق ئېتەلەيمىز . پەرقىمىز شۇ يەردىكى ، دىلىمىز ئايرىم ، ئۇلار بىلگەن يولىدا ماڭىدۇ ، بىز نەپسە - خائىشىمىزغا مىنگىشىۋالىمىز . ئۇلار ئاللاھ ئالدىدا مەرتىۋىلىك تۇرىدۇ ، بىز گۇناھكار بولىمىز . لىكىن ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى ھامان باشقىلار كۆزىدە بىزنىڭ ناچارلىقىمىزغا كۆمەچ بۇلۇپ قالاتتى .
<<قاغىنىڭ كەينىگە كىرسەڭ يىيىشىڭ پوق>> ...مەن ئەتىراپىمغا نەزەر سالدىم . مۇناسىۋىتىمدىن ئىمانلىغراق بىرەرسىنى ئۇچىرىتالمىدىم . دىمەك...ئويلاندىممەن . نەتىجىنى شۇنداق جەزىم ئەتتىمكى ، ئۆزۈمگە ئىمانداش ئىزدىدىم . ئاللاھ يولۇمنى راۋان ئەتتى . ئاشۇ ئاز سانلىقلارنىڭ ياردىمى بىلەن قەلبىم ھىدايەت تاپتى . لىكىن بۇ يولدا ماڭماق تولىمۇ مۈشكۈل بولىۋاتىدۇ . چۈنكى بۇ ئىبلىس ئېشىكىگە مىنىۋالغان «گۇناھداشلىرىم »ئۆتمۈشۈم بىلەن بوينۇمنى كىشەنلەپ پاتقاققا سۆرەيدۇ ، ھەق يولدىن ئېغىز ئېچىشىمغىلا ئۆتمۈشۈمنى لاي قىلىپ ئاغزىمغا چاپلاق ئېتىدۇ . << ئۆزۈڭچە ئىمانلىق بولىۋالغىنىڭما ئۇ؟ يا سەن بىز بىلمەيدىغان بىرسى بولمىساڭ! نەچچە ۋاقىتتىن بىرى قىلغانلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭما؟ پۇل قالمىغاندا مەنمۇ قىلىۋالىمەن ئۇ تۆۋىنى ، ئىمام بولىۋالىمەن تېخى . ھې ھې ھې...>> سۆزلەشكە پۇرسەت بەرمەيدۇ . تەۋبىنى ئاللاھ قۇبۇل ئەتكەن بىلەن بەندە ئىشەنمەيدۇ . ئۇلار ئالدىدا چارىسىزمەن . لىكىن مەن ئۆزۈم - ئۆزۈمگە ئېگە بولالايمەن . شۇنداق قىلىپ ئاستا - ئاستا يولغۇزلۇققا يول تۇتتۇم . لىكىن ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى . شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا ، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم...!
ئەرك ئوغلان