«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 488 قېتىم كۆرۈلدى
xat`ay

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1027
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 290 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 310 سوم
تۆھپە: 153 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 153 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 32(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئـاپـا،ئەركـىنـرەك يـاشـاپ بـاقـايـچـۇ؟

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-04-08)
ئـاپـا،ئەركـىنـرەك يـاشـاپ بـاقـايـچـۇ؟


تــېلـىفۇندىن يېقىـملىق مۇزىـكىنىڭ چىقىشـى بىلـەن تـەڭ، جەمىلەمۇ ئىرىنچـەكلىك بىلـەن ئورنـىدىن تـۇرۇپ تېلفۇنـنى قولىغـا ئالـدى . ناتـۇنۇشلا بىر نۇمـۇر.
_ئەسسالامۇ-ئەلـەيكۇم!
_ۋەئەلەيـكۇم ئەسسـالام،جەمـىلەمۇ سـىز؟
_ ھـە مـەن شـۇ. سىز ...؟ ،_ جەمىلە بۇ ناتونۇش ئاۋازنى خىرە تونىغان ئىدى .دەماللىققا ئىسىگە ئالالمىغان بولسـىمۇ، ئـۆزىنى تونۇشتۇرۇسىـلا تىزلا يادىـغا ئىلىشى ئىنىق.
_مەن ئاينۇرنىڭ ئاپىسى،_ئايالنـىڭ ئاۋازى سەل تىترەپ چىقىۋاتاتتى.
_ قايسى ئاينۇر؟
_ تولۇقسىزدىن باشلاپ بىللە ئوقىغان ساۋاقدىشىڭىزچۇ ؟
جەمىلە ئەمدى بۇ ئاۋازنى تونىدى. تونىغاندىمۇ خىلى ئوبدان تونىدى.ئۇ ئەڭ بىزار ، ئەڭ خوشسىز ئاۋاز ئىدى. مۇشۇ مىنۇتتا ئۇ تېلفۇننى قويىۋىتىشنىمۇ ئويلىدى، بىراق ئۇ ئايالنىڭ نىمە دىيىشىنى ئاڭلاپ بىقىش ئۇچۇن جەمىلە يەنە ئۆزى گەپ باشلىدى.
_ بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟
_ سىز بىلەن بىر كۆرىشىش نىيتىم بار ئىدى. سىزگە دەيدىغان گېپىم بار . قىزىم خالىسىڭىز ئەتە بىزنىڭ ئۆيگە كەلسىڭىز بولامدۇ ؟،_ ئايالنىڭ ئاۋازىدىن يىغا ئاۋازى كىلۋاتاتتى.
_ئەتە موھىم ئىشىم بار.بارالمايمەن.
_بىلىمەن مەندىن خاپا سىز. خۇش بولاي قىزىم . بىر قىتىم كېلىڭ بولامدۇ ؟ سىزنىدىن ئۆتىنەي قىزىم .
_ بولىدۇ . ئەتە باراي.
_رەھمەت قىزىم . ئەتە كەلگەندە قالغان گەپنى دىيىشەرىمىز.
ئايال تېلفۇننى قويىۋەتتى. جەمىلەنىڭ شۇنداق تاتلىق ئۇيقىسىمۇ بۇزۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭ چىرايىدىن ھەيرانلىق ، ئاچچىقلىنىش بىلنىپلا تۇراتتى. دېمىسمۇ تولىمۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئاينۇرنىڭ ئاپىسى جەمىلەنى ئىزدىدى.جەمىلە بۇنى ئۇخلاپمۇ چۈشىدە كۆرەلمەيتتى .بىراق بۇ ئەمەليەت -دە.
بۇ ئايالنىڭ ئىسمى نۇرگۈل بولۇپ ، جەمىلەنىڭ ئەڭ يىقىن دوستى ئاينۇرنىڭ ئاپىسى ئىدى. مانا مۇشۇ ئايال بۇ يىقىن دوستلارنى ئۇچراشتۇرمايتى، بۇ سەھرا قىزىنى ياقتۇرمايتى.
جەمىلەنىڭ بۇ ئايال بىلەن خوشى يوق بولۇشنىڭ سەۋەبى مۇنداق ئىدى.
جەمىلەنىڭ تولۇقسىز1. يىللىقتا ئوقىۋاتقان ۋاقىتىلىرى ئىدى. ئۇ كۈنى سىنىپ مەسئۇلى شەھەردىن بىر قىزنىڭ يۈتكىلىپ كىلدىغانلىقىنى ، بىردەم تۇرۇپ سىنىپقا كىردىغانلىقىنى ئېيتتى. ھەممىگە ھەيرانلىق بىلەن قارايدىغان بۇ سەبىئىي بالىلار بىر-بىرىگە قارىشىپ كۈلىشىپ يىڭىدىن كىلدىغان ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كىملىكىنى بىلىشكە ئىنتىلمەكتە ئىدى. بىر دەمدىن كىيىن سىنىپ مەسئۇلى بىر قىزنى باشلاپ ئەكىردى. ھەمدە بۇ قىزنىڭ ئىسمىنى ئاينۇر دەپ تونۇشتۇرۇپ ، جەمىلەنىڭ يىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
_ ئىسمىم جەمىلە ، دوست بولۇپ قالايلى.-دېدى جەمىلە ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن .
_بولىدۇ.-دېدى ئاينۇرمۇ قول تىزلا سۇنۇپ .
ئاينۇرنى سىنىپقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ، ئوقۇتقۇچى دەرسىنى ئۆتۈشكە باشلىدى. جەمىلە پات -پات يىنىدىكى ئوماق قىزغا قاراپ قوياتتى.ئۇ سىنىپتىكى بالىلاردىن خىلىلا پەرىقلىق ئىدى. مەيلى كىينىشى،چىرايىمۇ شۇنداق چىرايلىق ئىدى.بەلكىم ئاينۇرغا قاراۋاتقان جەمىلە لا ئەمەس ئېھتىمال.كىچىك بالىلارمۇ يامان بوپ كەتتىمۇ قانداق ، مانا شۇنىڭدىن كىيىن ئاينۇر قىززىق نوقتا بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ كىينىشىنى، مىڭىشىنى دوراش سىنىپتىكى ۋە قوشنا سىنىپتىكى بالىلارنىڭ كۈنلىك ئادىتى بولۇپ قالغان ئىدى.
ئاينۇر باشتا بۇ ئىشتىن غەيرىلىك ھېس قىلغان بولسىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتشى ، ئۆز-ئارا تونىشىشى ئارقىلىق بۇ ئىلشلارنىمۇ توغرا چۇشىنغان بولغان ئىدى.دىمىسىمۇ ئاينۇر تولىمۇ ئوماق ئىدى. چوڭ -چوڭ قوي كۆزلىرى ناچىدەك بۇرۇنلىرى ئۇنى ئالاھىدە چىرايلىق قىلىپ كۆرسىتەتتى.ئۇنىڭ بۇيەرگە كەلگەندىن بىرى ئەڭ يىقىن دوستى ، تۇنجى قول ئىلىشىپ كۆرۈشكەن ساۋاقدىشى جەمىلە ئىدى.
جەمىلە ئاينۇردەك ئۇڭنچە چىرايلىق بولمىسمۇ ،ئادەمنىڭ كۆزىگە ئىللىق كۆرنەتتى.ئاينۇرنىڭ يەنە بىردىن بىر ئالاھىدىلكى خەنزۇ تىلى دەرىسىدە ئالاھىدە ياخشى ئىدى.شەھەر باللىرىغا سىلىشتۇرغاندا ،يىزا بالىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى دىمىسمۇ پەرىقلىنىپ قالاتتى. مانا ئەمدى ئۇ ، سىنىپتا خىلى نوپوزلۇق ئەزا بولۇپ قالدى. ئۇنى ۋاي دەيدىغانلار، ئۇنىڭ بىلەن دوس بولۇشنى خالايدىغانلا بارا-بارا كۆپىيىپ بىرۋاتاتتى.بىراق مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئاينۇر جەمىلەنى قەتئى ئۇنتۇپ قالمايتى ھەم ئۇنىڭغا شۇنداق ۋاي دەپ يۈرەتتى. جەمىلە بولسا شەھەرلىك "قىز مىنى ياراتتى""مىنى دوستۇم دېدى" دەپ خۇشال ئىدى.بۇ ئىككى قىز ئۈگۈنىش جەھەتتە بىرسى-بىرسىنىڭ ئىھتىياجىدىن تامامەن چىقالايتى. شۇنداق قىلىپ بۇلار بىر يىل بىللە ئوقۇش جەريانىدا يىقىن دوسىت ، ياخشى ساۋاقداشلاردىن بولۇپ قالدى.
بىر كۈنى مۇئەللىم خىلى جىق تاپشۇرۇپ تاپشۇرۇق بىرىپ ، بالىلارنى گورۇپپىغا بۆلۈپ ، ئىشلەپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن مەكتەپتىن قايتىش كىرەك دەپ تەلەپ قىلىدۇ. جەمىلە شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ ئىشلەپ بولالمىغاچقا ، داۋاملىق ئىشلەپ، تاپشۇرۇق تۈگۈگەندىن كېيىن مىڭىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى . سىنىپتا يەنە بىر نەچچە ساۋاقداشمۇ بار ئىىدى. بىراق ئاينۇر جەمىلەنى ئالماي مەكتەپتىن قايىتمايمەن دەپ ئولتۇرۇپ ،جەمىلەنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ياردەم قىلۋاتاتتى. بۇلار تاپشۇرۇق بىلەن بولۇپ كېتىپ ۋاقىتنىڭ خىلى بىر يەرگە بىرىپ قالغىننىمۇ سەزمىگەن ئىدى. تۇيۇقسىز سىنىپ ئىشىكى جالاققىدە ئىچىلىپ بىرسى كىرىپ كەلدى.
_ ئاپا ...-ئاينۇرنىڭ ئاۋازى تۆۋەنلەپ كەتتى.
_ ھە مەن ئاپاڭ. كەچ بولغاننى تۇيدۇڭمۇ تۇيمىدىڭ . قارا سائەت نەچچە بولدى.جىمى خەخنىڭ باللىرى ئۆيىنى تىپىپ بولدى. -ئاينۇرنىڭ ئاپىسى ئاچچىقلانغان ھالدا ئاينۇرنى دۆشكىشلەۋاتاتتى.
_ تاپشۇرۇپ ئىشلەپ شۇ ...
_ تاپشۇرۇقنى ئۆيگە بىرىپ ئىشلىسە بولمامدىكەن .
_مۇئەللىم ئىشلەپ بولۇپ كىتىڭلار دېگەن...
_قىنى شۇ مۇئەللىمىڭ؟ تاپشۇرۇقنى بىرىپ قويۇپ ئۆزى كەتتىما ؟ ماڭە ئۆيگە...-ئاينۇرنى سىلكىگىنىچە مىڭىشقا تەمشەلگەندى .ئارىدىن جەمىلە سۆز ئاچتى.
_ ئاچا كەچۇرۇڭ!ئاينۇر تاپشۇرقىنى ئىشلەپ بولغان، ماڭا ياردەم قىلمەن دەپ ،ئۆيگە ۋاق قالدى.
ئۇ ئايال جەمىلەگە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن مەنسىتمىگەنلىك بىلەن.
_ قىزىم كىچىك چاكارغا ئايلىنىپتۇ دە. سىزنىمۇ كاللىڭىز بولغاندىكىن ئۈگىنىڭ! قاچانلار قارسا ئۇنىڭغا ياردەم قىلدىم ، بۇنىڭغا ھەمكارلاشتىم دەپ يۈرگەن.ماڭە ئۆيگە...
بۇ ئايال جەمىلەنى قولىدىن تارىتقىنىچە ئىلىپ چىقىپ كەتتى.بۇنىڭدىن ھەيراق قالغان جەمىلە نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قاققان قوزۇقتەك قىتىپلا قالدى.باشقا بالىلارنىڭمۇ كەيپى ئۇچتى بولغاي، دەپتەرلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆيلىرىگە مىڭىشتى. جەمىلەمۇ ئۇلارغا ئەگشىپ ئۆيىگە ماڭدى. ئۇنىڭ كۆڭلى بەك يىرىم ئىدى.دوستىنىڭ ئاپىسىنىڭ ئۇ گەپلىرى ئۇنىڭ دىلىنى خىلى ئاغرىتقان ئىدى.
ئەتىسى سەھەردە ئۇ مەكتەپكە كەلسە ،ئاينۇر ئۆز ئورنىدا ئولتۇراتتى. بىردەمدىن كىيىن ئۇ جەمىلەگە:
_ئاداش ، ئاخشامقى ئىشقا خاپا بولما ،بولامدۇ؟ئاپام ئاشۇنداق ئاچچىقى يامان .ئاپامدىن رەنجىگەن بولساڭ مىنى تىللىۋال.
_نىمە دەيدىغانسەن ئاداش. نىمىشقا رەنجىيمەن.ئۇ ئىشلارنى ئاخشاملا ئۇنتىپ كەتتىم.
_رەھمەت ساڭا. ئاداش بۈگۈندىن باشلاپ سەن بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرالمايمەن. ئاپام سىنىپ مەسئۇلىغا تېلفۇن قىلىپ، مىنى ئۇگىنىش باشلىقىنىڭ يىنىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇشنى تاپشۇردى. مىنىڭ ئۇ قىز بىلەن پەقەت ئولتۇرغۇم يوق. بىراق ئاپامنىڭ گىپىنى يىرالمايمەن.
_ بوپتۇ ئاداش، كۆڭلىڭنى يىرىم قىلما. بىز سىنىپتا بولغاندىكىن نەدىلا ئولتۇرساق ئوخشاش ئەمەسمۇ .
_رەھمەت ساڭا.
ئىككى قىز بىر-بىرىگە سەزدۈرمىگىنى بىلەن كۆڭلى يىرىم بولماقتا ئىدى.شۇنداق قىلىپ بۇلارنى ئايرىۋەتتى. بىراق ھەر دەم ئىلىش ۋاقىتلىرىدا بۇلار بىرگە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ گەپلىرى بولسا دىيشىپ تۇرشاتتى.تۇيۇقسىز بىر كۈنى جەمىلە ئۇزۇندىن بىرى سورىيالمىغان بىر سۇئالنى ئاينۇردىن سوراپ سالدى.
_ ئاداش ، سەن نىمىشقا شۇنچە ياخشى شارائىتى بار شەھەردە ئوقىماي ، بۇ يىزىغا كىلىپ ئوقۇيسەن؟
_سوراپ قالدىڭ ، دەپ بىرەي. ھامان سەندىن باشقا يىقىن دوستۇممۇ يوق.ئاپامنىڭ ئەسلى يۇرتى مۇشۇ . بىراق دادام شەھەردىن. ئاپام ئادەتتىكى خىزمەتچى ئىدى. بىراق خىزمەت سىتاژىنى سىتىپلا ،شەھەردە كىچىك بىر دۇككان ئىچىۋاتىدۇ. دادام سودا قىلاتتى.قانداق بولدىكىن تاڭ دادام بىلەن ئاپام ئاجىرشىپ كەتتى. ئاچامنى دادام باقىدىغان ،مىنى ئاپام باقىدىغان بولدى. ئاپام دۇككاننى ئىجارىگە بىرىۋەتتى .شەھەردە ئوقىۋەرسەممۇ بولاتتى. بىراق ئاپام مىنى دادامدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۇچۇن مۇشۇ يەرگە ئەكىلىپ قويدى. شەھەردىمۇ ساڭا ئوخشاش شۇنداق يىقىن دوسلىرىم بار ئىدى. قىيالماي يىنىپ كەلسەم ، مانا ئەمدى سەندەك تاتلىق دوسقا ئىرىشتىم. ئاپامنىڭ دىيىشچە مەن تىرشىپ شەھەردىكى ئاشۇ ئالي مەكتەپكە ئۆتسەم ، شەھەرگە قايتىپ كىتىدىكەنمىز.
ئۇنىڭ گەپىنى ئاڭلىغان جەمىلە بىرھازا جىمىپ ئولتۇرۇپ كەتتى.
_نىمە بولدۇڭ.
_ھىچنىمە . ئاپاڭنىڭ ئاچچىقى بەك يامانمۇ نىمە ئاداش.
_شۇنداق . بۇرۇندىنلا شۇنداق ئىدى. داداممۇ ئاپامنىڭ مىجەزىدىن بىزار ئىدى.
_داداڭنى سىغىندىڭمۇ ؟،-بۇ گەپنى قىلغاندا جەمىلەنىڭ كۆزىدىن ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا بىر تامچە ئىسسىق ياش سىيرىلىپ چۇشتى.
_سېغىنمايدىغان ئىش بولامدۇ. ئاچامنىمۇ بەك سىغىندىم . دادامنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپ كەتتى . كۈندە ئاپام يوق چاغدا سۈرىتىگە قاراپ جىق گەپ قىلىپ كىتىمەن .دادامنىڭ يىنىمىزغا قايتىپ قىلشىنى شۇنداق ئۇمۇت قىلىپ ، كۆز ياش قىلمەن. كۆڭلىمگە بۇ مۇمكىن بولمايدىغاندەك ھېس قىلمەن ئاداش.
_ ئۇنداق دېمە ئاداش. داداڭ ھامان بىر كۈنى قايتىپ قىلىدۇ.
بۇلارنىڭ دوسلىقى تىخىمۇ كۈچىيىپ بىرۋاتاتتى.بۇلار ئەمدى تولۇق ئوتتۇرنى ئۆيىدىن سەل يىراق بىر يەردە، ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقىيدىغان بولۇشتى. نۈرگۈل جەمىلەنى نىمىشقىدۇر پەقەت ياقتۇرمايتتى.ھەر قىتىم كۆرگەندە قاپىقىنىمۇ ئاچمايتى.شۇڭا جەمىلە ئاينۇرنىڭ ئۆيىگە كەمدىن كەم باراتتى . ئاينۇرنىمۇ جەمىلەنىڭ ئۆيىگە بارغۇزمايىتتى.
تولۇق ئىككىنجى يىللىققا چىققاندىن باشلاپ ئاينۇرنى تىخىمۇ چىڭ باشقۇرۇرۇشقا باشلىغان ئىدى.دوستلىرى بىلەن ئاز ئارلاشتۇراتتى، ھەتتا مەكتەپنىڭ يىنىدىن ئىجارىگە ئۆي ئىلىپ ،ئاينۇرنى يىنىدا تۇرغۇزدىغان بولدى. ئۆيگە 10 مىنىۇتمۇ كىيىن قايتىالمايتتى. دىلغۇللۇق ئاينۇرنى دەرىسلەردە ئىلگىرىتىشكە تۈگۈل تىخىمۇ تۆۋەنلەشتۇرۋەتتى. ئۇ كۆڭلىدىكى گەپلەرنى ھىچكىمگە ئىيتىيالمايتتى.بۇرۇختۇرمىلىق بىلەن كۈننى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر ئىدى.
ئۇلار ئالي مەكتەپ ئىمتىھانى بىرىشكە ئازلا ۋاقىت قالغان شۇ كۈندىمۇ ئاپىسى يىنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا كۆز قۇلاق بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈگىنىشىگە ھەمكارلىشاتتى.بۇنداق قاتتىق رىجىم ئۇنى ئۈگىنىشتىن زىرىكتۈرۈپ ،ئۆزى بىلەن ئۆزى پاراڭلىشىدىغان قىلىپ قويدى.كىتاپقا قاراپ ئولتۇرغىنى بىلەن كاللىسى باشقا يەردە ئىدى.نىرىدا ئۆز-ئارا چاخچاق قىلىشقاچ ، بىرسى-بىرسىگە ھەمدەم بولۇپ ئۈگىنىۋاتقانلارغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ كىتەتتى. قارىغان بىلەنمۇ ئاپىسى ئۇنى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ يىنىغا بارغۇزمايتى. ئاپىسىنىڭ ھازىرقى ئىشى پەقەت ۋە پەقەت ئاينۇرغا كۆز قۇلاق بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىمتىھانىسىنى بەرگۈزۈش ئىدى.
ئۇلار ئويلىغان ئىش ئاخىر بولدى. ئالي مەكتەپ ئىنتىھانى باشلاندى .ئىمتاھانغا كىرىش ئالدىدىمۇ ئاپىسى ئۇنى ساۋاقداشلىرىنىڭ يىنىغا بارغۇزمىدى.ئىمتىھان ئۇچۇرلىردىن تامامەن بىخەۋەر ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپ كەتكەن ئىدى. ئاينۇر ھەر بىر ئىمتاھاندىن شۇنداق سۇلغۇن روھسىز ھالدا يىنىپ چىقۋاتاتتى. بۇنى كۆرگەن ئاپىسى ئۇنىڭدىن تىخىمۇ ئەنسىرەپ يىنىدىن نىرى كەتمەيتى.


ھەممىنى تەققەززار قىلغان نەتىجە چىقتى . ئاينۇر ئۆتەلمىدى . ئەكىسچە جەمىلە شەھەردىكى ئاشۇ چوڭ ئالي مەكتەپكە ئۆتتى.مانا شۇ ئارلىققىچە ئاينۇر بىلەن جەمىلە جەم بولۇپ بىرەر سائەتمۇ پاراڭلىشىپ باقمىغان ئىدى. بۇ پۇرسەت تىخىمۇ مۇمكىن بولمىدى.ئاينۇر ئۆتەلمىگەندىن كىيىن ئاپىسى تولا تاپا-تەنە قىلىپ ئۇنى سىرىتقىمۇ چىقارمىدى.مانا بۇنداق بۇرۇختۇرمىلىق بىلەن ئۆتۋاتقان كۈنىگە قاراپ ئاينۇرنىڭ قايتا ئوقۇشقىمۇ رايى بارماي شەھەرگە كىتىپ ، ئاپىسى بىلەن دۇككان ئىچىشنى لايىق تاپتى. ئاپىسى بەك قوشۇلۇپ كەتمىسىمۇ ، يەنىلا ئۇنىڭ قايتا ئۆتەلىشىگە ئىشەنچىسى قالمىغاچقا ئاينۇرنى ئىلىپ شەھەرگە يىنىپ كىلىپ ئەسلىدىكى دۇككىننى ئىچىۋاتقان ئىدى.
ئاينۇر بىلەن جەمىلە بىر شەھەردە بولسىمۇ ، كۆرىشىپ باقمىغان ئىدى. ئاپىسىدىن شۇنداق قورقىدىغان ئاينۇر ۋاقىتتىن -ۋاقىت چىقىرىپ دوستىنى يوقلاشنى ئويلىسىمۇ ، يەنىلا يوقلىيالمايتتى.بىر كۈنى جەمىلە ياتاقداشلىرى بىلەن كىيىم-كىچەك ئالغىلى بىرىپ ، دەل ئاينۇرلارنىڭ دۇككىنى ئالدىغا كىلىپ قالدى. جەمىلە ئاينۇرنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدى دە ئىسلىشىپ كۆرشىپ ، ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىغان ئىدى.
_سىنىمۇ كۆرگىلى بولدىكەن ھە !
_ بولىدۇ ئاداش . كۆزلىرىمدىن ئۇچۇپ كەتتىڭغۇ .سىنى بەك كۆرگۈم كەلدى ئاداش، قانداقراق ئوقىۋاتسەن.
_ ياخشى ئاداش. قايتا ئوقۇمىدىڭمۇ ؟ يەنە بىرقىتىم تىرىشىپ باققىن ئاداش.
_بولدىلا ،شۇ ئوقۇشنىمۇ قويغىنە. ئولتۇرۇپ ئاپامنىڭ ياخشى قىزى بولۇپ دۇككان ئاچاي ئاداش. پىشانەمگە ئالي مەكتەپتە ئوقۇش پۈۈلمىگەن ئوخشايدۇ.
_ ئۇنداق دىمىگىنە كۆڭلىمنى يىرىم قىلىپ.
_ توختا ئاداش، مەن دۇككاننى تاقاي، ئاپام بىر چايغا كەتتى. بۈگۈن ئاران بىر ئۇچىراشتۇق. ئۇزۇن بوپتۇ ھال-مۇڭ بولمىغىلى .سەن بىلەن بىر ئەسرالىشاي.
_ئاپاڭ رەنجىپ قالارمۇ؟
_ رەنجىمەس....
ئاران بىر كۆرۈشكەن سىرداش دوستلا بۆلەكچە خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدى. جەمىلەنىڭ دوستلىرى مەكتەپكە قايىتتى، جەمىلە بىلەن ئاينۇر بولسا ،خالىي جاي تىپىپ ، ھال مۇڭ بولۇشقا باشلىدى. جەمىلە شۇنى ھېس قىلدىكىن، ئاينۇرنىڭ بۇرۇنقى شوخلىقى ، تىتكلكى، ئەركىن پىكىرلىكى نەلەرگىدۇر يوقاپتۇ. ئۇنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇمنى،غەمكىنلىك، شوخلىقنى، جىمغۇرلىق بىسىپ چۈشكەن ئىدى.ئۇزۇن ۋاقىت ئەسرالىشالمىغان دوستلار پاراڭلىشىۋىرىپ . ۋاقىتنىڭ نەچچە بوپ كەتكىننىمۇ تامام ئۇنۇتتى. ئەمدىلىكتە ئاينۇرنىڭ تېلفۇنى سايراشقا باشلىدى.تېلفۇننى ئىلۋىدى ئاپىسىنىڭ ،ۋارقىرىغان، تىللىغان ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى .ئاينۇر بولسا چاندۇرماي، ماقۇل ، ھازىر بارىمەن دەپلا تىلفۇننى ئۈزىۋەتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ سىرداشلار قىيالمىغان ھالدا خوشلاشتى.
جەمىلەمۇ مەكتەپكە قايتىپ كەلدى. كەچلىك مۇزاكىرىگە كىرىپ تۇرشىغا تېلفۇنى سايراپ قالدى. تېلفۇن قىلغان ئاينۇر ئىدى. نىمە بولغاندۇ بۇ دەپ تىلفۇننى ئېلىپ ،<ئەسسالامۇئەلەيكۇم>نىمۇ تولۇق دىيىشكە ئۈلگۈرمەستىن تىللاۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلاشقا داخىل بولىۋاتاتتى. " ئىشىڭنى قىل، قېلىن، قىتمال ، قىزىمنى يامان يولغا باشلاپ، تىگى پەس، قەلەندەرنىڭ قىزى" .....
ئىش قىلىپ جىق تىللار بىلەن تىللىۋەتكەن ئىدى.داۋامىنى ئاڭلىغۇسى كەلمىگەن جەمىلە تىلفۇننى قويىۋەتتى -دە ،خورلۇقتىن يۈگۈرگەن پىتى ياتىقىغا قاراپ ماڭدى.
شۇنىڭدىن باشلاپ ئاينۇر بىلەن جەمىلە ئىزدىشىپمۇ باقمىدى. جەمىلە تېلېفۇندىن ئاينۇرنىڭ نۇمىرىنى يۇيىۋەتتى.
ئاينۇر خىيالىدىن ئويغاندى .ئۇ بۈگۈن ئۇنىڭغا ئەتە باراي دىگەن بىلەن تېخى رەسمىي بىرىش ،بارماسلىقنى ئويلاشمىدى. ئۇ ئايالغا پەقەت ئۆزىدىن چوڭ بولغانلىقى ئۇچۇنلا ئىززىت ئىھتىرامدىن چىقىپ كەتمەي دەپلا "ماقۇل"بولغان ئىدى.ئۇ ئۇيان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ ئاخىر بىرىش نىيتىگە كەلگەن ئىدى. ھەم ئۇ ئايالنىڭ يىغا ئارلاشقان ئاۋازىدىن ئەنسىرەپ قالغان ئىدى.
ئەتسى دەرىستىن چۈشۈپ نۈرگۈلگە تېلفۇن قىلدى. نۇرگۈل بولسا ئۆينىڭ ئادرىسىنى ئېيتىپ بەردى.ئاينۇر يەنىلا ئىككىلىنىش بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە ماڭماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆيىگە يىقىنلاشقانسىرى ئۇنىڭ پۇتلىرى تىترەۋاتاتتى.دەرۋەقە ئاينۇرنىڭ ئاپىسى ئۇنى ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇغان ئىكەن. ئادەتتە دۈشمەندەك قارايدىغان بۇ ئايال ،بۈگۈن بولسا شۇنداق قىزغىن، ئىللىق كۆرىنىۋاتاتتى ھەم جەمىلەنى قىزغىن كۈتىۋالدى.
ئۆيگە كىرىپ ھەيراق قالغىنى ، كرىسلودا ھاڭۋاقتىدەك ئولتۇرغان ئاينۇر بولدى .
_ ئاينۇرغا نىمە بولدى؟
--------------
نۇرىگۈل ئۈنسىز يىغلاۋاتاتتى....
_ ئاداش مەن كەلدىم . قانداق ئەھۋالىڭ؟
.........................
_ ماڭا قارا ... گەپ قىلە.
...................
ئاينۇردا قىلچە سىزىم يوق ئىدى بۇنى كۆرگەن جەمىلە چۆچۈپ كەتتى.
_ نىمە بولدى دەڭە تىزرەك .
_ يان ئۆيگە كىرەيلى...... مەن قىزىمنى چۈشەنمەپتىمەن. ئۇنى كۆڭلىمدە بەك چۈشىنىمەن ، ئەڭ يىقىن كۆرىمەن دەپ ئويلاپتىمەن. ئەمىليەتتە قىلچە چۈشەنمەپتىمەن. سىلەردىن ئايرىۋىتىپتىمەن. ھازىر جەمىيەت بەك قالايمىقان . ئۇنى كىشلەر توپىدىن ئايرىسام ئۇنىڭ ئۇچۇن ياخشى دەپ خام خىيال قىپتىمەن.،- نۈرگۈل دەبدەبىلىك گەپلەر بىلەن ئۆزىنى ئاقلاپ كۆز يىشىنى تۆكمەكتە ئىدى._راسىت گەپ قىلسام مەن ئۇنىڭ بىردىن بىر سىردىشى ئىدى. ھەتتا سىزنىمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىدىم . ئۇ يىقىندا بىر ئوغۇل بالا بىلەن تونىشىپتۇ. قارىسام ئائىلە ئىقدىزادى ئانچە ياخشى ئەمەسكەن. قىزىمنى ئالداپ كەتمىسۇن دەپ ئۇ بالىغان چىرايلىق گەپ قىلدىم . بىراق ئۇنىمىدى. ئايرىلمايمەن، ئاينۇر بىلەن توي قىلىمەن دەيدۇ. نەچچە نەسىھەت قىلسام ئاڭلىمىدى. نىمنى ئويلىدىمكىن بىلمەيمەن ئاينۇرنىڭ تاغىلىرىغا بۇ گەپنى دەپ ئۇ يىگىتنى سەگىتىپ قويدۇق . بىراق ئۇ يىگىت يەنە ۋاز كەچمەي قىزىمنىڭ كەينىدىن ماڭدى. ھەم بىللە بۇ يەردىن چىقىپ كىتىشنى دېيشىپتۇ. بۇنى بىلىپ شۇنداق ئاچچىقىم كىلىپ ئۇنى ئۆيگە سولاپ قويدۇم ھەم ئۇردۇم .....
ئۇ گىپىنى تاپالماي يىغلاپ كەتتى....
_ بۇ ئەخىمەق قىز نەدىن تاپتىكىن بىرمۇنچە دورا ئىچۋاپتۇ. مەنمۇ ئۇنى سولاپ قويغاندىكىن دەپ ھىچ ئىش بولمايدۇ دەپ خاتىرجەم يۈرۈپتىمەن. بىراق مەن ئۇنىڭ دورا يىگەندىن خىلى كىين ۋاقىت باقىدىم .دوختۇرخانىدا جىددى قۇتقازدى.جىننىىڭ ئامان قالغىنىمۇ چوڭ ئىش بولدى قىزىمنىڭ !!!
كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى. توۋا مۇشۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ ؟ بىر ئانا تۇرۇپ ئۆز قىزىنىمۇ شۇنداق ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلامدۇ ؟ ئىچىمدە ئاچچىق بىر نەپرەت بار ئىدى.ئۇ ئايالنى پەقەت ياقتۇرمىساممۇ ، يەنە ئۇنىڭغا تەسەللىي بىرىشكە مەجبۇر ئىدىم.
_ دورا ئۇنىڭ مىڭىسىگە بەك قاتتىق تەسـىر قىـپتۇ ھەم روھى جەھەتتىن كۆپ بىسىم بولغاچقا ، دوختۇرلار ئۇنى روھى كىسەل دەپ يەكۈن چىقاردى. قىزىمنىڭ ئاشــقازىنى ، جىگىرىگىمۇ خىلى تەسىـرى بولدى. بۇنىڭغا مەن ئەيىپلىك .
_ ئۇنداق دىمەڭ ....اللاھ خالىسا ،چوقۇم ياخشى بوپ كىتىدۇ.
_ دوختۇرنىڭ دىيىشچە ئۇنىڭغا ھازىر ياخشى ھەمراھ سىرداش لازىمكەن . ئۆتكەن كۈنلەرنى ، ئۆتكەن ئىشلارنى كۆپرەك دەپ بېرىشىمىز كىرەككەن. قىزىم سىز ئۇنىڭ ئەڭ يىقىن دوستى ئىشىنىمەن سىز قىلالايسىز .ھەقەچان بىلىسىز ، قىزىمنىڭ دادىسى بىلەن ئاجىرىشىپ كەتكەن. دادىسى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆيگە قايتىپ كىلدىغان بولدى . قىزىمىزنى چوڭ يەرلەرگە ئاپىرىپ داۋالىتىدىغان بولدۇق . ھىلىقى بالا بىلەن بولغان ئىشىنى توسمايمەن.ئەمدى قىزىمنى ئەركىن ياشاپ ، كۈلۈپ يۈرسىكەن دەيمەن.
ئاخىرقى گەپنى ئاڭلاپ تىخىمۇ خۇشال بولدۇم . ئۇنىڭ دادىسى قايتىپ كېلىدىغان بوپتۇ. ئاچىسى قايتىپ كېلىدىغان بوپتۇ . ئەمدى روھى بېسىمدىن قۇتۇلىدىغان بوپتۇ. ۋاھ نىمدىگەن ياخشى . ئىشىنىمەنكى دوستۇم ھەممىمىزنىڭ ئىللىق مېھرى بىلەن تىزلا ساقىيىپ كىتىدۇ
.

مەنبە:ئۆزۇم

2011.04.02
قەشقەر



تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-07, 19:51
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(everoll) نادىر ماقالە
  • مۇنبەرپۇلى:+10(everoll) نادىر ماقالە
  • سىنى سۆيىمەن سۆيۈملۈك دۇنيا!!!
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-07 19:40 |
    iwirgholl

    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 66
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 249
    شۆھرەت: 1445 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1460 سوم
    تۆھپە: 829 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 829 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 541(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئېسىل ھېكايىلىرىڭىزگە رەھمەت. ئەمما كىچىككىنە بىر يەرنى كۆرسىتىپ قويسام، كەينىدە ئىسىملار ئالمىشىپ كېتىپتۇ.
    تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن قانچىلىك ئاتا قىلغىنىڭنى ئويلا
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-07 20:08 |
    nusrat
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 46
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 119
    شۆھرەت: 595 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 595 سوم
    تۆھپە: 357 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 357 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نوقۇل باياننىلا ئاساس قىلىۋالماي، تەسۋىرلەرنىمۇ كۆپرەك ئىشلىتىڭ. بۇنداق بولغاندا كىشىنىڭ تېخىمۇ ئوقۇغۇسى كېلىدۇ.
    دوستلۇققا كۆز تەگمىسۇن، مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ياشايلى.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-07 20:22 |
    oguzhan
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 59
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 265
    شۆھرەت: 1360 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1360 سوم
    تۆھپە: 809 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 809 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 519(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى iwirghollدە2011-04-07 20:08يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    ئېسىل ھېكايىلىرىڭىزگە رەھمەت. ئەمما كىچىككىنە بىر يەرنى كۆرسىتىپ قويسام، كەينىدە ئىسىملار ئالمىشىپ كېتىپتۇ.


      سىزمۇ   ئەدىبىي   ئەسەر   ئوقۇيدىكەنسىز - ھە  !  
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-07 21:04 |
    iwirgholl

    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 66
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 249
    شۆھرەت: 1445 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1460 سوم
    تۆھپە: 829 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 829 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 541(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ نىمە دىگىنىڭىز ئوغۇزخان؟   ئەلۋەتتە ئوقۇيمەندە...مۇنبەردىكى ئەسەرلەرنى بىرنى قويماي ئوقۇيمەن، يېزىش قولۇمدىن كەلمىگەندىكىن، زىيادە سۆزلىمەي ھوزۇرلىنىمەن شۇ.
    تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن قانچىلىك ئاتا قىلغىنىڭنى ئويلا
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-07 21:18 |
    alqondi
    دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


    UID نۇمۇرى : 404
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 234
    شۆھرەت: 1316 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1316 سوم
    تۆھپە: 778 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 767 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 488(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشىمۇ سىز شاتئاي ، ياخشى ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي ، ئىلھامىڭىزغا مەدەت تىلەيمەن ! سەمىمى تەكلىپىم بار  ئەسەرنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم بىرقېتىم تەپسىلى ئوقۇپ چىقىپ ئاندىن يوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ، بۇنداق بولغاندا ئىملانىڭ توغرا ، ئەسەرنىڭ باش ئاخىرىنىڭ بىردەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن . بۇئەسەرمۇ بېشىدا ئۈچىنجى شەخىس تىلىدا يېزىلىپ كېلىپ ئاخىرى بىرىنجى شەخىس تىلغا ئالمىشىپ كېتىپتۇ .
    تېما ئىگىسىگە سۆز قالدۇرۇش :
    ياخشى تەكلىپىڭىزگە رەھمەت . تۆۋەنچىلىك بىلەن قوبۇل قىلمەن. كىيىنكى يازمىللىرىمدا تېخىمۇ دىققەت قىلمەن .
    www.alqondi.tk
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-07 21:45 |
    tarati
    http://risaletmerdan.blogbus.com/

    دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 81
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 468
    شۆھرەت: 2641 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2623 سوم
    تۆھپە: 1553 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1535 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1176(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى چىقىپتۇ، ئازراقلا ئۆزگەرتىپ بىرەر ژورنالغا بىرىپ بېقىڭ. شاتئاي: ئىسمىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم.
    تېما ئىگىسىگە سۆز قالدۇرۇش :
    رەھمەت سىزگە. مىنىڭغۇ شۇنداق قىلغۇم بار . لىكىن پەقەت ئۆزۈمگە ئىشەنچىم يوق دىسە  
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-07 22:17 |
    satar
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1328
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 25 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
    تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 15 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-08
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ ماقالىڭىزنى سەل كېڭەيتىپ يازسىڭىز  تېخىمۇ ياخشى چىقاركەن ،
    مەسىلەن ئاۋۇ قىزنىڭ سىرتتا بىر ئوغۇل بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ئىشلىرىنىمۇ تەسۋىرلەپ ،چۈنكى شۇنچە ياخشى قىز نىڭ بىر ئوغۇل بىلەن قاچماقچى بولىشى تازا ئەقىلگە سىغمايدىكەن ،
      شۇنىڭغا ياخشى بىر قىستۇرما بولغان بولسا ياخشى بولاركەن
    تېما ئىگىسىگە سۆز قالدۇرۇش :
    تەكلىپىزگە رەھمەت !!!!
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 14:06 |
    tarati
    http://risaletmerdan.blogbus.com/

    دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 81
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 468
    شۆھرەت: 2641 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2623 سوم
    تۆھپە: 1553 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1535 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1176(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ ماقالىما ساتار تورداش؟
    بۇنى مەن ئۆگەنگەن ئەدەبىياتتا ھېكايە دەيدۇ.
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 15:23 |
    hanjar
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1327
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6
    شۆھرەت: 40 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 40 سوم
    تۆھپە: 22 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 22 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 15:24 |
    taxkizi
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 850
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 34
    شۆھرەت: 170 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 170 سوم
    تۆھپە: 102 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 102 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئانىلار ئىبرەت ئالساق بولغىدەك،
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 18:04 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «12»Pages: 1/2     Go
    Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر