قويۇۋەتكىن! ئۇچسۇن لەگلىكىم !
قاتتىق بوران،
ئۇچۇرتۇپ توپان، قىيان.
ئېگىز ئۇچار بىر لەگلەك قارا ئاسماندا،
تۇراتتى ئۇ ھەريان چايقىلىپ،
بوراندا ئۇچالماي نەچچە تاسقىلىپ.
بەلكىم ئىنتىلىپ،
ئەركىن بولۇشقا،
قۇشتەك ئۇچۇشقا.
بىراق بوينىدا،
چېگىلگەن يىىپ چىڭڭىدە،
ئىنتىلەر شۇتاپتا شامالغا قانچە.
چۇقان سېلىپ ئەركىن بولۇشقا،
خۇددى قۇشتەك يىراق-يىراققا،
پولاتتەك يىپ چېگىك بوينىدا.
چىرمىشىپ خۇددى يىلاندەك،
بوغماقتا
ئاۋاز چىقمىغۇدەك،
سىغماقتا
ئۇچۇپ كېتەلمىگۈدەك،
چۆگىلەپ ئۇچالماي يېرىم چەمبىرەك.
چەكلىك بولغاچ كۆك ئاسمان ئاڭا،
يىراقلىقى
ئېگىزلىكى
ۋارقىراي مەن بار كۈچۈم، ئاۋازىم بىلەن،
يەر-جاھاننى تىتىرتىپ يىپى ئۈزۈلسۇن.
قۇشتەك ئۇچۇپ يىراققا كەتسۇن.
ۋارقىردىم يۈرۈكۈم ئىچى-ئىچىدىن،
قويۇۋەتكىن!ئۇچسۇن لەگلىكىم.
مەنبە:قەلىمىم
[ بۇ يازمىنىeverollدە2011-04-13 23:40قايتا تەھرىرلى ]