بۇ تېما 608 قېتىم كۆرۈلدى
menggutash

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 349
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 425 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 399 سوم
تۆھپە: 221 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 221 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 249(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قەلەمنىڭ يىلتىزى ئانا تۇپراقتا (ئوسمان زاھىر )

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما everoll تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-04-11)
ئوسمان زاھىر
 

 
        ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ يىللاردﯨﻦﺑﯘﻳﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﻧﻮﻗﯘل ﮬﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪردﯨﻦ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲﺧﺎراﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ، ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺶ ﺧﺎﮬﯩﺸﻰ ﻛﯚرۈﻟﺪى. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰﮬﻪﺟﻤﻰ ﭼﻮڭ ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﻧﻰ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻟﯩﻨﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﻳﻪﻛﻜﻪ ﺳﯩﻴﯘژﯨﺘﻠﯩﻖﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﻧﻰﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ، ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻨﻰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن، ﮬﻪم ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﮬﻪم ﺋﻪدەﺑﯩﻲﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ئىگە ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﺋﯧﻐﯩﺶ يۈزلىنىشى ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەر ﮔﻪۋدﯨﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺪى. ﺑﯘﻣﯘﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ رﯦﺘﯩﻤﻰ ﺗﯧﺰ ﺗﯘرﻣﯘش ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﺪا ﺋﯚﺳﯜپ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮﺗﯜرﻛﯜم ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪر ﺗﺎللاش ﺋﯧﯖﻰ. « ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰدەش ﺑﻮﺳﯘﻏﯘﺳﯩﺪا  » ﻧﺎﻣﻠﯩﻖﺋﻪﺳﻪر ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺑﯘرۇﻟﯘش دەۋرﯨﺪە ﺗﯘرﯨﯟاﺗﻘﺎن ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ زور ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﺎزاۋەر ﺑﻮﻟﺪى. ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪى. ﻳﯩﺮاق ﺋﻮﻛﻴﺎن ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎن ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ روﮬﯩﻴﻪت ﺋﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪرﻗﻠﻪر ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﻧﯘرﻏﯘن ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﻪر ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﻧﮕﻪن ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎپ ﻧﯘرﻏﯘن ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺐ ﺗﺎرﯨﻨﻰ ﭼﻪﻛﺘﻰ.
         ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﻪﺧﺘﻪم ﺋﯚﻣﻪرﻧﯩﯔ  « ﻳﯩﺮاق ﻗﯩﺮلاردﯨﻦ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﻪرﮔﻪﺳﺎلام» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪا زور ﻏﯘﻟﻐﯘلا ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﺎرﻟﯩﻖﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﺶ ۋاﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪا ﻛﻪڭ ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎن ﺋﯩﺪى. ﺑﯘ ﺋﯚزﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘش دوﻟﻘﯘﻧﻰ ﻗﻮزﻏﺎپ، ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ رﯨﺌﺎل ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭗ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺸﻨﻰﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜردى. 
         «خوتەندىن خەت» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ داغدۇغىسى، ئىجتىمائىي تەسىرى ھەرقانداق بىر ئېسىل روماندىن قېلىشمىدى.«بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار»، «قۇتۇلۇش يولى» ناملىق ئەدبىي ئاخباراتلار مۇشۇ زىمىندا نەپەسلەنگەن، مۇشۇ زىمىندا ئايىغى چىققان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويالىغانلىقى ئۈچۈنلا بازارلىق ئەسەرلەردىن بولالىدى. ﮬﺎزﯨﺮ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎت ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘﻣﯘﺷﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﻧﻰﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ. ﭘﻮﺋﯩﺰﯨﻴﻪ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى ﺳﻮﻏﯘق ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﮕﻪ دۇچ ﻛﻪﻟﺪى. ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺷﺎراﺋﯩﺘلاردا  ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻧﺎدﯨﺮ ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﻧﻰ ﻳﻪر ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﻛﯚﻣﯜپ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎن. ﮬﯧﻠﯩﮭﻪم ﺋﯚﺗﻜﯜر ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ « ﺋﯩﺰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻧﺎدﯨﺮ ﺷﯧﺌﯩﺮى ﺋﯚﻳﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﯚرﯨﺪە راﻣﻜﯩﻐﺎﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. روزى ﺳﺎﻳﯩﺘﺘﻪك ﺧﻪﻟﻖ ﺳﯚﻳﮕﻪن ﺷﺎﺋﯩﺮلار ﺋﺎﻟﺘﯘن ﺋﯜزۈك ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎرﺗﯘﻗلاﻧﻐﺎن . ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷلاردﯨﻦ ﺋﺎدﯨﻞ ﺗﯘﻧﯩﻴﺎز، ﻏﻮﺟﯩﻤﯘﮬﻪﻣﻤﻪت ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪت ، ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻳﺎﺷﻠﯩﻘلاردﯨﻦﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺠﺎن راﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻣﯘﻗﯩﻢﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﯩﺮى ﺑﺎر.
            تارىختىن بۇيان تالاي ئەسەرلەر يېزىلدى. ئىنسان ھاياتلا بولىدىكەن پىكىر يۈرگۇزۇشتىن توختىمايدۇ. يازغۇچى مەلۇم دەۋرگە تەۋە ئىنسان بولۇش سۇپىتى بىلەن ئۆزى ياشاۋاتقان زامان، ماكاننىڭ تاشقى ھەم ئىچكى پوستىدىكى تۇرلۇك ماددىي، مەنىۋىي مەۋجۇدلۇقلارنى يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەپ كېيىنكىلەرگە ئۇچۇر بېرىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا يېزىقچىلىق قوش قاتلاملىق ۋەزىپىنى يەنى، تارىخىي ئۇچۇر ۋە مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مەنىۋىي ئۇچۇرلارنى يەتكۇزۇشنى ئۇستىگە ئالغان بولىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېقىنقى يىللار مابەينىدە زور بىر تۇركۇم يىرىك ئەسەرلەر، جۇملىدىن رومانلار بارلىققا كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كوتۇرۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ يەنە بىر قىسىم ئېسىل رومانلار ھازىرغا قەدەر قولدىن -قولغا ئوتۇپ، بەزىلىرى قايتا نەشىر قىلىنىش شەرىپىگە ئېرىشتى. بولۇپمۇ "ئىز"،"ئويغانغان زىمىن"، "ئانا يۇرت"، "قۇم باسقان شەھەر" لەر خەلقىمىزنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. دېمەك، ئەسەر ياخشى بولسا ئوقۇرمەندىن ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوق. يۇقىرىقى ئەسەرلەرنى خەلقىمىزنىڭ ئالقىشىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەپ قايسى؟ مېنىڭچە، بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى روھىيەت تىندۇرمىلىرى، يىغا- كۇلكىلىرى، تارىخىي بۇرۇلۇش پەيتلىرىدىكى مۇرەككەپ روھىي ھالەتلىرىنى ياخشى ئىپادىلەپ بەرگەن. قەلەمگە ئەمەس قەلبكە مۇراجىئەت قىلىپ يېزىلغان. قايسىدۇر بىر ئەدىب "يېزىقچىلىق ۋىجدان ئىشى." دېگەن. ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ "ئەدەبىيات مىللەتنى گۇللەندۇرمەيدۇ، ساقلايدۇ، نېمىنى ؟ ھەقىقىي ئىنساننى." دەپ تولىمۇ ئوبرازلىق جاۋاپ بەرگەن.
        يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەدەبىيات كوچىسىغا كىرگەن ھەۋەسكارلار ئارىسىدا نام- مەنپەئەت شەيتىنىنىڭ ۋەسۋەسىسىدە بالدۇرراق تونۇلۇش ئۇچۇن زەربىدارلىق بىلەن ئەسەر يازىدىغان قۇيۇن كوتۇرۇلدى. بۇلارنىڭ بىر قىسمى ھەقىقەتەنمۇ ئانا تۇپراقنى يىلتىز قىلغان، ئەنئەنىدىن كۆكلەپ چىققان ئەسەرلەر بولسىمۇ، بىر قىسمى ئۇ يەر بۇ  يەردىن كۆچۈرۈلگەن ساختا مەھسۇلاتلار بولۇپ چىقتى. چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ بىر ئەسەر ھەتتا بىر ھېكايە ئۇچۇن نەچچە ئايلاپ، يىللاپ ئويلىنىشى، ماتېرىيال كۆرۇشى نېمە ۋەجىدىن؟ ئاخىرقى ھېسابتا ۋىجداننىڭ سورىقىغا قېلىشتىن قورققانلىقتىن بولغان. ئەسەر يېزىلىپ جامائەتچىلىك بىلەن يۇز كۆرۈشكەن ئىكەن. ئۇ تۇغۇلۇپ بولغان پەرزەنتكە ئوخشاش بولىدۇ. ئۇنى خەلقنىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋالالمايسىز. ئوتكۇر ئەپەندى  "ئىز"،"ئويغانغان زىمىن" نى يېزىش ئۇچۇن، 5 شەھەر ، 12 تاغدا دەسسىمىگەن جايى قالمىغان ئىدى. شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئۇچۇن 10 يىلدەك ماتېرىيال توپلىغان ئىدى. ئەسەر يېزىلىپ پۈتكەندىن كېيىن ئۇ ئۆكۈنمىدى. كوچا- كوچىلاردا بوۋاي، مومايلارنىڭ توپلىشىپ بۇ ئەسەرنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى كورگىلى بولىدىغان ھالەت شەكىللەندى.
          ھازىر قىسمەن ھەۋەسكارلاردا ھەتتا بەزى ئەدەبىي سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىسىنى بىلمەي، دەبدەبىلىك قىلىش ئۇچۇن قوللىنىدىغان ناچار خاھىش بار. ھېچقانداق ئىشنى ئەپلەشتۇرەلمىگەن ئادەملەرمۇ ئەدەبىيات كوچىسىدا تەمتىرەپ يۇرىۋاتىدۇ. بىرەيلەننىڭ دېيىشىچە، ئۇ 6 روماننى يېزىپ بوپتۇ. يەنە بىرەيلەننىڭ دېيشىچە ،  كۈنىگە مانچە پارچە شېئىر يازالايدىكەن. مىكىيان چېغىدا كۇنىگە بىرلا تۇخۇم تۇغىدۇ. كۆپ تۇغسا تېنىنىڭ يار بەرمەيدىغانلىقىنى، تەبئىي قانۇنىيەتكە خىلاپ بولىدىغانلىقىنى، تۇغقان تەقدىردىمۇ قۇۋۋىتىنىڭ كەم بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. يەنە بەزىلەر شاگىرت بولۇش ئۇچۇن بەزى يازغۇچىلارنى ئەگىپ يۈرىدۇ. يېزىقچىلىق بىلەن ياغاچچىلىق پەرقلىنىدۇ. ئورۇندۇق ياساشنى ئۈچ كۇندە ئۇگىنىش مۇمكىن. شېئىر يېزىشنى بىر ئومۇر ئۇگىنەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. سىز قەلەم تۇتۇشنى، يازغۇچىنىڭ يېزىقچىلىق ئادىتىنى ئۇگىنىۋالالىغىنىڭىز بىلەن ئۇنىڭ قەلبىنى مەڭگۇ ئۇگىنەلمەيسىز. قەلب ئىجارىگە بەرگىلى بولمايدىغان بىردىنبىر قىممەتلىك مۈلۈككە ئايلانغان بۇگۇنكى كۈندە ئۆز قەلبىگە چۆكەلىگەن، تىل ماھارىتى بىلەن قەلبىنىڭ پىچىرلىشىنى ئىپادە قىلالىغان ئادەم يېزىقچىلىق كوچىسىدا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ.
   2005- يىلى ، ئىستىداتلىق يازغۇچى مۇھەممەت باغراش پىچاندا ئېچىلغان «خانتەڭرى ئەدەبىياتى» مۇھاكىمە يىغىنى مەزگىلىدە تۇيۇق يېزىسىدىكى ساياھەت پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ پىشقەدەملەردىن تارىخ ئۈگەندى. دېھقان ئارىسىدا يۈرۈپ دېتال توپلىدى. دېھقان تىلىدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان ھېكمەت- دۇردانىلەر ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدا تېخىمۇ جۇلالىنىپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە ھۆسىن بەخش ئەتتى.
        ئەدەبىي ئەسەرىنىڭ ھاياتىي كۈچىمۇ دەل يازغۇچىنىڭ ئەسىرى ئۇچۇن قانچىلىك مەسئۇلىيەت بىلەن قەلەم تەۋرەتكەنلىكىدە، ئادىمىيلىكنىڭ قانچىلىك سالماقنى ئىگىلىگەنلىكىدە، مىللىي ئۆزلۇك ئېڭىنى ، زامانىۋىيلىق يالتىراقلىرى ئىچىدىكى ئەنئەنىنىڭ جۇلاسىنى قانچىلىك دەرىجىدە چاقنىتالىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.
يېقىنقى يىللاردا  ئەدەبىيات قەغەز يۈزىدىن ئېنتىرنېتقا يۈزلەندى. چەكلىمىلىك بۇزۇپ تاشلىنىپ، مىسلىسىز كەڭ بىر دۇنيا قەلەمكەشلىرىمىزگە قۇچاق ئاچتى. ئۆزۈممۇ ھەم ﺗﻮﺭ ﻳﯧﺸﯩﻤﻨﻰﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺴﺎﻡ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﻐﺎﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ئەدەبىيات تور بەتلىرىدە ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﻣﯘﺷﻪﺭﺭﻩﭖﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﺗﺎﻻﻱ ﺧﻠﻪﺕﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﭼﺮﺍﺗﺘﯩﻢ. ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﺘﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ، ﺩﻩﻗﯩﻘﯩﻠﯩﻖ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭼﯜﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ، ﺳﻤﺎﻧﺪﺍﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻏﯩﭽﻪ  ﻗﺎﻳﻨﺎﺷﻼﺭ، ﺑﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﭘﻪﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯧﺮﻩ ﺗﺎﺭﺍﻗﺸﯩﺘﯩﺸﻼﺭ ، ﺩﯦﻨﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻣﯩﻨﻰﻛﯚﭖﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯧﺰﯨﻘﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﯩﯔﺑﯧﻐﯩﺸﯩﺪﯨﻦﻗﺎﻳﻨﺎﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﻪﻟﻘﯩﻨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. بىراۋدىن ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮﮔﻪﭘﻨﻰ ﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ: ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪﻳﻠﻪﻥ ﻟﺘﯘﺭﯗﭖﺳﻮﺭﯗﻥ ﯞﺟﯩﮕﻪﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻥ ﺗﻜﯜﺭ ﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ «ﺋﯩﺰ» ﻧﺎﻣﯩﻠﯩﻖ ﻳﯩﮕﺎﻧﻪ ﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﯦﻜﻠﯩﻤﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰﺑﻮﭘﺘﯘ. ﺭﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻥ:«ﺑﯩﺰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﺘﯘﻕ. ﺑﯘﺑﻪﺩﺑﯘﻱ ﻏﺰﯨﻤﯩﺰﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻜﯜﺭ ﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺩﺍﻍ ﺗﻪﻛﻜﯜﺯﻣﻪﻳﻠﻰ»ﺩﻩﭘﺘﯘ. ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺭﺍﺳﺖ. ﻣﻤﺎ ﻣﻪﻥ ﯕﻼﭖ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺳﯚﻳﯜﻧﺪﯛﻡ. ﺯﻧﻰ ﻫﻪﻡ ﺯﮔﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺵ ﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ.  ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻫﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭ- ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﻯﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﯩﺸﻖ، ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﻫﺎﻟﻘﯩﻤﯩﺪﻯ.. 
         ﺗﻮﻡ- ﺗﻮﻡ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﺪﺍ ﻫﻪﻕ ﺳﯚﻳﮕﯜﺳﻰ ﻳﯧﻠﯩﻨﺠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﻡ ﺗﯘﻧﺪﯨﻨﻤﯘ ﻗﻪﺩﯨﺮﺳﯩﺰ ﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻛﺎﻟﻼﻣﻐﺎ ﺗﻜﯜﺭ ﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ «ﺋﯧﺸﻪﻙ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻫﻪﺟﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺳﯩﻤﯘ ﺋﯧﺸﻪﻙﭘﯧﺘﻰﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.»ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﯩﻜﺮﻯ ﻛﯧﭙﻘﺎﻟﺪﻯ. ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﻭﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﻟﺪﯨﺪﺍ «ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺑﯩﺮﻣﯩﻨﯩﺒﯘﺳﻘﯩﻤﯘ ﺗﻮﺷﻤﺎﻳﺪﯗ»ﺩﯦﮕﻪﻥﺋﯩﺪﻯ. ﻫﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﻫﻪﻡ ﺷﯘ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻤﻪﻥ. ﻣﯧﻨﯩﯔ «ﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﺨﭽﺎﻣﻼﺵﺯﯙﺭﯛﺭ  ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ» ﺩﻩﭖ ﭼﺎﻟﻤﺎ - ﻛﯧﺴﻪﻛﻜﻪ ﻗﺎﻟﻐﯘﻡ ﻳﻮﻕ. ﻣﻤﺎ «ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺨﭽﺎملاش ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖﻗﺎﻟﺪﻯ.» ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ. ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺯ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﺴﯘﻥ. ﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﯩﻠﯩﻢ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻣﻪﺱ. ﭘﻪﺭﻩﯕﻠﻪﺭ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﻮﻡﺑﻮﻣﺒﯩﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺗﺎﺭ ﻗﯩﺴﻠﭽﺎﻗﻘﺎﻗﯩﺴﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦﭼﯩﻘﺴﯘﻥ. ﺳﺎﺯﻟﯩﻖ ﭘﺎﻗﯩﺴﯩﺪﻩﻙ ﻛﺎﻛﯩﺮﺍﺵ ﻣﺪﻯ ﻗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. «ﺳﯚﺯﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯩﻨﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﯜﭼﻰ» ﻣﻪﺱ «ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ، ﺋﯩﺒﺮﻩﺕ ﻟﻐﯘﭼﻰ» ﻗﻪﯞﻣﻠﯩﻚﺳﯜﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﺎﻥ ﻣﻪﺱ.
  ﺑﻪﺭﻫﻪﻕ، ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﻻ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖﻗﻪﻟﻪﻡ ، ﺋﯧﻐﯩﺰﻻﺭ ﭘﺮﯨﺪﻯ. ﺳﯩﻴﺎﻫ ﻗﯘﺭﯨﺪﻯ. ﻗﯘﻻﻗﻼﺭ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ، ﺩﯨﻠﻼﺭ  ﻗﻪﺳﺎﯞﻩﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﻳﯜﺯ ﺗﯘﺗﺘﻰ. يازغۇچى ﭘﻪرىشتە ﻣﻪﺱ. ﺷﯘ ﯞﻩﺟﻰ ﻣﯘﺧﺎﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺯﻯ ﺗﻪﯞﻩﺋﯩﺘﻨﯩﻚ ﺗﻮﭘﻨﯩﯔ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﺯﯨﻨﯩﯔﺭﻭﻫ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻨﻰﻗﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻼﻗﻨﯩﯔ ﻛﯘﺭﺳﻰ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺑﯘﻧﯩﯔﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰﺷﻪﺭﺗﻰ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻪﺕ،  ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﻗﯩﺪﻩ . ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖﻗﺎﻟﭙﺎﻗﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﯟﯦﯧﻠﯩﭗ ﭘﺎﻫﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﺪﺍﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﻤﯘ، ﻛﻪﻳﭗ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍﺋﯩﺸﺘﻪﻱ ﻗﻮﺷﯩﻘﻰ ﺗﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﻤﯘ  ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﺎﻕ ﺯﺍﯞﯗﺗﯩﻨﻰﺋﯩﺸﻘﺎﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ.  ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﺑﯘﻻﻕﺳﯜﻳﻰ ﺯﯨﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﯨﺪﯨﻦﺳﯩﺮﻏﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ «ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﻚ» ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔﻗﻪﻟﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﻏﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﻤﯘ ﻛﯚﭖﻫﺎﻟﻼﺭﺩﺍ  ﺯﯨﺪﯨﻦ ﺯﯗﻥ ﻣﯜﺭ ﺳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﻰ ﺗﯜﮔﻪﭖ ﻗﺎﻟﺴﯩﻤﯘ ﺷﺎﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﯚﺕ ﻗﯩﺮﻟﯩﻖﻗﻮﺷﺎﻗﺘﯩﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯘﺑﻠﯧﺘﻨﻰ ﺗﻮﻗﯘﭖﺗﻪﻫﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﻳﯜﮔﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﺳﯩﺰ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺳﺎﻫﯩﺒﻰﺋﯩﻜﻪﻧﺴﯩﺰ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺗﻮﻣﯘﺭﯨﺪﺍﺋﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﻫﺎﺭﺍﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻟﭽﻪﭖﺗﯘﺭﯗﯓ. «ﺳﯩﺰ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﻧﻮﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘﺋﯩﮕﯩﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﺗﺎﻏﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﯕﻠﯩﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺴﯩﺰ. ﺑﻪﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﯩﻜﺘﻪ ﺯﯨﻤﯩﻨﻨﻰ ﺗﯧﺸﯩﯟﯦﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺴﯩﺰ.» ﺧﻪﻟﻘﺘﯩﻦ ﻳﺮﯨﻠﯩﭗﻗﯧﻠﯩﺶ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﯜﺳﯩﺰ ﭘﺎﺟﯩ. ﺑﯩﺮ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻳﺎﻛﻰ  ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺭﯗﻧﺪﺍ ﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺯﺍﺩﻩ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻳﯘﻣﻨﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻧﺎﻣﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺭﺗﺎﻕﭘﺎﺟﯩﺳﻰ. ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔﻧﯧﮕﯩﺰﻯ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﺎ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﯩﺰ ۋە بىز ﺧﻪﻟﻘﻧﯩﯔ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﻛﯚﯕﯜﻝﺗﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﺩﺍﺳﯩﻨﻰ، ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺳﺘﯩﺪﻩﺩﻩﺳﺴﻪﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ، ﻛﯜﻟﻜﯩﺴﻰ ﻫﻪﻡ ﻳﯩﻐﯩﺴﯩﻨﯩﯔﻣﯧﻐﯩﺰﻯ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ.
          ئەسەرلەر ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. «ﺧﻪﻟﻖ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﭘﻪﺗﯩﯟﺍﻏﺎﻛﯚﻧﮕﻪﻧﻤﯩﺰ. ئەرەپ ﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻟﺪﯨﻐﺎ ﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﯩﻐﻰ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﭘﻪﺗﯩﯟﺍ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺩﻩﻡ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻳﻪﻧﻰ«ﻗﺎﻧﺠﯘﻕ ﺋﯧﻤﯩﭗ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﭘﺎﺧﻼﻥ ﻫﺎﻻﻝ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻫﺎﺭﺍﻣﻤﯘ؟» ﺑﯘ ﻟﯩﻢ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﭘﻪﺗﯩﯟﺍ ﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥﺋﯩﻜﻪﻥ: «ﻗﻮﻱ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖﻣﻪﺭﯨﺴﻪ ﻫﺎﻻﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻗﺎﯞﯨﺴﺎ ﻫﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.»
         ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻳﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ «ﻗﺎﯞﺍﻣﺪﯗ» ﻳﺎﻛﻰ «ﻣﻪﺭﻩﻣﺪﯗ» ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻛﯜﺗﯜﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻣﯩﺰ. ﻧﯟﯦﺮﺳﺘﯩﺖ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﺪﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎﻧﺌﯩﺪﻯ. ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﯟﯦﺘﯩﭗ «ﻣﻪﻥﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﺎﺯﻣﯩﺴﺎﻡ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﮕﻪ ﻳﯜﺯ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻳﻤﻪﻥ.» ﺩﯦﮕﻪﻧﺘﯩﻢ. «-ﺳﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﺎﺯﻣﯩﺴﺎﯓ ﻧﺪﯨﻦ ﺧﻪﻟﻘﯩﯖﮕﻪ ﻳﯜﺯ ﻛﯧﻠﻪﻟﻪﻳﺴﻪﻥ.»ﺩﯦﮕﻪﻥ. ﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﻧﺘﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻫﻪﻡﻳﯧﺰﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ، ﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺩﻩﯕﺴﻪﭖ ﻛﯚﺭﯛﭖ  ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ   ﻣﻪﺱﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ   ﻟﭽﻪﻡﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﻧﯘﺷﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.
     ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪﻩ   ﺯ ﭘﯩﻜﺮﯨﻤﺪﻩﺟﺎﻫﯩﻠﻼﺭﭼﻪﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ. ﺑﻮﻟﺴﻤﯘ «يازغۇچىمۇ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻡ . ﻣﯘ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ  ﻣﻪﺱ.» ﭘﯩﻜﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻢ:«يازغۇچى ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ   ﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻰﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.»
ﻗﻪﻟﻪﻡ ﻫﻪﻗﻘﻰﻣﻮﭼﻪﻧﻠﻪﭖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﭽﻪ يازغۇچى، ﺷﺎﺋﯩﺮ ، ﻫﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭﻧﯩﯔﺑﯘﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﻳﯜﺭﯨﺸﯩﻨﯩﯔ     ﺯﻯ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲﺋﯩﺶ. ﻫﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭﻻﺭﻣﯘ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﺎﻗﺴﯘﻥ. «ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻗﻮﻳﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻗﻮﺯﺍ ﺋﯩﺪﻯ » ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺰﻣﯘﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻫﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭ ﺋﯩﺪﯗﻕ. ﮔﻪﭖ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﯩﻼ    ﻣﻪﺱ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﺘﻪ.
ئاپتونوم رايونىمىزدا شائىر، يازغۇچىلار قوشۇنى خېلى زور كۆلەمگە ئىگە بولدى. سەنئەت خۇرۇچى تۆكۈلۈپ تۇرغان بىر مىللەتكە نىسبەتەن بۇ مۇقەررەر نەتىجە بولسىمۇ، ھەقىقىي نادىر ئەسەرلەرنىڭ ئاز بولىشى يۈرىكىمىزنى سىلاپ بېقىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. پىكىردىكى قاتماللىق، تىلدىكى ئېغىرلىق، ئىپادىلەشتىكى يۈزەلىك، تېمىدىكى تەكرارلىق نۆۋەتتىكى نۇرغۇن ئەسەرلىرىمىزنى بويۇن قىسىشقا مەجبۇر قىلماقتا.
       قاپىيە لۇغىتىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئاچچىق قارا يۇمۇر. بارماق پۈكۈپ ئولتۇرىدىغان ھەۋەسكارلارنىڭ كۆپىيىشى كەلگۈسى شېئىرىيتىمىزنىڭ پاخاللىشىش تەقدىرىدىن بېرىلگەن بىشارەت. بازار ئىگىلىكى دەۋرىدىكى ئىقتىسادىي ئىمكانسىزلىق قىسماقلىرىدا قىسىلىۋاتقان قىسمەن شائىر- يازغۇچىلىرىمىز قورساق ھەلەكچىلىدە قەلەمنى قويۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. بۇ ئاقىلانە تاللاش. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ يېڭى دولقۇنى يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى سۈكۈنات، دېيىش مۈمكىن. يازغۇچى، شائىرلىرىمىز ئويلاندى. رىئاللىق بىلەن روھىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى. پۇل ۋەسۋەسىسىدە قالغان قەلەمكەشتىن ئۆلمەس ئەسەر كۈتۈش قىيىن. شۇنىڭدەك، نامراتلىقىدىن نانغا زار ھالەتكە چۈشۈپ قالغان قەلەمكەشنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئەسەر ئەمەس، مۇڭ تۆكۈلىدۇ. مەلۇم شائىرنىڭ تەرجىمىھالىدىن ئۇنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقى، شېئىرغا بولغان ئاشىقلىق سەۋەبىدىن بىر بالىنى يىتىم قىلىپ ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئوقۇپ، چوڭقۇر خىياللارغا چۆكتۈم. شېئىرغا يۈز كېلەلىگەن شائىر ئائىلىسىگە يۈز كېلەلمىدى. بۇمۇ بىر خىل پاجىئە. رىئاللىقتىن قېچىشتەك پاسسىپ ئىدىيە تەسىرىدە شەكىللەنگەن ئىقتىسادىي ئۈزۈكچىلىك، پەرزەنتلەرنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، ئائىلىنى گۈلىستانغا ئەمەس گۆرىستانغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش ماھىيەتتە شائىرنىڭ بۇرچكارلىق تۇيغۇسى سۇسلۇقىنى دەلىللەيدۇ. مىڭ كۇبلىت پاساھەتلىك شېئىر يازغاندىن ئائىلىدىن ئىبارەت كىچىك ۋەتەن ئۈچۈن بىر مەررە گۈلخان بولۇپ كۆيۈپ بېقىڭ. سىز شائىر ئەمەس ئالدى بىلەن بىر ئەركەك بولۇڭ. ئەركەكلىك لەززىتىگە چۆمۈلگەن شائىردىن ئۆلمەس ئەسەرلەر تۇغۇلغۇسى.
       سىز ئۆزىڭىز بەرپا قىلغان باياۋاندا بىر نامسىز تاش بولۇپ تۇرىۋەرسىڭىز ھېچكىم نەزەرىنى سالمايدۇ. ئەل ئارىسىدا ياشاپ ، ئاشۇ ئۈزۈلمەس ئېقىندىن چەشمە سۈزگەن تالاي شائىرلىرىمىز ئۆتكەن. «سالغا تېشى»، «تاشقاتما»قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنىڭ ساھىبى، ئۇستاز شائىر بوغدا ئابدۇللا قۇمۇل سەپىرىدە نۇرغۇن دېھقان- چارۋىچىنىڭ ئائىلىسىدە قوندى. تۇرمۇش ئۈگەندى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا دېھقانچە پەلسەپىگە باي پىكىرلەر، تەبىئەتنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرى، تارىخ ئېقىنىنىڭ جىمجىت شاۋقۇنلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭىمۇ ئۇ «شائىر بىر پارچە ساپال پۇچىقىدىنمۇ چاقناپ تۇرغان پىكىرلەرگە ئېرىشەلەيدۇ» دەيدۇ. ئالىي مەكتەپنىڭ شېئىرىيەت دەرسىنى ئۆتۈۋاتقان مەزگىللىرىدە شائىر قۇمۇل خەلق قوشاقلىرىدىكى يېڭىچە شېئىر ئېلمىنتلىرى ھەققىدە توختىلىپ:«يالغۇزۇم يالغۇز تېرەكنىڭ تۈۋىدە ياتۇرمۇسىز، مىڭ تىكەننىڭ دەردىنى بىر گۈل ئۈچۈن تاتۇرمۇسىز» ناملىق قوشاقنى تەھلىل قىلغان ۋە تەنھالىق يۈكسەك دەرىجىدە تىپىكلەشتۈرۈپ ئىپادە قىلىنغان شېئىر ،دەپ باھالىغان ئىدى. قۇمۇلنىڭ باغداش تېغىدا زىيارەتتە بولغاندا ئۆزگىلەر مەنزىلەرنى زىيارەت قىلىش بىلەن ھەلەك بولسا، ئۇ دېھقانلار بىلەن سىرداشتى. تاش قىسىلچىقىدىكى بىر كېلەرنى كۆرگەن شائىر دەرھاللا بىر پارچە شېئىر يېزىپ بىزگە ئوقۇپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭدىكى تۇرمۇشقا بولغان ئەستايىدىللىق ۋە مۇھەببەت نەقمەيداندىكى ھەۋەسكارلارنى تولىمۇ قايىل قىلغان ئىدى.
         بوغدا ئابدۇللا بىر قېتىملىق سۆھبەتتە شۇنداق دەيدۇ: -ئاڭلىسام، ھازىر بىزدە 3000 دىن ئارتۇق ئادەم شېئىر يازىدىكەن. يەنە قىز- ئاياللارمۇ يېزىۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭدىن بەك سۆيۈنىمەن. يەنە مېنى تولىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى، ياشلاردىكى بىر خىل ياۋايى روھ. بۇ بولماي مۈمكىن ئەمەس. ئىلگىرى بىز ياۋايى بولغان، بىزنىڭ قېنىمىزدا ياۋايىلىق بار، مۇشۇ ياۋايىلىقنى تاشلاپ قويساق بولمايدۇ.
        ئاقسۇدىكى قىرمىش ئاتام مازىرىدىكى ئاجايىپ سېھرىي كۈچكە تولغان مەنزىرىلەر ھەققىدە ئۇ بىر تۈركۈم ئېسىل شېئىرلارنى يېزىپ ئېلان قىلدى. ناۋادا ئۇ ئۆيىگە بېكىنىۋېلىپ مەۋجۇتسىز يارى ھەقىدە نەزمە تۈزۈپ ئولتۇرغان بولسا ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا ئاتا قىلىۋاتقان روھتىن ئايرىلغان، ئۇنىڭ شېئىر توپلاملىرى توپا باسقان كىتابلار تىزىملىكىدە ئاللىقاچان بويۇن قىسقان بولاتتى. ئۇ ئىككى پۇتى بىلەن مېڭىپ يۈرۈپ رىئاللىقنى كۆزىتەلىدى. شائىر ئالاھىدە ئىنسان ئەمەس. ئۇنىڭ يۈرىكى ئالدى بىلەن ئادىمىيلىك بىلەيلىرىدە بىلىنىپ تۇرۇشى، ۋۇجۇدى ھەق سۆيگۈسىدە يالقۇنلاپ تۇرىشى كېرەك. شائىر شېئىر يېزىۋاتقاندا ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئاسانلىقچە نېسىپ بولمايدىغان شېئىرىي كەيپىياتقا چۆمۈلىدۇ. لېكىن ئۇ پەيغەمبەر قەۋمىدىن ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر قەۋمىدىن. شۇڭا ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرنىڭ تىنىقلىرى كېلىپ تۇرسۇن. شائىرلىق دەۋاسى قىلىپ يۈرگەن بىر ھەۋەسكار بار ئىدى. ئۇنىڭ پۈتكۈل مۇددىئاسى ژۇرنالدا ئەسەر ئېلان قىلىش ئىدى. قايتا- قايتا تۈزىتىش ئارقىلىق ئۈچ پارچە رۇبائىيسى ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بولدى. لېكىن، شۇندىن كېيىن ئۇ سۇغا چۈشكەن تاشتەك غايىب بولدى. كېيىن ئۇنىڭ ئاشۇ رۇبائىيلارنى يادلاپ، ژۇرنالنى قىزلارغا كۆرسىتىپ يۈز تاپماقچى ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. ئۇنىڭ شائىرلىقى سودا تۈسىنى ئالغان ئىدى.  ئۆزبېك ئەدىب ئابدۇللا قاھارنىڭ «ئەدەبىياتقا ئوغرى مۈشۈككە ئوخشاش تۈڭلۈكتىن چۈشىدىغانلارمۇ بولىدۇ...» دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ قالدىم.ياغاچچىلىققا يارالغان بەزى ئادەملەر بىر ئۆمۈر ناۋايچىلىق قىلىمەن، دەپ يېرىم ئۆمرىنى بىھۇدە خورىتىدۇ. ھەممىلا ئادەمنىڭ شېئىر يېزىش، شائىر بولۇش مەجبۇرىيىتى يوق. ناخشىچى ئىززەتلىنىپ، ئالىم پەگاغا چۈشكەن، كىيىم قەدىرلىنىپ، روھ نەزەردىن ساقىت قىلىنغان جەمئىيەتتە بىر قىسىم ھەۋەسكارلار ئۇلۇغ ئەربابلاردىن بولۇش ئىستىكىنى شائىرلىقتىن ئىبارەت «ئاسان» كەسىپ ئارقىلىق قاندۇرماقچى بولغان. بۇ «نامخۇمار» سولتەك ھەۋەسكارلار قالدۇرغان يامان تەسىر ھېلىھەم شائىرغا ھەم شېئىرغا قارا سايە تاشلاپ تۇرماقتا.
          شېئىرىيەت ئوبزورچىلىقىنىڭ يەنىلا ئاجىز ھالەتتە تۇرۇپ قېلىشى بۇرۇختۇم كەيپىياتنى پەيدا قىلدى. ياخشى شېئىرلار خېلى كۆپ يېزىلدى، شېئىر توپلاملىرى خېلى كۆپ نەشىر قىلىندى- يۇ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىلىرى كۆلەم شەكىللەندۈرەلمىدى. گەپنى يەتكۈزۈش مۇھىم ئەمەس، قانداق يەتكۈزۈش ئەڭ مۇھىم. بىر پارچە شېئىرنى قاتلاملار بويىچە تەھلىل قىلىپ ھەتتا شائىردىنمۇ يۈكسەك پىكىرلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىش ئوبزورچىنىڭ دىتىغا باغلىق. ھەق- ناھەق مەيدانىغا باغلىق، ئەلۋەتتە.
          قەيسەر تۇرسۇن بىر قېتىملىق قىسقا سۆھبەت داۋامىدا:
.........................
قولۇمغا قوش پىچاق ئېلىپ،
يۈرەكنى يارغۇدەك بولدۇم.
        دېگەن خەلق ناخشىسىدىكى «قوش پىچاق»نىڭ مەنىسى ئۈستىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، ئاشىق قولىغا قوش پىچاق ئېلىپ بىرنى رەقىبىگە سالىدۇ. بىرنى ئۆزىگە سالىدۇ. چۈنكى ئۇ رەقىبىنىڭ قېنى بىلەن بۇلغانغان پىچاقنى ئۆزىگە سېلىشنى راۋا كۆرمەيدۇ، دېگەن ئىدى. «قوش پىچاق» ھەققىدىكى تەھلىل قەيسەر تۇرسۇنغىلا تەۋە بولسىمۇ ئۇ شېئىرىيەتنىڭ پايانسىز ساھىللىرىدا ئۆزىگە خاس رەڭگە ئىگە قۇلۇلىلەرنى تېرىپ بىزگە تەقدىم ئېتەلىگەن شائىرلارنىڭ بىرى.
        ئادىل تۇنىياز سۈكۈتكە پاتتى. غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت ھاياتقا قويغان سۇئال بەلگىسىنىڭ سايىسىدا كولدۇرمىنىڭ ئاخىرقى ساداسىنى ئىزدىمەكتە. بىرلا شائىر توختىمىدى. ئۇنىڭدا نە قاپىيە، نە سۆز تىزمىلىرى يوق. ئۇ چىن مىلودىيىلىرى بىلەن ھاياتنىڭ ھەر بىر ئاچاللىرىدا بىردىن ئابىدە تىكلەپ ماڭماقتا. ئۇ بولسىمۇ تەبىئەت.
ئادىل تۇنىياز «3- ئايغا كىرىش» ئارقىلىق دۇنيا شېئىرىيىتىنىڭ سۈرلۈك ئىشىكىنى چەككەن ئاشۇ دەقىقىلەردە بىز ئۆزىمىزگە تەۋە قايغۇنىڭ ئاللىقاچان دۇنيانىڭ قايغۇسىغا ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. لوپنۇر كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى، باغراش كۆلىنىڭ بۇلغىنىشى ئۈچۈن شىۋىتسىيە ياكى ياپونىيىدىكى بىر شائىرمۇ ئوخشاشلا ھەسرەت چەكمەكتە ئىدى. نىل دەرياسىنىڭ يىغىسى تارىم دەرياسىنىڭ ئۆكسۈشىگە تومۇرداش ئىدى. دۇنياۋىي ھەسرەت شېئىرلارنى دۇنياۋىي ئوقۇرمەنلەرگە ئىگە قىلىدۇ. تارىم يولۋىسىنىڭ ئۆچكەن ئىزلىرى يوقالغان ئىنكا مەدەنىيىتىگە ئوخشاش قەلبلەرگە يىغا چىللايتتى. يۈكسەلگەن ماددىي توقچىلىق ئارقىسىدىكى پۇچۇلغان روھ ئاراشلىرىدا بىر ئاشىق ئاھ ئۇرۇپ كېلەتتى. ئۇنىڭ پۇتلىرى تىكەندە تىلغانغان، لېكىن ئۇ خۇشال ئىدى. ئۇ شائىر ئىدى. ئۇنىڭ مىسرالىرى يۇلغۇنلارنى سۈكۈتكە چىللىسا، كۇبلىتلىرى تاشلارغا ئېغىرلىق بېغىشلايتتى. ئاياغلىرىدىن ساقىغان قاندا دۇنيا پەرياد چېكەتتى. ھايات ھېچكىمنى ئالدىمىدى. ئەكسىچە بىز قەلبىمىزگە ئاسىيلىق قىلغان ئىدۇق.     نارەسىدىلەرنىڭ كۆزلىرىدە مەڭگۈلۈك كېچىكىشنىڭ ئىزنالىرى يالتىراپ تۇراتتى. قوشنىدارچىلىقنىڭ سۇسلىشىشى، ئەنئەنىنىڭ يىراقلىشىشى، ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە روھىيەت بوھرانىنىڭ كەلكۈندەك يوپۇرۇلۇپ كېلىشى ئۆزىمىز ياساپ چىققان ماددىي سەلتەنەت قورغانىنىڭ ھەيۋەتلىك تاملىرىنى زەيلەتمەكتە ئىدى. رىئاللىق چۆلىدە شاھ مەشرەپ كەبى كەزگەن مەرھۇم باتۇر روزىمۇ ئاخىرى:
زەيلىدى، تام زەيلىدى،
تامدىن ئۆتە جان زەيلىدى.
       دەپ پىغان چېكىپ، شائىرنىڭ روھىيەت بوھرانلىرى ئالدىدىكى ئامالسىزلىقلىرىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. روھ چۆكۈۋاتاتتى. يەر ئاستى سۈيىمۇ چۆكۈۋاتاتتى. جاڭگاللارنىڭ ئىچكىرىسىگە قېچىپ كەتكەن بۇغا، ماراللار نەفسى ئۈچۈن ئەمدى بوسۇغىمىز تۈۋىدىن نېسىۋە ئىزدەيدىغان بولدى. بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرىدىن چەكسىز ۋەھىمىگە ۋە قورقۇنچ ئىچىدىكى  لەززەتلىك ھاياجانغا چۆمۈلۈپ ئۆتكەن ئەجدادلارنىڭ شېئىرىي تۇيغۇغا باي سىماسى كۆزلىرىمىزدىن يۈتتى. پارنىك گازىنىڭ ئاتموسفىرانى بۇلغىشى، ئوزۇن قاتلىمىنىڭ تېشىلىشى قاتارلىق ئېكولوگىيىلىك مەسىلىلەر پورۇخ ھىدىغا تولغان دۇنيادا تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى. كىشىلەر نېفىت باھاسىغا قىزىقىۋاتقان، ئالتۇننىڭ باھاسىغا كۆز تىكىۋاتقان مەئىشەت دۇنياسىدا شائىر ئىنساننى ئىنسان قىلىپ تۇرغان روھىيەت ھەققىدە جار سالالىغان ھەم جار سېلىشى زۆرۈر بولغان بىردىنبىر ئادەم. شائىرلار يانار تاغ ئۈستىدە مۇشائىرە قىلىپ ئولتۇرۇش قىسمىتىدىن قۇتۇلمايدىكەن، ئۇلار خارلىق باياۋانىنىڭ ئېتىبارسىز قامغىقىغا ئايلىنىدۇ. شېئىر ماددىيەتكە تەزىم قىلغان كۈن شېئىرنىڭ ھالاكەت كۈنىدۇر.قىسمەن روھى پۈچەك ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻝ ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍﭘﺎﻻﻗﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﯨﺸﻰ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺩﻩﺳﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺖ ﻳﺎﻟﯩﻘﯩﺪﻩﻙ ﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﺭﯨﻟﻠﯩﻖ. بىر ئاتالمىش شائىر  ئۆز يۇرتىدىكى بىر ئەمەلدارنى ئەۋلىياغا تەڭلەشتۈرۈپ شېئىر يېزىپ، ئۇنىڭدىن ماددىي تارتۇققا ھەم ئىلتىپاتقا ئېرىشتى. قەدىمىي ئوردا شائىرلىرىنىڭ قېنىدىكى خۇشامەت گېنلىرى يەنە ئۆزىنى ئاشكارە قىلغان ئىدى.   ﺯﻩﻗﻘﯘﻡﺩﻩﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺯﺍﺑﻼﻧﺪﯨﻢ.  شائىر سۈكۈتتىن ئىبارەت يۈكسەك نېمەت ئارقىلىق تاشتەك ئېغىر ۋەزىنگە ھەم ئادىمىيەت قىياسىغا يېقىنلىشىدۇ. شېئىرنىڭ نوپۇزىنى ئەمەل جاڭگاللىرىدا خامتالاش قىلىش شائىرنى توختىماي قاۋاپ تۇرىدىغان ئىتقا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئىتنىڭ قاۋىشى خەسىدىنمۇ ئېتىبارسىزدۇر. شېئىر پاكىز قەلەم بىلەن ئاغدۇرۇپ تېرىلغان سېھىرلىك ئۇرۇق. ئۇنىڭ ھەر بىر بىخچىلىرىدا سۈپسۈزۈك بىر سەھەر يالتىراپ تۇرۇشى كېرەككى، ئاسىيلىق ۋە مۇناپىقانە كۈلۈمسىرەشنىڭ مانانلىرى ئۇنىڭغا يېقىن يولىمىسۇن، قارا كېچىدىكى قارا تەشتەك ئېغىر سۈكۈتى ئىچىگە قۇياشنىڭ پارلاقلىقى ۋە ئەتىنىڭ زىياسىنى مۇجەسسەم قىلسۇن.
        شېئىرىيەت تارىخىمىزغا نەزەر سالساق، يۈرەك دىئاگراممىسىدەك بىر ئۆرلەپ بىر پەسىيىشنى كۆرىمىز.بۇ دىئاگراممىنىڭ ھەر بىر ئۆرلەش نۇقتىلىرىدا بارماق پۈكۈپ سانىغۇدەك سەركە شائىرلارنى چېلىقتۇرىمىز. بۇ شائىرلار ئەركەكلىكنىڭ چىللاشلىرىدا  ئۆزىنى ئىزدەپ تۇيغۇ جاڭگاللىرىدا ئۆزىگە خاس قەسىر قۇرۇپ چىققانلار، ئۇيغۇر مىللىي تۇپرىقىدىكى ھەر بىر تىنىق، يەر ئانىنىڭ ھاسىراشلىرى، تومۇرلارنىڭ كۆبجۈشلىرى، يېڭى ئەسىر ئالدىدىكى قىسقا ، ئەمما كۈچلۈك ھاياجانلار ئۇلارنىڭ يازمىلىرىغا سۈلكەت ئاتا قىلغان. بادام دوپپىنىڭ ھەسرىتى بىلەن ئەتلەسنىڭ جىلمىيىشلىرى سىڭىپ كەتكەن. ئۇنىڭدا شور تۇپراقنىڭ توزۇندىلىرى ئارىسىدا يۈكسەلگەن بىر روھ پارلاپ تۇرىدۇ.
          خۇددى جۇتاۋ ھازىرقى زامان ياش ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ «سالغا تېشى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا يازغان كىرىش سۆزىدە ئېيتىلغاندەك «خۇددى شائىر شۈجىمۇ تۇنجى قېتىم كۆزئەينەك تاقىغىنىدا ، كېچە ئاسمىنىغا بېقىپ ئاسماندا چاراقلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ شۇ قەدەر كۆپلىكىنى بايقىغاندەك ھاڭ تاڭ قالدىم...شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ شېئىرلارنىڭ بەدئىي سەۋىيىسى دۆلەت ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى خەنزۇچە يېڭى شېئىرلارنىڭ سەۋىيىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. سېلىشتۇرۇپ باقىدىغان بولساق، بۇ شېئىرلار ناھايىتى يۇقىرى شېئىرىي ساپا ۋە شېئىرىي گۈزەللىككە ئىگە بولۇپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قويۇق دىنىي تۇيغۇ ۋە تەبئىي ئىلھامغا ئىگە. مانا بۇ شېئىرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىغان مۇھىم تەركىبلەر بولۇپ، دەل مۇشۇ تەركىبلەر بۇ شېئىرلار توپلىمىدا ناھايىتى گەۋدىلىك ئىپادىسىنى تاپقان...»
        شائىر ئاشۇ قەدىمىي سەھرالاردىكى مويسىپىتلارنىڭ كۆزلىرىدە ئۆچەي دەپ قالغان ئەنئەنە چوغىنى پۈۋدىگۈچى، مۇھاجىرنىڭ قەلبىدىكى ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئۇلغايتقۇچى، نىكاھنىڭ كۇرسى چۈشكەن زاماندىكى ئەر- ئاياللارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۇخلاپ قالغان مېھىر- ۋاپانى ئويغاتقۇچى كولدۇرما بولۇشى كېرەككى، غەپلەت باسقان قەلبلەر ئۇنىڭ ساداسىدا ئاپتاپ بەھرىگە چۆمۈلگەي، قاغجىراپ تۆكۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئەقىدە چېچەكلىرى باھار ئىللىقلىقىغا كۆمۈلگەي.
       ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ئۈچۈن شۇنداق ئەزىز بىر ماكان بەخشەندە قىلىنغانكى، بۇ جايدىن ئات تۇياقلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن مانانلار، تەقۋادار زاھىدنىڭ ئىستىقامەتلىرى، توغراق كۆتەكلىرىدە ئۇيۇپ قالغان زىمىننىڭ تىنىقلىرىنى، قۇم بەرقىدە ئېچىلغان توزىماس چېچەكلەر، كارىز سۈيىدە يۇيۇنغان ئۇلۇغۋار بىر روھنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ھېس قىلالايمىز. ئانىلارنىڭ ئەللەيلىرىدە مەڭگۈلۈككە سوزۇلغان ھايات ناخشىسى، كارۋان ئىزلىرىدا يىمىرىلمەس بىر قەۋمنىڭ مەۋجۇتلۇق مېلودىيىسى ياڭراپ تۇرىدۇ. تەبىئەتنىڭ كۆرۈنمەس دىئالوگلىرى بۇ قەۋمگە قانداق سۆيۈشنى ھەم سۆيۈلۈشنى ئۈگەتكەن. تونۇر بېشىدا چۆچەك ئاڭلىمىغان، مۇقام سېھرىدە يۈرىكى سۇ بولمىغان، تېنى تېنىگە تېگىشىپ تۇرغان يۇرتداش، قېرىنداشلىرىنىڭ يىغىسىغا تەڭ يىغلىمىغان بىرمۇ ئۇيغۇر  يوق. ئەقلى نورمال بولغانلىكى ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆز خەلقى ياراتقان ماددىي ۋە مەنىۋىي بايلىقلاردىن چەكسىز پەخىرلىنىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە، تارىمدىن قاناسقىچە كۆرۈنمەس بىر يىپقا چېتىلغان دىلكەشلىك مېھىر يازغۇچىلارنىڭ قەلىمىگە قان ئاتا قىلغان. ئۆزگە مىللەت قەلەمكەشلىرىنىڭمۇ مېھرى چۈشۈپ قالىدىغان بۇ ئاتەش ماكان مەنىۋىي بايلىقلار كانى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋاڭ مىڭغا يېپيېڭى ئىلھاملارنى ئاتا قىلغان. يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە قوشاق توقۇيالايدىغان، ئۇسسۇلغا چۈشەلەيدىغان،ھۈنەر قىلالايدىغان ئەۋزەل فولكلور مۇھىتى، ساپلىقىنى يوقاتمىغان قەدىمىي تۇرمۇش كارتىنىلىرى، سوقما تاملىق ئۆيلەردىن ھالقىغان قەدىردان روھ قەلبىمىزگە رەڭ بەرگەن. بېغىنىڭ تېمىدىن يولغا قارىغان مېۋىلەرنىڭ يولدىن ئۆتكۈنچىلەرنىڭ ھەققى دەپ قارايدىغان، نامراتلارنىڭ ئۆيىنى مەھەللىدىكىلەر بىر تىيىن تەلەپ قىلماي ئوپچە پۈتتۈرۈپ جىممىدە غايىپ بولىدىغان... جاھاننىڭ باشقا جايىدىن تاپقىلى بولمايدىغان بۇنداق بىباھا ئۇدۇم - ئادەتلەر ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئادىمىيىلىك دەرسخانىسى. كەسكىن بازار ئىگىلىكى ئېلىپ كەلگەن يالتىراق مەدەنىيەتلەر قورشاۋىدا جاھىلانە تىركىشىۋاتقان ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت قورغىنىمىزدىكى يۇقىرىقىدەك ئۇدۇم، ئادەتلەر سۇسلىشىشقا يۈزلىنىۋاتقان ئەنئەنە بويىقىنىڭ رەڭگىنى ساقلاپ قېلىشتىكى  بىردىنبىر يول. بۈگۈنكى كۈندە قەلەمكەشنىڭ بۇرچى ئەۋلادلارنى يالىڭاچ تەسۋىرلەر ئارقىلىق بالدۇر بالاغەتكە يەتكۈزۈش ئەمەس، بەلكى ئەجدادلارنىڭ ئاشۇ بىباھا ئۇدۇم، ئۆرۈپ- ئادەتلىرىنى قانداق ساقلاپ قېلىش كېرەكلىكىنى تونۇتۇش.
        كەڭرى يېزا قىشلاقلىرىمىزدا گۈلدەك ئۇدۇم- ئەنئەنىلەرنى دانىشمەنلەرچە ساقلاپ ياتقان بوۋاي، مومىلىرىمىز، بىزگە ئىنىكئانا بولغان، بىزنىڭ كىندىكىمىزنى بوغقان، بىزنىڭ خەتنىمىزنى قىلغان، بىزگە ئىسىم قويغان، بىزنىڭ كىملىكىمىز ئاشۇ كىشىلەردىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. بىز بوۋىلىرىمىز باسقان كىگىز ئۈستىدە ئۆمىلىگەن، ئانىلىرىمىز راسلىغان كۆرپىلەردە ئۇخلىغان، ئۇيغۇرچە تاۋۇشلارنى ئاڭلاپ، چىرايىمىز ئاپتاپتەك ئېچىلغان. كۆۋرۈكتىن ئۇ قاشقا ئۆتىۋېلىپ بۇ قاشنى تىللايدىغان توزكورلۇق بىزدە ئاز كۆرۈلگەن، لەۋزى ھالال ئاتىلارنىڭ ئالتۇندەك ئۈگۈتلىرىنىڭ قۇچىقىدا بىزگە ئەقىل چىشى چىققان. خەلقىمىز كۈلپەتلىك كۈنلەردە بىر ناننى تەڭ يەپ قېرىنداشلىق لەززىتىگە چۆمۈلگەن، شۇڭىمۇ ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ئىچىدە ۋەتىنىنى مەدھىيلىمىگەن، ئانا ھەققىدە پۈتۈك پۈتمىگەن، ئەجدادىدىن پەخىرلەنمىگەن بىرىمۇ يوق. تەكلىماكاندىن ئىبارەت بالىياتقۇ تىپىدىكى ماكاندا ئاۋۇپ، تەبىئەتنى پەپىلەپ ئۆتكەن بۇ قەۋمنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنى ئۈزلۈكسىز ھاياجانغا سېلىپ تۇرىدىغان كارتىنىلار ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن. بىزدە قارانچۇقسىزلىقتىن ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ قالغان ئادەم يوق دېيەرلىك. شۇڭا يات ئەلدە ئۆلۈپ قالغان مۇھاجىر ۋەتەن تۇپرىقىغا كۆمۈلۈشنى ئەڭ يۈكسەك ئارمان بىلىدۇ.
شائىر ئابلىكىم ھەسەن «گۈمبەز» ناملىق شېئىرىدا :
................
ئۆرۈلگەن قەدىمىي تاملار ھۇلىنى
مىيىتلارنىڭ گۈمبەزلىرىنى
بىنا ئەتكەنىدى بىر زامان
ئەزرائىل ئەمەس ئۇيغۇرنىڭ قولى.
بىر زامانلار مۇشۇ گۈمبەزنى-
كۆرگەنلەرنىڭ كەلگەن ئۆلگۈسى...
(«شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى»ژۇرنىلى 1999- يىللىق 6- سان)
         دېگەن مىسرالار ئارقىلىق ئۆز مىللىتى ياراتقان مىمارچىلىق سەنئىتىدىن چەكسىز سۆيۈنۈش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىسە، شائىر سەمەت ئابدۇراخمان قوچىغۇن «يۇرتۇم» ناملىق شېئىرىدا:
 
كېچىلىرى باقار ساڭا ئاي،
چەت ئەللەردىن كۈنلەيمەن سېنى.
ھەم كۆيىمەن سەن ئۈچۈن گۈر-گۈر،
شەيتان سۇغا سالسىمۇ مېنى.
(«قۇمۇل ئەدەبىياتى»ژۇرنىلى 2003- يىللىق 5- سان)
         دېگەن مىسرالار ئارقىلىق ئانا تۇپرىقىغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدۇ.
شائىر ئادىل تۇنىياز «قەشقەردىكى يەر شارى» ناملىق داستانىدا ئۆزىنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسىنى:
ۋەتەن، ئېھ ۋەتەن،
چىرايلىقتۇر ھەممە نەرسىسى،
 چىرايلىقتۇر ئۇنىڭ قايغۇسىمۇ ھەم.
گۆھەردۇر، ئالمىدۇر، خۇشپۇراق گۈلدۇر،
ۋەتەن دالىسىدا كۆرگەن توڭ تېزەك،
ئەيسادۇر، مۇسادۇر يۇرتۇڭ ئادىمى،
يات يۇرتتا تۇغقانمۇ تۇيۇلماس دوستتەك.
.......................................
دېگەن مىسرالاردا ئىپادىلىگەن بولسا، بوغدا ئابدۇللا >سالغا تېشى< دا:
.......................
مۈڭگۈزلەرنى مەشئەل قىلغان يۇرت،
رىۋايەتلىرى بىر ئالتۇن ئاچقۇچ.
ساقلانغان چىشلارنىڭ ئاراشلىرىدا،
يېڭىلانغاندەك خېمىرتۇرۇچ.
تىڭشا زىمىننى قۇلاق يېقىپ،
بايقىلىدۇ داپ ئارا رېتىم.
ھالسىز ئەمەس، تۇلپار يورغىسى،
كەمتۈك ئەمەس، بېجىرىم.
ياۋايى تاش ئۆڭكۈرلەر ئۆچكەن،
كۆرۈنەر مىڭ ئۆيلەرنىڭ بويىقى ئارا.
كۆچەر ئاندىن كىيىكلەرنىڭ كۆزىگە،
نوھقا تۇتىشىدۇ بارا- بارا.
...............
دېگەن مىسرالار ئارقىلىق تارىم ۋادىسىدىكى رىۋايەت دۇنياسىدا ياشاۋاتقان قەدىمىي بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىي يىلىكلىرىنى قېزىپ چىقىدۇ.
          دادام ئېيتقان ئەھمەد يەسەۋىي ھۆكمەتلىرى مەن ئۇچراشقان تۇنجى شېئىر ئىدى. ئەقىلدار مومىلار ئېيتقان بېيىتلەر تەپەككۇر ئوچىقىغا ئوت ياقىدىغان تۇترۇق ئىدى. تۇغۇمغىمۇ، ئۆلۈمگىمۇ قوشاق توقۇيالايدىغان بۇنداق خەلقنىڭ پەرزەنتى بولۇش، تەبئىي ئەدەبىي دىتقا ئىگە ئەجدادلارنىڭ ئاغزاكى ئىجادىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈلگەن روھىيەت تارىخى،كەچۈرمىشىلىرىنى قېزىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىنىڭ ئۆزىمۇ يېتەرلىك بەخت. يىلتىز ئىزدەش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن بۈگۈنكى دۇنيادا بىز ئاشۇ ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئېيتقان چۆچەكلەرنىڭ بىكارچىلىقتا ئېيتىلغان خىيالمۇ توقۇلما ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ رروھ يىلتىزى يوشۇرۇنغان ئەنگۈشتەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمەكتىمىز. تۆمۈر كەش ئۇپراپ قەغەزدەك قالغاندا، ھاسا ئۇپراپ يېڭنىدەك ھالەتتە ھالەتكە كەلگەندە جانانغا يەتكەن شاھزادىلەر ھەققىدىكى چۆچەكلەر، ھاياتلىقنىڭ ھەر بىر دەقىقىلىرىدە تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، تىرىشچانلىق ئارقىلىق نىشانغا يېتىدىغان روھقا ئىشارەت. دېمەك ئاددىيلىق ئىچىدە چوڭقۇرلۇق، بىر خىللىق ئىچىگە كۆپ خىللىقنى مۇجەسسەم قىلىش ئەجدادلارنىڭ ئۆزىنى ئىزھار قىلىش شەكلكى بولۇپ قالغان.بۇ خىل ئۇچۇر يەتكۈزۈش شەكلى ئانا زىمىننىڭ ھەقلىق ئىگىسى بولمىش ئەجدادلارنىڭ گېن تارىخىنى يورۇتۇشتا ئەڭ بىۋاستە ، ئەڭ تەسىرچانلىققا ئىگە بولۇپ، قايسىدۇر بىر چەتئەللىك ئەدىبنىڭ «سەن ماڭا خەلقىڭنىڭ بىر كۇبلىت قوشىقىنى ئوقۇپ بەرسەڭ، مەن مىللىتىڭنىڭ تارىخىنى ئېيتىپ بېرىمەن. » دېگىنىدەك قەدىمىي تۇرا قوشىقىدىن يېڭى زامان قوشاقلىرىغىچە بىر قەۋمنىڭ شەكىللىنىش، ئاۋۇش، ئۆزىنى ئىپادىلەش، ھاياتلىق ھەققىدىكى قىممەت قاراشلىرى ئەكس ئېتىدۇ.
       مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىدە ئۆزىنى ئاشكارە قىلغان «قەھرىماندەك تۇغۇلۇپ، قەھرىماندەك ئۆلۈش» ئەنئەنىسى سىرتقا مايىل، پۇرسەتكە ئېرىشكەندە توختاۋسىز يۈكسىلىدىغان سۈزۈك بىر روھنى ئاتا قىلغان. گەپ بۇ روھنى قانداق قېزىشتا.
         شائىرنىڭ بۇ ئانا تۇپراقنى دەسسەپ تۇرغۇچى ھەقلىق ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇرۇق، ئابا- ئەجدادلىرىنىڭ روھىيەت تارىخىنى، ئېكولوگىيىسىنى، ھازىرقى باسقۇچتىكى تېڭىرقاشلىرىنى ئۈگىنىش، مۇلاھىزە قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. ئۆزىنى چۈشىنىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىش، باشقىلارنىڭ ئەينەكلىرىنى ئارىيەت ئېلىپ ئۆزىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە ئۇرۇنۇش روھىيەت ئاختىلىقىدىن دالالەتتۇر.
      ئەلىشىر ناۋائىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئۆز نۆۋىتىدە تارىخشۇناس، تىلشۇناس، سىياسىيون، جۇغراپىيىشۇناس، ئاستىرونوملۇقتىن ئىبارەت كۆپ سۈپەتنى، روھىي قۇۋۋەتلەرنى ئۆزىگە ھازىرلىغاندىن كېيىن شېئىر يېزىشقا جۈرئەت قىلغان. بىزدە بىر تەبئىي پەنچى شېئىر يېزىپ قويسا قەلەمكەشلەرنىڭ تەنىسىگە ئۇچرىشى تەبئىي. بىزنىڭ نەزەرىمىزدە تەبئىي پەنچى ۋېنتا بىلەنلا ھەپىلىشىشى، شائىر قەلەم ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق قەسىرىنى بىنا قىلىشى كېرەك. بۇ قاراش پەنلەر ئارا ھۈرمەت تۇيغۇسىنى بەرباد قىلىدۇ. ئۆز ئارا بىر- بىرىنى شەرت قىلمايدىغان ئىككى قۇتۇپنى ھاسىل قىلىپ، روھىي كىرىزىسنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ. خۇددى باشتا ئېيتقاندەك كۆپ قىسىم شائىرلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ يىگانە ئارىلىدا ئاچ- زارلىق ئىچىدە قالسىمۇ خۇشاللىق ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىدىغان، قەۋمىنى ۋە تۇپرىقىنى شەكلەن سۆيىدىغان، ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن سۆيەلمەيدىغان، ئىچ- ئىچىدىن ھاسىرىغان بىر ھالەتنى باشتىن كەچۈرمەكتە.
      «ئۇيغۇر مىللىتى ئۆز تارىخىدا <شېئىرىي مىللەت> بولۇپلا تۇرغان ئەمەس. قاراخانىيلار دەۋرىدە <پەلسەپىۋىي مىللەت> كە، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە <سىياسىي مىللەت> كە، قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە <ئىجادىيەت مىللىتى>گىمۇ ئايلىنىپ كۆرگەن.»
________
          (ئابدۇلئەھەت ئابۇرەشىت بەرقىينىڭ «شېئىر ۋە شېئىرىي مىللەت» ناملىق ماقالىسىدىن.)
      شېئىرنىڭ روھنىڭ شىلدىرلىشى ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ھەر بىر ئىنسانغا تەۋە بولۇشتەك ئالاھىدلىكىنى بەلگىلىگەن.
دېھقاننىڭ ئېتىز بېشىدا ئېيتقان قوشاقلىرىدا مېھنەتنىڭ قۇرىماس تەرلىرى ئايان بولسا، ئوغلىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان ئانىنىڭ ياشلىرىدا مەڭگۈلۈك كۆيۈك ئوتى يېلىنجاپ تۇرىدۇ. بۇنداق چاغدا دېھقانمۇ، ئانىمۇ شېئىر يېزىش ئويىدا بولغان ئەمەس. يۈرەكنىڭ بېغىشىدىكى تۇيغۇرلىرىنى ئاشكارىلىغان خالاس. بۇ تۇيغۇ تەبىئەت بىلەن سىردىشىۋاتقان تورغايلارنىڭ چۇۋ- چۇۋلاشلىرىدا، باھاردا ئۈنگەن بىدە كۆكىنىڭ ئۇياتچان بىخلىرىدا، قەھرىماننىڭ يارا ئېغىزىدىكى قاننىڭ سىرغىشلىرىدا، ئالدىنىپ ئادەم بىدىكلىرىگە سېتىۋېتىلگەن نارەسىدىنىڭ مۇڭلۇق قارا كۆزلىرىدە چاقناپ تۇرىدۇ. دەل مۇشۇ تۇيغۇنى يىلتىز قىلغان شېئىرلار، رومان- پوۋېستلار دۇنياۋىي ئەسەرلەردىن بولالىغان. بالىلار ياغاچ قونچاقنىڭ ھامان بىركۈنى ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىدىغانلىقىغا، ئەرلەر رىقابەتلىك جەمئىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ قەلبىدىكى قاقاس ئارالغا پالانغان روبىنزون كىروزوغا ئايلانغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئامېرىكىدىكى بىر زەردارنىڭ يۈرىكى كىنىيەدىكى قارا تەنلىك بوۋاقنىڭ ئاچلىقتىن قاقشالغا ئايلانغان تېنىنى كۆرۈپ سىلكىنگەندىمۇ بۇ خىلدىكى تۇيغۇ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ ئىنسانغا خاس ئورتاق مۇھەببەت. يازغۇچىنىڭ بۇرچىمۇ دەل مۇشۇ مۇھەببەتنى يېزىش. ئىرقىي قىرغىنچىلىق، كەمسىتىش، ئالەمگە يۈرۈش، قەلبىدىن يىراقلىشىش ، ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، داۋاسىز كېسەللىك قوينىدا يېتىپ ئىڭراۋاتقان ئىنسانغا قاندەك ھەم جاندەك زۆرۈر بولغىنى دەل مۇشۇ خىل مۇھەببەت. بۇ مۇھەببەت بولغان بولسا ئەر ئايالىغا خىيانەت قىلمىغان، ئاقچى خىروئىن ساتمىغان، قەبىلىلەر بىر بىرىنى قىرىشمىغان، ئەسكەر مىلتىق تەپكىسىنى باسمىغان بولاتتى.
          «شېئىر _ رىئاللىق بىلەن تەنھالىق، تەنھالىق بىلەن شائىرلىق، شائىرلىق بىلەن ئاشىقلىق ئارىسىدىكى چۇقان... شېئىر ئەزەلدىن خەلقنىڭ ۋۇجۇدىدا ساقلىنىۋاتقان بولىدۇ. شائىر ئۇنى تىل گۈلخانلىرىدا ياندۇرۇپ ۋە ئېتىقاد شەبنەملىرىنى تامدۇرۇپ ئۇنى ئەسلىي مەنزىلىگە قايتۇرىدۇ»
 _________
       «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2006- يىللىق 6- سانى، روزى سوپى ئۇچتېكىننىڭ «ئويغىنىۋاتقان ئۆزلۈك روھىنىڭ چۇقانى» ناملىق ماقالىسىدىن.
****************
        بىز يولۋاس، بۆرىلەرنى قىرىپ تۈگىتىپ ئۇلارنىڭ تېرىسىنى كىيىۋېلىپ «بۆرە ئۇسسۇلى» ئوينىماقتىمىز. ھەقىقىي سەنئەت ئادىمىيلىك بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. ئادىمىيلىك سۇسلاشتى. سەنئەت روھىمىزغا چىۋىن قوندى. «قەلەمكەش بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئادەم بول» دېگەن سۆزنى قايتا دېيىش زۆرۈر بولماقتا. ئىچ- ئىچىدىن يىگىلەپ كەتكەن روھتىن روھنى پارلاقلىققا يېتەكلەيدىغان ئەسەر تۇغۇلامدۇ؟ توخۇ بىر ئۆمۈر كاتەك ئەتراپىدا قوقۇلداپ يۈرىيدۇ. ئۇ قانچىلىك قوقۇلدىغان تەقدىردىمۇ تۇغقىنى ھەم تۇغالايدىغىنى بىر تۇخۇم خالاس. ئىتنىڭ كۆڭلىدە ئۇستىخاندىن ئۆزگە نەرسە بولماسلىقى مۈمكىن. ئۇ بىر ئۆمۈر ئۇستىخان ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. شۇ ئۇستىخان ئۈچۈن ئادەمدىن ئىبارەت ھۆل ئۇستىخاننىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىپ ياشايدۇ. ئىتنىڭ روھىغا كۆمۈلۈپ ياتقان ئاجايىپ بىر قۇۋۋەت بولۇشى مۈمكىن. بۇ قۇۋۋەت ھەقىقىي پۇرسەتكە ئېرىشسە ئىت قاۋىماي ئەكسىچە ھۇۋلاپ تاشلىشى مۈمكىنغۇ؟ چۈنكى ، ئۇنىڭ نەسلى بۆرىگە تۇتاش ئەمەسمۇ؟!
         ئادەم ئىتتىن ئىززەتلىك يارالمىش تۇرۇپ ئۆز روھىدىكى ئاجايىپ پارلاقلىقنى تونۇپ يەتمەي، بىرسى تۈنەكخانىلاردا، بىرسى بوتۇلكا يېنىدا، يەنە بىرى ئەۋرەزخانىدا ھاياتىنى تاماملايدۇ.
 قەلەمكەشنىڭ يۈرىكى« ۋەتەن،» دەپ سوقسا، قەلىمى «ھەقىقەت» دەپ تەۋرىشى كېرەككى، ئۇنىڭ سوغۇق قەغەزدىكى يازمىلىرىدىن ھارارەت تاراپ تۇرسۇن. گۈلگە ھەسەل ھەرىسىمۇ، چىۋىنمۇ قونىدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا شىرنىگە ئېرىشىدىغىنى ھەسەل ھەرىسى. چۈنكى، ئۇ ئىجتىھات قىلدى. تۇرمۇشتىن ئىبارەت داشقايناقتىن ھەقىقىي سەنئەتلىك قىممىتىگە ئىگە پىكىر، ھېكمەتلەرنى سۈزۈپ چىقىش قەلەمكەشنىڭ ئىجتىھاتىغا باغلىق.
       تۇرمۇش رېتىمى تېزلەشتى. ئائىلە، نىكاھ كىرىزىسى ئېغىرلاشتى. يىتىم بالىلار، تۇل ئانىلار كۆپەيدى. ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك يېنىمىزدىلا ھەملە قىلىپ تۇرماقتا. ئەتراپىمىزدا ئەيدىزدىنمۇ قورقۇنچلۇق ئېتىقادسىزلىق، ئەقىدىسىزلىك چىش بىلەپ تۇرماقتا. بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى يازمىلارغا دېققىتىمىزنى بەرسەك، شۇ نەرسە ئايان بولىدۇكى، رومانلىرىمىز سان جەھەتتىن كۆپەيدى. ھەتتا بوز بولۇپ كېلىۋاتقان بالىلار  رومانلىرى ساھەسىدە كۆپ قىسىم رومانلار  ۋۇجۇدقا كەلدى. شېئىرىيەتتە يېڭى بىر دولقۇن كۆتۈرۈلمەكتە. روھنى قېزىش ھادىسىنى تەكىتلەيدىغان ئەنئەنىۋىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىمىزغا سۇئال قويۇپ ئۈلگۈردى. لېكىن، سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرسەك، خېلى كۆپ ئەسەرلىرىمىز  غەربنىڭ تەسىرىدىن يۇقۇملانغان بولغاچقا، خەلقىمىز چىن مەنىدىن نەپ ئالالمىدى. بىر ئۇيغۇر دېھقان كىتابخانىغا كىرسە ئۇدۇل بېرىپ ھازىرقى يېڭى رومانلىرىمىزنى قولىغا ئالارمۇ ياكى «كەلىلە ۋە دېمىنە»، «يۈسۈف- زىلەيخا» نىمۇ؟ بۇ سېلىشتۇرمىنىڭ ئۆزى يېتەرلىك. خەلقنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلەرگە بولغان ھۈرمىتى ۋە تەشنالىقىنى سەزگەن بىر قىسىم سەزگۈر نەشىرىيات سودىگەرلىرى بۇ خىلدىكى ئەسەرلەرنى قايتا يورۇقلۇققا چىقىرىپ يانچۇقىنى توملىدى. بۇنى يامان ئەھۋال دېگىلى بولمايدۇ. بىزنىڭ ئېسىل مۇقاۋىلانغان خېلى كۆپ ساندىكى كىتابلىرىمىز خېرىدارسىز ھالەتتە بويۇن قىسىپ تۇرماقتا.
         جايلاردىكى كىتابخانىلار نېمە ئۈچۈن يېڭى كىتابلارنى زاكاز قىلىشتا ئالاھىدە ئېھتىياتچان؟
ئوقۇرمەننى تاماق يېيىشكە ساقلاپ قويغان پۇلىنى چىقىرىپ سېتىۋېلىشقا تەۋەككۈل قىلدۇرالايدىغان كىتابلارنىڭ ئازلىقى روشەن پاكىت بولماقتا.  دەرۋەقە، نەقىل كىتابلار، قۇراشتۇرۇلما ئەسەرلەر، نەسىھەت خاراكتىرىكى كىتابلار، يالىڭاچ مەزمۇنلار كۆپىيىپ كەتتى. قەلەمكەشلەردە تۇرمۇشقا چۆكۈش روھى كەمچىل. تۇرمۇشقا چۆككەن تەقدىردىمۇ دېھقاننىڭ توپا چىرايىنى كۆرگەن- يۇ، توپا چىرايلار ئاستىدىكى ئۆلمەس بىر روھنى كۆرەلمىگەن. شېئىرلىرىمىزدىمۇ ئەھۋال ئاساسەن يۇقىرىقىدەك، شارائىتى بارلار توپلام نەشىر قىلدۇردى. ھەقىقىي نادىر شېئىر يازالىغانلار قولى قىسقىلىقىدىن كىتاب چىقىرىشقا قادىر  بولالمىدى.
      بۇنىڭدىن تەخمىنەن 15 يىل مۇقەددەم ئۈرۈمچى يەنئەن يولى كىتابخانىسىدىن باھاسى 7 يۈەنگە چۈشۈرۈلگەن«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ نەزمىي يەشمىسىنى سېتىۋالغىنىم ئېسىمدە. تا ھازىرغىچە بۇ كىتابنى زىننەت بۇيۇمى قاتارىدا ئۆيۈمگە تىزىپ قويۇپ تەپسىلىي كۆرۈپ  باقمىدىم. راستىنى ئېيتقاندا ۋاقىت چىقىرىشنى خالىمىدىم. مىللەت ھەققىدە گەپ سېتىۋاتقان تالاي زىيالىيلىرىمىز بۇ كىتابقا مەنچىلىكلا مۇئامىلە قىلغان ئىدى. يەنە شۇ ھالىم بىلەن خەقنى «كىتاب ئوقۇمايدۇ» دەپ ئەيىبلەپ يۈرگەنلىكىمنى ئويلىسام، نومۇس ۋە پۇشايمان ئوتلىرىغا قاقلىنىمەن.
        قويۇن دەپتىرىگە شېئىر كۆچۈرىدىغان، كىتابلارنى قوليازما قىلىپ كۆچۈرىدىغان دەۋرلەر ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتتى. قوۋزاقلارغا يېزىق پۈتۈش كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ شېئىر يېزىشقا تەرەققىي قىلدى. ماددىيەت يۈكسەلدى- يۇ، روھ پەرۋىشسىز قالدى. تېلۋىزور، ئېنتىرنىت كىشىلەرنىڭ نىسبىي جىمجىت قەلب دۇنياسىغا كەلكۈندەك يوپۇرۇلۇپ كىرىپ نۇرغۇن لاي- لاتقىلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. كىشىلەر ۋاقىتنىڭ قىسقىراپ كېتىۋاتقانلىقىنى، نامەلۇم بىر ۋەھىمىنىڭ، ناتونۇش بىر تىترەكنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرماشقا باشلىغانلىقىنى غۇۋا ھېس قىلماقتا. ئىپتىدائىي كىشىلەرنىڭ تەبىئەت بىلەن قىلغان دىئالوگىدا روياپقا چىققان قەدىمىي كۈيلەر، جەڭگاھلاردا يېزىلغان باھادىرلىق قىسسىلىرى، ئەركەكلىك بىلەن يۇغۇرۇپ كەتكەن ئاشىق غەزەللىرىنىڭ ئاجايىپ سېھىري كۈچى سۇلياۋ دەۋرىدىكى ئىپادىسىز كۆزلەرگە غەرق بولماقتا ئىدى. سوقما تاملىق ئۆيلەرنىڭ تۇرخۇنلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن كۆكۈش ئىسلار قەددى پۈكۈلگەن يېزىلارنىڭ غېرىبلىق ناخشىسىنى ئېيتماقتا ئىدى. تېرەك ئۇچىدىكى ئاخىرقى غازاڭدا تەبىئەت نالە قىلاتتى. بىر- بىرى بىلەن سوقۇلۇپ يۈرگەن، ھەركەتچان كېسەككە ئوخشاش تەنلەردىن ئىسىق تىنىق ئەمەس، تەنە ۋە سوپۇن ھېدى كېلەتتى. بوستانلىق مەدەنىيتى چەمبىرىكىدىكى ئەدەبىيات ئەنئەنىسى، روھىيەت سەپىرى ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ قەلىمىدە داۋاملاشماقتا. ئۇ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى قۇرۇپ كەتكەن توغراقلارغا باشلانغان ھاياتلىق سۈيىدەك ئۇيغۇرنىڭ روھىيەت بۇلاقلىرىنى ياشارتامدۇ ياكى ئەسلىدە بار بولغان بۇلاقلارنىڭ كۆزلىرىنى تىندۇرىۋېتەمدۇ؟ بۇنىڭغا يازغۇچىنىڭ ۋىجدانى جاۋاپ بېرەلەيدۇ- ئەلۋەتتە. «دېھقان بولماق تەس» دېھقان روھىنى ئويغاتقان بولسا، «يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام» ئۆزلۈك ئاڭنى تونۇتۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. فىروئىدنىڭ روھىيەت ئانالىزى ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ئەسەرلەر ياشلار ئىچىدە ئالقىشقا ئېرىشتى ھەم بۇ ئۇسلۇبتا يېزىلغان بىر تۈركۈم ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. بۇ بىر مۇقەررەر يۈزلىنىش بولۇش سۈپىتى بىلەن روھنى قېزىش، ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى تۇيغۇلىرىنى قەلەمگە ئېلىپ يېڭى بىر خىل ئەدەبىيات ھادىسسىسىنى شەكىللەندۈردى.
      تۈگەللەنمە بايان شۇكى، ئاھالىسىنىڭ 90 پىرسەنتى دېھقان بولغان مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى دېھقانچە پەلسەپىگە باي بولۇشى، ئۇسسىغاندا بېرىلگەن تۇزلۇق سۇ بولۇپ قالماسلىقى كېرەككى، بۇ ئەدەبىيات ئارقىلىق دېھقاننىڭ ئېتىز قىرىدىمۇ كىتاب ئوقۇش ئەنئەنىسى قايتا نۇرلانسۇن. شۇنداق ئادەملىرىمىز ئۆتكەن، خۇشاللىقىنىمۇ، قايغۇسىنىمۇ شېئىر، قوشاق ئارقىلىق ئىپادىلەپ كەلگەن. ئائىلىلەردە قويۇق پەلسەپىۋىي ھەم ئەدەبىي مۇھىت بولغان. بۇ خىل روھ ئابدۇخالقىنى ئۆلۈم ئالدىدىمۇ تەمتىرىمەي «ئويغان ئۇيغۇر» دەپ شېئىر توۋلاتقان. مەمتىلى ئەپەندىنى تۈرمە تاملىرىغا شېئىر يازغۇزغان. موللا زەيدىن كەبى ھەزىلكەشلىرىمىز باي- بەگلەرنى ئاچچىق كىنايە ئۇرغۇپ تۇرغان قوشاقلىرى بىلەن بابلىغان. خەلقنىڭ تومۇرىدىكى ئەدەبىي خۇرۇچلار زامان ئەينەكلىرىدە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە قادىر. بۇ خىل روھ بايقاشقا ، نۇرلاندۇرۇشقا مۇھتاج. ئەدەبىيات ئۈچۈن ئايانماي پۇل چىقىرىپ، قەلەمكەشلەرنىڭ ماددىي ئېھتىياجىغا ئازراق بولسىمۇ دەرمان بولۇشنى كۆزلىگەن ئەقلى ئويغاق، ئەركەك كارخانىچىلىرىمىز كۆپىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، گالىستۇكنى قاتۇرۇپ تاقاپ، تەزىم- تەۋەززۇلار ئىچىدە ئۆز- ئۆزىدىن يىراقلىشىۋاتقان شەھەر كىشىلىرىگە، ئاشۇ گىرىمسىز مۇھەببەتنى، دېھقان روھىدىن كۆكلىگەن ئۇلۇغلۇقنى ھېس قىلدۇرۇش،  بىر مىللەتنىڭ ئۆزگىرىش ئىچىدىكى، بۇرۇلۇش پەيتىدىكى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلىرىنى خەلق قوبۇل قىلالايدىغان شەكىلدە قەلەمگە ئېلىپ، روھىيەت ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش ھەر بىر قەلەمكەشنىڭ ۋىجدانىي بۇرچى.
 
 
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-11, 19:39
چ چ:1272497571
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-11 19:18 |
iztirap1
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1161
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 145 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 155 سوم
تۆھپە: 78 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 78 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەيرانمەن،موشۇنداق مەتبۇئات تەلىپىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان،ئىلمى قىممەتكە ئىگە ئەسەرلەرنى كۆرۇپ باھا يازىدىغان ئادەم يوق.تۇتامغا چىقمايدىغان ئىككى ئېغىز مۇھەببەت كەلىمىسىنى يېزىپ قويسا،<<قەلىمىڭىزگە بەركەت بەرسۇن،تارتىملىق يازمىلىرىڭىزغا بىز تەشنا>>دەپ شولگەيلىرىمىز ئېقىپ كېتىدىكەن،قېرىنداشلار،ئەسەرنى پەرقلەندۇرۇشنى ،تاللاپ ئوقۇشنى ئۇگىنەيلى،ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۇچۇن،تورغا چىقىش ،ئەسەر ئوقۇش ئۇيغۇرغا يارىشىدىغان ئىش ئەمەس،گەپلىرىم ئېغىر كەتكەن بولسا كەچۇرەرسىلەر.
ئەھەت ئىسمايىل.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-11 21:41 |
iztirap1
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1161
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 145 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 155 سوم
تۆھپە: 78 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 78 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئوسمان زاھىر ئەپەندى،مېنى تونۇيسىزغۇ دەيمەن،توردا بولسىمۇ ئالاقىلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرايلى،گەرچە ئەدەبىي ئىقتىدار،سەۋىيە جەھەتتە سىز كۆكتە،بىز پەستە بولساقمۇ،بەزىدە كەمبەغەلنىڭ چېيى چىشقا دورا بولغاندەك ئاددى ئادەملەردىنمۇ ئېسىل پىكىرلەر چىقىپ قالىدۇ.مېنىڭ چ چ نومۇرۇم1754028390،ئېلخەت ئادرىسىم:Ahatjan614@126.com
ئەھەت ئىسمايىل.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-11 21:48 |
iwirgholl

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 66
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 249
شۆھرەت: 1445 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1460 سوم
تۆھپە: 829 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 829 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 541(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەممە ئادەمنىڭ قىزىقىشى باشقا، مەن چوڭ ھەجىملىك كىتاپلارنى بەك ئوقۇپ كەتمەيمەن. ئونۋېرستىتتىكى چاغدا ياتاقتىكىلەر بەك ئوقۇيتتى، دەسلەپتە ئاساسەن تارىخىي ئەسەرلەرنى ئالماشتۇرۇپ ئوقۇپ يۈرگەن، كىيىن قارىسام باشقا مەزمۇندىكى كىتابلارمۇ جىقلاپ قالدى، بىر-بىرىنى ئالدىرتىپ يۈرۈپ ئوقۇشۇپ كېتەتتى، كېيىن كەچلىكلىرىدىكى «مۇنازىرىلىرى»دىن پەرەز قىلىشىمچە ئۇلار كىتاپتىكى شەھۋانىي تەسۋىرلەرگە بەكرەك قىزىقىدىغاندەك قىلاتتى...
كېيىن قوشنا ياتاقتىكى بىزدىن بىر يىللىق يوقۇرى سىنىپتىكى بىرەيلەن كىرىپ ئۇلار ئوقۇۋاتقان كىتابلارنى كۆرۈپ، سۆزلەپ قالدى:(ئۇ بالىمۇ نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقۇغان بالا ئىدى) ئۇكىلىرىم ئوقۇيدىغانغا كىتاپ چىقمىدىما؟ ھەبوپتۇ، ئۆزۈم ئوقۇۋېلىپ سىلەرنى ئوقۇما دىسەم قاملاشماس، ئەمما ھازىرقى كىتاپلاردىن راستىنلا بىزار بولدۇم. ھازىرۋاغۇ يازغۇچىلار پۇل تېپىشقا كىرىشىپ كەتتى، مۇشۇنداق ئەسەر يازمىسا كىتاپ سېتىلمايدۇ ئەمەسمۇ!
مانا بۇ بىز ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ باھاسى...
تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن قانچىلىك ئاتا قىلغىنىڭنى ئويلا
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-11 22:25 |
hormat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1293
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 22 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

       ھازىرقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغۇرلۇق تولىمۇ ياخشى ئەسەر بوپتۇ ! قەلىمىڭىزگە بارىكاللا .
ھازىرقى 100 شېئىردىن ،مۇشۇنداق ئەسەردىن بىرسى بولغان بولسا بەكمۇ ياخشى بولاتتى ...

  ئەدەبىيات كوچىسىغا كىرىش ئالدىدىكى ياكى شۇ كوچىدا مېڭىۋاتقان ھەربىر يازغۇچى بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ باقسا بولغىدەك
   نەچچە ۋاقىتتىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدىكى كوچا ئاپتوبۇسىدا  بىزگە ناھايىتى تونۇشلۇق ، ناھايىتى ئابرويلۇق ،نۇرغۇن كىتاپلىرى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ھەم نۇرغۇن ئائىلەردە كىتاپلىرى ئەتىۋالىق ساقلىنىۋاتقان يازغۇچىنى كۆرۈپ قالدىم
   كىيىنىشىمۇ شۇنچىلىك ئاددى ، مېنىڭ يېنىمدا ئۆرە تۇرۇپ قالدى  .
  ئۈرۈمچىدە ئىككى قېتىم سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپلا بىر پىكاپلىق بولۇپ قالدىغان سەنئەتچىلەر تولا ، نىمىشقا  يازغان كىتابى پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدا باس - باس سېتىلىپ قايتا -قايتا نەشىر قىلدۇرۇلغان بۇ ئەدىب كوچا ئاپتۇبۇسىدا قىستىلىپ يۈرگەندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم .
  بەلكىم ھەشەم قىلىشنى ئويلىمىغاندۇ ، بەك ئېھتىياجلىق بولمىسا كوچا ئاپتۇبۇسىنى ياخشى دەپ بىلگەندۇ دەپمۇ ئويلىدىم ھەم شۇنداق دىگەن ھالەتتىمۇ  تاكسى توساپ ماڭسىمۇ بولار ئىدىغۇ دىگەننىمۇ ئويلىدىم .
    بەلكىم پىراۋىسى يوقتۇ ، بەلكىم بەك ئالدىراشمۇ ئەمەستۇ ،.
   لېكىن چەتئەلدە بىر كىتاپ يازسا نۇرغۇن كىرىم قىلالايدۇ ، ھەتتا بىر ئۆمۈر يېتىپ خەجلىگىدەك پۇل تاپالايدۇ ، لېكىن بىزدىچۇ ؟
  بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىقتىسادى قىممىتى قاچانمۇ ئاشار ھە !
     ھازىر خېلى ياخشى بولۇپ قالدى ، كىتاپخانىلاردا بىر قەدەر ئىلمىي تەپەككۈر خاراكتىرىدىكى كىتاپلارنى كۆپرەك كۆرىدىغان بوپ قالدۇق ، بولمىسا مۇھەببەت كىتابى بەك جىق ئىدى ،  كىشىگە پەقەت ۋاقىتلىق ھوزۇر ئاتا قىلالايدىغان مۇھەببەت رومانلىرى بىر مەزگىل خانىم - قىزلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇش ئوبىيكتىغا ئايلانغان ئىدى ،
   ئوقوغۇچى ۋاقىتلاردا قىزلار مۇھەببەت كىتاپلىرىنى پارتا تىگىگە تىقىۋېلىپ ھۇزۇرلىنىپ ئوقوپ كېتەتتى ، شۇنداق قىزلار ئەڭ بۇرۇن مۇھەببەتلىشەتتى  ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىللەردە .
   ئوسمان زاھىرنىڭ بۇ ئەسىرى ھەقىقەتەن كۆپ ئويلنىپ ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ يېزىلغان ئېسىل ئەسەركەن ،  
    مەن بۇ ئەسەرنى تونۇشلارغا تەۋسىيە قىلىمەن ، ھەمدە سۆزلەپ بېرىمەن ،
   ھەق سۆزلەپسىز  ئوسمانجان ئەپەندى . بارىكاللا ، ئادەم ئاتىغا ئوچۇق خەت ناملىق ئەسىرىڭىز بىلەن سىزنىڭ تونىغان بولسام ، قەلبىم تۆككەن چېچەكلەر ناملىق ئەسىرىڭىز ئارقىلىق سىزگە بولغان ھۆرمىتىم باشلانغان ئىدى ، تېلىۋىزور مەھەلەمنى تۆلەپ بەر دىگەن ئەسىرىڭىز ئارقىلىق سىزنىڭ يوقىرى تۆۋەن ئومۇمى خەلقنىڭ كۆڭلىدىكى يازىدىغانلىقىڭىزنى ھېسى قىلدىم ، بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ سىزگە ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى ، ئاپىرىن سىزگە .   ئاخىرىدا  مۇنبەر نىڭ ئىنكاس يېزىش قائىدىسى بويىچە ئەمەس بەلكى چىن يۈرىكىمدىن چىقىرىپ سىزگە شۇنى دىمەكچى : قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !  سالامەت بولۇڭ ، سىزدەك كىشىلەرنىڭ سالامەت بولىشى بىز ئۈچۈن مۇھىم ! !!
    
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-12 02:22 |
menggutash

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 349
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 425 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 399 سوم
تۆھپە: 221 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 221 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 249(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىزتىراپ ئەپەندى، ئۇنچىلىك تۈزۈت قىلماڭ، ھەممىمىز مۇشۇ زىمىن ئۈستىدە ياشاۋاتقان ئاددىي ئىنسانلارمىز. ئىجادىيەتتە ئۆزئارا پىكىرلىشىپ، ھۈرمەتلىشىپ ئۆتۈش ھەممىمىزگە پايدىلىق. مەن ۋىجدانى ئويغاق، ئۆز قەۋمى، ئۈممەت ئۈچۈن كۆيىدىغان ھەرقانداق كىشىنى يۇقىرى، تۆۋەن، باي كەمبەغەل دېمەي ئوخشاشلا قېرىندىشىم دەپ بىلىمەن.

ھۈرمەت قېرىندىشىم، سىزگىمۇ رەھمەت. مەن پەقەت ۋىجدانىمنى غىدىقلاپ تىنىم تاپقۇزمايۋاتقان نەرسىلەر ئۈستىدە قەلەم تەۋرىتىشنى ئارزۇ قىلىمەن. مەندىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىڭىزنى ئۆزۈمگە ئىلھام دەپ بىلىمەن. ھەممىمىز ئورتاق تىرىشايلى.
چ چ:1272497571
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-12 10:03 |
بارخان
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1370
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 50 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 59 سوم
تۆھپە: 29 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 29 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەڭگۈتاش ئەپەندى ،،سىز قۇمۇل گېزىتىدىكى ئوسمان زاھىر بولامسىز  ؟ تور دېگەن ھەجەپ ئېىسل نەرسىكەن ھە ؟    ،،پاھ پاھ ،،قارىمامدىغان .     سىزنىڭ يازمىڭىزسىز بىرەر سان يۇرتۇم گېزىتىنى كۆرمەك تەس جۇمۇ ..  ماقالىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ بولالمايلا ئىنكاسقا ئالدىراپ قالدىم ،ساقلىۋېلىپ ،ھەزىم قىلىپ ئوقۇي ،ئەمما كۆزۈمگە ئىلىنىپ كەتكەن بىر جۈملىدىكى«قوش پىچاق» ئاتالغۇسى بىر سان «قۇمۇل گېزىتى»دە قايچا دەپ ئىزاھلىنىپتىكەن .ئۆزۈمچە ئاقساقاللىق قىلىپ قويدۇم .
نەپەس ئېلىپ تۇرۇڭ ،ھەرگىز توختىتىپ قويماڭ
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-14 23:13 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 335
شۆھرەت: 2132 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2137 سوم
تۆھپە: 1192 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1210 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 473(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ﺋﯧﺸﻪﻙ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻫﻪﺟﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺳﯩﻤﯘ ﺋﯧﺸﻪﻙﭘﯧﺘﻰﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.»ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﯩﻜﺮﻯ ﻛﯧﭙﻘﺎﻟﺪﻯ
مەن بۇ پىكىرگە قوشۇلمايمەن،ھىچ بولمىغاندىمۇ ئادەتتىكى ئىشەكلەردىن پەرىقلىق بولىدۇ،بۇنداق ئىشەكنى بىز <<ھاجى ئىشەك>> دەيمىز   
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-15 09:33 |
بارخان
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1370
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 50 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 59 سوم
تۆھپە: 29 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 29 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى kokturukدە2011-04-15 09:33يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ﺋﯧﺸﻪﻙ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻫﻪﺟﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺳﯩﻤﯘ ﺋﯧﺸﻪﻙﭘﯧﺘﻰﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.»ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﯩﻜﺮﻯ ﻛﯧﭙﻘﺎﻟﺪﻯ
مەن بۇ پىكىرگە قوشۇلمايمەن،ھىچ بولمىغاندىمۇ ئادەتتىكى ئىشەكلەردىن پەرىقلىق بولىدۇ،بۇنداق ئىشەكنى بىز <<ھاجى ئىشەك>> دەيمىز   


  ھەي ئەمدى ،..................
[ بۇ يازمىنىبارخاندە2011-04-15 22:31قايتا تەھرىرلىد ]
نەپەس ئېلىپ تۇرۇڭ ،ھەرگىز توختىتىپ قويماڭ
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-15 09:38 |
iwirgholl

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 66
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 249
شۆھرەت: 1445 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1460 سوم
تۆھپە: 829 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 829 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 541(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى kokturukدە2011-04-15 09:33يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ﺋﯧﺸﻪﻙ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻫﻪﺟﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺳﯩﻤﯘ ﺋﯧﺸﻪﻙﭘﯧﺘﻰﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.»ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﯩﻜﺮﻯ ﻛﯧﭙﻘﺎﻟﺪﻯ
مەن بۇ پىكىرگە قوشۇلمايمەن،ھىچ بولمىغاندىمۇ ئادەتتىكى ئىشەكلەردىن پەرىقلىق بولىدۇ،بۇنداق ئىشەكنى بىز <<ھاجى ئىشەك>> دەيمىز   

"ھاجى ئىشەكلەر" مۇ ئاز ئەمەسقۇ دەيمەن ئەتراپىمىزدا!
تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن قانچىلىك ئاتا قىلغىنىڭنى ئويلا
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-15 09:41 |
بارخان
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1370
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 50 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 59 سوم
تۆھپە: 29 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 29 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەمما لېكىن موشۇنداق بىر پارچە ئېسىل ئەسەرنىڭ كۆزۈمچىلا تۆۋەنگە چۆكۈپ كېتىۋاتقىنىغا پەقەت ئىچىم چىدىمىدى . خۇددى مۇئەللىپ ئەسەردە تىلغا ئالغىنىدەك تور ئەدەبىياتچىلىقىمىزدا مېغىزدىن ھەسسە-ھەسسە باراۋەر سامىنى ،يۆگىشىپ ياتقان شۇمبۇيىسى ،لۆمۈلدىشىپ قۇرت-قوڭغۇزى جىق ئىدى .موشۇنداق كاتتا ،ھەق گەپلەر سۆزلەنگەن تېما 400 قېتىملارچە كۆرۈلۈپتۇيۇ ،تۈزۈككىنە بەش قوۋۇز ئىلھاملاندۇرۇش ،مەدھىيە ئالقىشلىرى توپا-چىركىن بېسىپ ھەرقايسى مۆھتەرەملەرنىڭ دەريادەك كەڭرى ئىچى -قارنىدىلا قاپتۇ .ئەلۋەتتە بۇنچىلىك بىر يورۇقلۇقنى بىزگە سۇنغان قەلەم ئىگىسىگە ھېچقاچان ئۇلار كام بولمىسا كېرەك ..لېكىن ...لېكىن ...قېنى ھېلىقى كۇنۇپكا تاختىسىنى تىزىغا بىر قويۇۋالسا ،باش چۆكۈرۈپ بىۋاستىلا مۇنبەر يۈزىگە بەش ئەشئار يازارمەنلىرىمىز ؟ قېنى شۇنىڭدەكلا ئۇزۇن بىر جۈملىنى تەڭ تۆتكە بۆلۈپ ،دۇفۇ كەسكەندەك داستان كېسەرمەنلىرىمىز ؟ بىر ئېغىز گەپنى دەپ بولغۇچە جاندىن جاق تويغۇزىۋېتىدىغان تور موللىلىرىم  ؟ توۋا  ...ئەگەردە بىركىم بۇندىن بىر قۇسۇر تېپىۋالغىنىدا ئىدى ،ئات-ئېشەك تېرەك غاجىغاندەك  غاجاقچىلار ئۆچرەت بولۇردى . بىر پارچە ھەق سۆز روياپقا چىقىۋىدى ،ھەممە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈشۈپ ،دولىلىرىنى چىقىرىشىپتۇ . تۈنۈگۈن تولۇق ئوقۇپ چىقالمىغانتم ،مانا ھازىر پۇرسەت يېتىپتۇ   . «ياخشىنىڭ ياخشىلىقىنى چىقار كۆككە يەتسۇن ،ياماننىڭ يامانلىقىنى چىقار توزۇپ كەتسۇن .»   .« سەنئەتخۇمار  خەلق » دېگەن ئېگىز بۆكنى كىم كەيدۈرىۋەتكەنلىكىگە ئەقلىم لال . بىزدە ناخشا -ئۇسسۇلچى ،ئاكتيور -ئارتس ،مانا ئەمدى شۇنىڭغا ئۇلاپلا شائىر-يازغۇچى دېگەن شۇنچىلىك ئاۋۇپ كەتتىكى ،سەئىدىيە دەۋرىدىكى مولچىلىق چۆلدە قالسۇن . بۇنىڭ نەرى يامان ؟ دەپ كەمىنىنى ئەيىبلىگۈچىلەر چىقار ..ئەينى يىللاردا ئۆتكۈر ئەپەندى ،زوردۇن سابىر ،زۇنۇن قادىرى ،تېيىپجان ئېلىيوپ قاتارلىق ساناقلىقلا ئەدىبلىرىمىز سەنئىتىمىزنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ چاقناتقان ئىدى ..بۈگۈنكىدەك شاكىلىمۇ ،دېنىمۇ ،پوستىمۇ ،يىلتىزىمۇ بىراقلا ئېقمغا ئارىلىشىۋالىدىغانغا يا بۇ بىر كوچا ئايلىنىش بولمىسا  ،ئاشۇنداق تۇترۇقسىز جۆيلۈمىلەر  ھەربىرى كەينىگە بىر ئوچۇم ھېرىسمەننى ئەگەشتۈرۈپ ،موشۇنداق مېغىزلىق ئەسەرلەرنىڭ يۈزىنى قېلىن بىر قەۋەت توپىدەك توسىۋالسا  ،ئەسلىدىن سۈپسۈزۈك بۇلاق سۇلىرى ئويناقشىپ ئېقىۋاتقان ئېقىنغا،  ھەممىمىز بىر چېلەكتىن « ماۋۇسى مېنىڭ ئىدى ،،»،« باھانى خەلق بېرىدۇ » دېيىشىپ ،يۇندىنىمۇ ،ئەخلەتنىمۇ ئاچىقىپ تۆكىۋەرسەك ئەدەبىياتىمىز «قاغۇم ئېرىق» تەك تۈگشمەمدۇ ؟،،شۇنىڭ ئارىسىغا كىملەردۇ  تۈجۈپىلەپ تۆككەن ،قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن ئۇشبۇ تېمىدەك ئابى-زەمزەم بار ئۈچۈن سىز بىر ئوچۇم ئېلىپ ئىچكىلى كۆڭلىڭىز تارتۇرمۇ ؟ مەنچە بولسا يازارمەنلىك خۇددى تېۋىپلىقتەك زىل ھۈنەر .خۇددى دورا خاتا كەتسە ،بىمارغا ئەكس تەسىر قىلغاندەك ،مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن تۆرەلگەن ئەسەرنىڭ قانچىلىك ئادەمگە رېئاكسىيە قىلىدىغىنىنى مۆلچەرلەپ بولماق مۈشكۈل .توغرا ،خۇددى مەڭگۈتاش ئەپەندىم ئېيتقىنىدەك « ھەممە قويلار ئەسلىدە قوزا ئىدى » ،ھەۋەسكار -ھېرىسمەنلەرنى ئوشۇقچە ئەيىبلەشمۇ توغرا كەلمەيدۇ ،يازسۇن ،ئۆگەنسۇن ،،ئېقىنمۇ ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن  . ئەمما خۇددى قېرىنداش مىللەتلەر ماقاللىرىدىكىدەك « سەھنىدىكى بىر مىنۇت ،سەھنە كەينىدىكى ئون يىللىق تىرىشش بەدىلىگە كېلىدۇ »  ،چولپانلار مۇ كۈندىلىك مەشىق جەريانىنى تاماشىبىنلارغا سۇنىۋەرمەيدۇ  . ئوسمان زاھىر ئەپەندىنىڭ بىزگە ئوخشاش تىلىمىزدىكى ئېسىل يازمىلارنى كۆرۈشكە مۇشەررەپ بولالمايۋاتقانلارنى ۋىجدان ھەم ئۆزلۈك ئويغاتمىلىرى بىلەن تەمىن ئەتكىنىگە كۆپ تەشەككۈر  .ئۆزۈم بۇ ئۇلۇغ كەسىپتىن تۈزۈككىنا خەۋەردار ئەمەسمەن ،يازمىڭىز باھانىسىدا ئويلاپ كەلگەنلىرىمنى كۆپچىلىككە ئاڭلىتىپ باقتىم ،ئەيىبكە بۇيرىماسسىز .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+9(kokturuk) نادىر ماقالە
  • نەپەس ئېلىپ تۇرۇڭ ،ھەرگىز توختىتىپ قويماڭ
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-15 22:30 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    Bagdax bbs » تەرمىلەر