بۇ تېما 257 قېتىم كۆرۈلدى
almas
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 227
شۆھرەت: 1225 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1225 سوم
تۆھپە: 717 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 717 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 179(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 كارىدوردىكى كىم [ ھېكايە ]

         ئالى مەكتەپكە يېڭى چىققان ۋاقتىمىزدا بىزدىن بۇرۇن چىققان بىر يۇرتلۇق ئاكا - ھەدىلەرنىڭ شۇنداق دىگەنلىكى يادىمىزدا . كەچتە ئۇخلىغاندا كارىدوردا توختىماي ماڭغان ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىساڭلار كارىڭلار بولمىسۇن ،بېشىڭلارنى پۈركەپ ئۇخلىساڭلارلا بولىدۇ . بۇنىڭ نىمە ئىشلىكىنى سورىساق بۇ مەكتەپنىڭ ئورنىنىڭ بۇرۇن قەۋرىستانلىق ئىكەنلىكى سەل قالايمىقان ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنتى.تۆت قەۋەتلىك بۇ ئوقۇغوچىلار ياتىقىنىڭ ھەربىر قەۋىتىدە ئاز دىگەندىمۇ يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تۇرسا ،كەچتە كارىدوردا ماڭغانلار ئەلۋەتتە بولىدۇ -دە ، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ بۇ گەپلىرى تىزلا يادىمدىن چىقىپ كەتتى .

يېڭىياچىلىقتا ئالدىراش ئوقۇپ يۈرۈپ  بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇشنىڭ تۈگەپ تەتىلنىڭ كەپقالغانلىقىنى تۇيمايلا قاپتۇق . ھەممەيلەن ئۆيگە قايتىشقا ئالدىرايتتۇق . مەن ئالغان پويىزنىڭ بېلىتى ئەتە كەچنىڭ ئىكەن . ياتاقداشلىرىم ھەممىسى بۈگۈن ماڭماقچى بولۇشتى ، مەن ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويۇپ ياتاقتا يالغۇز قالدىم . ئۇدۇلدىكى ياتاقتا بىز بىلەن پاراللىل ئوقۇيدىغان ئالمىرەمۇ ئۆگۈنلۈككە  ماڭىدىغان بولۇپ يالغۇز قالدى . كەچتە يالغۇزلۇقتا زېرىكىپ بالدۇرلا يوتقانغا كىرىۋالدىم ۋە ناخشا ئاڭلىغاچ ئاستا - ئاستا ئۇيقىغا كەتتىم .

تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كەتتىم . كارىدوردا بىرسىنىڭ ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىۋاتاتتى . بىردەم مېنىڭ ياتىقىمنىڭ ئالدىدا ، بىردەم ئالمىرەنىڭ ياتىقىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر دەم تۇراتتى ۋە يەنە ئۇياق - بۇياققا مېڭىشنى باشلىۋىتەتتى . ئىچىمدە ' بۇ ئالمىرە ئۇخلىماي نىمە قىلىدىغاندۇ ئادەمنى قورقۇتۇپ كېچىدە كارىدوردا مېڭىپ ؛ دىگەنلەرنى ئويلىدىم ۋە يەنە ئۇيقۇغا كەتتىم .

ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرۇشىمغا ئالمىرە ياتاققا كىرىپ كەلدى ۋە ئالدىراش سورىدى،

- نىمە بولدى ئاينۇر سىزگە ، كېچىچە ئۇخلىماي مېڭىپلا يۈردىڭىزغۇ ؟

- مەن ئەمەس، مەن تېخى سىزدىن سوراي دەپ تۇراتتىم - دىدىم ھەيرانلىقىمنى باسالماي .

ئالمىرەنىڭ چىرايى تۇيۇقسىز تامدەك تاتىرىپ كەتتى ۋە گەپ - سۆز قىلماي ياتىقىغا چىقىپ كەتتى . يۈز لىرىمنى يۇيۇپ چېيىمنى ئىچىۋىلىپ ئالمىرەنىڭ ياتىقىغا كىرسەم ئابايام تېخى ساپساق تۇرغان ئالمىرە ئوت - كاۋاپ بولۇپ قىزىپ كېتىپتۇ . دەرھال دورا ئىچۈردۈم ، بىر ئازدىن كىيىن ئۇ يەنە ئۇيقىغا كەتتى . چۈشتىن كىيىن ئويغانغاندا قىزىتمىسى بىر ئاز يانغان بولسىمۇ يەنىلا ھالى ئنتايىن بوش ئىدى . ئۇنى بۇھالدا تاشلاپ كېتىشكە كۆزۈم قىيماي ئەتە مېڭىش قارارىغا كەلدىم . 

كەچ بولدى ، ئىككىمىز مېنىڭ ياتىقىمدا ياتماقچى بولدۇق . ئاخشامقى ئاياغ تىۋىشى ئىككىمىزنىلا ئەندىشىگە سالغان ئىدى ، قورقۇنچ ئىچىدە بىر - بىرىمىزگە چىڭ چاپلىشىپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىم يادىمدا يوق ، يەنە تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كەتتىم . يەنە شۇ قورقۇنۇچلۇق ئاياغ تىۋىشى ، ئالمىرە قولۇمنى چىڭ تۇتقىنىچە لاغىلداپ تىترەپ تۇراتتى . قورققىنىمدىن ھوشۇمدىن كېتەي دەۋاتقان بولساممۇ قەتئى نىيەتگە كېلىپ ئىشىكنىڭ يوچۇغىدىن قاراپ بېقىش ئۈچۈن ماڭدىم .

- نىمىنى كۆردىڭىز ؟ - جالاقلاپ تىترىگىنىچە پەس ئاۋازدا  سورىدى ئالمىرە .

- بىر قىزنى كۆردۈم ، بىراق ئۇنىڭ چىرايى....
 - نىمە بوپتۇ ؟ ئادەمنى قورقۇتماي تىز دەڭە ...- ئالمىرە يىغلاشقا باشلىغانىدى .

- ئۇنىڭ چىرايى نىمانداق سىزگە......گېپىمنىڭ ئاخىرى چىقمايلا قورقۇنۇچلۇق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى .
- ئوبدان قاراپ باق ، ماڭا ئوخشامدىكەن ؟

ئارقامغا ئۆرۈلۈپلا ئالمىرەنىڭ ئۇزۇن تىرناقلىرىنى چىقارغىنىچە ماڭا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم ، يەنە كارىدورغا قارىدىم ، ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى ....


مەنبە [ ئۆزقەلىمىم ]
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-08, 00:34
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-08 00:27 |
everoll
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 703
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 117
شۆھرەت: 859 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 904 سوم
تۆھپە: 467 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 473 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 451(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ۋاي ۋۇي... قىزقارلىق ھېكايە ئوخشايدۇ دېسەم...
ئەمدى كەچتە ئۇخلىيالمايدىغان بولدۇمدە...ياتاقتا بىر قىز بىلەن ئىككىمىزلا قالغانتۇق.ئۇ ئۇخلاپ قالدى.مەن ئەمدى..............
ياخشى يېزىپسىز.رەھمەت سىزگە~
music bagdax
http://everoll-iz.blogbus.com
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 00:52 |
oguzhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 305
شۆھرەت: 1560 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1560 سوم
تۆھپە: 929 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 929 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 574(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كېچىدە  ئادەمنى  قورقۇتۇپ   ،  كۈندۇزدە  يوللىسىڭىز  بولمامدۇ     .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 01:02 |
tarati
http://risaletmerdan.blogbus.com/

دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 81
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 571
شۆھرەت: 3166 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3158 سوم
تۆھپە: 1866 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1848 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1326(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھى ھى ھى ئايتەلكۈرسىنى ئوقۇڭ.....
قانداق ئۇيقۇم كىلەر كىچىدە ئوقۇۋاپتىمەن. خەپ مەن بۇنىڭدىنمۇ ۋەھشىيسىنى يوللىمايدىغان بولسام.
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 01:09 |
alqondi
دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 404
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 268
شۆھرەت: 1496 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1496 سوم
تۆھپە: 884 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 873 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 599(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھاھا  نەنچاڭدا  تەييارلىقتا ئوقۇۋاتقان چاغدا كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشۈپ ياتاققا قايىتقۇچە قىزلارغا مۇشۇنداق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەرسەم جېنى چىقىپ كېتەتتى  ...
www.alqondi.tk
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 10:58 |
satar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1328
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 33
شۆھرەت: 165 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 165 سوم
تۆھپە: 99 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 99 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مانى ئاخشام دوستۇم بىلەن ئاخشام ئوقىغان ، تۈگەيدىغان يېرىگە كەلگەندە بۆھ دەپ ۋارقىرىغان تاس قالدىم يۈرۈكۈم ئورنىدىن مىدىراپ كەتكىلى ،،،،
music bagdax
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 13:58 |
tatinqak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 389
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 43
شۆھرەت: 255 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 265 سوم
تۆھپە: 147 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 147 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 138(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسلى بىر قورقىنىشلىق ھېكايىكەندە .
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-10 18:49 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تورداشلار ئىجادىيتى