بۇ تېما 539 قېتىم كۆرۈلدى
gulsosar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 586
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 120 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 115 سوم
تۆھپە: 69 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 69 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 95(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تارىخنى  ئەمگەكچى  خةلق ياراتقان

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-04-09)
تارىخنى كەڭ ئەمگەكچى خەلق ياراتقان


            يېققىندا 6 توملۇق ،چوڭ ھەجىملىك تارخىي رومان ‹‹ باھادىرنامە ›› نەشىردىن چىقىپ كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۇشتى. ياش يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان بۇ ئەسىرى ئارقىلىق 14- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 16- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن ئۇيغۇرلار يۇرتىنىڭ قىممەتلىك تارىخىنى بۇ دەۋر كىشىلىرىگە يورۇتۇپ بەردى.
       ئۇ يەنە ‹‹ جاللات خېنىم›› رومانىنىمۇ يېزىپ چىققان بولۇپ، مۇخبىر ئۇنىڭدىن، ‹‹ جاللات خېنىم›› روماننىنى مۇۋەپپقىيەتلىك يېزىپ چىقىشىدىكى  سىرنى سورىغاندا ،ئۇ :"بۇ ئەسەرنى يېزىپ چىقىشتا ئۇيغۇرلار دۇنياسىدىكى مازارلارنى ،قەدىمىي قەۋرىلەرنى زىيارەت قىلدىم، شۇ توپا سورۇلىپ، قۇم بېسىپ تۇرغان قەۋرىلەر مېنى ماتىريال بىلەن تەمىنلىدى" دەپ جاۋاپ بەردى. مەن ياسىنجان سادىقنىڭ بۇ جاۋابىنى ئاڭلاپ ماۋزىدوڭنىڭ " تارىخنى ئەمگەكچى خەلق ياراتقان " دىگەن بىر جۇملە مەشھور سۆزىنى ئېسىمگە ئالدىم. ئاشۇ قەۋرىلەردە ياتقىنى تارىخنى ياراتقان ئەمگەكچىلەرنىڭ بىر قىسمى بولغان، ئەسىرلەردىن بۇيان خەققە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ياراتقان،جەمىيەت تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان قەھرىمانلىرىمىز، ھۈنەرۋەنلىرىمىز،مەرىپەتپەرۋەر ئۆلىمالىرىمىز، نامسىز باھادىرلىرىمىز ئەمەسمۇ؟ !   مەن ئۇلارنى نامسىز باھادىرلىرىمىز دەپ ئاتىدىم .چۈنكى ئۇلار ئۆز قولى بىلەن نۇرغۇن كۆركەم قۇرلۇشلارنى بىنا قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئۆزلىرى ئۈچۈن كۆركەم،ھەشەمەتلىك قەۋرە قاتۇرمىغان. نام –ئاتاق،مال- دۇنياغا بېرىلمىگەن . ئۇلار ئۈچۈن قەۋرە قاتۇرۇش بىز ئەۋلاتلارنىڭ مەجبورىيىتى ۋە بۇرچى دەپ قارايمەن. 

      قومۇل شەھىرىنىڭ  يېققىنقى يىللاردىن بۇيانقى شەھەرلىشىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولدى. شەھەر قۇرلۇشى  جەريانىدا پارتىيىنىڭ توغرا رەھبەرلىگىنىڭ تۇرتكىسىدە،جۈملىدىن ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى بىلەن  ئۇيغۇر مىمارچىلىغىنىڭ يوقۇرى دەرىجىدىكى ھۈنەر –سەنئىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، قويۇق مىللى ئۇسلۇپقا ئىگە قۇرلۇشلاردىن ھېيتىكاھ  جامەسى،ۋاڭلار قەۋرىستانلىغى، قەيىس غوجام مازىرى، تۇغلۇق مازار، يېڭى مەدرىس قاتارلىق قۇرلۇشلار ساقلاپ قېلىندى، شۇنداقلا رىمونت قىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن زامانىۋى قۇرلۇشلار ئىچىدە ئالاھىدە جۇلالىنىپ،شەھرىمىزنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشۇپ،شەھرىمىزنىڭ خاسلىغى ۋە جەلپكارلىغىنى يوقۇرى كۆتەرمەكتە.زامانىۋى مەدىنىيەت بىلەن ئەنئەنىۋى مەدىنىيەت گىرەلىشىپ،قومۇلنىڭ مول مەدىنىيەت بايلىغىنى نامايەن قىلىپ تۇرماقتا.بۇلار ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، ئۇلار قۇرۇلۇش ،بېزىلىش سەنئىتى،كاھىشچىلىق تېخنىكىسى،ۋە كۆركەم ،گۈزەللىگى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.ئۇلار تىلغا ئېلىنغان ھامان قومۇل خەلقى بۇ بىر قىسىم قۇرلۇشلارنى لايھەلىگەن،قول سېلىپ ئىشلىگەن شۇنداقلا قومۇلنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى،ھۈنەر-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئابدۇلباسىت ھاجى ، ئابدۇلخاپىز ھاجى ،ئابدۇلباقى سوپى ھاجى قاتارلىق بىر ئەۋلات تۆھپىكارلارنى مەمنونىيەت بىلەن تىلغا ئېلىپ تەرىپلىشىدۇ.تۆۋەندە ئۇلار لايھەلىگەن، بارماق ئىزلىرى چۈشكەن ۋە قومۇلنىڭ يېققىنقى زامان مىمارچىلىق سەنئىتىنىڭ جەۋھەرلىرى سۈپىتىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بىرقانچە قۇرلۇشنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاۋام خەلققە ئاسانلىق يارىتىش يولىدا ئىزدىنىپ ياراتقان يېڭىلىقلىرىدىن ئىككىنى تونۇشتۇرىمەن.


يېڭى مەدرىس


        شەھەر ئىچىدىكى مەدرىس( 1836- يىلى بىنا قىلىنغان) كونىراپ كەتكەنلىكتىن،1905- يىلى شامەخسوت ۋاڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن شەھەر ئىچىنىڭ غەربىي جەنۇپ تەرىپىدە چوڭ مەدرىس بىناسى سېلىنماقچى بولدى.مەدرىس بىناسىنىڭ لايھىسىنى ئابدۇلباسىت ھاجى، ئابدۇلخاپىز ھاجى ۋە سوپى ھاجى بىلىكتە تۇزەپ چىقتى.مەدرىس ئىچىدە چوڭ    دەرسخانا،مەسچىت،تالىپلار دەرس تەكرارلايدىغان 20دىن ئارتۇق ھوجرا سېلىش ۋە مەدرىس بىناسىنىڭ يېنىدا يەنە مۇدەررىس،شەرئى ئۇلمالار _جامائەت ئەرباپلىرى ھەم پاراج( ئاشپەز)،باغۋەن،خىزمەتچى خادىملار ئۈچۈنمۇ  يىتەرلىك ئۆي ئىمارەتلەر داشخانىلار سېلىش پىلانلاندى.
        مەدرىس قۇرلۇشىنىڭ ھەر- بىر ئىش تۈرى ئابدۇلباسىت ھاجى، ئابدۇلخاپىز ھاجى ۋە سوپى ھاجىلارنىڭ يىتەكچىلىگىدە كونكىرىت ئىش تەخسىم قىلىۋېلىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.
        قۇرلۇشنىڭ تامچىلىق –خۇمدان ياساش،خىش پىشۇرۇش،تام قوپۇرۇش،ئىشىك ،تۈڭنۈك،پەنجىرىلەرنى ئورنىتىش،سۇۋاقچىلىق ئىشلىرىغائابدۇلخاپىز ھاجى مەسئول بولۇپ ئىشلىدى.پەشتاق قۇرلۇشىنىمۇ ئابدۇلخاپىز ھاجى ئۆز شاگىرتلىرى بىلەن ئىشلەپ تاماملىدى.قۇرلۇشنىڭ ياغاچچىلىق ئىشلىرىنى سوپى ھاجى باشچىلىغىدا ئابدىمەت ئۇستام، كۆسەي ئۇستام قاتارلىقلار ئىشلىدى.سىرچىلىق ئىشلىرىنى ئابدۇلباسىت ھاجى شاگىرتلىرى بىلەن ئىشلىدى.قۇرلۇش تاماملانغاندىن كېيىن مەدرىسنىڭ ئەتىراپى قورشىلىپ ئۆرۈك ،ئالما ،شاپتۇل ،ئۈزۈم ،جۇجەم( ئۈجمە) قاتارلىق مىۋىلىك دەرەخلەر تىكىلىپ، بىر چوڭ باغ بىنا قىلىندى.باغ ئىچىگە قىزىل گۈل كۆچەتلىرىمۇ تىكىلدى. 



  ۋاڭ ئوردىسىدىكى ئىككى قەۋەتلىك مەسچىت


         شامەخسوت ۋاڭ ئۆز ئوردىسىنىڭ ئۈستىگە ئىككى قەۋەتلىك مەسچىت سالدۇرماقچى بولۇپ،قومۇلدىكى ئاتاغلىق تامچى ياغاچچى،نەققاش ۋە سىرچىلارنى تەكلىپ قىلىدۇ.مەسچىت قۇرلۇشىنىڭ لايھىسىنى ئابدۇلىاپىز ھاجى سىزىپ چىقىدۇ. مەسچىتنىڭ قۇرۇلۇشى توپا ۋە ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولۇپ،1-قەۋىتى كېسەك بىلەن قوپۇرۇلغان.تاملىرىغا تۈرلۈك گۈل نۇسىىلىرى ۋە نەقىشلەر چىقىرىلغان.نەقىشلىك گۈللۈك پەنجىرىلەر قويۇلغان.تورۇسىغا تۇلۇن ئاي شەكىللىك ،گۈللۈك تاخاپەنلەر ئورنىتىلغان.نەقىشلىك، قوش قوۋۇقنىڭ ئۈستىدىكى دەھلىزمۇ تۈرلۈك نەقىشلەر بىلەن زىننەتلەنگەن.مەسچىتنىڭ 2-قەۋىتى ياغاچ بىلەن مۇنار شەكىلدە ياسىلىپ ،تاملىرىغا گۈللۈك نەقىشلىك پەنجىرىلەر قويۇلغان.ئۆگزىسى رەڭدار گۈللۈك پارقىراق كاھىشلار بىلەن يېپىلىپ زىننەتلەنگەن.ئىگىزلىگى 10 مېتىر كېلىدىغان پەشتاق ياسىلىپ ،ئۇنىڭ تۆت تەرىپىگە گۈللۈك نەقىشلىك كىچىك پەنجىرىلەر قويۇلۇپ،ئۈستىگە نەقىشلىك سايىۋەن قويۇلغان.

       بۇ مەسچىت 1931- يىلى جىنشۇرېننىڭ قومۇلدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ باشلىقى جۇرۇيچىنىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ۋاڭ ئوردىسى بولاڭ –تالاڭ قىلىنىپ ئوردىغا ئوت قويىۋېتىلگەندە كۆيۈپ ۋەيران بولغان.


تۇغلۇق مازار گۈمبىزى


        تۇغلۇق مازار (ھەزرىتى سۇلتان سەئىدى ئەھمەت بەلخى ئاتا مازىرى) شەھەر ئىچىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بولۇپ ،1779-يىلى بىنا قىلىنغان گۈمبەز كونىراپ كەتكەنلىكتىن جامائەت ۋە شەيىىلەر يېشىل ساپال كاھىش بىلەن لىباس كەيگۈزۈلگەن يېڭى گۈمبەز قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىشقان.ئابدۇلخاپىز ھاجى ئۇيغۇر ۋە ئەرەپ مىمارچىلىغىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا يېڭىچە ئۇسلۇپ يارىتىپ گۈمبەز قۇرلۇشىنىڭ لايھىسىنى سىزىپ چىقققان.قۇرلۇش ئابدۇلخاپىز ھاجىنىڭ باشچىلىغىدا ئېلىپ بېرىلغان.قۇرلۇشنىڭ تامچىلىق ،ياغاچچىلىق ئىشلىرىنى ئابدۇلخاپىز ھاجى شاگىرتلىرى بىلەن ئىشلىگەن.گۈمبەزگە ئىشلىتىلەەن يېشىل رەڭلىك كاھىش ۋە گۈل شەكىللىك كاھىشلارنى شەھەر ئىچىلىك چۆگۈنچى موللام دىگەن ئادەم ئىككى ئوغلى بىلەن پىشۇرۇپ تەييارلىغان.گۈمبەزنىڭ ئاساسى تاملىرىنىڭ تۆت بۇرجىگىگە تۆت قۇببە ۋە گۈمبەز ئەگمىسىنىڭ ئۈستىەە بىر قۇببە قويۇلغان.تۆت تامنىڭ ئۈستۈنكى قىرغاقلىرىغا گۈل شەكىللىك يېشىل كاھىشلار قويۇلۇپ زىننەتلەنگەن.گۈمبەز ئەگمىسىنىڭ سىرتقى تەرىپى يېشىل كاھىشلار بىلەن يېپىلغان.بۇ قۇرلۇش تەخمىنەن 1917- يىلى باشلىنىپ ئىككى يىلدا تاماملانغان.



سۇمبۇلتۇق كۆۋرۈك


          شامەخسوت ۋاڭ زامانىسىدا ۋاڭ جەمەتلىرىنىڭ سەيلە قىلىشى ئۈچۈن ، شەھەر ئىچى سېپىلىنىڭ شەرقى شىمالى بۇرجىگىنىڭ شەرقى تەرەپ سىرتىدىكى يارداڭ ئۈستىگە باغ بىنا قىلىش پىلانلىنىدۇ.بۇ يەرگە شەھەرنىڭ شىمالى تەرىپىدىكى قاغۇم ئېرىقتىن سۇ باشلاپ كېلىشكە توغرا كېلىدۇ.شەھەر سېپىلىنىڭ شىمالىدا غەرپتىن شەرققەسوزۇلغان چوڭ يول بولۇپ، يولنىڭ شىمالى تەرىپى يولدىن 3مېتىرغا يېققىن،جەنوبى تەرىپى بولسا ئىككى مېتىردىن ئارتۇقراق ئىگىز يارداڭ ئىدى. يېڭى بىنا قىلىنغان يارباغقا سۇ ئۆتكۈزۈشتە يولغا توپا دۆۋىلەپ، ئىككى تەرەپنى  تۇتاشتۇرۇپ ئېرىق ياسىلىدۇ. لېكىن بۇ ئېرىق ئىگىز بولغىنى ئۈچۈن سۇ راۋان ئېقىپ ئۆتكەن بولسىمۇ لېكىن يولوچىلارغا بولۇپمۇ يۈكلۈك ھارۋىلارغا چوڭ ئاۋارىچىلىق پەيدا بولىدۇ.(يۈكلۈك ھارۋىلار ئات –ئۇلاق سەپلىمىسە ئۆتەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ).
         خەلقنىڭ قىيىنچىلىغىنى ئۆز قىيىنچىلىغىم دەپ بىلىدىغان ئابدۇلخاپىز ھاجى قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇپ ، يولۇچىلارنى ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.ئۇ بىر تال ئۇزۇن ياغاچنىڭ ئىچىنى چېپىپ، ئۈستى ئوچۇق قوش تىيارلاپ، ئۇنىڭ ئىككى ئۇچىنى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يارداڭ ئۈستىدىكى ئېرىققا تۇتاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ.سۇ قوش ئارقىلىق راۋان ئېقىپ، يولمۇ ئەسلىدىكى تۈز ھالىتىگە كەلگەن بولسىمۇ ،بىراق قوشتىن تېشىپ چۈشكەن سۇ يولۇچىلارنىڭ ئۈستى بېشىنى ھۆل قىلىپ، يولنى پاتقاق قىلىپلا قالماي، ئىگىزرەك يۈك باسقان ھارۋىلار قوشنىڭ ئاستىدىن ئۆتەلمەيدۇ.ئابدۇلخاپىز ھاجى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىپ ،ئاخىرى سۇيۇقلۇقلار يۈزىنىڭ تەكشىلىكنى ساقلاشتەك خۇسوسىيىتىگە ئاساسەن، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىىشنىڭ چارىسىنى تاپىدۇ.ئۇ ئۇزۇن ياغاچنىڭ ئىچىنى ئويدۇرۇپ ياغاچ نو ياساپ ،ئۇنى يولغا توغرىسىغا قېزىلغان ئېرىققا كۆمدۈرۈپ ،ئىككى ئۇچىغا يەنە ئككى تەرەپتىكى يارداڭلىقنىڭ ئىگىزلىكىگە تەڭ كېلىدىغان ئىككى تال ياغاچ نو ياساپ ئورۇنلاشتۇرۇپ،نولارنىڭ تۇتاشقان جايىنى ھىملىۋېتىدۇ.ھەم ئىككى بېشىغا توغرىلاپ، ئىككى تەرەپتىكى يارداڭ ئۈستىگە ئېرىق ئاچقۇزىدۇ.بۇنىڭ بىلەن شىمال تەرەپتىكى ئۈچ مېتىر ئىگىز يارداڭدىن نوغا ئېقىپ چۈشكەن سۇ ئۆز بېسىمى بىلەن نودىن ئېقىپ ئۆتۈپ،جەنۇپ تەرەپتىكى نودىن يوقۇرىغا ئۆرلەپ چىقىپ،يارداڭ ئۈستىدىكى ئېرىققاچۈشۈپ يارباغ تەرەپكە راۋان ئېقىپ كېتىدۇ.بۇ چارە يولۇچىلارغائاسانلىق تۇغدۇرۇپلا قالماي ،سۇنى يولدىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆتكۈزۈپ،بۇ دۆڭلۈكتە باغ بەرپا قىلىشقا قولايلىق يارىتىدۇ. كىشىلەر بۇ كۆۋرۈكنى ‹‹سۇمبۇلتۇق كۆۋرۈك›› دەپ ئاتىشىدۇ.بۇ كەشپىيات ئابدۇلخاپىز ھاجىنىڭ ئەقىل –پاراسىتىنى نامايەن قىلىپ،بۇ جايدا نەچچە ئون يىل ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.



تۆت قاناتلىق ئايلانما ئىشىك


       ئىلگىرى شەھەر ئىچىدىكى جۈمە مەسچىتنىڭ ئالدىدا بىر پارچە زىمىن بار بولۇپ كېيىن كىشىلەر بۇ جاينى مىيىت نامىزى چۈشۇرىدىغان مەيدان قىلىپ ئىشلەتكەن.مەيداننىڭ ئەتىراپى ئوچۇق بولغاچقا ھايۋانلار كىرىپ پاسكىنا قىلىۋېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىشىلەر مەيداننىڭ ئەتىراپىنى كېسەك بىلەن قوپۇرۇپ چاراداپ قويىدۇ.لېكىن ئەتىراپتىكى قولۇم- قوشنىلار بىر- بىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىدىغان يول توسۇلۇپ قالغاچقا،ئۇلار بىر- بىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىش ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

      ئابدۇلخاپىز ھاجى كىشىلەرنى بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆز قولى بىلەن تۆت قاناتلىق ئايلانما ئىشىك ياساپ بۇ يەرگە ئورنىتىدۇ.بۇ ئىشىك ئادەم ئىتتەرسە ئېچىلاتتى،ئادەم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئايلىنىپ كېلىپ يېپىلىپ قالاتتى.   



  قەيىس غوجام گۈمبىزى
  



            1945-يىلى قەيىس ئەنسارى خوقامنىڭ جەسىتى شىڭشىڭشادىن شەھەر ئىچىدىكى چارباغكەنتىەە يۆتكەپ كېلىپ قايتا دەپنە قىلىندى.قومۇلدىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسى ھەركەتكە كېلىپ ،قەيىس خوجامنىڭ گۈمبىزىنى تىكلەش ئۈچۈن مەبلەغ توپلىغان.قەيىس خوجام دەپنە قىلىنغان يەر ئەسلىدە ئىمىن ھاجىنىڭ يېرى بولۇپ، سوپى ھاجى ئۆزىنىڭ ئۈزۈملۈكتىكى يېرىنى ئىمىن ھاجىغا بېرىپ رازى قىلىپ، بۇ يەرنى قەيىس خوجامنى دەپنە قىلىشقا ئىشلەتكەن ئىكەن.سوپى ھاجى ئەقىل- پاراسىتى ۋە بىلىمىنى تەسەررۇپ قىلىپ ،گۈمبەز قۇرلۇشىنىڭ لايھىسىنى سىزىپ چىققان ھەم تۆھپىكارلىق روھى بىلەن ئۆزى بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلىەەن.گۈمبەزگە بەش قۇببە قويۇلۇپ، تاملىرىغا نەقىشلىك پەنجىرىلەر ئورنىتىلغان.گۈمبەزنىڭ سىرتىغا ياغاچ تۇۋرۈك،لىملار بىلەن لەمپە چىقىرىلغان.قۇرلۇش ئۈچ يىلدا تاماملانغان.ئازاتلىقتىن كېيىن بۇ قۇرلۇش ۋىلايەت دەرىجىلىك مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرى قاتارىدا قوغدىلىپ كەلمەكتە. 


  قومۇل ھېيتىكا جامەسىنىڭ 3- قېتىملىق رىمونت قۇرلۇشى


       1948- يىلى  ئالتۇنلۇقتىكى ھېيتىكا جامەسىنىڭ 3- قېتىملىق رىمونت قۇرلۇشى ئېلىپ بېرىلدى.بۇ قۇرلۇشقا سوپى ھاجى مەسئول بولۇپ ئىشلىدى.ئۇ ئالدى بىلەن ئەستايىدىل پىلان تۈزىدى.
       ئۇزۇنلىقى 35مېتىر،قېلىنلىقى 1.20 مېتىر كېلىدىغان پاسىل تام ئېلىۋېتىلىپ ، ئىككى مەسچىت بىرلەشتۈرۈلۈپ،ئۇزۇنلىقى 55 مېتىر،كەڭلىكى 35مېتىر كېلىدىغان چوڭ جامەگە ئايلاندۇرۇلدى.چىرىگەن بەزى نەقىشلىك چوڭ ياغاچ تۈۋرۈكلەرنىڭ ئورنىغا قۇرلۇشنىڭ ئەينەنلىگىنى ساقلاش ئاساسىدا يېڭى تۈۋرۈكلەر ئالماشتۇرۇلدى، بىرقانچە يېڭى تۈۋرۈكلەر سەپلەندى.جامەگە ئۈچ چوڭ ئىشىك ئورنىتىلدى.جامە تۈز تورۇسلۇق بولۇپ ،تورۇسىغا ھەر- بىرىنىڭ تەرەپ ئۇزۇنلىغى تۆت مېتىر،ئىگىزلىگى ئىككى مېتىر كېلىدىغان ياغاچ پەنجىرە ۋە چاسا خالىق ئۈچ چوڭ تۈڭنۈك قويۇلدى.تاملىرىدىكى نەقىشلەر سىزىلغان چاسا ۋە يۇمىلاق كانارلار ئىچىگە خەتتى جەللى سۇلۇس،خەتتى تەئىلىق،خەتتى كوفى ۋە خەتتى سۇلۇس نۇسخىسىدا  ئايەت ۋە نەسىھەتنامىلار يېزىلدى.


  (داۋامى بار )

بۇ ئەسەرنى باشقا تور بەتلەرگە خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ
تېما تەستىقلىغۇچى : alqondi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-09, 00:07
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-08 23:07 |
oguzhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 305
شۆھرەت: 1560 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1560 سوم
تۆھپە: 929 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 929 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 574(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

     ئەلقۇندى   ئوقىمايلا   تەستىقلاپسىز-دە  ،    ئىملا  خاتالىقى  بەك  كۆپكەن  .   باشقۇرغۇچىلار  تەھرىرلەپ  بولۇپ  تەستىقلاڭلار  تېمىلارنى  .  

مۇشۇ  ئازراق  يەرنىلا   ئوقۇپ  بېقىڭلار  (   خالئق ظإچ چوث تإثنإك قويذلدئ.تاملئرئدئكئ نةقئشلةر سئزئلغان  )   بىر  پۈتۈن  تېمىدا  ئىملا  خاتالىغى  بەك  ئېغىر  .
music bagdax
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-09 00:47 |
alqondi
دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 404
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 268
شۆھرەت: 1496 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1496 سوم
تۆھپە: 884 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 873 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 599(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 Re:تارىخنى  ئەمگەكچى  خةلق ياراتقان

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى oguzhanدە2011-04-09 00:47يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
     ئەلقۇندى   ئوقىمايلا   تەستىقلاپسىز-دە  ،    ئىملا  خاتالىقى  بەك  كۆپكەن  .   باشقۇرغۇچىلار  تەھرىرلەپ  بولۇپ  تەستىقلاڭلار  تېمىلارنى  .  

مۇشۇ  ئازراق  يەرنىلا   ئوقۇپ  بېقىڭلار  (   خالئق ظإچ چوث تإثنإك قويذلدئ.تاملئرئدئكئ نةقئشلةر سئزئلغان  )   بىر  پۈتۈن  تېمىدا  ئىملا  خاتالىغى  بەك  ئېغىر  .



كەچۈرۈڭ مېىڭكىدە نورمال كۆرىنىۋاتىدۇ خەتلەر ،  تېمىنىڭ خەت شەكلى مۇنبەرنىڭ خەت شەكلىگە توغرا تەڭشەلمىگەنكەن شۇڭا باشقىلارنىڭكىدە نورمال چىقمايۋاتقان ئوخشايدۇ . خەت نۇسخىسىنى ئوڭشاي دىسەم  ئۇيغۇر ئېدىتنى ئىشلىتىشنى بىلەلمدىم ، بىلىدىغانلار ئۆگۈتۈپ قويساڭلار بوپتىكەن . بۇندىن كېيىن تېما تەستىقلىغاندا ياردىمى بولاتتى ،  ھەم باشقا باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەھرىلەپ قويۇشىنى ئۆتىنىمەن . رەھمەت ! 
www.alqondi.tk
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-09 01:05 |
alqondi
دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 404
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 268
شۆھرەت: 1496 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1496 سوم
تۆھپە: 884 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 873 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 599(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياردىمىڭىزگە رەھمەت تاراتى ئاچا
hawar
www.alqondi.tk
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-09 02:46 |
tohotur

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 267
شۆھرەت: 1425 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1435 سوم
تۆھپە: 841 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 841 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 391(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھيتكانىغۇ بىر كاتتا ساپتىكەن ھيىت نامىزدىن باشقا ناماز ئوقۇش ئۇچۇن كىرسىڭىز قىرىق كەيگە بېلەت ئالسىز .شۇنۇڭدىمۇ ئوقۇتسا تېخى ،
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-09 03:44 |
apandim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 399
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 128
شۆھرەت: 655 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 655 سوم
تۆھپە: 391 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 391 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  ئەجرىڭىزگە بارىكاللا ،،،مۇشۇنداق  ماتىرىياللارنى توپلاپ كۆپلەپ يوللاپ تۇرۇڭ :  داۋامىنى كۈتىمىز !
music bagdax
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-09 19:40 |
تارخان
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 21 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 21 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  1045-يىلى قەيىس ئەنسارى خوقامنىڭ جەسىتى شىڭشىڭشادىن شەھەر ئىچىدىكى چارباغكەنتىەە يۆتكەپ كېلىپ قايتا دەپنە قىلىندى
  1045-يىلى قايسى يىل كالىندارى بويىچە ھېسابلانغان؟ئېنىقلا مىلادى ئەمەس،ئەگەر ھىجرىيە بولسا چارباغقا يۆتكەپ كېلىنگەن سەۋەبى ئەسلىدىكى مەقبەرىنى ھۆكۆمەت ئەسكەرلىرى گازارما سېلىشقا ياغاچ-خىش يەتمەي چۇۋىۋەتكەنلىك ئىدى.بۇنىڭدا يەنە ھىجرىيە كالىندارى بىلەن توغرا كەلمىدى.
يىل سانىغا ئوبدان قاراپ باقسىڭىز.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-10 15:21 |
iztirap1
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1161
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 33
شۆھرەت: 200 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 210 سوم
تۆھپە: 109 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 109 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

خېلى كۆپ ماتىريال توپلاپسىز،توختىماي ئىزدىنىڭ.
hawar
ئەھەت ئىسمايىل.
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-11 10:38 |
gulsosar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 586
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 120 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 115 سوم
تۆھپە: 69 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 69 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 95(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      قەيىس ئەنسارى خوجامنىڭ جەسىتى شىڭشىڭشادىن يۆتكەپ كېلىنگەن ۋاقتى ئېھتىياتسىزلىقىمدىن خاتا بېسىلىپ قاپتۇ ." 1945- يىلى " دەپ تۈزىتىپ ئوقۇشىڭىزلارنى ئۈمىت قىلىمەن. 
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-11 12:44 |
taxkizi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 850
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 39
شۆھرەت: 195 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 195 سوم
تۆھپە: 117 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 117 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  رەھمەت سىزگە،مەن ئارزۇ قىلغان ياخشى تېما يوللاپسىز.
  تورداشلارغا مەسلىھەت

باغداش تورىدىكى قېرىنداشلار،باغداش تۇرىنىڭ ئۇنۋېرساللىقىنى،مەزنۇنىنىڭ موللىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇنبىرىنىزگە تارىخى بىلىملەر،ئاتاقلىق كىشىلىرىمىزنىڭ تەرجىمھالى،تۇرمۇش بىلىملىرى، خىزمەتلىرىمىزدە يەكۈنلىگەن ئىلمي ماقالىلار...قاتارلىق باشقىلارغا نەپ بېرەلايدىغان مەزمۇنلارنى كۆپرەك يوللىساق بولمامدۇ؟مۇنبىرىمىزگە كىرگەن ھەر بىر كىشى مەلۇم جەھەتتە ئازراق بولسىمۇ بىلىمگە ئىگە بولالىسا ياخشى بولامدىكىن بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار يوقۇرقىدەك مەزمۇندىكى ماتىرياللارنى بىزنىڭ مۇنبىرىمىزدەتېپىپ كۆرەلىسا ياخشى بولاتتى . مۇنبەر مەزمۇنى بەكلا چېچىلاڭغۇ ،قىزىقتۇرۇشچانلىقى تۆۋەن،ئەھمىيەتسىز بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.بولسا مۇنبىرىمىزنى قايناقلاشتۇررساق دەيمەن.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-13 18:31 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تارىخ بەتلىرى