ۋىسالسىز سۆيگۈ
غەيرەت كەنجىبەك
ۋىسال بىزگە بولماپتۇ نېسىپ،
ھەتتا موماي، بوۋاي بولغىچە.
بىر زېمىندا ياشاپ تۇرۇپمۇ،
كۆرۈشمەپتۇق تا بۈگۈنگىچە.
بولغانمىدۇ تەقدىر – ئىرادە،
كاككۇك، زەينەپ قىسمىتى بىزگە.
كەچۈرمىشى لەيلى – مەجنۇننىڭ،
دال بولالماس قىسمىتىمىزگە.
ياغلىقىڭدا يېشىمنى يېنىك،
سۈرتكىدەكسەن كېچە چۈشۈمدە.
كەتكۈدەكمىش تەنلىرىم ئېرىپ،
پاك سۆيگۈڭنىڭ سېھرىي كۈچىدە.
چۈشتىن چاچراپ ئويغانغان چېغىم،
يېتىپتىمەن تەرگە چۆمۈلۈپ.
تەنھا بولغاچ يەنىلا ئۆزۈم،
قالدىم ھەسرەت بىلەن ئۆكۈنۈپ.
ئايرىلالماس روھىم سېنىڭدىن،
كەتسەممۇ گەر يەرگە كۆمۈلۈپ.
سۆيگۈ ئىزھار قىلار شۇندىمۇ،
قەبرەمدىكى گۈللەر يەلپۈنۈپ.
شىنجاڭ گېزىتى