karamat sarkar xj 50
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 2519 قېتىم كۆرۈلدى
bagdaxadabiyati
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 128
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 51
شۆھرەت: 680 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 640 سوم
تۆھپە: 340 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 340 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 46(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 كىم ئىقتىسادىي ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتىدۇ ؟

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-04-27)
كىم ئىقتىسادىي ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتىدۇ ؟
لاڭ شيەنپىڭ

            كۆپچىلىك، دۇنيا داۋالغۇپ تۇرماقتا. ياپۇنىيىدە يادرو ئېقىپ كەتتى، لىۋىيىدە ئۇرۇش بولىۋاتىدۇ، نېفىت باھاسى ھەدەپ ئۆرلەۋاتىدۇ. پاي چېكى بازىرىمۇ دېگەندەك ياخشى ئەمەس. سوراپ باقاي، ۋەھىمە ھېس قىلىۋاتامسىز؟ بۇنىڭ كەينىدا بىراۋنىڭ مۇشۇنداق سودىدىن پايدىلىنىپ ۋەھىمە ئوقىنى ئېتىپ ئىقتىسادنى ئىگىز- پەس قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟ « ئىقتىساد نېمە ئۈچۈن ۋەھىمىگە تولدى؟» ناملىق بىر كېتاپ بار.بۇ كېتاپنىڭ ئاپتۇرىنىڭ دېيىشىچە، ئامىرىكىنىڭ ئەڭ داۋالغۇپ تۇرغان ۋاقىتلىرىدا، پۇل- مۇئامىلە كەسپىنىڭ بىر يىللىق پايدىسى 4 تىرلىيۇن دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى يوقاتقان. ئالاقزادە بولغانسېرى شۇنچە كۆپ بايلىق ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىدىن چىقىپ نەگە كەتتى؟ پۇل-مۇئامىلە كەسپىگە. پۇل- مۇئامىلە كەسپى تۈگەشسە تېخىمۇ زور ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ.
           بۇ ۋەھىمە ھەققىدە ، مەن ئىلگىرى سۆزلەپ ئۆتكەنىدىم. «يېڭى جاھانگىرلىك جۇڭگۇدا-2 » ناملىق كېتابىمدا، مەن كۆپچىلىككە دۇبەينىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەنىدىم.دۇبەينىڭ قەرز كىرىزىسى قارىماققا ناھايىتى ئېغىر شۇنداقمۇ؟ خەلقىئارا بازار بىر زامان ئالاقزادىلىككە تولۇپ، جىددىيلىشىپ كەتتى.دۇبەي كىرىزىسىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ ، مەيدان ئويۇنغا كىم قوماندانلىق قىلىۋاتىدۇ؟ تۈۋەندىكى پارچە  «يېڭى جاھانگىرلىك جۇڭگۇدا-2 » ناملىق كېتابىمدىن ئېلىنغان. بىز ياۋرۇپا – ئامىرىكا بانكىلىرىنىڭ دۇبەيگە كەڭ قوللۇق بىلەنن قەرز بەرگەنلىكىنى كۆردۇق. ياۋرۇپا – ئامىرىكا بانكىلىرى ئىزچىل تۈلكىدەك ھېيلىگەر ئەمەسمىدى؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن « دۈبەي دۇنياسى»غا مەبلەغ سالىدۇ؟ بۇ « دۈبەي دۇنياسى»نىڭ يىللىق كىرىمى پەقەت 3 مىليارت دوللار ، ناۋادا، سىز 59 مىليارت قەرز بەرسىڭىز پەقەت ئۆسۈمى 0.3 پىرسەنت كۆپەيسىلا ، ئۇ قايتۇرالمايدۇ. شۇنداقمۇ؟ ئۇنداقتا، سىز قانداقمۇ قەرز بېرىسىز؟ قەرز بېرىشكە پېتىنغانىكەن، ئۇنداقتا ، كاپالىتى بولىشى كېرەك. مەسىلە كۆرۈلگەندىن كېيىن، قايتۇرۇپ كېلىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇنداق بولمىسا ، ئۇ قەرز بەرمەيدۇ. ئۇ نېمىگە تايىنىپ پۇلىنى قايتۇرۇپ كېلەر؟ مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە. ئۇ پەقەت بىر ئۆلكە، ئۇنىڭ غوجىئاكىسى ئەبۇزەبى. ئۇ چوقۇم ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.590 مىليارت تېخى يېتەرلىك ئەمەس. ئەڭ ياخشىسى ئۇلار كۆپرەك قەرز بېرىشى كېرەك. 200مىليارتلا قەرز بەرگەن تۈزۈك. ئۇلار ئاخىرى مۇنداق توختاملاشتى: پۇلنى ساڭا قەرز بەرسەم چاتاق يوق، قايتۇرالمىساڭ نېفىتلىكىنى رەنىگە قويىسەن. ئۇنداقتا، تازا ئوبدان بولمامدۇ؟ بۇ نېفىتلىككە ئەرزانلا ئېرىشكەنلىك ئەمەسمۇ؟ چوقۇم مۇشۇنداق قىلىش كېرەك؟ شۇڭلاشقا، جىننىڭ قەستى دۇبەيدە ئەمەس، بەلكى، ئەبۇزەبىدە.
          شۇڭا، ئەمەلىيىەتتە ، بۇ بىر سۈيقەست. ياۋرۇپا – ئامىرىكا بانكىسىنىڭ كەڭ قوللۇق بىلەن دۇبەيگە قەرز بېرىشىدە ئىككى نىشان بار: بىرى، ئەبۇزەبىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ نېفىتلىكى، ئىككىنچىسى ئىسلام زايۇمى. 59 مىليارت دوللار ئىچىدە توققۇز مىليارتى ئىسلام زايۇمىغا تەۋە. 26 مىليارت دوللار قايتا تەشكىللەنمە قەرز ئىچىدە ئالتە مىليارتى ئىسلام زايۇمى.بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ ياۋرۇپا – ئامىرىكا بانكىسىنىڭ دۇبەي ئارقىلىق ئىسلام زايۇمىغا زەربە بېرىپ، پۈتكۈل ئىسلام پۇل- مۇئامىلە سېستىمىسىغا كېڭىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شۇڭا، بۇ بىر چالمىدا ئىككى  پاختەك سوققانلىق. سىزدە مەسىلە كۆرۈلدى، شۇنداقمۇ؟ زايۇمنىڭ ئىناۋىتى زىيانغا ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەرزنى قايتۇرالمىسىڭىز ، نېفىتلىكنى رەنىگە قويىسىز، ناھايىتى ياخشى. ۋال كوچىسى نېفىت باھاسىنى تۈۋەنلىتىپ، بىر باكىنى 30 دوللارغا چۈشۈرىدۇ. ئامىرىكا، دائىم مۇشۇنداق قىلىدۇ، ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن نېفىتلىككە ئەرزانلا ئېرىشىدۇ. بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن مۇتلەق ياخشى ئىش. ئەللىك يىل ئاۋالقى ھېكايە دۇبەيدە قايتا ئوينىلىدىغاندەك قىلىدۇ.
           دۇبەينىڭ قەرز ئىناۋەت دەرىجىسى يوق، بولغاندىمۇ پەقەت ئەخلەت دەرىجىدىنلا ئىبارەت. ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە ئەبۇزەبى. AA2 يەنى ئىككى A. دۇبەي ئەزەلدىن قەرز ئىناۋەت دەرىجىسىگە يېتىپ باقمىغان. ماتىرىياللىرىمىزنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسلانغاندا، دۇبەينىڭ خەۋپ- خەتىرى ئۇنىڭ قېرىنداش بىرقانچە ئۆلكىسىدىن ئىككى-ئۈچ ھەسسە يۇقىرى. يەنە كېلىپ ئەينى چاغدىكى ئىسلاندىيەنىڭ ۋەيران بولۇش ئالدىدىكى ئىناۋىتىدىنمۇ تۈۋەن. شۇڭلاشقا ، تولىمۇ ھەيران قالارلىق ئىش، نېمە ئۈچۈن ياۋرۇپا بانكىسى، يەنە تېخى بىزگە ناھايىتى تونۇش بولغان خۇيفېڭ بانكىسى، باركلايس بانكىسى، پارىژ بانكىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا زور مىقداردا قەرز بېرىدۇ. بۇ غوجىئاكىسىنىڭ يۈزىدىن ، ئەبۇزەبى نېفىتلىكى سەۋەبىدىن بولغان. ئۇنى رەنىگە قويىدۇ، ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ، ئۇلار دۇبەي بىلەن مۇشۇنداق ئويۇن ئوينىشىدۇ. ئاخىرىدا ، بارلىق يەتتە يۈلتۈزلۇق مېھمانخانىلار، ئارال دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ياۋرۇپا، ئامىرىكا بانكىسىنىڭ مۇھەممەتنىڭ ئوينىشىغا بەرگەنلىكىنى بايقايسىز. ئەمەلىيەتتە، ھەممىسى مېنىڭ، ناۋادا ئىپادەڭ ياخشى بولمايدىكەن، ھەممىنى قايتۇرىۋالىمەن،. ئەگەر، راستىنلا ۋەيران بولساڭ، ئاكاڭنىڭ نېفىتلىكىنى رەنىگە ئالىمەن. شۇڭا ئەڭ ئەقىللىقى يەنىلا ياۋرۇپا-ئامىرىكا بانكىسى . ئەڭ ئاخىرىدا ھەقىقىي خوجايىننىڭ دۇبەي ئەمەس، ياۋرۇپا-ئامىرىكا بانكىسى ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. خەق پەقەت دۇبەينىڭ نامى بىلەن نەرسىسىنى يېنىڭىزغا قويۇپ، سىزنىڭ ئوينىشىڭىزغا بەردى. ئەمما، سىز ئۇنى ھېچنىمە قىلالمايسىز. ئۈچ مىليارت قەرزىڭىزنىڭ 20 مىليۇن ئۆسۈمى بار تۇرسا قانداق قايتۇرىسىز؟ بۇنىڭدىمۇ چاتاق يوق، ئاكىڭىز ئەبۇزەبى قايتۇرسا بولىدۇ. ئەمما، ئىش بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. بۇنىڭ ئارقىسىدا يەنە ۋال كوچىسىنىڭ قورقۇنچلىق ئەرۋاھى ئەگىپ يۈرمەكتە. ئۇ بولسىمۇ گولدمان.
          دۇبەي كىرىزىسى گولدماننىڭ سۈيقەستىمۇ قانداق؟ مۇنداق دېيىشىم، تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا سەكرەپ چىقىپ دۇبەينىڭ قەرزىنى ئۇزارتىپ بەرگىنى ياپۇنىيىنىڭ سۇمىتومو بانكىسى. بۇ بانكىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكى بولسا گولدمان. سۇمىتومو سەكرەپ چىقىپ ۋاقىتنى يرىم يىل ئۇزارتىپ بەرگەن بولسىمۇ، مۇنداق بىر ئۇچۇرنى تارقاتتى، يەنى بۇ يېرىم يىل ئەڭ ئاخىرقى چەك. بۇ دۇبەينىڭ پۇلى قالمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداقتا، باشقا بانكىلار قەرزنى سۈيلەيدۇ. بۇ چاغدا، ياۋرۇپا- ئامىرىكا بانكىسى ، مەسىلەن : خەيفېڭ بانكىسى قاتارلىقلار پۈتۈن كۈچى بىلەن دۇبەيدىن پۇل ئېلىشماقچى بولىشىدۇ.گولدمان قانداق بىر ئۈنۈمگە ئېرىشمەكچى؟ ئۇ خۇيفېڭنىڭ قەرز سۈيلۈپ چارچىشىنى كۈتىدۇ. ئۇ قولغا ئۆتكۈر خەنجەرنى ئېلىۋىلىپ ئوتتۇرا شەرق نېفىتلىكىگە  چەنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋرۇ رايۇنىنىڭ ئىقتىسادىغا زەربە بېرىدۇ. سىلەر بەلكىم ، ھەممىسى قەرز سۈيلەۋاتسا، ھەممىسى پۇل ئالىمەن دەۋاتسا، سۇمىتومو، خۇيفېڭمۇ پۇل دەۋاتسا، نېمە ئۈچۈن خۇيفېڭغا زەربە بېرىدۇ؟ دېيىشىڭلار مۇمكىن. چۈنكى، خۇيفېڭنىڭ دۇبەيدىكى مەبلىغى بىزگە ئايان بولغان 16 مىليارت دوللار پۇل- مۇئامىلە تۇغۇندى مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا، ئاشكارىلىمىغان زور مىقداردىكى قىسمىمۇ بار. گولدمان بولسا، خۇيفېڭنىڭ كونا رەقىبى، ھەې قېتىم خۇيفېڭدا مەسىلە كۆرۈلسە، گولدماننىڭ داڭلىق ئانالىزچىلىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ ، ئۇنىڭ قانچىلىك خەۋپ- خەتەردە ئىكەنلىكى ، ئۇنىڭغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلىشىدۇ.
          1929-يىلىدىن باشلاپ، يۇقىرى پەن-تېخنىكا پېيىدىن يۇقىرى ماي باھاسىغىچە، چوڭ كاساتچىلىقتىن كېيىنكى ھەر بىر قېتىملىق بازار مەشغۇلاتىغا گولدمان قوماندانلىق قىلدى. گولدماندەك بۇنداق بانكىلارنىڭ ئاساسلىق تەدبىرى نېمە؟ ئىشنى ئاۋال ئورۇنلاشتۇرىۋىلىپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئارىدىن نەپ ئېلىش. ئۇ مانا مۇشۇنداق بىر شىركەت، ئىنتايىن قورقۇنچلىق.ئۇ قانداق قىلىدۇ؟ئىشتىن ئاۋال قۇرۇق ساتىدۇ، قۇرۇق سېتىش دېگەن نېمە ؟

        مىسالەن: مەن بۈگۈن ئاكسىيە شىركىتىدىن بىر پاينى ئارىيەت ئالىمەن- دە ، ئۇنى يۈز يۇەنگە ساتىمەن. ئەتە پاي باھاسى 70 يۇەنگە چۈشكەندە ، ئۇنى سېتىۋىلىپ ئاكسىيە شىركىتىگە قايتۇرۇپ بېرىمەن. يۈز يۇەندىن ساتىمەن، يەتمىش يۇەندىن ئالىمەن- دە، ئارلىقتىن پايدا ئالىمەن. گولدماننىڭ قۇرۇق سېتىشى قانداق ئىش؟ بۇ دەل پاينىڭ چۈشىشىگە دو تىكىش. ئۇ چوقۇم ئىشتىن ئاۋال بىرمۇنچە پاينى قۇرۇق ساتىدۇ، ئاندىن يامان خەۋەردىن بىرنى ئېلان قىلىپ، پاي باھاسىنى تۈۋەنلىتىۋىتىپ، بىرمۇنچە پۇل تاپىدۇ. بۇ دەل ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشى.
          ئەمما، دۇبەي كەلتۈرۈپ چىقارغان ياۋرۇ رايۇنى مەسىلىسىدە، مەسىلەن : گىرتسىيىنىڭ قەرز كىرىزىسى مەسىلىسىدە گولدمان بىۋاستە ئوتتۇرىغا چىقمىدى. ئۇ جەنۇبىي ئافرىقا ئۆلچەملىك بانكىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ بانكىنى بىز ئىنتايىن ئاز ئاڭلىغان. ئەمما، ئۇ بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىپ، گىرىتسىيە بىلەن ئېرلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قەرز پۇل مەسىلىسى تۈپەيلى ياۋرۇ رايۇنىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ بەك قورقۇنچلىق.نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا گولدمان قوماندانلىق قىلىۋاتىدۇ، دەيمىز؟ گولدمان جۇڭگۇ سودا- سانائەت بانكىسىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك مەبلەغ سالىدىغان ئەڭ چوڭ پايچېكى. ھازىر جۇڭگۇ سودا- سانائەت بانكىسىنىڭ 13 مىليارت 300مىليۇن پايچېكىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا. جۇڭگۇ سودا- سانائەت بانكىسى بولسا، جەنۇبىي ئافرىقا ئۆلچەملىك بانكىسىنىڭ 20پىرسەت پېيىغا ئىگە. ئەينى چاغدا جۇڭگۇ سودا- سانائەت بانكىسى جەنۇبىي ئافرىقا ئۆلچەملىك بانكىسىنى سېتىۋالغاندا، گولدمان 1- مالىيە مەسلىھەتچىسى بولغان. بۇ قېتىم جەنۇبىي ئافرىقا ئۆلچەملىك بانكىسى ئوتتۇرىغا چىقىۋىدى، ياۋرۇپالىقلارنىڭ بولالماي قالدى. ئارقىدىن يىپنى بىر باشتىن چۈۋۈپ، جۇڭگۇ سودا- سانائەت بانكىسىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا ئۆلچەملىك بانكىسىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچېكى ئىكەنلىكىنى بايقاپ، جۇڭگۇدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى، بۇ دەل بىزنىڭ بىخەستىلىكىمىز، بىز گولدمانغا ياردەملىشىپ، ئۇنىڭ قۇربانلىقى بولدۇق.



 باغداش تورى تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلدى ، ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىڭ ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ !
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-27, 12:04
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-27 12:04 |
tohotur
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 690
شۆھرەت: 3757 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3758 سوم
تۆھپە: 2216 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2219 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1536(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەرەپلەرمۇ كەتكەنلا گەپ چۇ ،دېڭزىغا ئارال سېلىش دىگەن ئاقىدىغان گەپمۇ  ئۇ
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-27 12:25 |
satar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1328
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 123
شۆھرەت: 630 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 630 سوم
تۆھپە: 375 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 375 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  ياخشى تەرجىمە :
   توغرا  ھەممىنى كونتىرول قىلىۋاتقان غوجىكامىز زادى كىم :  
   ئامىرىكىمۇ ؟  ئامىرىكا بولسا شۇ كىم : ئوبامامۇ ياكى ؟  
   ئوباما تەختكە چىقىشتىن بۇرۇنلا بۇ خىل پىلان يۈرگۈزۈلۈپ بولغان : ئۇنداقتا كىچك بوشمۇ ؟
  ياكى ؟؟؟؟؟؟
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-27 14:58 |
motiwarlar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 97
شۆھرەت: 615 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 615 سوم
تۆھپە: 344 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 344 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 520(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

<<چوڭ سۈيقەسىتچى >> گولىدمان دىگەن كىتاپ چوڭ قۇرۇقلۇقتا نەشىر قىلىنىپ كىيىن يىغۋېلىنىپتۇ  دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.ئامىرىكا ئىقتىسادىنى مۇشۇ گولىدمان شىركىتى ۋەيران قىلغانمىش،ئەمدى نۆۋەت جۇڭگۇغا كەپتىمىش دەپ.
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-27 17:55 |
dilkuyi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 134
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 181
شۆھرەت: 935 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 940 سوم
تۆھپە: 557 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 557 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 38(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى manggutaxدە2011-04-27 17:55يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
<<چوڭ سۈيقەسىتچى >> گولىدمان دىگەن كىتاپ چوڭ قۇرۇقلۇقتا نەشىر قىلىنىپ كىيىن يىغۋېلىنىپتۇ  دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.ئامىرىكا ئىقتىسادىنى مۇشۇ گولىدمان شىركىتى ۋەيران قىلغانمىش،ئەمدى نۆۋەت جۇڭگۇغا كەپتىمىش دەپ.


 ئامىرىكا ئىقتىسادى ۋەيران بولدىما ؟؟؟؟؟
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-27 18:05 |
dilkuyi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 134
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 181
شۆھرەت: 935 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 940 سوم
تۆھپە: 557 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 557 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 38(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ  تېمىغا چۈشكەن ئىنكاستىن  مىللىتىمىزنىڭ  دۇنيا ۋە دۆلەت ئىقتىسادىغا بەك كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ :
   ھەر قېتىم گۆش سېتىۋالغاندا ياكى باشقا مال سېتىۋالغاندا مال باھاسى ئۆرلەپ كەتتى ، ئۆي ئالالمىدۇق دەپ قاقشايمىز ؟
   دوستلار  توردىكىلەر شۇنچە جاپادا ياخشى تەرجىمە ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلاۋاتقاندىكىن  بۇ توغۇرسىدا ئوقۇپ قويۇڭلار :
西部医院
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-27 18:09 |
be42late
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 190
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 154
شۆھرەت: 877 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 872 سوم
تۆھپە: 510 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 513 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 474(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك ياخشى تەرجىمە بوپتۇ.... ئاللا رەھمەت قىلسۇن،،،،،، 98 يىلىدىكى جەنۇبى ئاسىيا ئىقتىسادى كىرزىسىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن بولغان...

قۇرۇق سېتىش دىگەننى ھايانكەشلىك دەپ ئالساقمۇ بولىدۇ...... ئىنگىلىز تىلىدا short selling دەپ ئاتىلىدۇ...... ۋاقتىنچە سېتىش دىسەكمۇ خاتا كەتمەيدۇ........
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-27 21:03 |
be42late
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 190
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 154
شۆھرەت: 877 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 872 سوم
تۆھپە: 510 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 513 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 474(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

Goldman Sachs http://en.wikipedia.org/wiki/File:Goldman_Sachs.svg - گولدمەن سەكىس ئامىرىكىدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش شىركىتى.... مەبلەغ سېلىش، پايچەكچىلىك، مەبلەغ باشقۇرۇش ۋە باشقا مالىيە مۇلازىمەت ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىدۇ... 1869 يىلى قۇرۇلغان....
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-27 21:11 |
be42late
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 190
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 154
شۆھرەت: 877 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 872 سوم
تۆھپە: 510 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 513 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 474(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

 ئامىرىكا-ياۋرۇپا بانكىلىرى پەقەت كۆپۈك ئاساسىغىلا قۇرۇلغان... دىمەكچى بولغىنىم، پايدىنى پۇلنى سېتىش ئارقىلىقلا تاپىدۇ.... يەنى ئۆسۈم ئارقىلىقلا ئىقتىسادى قىممەت يارىتىدۇ.... لېكىن ئىسلام ئۆسۈمنى چەكلەيدۇ... ئۇنداقتا مۇسۇلمانلار قانداق بىر شەكىلدىكى مالىيەنى قوللىنىشى كېرەك؟؟؟ ئىسلام مۇسۇلمانلارنى پايدا زىيانغا ئېنىق تونۇشنى ئەسكەرتىدۇ.. پايدىمۇ ئاللاھتىن، زىيانمۇ شۇنداق...... ئۆسۈمنى تېخى چەكلەيدۇ.......

دۇبەي يولغا قويغان بۇ تۈزۈم ئىسلام قانونىغا ماس كېلىدۇ..... بۇ خىل ئۇسۇل ئىسلامدا سۇكۇك (sukuk) دەپ ئاتىلىدۇ.... بۇ دەل ئىسلام زايومى.....
مەبلەغەققە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، چوقۇم مەبلەغ قىممىتىگە تەڭ مال - مۈلۈك بولۇشى كېرەك... بۇ ئىنگىلىز تىلىدا Asset دەپ ئاتىلىدۇ..... شۇڭلاشقا دۇبەي مەبلەغ توپلاش ئۈچۈن، مەبلەغ قىممىتىگە تەڭ دەرىجىدە ، ئۆزىنىڭ زېمىنىنى، ئالى مېھمانخانىلىرىنى مال مۇلۈك سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان..... بۇنداق بولغاندا، ئەگەر دۇبەي زىيان تارتىپ كەتسە، مەبلەغ سالغۇچىلار مۇشۇ مال مۇلۈك ئارقىلىق زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرۋالىدۇ.... مەبلەغ سالغۇچىلارمۇ جىق ئويلاپ ئولتۇرمايلا، مەبلەغ سالىدۇ....

مۇشىۇنداق بولغاچقا، خۇيفېڭ بانكىسى، باركلايس بانكىسى، پارىژ بانكىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئىسلام زايومىنى سېتىۋالغان...
دۇبەي ئىسلامى مالىيە سىستىمىلىرى مۇشۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ نىسبىتىگە ئاساسەن ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم پايدا ئايرىپ بېىدۇ... بۇ يەردە ئۆسۈم مەسىلىسى يوقىلىدۇ...............

بەلكىم لاڭ شيەنپىڭ ئەپەندى بۇ خىل تۈزۈمنى چۈشەنمىگەن بولۇشى مۇمكىن..... بۇ مېنىڭ كۆز قارىشىم خالاس،،،، ھەر كاللىدا ھەر خىيال....
[ بۇ يازمىنىbe42lateدە2011-06-04 10:46قايتا تەھرىرل ]
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-27 21:50 |
ohuz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 284
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 90 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 54 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 54 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇنداقتا بىز بانكىدىكى پۇلىمىزنىڭ ئۆسىمىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-29 12:47 |
sadir-palwan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1614
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 133
شۆھرەت: 693 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 694 سوم
تۆھپە: 413 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 414 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى be42lateدە2011-04-27 21:50يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ ئانالىزغا ئىسلامى ئىقتىسادشۇناس  بولۇش سۈپىتىم بىلەن قوشۇلمايمەن.....  ئامىرىكا-ياۋرۇپا بانكىلىرى پەقەت كۆپۈك ئاساسىغىلا قۇرۇلغان... دىمەكچى بولغىنىم، پايدىنى پۇلنى سېتىش ئارقىلىقلا تاپىدۇ.... يەنى ئۆسۈم ئارقىلىقلا ئىقتىسادى قىممەت يارىتىدۇ.... لېكىن ئىسلام ئۆسۈمنى چەكلەيدۇ... ئۇنداقتا مۇسۇلمانلار قانداق بىر شەكىلدىكى مالىيەنى قوللىنىشى كېرەك؟؟؟ ئىسلام مۇسۇلمانلارنى پايدا زىيانغا ئېنىق تونۇشنى ئەسكەرتىدۇ.. پايدىمۇ ئاللاھتىن، زىيانمۇ شۇنداق...... ئۆسۈمنى تېخى چەكلەيدۇ.......

دۇبەي يولغا قويغان بۇ تۈزۈم ئىسلام قانونىغا ماس كېلىدۇ..... بۇ خىل ئۇسۇل ئىسلامدا سۇكۇك (sukuk) دەپ ئاتىلىدۇ.... بۇ دەل ئىسلام زايومى.....
مەبلەغەققە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، چوقۇم مەبلەغ قىممىتىگە تەڭ مال - مۈلۈك بولۇشى كېرەك... بۇ ئىنگىلىز تىلىدا Asset دەپ ئاتىلىدۇ..... شۇڭلاشقا دۇبەي مەبلەغ توپلاش ئۈچۈن، مەبلەغ قىممىتىگە تەڭ دەرىجىدە ، ئۆزىنىڭ زېمىنىنى، ئالى مېھمانخانىلىرىنى مال مۇلۈك سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان..... بۇنداق بولغاندا، ئەگەر دۇبەي زىيان تارتىپ كەتسە، مەبلەغ سالغۇچىلار مۇشۇ مال مۇلۈك ئارقىلىق زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرۋالىدۇ.... مەبلەغ سالغۇچىلارمۇ جىق ئويلاپ ئولتۇرمايلا، مەبلەغ سالىدۇ....

.......


ھۆرمەتلىك  تورداش : ئىسمىڭىزنى ئوقۇيالمىدىم كەچۈرۈڭ ؛
 ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى بانكىلاردا ئۆسۈم بارمۇ - يوق ؟  يەنە ئىسلام دۆلەتلىرىدە بانكىلاردىن ئۆسۈملۈك قەرز تارقىتىلامدۇ ؟  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسىڭىز ؟
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-29 12:51 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » دۇنياغا نەزەر