چۈشۈمدە
ھاراق ئىچىپ ناشتىدا ئولتۇرارمەن چۈشۈمدە،
سىڭلىم كىيىپ غەيرىلا مەكتىپىگە ماڭغۇدەك،
ئايلانغاندەك ئادەتكە ھېچكىم دىققەت قىلماسكەن،
«ئەسسالام »نىڭ ئورنىغا« ساراڭ لەقۋا» يانغۇدەك.
چىقىپتىمەن«ئەتتىگەن»كوچا ئارلاپ چۈشۈمدە،
خوراز ئۇخلاپ ياتقۇدەك كۈن چۈش بولغان سەھەردە.
كۈنمۇ ئاندىن ئەيمىنىپ چاچماس بوپتۇ نۇرىنى،
قۇشمۇ قانات قاقماسكەن ئۇخلاپ ياتقان شەھەردە.
يولنى ئەخلەت قاپلاپتۇ كېچە كۆرگەن چۈشۈمدە،
باغدا ئۆسكەن گىياھمۇ ساختا دەرەخ ئىكەن مىش.
بۇلغانغاچقا ھاۋاسى ئۆسمەس بوپتۇ گۈل-گىياھ،
گۈل ئورنىغا ئۆسكىنى جاڭگالدىكى تىكەن مىش.
ئاسمان ئەسلى قارىدۇر دەپ سۆزلىدى ئانىسى،
ھېكايىدە ئېيتقىنى رىۋايەت ئۇ ھەي بالام.
سۆزلىگەن ئۇ نېمە تىل ئۇيغۇرتىلى ئەمەسقۇ؟
ئاڭلاپ ئۇلار سۆزىنى ھەيرانلىقتا قارىدىم.
ئۇيغۇرتىلى يوقالدى دېدى ئانا چۈشۈمدە،
ھازىر ھېچكىم ئۇقمايدۇ بوۋىلاردىن باشقىسى.
سەنمۇ سۆزلەپ تۇرمامسەن ماناقارا يات تىلنى،
ھەيران قېلىش نەھاجەت ئاز سۆزلىگىن ياخشىسى.
ئەجەبلەندىم زۇۋانغا نېمە چىقماس ئاناتىل؟
راسمىدۇ ھەي ئەجەبا ئەجدادلانىڭ سۆزلىرى؟
سوئال بىلەن تولغانمىش يەنە ھېلقى چۇشۇمدە،
نەگە كەتكەن ئىسلامنىڭ نۇرى ياغقان يۈزلىرى؟
ماڭغۇدەكمەن ئالدىمغا توختىماستىن چۈشۈمدە،
مەكتەپلەرنىڭ ئورنىغا ئۇچۇرغۇدەك مەيخانا.
چوڭ-كىچىكنىڭ ھەممىسى ئۆزگىرىپتۇ نېمىگە؟
ئادەم سۈپەت قالمىغاچ ئايلىنپتۇ ھايۋانغا.
ئۇرۇش –چېپىش ھەتتاكى ئاتا بالا ئايرىماي،
ياشاش مەقسەت پەقەت بىر ھەممە بايلىق كويدا.
يۈرەر ئىمىش كىشىلەر ھېچ كىم بىلەن كارى يوق،
كىچىك بالا تۇرغۇدەك كۆزى قان ياش كوچىدا.
نېمە ھالەت ئەمدى بۇ ئاخىر زامان كەلگەنمۇ؟
كېچە كۆرگەن چۈشۈمدە يىغلىدىم مەن ۋاي!دەپلا،
تۇيۇقسىزلا كۆز ئاچسام تۇرغۇدەكمەن كارۋاتتا،
ئەسلى چۈشۈم ئىكەندە «ئۇف!»دېدىم مەن شۇ دەملا.
«تۇرە بالام ئورنىڭدىن كۈن چىققىلى نە زامان،
نېمە يىغلاپ يۈرىيسەن چوپچوڭ تۇرۇپ بالىدەك.»
«كۆرۈپتىمەن ئەي ئانا ئاخىر زامان كۈنىنى،
جاھان ئەمەس روھمۇھەم زۇلمەت بېسىپ تۇرغىدەك.»
تۇرۇپ كەتتىم ئورنۇمدىن راست بولمىغاچ ھېلقى چۈش،
لېكىن قاراپ بەك ھەيران سىڭلىم كەيگەن كىيىمگە،
قېتىپ قالدىم ئۇرنۇمدا باش ئۇرۇپلا «ۋاي توۋا»
ئوخشاپ قاپتۇ چۇشتىكى ھېلقى غەيرى كىيىمگە...
مەنبە:قەلىمىم
[ بۇ يازمىنىeverollدە2011-03-29 14:08قايتا تەھرىرلى ]