نىمىشقا بۇ تېمىغا ئاتا-ئانىلار ياكى توي قىلىپ بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن ئىس چىقىرىۋاتقانلار ئىنكاس يازمايدۇ ؟؟؟ باغداشقا كىرىمەن مۇشۇ تېمىنى ئاچىمەن ،قانداق بىر پايدىلىق بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار باركىن دەپ قارايمەن ، بۈگۈن كىرسەم يەنە يوق ... باشقىلار بەك ئالدىراشمۇ يە؟؟
قانداق تەربىيە بېرىشنى مەنمۇ بىلمەيمەن ، چۈنكى مەن ئاپامنىڭ ھەرخىل «يامان بولىدۇ» لىرى ئاستىدا چوڭ بولغان ، ھەم شۇ يامان بولىدۇلارغا ئەمەل قىلىپ كەلدىم .
ئاپام مېنى تۇنجى قېتىم مەكتەپكە ئېلىپ بارغان چاغدا ماڭا«بۇندىن كېيىن مۇئەللىمنىڭ گىپىنى ئوبدان ئاڭلاڭ،ئۇمۇ سىزنىڭ ئاپىڭىز،مۇئەللىم سىزنى خاتا ئەيىپلىسىمۇ گەپ تالاشماڭ يامان بولىدۇ»دىگەن ئىدى.مەن« نىمىشقا ؟»دەپ سورىسام،ئاپام«مۇئەللىمنى خاپا قىلغان كىشى مەڭگۈ ئىلگىر باسمايدۇ،بەختى قېچىپ كېتىدۇ»دىدى. شۇنىڭدىن كىيىن بەختىمنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ، مۇئەللىملەرنىڭ گىپىنى ئوبدان ئاڭلىدىم.
ئۆيدە دادام دىنغا دائىر كىتابلارنى ئۈنلۈك ئوقىيتتى، مەن «بوشراق ئوقىسلا»دىسەم، دادام«مۇشۇنداق ئوقىسا ياخشى» دىگەن ئىدى .كىيىن بىلىشىمچە دادام دىنىي بىلىملەرنى مېنىڭ قۇلىقىمغا سىڭدۈرۋېتىش ئۈچۈن شۇنداق قىپتىكەن.
بۇلارنىڭ ھەممىسى دادام-ئاپامنىڭ ماڭا قىلغان تەربىيىسى ...ئۇلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت، ئاللاھ ئۇلارغا تېنچ ئامانلىق ، ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلغاي ..ئامىن!!!
باشقىلارمۇ بىلگىنىڭلارنى ئايىماڭلار!!!!!! يەنە يازاي دىسەم تېمىدىن جىق ئىنكاس بوپ كەتكۈدەك