بۇ تېما 264 قېتىم كۆرۈلدى
ilim
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 197
شۆھرەت: 1380 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1406 سوم
تۆھپە: 757 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 761 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 251(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تىرويا ياغاچ ئېتى ۋىروسى ۋە مۇناپىق مىللەتداشلىرىمىز

تىرويا ياغاچ ئېتى ۋىروسى ۋە مۇناپىق مىللەتداشلىرىمىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
ترويا ياغاچ ئېتى ۋەقەسىنى ئىلگىرى تارىخ دەرسلىرىدە غىل پال كۆرگەن بولساممۇ ،ھەقىقى بىلگەن ۋاقىت
يەنىلا كومپيوتورۇم تۈنجى نۆۋەت ياغاچ ئات ۋىروسىغا ئۇچىرىغان ۋاقتىم بولدى .باشقىلار بۇنى مۇما مۇما
دەيدىكەن .شۇنىڭ بىلەن مۇما دىگەن نىمە دەپ سورىسام ،ماڭا تورويا ۋەقەسىنى سۆزلەپ بەردى .
دىمەك مۇما يەنى ياغاچ ئات ۋىروسى دىگەن قارا مېھمانلار كۆزلىرىمىزنى غەلەت قىلىپ ئۇستۇلۇق بىلەن
كومپىيوتۇرۇمىزغا كىرگەزگەن ۋىروسكەن ئەمەسمۇ .بۇ ۋىروسلار كومپيوتورۇڭىزغا كىرگەندىن كېيىن سىزگە
تۇيغازماي بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ .كومپيوتورۇڭىزنى بىردەمنىڭ ئىچىدە بىر دوۋە تۆمۈر تەسەككە ئايلاندۇرۇپ
قويىدۇ .
مۇشۇ زىناخورلار ،ھاراق ئىچىۋاتقانلار ۋە باشقا ئەشەددىي گۇناھ ئۈستىدىكىلەرنى تىرويا ياغاچ ئېتىغا
ئوخشاتقۇم كېلىدۇ .نىمىشقا دىسىڭىز .بۇ گۇناھلار شەيتاننىڭ مەھسولاتلىرىدور .لېكىن مۇشۇ گۇناھلارنى
قىلىۋاتقانلار بىزنىڭ ئۇيغۇرداشلىرىمىز ھەتتا مۇسۇلمانلىق دەۋەسى قىلىۋاتقانلاردور .
شەيتان بۇ گۇناھلارنى ئۇيغۇرداشلىرىمىزغا چىرايلىق كۆرسىتىپ ئۇلارغا ھارام ئىشلارنى قىلغۇزىدۇ .
شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى ئاشۇلارنىڭ ئېچىتىشى بىلەن ئىچىدىن سېسىپ ماڭىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاستا
ئاستا كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلايدۇ .
مەن زىناخورلار ،قىمارۋاز،ھاراقكەشلەرنى مىسالغا ئېلىب باقاي ..
زىناخورلار توغرىسىدا ئالدى بىلەن قۇرئانى كەرىمگە قارىساق :

5. سۈرە بەنى ئىسرائىل، 32 ـ ئايەت

زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر.


7. سۈرە نۇر، 2 ـ ئايەت
 
زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار، ئەگەر سىلەر اﷲ غا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىغان بولساڭلار، اﷲ نىڭ دىنىنىڭ (ئەھكامىنى ئىجرا قىلىشتا) ئۇلارغا رەھىم قىلماڭلار، ئۇلارنى جازالىغان چاغدا مۆمىنلەردىن بىر تۈركۈم كىشى ھازىر بولسۇن.
 
8. سۈرە نۇر، 3 ـ ئايەت
 
زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تېگىدۇ، ئۇ (يەنى زىنا) مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى.
 
 
 ئاللاھنىڭ سۆزى بولغان قۇرئانى كەرىمدىكى بۇ مەزمونلاردىن  ئەقلى ھوشى جاھىدا ئادەم بولسىلا
زىنانىڭ مۇشرىك يەنى دىنسىزلىك بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز .
سۈرە نۇر 3-ئايەتتىكى
زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تېگىدۇ، ئۇ (يەنى زىنا) مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى.
 دىگەن سۆزلەرنى ياخشى تەھلىل قىلىپ باقايلى .شۇنى بايقايمىزكى زىناخورغا ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئىچىدىكى
پاك كىشىلىرىمىز ھەرگىز ھالال سانالمايدۇ .ئەگەر ئەر زىناخور پاك ئاياللىرىمىزنى ئالسا ياكى ئايال زىناخور
پاك يىگىتلىرىمىزگە تەگسە ئېنىقكى ئېغىر بۇزغۇنچى بولىدۇ .مىللەتنىڭ قېنىنى بۇزۇدۇ .بىلىپ تۇرۇپ مىللەتكە
زىيان سالىدۇ .زىناخورلار ھەقىقەتەن مىللەتنىڭ دۈشمەنلىرىدور .ئۇلار شەيتاننىڭ مىللىتىمىزگە كىرگەزگەن
ياغاچ ئاتلىرىدور .مەيلى ئىسلام دۇنياسىنى ياكى دەھرى دۇنيانى كۈزەتسىڭىز زىنا زالالەت قاپلىغان ئەلدە
شەيتان شۇنچىك قۇترىغىنىنى ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇچىغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ شۇنچىلىك ئاجىزلىقىنى
بىلەلەيسىز .ئۇيغۇر مىللتىمىز مۇسۇلمان مىللەت بولۇپ ياشىغىلى 1000 يىلدىن ئاشتى .ئىسلام ئەھكاملىرى
ئاللىقاچان روھىتىمىزگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسۈتۈپ بولدى .دىمەك شەيتان يولىغا ماڭمايدىغان ،ھارامدىن
ئۆزىنى ساقلاشقا تىرىشقان  ئۇيغۇر ھەقىقى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۇيغۇر سانىلىدۇ .ئۇنداق بولمىغاندا ئازغۇنلۇق ھەتتا مىللى مۇناپىقلىق يولىغا ماڭغان بولىدۇ  .خۇددى ياغاچ ئات ۋىروسىغا ئوخشاش ئۆزىنى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى چىرىتىدۇ .ئۇيغۇر ئەۋلادىنى پاسىقلاشتۇرۇدۇ .زىناخورلارمۇ دەل شۇنىڭ جۈملىسىدىن .زىناخور كىشىلەردىن
تېخىمۇ زىناخور ئەۋلادلار مەيدانغا كېلىدۇ .ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى زىنانىڭ كۆپىيىشى ھەتتا قول تېلىفۇنلار
ئارقىلىق ئاشكارە بولىشىدا ئاشۇ ئىلگىرىكى زىناخور ئۇيغۇرلارنىڭ زور <تۆھپىسى> بار دىسەك ئارتۇق بولماس .
شۇنى ئويلاپ بېقىڭكى ئۇيغۇردىكى نامازكورلۇق ۋە ھارامخورلۇقنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ زىناخورلۇقمۇ
كۆپىيىۋاتىدۇ .بۇ كىشىنى ئويلاندۇرۇدۇ .ئەگەر بىرەر قارشى تۇرۇش تەدبىرى قوللانمىساق زىنا دىگەن بۇ مەرەز
مىللىتىمىزىنى ۋەيران قىلىدۇ .ئىچىدىن سېسىتىپ تۈگىتىدۇ. ئىسلامغا دەئۋەت قىلىش دەل بۇ كىسەلنىڭ
داۋاسىدور .
 
شەيتاننىڭ ئەڭ ئەشەددىي ياغاچ ئاتلىرىنىڭ بىرسى قىمار ۋە ھاراقتور .
ئالدى بىلەن قۇرئانغا قاراب قايايلى :
ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سىلىش شەيتاننىڭ ئېشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار (91) . شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن، ۋە اﷲ نى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟(92). (سۈرە مائىدە).  
ئەنە قارىڭىزلار قېرىنداشلار شەيتاننىڭ بۇ ياغاچ ئات ۋىروسى نىمىدىگەن يامان ؟ئۇ پاسكىنا قىلىقلار ئارىمىزغا
دۈشمەنلىك ئۇرۇقى تېرىيدىكەن ،يەنى بىر بىرىمىزگە ئۆچمەن قىلىدىكەن .ئىتىپاقلىقنى ،قېرىنداشلىقنى بۇزىدىكەن .
بىزنى ئاللاھنى ياد ئېيتىشتىن توسۇيدىكەن ،نامازلارنى ئۇنتۇرلدۇرىدىكەن ،يۈرەكلەرنى قارا قىلىپ ھارام
نەپسىگە ئالدىرايدىغان قىلىپ قويىدىكەن .قاراب بېقىڭ قىمارۋازدا قېنى ئۇيغۇرلۇق ؟قىمارۋاز ئۆزىنى ئۇيغۇر
دەپ ساناشقا نومۇس قىلسۇن .ئۇلاردا مۇناپىقلىق يەنى خائىنلىق خىسلىتىدىدىن باشقا خىسلەت يوقتور .
ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىن ئۇرغان زەھەرلىك تىغ دەل مۇشۇنداق مۇناپىقلاردىن كېلىدۇ .
يوقالسۇن قىمارۋازلار!!!!
 
مەشھۇر خۇيزۇ ئۆلىما خادېچىڭ «ئىسلام دىنى قىمار توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىدە « قىمارنىڭ ئون چوڭ جىنايىتى» نى كۆرسەتكەن
   1)ئاللاھنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ. قىمارۋازنىڭ ئۆيىدىن بالا – قازا نېرى بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ قان – تەرىنى سۈمۈرگەن ئادەم قانداقمۇ ئاراملىقتا ياشىيالىسۇن. يامانلىقنىڭ جاۋابى ھامان يامانلىق بولىدۇ.
     2)ئەخلاقنى بۇزىدۇ. قىمار ئوينىغاندا بىراۋلارنىڭ بايلىقىغىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، لۈكچەك بىلەنمۇ دوست بولىۋېرىدۇ، قىمار بىلەن پاھىشىنىڭ پەرقى بولمايدۇ، كىشىلىك پەزىلەتتە چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ.
      3) جانغا زامىن بولىدۇ. ئۇتۇۋالسا كېچە – كۈندۈز دېمەي ئوينايدۇ، ئۇتتۇرىۋەتسە قەرز ئېلىپ ئوينايدۇ. ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھالى بىلەن كارى بولمايدۇ. قەرزگە بوغۇلۇپ كېتىدۇ، ئاخىرى جېنىنى تىكىشكە رازى بولىدۇ.
      4) جەمەتىنىڭ نامىنى بولغايدۇ. قىمار ئويناپ ۋەيران بولغاندا، كىشىلەر:« بۇنى خۇدا ئۇرۇپتۇ. ئاتا – ئانىسىنىڭ روھى قورۇنۇپتۇ» دەيدۇ.
       5) ئائىلە تەربىيىسىنى يوقىتىدۇ. قىمار ـــ ئىپپەت نومۇسىنى بولغايدىغان ۋاسىتە بولۇپ قالىدۇ، ئاتا – بالا، ئاكا – ئۇكىلار پۇل تالىشىپ ئازارلىشىدۇ، كېچىچە داۋاملاشقان قىماردا ئۆيىدىكى خوتۇن كىشىلەردىمۇ كۈتمىگەن ئەھۋاللار پەيدا بولىدۇ. قىمار بىلەن پاھىشە بىرلىشىپ كېتىدۇ.
        6) ئائىلە ۋەيران بولىدۇ. قىمارۋاز باشتا پۇلنى توپا سورىغاندەك بۇزۇپ چاچىدۇ. ئاخىرى ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۆي ــ مۈلۈكلىرىدىن ئايرىلىپ ، قەرزگە بوغۇلىدۇ.
        7) جىنايى ۋەقەلەر پەيدا بولىدۇ. قىمارۋازلار كېچىچە قىمار ئوينىسا، ئوغرىلار ئۆيدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغرىلىق قىلىدۇ.
         8) ئۇرۇق – تۇغقانلار بىر – بىرىدىن جۇدا بولىدۇ. قىمارۋازنىڭ ئۆيىدە  ئەر – خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى جېدەل قۇرۇمايدۇ. بەزىلىرى ئۆي – بېساتلىرىنى سېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئاتا – ئانا بولغۇچى دەردكە توشىدۇ. بۇلاردىن ئادەمنىڭ كۆڭلى قانداق ئارام تاپسۇن؟
        9) دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىدۇ. قىمار ئويناش دۆلەتنىڭ قانۇنىدا چەكلىنىدۇ. بەزىلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ. بەزىلىرى تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. كېيىن پۇشايمان يېگەندىن كۆرە، باشتا ئۇنىڭدىن يانغان ياخشى ئەمەسمۇ؟
        10)   ۋىجداننى ۋەيران قىلىدۇ. قىمار ئوينىغانلىكى ئادەم ھەرقاچان ئۆز غېمىدە يۈرۈيدۇ، باشقىلارنىڭ خانىۋەيران بولۇپ كېتىشى بىلەن كارى بولمايدۇ.

 
ھاراق توغرىسىدا تۆۋەندىكى ھەدىسلەرگە قاراپ باقايلى
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان سەھى ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەسىت قىلىدىغان نەرسىنىڭ ھەممىسى ھاراق ھىسابلىنىدۇ، مەسىت قىلىدىغان نەرسىنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر دېگەن.( بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ئۈزىنىڭ سەھى ھەدىسلەر توپلىمىدا رىۋايەت قىلغان).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىس شەرىپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : زىنا قىلغۇچى كامىل مۇئمىن بولغان ھالدا زىنا قىلمايدۇ، ھاراق ئىچكۈچى كامىل مۇئمىن بولغان ھالدا ھاراق ئىچمەيدۇ، ئوغرىلىق قىلغۇچى كامىل مۇئمىن بولغان ھالدا ئوغرىلىق قىلمايدۇ، كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى بولىغۇچى كامىل مۇئمىن بولغان ھالدا ئۇلارنى قارىتىپ قويۇپ ماللىرىنى بولىمايدۇ دېگەن. ( بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى سەھى ھەدىسلەر توپلىمىدا رىۋايەت قىلغان).   

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھاراققا، ئىچكۈچىگە، قۇيۇپ بەرگۈچىگە، ياساشقا بۇيرۇغۇچى ۋە بۇيرۇلغۇچىغا، يۆتكەپ ئەكىلىشكە بۇيرۇغۇچى ۋە ئەكىلىپ بەرگۈچىگە، ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىغا ۋە پۇلىنى ئىشلەتكۈچى قاتارلىقلارغا لەنەت ئېيتقان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھاراق ئىچىپ مەستلىك ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنى دوزاخ ئەھلىدىن ئاققان تەر ۋە سېسىق سۇ بىلەن سۇغۇرۇشنى ۋەدە قىلدى».

 
يوقىرقى ھاراق ئىچىۋاتقانغا ۋە ھاراقنى ئىچىپ تۆۋۋە قىلمىغانلارغا بىرىلگەن سۈپەتلەردىن
بىز بۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى خارابلىققا باشلايدىغان ئاۋانگارتلار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز .
ئۇلار ئۇيغۇرنى ئىچىدىن سېسىتىدىغان يەنە بىر ئەشەددىي ۋىروسلاردور .
مەن ئىلگىرى توردا نۇر دەپ بىر قېىندىشىمىزنىڭ ھاراق ئىچىۋاتقاننىڭ ھەممىسى مۇناپىق دەپ بىر يازمسىنى  كۆرگەن سىزمۇ كۆرۈب بېقىڭ .
 
ھاراق ئىچىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى مۇناپىقلار يەنى ئۇيغۇردىن چىققان مىللى مۇناپىق
بۇنداق دىسەم ھاراق ئىچىۋاتقانلار غۇرورىڭىزغا تىگىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ .لېكىن ھەق ئالدىدا سىزنىڭ ئامالىڭىز يوق .سىزدە نىمە ئۈچۈن مېنىڭ بۇ گەپلىرمگە قارشى تۇرۇش ۋە ياكى خۇش ياقماسلىق كەيپىياتى پەيدا بولۇپ قالغانلىغىنى بىلەمسىز ؟چۇنكى سىز ئاللىغاچان ھاراق تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ بولدىڭىز ئوچىغىنى ئېيتقاندا شەيتاننىڭ سادىق قوللىغۇچىسى بولۇپ قالدىڭىز .
شۇڭا سىزدە بۇنداق پىكىرلەرگە قارشىلىق ئىدىيىسى پەيدا بولىشى تۇرغانلا گەپ .سىزدە ئاللىقاچان ئاللاھنىڭ مۇبارەك نۇرى يوقالدى .لېكىن سىىز بۇنىڭغا قايىل ئەمەس شۇنداقمۇ؟سىز دەيسىز مەن ئاللاھنى ئىتىراپ قىلىمەن .ئىسلام مېنىڭ دىنىم .دەيسىز لېكىن نىمە ئۈچۈن يەنە ساتقىنلارچە ،ئاللاھ چەكلىگەن لېكىن شەيتان ئەسلى پاك ئىنساننى ئامال قىلىپ جەننەتتىن يىراقلاشتۇرۇش مەقسەتتە ئىچكۈزدىغان ھارقنى ئىچىسىز؟سىزنىڭ روھىتىڭىزنىڭ ياخشىلىققا ئەمەس رەزىللىككە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىغنىن ئىتىراپ قىلمايۋاتىسىز ھە ؟؟؟؟ھاراق ئىچىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ ئاستا ئاستا بىرلىشىپ ئىسلامغا قارشى ئىتىپاق تۈزىۋاتقانلىغىنى ئىتراپ قىلمايۋاتىسىز ھە؟سىزنىڭ دەستىڭىزدىن مىللىتىڭىز خاراپلىشىپ كىتىۋاتقانلىغىنى ئىتىراپ قىلمايسىز ھەقاچان ؟؟نىمە ئۈچۈن؟چۇنكى شەيتان سىزنىڭ روھىتىڭىزنى ئەسىرگە ئېلىپ بولدى .بۇ خىل روھى ھالەتتە ئۆزىڭىزنىڭ ئاللىقاچان مىللى خاراپلىقنىڭ سادىق ئاۋانگارتلىرى بولۇپ قالغانلىغىڭىزنى ھەرگىز ئىتراپ قىلمايسىز.شۇڭا بارلىق ئازاپ ئىچىدە ،نومۇس ئىچىدە ،يوقۇتۇش ئىچىدە ،نالە ئىچىدە ،قىرغىنچىلىق ئىچىدە ،چۈشكۈنلۇك ئىچىدە ....ئىچىدە ياشاۋاتقان خەلقىڭىز سىزگە غەزەپ بىلەن ۋاقىرايدۇكى :ۋۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇ خائىن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!نەپسىڭنىڭ تارت!!!!!ئىتقاتىڭنى تاپ !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

 
مەن ھاراقنى تەپ تاتماي ئىچىۋاتقانلارغا نىسبەتەن يوقارقى يازمىدىن باشقا سۆز
تاپالمىدىم .بۇ سۆزلەر ئۇيغۇرنىڭ ھاراق ئىچىۋاتقانلارغا نىسبەتەن ئازابلىق نالىسى .
شەيتاننىڭ يەنە بىر ئەشەددىي ياغاچ ئات ۋىروسى بولغان ھاراق ئىچىۋاتقانلار
ئۇيغۇرنى مانا مۇشۇنداق ئازابلىق قان ياشقا قويىۋاتىدۇ .
ئەي شەيتاننىڭ قول چومىقىغا ئايلىنىۋاتقان مۇناپىق سۈپەت قېرىنداشلىرىمىز !
ئەگەر سىز ھەقىقى ئۇيغۇرلىقىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن دىسڭىز ھازىردىن باشلاپ
تۆۋۋە قىلىڭ !!!روھىيىتىڭىزدىكى ۋىروسنى ئەڭ ئاسان ئۆلتەگۈچى چىن نىيەتتىن قىلىنغان
تەۋبىدور .ناماز ۋە ياخشى ئەمەللەر سىزنى ھەقىقى مىللەتكە پايدىلىق ئۇيغۇر قىلىپ
چىقىپ سىزنى ئىككى دۇنيا سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ .ئاللاھ شېرىك گۇناھ ۋە كىشىنىڭ
ھەققىنى يەۋالغان گۇناھدىن باشقا گۇناھلارنى چىن نىيىتىدىن تەۋبە قىلسا ۋە ھەركىتى بىلەن ئىپادىلىسە خالىسا كەچۈردۇ .سىز كۈچۈرۈلگەن ئىنسان بولۇشقا ھەركەت قىلمامسىز؟ 

 
 






 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-13 12:15 |
ئۇزار
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1366
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   پايدىلىق ئىلىم ئەۋەتىپسىز  كۆپرەك ئادەم كۆرۈپ ،ئۆزلىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىغا تۆۋۋە قىلىشقا ئاللا نىسىپ قىلسۇن ئامىن!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-13 12:51 |
iztirap1
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1161
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 145 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 155 سوم
تۆھپە: 78 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 78 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەممىمىزگە ئاللا ئىنساپ ئاتا قىلسۇن.
ئەھەت ئىسمايىل.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-13 16:57 |
turan
تەپەككۇردىن ئايرىلغان كۇنۇم ھاياتىمنىڭ ئاخىرلا ..

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 159
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 283
شۆھرەت: 1535 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1535 سوم
تۆھپە: 897 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 897 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 175(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يازمىڭىزغا تەشەككۇر!اللە ئۇشىبۇ يازمىڭىزنىڭ ساۋابىنى قوشلاپ بەرگەي!ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلغاي!ئالدىمىزدا پۇلاتتەك پاكىتلەر تۇرسا ھەققە قايتىماي گۇمىراھلىقتا تۇرۇش كىشىنى تۇلىمۇ ئچىندۇردۇ،مىللىتىمىز دىكى يامراۋاتقان زەبۇنلۇقنىڭ مەنبىئى زادى نىمە؟ئىنىقكى ئۇ- ئىتقادىسىزلىقسىزنىڭ مىللەت ئچىدە ۋابادەك يامرىشى.بىزنى بۇ ھالدىن بىر نەچچە دوكتورلىرىمىز،مىللەتپەرۋەرلرىمىز  قۇتقۇزالمايدۇ،بىزنى قۇتقۇزدىغىنى يەنىلا ئىتقاد،ساغلام بولغان ئىمان!نىمىشقا بىزنىڭ دۇئالرىمىز ئىجابەت بولمايدۇ؟سەۋەبى ئاددى ،باشقا بىرەر مۇشكۇلات كەلسە،بىرەر ئىغىر كىسەلگە گىرىپتار بولغاندا ياراتقۇچىنى ئەسلەيدىغان قەۋىمنىڭ دۇئاسى قانداقمۇ ئىجابەت بولسۇن؟! ھىچقانداق بىر جانلىققا بەرمەي،شۇنچە گۇزەل چىراي،ساغلام تەن،پاك نىممەتلەرنى،يەر يۇزىگە  خەلىپە بۇلۇشنى بەرگەن يارتقۇچى زاتقا،بارلىق دىنلاردىن ئۇستۇن بولغان ئىسلامغا قايتماي سىزنىڭ يەنە قانداق باھانىڭىز باردۇ؟
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-15 20:47 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئۇيغۇرنىڭ كۆزى