بۇ تېما 415 قېتىم كۆرۈلدى
xat`ay

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1027
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 290 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 310 سوم
تۆھپە: 153 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 153 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 32(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 جــۇدۇنــدىـكـى غـۇنـچـە _ ھـېكـايـە

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kokturuk تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-04-02)
جۇدۇندىكى غۇنچە
شاتئاي






كۆرگېنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرېسەن ئۆلمىگىنىڭ.

_ماقال_

     بۈگۈن دادامنىڭ تويى. گەرچە بۇ توي ھەشەمەتلىك، داغدۇغا ئىچىدە ئۆتكۈزۈلمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما قائىدە يوسۇنلۇق كۆڭۈللۇك ئۆتكۈزۇلمەكتە ئىدى. بۇ تويدا ئەڭ خۇشال ئادەم مەن دىسەم ئارتۇق كەتمەس بەلكىم . چۇنكى مىنىڭ ئەمدى "ئانام" بار بولدى. گەرچە ئۆگەي بولسىمۇ ،مەن ئەڭ مۇھتاج بولغان " ئانا" بۇ ئۆيگە كىردى. ساۋاقداشلىرىم ، دوسلىرىم "ئانام" دەپ ھەۋەسلىنىپ سۆزلەپ كەتسە مەن پەقەت "دادام"لا دىيەلەيتىم.توققۇر ياشقا كىرگەن مۇشۇ كۇنگىچە " مىھرىم" بىلەن" " ئانا" دەپ باقماپتىمەن. بۇ ئۆيدە دادام ماڭا ھەن "ئانا " ھەم "دادا"لىق مىھرىنى بېرىپ ،مەن ئۇچۇنلا ياشىماقتا ئىدى.
 
     بۈگۈن بو تۇينىڭ مىنى خۇشال قىلشىدىكى سەۋەپ ، مىنىڭ ئانام بولغۇچى ، بىزنىڭ ئۆيگە يىقىنلا بولغان پىنسىيونىر ئائىلىسىگە يىزىدىن ، ئائىلە خىزمەتچىلىككە ئىلىپ كىلىنگەن زورەم ئاچام ئىدى. بۇ بىرجۈپ ياشانغانلار زورەم ئاچامنىڭ ئائىلىسىنىڭ شۇنداق نامراتىلىقىنى بىلىپ ، ساۋاپلىق ئۇچۇن ئۇنىڭ تۇرمۇش ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرماقچى بوپتىكەن . گەرچە دادام بىلەن زورەم ئاچامنىڭ ياش پەرقى خىلى چوڭ بولسىمۇ ، دادامنىڭ يۇۋاش ، ئاقكۆڭۈل ، ئىمانىنىڭ كامىللىقىنى ، زورەم ئاچامنىڭ چاققان ، ئەخلاقىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇلارنىڭ تۇرمۇش ئىشىنى روياپقا چىقارغان ئىدى . ئۇنى ياقتۇراتتىم . ئۇنىڭ ماڭا ياخشى ئانا بولدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنەتتىم . چوڭلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن ئۇلارنىڭ تويى بولدى . بۇ توي مىنى ھەقىقەتەن خۇشال قىلدى.

    مەن ئىلگىرى ھەممە بالىلارنىڭ ئانىسى ،دادىسى بىلەن باغچىلارغا بىرىپ ئويناپ كەلسە، ئانىلىرى ئەركىلىتىپ مەڭزىللىرىگە سۆيۈپ كەتسە ھەۋەسلىنىپ قاراپ كىتەتتىم ھەم دادامغا چۈچۈك تىللىرىم بىلەن "دادا ، ئانام قەيەرگە كەتتى؟ نىمىشقا بىزنىڭ يىنىمىزدا يوق؟ " دىگىنىمدە دادام ئېغىر ئۇھسىنىپ ، بىشىمنى سىلاپ تۇرۇپ" قىزىم ، ئانىڭىز بەك يىراق يەردە ، ئۇ ھامان بىر كۇن قايىتىپ كىلىدۇ  " - دەپ ماڭا تەسەللىي بىرەتتى.
     
     مەن بۇنداق سۇئاللارنى قايتا-قايتا سوراپ ئوخشاش جاۋاپقا ئىرشىۋەرگەندىن كىيىن داۋاملىق دادامدىن سورىيالمايدىغان بولدۇم . دادام ئوتتۇرا بوي ، كىلىشكەن ئادەم ئىدى . ئۇنىڭ قوشۇرما قاشلىرى ئاستىىدىكى بىر جۇپ مىھىرلىك كۆزلىرىدىن مىھىرلەر تۆكىىلپ تۇراتتى . دادام ئۆيىمىزگە يىراقراق بولغان بىر يەردە كىچىك بولسىمۇ ئەمما ئۆز تۇرمۇش غىمىمىزدىن چىققۇدەك ئۇن زاۋۇتى ئاچاتتى . دادامنىڭ يەنە مەريەم ، مىھرىگۈل ئىسىملىك ئىككى ئاچىسى بار بولۇپ دادام بالىنىڭ كىچىكى ئىدى. مەن چوڭ ئانام، چوڭ دادامنىمۇ كۆرۇپ باقمىغان.
     زورەم ئاچام بىزنىڭ ئۆيگە كىرگەندىن باشلاپ ئۆي ئىچى ھەقىقەتەن باشقىچە مىھىرلىك بولۇپ كەتكەن ئىدى. دادامنىڭ ياقىسى كىر بولمايدىغان . ئۇچ ۋاخ تامىقىمىز ۋاقتىدا، ئۆي-ھويلىلار پاكىز بولدىغان  بولدى . بىراق كۆڭلىمنى يىرىم قىلدىغان يىرى شۇكى  ، زورەم ئاچام ماڭا "ئانا " دىمەسلىكىمنى ، پەقەت "ئاچا" دىيشىمنى ئىيىتتى . دىمىسمۇ ئۇ تىخى يىگىرمىدىن ئاشمىغان تۇرسا .  مىنىڭ شۇنداق ئانا دىگۈم بولسىمۇ ئامالسىز "ئاچا" دىدىم ھەم شۇنداق دىيىشكە ئادەتلىنىپ كەتتىم . مىنىڭ بەخىتلىك مىنۇتلىرىم باشلانغان ئىدى . ئۇنىڭ كۆيىنىشلىرى ئانىسىز چاڭقىغان قەلبىمگە زەم-زەم سۇلىردەك ياققان . ئەتتىگىنى مەڭزلىرىمگە سۆيۈپ ئويغىتىپ ، ئىسسىق سۈتلەردە ناشتا قىلدۇرۇپ ، پىشانەمگە سۆيگىنىچە مەكتەپكە ئۇزىتىپ قويۇشلىرى مىنى چەكسىز خۇشال قىلاتتى . ئىچىمدە" ئانىسى بولسا ئەجەپ ياخشى بولدىكەن "دەپ ئۆزۈمچە مەغرۇرلىنىپ كىتەتتىم .مەكتەپلەردە ساۋاقداشلىرىمغا زورەم ئاچام توغرىلىق سۆزلەپ  ماختىنۋالاتتىم. بەزى كۆرەلمەسلەر بولسا "ئۆگەي ئانا قانچىلىك بولماقچىتى" دىسە ئاچچىقلىنىپ سوقىشىپ كىتەتتم. ئىشقىلىپ ئۇنىڭ ماڭا كۆينىشلىرىنى ئىغىز-ئىغىزىمغا تەگمەي ماختىنىپ سۆزلەپ كىتەتتىم.

         مىنىڭ ئىللىق ئائىلەم بار بولدى. مەن ئائىلەمدىن سۆيىنەتتىم. بەخىتلىك مىنۇتلىرىمنى قەدىرلەيتىم. مىنى ئەڭ خۇشال قىلدىغىنى دادامنىڭ چىھرىدىن خۇشاللىق جىلۋىسىنى كۆرەلەيدىغان بولدۇم.
       زورەم ئاچام بىلەن بىر ئائىلە كىشىللىرى بولغىلىمۇ يىرىم يىلدىن ئاشتى. ئۇنىڭ قورسىقى كۇندىن كۈنگە يوغىناپ بىرۋاتاتتى. دىمەك مىنىڭ ئۇكام بار بولىدۇ. يالغۇزلۇقتىن قۇتىلدىغان بولغىنىمدىن خۇشالمەن.

     مىنىڭ بەخىتلىك مىنۇتلىرىم ئۇزۇنغا بارمىدى. ئۇنىڭ قورسىقى يوغىناشقا باشلغانسىرى مىجەزى چۇسلىشىپ ، ئادەم خالىمايدىغان بولۇپ قالدى. بەزى ۋاقىتلاردا كىچىككىنە خاتالىقىم ئۇچۇنمۇ ۋارقىراپ-جارقىراپ ، دۆشكەللەپ ئۇرۇپ كىتەتتى. مەن بولسام ئارتۇق گەپ قىلماي بىشىمنى تۆۋەن سالغىنىمچە مىىشلداپ تۇراتتىم . ئۇنىڭ يىڭى ئۆيىمىزگە كىرگەندىكى ئىشچانلىقى نەلەرگىدۇر يوقالدى . ئولتۇرغان يىرىدە ئولتۇرۋىلىپ ، چامىم يەتمىگىدەك ئىش بولسىمۇ بۇيرىۋىرەتتى .  قىلالمايمەن دىسەم ياكى ياخشى قىلمىسام ئۇراتتى ۋە تىللايتى . بۇنداق ۋاقىتتا ھەرگىز دادامغا دىيەلمەيتىم. دادام بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىغا سوغۇقىچلىق چۇشۈپ قىلىشىدىن بەك قورقاتتىم . ھەم زورەم ئاچامنىڭ دادام يوق يەردە يەنە ئۇرىشىدىن قورقاتتىم.

      ماڭىلا ئەمەس ،دادامنىڭ ئاچىللىرى كەلسىمۇ نەشتىرىنى سانجىپ ، كەلگىنىگىمۇ پۇشايمان قىلدرۋىتەتتى . ئىككى ئاچام بولسا رەنجىشكە تۇگۈل" ئاياللار ھامىلدار بولغاندا مىجەزى شۇنداق بولۇپ قالىدۇ، بۇ نۇرمال ئىش " دەپ قوياتتى . مەن شۇنداق بولسا كىرەك دەپ ئۇنىڭ گىپىنى بەك ئاڭلايتىم .  نىمە ئىشقا بۇيرىسا "ياق " دىمەيتىم.  
 
     مىنى ئەپسۇسلاندۇردىغىنى زورەم ئاچامنىڭ تىزلا ئۆزگىرەپ ، ئىلگىركىدەك مىھرىبانلارچە كۆينىشلىرىنىڭ يوقاپ كەتكىنى ئىدى.
   
      بىر دەم ئىلىش كۇنى ئىدى. زورەم ئاچام ماڭا مەشكە قويۇلغان چوڭ چەينەكتىكى قاينىغان چاينى چايدانغا قۇيۋىتىشنى بۇيرۇپ ، ئۆزى تىزگىنەكنى تۇتۋالغىنىچە تىلۋىزور كۆرۇپ ئولتۇراتتى . مەن قانداقمۇ قۇيالاي . ئەمما ئۇنىڭغا گەپ قىلالمايمەندە . ماقۇل بولۇپ چەينەكنى تەستە ئىلىپ چايداننڭ ئاغزىغا ئىلىپ كەلدىم . چاي خىلى كۆپ ئىدى . كۆتىرەلمەي چەينەك قولۇمدىن چۇشۇپ كىتىپ پۇتلىرىمغا چاي تۆكىلىپ كەتتى." ۋايجان " دىگىنىمچە ئولتۇرۇپ قالدىم .كۆزلىرىمدىن ياش پۇرقىراپ چىقىشقا باشلىدى. بۇنى كۆرگەن زورەم شۇئان ئورنىدىن تۇرۇپ ، نەدىندۇر كونا چىش پاستىسىنى تىپپ كىلىپ پۇتلىرىمغا سۇركەشكە باشلىدى. پۇتلىرىم ۋىژىلداپ ئىيچىشماقتا . ئۇنىڭ سۇرىگەن چىش پاستىللىرىمۇ ھىچ كار قىلدىغاندەك ئەمەس. ئۇمىنى بەزلەپ "
_ داداڭغا دىمە جىمۇ . مەن ساڭا جىق يەيدىغان نەرسىلەرنى ئىلىپ بىرىمەن.
.......
_ سەل تۇرۇپ ساڭا كاۋاپ ئەكىلىپ بىرىمەن، يەمسەن؟ ....
...........
مەن يەنىلا مىشىلدىغىنىمچە بىر نەرسە دىيەلمىدىم . نىمىمۇ دىيەلەيتىم.
     كەچ بولدى . دادام قايتىپ كەلدى. مەن بولسام ئاغرىق دەستىدىن ئۈنىمنى چىقارماي بىر بۇلۇڭدا ئولتۇراتتىم. دادام بەك ھىرىپ كەتكەچكە ماڭا ئانچە ئىرەن قىلمىدى. زورەم تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن گەپ باشلىدى.

_ بۈگۈن باشقىچە مىجەزىم يوق. لالەنى ئىلىپ يەنە بىر ئۆيدە ياتاي.
_ نىمە بولغانسەن؟
_ بەك چوڭ چاتاق يوق. ماقۇل دىسلە؟
_ ھە مەيلى ئەمسە، قىزىم ، ئاچىڭىزغا ھەمراھ بولۇپ بىللە يىتىڭ ، قارا بىسىپ قالمىسۇن.

     زورەم ھىيلىگەرلىك بىلەن مىنى باشقا ئۆيگە ئىلىپ چىقىپ كەتتى . ئەگەر دادامنىڭ يىنىدا ياتسام چوقۇم ئاغرىق دەستىدىن بولسىمۇ ۋايجانلاپ سىلىشىم تۇرغانلا گەپ . ئۇ چاغدا دادام تەبىيلا بىلىپ قالىدۇ دە . ئۇ ھەرخىل باھانىلەر بىلەن مەن ۋايجانلىمىغانغا قەدەر مىنى باشقا ئۆيگە ئىلىپ چىقىپ ياتقۇزدى . شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشنى دادام بىلمىدى . تىمتاس ئۆتۈپ كەتتى.
    زوەم ئاچام تۇغدى. ئۇ ماڭا ئوماققىنە سىڭىلدىن بىرنى تۇغۇپ بەردى . سىڭلىمغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ كىتەتتىم . "مەنمۇ شۇنداق كىچىك بولغىيمىتىم . ئانام مىنىمۇ شۇنداق پەپىلەپ باققان بولغىيتى ھە". سەبىي قەلبىمنى نۇرغۇن سۇئاللار چىرمىۋالاتتى.
    بىراق زورەم ئاچامنىڭ مىجەزى ھىچ ئۆزگىرەيدىغاندەك ئەمەس. گاھ ياخشىلانسا ،گاھ تۇتىلىپ بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان ھاۋارايىغىلا ئوخشاپ قالدى . مەن ئۇنىڭ ئالدىدا شۇنچە ئىھتىياتچان ئىدىم. ئۇنىڭ بۇيرىغان ھەر بىر ئىشلىرىنى ئىدىتلىق ، جايىدا قىلىشقا تىرشاتتىم ھەم شۇنداق قىلاتتىم.

         ئەمدىلىكتە زورەم ئاچام بۆشۈك تويى قىلىمەن دەپ قوپتى. داداممۇ ماقۇل بولدى. ئۇ ئۆزىچە ھەممە تۇققانلارغا سىلىق سىلىپ نەرسە كىرەك ئىلىشنى بۇيرىدى. ئەلۋەتتە ئۇ قىممەتلىك باھالىق نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى . دادامنىڭ ئىككى ئاچىسى بولسا ئامالسىز ماقۇل بولدى. بىراق ئىككى ئاچامنىڭ ئائىلە ئىقدىسادى ئۇنچە ياخشى ئەمەس.ئۇنىڭ بۇ تەلىپىدىن چىقماق تەسكە توختايتى. بىراق ئۇلار يەنىلا گەپ قىلمىدى.

       مانا بۈگۈن بۇ ھەشەمەتلىك بۆشۈك توي بولدى. مىھمانلار نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىلىپ كىلىشكەن. زورەم ئاچام بولسا پاي پىتەك بولۇپ ئۇلارنى كۈتمەكتە. ئەكەلگەن سوۋغاتلىرىدىن خۇشال بولۇپ" رەھمەت ، ھەشقاللىسىنى" بىلدۇرمەكتە. ئەمدى نۆۋەت دادامنىڭ ئىككى ئاچىسىغا كەلدى. زورەمنىڭ كۆزى ئۇلارنىڭ كىچىككىنە بوخچىسىدا.
 
_ زورەم ،بۇ شىم-كەمزۇرلۇق ئىنىمىزغا، بۇ يوپكا -چاپانلىق سىلىگە... لايقىلىردا بولمىسىمۇ ئەمدى ....:- مەريەم ئاچام رەخلەرنى ئۇستىگە يەنە 100 يۇئەننى قويۇپ زورەم ئاچامغا سۇندى. بىردەمدىلا زورەم ئاچامنى چىراينى قارا بۇلۇت قاپلاپ ، شۇنداق سۇرلۈك كۆرىنەتتى. چۇنكى مەريەم ئاچام زورەمنىڭ دىگەنلىرىنىڭ بىرىنىمۇ ئالمىغان .
 
_ رەھمەت ، بەك جۇۋاپ كىتىپلا ...:- زورەم بىر قولىنى سوزۇپلا نەرسىلەرنى ئالدى. ئەمدى نۆۋەت مىھرىگۈل ئاچام ئىدى. ئۇمۇ مەريەم ئاچامدىن ئانچە پەرىقلەنمەيدىغان نەرسىلەرنى ئىلىپ كەپتۇ. زورەمنىڭ قاپاقلىرى تۇرىلىپ، ھىلىلا ئۇلار ئەكەلگەن نەرسىلەرنى ئۇلارغا قايتۇرۇرپ بىردىغاندەك ئەلپازى كۆرىنەتتى.بۇ ھالنى كۆرگەن قوشنىمىز گۈلنۇر ئاچام زورەم ئاچامغا ۋاكالىتەن " رەھمىتىنى" بىلدۇرۇپ بۇ ئوسال كەيپىياتنى ئوڭشىدى. ئەمما زورەم بولسا رەھمىتىمۇ يوق ، باشقا ئۆيگە چىقىپ كىتىپ، بۇلارنى تولىمۇ ئوسال ئەھۋالغان چۇشۇرۇپ قويدى.
         مىھمانلارمۇ بارغانسىرى  تارقىدى. ھەممە ئەتراپ قاچا-قۇچىلار بىلەن لىق تولغان. مەن يۇگىرەپ تۇرۇپ يىغىشتۇرۇشقا باشلىدىم . دادامنىڭ ئىككى ئاچىسىمۇ ماڭا ياردەم قىلماقتا. بىراق زورەم ئاچام بولسا ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىۋىلىپ ھىچ چىقمايتى . مەنمۇ خۇش ئىدىم . ئۇنىڭ يىنىمغا چىقىپ ئۇنى- قىل، بۇنى قىل دىگەندىن ئۆزۇمنىڭ ئىشىنى تىپىپ قىلغىنىمغا خۇش بولاتتىم . شۇ ئەسنادا مەريەم ئاچامنىڭ كۆزىدە ياش لىغىلداۋاتاتتى. مىھرىگۈل ئاچام بولسا ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرمەكتە. بۇ مىھرىبانلارغىمۇ ھار كىلىدۇ دە. شۇنچە خەخنىڭ ئالدىدا بەك ئوسال قىلدى بۇلارنى.

_ ھىلىمۇ بەك ئوساللىق قىلدى. ھەممە ئىشنىڭ چىكى بار. مەن ئەمدى دەيدىغىنىمنى دىۋالىمەن . نىمە كۆرسەم كۆرەي.:- دىدى مەريەم ئاچام.
_ بولدى ئاچا، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولما.:- مىھرىگۈل ئاچام شۇنداق دىگىنىچە مەريەم ئاچامنى توسماقتا ئىدى.
_ ساڭا ھار كەلمىدىما ؟ بولدى قويۋەت . نىمە مەخسىتى بار ، بىر ئاڭلاپ باقاي.

       ئۇ شۇنداق دەپ زورەم ئاچام بار ئۆيگە كىردى. مەنمۇ ئەگىشىپ كىرىدىم . زورەم ئاچام خىيالىغا كەلمەي ئولتۇراتتى. شۇ ئەسنادا دادام سىرىتقا چىقىپ كەتكەن بولۇپ بۇلارنى ئاجىرتىدىغان ئادەم يوق. مەريەم ئاچام گەپ باشلىدى:

_زورەم ،ئۇنچىۋالا قىلىپ كەتمىسلە . ھەممە ئىش يولىدا .بىزمۇ بەك ناچار كەلمىدۇق .يوتقانغا قاراپ پۇت ئۇزاتقىلۇق . ھال ئەھۋالىمىزنى بىلدىغان يەردە سىلى. خەخنىڭ ئالدىدا ئۇنچىلىك قىلىپ كىتىش كەتمەيتى. تۇغۇتلىرى بۇنىڭ بىلەن تۇگەپ كەتمەس. سىلى -بىز بولغاندىكىن بارا-بارا قىلشىۋالاتتۇق.
_ راسىت زورەم، لاتا -پىتىنىڭ قولىدىن نىمە كىلىدۇ. كىيىمسىز قالمىغاندىكىن، ئىنىمىزنىڭ ئايىغىدىن شامال ئۆتۇپ تۇرسا تىپىپ بىرىدۇ. بەك ئاشۇرۋەتتىلە جىمۇ.:- دىدى مىھرىگۈل ئاچام.
_ ۋاي گەپ قىلمىسام ئىككىللىرى بەك سۆزلەپ كىتىشلە. ئىنىللىرىمۇ شۇ تاغدەك ئىككى ئاچام بار دەپ مەيدىسىنى ئۇرۇپ يۇرىيتى. ھەر بىسسلىرىنىڭ ئەكەلگىنى شۇ . ئىككى تال ئىغىلغا مەلەڭزە بولمايدىغان لاتىنى كۆتۈرۈپ كىلىپ ، يەنە بىشەملىك قىلشىنى...:- زورەم ئاچام ھىچ بوش كىلدىغاندەك ئەمەس.

_ ئىغىلغا مەلەڭزە بولمايدىغان دەملا؟ ھە ئەمسىە ئەپ چىقىپ بەرسىلە. بىزغۇ خىلى چوڭ بىلىپ ئەكەلگەن بىلمىسىللىرى ئۆزىمىز بىلىپ ئىشلىتەرمىز. :-دىدى مىھرىگۈل ئاچام زەرەد بىلەن.

_ ۋاي رەخت دەپ قاپلا. كۆرلىغۇ بۈگۈنكى چۇشكەن رەخنىڭ جىقلىقىنى.سامان نەقى دىسە. لازىم بولسا بىرىپ تۇراي. توي -تۆكۈنگە بارغاندا ئوبدان قىلىپ بارالار. :- زورەم ئاچام زەھەردەك گەپلەر بىلەن ئۇلارنىڭ غورورىغا تەگمەكتە. زورەم شۇئان ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى. ھايال ئۆتمەي ئۇلار ئىلىپ كىرگەن نەرسىلەرنى ئالدىغا تاشلاپلا چىقىپ كەتتى. ئىككى مىھرىبان ئاچام بولسا نىمە قىلارىنى ، نىمە دىيىشنىمۇ بىلمەي ئەلەم بىلەن ئەتىبارسىز تاشلانغان رەختنى ئىلىپ ، ئاستا قەدەم بىلەن چىقىپ كىتىشتى. مەن ئىشىك تۈۋىدە ئۇلارغا قاراپ يىغلىغىنىمچە قاراپ قالدىم .
      خىلى ۋاقىتتىن كىيىن دادام كەلدى. زورەم بايا بولغان ئىشلارنى تۇپ قارشى بويىنچە دادامغا يەتكۈزدى ھەم يىغلاپ دادامغا ئىككى ئاچىسنى تىللاپ بەردى. دادام بولسا بىشىنى تۆۋەن سالغىنىچە ئولتۇراتتى. دادامنىڭ بۇنچە ئىغىر ئولتۇرشىغا ئاچچىقىم كەلدى.

     زورەم ئاچامغا ئۆچ بولدۇم . ھىيلىگەرلىكى نەپرىتىمنى كەلتۇرەتتى. ھەي توۋا. ئۇ ئۆزىنى شۇنچە دانا ، ئەقىللىق چاغلامدىغاندۇ ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ ئاددى بىر سەھرا قىزى ئىكەنلىكىنى ئۇنتىپ قىلۋاتامدىغاندۇ ؟ ئۇ ئۇنۇتتى . ئۇ ئەسلىنى ئۇنۇتتى. تامامەن ئۇنۇتتى. ئۇ ئۆزىنى گويا باي ئائىلىنىڭ ئەتىۋارلىق مەلىكىسىدەك سەزمەكتە . ھەممە ئۇنىڭغا سەت كۆرۇندى . ئۇنىڭ مىھرىبانلىقى يوقىدى .
     دادامنىڭ ئاچىللىرى شۇ كۇندىن باشلاپ قايتا ئۆيگە قەدەم باسمىدى . مىنىڭ كۆرگۈم كەلسە ، مەكتەپتىن يىنىپ كۆرۈپ كىلدىغان بولدۇم.
مەن 12 ياشقا كىرگەن يىل.
       قەھرىتان قىش. ئەتراپ ئاپپاق قارغا پۈركەنگەن. بۈگۈن ماڭا يىڭى بىر كۈن باشلاندى. ئورنىمدىن تۇردۇم . دادام ئاللىقاچان مەسچىتكە كىتىپتۇ. مەن كىيىملىرىمنى كىيىپ ، يۇزلىرىمنى يۇيغاندىن كىيىن ، ئادىتىم بويىنچە ھويلا -ئاراملانى يىغىشتۇرۇپ ناشتا قىلىشقا تەييارلىق قىلدىم . زورەم ئاچام بولسا سڭلىمنى ئوينىتىپ سىڭا-يانپاش بولۇپ ياتاتتى.
_ ھازىر ناشتا قىلامسەن؟:- سورىدى مەندىن.
_ ھەئە.
_ ئاۋال ماۋۇ ئۇكاڭنىڭ ئىشتىننى يۇيۋىتىپ ئاندىن ناشتا قىل.:- ئۇ ئىككى تەرەت قىلۋەتكەن ئىشتاننى ئالدىغا ئاتتى. بۇلارنى يۇيغۇم يوق .كۆرۇپلا كۆڭلىم ئىلىشىپ كەتتى . ھەم تۈنۈگۈنكى مۇئەللىـمنىڭ " ئەتە ئوچۇق دەرىس ئۆتىلىدۇ. بالدۇر كىلىڭلار. لالە سىزدىن سىناق ئالىمەن جىمۇ." دىگـەن گىپى قـۇلاق تۈۋىـمدە ئىدى.
_ كەچتە كىلىپ يۇيۋىتەي. :دىدىم مەن بوش ئاۋازدا.
_ ھازىرچۇ ؟ يۇيۋىتىپ ماڭىلى .
_ بۇلارنى يۇيغىچە كۆڭلىم ئىلىشىدىكەن . يۇيغىم يوق .سىلى بىكار بولغاندىكىن يۇيسىللىرى بولىدۇ. : غودۇڭشىدىم مەن . مانا بۇ مىنىڭ ئۇنىڭغا تۇنجى قىتىم گەپ ياندۇرشىم ئىدى.
_ نىمە؟ :- ئۇ شۇنداق دىدى دە يىنىغا قويۇلغان چىنىنى بىشىمغا قارىتىپ ئاتتى. مەن ۋايجان دىگىنىمچە ئولتۇرۇپ قالدىم . بىشىمدىن ئوقتەك قان چىقىشقا باشلىدى. كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىدى . بىشىمدىن ئاققان قان كۆز يىشىم بىلەن يۇغۇرلۇپ ، مەڭزىمنى بويلاپ ئاقماقتا . كۆزىم ئەمەس يۈرىگىم ئىيچىشماقتا. بۇ ئالدىمدىكى ئالۋاستىغا قاراپ ئىچىمدىن نالەت ئوقىماقتىمەن. ئۇ ماڭا گوياكى چۆچەكلەردىكى بەتبەشىرە ئالۋاستىدەك كۆرۇنمەكتە.
ئەيتاۋۇر قىلغىنىدىن چۆچىپ كەتتى بولغاي ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە ئەسكى لاتىنى تىپىپ كىلىپ قانلارنى سۈرتىشكە باشلدى . قان ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس. ئەمدى ئۇ قان توختىتىش ئۇچۇن ئۇن ئىلىپ چىقىپ قان چىقان يەرگە سىپپ قويدى . خىلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن قانمۇ توختىدى. بىراق كۆز ياشلىرىم ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس.
_ ۋاي ، مىشىلداۋەرمىگىنە بولدى. گەپ قايتۇرغانغا توي. :- ئۇ ماڭا ياخشى گەپ قىلىش ئەمەس ،يەنىلا نەشتەردەك سانجىلۋاتاتتى. ئۇ ئەمدى بىر پارچە لاتىنى تىپىپ كىلىپ ، بىشىمغا قويدى دە پوسمامنى كىيدۇرۇپ قويدى. ھەمدە ماڭا بۇ ئىشنى دادامغا دىمەسلىكىمنى ، بولمىسا يەنە تاياق يەيدىغىنىمنى جىكىلىدى. مەن ئارتۇق گەپ قىلماي يۇزلىرىمنى يۇيۋىتىپ، ناشتىمۇ قىلماي مەكتەپكە ماڭدىم .
      ئاچچىق بىر يىغا نەپسىمنى قىسماقتا . بىراق يولدا يىغلىسام بولمايدۇ . بۇ يىغىنىمۇ ئىچىمگە سىلىۋىتىپ ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم . مەن مەكتەپكە تامامەن كىچىككەن ئىدىم . سىنىپ ئالدىغا كەلسەم ئوچۇق دەرىس باشلىنىپ بوپتۇ . مەن كىرىپ دەرىسنىڭ كەيپىياتىنى بۇزماي دەپ سىرىتتا تۇردۇم . نەشتەردەك سوغۇق جىنىمدىن ئۆتمەكتە . سوغۇق ئۆتكەنسىرى شۇنچىلىك ئاغرىماقتا . چىدىيالمىدىم . كۆزلىرىمدىن ئاز تولا ياشمۇ ئەگىمەكتە ئىدى. خىلى ۋاقىتتىن كىيىن ئوقۇغۇچىلار دەرىستىن چۇشتى. مۇئەللىم كەلگىنىمنى كۆرۈپ كۆزىمگە سەت بىرنى ئالىيىپ قويدى . چۇشتن بۇرۇنقى بۇ ۋاقىت ماڭا زۇلۇم بولدى . بىشىمنى قويغانچە يىتۋالدىم . چۇش ۋاقتى بولدى . مەن ئۆيگە قايىتقۇم كەلمىدى. ئۇ ئالۋاستىنى كۆرگۈم يوق ئىدى. بىراق بارمىسام دادام چوقۇم مەندىن ئەنسىرەيدۇ دىگەننى خىيال قىلىپ ئۆيگە ماڭدىم. ئىشىك تۇۋىگە كىلىپ تۇرۇپ قالدىم . كىرىشكە پىتىنالمىدىم . ئىشىك تۈۋىدە بىردەم تۇردۇم .
_قىزىم ئۆيگە كىرمەي تۇرۇپسىزغۇ ؟ _ قارىسام دادامكەن . دادامنى كۆرۇپ ئۆپكىدەك ئىسىلىپ كەتتىم . دادامغا ئىسىلىپ يىغلىغۇم بار. بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا دىگۈم بار. بىراق مەن جۇرەت قىلالمىدىم . يەنىلا چاندۇرماي:
_ كەلدىڭما دادا؟ توڭۇپ كەتكەنسەن ھە؟ :- دىگىنىمچە ئۇنىڭ مۇرىسىدىكى توپىنى قىقىشتۇرۋەتتىم ._ ئانچە ئەمەس، مىڭىڭ ئۆيگە كىرىمىز. تالادا كۆپ تۇرماڭ . سوغۇق ئۆتۇپ قالىدۇ.:_ مەن شۇنداق دەپ دادامغا ئەگىشىپ كىردىم . دادام ھويلىغا كىرگەندىن كىيىن ، باغقا كىرىپ چىقاي دەپ باغ تەرەپكە ماڭدى. مەن ئۆي ئىچىگە ئاستا كىردىم . زورەم مىنى دادىسغا چىقىشتۇردى دەپ قالدىمۇ كۆزلىرى چەكچىيىپ كىتىپتۇ.
_ داداڭغا دىمىگەنسەن ھە؟
_ ياق دىمىدىم.
_ ئەمسە بىللە كىرۋاتىسەنغۇ ؟
_ ئىشىك تۇۋىدە ئۇچىراپ قالغانتى؟
_ مۇنداق دە. ئەگەر دەيدىغان بولساڭ ئەدىپىڭنى بىرىمەن . :- ئۇ بىلىكىمنى موتىۋالدى. يەنە گەپ قىلالماي لىۋىمنى چىشلىدىم .دادام تاساددىبىي ئۇقۇپ قالمىسا ، بۇ ئىشنى مىنىڭ دىيشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

      چۇشلىك تامىقىمنى تىز-تىز يەپ مەكتەپكە ماڭدىم . بىر نەچچە كۇن ئىچىدىمۇ بىشىمدىن پوسمىنى ئالمىدىم . بۇ ھالەتتە ئىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. قان يۇقى، ئۇن ئارلىشىپ ، ئىسسىقتا ، تەرلەپ سوغۇقتا توڭلاپ دىگەندەك بىشىم بىر چاڭگىغىلا ئوخشاپ قالغاندى.ئۇچ كۇن مانا مۇشۇنداق تۇردى. ۋايجانلاش توغرا كەلسىمۇ ئىچىمگە سالاتتىم. ئۇن-تىنسىز ياش تۆكەتتىم.
   
       بۇگۈن دەم ئىلىش كۇنى ئىدى. دادام سەھەردىلا مەسچىتتىن يىنىىپ كىرىپ ، زورەمنى ناشتىلىق تەييارلاشقا بۇيرىدى. بىز بىر ئائىلە كىشىللىرى ناشتىغا داخىل بولماقتىمىز . سىڭلىم بولسا شوخلۇق قىلىپ يىنىمدا ئوينىماقتا ئىدى . مەن دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتە بىشىمدىكى پوسمىنى تارتىۋەتتى. چىچىم پوسمىغا چاپلىشىپ قالغاچقا خىلى ئاغرىغان ئىدى . ئىسىمدە يوق" ۋايجان" دەۋەتتىم . بىشىمدىكى بۇ كارامەت مانا مەن دەپلا كۆرنىپ قالدى. دادام بۇنى كۆرۇپ داڭ قىتىپ قالدى دە قولىدى ناننى ئاستا قويۇپ يىنىمغا كەلدى.
 
_ بۇ نىمە ئىش ؟ _سورىدى مەندىن.مەن ئۇن -تىنسىز قاراپ تۇردۇم . نىمە دىسەم بولا .
_ گەپ سوراۋاتىمەن .بۇ نىمە ئىش؟
_ قايسى كۇنى مەكتەپتىن كىلۋاتقىچە يىقىلىپ چۇشكەن. :- ئاران شۇنى دىيەلىدىم .
_يىقىلىپ چۇشكەن ؟ باشقا يەرلىرىڭىز يارلانماي ، بىشىڭىزلا يارلاندىما قىزىم؟ _دادام مەندىن مەنىلىك سورىدى.
_ ياق پۇتۇم ئازراق .... :- گىپىمنى توختىتۋالدىم . چۇنكى دادام پۇتىڭىزنى كۆرۇپ باقاي دسىە نەچچە يىل ئالدىدىكى چاي تۆكۈلۈپ كەتكەننىڭ يالدامىسى بار ،شۇ ئىش ئاشكارلىنىدۇ. مەن شۇ تاپتا زورەم ئاچامغا قارىدىم . ئۇ ماڭا دىمە دەپ باش لىڭشىتتى. ئۇ باش لىڭشىتمىسىمۇ مەن دىمەيتىم . دىيشىم مۇمكىن ئەمەستە.ئەمدى زورەم گەپ باشلىدى:
_ ۋيىىي نىمە بولغانسىز ئەمدى ؟ مۇشۇنچىۋالا بولغىچە بىزگە دىمىدىڭىزما ؟ ۋاي ئىسىت قانچە ئاغرىغاندۇ ھە؟:-ھىيلىگەرلىك بىلەن شۇنداق دەپ بىشمنى سىلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ قولى خۇددى ماڭا زەھەرلىك چاياندەك بىلىنىشكە باشلىدى.
دادام بىر ئىشنى سەزگەندەك ئىغىر بىرنى تىنىۋىتىپ ،ماڭا قاراپ:
_كىيمىڭزنى كىيىڭ. دوختۇرخانىغا بارىمىز .
_مەن ئىلىپ باراي، سىلى زاۋۇتقا مىڭىۋەرسىلە.:- زورەم يەنە ھىلگەرلىك بىلەن ماڭا ساختا ھىسداشلىقىنى بىلدۇرمەكتە ئىدى.
_ بولدى ئۆزۇم ئىلىپ بارىمەن. سەن ئۆيدە بالىغا قارا. ئۇمۇ يىقىلىپ كەتمىسۇن يەنە.
شۇنداق قىلىپ مەن دادامغا ئەگىشپ يىقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ماڭدۇق . دادام مەندىن"
_ راستىنلا يىقىلىپ كەتتىڭىزما؟ "......
_ بىر نىمە دىمگىنىڭىزنى چۇشىنىمەن قىزىم. قانداق ئىش بولسا دەڭ . مەن داداىڭىز. سىزنىڭ تايانچىڭىز. بولامدۇ؟ سىزگە بىرەر ئىش بولىشىنى قەتئى خالىمايمەن.:- دادامنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقماقتا. مەن ماقۇل دىگەندەك بىشىمنى لىڭشىتتىم.
      بىز دوختۇرخانىغا كىردۇق . نۇرغۇن ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر بىزگە تەبەسسۇم بىلەن باقماقتا. مىنىڭمۇ بىر ئارزۇيۇم چوڭ بولغاندا مانا مۇشۇلارغا ئوخشاش بولسامكەن دەيتىم . بىر ئاچاش بىزنى چەتتىكى بىر ئۆينىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ ، مىنى كىرگۈزۋىتىپ دادامنى سىرىتتا ئىلىپ قالدى. كەينىمدىنلا بىرئاكاش كىردى. ئۇ شۇنداق كىلىشكەن ئىدى :

_ نىمە بولدىڭىز ئوماق قىز.
_ بىشىم .... :- گەپنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋەتتىم.
ئۇ بىشىمدىكى پوسمىنى پەم بىلەن ئىلىشقا تىرىشماقتا .
_ ئازراق ئاغرىيدۇ. لىكىن چىداڭ جىمۇ؟
_ ماقۇل .
ئۇ شۇنداق قىلىپ پوسمامنىمۇ ئىلىپ تازلاشقا باشلدى. ئازراق ئاغرىسىمۇ ، ھىچ ئىش بولمىغاندەك تۇراتتىم .
_ نىمە بولغان سىڭلىم؟
_ يىقىلىپ چۇشكەنتىم.
_بۇ يىقىلغان يەرنىڭ يارىسى ئەمەس. كىچىك بالا دىگەن يالغان گەپ قىلسا بولامدۇ؟
_ئۇنداق ئەمەس. ئۆگەي ئاپام چىنە ئاتقان.:- كۆزىمدىن بىر تامچە ياش سىرغىپ چۇشتى.دوختۇر ئاكام ئىغىر بىرنى تىنىۋالغاندىن كىيىن يەنە داۋاملاشتۇردى.
_ ئەسلى تىكىدىغان يەركەن . ۋاقىت ئۆتۇپ كىتىپتۇ. ياللۇغلىنىپ قاپتۇ؟ ئۇننى كىم سالدى؟
_ئۇ.
_ خىلى ئۇستا تىۋىپكەن .
     ئۇ يەنە ئارتۇق گەپ قىلماي ئىشىنى داۋاملاشتۇردى. :-بولدى سىڭلىم شۇندان ياخشى تىڭىپ قويدۇم. قايىتقاندىن كىيىن بەك دىققەت قىلىڭ. سوغۇق نەرسىلەرنى يىمەڭ. ئاچچىق چۇچۇكنىمۇ يىمەڭ. دورا يىزىپ بىرەي ئىچىڭ. ئاندىن ئىككى كۇندە بىر كىلىپ تىڭىق ئالماشتۇرۇڭ. :- ئۇ ماڭا ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن قارىماقتا.

_ ماقۇل ئاكا. مەن دىگەن گەپنى دادامغا دىمەڭ بولامدۇ ؟
_ بولىدۇ.
      بىز شۇنداق قىلىپ دوختۇرخانىدىن ياندۇق. دوختۇر ئاكامنىڭ گىپى بويىنچە قىلىپ بىشىم خىلى ساقايدى. مانا بۇ ئىشمۇشۇنداق ئاخىرلاشتى.
ئۇلۇغ قۇربان ھىيىت يىتىپ كەلدى. ھەممە كىشى ھىيىت خۇشاللىقى بىلەن ئالدىراش .
_ پۇل بەرسەم بالىلارغا كىيىم ئىلىپ بەرسەڭ بولامدىكىن.
_ ماقۇل.
_لالەنىمۇ ئىلىپ چىق . نىمە دىسە شۇنى ئىلىپ بەر.
_ماقۇل .

      زورەمنىڭ ھىلگەرلىك بىلەن ماقۇل دىگىنىگە ئىشەنمەيتىم . ئۇ مىنى ھەرگىز ئىلىپ چىقمايتى . مەھەللە -كويدىمۇ مەندىن نۇمۇس قىلىپ يۇرسە سىرىتلارغا ئىلىپ ئىچىقمايدىغىنى ئىنىق ئىدى.دادام ئۇنىڭغا پۇلنى بىرىپ زاۋۇتقا كەتتى. دادام كەتكەندىن كىيىن ئۇ گۈلدەك ياسىنىپ "ئۇكاڭغا ياخشى قارا" دەپ چىقىپ كەتتى . دىمىدىممۇ ئۇ مىنى ھەرگىز ئىلىپ چىقمايدۇ.

كەچ كىرگەندە ئۇمۇ قايتىپ كەلدى. قولىدا شۇنداق جىق نەرسە.

_ قاراپ تۇرماي ئالە قولۇمدىكىنى .

مەن يۈگىرەپ بىرىپ قولىدىكى نەرسىلەرنى ئالدىم.سەل ئولتۇرۋالغاندىن كىيىن ، بۇ سىنىڭ دەپ بىر ئىشتان، چاپاننى ئالدىمغا ئاتتى. قارىسام شۇنداق ئاددى. كىيىپ كۆرۇپ باقتىم . ماڭا خىلىلا چوڭ كەلدى. بىراق ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. بۈگۈن دادام خىلى كەچ كەلدى . شۇڭا باشقا گەپ قىلمايلا يىتۋالدى. ئەتىسى سەھەردە:
_ بالىلارغا كىيىم ئالدىڭما؟
_ھەئە ئالدىم.
_ قىزىم سىزگە يارىدىمۇ ؟
_ ياق .:-زورەمنىڭ نەشتەردەك كۆزلىرى ماڭا تىكىلدى.
_نىمىشقا؟
_ مەن بەك ئورۇق تۇرسام ، ئالغان چاپان بەك چوڭكەن.
_ ئۆزىنى ئىلىپ چىقىپ ئەپ بەرمىگەنما؟:- سورىدى زورەمدىن.
_ ئۇنى ئىلىپ چىقسام ، ئۇكىسىغا كىم قارايدۇ ؟
_ بۈگۈن باشقىنى ئىلىپ بەر.
_ دادا ، ماڭا ئاياغ ئىلىپ بىرىڭە.
_ بۈگۈن ئىلىپ بەرسۇن.
_ ئالدىنقى ئايدا بىرنى ئىلىپ بەردۇق شۇنى كىيسۇن.: دىدى زورەم.
_ ئۇ يىرتىلىپ كەتكەنتى.
_ يىرتىلىپ كەتكەن بولسا ، ئىشىك ئالدىدىكى مەمەت موزدۇزمۇ ئاپتاپ سۇنۇپ ئولتۇرمايۋاتىدۇ. شۇمۇ خۇدا دەپ ئولتۇردى. ئىلىپ چىقىپ بەرسەك چىرايلىق ياماپ بىرىدۇ.
_ بولدى ، كىچىك بالا بىلەن تەڭ بولماي ئىلىپ بەرسەڭلا بولمىدىمۇ ؟
_ كىچىكلا تۇرۇپ نىمە قويۇپتۇ ئۇنىڭغا .
_ بوپتۇ ، باشقا بالىلارنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالمىسۇن . ئىلىپ بەر.
_دادا سىز ئىلىپ بىرىڭە. زورەم ئاچام ئىلىپ بەرمەيدىكەن.
_ئىلىپ بىرىدۇ بالام . خاتىرجەم بولۇڭ :- دادام شۇنداق دەپلا زاۋۇتقا ماڭدى . زورەمنىڭ زەھەردەك كۆزلىرى ماڭا تىكىلدى . زەرەم دادامنى ئۇزىتىپ كەينىدىن چىقىپ كەتتى.
         مىنىڭ كۆڭلىم بىر شۇملىقنى سىزىپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇردۇم . ئۇنىڭدىن قۇتۇلشىم تەس. 
         راسىت دىگەندەك ئۇ سىرىتتىن بىر تاياقنى كۆتۇرۇپ كىرگىنىچە" مىنى داداڭنىڭ ئالدىدا ئوسال قىلدىڭ"دەپ مىنى ئۇرۇشقا باشلىدى. مەن ۋايجانلاپ كەتتىم . كەلگەنلا يىرىمگە ئۇرۇشقا باشلىدى . راسىت گەپنى قىلغاندا بۇ تاياقلىرىنى كۆتىرەلمىدىم . ئۇنىڭغا نالە قىلىپ يالۋۇردۇم . ئۇ ھىچ ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس. يىلىندىم . ئۇ پىسەنىتمۇ قىلماي ئەسەبىيلەرچە ئۇرماقتا . تاياق زەربىسىدىن بەدەنلىرىم قاتتىق ئاغرىماقتا . بۇ ۋاقىتتا دادامنىڭ كىرىپ بۇ ئىبلىسنىڭ قولىدىن تارتىۋالسىكەن دىگەنلەرنىمۇ ئۇمۇت قىلدىم .ب ىراق مۇمكىن ئەمەس . بەدىنلىرىم ئەمەس يۈرىگىم ئاغرىماقتا . ئۇ خىلى ئۇرۇپ ھاردى بولغاي ئاخىر توختاپ مىنى تىللاشقا باشلىدى.
      مەن ئانامنى ئەسلىدىم . مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئانام يىنىمدا بولسىچۇ ؟ ئىچىمدە ئانامغا خىتاپ قىلماقتىمەن." جىنىم ئانا ، سەن قەيەردە؟ مىنى 9 ئاي 9 كۇن قورساق كۆتىرىپ تۇغۇپ ، مانا مۇشۇنداق بىر زالىمنى قولىغا قالدۇردىڭما ؟ ئانا مەن تاياق زەربىسىگە چىدىيالمىدىم . بۇ ئىچىنىشلىق ھالىمنى كۆرۋاتامدىغانسەن ؟ مىنىڭ ئاھۇلىرىم قۇلىقىڭغا كىرۋاتامدىغاندۇ ؟ جىنىم ئانا مىنى ئىلىپ كەت . مىنى ئىلىپ كەت ... مىنى ئىلىپ كەت..."بىراق بۇ نالە-زارىمنى ھىچكىم ئاڭلىمايدۇ . ھىچكىم قۇلاق سالمايدۇ . بۇ بىچارە ھالىمغا ھىچكىم يەتمەيدۇ.
     زورەم مىنى ھەر قىتىم ئۇرغاندا يۇز كۆزۇمگە ھەرگىز ئۇرمايدۇ . شۇڭىمىكىن دادام بۇ ئشلارنى ئاساسەن بىلمەيدۇ . مانا بۇ قىتىملىق ئىشمۇ تىپتىنىچ ئۆتۇپ كەتتى.
    بىراق ئۇ مىنى تىللاشتىن ، خارلاشتىن توختىمىدى. سوغۇقتا تۇرغۇزۇپ قويۇپ ، تاماق بەرمەي . قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويۇپ ...ئىشقىلىپ ئۇنىڭ خارلاش ئۇسۇلى خىلى كۆپ ئىدى.

مەن 15 ياشقا كىرگەن يىل
      مەن تولۇقسىز ئوتتۇرىغىمۇ چىقىپ بولدۇم . خىلى ئىش ئۇقىدىغانمۇ بولدۇم . بىر كۇنى مەكتەپتىن كەچرەك كەلدىم . ئۆيگە كىرسەم زورەم يوق. چۇشتە يىگەن تاماقنىڭ قاچسىسمۇ شۇ پىتى . زورەمنىڭ خوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كەتكىننى پەمىلىدىم .ئ ۆينىڭ ھەممە يىرى مەينەتچىلىك . بۇلارنى  كۆرۈپ شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى. سومكامنى قويۇپ يىغىشتۇرۇشقا كىرىشتىم. شۇ ئەسنادا ئۇ كىرىپ كەلدى.
_ بەك ۋاخ قالدۇققۇ؟ خەخنىڭ باللىرى كەلگىلى نەۋاخ.
_ مەكتەپتە دەرىس ئۈگەنگەن.
_ ئۆيدە ئۈگەنسەك بولمامدىكەن. تولا كۆزۇمنى بويىمايلى ھە. كىم بىلىدۇ بىرەرسى بىلەن سەيلە قىلدۇقمۇ ؟
_ ئۇنداق دىمىڭە. نەدىكى گەپنى قىلىپ.:_غودۇڭشىدىم مەن. ئۇ يەنە توختىماي گازىر چاققاچ مىنى تىللاشقا باشلىدى، يوق يەردىن پۇتاق تىپىپ مىنى سەتلاۋاتاتتى. بىكاردىن -بىكار تىل ئىشتىقىنىمغا قاراپ بەك ئاچچىقىم كەلدى. يۇيۋاتقان قاچا-قۇچىلارنى جايىدا قويۇپ ياتاق ئۆيۇمگە ماڭدىم.
_ نەگە بارىسەن شۇم.:- ئۇ شۇنداق دەپ چىچىمدىن قاماللىدى.
_شۇم ئەمەس مەن. نىمە گەپ بۇ سەيلە قىلدى دىگەن . ئاغزىڭىزغا بىقىپ كەپ قىلىڭ زورەم ئاچا.:-شۇنداق دىگىنىمچە  ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋىتىپ ماڭدىم .ئۇ توختا دەۋاتىمەن دىگىنىچە مىنى يەنە ئۇرۇشقا باشلىدى . قولىغا نىمە چىقسا شۇنىڭ بىلەن ئۇردى . مەن ۋايجانلاپ يىغلاشقا باشلىدىم . دەل مۇشۇ پۇرسەتتە ئۆيگە دادام كىرىپ قالدى . دادام نەچچە يىلدىن بىرى كۆرەلمىگەن بۇ مەنزىرىنى كۆردى ھەمدە چەكچىيىپ قالدى . زورەم يەنە يىغلىغان پىتى دادامغا مىنى چىقىشتۇرۋاتاتتى . دادام ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى بولغاي مىنى ئورنىمدىن يۆلەپ تۇرغۇزۇپ گەپ سورىدى.

_ نىمە بولدى ؟ ماڭا دەڭە. يالغاننى ئارماشتۇرماي دەڭ.
      مەن بولغان ئىشنى قالدۇرماي دىدىم . كۆرمىگەن بولسىمۇ يەنە يوشۇرشىم مۇمكىنتى . ئەمما دادام بۈگۈن كۆردى. ھەممىنى دىدىم . ئۇ يەنە ئىقرا قىلماي مىىنى تىللاشقا باشلىدى. دادام ئۇنى كىلىشتۇرۇپ بىر تەستەك سالدى، ئۇ دادامغا ئىسىلىپ ئۇرشىشقا باشلىدى. ھەمدە مىنى يەنە توختىماي تىللاۋاتاتتى.

_ بۇ شۇم . جانغا جاپا شۇم. شۇڭىمۇ تالادا قالغان بالايى ئاپەت شۇمكەنسەن. ئۆز ئاتا- ئاناڭمۇ باققۇسى كەلمەي تاشلاپ كىتىپتىكەن سەن شۇمنى . رەيھان ئاچاممۇ توغرا يولنى تاللاپتۇ . سىلى نىمانچە قىلىپ كىتىلا . يا ئۇ سىلىنىڭ ئۆز پۇشتىللىرىدىن بولغان بالا بولىمىسا .

_ ئاغزىڭنى يۇم دەۋاتىمەن.
زورەمنىڭ بۇ گىپى مىڭەمدىن تۇتۇن چىقىرۋەتتى. ئۇنىڭ دىگىنى راسمىدۇ مەن راستىنلا ... ياق .. ياق .. مەن دادامنىڭ ئۆز بالىسى. دادام مىنى سىرىتقا چىقىرۋىتىپ زورەمنى ئۇرۇشقا باشلىدى . مىڭەم قىيىپ كەتتى. پۇتۇن بەدىنىمنى سوغۇق تەر قاپلىدى. بۇ ئىشنى مىھرىگۈل ئاچامدىن سوراشنى لايىق تاپتىم. مىھرىگۈل ئاچامنىڭ ئۆيىگە قاراپ يۈگىردىم. ئۇ دەرۋەقە بار ئىدى.
_ كىلىپ قاپسىەنغۇ لالە؟
_ سىزدىن بىر ئىشنى سورىسام بولامدۇ ؟
_ بولىدۇ . سوراۋەرگىن.
_مەن دادامنىڭ ئۆز قىزىمۇ؟:- ئۇ سەل تۇرۇپ قالدى.
_ئەلۋەتتە . نىمە ئىش بولدى .
_ مىنى ئالدىماڭ مىھرىگۈل ئاچا . مەن مۇشۇ ياشقا كىردىم . ئۆز ئانام توغرىلىق ھىچنىمە بىلمەيمەن. ئەمدى مىنىڭ بىلدىغان ۋاقتىم بولدى. ئانام كىم ؟ مەن راستىنلا تاشلىۋىتىلگەن بالىمۇ ؟ ماڭا دەپ بىرىڭ بولامدۇ؟ :- ئۇنىڭغا ئىسىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ بايىقى ئىشلارنى قالدۇرماي سۆزلەپ بەردىم . ئۇمۇ ياش تۆكمەكتە.
_توغرا سىز چوڭ بولدىڭىز. ئەمدى بىلسىڭىز بولىدۇ قىزىم. بۇنى دىسەم ھەرگىز كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ. بىز سىزنى يەنىلا ياخشى كۆرىمىز. دادىڭىز توي قىلىپ خىلى يىللارغىچە بالىلىق بولالمىدى. چوڭلار مەسلىھەتلىشىپ بالا بېقىۋېلىشنى ئىيىتتۇق . دادىڭىزمۇ ماقۇل بولدى. دوختۇرخانىدىكى بىر تونىشىمىزغا ھاۋالە  قىلدۇق . ئۇزاق ئۆتمەي خەۋەر كەلدى . شۇنىڭ بىلەن رەسمىيەتنى ئۆتەپ سىزنى ياندۇرۇپ چىقتۇق.
 
كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىدى. مەن راسىتىنلا بىقۋىلىنغان بالا ئىكەنمەن. ئاھ خۇدا. بۇ نىمە كەلگۈلۇك ئەمدى.مەن يەنە سورىدىم:
_ ئۆز ئاتا-ئانام توغرىلىق ھىچنىمە بىلمەمسىز؟
_ ئۆز داداڭ بىر يىزىنىڭ باشلىقىكەنتۇق . 4 قىز بولغاچقا ئانىڭىز مەخپى قورساق كۆتۇرۇپ ئوغۇل تۇغماقچى بوپتۇ . ئويلىمىغان يەردىن يەنە" قوشماق" قىز تۇغۇلۇپتۇ. بۇنى بىلگەن ئانا -ئانىڭىز بىر كىچىدىلا سىلەرنى تاشلاپ كىتىپتۇ . مەنمۇ شۇنچىلىك بىلىمەن. ئۇلارنى تاپاي دەمسىز قىزىم؟
_ بۇ مۇمكىنمۇ ؟ مۇشتەك گۆشنى تاشلاپ كەتكەن شۇ باغرى تاشلانى مەن ئىزدەمدىمەن . يەنە بىر قوشمىقىم بار شۇنداقمۇ ؟ ئۇ نىمە كۈننى كۆرگەندۇ. ئۇ توغرىلىق بىلمەمسىز ؟
_ياق ، بىز كىلىشتىن بۇرۇن ئىلىپ كىتىپتىكەن.
_ ئەمسە رەيھان دىگەن كىمۇ ؟
_ ئۇ سىزنى دەسلەپ بىقىۋالغان ئاپىڭىز شۇ قىزىم. ئۇ سىزنى بەك ياخشى كۆرەتتى. تەتۇر پەلەك . ئۇ بازارنىڭ ئاۋات يىرىدە دۇكان ئاچاتتى. قانداق بولدى بىزمۇ بىلمەي قالدۇق ، ئىچكىردە يۈرىيدىغان بىرسى بىلەن تىپشىۋىلىپ دادىڭىز بىلەن ئاجىرشىپ كەتتى. شۇنىڭدىن بۇيان دادىڭىز چۇشكىنلىشىپ كەتتى. ئۇ پەقەت سىزگىلا كۆڭۈل بۆلەتتى. زورەمنى ئاددى بىر يىزا قىزى . ئاقكۆڭۈل دەپ ئۇلارنىڭ بىشىنى بىر قىلىپ قويساق ، مانا مۇشۇنداق كۈننى كۆرسەتتى. ھەقىقەتەن ئىغىر كەلدى.
 
      مەن ئاستا مىڭىپ ئۆيدىن چىقتىم . ئىچىمدە ئۆز ئاتا- ئانامغا چەكسىز نالەت ئوقىماقتمەن . بۇ باغرى تاشلارغا نەپرەتلەنمەكتىمەن . قىز بولسا نىمە بوپتۇ  ؟ قىز بالىمۇ ئادەمغۇ ؟ 9 ئاي 9كۇن قورساق كۆتۇرۇپ ، ئاچىچق تولغاق يەپ بىزدەك قوشماقنى تۇققان شۇ ئانىنىڭ قانداقلىقىنى بىر كۆرگىم بار ئىدى. ئەڭ كۆرگىم كەلگىنى قوشمىقىم ئىدى. ئۇمۇ مەندەك كۇننى كۆرگەندىمۇ. "ئىھ ،رەببىم. قوشمىقىمنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن"  .
     ئىچىمدە دادامغا چەكسىز مىننەدارلىقىمنى بىلدۇرمەكتىمەن."دادا مەن ئۇچۇن قىلغانلىرىڭىزغا رەھمەت . مەن ئۇچۇن تۆككەن كۆ ياشلىرىڭىزغا رەھمەت . جىنىم دادا . سىز مەن ئۇچۇن ياشاپسىز . مەنمۇ پەقەت سىز ئۇچۇن ياشايمەن . سىز قەلبىمدىكى ئەڭ بۈيۈك ئىنسان دادا. "
     ئۆيگە كەلدىم . دادام سىڭلىمنى تۇتۇپ ئولتۇراتتى . زورەمنىڭ يامانلاپ كەتكىننى بىلدىم . مەن كىرگىنىمچە دادامغا ئىسىلىپ ئۇن-سىلىپ يىغلاپ كەتتىم. داداممۇ ماڭا جۆر بولۇپ يىغلاپ كەتتى.

_مىنى كەچۇرەمسىز قىزىم. مەن سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن. سىزنى جىق ئۇۋالچىلىققا قويدۇم . كۆزلىرىڭىزدىن بىر تامچىمۇ ياش ئاققۇزماي چوڭ قىلىپ مۇشۇ ئادىمىي ھايۋاننىڭ ئالدىدا كۆزلىرىڭىزدىن ياش ئاقتى.
_ ئۇنداق دىمەڭ دادا. :- دادامنىڭ كۆزلىردىكى ياشنى سۈرۈتتىم. _ سىزلا يىنىمدا بولسىڭىز ، بۇنچىلىك ياشلىرىم ھىچنىمە ئەمەس.

     دادام ئۇنىڭ بىلەن ئاجىرشىپ كەتتى. سىڭلىمنى بىز ئىلىپ قالدۇق. بۇلارنىڭ تۇرمشى مانا مۇشۇنداق ئاخىرلاشتى. دىمىسمۇ زورەم بىر ئاياللىق ، ئانىلىق بۇرىچىنى ئادا قىلالمىدى. ھەدىسىلا ئۇرىشىپ ، ھە دىسە ئۆلىۋالىمەن دەپ دادامغا تەھدىد سىلىپ ، ئىشىك ئالدىغا چىقىۋىلىپ ۋارقىراپ جارقىراپ دادامنىڭ نەزىردىكى "خوتۇنلۇق" ئوبرازىدىنمۇ چۇشۇپ كەتكەن ئىدى.
 
    مەن دادامغا ئۆگەي. ئۇ ماڭا چىن مۇھەببىتىنى بەردى. مەنمۇ ئۇنىڭغا ھەقىقىي بالىلىق مىھرىمنى بەردىم . بىزنىڭ ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەت چاڭ باسمىغان ئۇلۇغ مۇھەببەت. ئەگەر زورەم ماڭا مۇھەببىتىنى بىرەلىگەن بولسا ئىدى، بۇ بۇ مۇھەببەت دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغلىندىغان مۇھەببەت بولۇپ قالغۇسى ئىدى.
مەنبە: ئۆز قەلىمىم.



تېما تەستىقلىغۇچى : kokturuk
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-02, 11:32
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(kokturuk) نادىر ماقالە
  • سىنى سۆيىمەن سۆيۈملۈك دۇنيا!!!
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-02 06:39 |
    iztirap1
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1161
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 24
    شۆھرەت: 145 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 155 سوم
    تۆھپە: 78 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 78 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ ھىكايىنى ئوقىغاندىن كىيىن ،كىشىنىڭ قەلىب تارىنى چىكىدىغان كىشىلەرنى ھايات-مامات،مۇھەببەت ۋە نەپرەت توغرىسىدا ئۇلۇغلۇغقا يىتەكلەيدىغان نەرسىنىڭ -مۇھەببەت ئىكەنلىگىنى چۇشەندىم،ھىكايە بولا مۇشۇندھق بولا،رەھمەت سىزگە
    ئەھەت ئىسمايىل.
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-02 11:39 |
    pari
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 430
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 38
    شۆھرەت: 190 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 190 سوم
    تۆھپە: 114 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 114 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 134(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھېكايىڭىزنى ئوقۇپ بەك تەسىرلەندىم.نىمىدىگەن رەزىل ئانىلار بۇ..... دوختۇرخانىلار ھەم سىرتلارغا بالىلارنى يۆگەك بىلەنلا تاشلاپ قويىدىغان ئىشلار ھازىرمۇ مەۋجۇت...ھەممە ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلغايسەن!
    گۈللە باغداش!!!
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-02 12:19 |
    alqondi
    دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


    UID نۇمۇرى : 404
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 234
    شۆھرەت: 1316 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1316 سوم
    تۆھپە: 778 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 767 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 488(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئېھ بىچارە لالە !  ئىسمىڭ شۇنداق چىرايلىق تەغدىرىڭ نىمانچىلا تەرتۈر ؟!  
    سېنىڭ ئاخىردا سېنى تاشلاپ كەتكەن تاشيۈرەكلەرنى ئىزدەشتى ۋازكەچكەنلىكىڭگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن ، شۇنداق چىرايلىق قىزنى(ئۆزەڭمۇ ئىسمىڭغا ئوخشاش چىرايلىق دەپ ئويلايمەن) تاشلاپ كەتكەن باغرى تاشلارنى ئىزدەشنىڭ ئورنى بارمۇ ئاخىر ! ئەينى چاغدا تاشلاپ كەتكەنلەرنىڭ يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئىزدەپ كېلىپ خاتىرجەم ، خۇشال تۇرمۇشىغا پاراكەندىچىلىك سېلىشنىڭ ھاجىتى بارمىدۇ ؟
    www.alqondi.tk
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-02 13:28 |
    gulbahar
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 213
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 116
    شۆھرەت: 635 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 635 سوم
    تۆھپە: 370 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 370 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 133(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك تەسىرلىككەن ، بىر بوۋاقنى تاشلاشقا كۆڭلى ئۇنايدىغان قانداق رەھىمسىز ئانىلاردۇ ھە .
    ئەسىرىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم ، داۋاملىق مۇشۇنداق نادىر ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنامەن .
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-03 10:12 |
    dilkuyi
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 134
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 143
    شۆھرەت: 735 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 735 سوم
    تۆھپە: 437 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 437 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

      بەك ياخشى يېزىپسىز ،،،،

      تورداشلارلار  . بۇ مۇنبەرگە نىمە بولدى ، ئۆيلىرىنى تاشلاپ كەتكەن مەھەلىدەك چۆلدەرەپلا قاپتىغۇ ،،، ھەممىمىز  ئىللىق ئائىلىمىز دەۋاتاتتۇق ،مۇشۇنداق تاشلاپ قاچىمىمزما ؟
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-04 13:53 |
    iztirap1
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1161
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 24
    شۆھرەت: 145 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 155 سوم
    تۆھپە: 78 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 78 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەسەرنىڭ سەھىپىسىگە قاراپ نادىرلايمىزمۇ نىمە؟ئۇنداقتا بىزدەك ۋاختى جىددىيلىكتە ئۆتىدىغانلار بىرەر پارچىمۇ نادىر ئەسەر بىرەلمەيلا كەتكۇدەكمىز-دە.
    ئەھەت ئىسمايىل.
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-13 22:37 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر