شەھەرگە كىرىش(ھېكايە)
-ئاپا مەنمۇ مەكتەپكە كىرەيچۇ ماقۇل دېگىنە؟
-بولمايدۇ،مەكتەپتە ئوقۇغاننىڭ نېمە پايدىسى.بىزمۇ مەكتەپتە ئوقۇمىغان شۇنداق ياخشى كېتىپ بارىمىزغۇ!؟مەكتەپتە ئوقۇساڭ بىرمۇنچە پۇل كېتىدۇ.ئۇ پۇلنى نەدە يوق كىشىلەرنىڭ قولىغا بەرگۈچە بىر ئىككى قوي ئەپ بەرسەك شۇنى باق!
-ياق،ياق!مەنمۇ ئوقۇيمەن! ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەن ئەسقەر ئاپىسىغا يېلىنۋاتاتتى.
-گەپ ئاڭلا بولامدۇ.بۈگۈن سېنى شەھەرگە ئەكىرىپ ياخشى نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىمەن.
-راسما؟ئەمىسە ماشىنا ئېلىپ بەر،ھېلقى ئالىمىنىڭكىدەك ماڭىدىغان ماشىنا...
مانا ئەسقەر ئوقۇشقا كىرش يېشىدىن بىر يىل ئېشىپ كەتتى.ئۇنىڭ ئوقۇشقا ھېرىسمەنلىكى
كىچىكىدىنلا قوللىرىغا كېسەك ،تاياق دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىپ يەرلەرگە بىرنېمىلەرنى يېزىپ باققۇسى كېلەتتى. لېكىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى زادىلا مەكتەپكە بەرگۈسى يوق.ئالدىنقى يىلى مەكتەپتىن ئوقۇتقۇچىلار كېلىپ نۈرغۇن ياخشى گەپلەرنى قىلغان بولسىمۇ ئانىسى «يېشى تېخى كىچىك ،كېيىنرەك بېرىمىز»دەپ باھانىلەرنى ئېيتىپ زادىلا ئۇنمىدى. بۈگۈن مەكتەپتىكىلەرنىڭ ئۆيىگە كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپلا كۆڭلىدە پىلان سوققىلى تۇردى. شەھەرگە كىرش كېرەك!توغرا،مانا بۇ ئەڭ ياخشى ئامال.
ئەسقەرنىڭ ئانىسى كىيىملىرىنى يۆتكەپ بولۇپ، ئەسقەرگىمۇ پاكىزە كىيىمىنى كىيگۈزۈپ قويدى.گەرچە ئەتتىگەن بولسىمۇ ھاۋا يەنىلا شۇنداق ئىسسىق. خۇددى 6-ئاينىڭ ئاپتىپىنىڭ ھەمىمىسى مۈشۈ جايغىلا مۇجەسسەملەنگەندەك.ئۇ كىچىك ئەسقەرنى يېتىلەپ ئاپتۇبوس بېكىتىگە قاراپ ماڭدى.
يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە كىشىلەرنىڭ ئۆيى ئالدىدىكى بۈك باراقسان دەرەخلەر،شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك ئۆستەڭ سۇلىرى.قايسىدۇر بىر يەرلەردىن خورازلارنىڭ چىللىغان ،كالىلارنىڭ مۆرىگەن ئاۋازلىرى،يەنە قايسىدۇر بىر يەرلەردىن كىشىلەرنىڭ باللىرىنى تاماققا چاقىرغان ئاۋازلىرى ئاڭلانماقتا. ئۇچىسىغا سۇس يېشىل راڭلىك گىرىپ كۆڭلەك كەيگەن،بېشىغا چىلان رەڭ قىزىل نېپىز ياغلىق ئارتقان ،چىرايىدىكى قورۇقلاردىن ئۇزۇن يىل جاپا چەككەنلىكى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاددىي سەھرا ئايالى،چىرايىدىن سەبىلىكى چىقىپ تۇرىدىغان ئۈستىگە ئاق كانىۋاي كۆڭلەك كەيگەن كچىك بالا.يولنىڭ ئوتتۇرسىدا ھاياجانلانغان ئانا بالىنىڭ گەۋدىسى.
ئاپتوبۇسمۇ كەلدى.ئەتتىگەن بولغاچقىمۇ تاڭ ماشىنىغا چىقىدىغان ئادەممۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى.ماشىنا قوزغالدى.يول نېمانچە ئۇزۇن ھە!كۈننىڭ ئۆرلىشىدىنمۇ ۋە ياكى شەھەرگە يېققىنلاۋاتقاچقىمۇ ھاۋا تېخىمۇ ئىسىشقا باشلىدى .ئايشەمخان بۇرۇختۇمۇلۇقتىن قۇتۇشلۇش ئۈچۈن دېرىزىنى ئاچتى.يول بويىدىكى دەرەخلەر بارغانسېرى ئازلاۋاتاتتى .
ھېلقى ئورمانلىقلار ئورنىغا چوڭ قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى توختىتىلغان ئىدى.
ئىككى سائەتلىك ئۇزۇن يولمۇ ئاخىرلاشتى .ئايشەمخان ئەسقەرنى كۆتۈرۈپ ماشىنىدىن چۈشتى.توۋا بۇ شەھەرنىڭ ئۆزگىرىشى تۆت پەسىلنىڭ ئالمىشىشىدىنمۇ تېز دېسە!مانا بۇرۇنقى پاكار ئۆيلەرنىڭ ئورنى ئېگىز بىناغا ئالمىشىپتۇ،يولدا نەگىلا قارىسا ماشىنا.پۈتكەن بىنادىن پۈتمىگىنى كۆپ.ھېلقى ئۇششاق يايمىلارنىڭ ئورنى كەڭ ئاسفالىت يولغا ئايلىنىپتۇ.ئايشەمخاننىڭ شەھەرگە كىرمىگىنىگىمۇ مانا بىر يىل بولغانىدى.ئەمدى ئۇ نەگىلا قارىسا شۇنداق ناتونۇش . ئۇ ئەسقەرنى يېتىلەپ يولنىڭ قارشى تەرپىگە قاراپ ماڭدى.نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ ماشىنا بېكىتىدىن كېتىش كېرەكتە.
ئۇلار كېتىۋاتاتتى.بۇرۇنقى ھېلقى كۆرسىلا سالاملىشىپ ئۆتىدىغان كىشىلەر ئەمدى خۇددى بىر-بىرىدىن يامانلىشىپ قالغاندەك كېتىۋاتاتتى.ئۇلارنىڭ چىرايىدا نە نۇر ،نە خوشاللىق ،نە ھېسىيات ...يولدىكى ماشىنىلار ،قاتار-قاتار بىنالارغا قاراپ ئايشەمخاننىڭ بېشى تېخىمۇ ئايلىنىپ كەتتى.ئەمدى نەگە بېرىش كېرەك؟
كۈن تېخىمۇ ئىسىپ كېتىۋاتاتتى.بۇ يەردە نە تۈزۈكرەك سايىدىغۇدەك دەرەخ سايىسى ،نە قېنىپ بىر ئىچكۈدەك سوغۇق ئۆستەڭ سۇلىرى بولسۇن.ھەتتا بىرەر دۇكان ئالدىدىكى ئۆينىڭ سايىسىدە تۇرسىمۇ دۇكان ئىگىلىرى«سودامغا دەخىل قىلىسەن»دەپ قوغلىۋېتەتتى.«توۋا!كىشىلەر ئارزۇلىغان شەھەر مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ؟!»دېدى ئايشەمخان ئۆز –ئۆزىگە.ئۇلار ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇپ يۈرۈپ ئاران دېگەندە بېكەتتىن سەل يىراق جايدىكى بىر بازارنى تاپتى.ئايشەمخان بۇيەرگە قانداق كېلىپ قالغانىنىمۇ بىلمەيتتى.ئۇ ئەسلى كىچىك ئەسقەرگە بىر قۇر كىيىم ،بالىنىڭ داداسىغا بىر شەپكە ،ئۆزىگە بىر كۆينەكلىك رەخىت ئېلىش ئويى بار ئىدى.لېكىن بۇيەردە نەدە ئۇنداق كۆينەك تىكىدىغان رەخىتلەر؟ھەممىسى ساپلا زاۋۇتتىن چىققان كىيىم .تېخى ئۇلارنىڭ قىسقىلىقى قانداقمۇ كەيگىلى بولسۇن ؟!ئايشەمخان شۇنچە جاپادا كەلگىنىگە چۇشلۇق تۈزۈكرەك كىيىممۇ تاپالمىدى.كىچىك بالىنىڭ كىيىملىرىچۇ تېخى ئالقانچىلىك بىر نېمىنى پالان پۇل ...ئايشەمخان ئاخىرى كىچىك ئەسقەرنىڭ جېدىلىگە چىدىماي«بولدىلا ئۆزۈمگە كۆينەكلىك رەخىت ئالمىساممۇ مەيلى »دەپ ئۇنىڭغا بىر كۆڭلەك ئېلىپ بەردى. كۈن چۈشمۇ بولۇپ قالغانىدى.ئەمدى ئۇلارنىڭ قورسىقىمۇ ئاچقىلى تۇردى.يەنە كېلىپ ئەسقەر «سۇ ئىچىمەن»دەپ يۈرگىلى نەۋاخ.
«ھېلىمۇ ياخشى ئۆيدىن نان بىلەن سۇ ئېلىۋالغىنىم ،بولمىسا تاماققا يەنە بىرمۇنچە پۇل خەجلەتتۇق»دەپ ئويلىدى ئايشەمخان ئىچىدە ۋە سومكىسىدىكى ناننى چىقىرىپ ئەسقەرگىمۇ ئازراق ئۇشتۇپ بەرگەچ يول بويىدىكى خىشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ يېيىشكە باشلىدى.
يولدىن ئۆتكەن كەچكەنلەر خۇددى تاشقى پىلانىت ئادىمى كۆرگەندەك ئۇلارغا ھەيرانلىق نەزىرىدە قارايتتى .شەھەر،يېزا دېمىسىمۇ پۈتۈنلەي ئىككى دۇنيا.ياق ،ئەسلىدىكى بىر دۇنيا شەھەر تەرەقىياتلىرى تۈپەيلى ئىككى دۇنياغا ئايلانغانىدى .«ھەي !بىزنىڭ يېزىلارغىمۇ ئاز قالدى »دەيتتى ئۇ ئۆز –ئۆزىگە.چۈنكى ئۇ سەھرا بويلىرىدىكى ئورمانلىقلارنىڭ كېسىلگىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن .خوشنا يېزىدىكى كىشىلەرنىڭ «كونا ئۆيلەرنى چاقىدىكەن ئورنىغا بىنا ئۆي سالغۇدەك ،ئادەم ئەكەلگۈدەك...»دېگەندەك مىش-مىش گەپلىرىنى تولا ئاڭلىغان. ئايشەمخان ئۇلارنىڭ قاراشلىرىدىن سەل خىجىل بولغان چېغى ناننى تېخى يەپ بولالمايلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
يولنىڭ ئىككى تەرپى پۈتۈنلەي دۇكان،دۇكان ئالدىلىرىدا سودىچىلار ماللىرىنىڭ سەرخىللىرىنى ئېلىپ چىقىپ ۋاقىراپ خېرىدار چاقارماقتا.قايسىدۇر بىر يەرلەردىن ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازلىرى،يەنە قايسىدۇر بىر جايلاردىن كىشىلەرنىڭ ئۇرۇشقان تىللاشقان ئاۋازلىرى ئاڭلانماقتا. ئۇچىسىغا سۇس يېشىل رەڭلىك گىرىپ كۆڭلەك كەيگەن،بېشىغا چىلان رەڭ قىزىل نېپىز ياغلىق ئارتقان ،چىرايىدىكى قورۇقلاردىن ئۇزۇن يىل جاپا چەككەنلىكى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاددىي سەھرا ئايالى،چىرايىدىن سەبىلىكى چىقىپ تۇرىدىغان ئۈستىگە ئاق كانىۋاي كۆڭلەك كەيگەن كچىك بالا.يولنىڭ ئوتتۇرسىدا تەمتىرگەن ئانا بالىنىڭ سىماسى.
كۈن باغانسېرى قىيسىيۋاتاتتى.كىچىك ئەسقەر توختىماستىن «تەرەت قىلاتتىم»دەپ جېدەل قىلغىلى تۇردى.ئەمدىكى ۋەزىپە نەرسە سېتىۋېلىش ئەمەس ھاجەتخانا ئىزدەش بولدى. «توۋا!شەھەردە ھاجەتخانا تېپىش دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندىنمۇ تەسكەن دېسە»ئايشەمخان ئىچىدە غۇدۇڭشىدى.بۈگۈن ئۇشەھەرگە كىرىپ تاپقان نەرسىسىدىن تاپالمىغان نەرسىسى كۆپ بولدى .قېنى شەھەردە ھەممە نەرسە با ،شۇنداق قولايلىق دېگىنى؟!
ئۇ ئاران تەستە ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ ھاجەتخانىدىن بىرنى تاپتى ۋە ئەسقەرنى يېتىلەپ ماڭدى.
-خەي!شىئەن جىياۋ چىئەن! ھاجەتخانا ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇرغان خەنزۇ موماي ئۇلارنى چاقىرىپ توختاتتى.«ماۋۇ نېمە دەۋەتقاندۇ ئەمدى؟مەن يا بۇ خەقنىڭ تىلىنى ئۇقمىسام»ئايشەمخان نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى.
-يىگې رېن ۋۇ موۋ چىيەن.دېدې ھېلقى خەنزۇ قوللىرىنى كۆرسىتىپ .
بەلكىم ئۇمۇ بۇ ئاددىي سەھرا ئايالىنىڭ تەقى تۇرقىغا قاراپ ئۇنىڭ خەنزۇچىنى ئۇقمايدىغانلىقىنى پەملىگەن چېغى بىر نېمىلەرنى دەپ كۆرسىتىپ يۈرۈپ ئاران تەستە بۇيەرگە كىرسە پۇل تاپشۇردىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.«توۋا!نېمە بوپ كەتكىنى بۇ ئەمدى.ھاجەتخانىغىمۇ پۇل تاپشۇرامدۇ ئەمدى.بەش موغا بالامغا بىر چوكا مۇز ئەپ بېرىمەن مەن ساڭا بەرگۈچە»ئايشەمخان شۇنداق دەپ چىقىپ كەتتى.ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟بولدىلا بۇ كىچىك بالا بولغاندىكى بىرەر بۇلۇڭنى تېپىپ ئولتۇرسىلا بولمىدىمۇ.ئۇ ئەسقەرنى ھاجەتخانىنىڭ يېنىدىراق بىر يەگە ئاپاردى ۋە«مۇ شۇ يەردە ئولتۇرىۋەر مەن توسۇپ تۇرىمەن ھە»دېدى...ئۇ ئەسقەرنىڭ ئشتىنىنى يۆلەپ تۇرىشىغا بېرنەچچە ئادەم يېتىپ كەلدى.ۋە ئۇنىڭغا خەنزۇچە بىر نېمىلەرنى دېگىلى تۇردى.ئايشەمخان ھېچ ئىشنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپلا قالدى.ئۇ كىشىلەر ئۇنى يا ماڭغىلى قويمىدى يا ئۇنىڭغا گېپىنى ئۇقتۇرالمىدى.ئاخىر ئۇلار ئايشەمخاننى ئۆزى بىلەن بىللە مېڭىشقا كۆرسەتتى.
ئەلۋەتتە، ساددا سەھرا ئايالى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ-،دە.ھېلىمۇ ياخشى ئۇ كىشىلەر ئەسكى ئادەم بولماستىن بەلكى شەھەر مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئىدى.بالا كوچىغىلا تەرەت قىلغاچقا ئۇلار ئايشەمخانغا جەرىمانە قويغان لېكىن ئايشەمخان ئۇلارنىڭ گېپىنى ئۇقمىغاچقا ئامالسىز ئۇنى ئىدارىگە ئەكىلىپ ئىدارىدىكى ئۇيغۇر خىزمەتچىلەرگە تەرجىمە قىلغۇزماقچى بولغانىدى.
ئايشەمخان ئۇلار بىلەن شەھەر مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئىدارىسىگە كەلدى.بۇ ئېگىز ھەيۋەتلىك سېلىنغان بىنا،بىنا ئىچىدىكى زامانىۋىي سىپتا ئۆي جاھازىلىرى ئايشەمخانغا خۇددى ھېكايىلەردىكى خان ئوردىسىدەكلا تۇيۇلۇپ كەتتى.«ھەي!زاماننىڭ كەينىدە قاپتۇق.بىز بەئەينى بىر قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىنىڭ ئۆزى ئىكەنمىز.مېنىڭ بالاممۇ مۇشۇنداق چىرايلىق بىنا لاردا ئىشلىسە ھە...»
-ئىش مانا مۇشۇنداق ،بالىلىرى كوچىغىلا تەرەت قىلغانلىقى ئۈچۈن سىلى 50 يۈەن جەرىمانە تۆلەيدىلا.بۇ دېگەن ئىدارىنىڭ بەلگىلىمىسى .دېدى شەھەر مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئۇيغۇر بالا ئەدەپ بىلەن.
-نېمە ؟!50 يۈەن دەمسىز؟شۇ كىچىكىنە بالا تەرەت قىلىپ قويغانغىما؟
ئايشەمخان خېلى ئۇزۇن دەتالاش قىلىپ باققان بولسىمۇ يەنىلا ئۆتمىدى.قائىدە دېگەن بەربىر قائىدە دە.ئۇ چوڭ-كىچىك،شەھەرلىك يېزىلىق دېگەنلەرنى تونۇمايدۇ.ئايشەمخان ئامالسىز 50 يۈەننى تۆلىدى.
مانا كۈنمۇ ئولتۇراي دەپ قالدى .قانداق كېتىش كېرەك؟ كىمدىن سوراش كېرەك ؟قارىماققا كىشىلەر شۇنداق ئالدىراش خۇددى كەينىدىن ئىت قوغلاشقاندەك.كوچىدا كىشىلەرمۇ ئازلاشقا باشلىدى.كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇ.« يا خەنزۇچە گەپ ئۇقمىسام ،كىمدىنمۇ سورارمەن. »ئەمدى ئايشەمخاننىڭ كۆڭلىگە غەم چۈشۈشكە باشلىدى.كۈن باغانسېرى تاغ كەينىگە پېتىۋاتاتتى.ئۇنىڭ ئەتتىگەنكى خوشاللىقلىرى ئاللا قاياقلارغىدۇ ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى.« مۇشۇ خەقنىڭ تىلىنى بىلمىگەنگە ھەجەپمۇ جاپا تارتتىم بۈگۈن.»دەيتتى ئۇ.
-ۋەي!يەنە سەنكەنسەنغۇ؟! تېلفون قىلما دېسەم يەنە قىپسەنغۇ؟!ساراڭ!
تۇيۇقسىز ئاڭلانغان ئۇيغۇرچە گەپ ئايشەمخاننىڭ دېققىتىنى تارتتى. قىز يانفوننى پاققىدە ياپتى.«مانا مېنىڭ نىجاتچىم» ئايشەمخان شۇنداق دېگىنىچە قىزنىڭ يېنىغا باردى.
-قىزىم توختىسلا !ھېلقى غول ئېرىق كەنتىگە بارىدىغان ماشىنا بېكىتى قەيەردە ؟ماڭا قانداق بارىدىغانلىقىنى دەپ بەرسلە بوپتىكەن.شەھەرنى ئانچە ئۇقۇپ كەيتمەيتتىم .قانداق كېتىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن.
قىز ئايشەمخاننىڭ ئۈستى بېشىغا بىر قۇر قارىدى.
-نېمە دەيدۇ ما سەھرالىق!يىراق تۇرا مەندىن نومۇسۇمنى كەلتۈرمەي!...قىز خۇددى ۋابادىن قاچقاندەك سەت گەپلەرنى قىلغىنىچە تېزلا كېتىپ قالدى.
ئايشەمخانمۇ ئۇنىڭ ئۈستى بېشىغا سەپ سالدى.قىزنىڭ چىرايلىق كۆزلىرى ئالا يېشىل بىرخىل رەڭلەر بىلەن بويالغان،يۈزىگە بىر تامنى سۇۋىسا يېتىپ ئاشقۇدەك ماي سۈرگەن،چېچىنى قىسقا كېسىپ سېرىق بويىۋالغان،كىيىۋالغان تار قىسىا يوپكىسى ئېتىلىپ كېتىدىغانغا ئارانلا قالغانىدى. ئۇنىڭ بەدىنىدىن كېلىۋاتقان ئەتىر ،ھاراقلانىڭ ئەبجۆش پۇرىقىچۇ تېخى .ئۇنى ئادەم دېگەندىن كۆرە ئالۋاستى دېسە تېخىمۇ ماس كېلەتتى.مېنىڭ «نىجاتچىم»!ئايشەمخان ئاچچىق كۈلدى.
ئۇنىڭ بۇقىز توغۇرلۇق ئارتۇق ئويلىنىشقا ھالى يوق ئىدى .ھەم بۇ «نىجاتچى» باش قاتۇرۇپ ئويلىنىشىغىمۇ ئەرزىمەيتتى .ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك ئەسقەرنىڭ «ئاپا، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى!ئاپا،ئۆيگە قاچان كېتىمىز؟ئاپا،ماڭا ھېلقى ماشىنىنى قاچان ئېلىپ بېرىسەن؟»دېگەندەك گەپلىرى ئايشەمخاننىڭ قۇلاق مېيىسىنى يەپلا كەتكەنىدى.
-ۋاي بۇ ئايشەمخان ئاچامغۇ؟!
ئۇنىڭ كەينىدىن تونۇش ئاۋاز ئاڭلاندى.
-سەنكەنسەنغۇ؟! رىشات!؟
رىشات ئەدەپ بىلەن سالام قىلدى.رىشاتنىڭ ئۈستىگە كەيگەن ئاددىي مەكتەپ فورمىسى ،مۈرىسىگە ئېسىۋالغان سومكىسى.ئايشەمخانغا تولىمۇ ئىسسىق كۆرىنىپ كەتتى .ئەڭ مۇھىمى مۇشۇ پەيىتتە ئايشەمخانغا ئۇچىراپ قېلشى ئۇنى بۆلەكچىلا خوش قىلغانىدى.
-ھەئە ،مەن شۇ. بۇ كەچتە بۇيەردە نېمە ئىش قىلىلا؟
-شۇ شەھەرگە كىرگەن،ئاپتۇبۇس بېكىتىنى تاپالماي يۈرىمەن.
-شۇنداقمۇ،مەنمۇ ئۆيگە قايتماقچىتىم،يۈرۈسلە تەڭ كېتەيلى!
-سەن ئوقۇۋاتاتتىڭغۇ؟بۈگۈن ئوقۇمامسەن ؟
-شەنبە ،يەكشەنبە ئىككى كۈن قويۇپ بەرگەن.شۇڭا بالدۇرراق ئۆيگە كېتەي دەپ بۈگۈن دەرسىم تۈگىشىگىلا ماڭغان.
-ھە، مۇنداق دە.خويمۇ ياخشى ئۇچۇردۇڭ ماڭا.يۈرە ئۆيگە تېزراق كېتەيلى!ئەتە ئەسقەرنى مەكتەپكە بېرىمەن تېخى!
مەنبە:قەلىمىم
[ بۇ يازمىنىeverollدە2011-04-02 20:39قايتا تەھرىرلى ]