تاغمۇ-تاغلاردىن ئىگىز،
باغداش دىگەننىڭ تاغلىرى.
ئۈستىدە قارلار يېغىپتۇ،
ئاستىدا گۈل باغلىرى.
ھەممىڭلارغا مەلۇم، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىردىن كېيىن يەرشارى ھاۋا كېلىماتىدا ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىشكە باشلاپ، تەبىئى ئاپەتلەر كۆپۈيۈپ ئىنسانلار تۇرمىشىغا نۇرغۇن ئاچچىق ساۋاقلارنى ئېلىپ كەلدى! ھەم مۇناسىۋەتلىك مۇتەخخەسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلار يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ ئاڭلىق ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەنگە قەدەر ئىنسانلارنىڭ قارا قولى ئارام ئالغىنى يوق!جۈملىدىن مېنىڭ ئانا يۇرتۇم جەننەت ماكان باغداشمۇ ئىنسانلارنىڭ قارا قولىنىڭ ھۇجۇمىدىن خالى ئەمەس. باغداش تەڭرى تېغىنىڭ شەرقى جەنوبى تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 2000مېتىر، قومۇل شەھرىدىن 100كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاغ ئارسىغا جايلاشقان كىچىك بوستانلىق! بۇيەرنىڭ ھاۋا كېلىماتى يازدا سالقىن، قىشتا ئىللىق بولۇپ، ئىگىزلىكنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن قوغۇن، تاۋۇز، ياڭاق، ئالما، جىنەستە، ئۆرۈك قاتارلىق مىۋىلىك دەرەخلەرنى ۋە باشقا زىرائەتلەرنى ئۆستەرگىلى بولىدۇ. قارلىق تاغنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 3000مېتىر.
خوش باغداشىنى تونۇشتۇرۇش موشۇ يەرگىچە بولسۇن! يەرشارى ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، باغداشنىڭ ھاۋا كېلىماتىدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بەردى. ھۆل-يېغىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، قۇرغاقچىلىق يىلدىن-يىلغا كۆپىيىشكە باشلاپ، قارلىق تاغدا ئەسلى بار بولغان قارنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى(قار بىلەن قاپلىنىش يۈزى ) كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى،نەتىجىدە ئىكولوگىيلىك مۇھىتنىڭ تەڭپۇڭسىزلىق ئەھۋالى كۈچىيىپ كەتتى. موھىتتنىڭ موشۇنداق ئاجىزلىشىۋاتقان ۋاختىدا، بەزى نەپسانىيەتچىلەر كىشىلەرنىڭ كەلگۈسى مەنپەئەتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ''باغداش'' قارلىقىدا كان ئېچىش ئىشى بىلەن شوغۇللانماقتا.
مەن بىر نەچچە يىل ئىلگىرىلا باغداشتىكى قارلىق تاغدا كان باركەن دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم، بۇلتۇر 24-ئىيول ئەۋرىشكە يىغىش باھانىىى بىلەن كان رايونىنى زىيارەت قىلدىم، ھەمدە بۇ يەردىكى ئەھۋالغا ۋاختىدا تەدبىر قوللىلىنمىسا، باغداش رايونىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل قومۇلنىڭمۇ ئىكىلوگىيلىك مۇھىتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. كان رايونىدىكى ئوتلاق ۋە سۇمەنبەسىنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر ئىكەن! كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىنى سورايمەن! مۇخپىرلار بولسا بۇ ئەھۋالنى گېزىتتە چىقارغان بولسا، مەن ماتىريال بىلەن تەمىنلەپ بېرەلەيمەن! بۇماتىرياللار ئويدۇرما ئەمەس !رەسىمنى تارتىش ئۈچۈن مەن ئاشۇ يايلاقتا قوي بېقىۋاتقان ئاكىلار بىلەن بىللە بارغان، بىز بارغاندا ئۇ يەرگە شەرقى شىماللىق بىر ساياق كىشى ئائىلىسىدىكىلەر(جەمئى ئۈچەيلەن) بىلەن بىللە قاراۋاتقان ئىكەن،ئۇساياق مېنى رەسىم تارتىشتىن توسىدى، ھەمدە بىللە بارغان قويچى ئاكىلاردىن كېلىش مەخسىتىمنى سوراپتۇ. كان رايونىنى ئاشۇ ساياق يىل بويى مۇھاپىزەت قىلىپ ساقلايدىكەن!
ناۋادا بۇ ئىشنى ياخشىراق ھەل قىلالايدىغان بىرەر كىشى مەن بىلەن ئالاقىلاشسا، ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەپ بېرىمەن! ھازىر مەندە
رەسىمدىن باشقىمۇ ماتىرىياللار بار!
باشقا تورئادرىسلىرىغىمۇ يوللاپ قويساڭلار!
تولۇقلىما :
چۈشەندۈرىلىشى:سۇ مەنبەسىنى بۇلغىغان ئەخلەت
رەسىم:
[ئۆچۈرۈش] چۈشەندۈرىلىشى:سۇ مەنبەسىنى بۇلغىغان ئەخلەت
رەسىم:
[ئۆچۈرۈش] چۈشەندۈرىلىشى:سۇ مەنبەسىنى بۇلغىغان ئەخلەت
رەسىم:
[ئۆچۈرۈش] چۈشەندۈرىلىشى:سۇ مەنبەسىنى بۇلغىغان ئەخلەت
رەسىم:
[ئۆچۈرۈش] چۈشەندۈرىلىشى:كان ئېچىش ئۈچۈن بەرگەن ئېلان
رەسىم:
[ئۆچۈرۈش] بۇرەسىملەر” ئاھ مېنىڭ جەننەت ماكانىم_باغداش!“ قا بېرىلگەن تۇلۇقلىما رەسىملەر. موشۇ مۇناسىۋەت بىلەن باشقا باغداشقا بېرىپ ساياھەت قىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئاڭلىق ھالدا تۇرمۇش ئەخلىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
سۇنىڭ بۇلغىنىشى ، دىلنىڭ بۇلغىنىشىدۇر.