باغداش تورى خەۋىرى : 2011-يىلى 4-ئاينىڭ10-كۈنى گىرمانىيە مۇنىخ شەھىرىدىكى پىسخىلوگىيە ئاكادىمىيسى سارىيىدا داڭلىق رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلىش مۇراسىمى ناھايىتى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى ، كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا گىرمانىيە زامانداش رەسساملار جەمئيتىنىڭ رەئىسى Kneutinger ئەپەندىم خانىمى بىلەن ،مۇنىخ سەنئەتكارلار تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش جەمئىيتىنىڭ رەئىسى Amend خانىم يولدىشى بىلەن بىللە كۆرگەزمىگە قاتناشتى ، يەنە دۇنيا مۇھىت قوغداش شىركىتىنىڭ باۋارىيەدە تۇرۇشلۇق باشلىقى Salau ئەپەندىن قاتارلىقلار ھەر قايسى ساھالەردىن بولۇپ 150دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى .بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە مەرۋايىت خانىم ئەڭ نادىر ئەسەرلىرىدىن 54 پارچە ماي بوياق رەسىم قويۇلغان بولۇپ كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى . كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى رەسسام ،كۆرگەزمە مەسئولى Krer ئەپەندىمنىڭ باشلاش سۆزى بىلەن ئارقىدىن مەرۋايىت خانىمنىڭ < ۋەتەندىكى شۇ قەدىمى تاملارغا بىر پارچە كېسەك بولۇپ قوپۇرۇلۇپ كەتكۈم كېلىدۇ > سۆزى بىلەن باشلاندى. مەرۋايىت خانىمنىڭ سەنئەتشۇناس دوستى Marianne Quira خانىم بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن فىرانسىيەدىن كېلىپ قاتناشتى . Marianne Quira خانىم مەرۋايىت ھاپىزنىڭ سەنئەت ھاياتىنى مېھمانلارغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: - مەن بۇندىن 10 يىل بۇرۇن ، دەل مۇشۇ بىنادا بۇ تالانتلىق سەنئەتكارنىڭ رەسىملىرىنى كۆرگىنىمدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ۋەتىنىگە ،مىللىتىگە بولغان چەكسىز ۋە چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت ،سېغىنىشىنى بايقىغان ئىدىم .بۇ مېھىر -مۇھەببەت شۇنچىلىك كۈچلۈك ھېسىيات ۋە يوقىرى ماھارەتتە ئىپادىلەنگەن ، ئەسەرلەردىكى رەڭ ۋە ئۇسلۇپ مېنى چەكسىز ھاياجانلاندۇرغان ۋە مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان . شۇندىن باشلاپ بۇ سەنئەتكارنى شۇنداقلا ئۇ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مۇھىتى ۋە مەدەنىيتىنى بىلىشكە ئالاھىدە قىزىقتىم .ئۇنىڭ بىر كۈنمۇ ئۆز ۋەتىنىنى ،مىللىتىنى ،قېرىنداشلىرىنى سېغىنماي قالغىنى يوق ،ھەم ۋەتىنىنى سىزمىغان رەسسىمىمۇ بولمىغان ،ئۇ ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈ- ھىجران ،ئۆز مەدەنىيتىگە بولغان چەكسىز ھۆرمىتىنى ئۆزى بايا ئېيتقان ئېچىلىش مۇراسىم سۆزى دەل ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتى ، ئۇنىڭ ياشاش ۋە سەنئەت روھىنى ھەقىقەتەن تولۇق يورىتىپ بېرىدۇ . كۆرگەزمە ئاخىرىدا ئۇيغۇر قىزى شاھناز ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناپ نومۇر كۆرسەتتى ، كۆرگەزمە باشتىن - ئاخىرى ناھايىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلدى ، قاتناشقۇچىلار تولىمۇ ھاياجانلاندى ، مەرۋايىت خانىمنىڭ ئەسەرلىرىگە كۆپچىلىكنىڭ يوقىرى باھاسىغا ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى مەرۋايىت خانىم ۋەتەنگە بولغان سېغىنىشىنى ، ۋەتىنىڭنىڭ مەدەنىيتىگە ، سەنئەت ھاياتىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى يوقىرىقى قىسقا ،لېكىن چوڭقۇر بولغان جۈملىلەرگە مۇجەسسەملەپ پائالىيەتكە قاتناشتۇرغۇچىلارنى تەسىرلەندۈردى . ئىگەللىشىمىزچە مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسى ئالتە ھەپتە داۋاملىشىدىكەن ! باغداش تورىدىكى بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەخىرلىك ، مۇنەۋۋەر قىزلىرىنىڭ بىرى بولغان مەرۋايىت خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىسىنىڭ غەلبىلىك ئاخىرلىشىنى تىلەيمىز ، تېنىگە سالامەتلىك خىزمىتىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز ! يىغىن مەيدانىدىن خاتىرە سۈرەتلەر
گىرمانىيەدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئاتا -ئانىلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى كۆردى
كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەردىن تاللانمىلار
باغداش تورى خەۋەر قىلدى :