بەلكىم يېڭى توي قىلغانلارغا نىسبەتەن شېرىن ئاي ئۆتكۈزۈش ئىنتايىن تاتلىق ئەسلىمە بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ بىر جۈپلەر شېرىن ئاي سەپىرىدە ئالتە قېتىم چوڭ ئاپەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، ئۇلارنىڭ تەقدىرى بەكلا كاجمۇ قانداق؟
ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ6-ئاپرىل خەۋىرىگە قارىغاندا، شىۋىتسىيلىك بۇ بىر جۈپلەر ئالدىنقى يىلى يىل ئاخىرىدىن باشلاپ تۆت ئايلىق يەر شارىنى ئايلىنىش شېرىنئاي سەپىرىنى باشلىغان بولۇپ، پىلان بويىچە گىرمانىيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېللاندىيە ھەم ياپۇنىيە قاتالىق دۆلەتلەردە ساياھەتتە بولغان، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن بۇ دۆلەرتلەرگە كېلىشى ھامان ئەڭ ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەرگە ـــــ ياۋروپادىكى شىۋىرغان، كەلكۈن، يەر تەۋرەش، دېڭىز شاۋقۇنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە دۇچ كەلگەن.
شىۋىتسىيە پايتەختى ستوكخولم شەھىرىدىن بولغان سىتىفان، ئۇنىڭ ئايالى ئېركا ۋە ئۇلارنىڭ قىزى ئالدىنقى يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى تۆت ئايلىق شېرىنئاي سەپىرىنى باشلىغان بولۇپ، ئويلىمىغان يەردىن ئۇلارنىڭ سەپىرى قەدەمدە بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ قايغۇ ۋە خۇشاللىققا تولغان سەپەرگە ئايلىنىپ قالدى.
گىرمانىيە ـــ شىۋىرغان
ئىگىلىنىشچە سىتىفان ئائىلىسىنىڭ تۇنجى بېكىتى ياۋرۇپا دۆلىتى گىرمانىيە بولغان. ئەمما ئەمدىلا دۆلەت بوسۇغىسىدىن چىققان، يېڭىلا توي قىلغان بۇ بىر جۈپلەرنى كۈتىۋالغىنى ياۋرۇپا تارىخىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك شىۋىرغان بولغان. سەپىرى ئۈزۈلۈپ قالغاندا ئۇلار ئامالسىز مىيۇنخىندا ھاۋانىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپ قالغان. ئەمما بۇ پەقەت باشلىنىش ئىدى.
ئاۋسترالىيە ـــ ئوراگان(بوران-چاپقۇن)، كەلكۈن، ئورمان ئوت ئاپىتى
كېيىن ئۇلار ئاخىرى گېرمانىيدىن ئايرىلىپ 1-ئايدا جەنۇبىي يېرىم شاردىكى دۆلەت ئاۋسترالىيگە كەلگەن. زىژغىرىن ئىسسىق بۇ دۆلەتتە ئۇلار شىۋىرغاننىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ كايرنس شەھىرىگە كەلگەندە، ئاز ئۇچرايدىغان، غايەت زور بۇزغۇنچىلىق كۈچىگە ئىگە ئوراگانغا دۇچ كەلگەن.
سىتىفان ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇنداق دىدى:«بىز 2500 گە يېقىن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما بىلەن بىر مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە سىمۇنت پول ئۈستىدە 24 سائەتنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدۇق، كايرنستىن ئايرىلىشىمىز بىزنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلىشىمىز دىسەممۇ بولىدۇ، بىز قارا بوراننىڭ ئۇ يەرگە ھۇجۇم قىلغاندىكى ئېچىنىشلىق مەنزىرىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، ئەينى چاغدا نۇرغۇن چوڭ دەرەخلەر بوران تەرىپىدىن ئۆرىۋېتىلدى...»
ئۇلار كايرنستىن ئايرىلىپ ئاۋسترالىينىڭ يەنە بىر شەھىرى برىسبانغا بېرىش يولىدا بىر كۈن ياغقان قارا يامغۇرغا دۇچ كېلىپ،كەلكۈندە قاپسىلىپ قالغان؛ نىشانىنى ئۆزگەرتىپ پېرت شەھىرىگە بېرىش يولىدا تاغ ئورمانلىقىدىكى ئوت ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغىلى قىل قالغان، بەختكە يارىشا قۇتۇلۇپ چىققان.
يېڭى زىللاندىيە ـــ 6.3 بال يەر تەۋرەش
سىتىفان ئائىلىسى يېڭى زىللاندىيگە مېڭىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقاندا ئېركانىڭ ئانىسى ئۇلارغا تېلىفۇن بېرىپ، دىققەت قىلىشىنى ئېيتقان. ئاۋسترالىيدىن ئايرىلغاندا ئۇلار بالا-قازادىن قۇتۇلۇپ بولالمىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
ئۇلار2-ئاينىڭ ئاخرى يېڭى زىللاندىيگە كېلىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، يېڭى زىللاندىينىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى كرستچېرچتا 6.3بال يەر تەۋرەشكە يولۇققان. سىتىفان:«بىز ئەينى چاغدا شۇ شەھەردە ئىدۇق، پۈتۈن شەھەر جەڭ مەيدانىغا ئوخشاپ قالغانىدى، بىر قەدەممۇ ئىلگىرلىيەلمىدۇق، ئامالسىز سەپىرىمىز ئاخىرلاشتى.»
ياپۇنىيە ـــ 9.0بال يەر تەۋرەش، دېڭىز شاۋقۇنى
سىتىفان ئائىلىسى يېڭى زىللاندىيدىن ئايرىلىپ ياپۇنىيگە كەلگەندە، توكيو شەھىرىدە ساياھەت قىلىۋاتقاندا، ياپۇنىيگە يېقىن دېڭىزدا يۈز بەرگەن تارختىكى ئەڭ ئېغىر 9.0بال يەر تەۋرەشكە كەينىدىنلا كەلگەن دېڭىز شاۋقۇنىغا يولۇققان. سىتىفان:«يەر تەۋرەش ناھايىتى دەھشەتلىك بولدى، بىز ئۆگزىلەردىكى كاھىشلارنىڭ ئۇچۇپ چۈشكەنلىكىنى كۆردۇق، بىنالار ئالدى-كەينىگە تەۋرىنىپ تۇراتتى.»
سىتىفان ئائىلىسىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى جۇڭگو بولۇپ تېنچ-ئامان ئۆتكۈزىۋالغان.
3-ئاينىڭ 29-كۈنى سىتىفان ئائىلىسى ئاخىرى ستوكخولمغا تېنچ-ئامان قايتىپ بېرىۋالغان. بەختكە يارىشا شۇنچە ئاپەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ سىتىفان ئائىلىسىدىكىلەر تېنچ-ئامان قالغان. ئىلگىرى جەنۇبىي ئافرىقا دېڭىز شاۋقۇنىدىن ئامان قالغان سىتىفان مۇنداق دېدى:«مەن توي قىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن سىناقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىمىزنى بېلىمەن، ئەمما بۇقېتىملىق سەپىرىمىزدە كۆپۈنچە سىناقلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ بولدۇق دەپ ئويلايمەن.»
مەنبە: يەرشارى تورى
باغداش تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن ئىۋىرغول تەرجىمىسى، باشقا تورلارغا كۆچۈرمەڭ بېكىتىمىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى بىر قېتىم چىكىپ قويۇڭ !
[ بۇ يازمىنىiwirghollدە2011-04-11 09:19قايتا تەھرىر ]