بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ، مۇنداق ئۈچ خىل ئادەملەر كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى .
بىرىنجىسى ، باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىدىلا ، ھېكايە - ماقالىلارنى مەتبوئاتلاردا ئېلان قىلغان ئوقۇغۇچىلار ، يېزا - قىشلاقلاردا جاپالىق ئىش ئورنىدا نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپ كىشىلەرگە روھى ئوزۇق بىرىۋاتقان مېھنەتكەش ( ئىلمى ئونۋانسىز ) يازغۇچى ، شائىرلار .
ئىككىنجىسى ، داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ ، بىر ئۆمۆر ئەدىبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ، يوقۇرى تەمىنات بىلەن ئالى ئونۋانغا ئېرىشىپ ، بىر كۇبلىت شىئېر ، بىرەر پارچە ئىلمى ماقالە ياكى ھىكايە - تەمسىل يېزىپ باقمىغان ، ئەمما سورۇنلاردا پالانى - پۇستانى ( يازغۇچى - شائىرلار ) مىنىڭ ئوقۇغۇچۇم دەپ خەققە گەپ بەرمەيدىغان بەزى ئەدىبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى .
ئۈچىنجىسى ، ئومرىدە بىرەر پارچە بىر نەرسە يېزىپ باقمىغان ، لېكىن يازغۇچى - شائىرلارغا باھا بېرىپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن پۇتاق چىقىرىپ ھارمايدىغان ئادەملەر .
[ بۇ يازمىنىtograkدە2011-03-31 00:39قايتا تەھرىرلىد ]