قالمىسا زىمىنىڭ تېرىلغۇڭمۇ ھەم،
ئۆيسىز ماكانسىز قۇسۇغۇڭمۇ ئاچ .
بۇد بىلەن قورشالغان شەھەر ئىچىدە،
ئەۋلادىڭ غاجىلار سىمونت ھەم كاھىش.
___________________________________________
ساتە سات يېرىڭنى ،باغلىرىڭنى ھەم،
قىپ قىزىل دوللار ئۇخلىتىپ سېنى.
ياقا سىقىش قېرىندىشىڭ بىلەن ،
پۇشايمان ئىبرەت بۇ ھامان بىر كۈنى.
__________________________________________
قوللىرى قانغا بويالغان چوڭام،
تويمايدۇ ھەرگىز بايلىقلىرىغا.
يالماپ يۇتۇش ئۇنىڭ چۇشىدور،
قويماسلىق بىرسۇڭمۇ تۇپراق ساڭا .
_____________________________________________
بىر چاغلار كىلىدۇ ئەۋلات بېشىغا
زىمىنسىز، غۇرورسىز يۈرەر قاڭقىلىپ
بۇردا نان تاشلىتىپ ئىپپەت نومۇسنى
<كۈچۈك> بوپ چوڭئامغا جاننى خار قىلىپ
_________________________________________________________
ئەجداتلار ئۈگىدتىدور يەر ئالتۇن قوزۇق،
ئالمىغىن پۇل ھەرگىز، زىمىن تەلەپ قىل .
زىمىنسىز دېھقاندور سەرگەدان سىگان ،
ئىززىتىڭ- يەر ،غورورۇڭ- يەر، بۇنى سەن ھەم بىل .
_______________________________________