saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 3807 قېتىم كۆرۈلدى
menggutash
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 349
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 117
شۆھرەت: 1110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1164 سوم
تۆھپە: 595 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 595 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1871(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 پەرزەنت كۆڭلى ئۆلمىسۇن، گۈلچىرايلار سولمىسۇن

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-04-27)
           50 ياشلارغا كىرىپ قالغان بۇ ئاتىمۇ ئەينى چاغدا ياشلىقنىڭ بەڭباش كوچىلىرىغا كىرىپ ،ئارمانلىق دۇنيانىڭ ھەر خىل ئېقىنلىرىدا ئېقىپ باققان.بەخت،ئازاب،شۇنداقلا ئىنسان بېشىدىن ئۆتىدىغان نى-نى قىسمەت ،رەڭگارەڭ تۇيغۇلارنىڭ تەمىنى تېتىپ باققان.ۋاھالەنكى ئۇ بىر قېتىملىق سەۋەنلىكنىڭ ،توغرىسىنى ئېيتقاندا بىر قېتىملىق «ئازغۇن»لۇقنىڭ ھاياتىغا باشتىن ئاخىر غەم -غۇسسە كۆلەڭگىسى تاشلاپ ،يۈرەك پارىسىنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ كەچۈرۈلمەيدىغان تاش يۈرەككە ئايلىنىشىغا سەۋەبكار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.ئۇ توي قىلغان 5-6يىل جەريانىدا ئائىلە تۇرمۇشى ھەر ھالدا خاتىرجەم ئۆتتى.بالىلار ئۈچكە يەتكەندە ئۇ ھاراققا ئاستا-ئاستا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتى.دائىم ئۆيىگە غەرق مەست كىرىپ ئايالىنى ئۇراتتى.ئۆيىدە ئولتۇرۇش بولغان كۈنلىرى بىچارە ئايال قۇچىقىدىكى بالىنى پەپىلىگەچ ئۇنىڭغا زاكۇسكا تەييارلايتتى.تۈگىمەس تېتىقسىز پاراڭلار،ھاياسىز كۆز بېقىشلارغا تەڭكەش ئالا-تاغىل ناخشىلار تاڭ ئاتقۇچە داۋام قىلاتتى.گاھىدا ئاتا تېخى ئەمدىلا 5-6 ياشقا كىرگەن ئوغلىغا ھاراق ئىچكۈزۈپ ئۆزىنىڭ بۇ يېڭى «نومۇر»ىدىن كۆپچىلىكنى ھۇزۇرلاندۇراتتى.ئۈزۈلمەس ئولتۇرۇش،جەڭگە -جىدەللەر داۋامىدا ئوغۇلمۇ بارا- بارا چوڭىيىپ قالدى.مەكتەپتە سىنىپنىڭ نوچىسى،مەھەللىدە بالىلارنىڭ ئاتامانى ئىدى.كۈنلەر ئۆتۈپ تېخى دادىسىنىڭ تىقىپ قويغان ھاراق -تاماكىلىرىغا شېرىك بولىدىغان بولدى.ئوغرىلاپ كېلىنگەن توخۇلار زاكۇسكىغا ئايلىناتتى.ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۆڭۈلسىز تۇرمۇشتىن ئۇلار ئاخىر زېرىكتى.تۇنجى نىكاھ سەپىرىگە ئەنە ئاشۇنداق چېكىت قويۇلدى.ئىش بۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشمىدى.ئوغۇل ئاتىغا بۇيرۇپ بېرىلدى.ئاتا 3 نىكاھلىق بولۇپمۇ كېلىشەلمىدى.ئوغۇل يېڭىدىن -يېڭى ئائىلە مۇھىتى،يېپيېڭى «ئانا»لار ئالدىدا مۇھەببەتسىز،مېھىرسىز چوڭ بولدى.تولۇقسىزنى پۈتتۈرمەيلا مەكتەپتىن تەلتۆكۈس يۈز ئۆرىدى.تالاي ئاچچىق قىىسمەتلەر ئاتىنىمۇ ئۆزگەرتتى.ھاراقنى ئۈزۈل -كېسىل تاشلىدى.تۇرمۇشىنى يېڭىۋاشتىن باشلاشقا،پەرزەنتىگە ھەقىقىي ئاتىلىق مېھرىنى بېرىشكە بەل باغلىدى.ئەپسۇس،ئۇ تولىمۇ كېچىككەنىدى.ئوغۇل بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئۆزگەرمەس،كۆكەرمە،مېھىرسىز بىر داشقالغا،تۈرمىنىڭ دائىملىق «مېھمان»ىغا ئايلىنىپ بولغان ئىدى.مەن ئۇنىڭ يېقىندا يەنە ئوغرىلىق سەۋەبى بىلەن يەنە قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاڭلىدىم. 

          ئاتا ئاخىرقى قېتىم نىكاھلانغاندىن كېيىن ئوغلى بۇ ئۆيگە قايتا ئاياق باسمىدى.ئۇنى ئىزدەپ بارمىغان يەر قالمىدى.ئاران تېپىپ كەلگەندە بولسا يەنە غىپپىدە تىكىۋېتەتتى.ئاتا ئۇنى ئۇرۇپ باقتى.تىللاپ ،ھەتتا تەسىرلىنىپ قالار دەپ ياخشى گەپلەرنىمۇ قىلىپ باقتى.بىراق ئوغۇل بارلىق تىرىشچانلىقلار ئالدىدا ياغاچ ئويما ھەيكەلدەك ئىپادىسىز قېتىپ تۇراتتى.ئاتا بارلىق ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ «0» بىلەن خۇلاسىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.ھەر قېتىم بۇ ئادەمنى كوچىدا ئۇچراتقىنىمدا ،ياداپ كەتكەن چىرايى،ئورا كۆزلىرىگە چوڭقۇر بىر ھەسرەتنىڭ يوشۇرۇنغىنىنى كۆرىمەن.بەلكىم بۇ ئاتا ھاياتىدىكى خاتا باسقان قەدىمى،بالىسىغا كىچىكىدىن ئىگە بولمىغان سەۋەنلىكى ،مىللەتكە بالا ئەمەس «بالا»تەربىيىلەپ بەرگەنلىكىگە ئۆكۈنىۋاتقاندۇ؟ قانداقلا بولمىسۇن مەن مەنىۋىي جەھەتتە ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق يۆلەنچۈكى قالمىغان بۇ ئاتىغا ،تۈرمىنىڭ قاراڭغۇ ئۆيلىرىدە تۇرۇپ ۋۇجۇدى ،قەلبى تېخىمۇ سوۋۇپ كېتىۋاتقان ،كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىۋاتقان شور پىشانە بالىغا ھېسداشلىق قىلىمەن.ئۇنىڭ ئۆزگىرىپ ياخشى ئادەم بولۇشىنى ،ئاتا-بالىلىق مېھىر يالقۇنىنىڭ قايتا يېلىنجىشىنى تىلەيمەن.شۇنداقلا ھەر قېتىم بۇ ئىش يادىمغا يەتسە «تالنى نوتا چېغىدا ئەگ»دېگەن ئاتىلار سۆزىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولىمەن.
           ھاياتنىڭ رىژىسسورسىز سەھنىلىرىدە ئىنسان ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن. قانچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى. يېقىندا، مەن بۇ ئەرنىڭ تۇنجى ئايالى بىلەن قايتا توي قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئۇزۇن يىللىق ھىجراندىن كېيىن بۇ بىر ئائىلە ئاخىرى جەم بولدى. تونۇش- بىلىش، ئۇرۇق- تۇققانلار ئۇلارنى مۇبارەكلەشتى. ئۇلار يېڭى قورۇ- جايلىق بولدى.  قىزىنى ئالىي مەكتەپكە ئۇزاتتى. يىللار ئەر – ئايالغا ئوخشاشلا قورۇق، ئاق چاچلارنى ھەدىيە قىلدى. ئوغۇلمۇ ئۆيلەنگۈدەك ھالغا كەلدى. كۆرۈنۈشتىكى ئىللىق ئائىلە ۋۇجۇدقا كەلدى. لېكىن كۆڭۈلگە سېلىنغان دەز، ئۇزۇن يىللىق ئاسارەت بىر ئۆمۈر بۇ ئائىلە كىشىلىرىگە ھەمراھ بولۇپ قالدى.
ئىنسانغا ھايات پۇرسىتى پەقەت بىرلا قېتىم بېرىلىدۇ. ھاياتنى قايتا سىناق قىلىش پۇرسىتى يوق. ئاتا- ئانىلارنىڭ خاتالىقلىرىنىڭ دەردىنى پەرزەنتلەر تارتىشى كېرەكمۇ؟
        كەڭ يېزا- قىشلاقلىرىمىزلا ئەمەس، مەدەنىي سانالغان شەھەر مۇھىتىدىمۇ نىكاھ، ئائىلە پاجىئەلىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بەرمەكتە. يىتىملىك، خارۇ- زارلىق، مۇھتاجلىق، ئۆگەيلىك بەختسىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قاردەك ئاق ۋۇجۇدىغا قورقۇنچلۇق جاراھەتلەرنى قالدۇرماقتا. بۇنىڭدىنمۇ يامىنى تەربىيلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىش سەۋەبىدىن بۇدرۇق، يۇمران قوللار ئوغرىلىق كوچىلىرىدا كىملەرنىدۇر ئاھ ئۇرغۇزۇپ، كىملەرنىدۇر قان يىغلىتىپ، ئۆزىگە نامۇناسىپ بولغان يىرگىنىشلىك قىلمىشلارغا يانتاياق بولماقتا. ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشى زور ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلاندى. پەرزەنتلىرىنى دېسكوخانىلاردىن، تورخانىلاردىن ئىزدەپ يۈرگەن ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆپىيىشى، بىھۇدە تۆكۈلگەن ياشلار، بىھۇدە ئاققان قانلار، يۈرىكى خۇن بولغان ئاتا- ئانىلار... تۈنۈگۈنكى پەرۋاسىزلىق بۈگۈنكى پۇشايمانغا سەۋەپ بولماقتا.


       ۋۇجۇد توغرا ئەقىدە ۋە ئادىمىيلىك بىلەن يۇغۇرۇلمىسا ئۇ كىشىنىڭ ئىنسان سالاھىيىتىدىن گۇمانلىنىشقا تامامەن بولىدۇ. شۇ ۋەجى شەرق مۇتەپپەككۇرى جالالىدىن رۇمى ئىنساننىڭ پاكىزە روھ ئارقىلىق تەندىن ئىبارەت ئاتنى توغرا يولغا سېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلىدۇ. 
       مەن ھەم بۇ تۈردىكى پاجىئەلەرنى قىسمەن بولسىمۇ كۆرۈپ ياشاۋاتقانلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پەرزەنت تەربىيىمىزدىكى ئەجەللىك نۇقسانلار ھەققىدە تەشۋىشلىك ئويلارغا چۆكىمەن. ماددىي تەرەققىياتقا تەتۈر تاناسىپ ھالدا چۆكۈۋاتقان ئەخلاق مەسىلىسى جىمجىت تۇرغان خىياللىرىمنى داۋالغۇتىدۇ. شۇنداقلا ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ «بالىنى يىلىكىدىن باشلاپ تەربىيىلەش» دېگەن ھېكمىتىنى تارازىغا سالىمەن. ئۆتمۈشكە نەزەر سالغانسېرى شۇنچە نۇرانە سىمالارنى چېلىقتۇرۇپ، نامراتلىقنىڭ ھەرگىزمۇ ئەخلاقىي بۇزۇلۇشقا سەۋەپ بولالمايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن. بۈگۈنكى كۈندىكى بىر ياكى ئىككى پەرزەنتنىڭ دەردىدە ھالسىزلىنىۋاتقان ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرىشان ھالىتىنى ئويلاپ قايغۇرىمەن.
          يېقىندا ، "مىراس" ژۇرنىلىدا "مەسئۇلىيەتسىز كۆيۈمنىڭ كېرىكى يوق" ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. مۇئەللىپ ماقالىسىدا مىللىتىمىزنىڭ پەرزەنت تەربىيىلەش ئادەتلىرىدىكى ئەجەللىك نۇقسان بولغان مۇددىئاسىز مېھىر - مۇھەببەت ئۇستىدە توختىلىدۇ. ئۇ "بىز بالىلىرىمىزغا مېھىر - مۇھەببەت بېرەلىدۇق، لېكىن مۇستەقىل ياشاش ئىرادىسى، غايە ۋە يۈكسەك نىشاننى كۆرسىتىپ بېرەلمىدۇق." دېگەن نۇقتىلارنى ئاساسلىق پىكىر يولى قىلىدۇ. مەنمۇ ھەم بۇ پىكىرنىڭ "يانتاياق" لىرىدىن.
        دەرۋەقە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق پەرزەنت تەربىيىلەش ئادەتلىرىدىن قارىغاندا ئىنتايىن يارقىن خاتىرىلەرنى، پارلاق سەھىپىلەرنى ئۇچرىتىمىز. شىرمەت ئەزىمەتلەر، ئىپپەت ۋە قەيسەرلىكنىڭ ساھىبى بولغان گۇل يۈزلۈك قىزلار بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە يېتىپ ئاشىدۇ. لېكىن يەنىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق، ئانىلىرىمىزنىڭ بالىلارغا كۆيۈم ئاتا قىلغىنى بىلەن نىشان، بىلىم ۋە ئىرادە يېتىشتۇرۇش ،  مۇكەممەل ئەخلاق پىرىنىسىپ بويىچە ياشايدىغان، مۇستەقىل پىكىر يولىغا ئىگە پەرزەنت قىلىپ تەربىيىلەش جەھەتتە نۇرغۇن چولتىلىقلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ قالىمىز. مەسىلىنىڭ جان يېرى دەل ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىدە . ئۇيغۇر ئاتا- ئانىلار مېھرىبانلىق، پەرزەنتلەرنى كۈتۈش، تويۇندۇرۇش  جەھەتتە دۇنيادا يىگانە. لېكىن كۆيۈم ئىچىدە نىشان بولماسلىق، پەرزەنت تەربىيلەشتە ئۇزۇن يىللىق پىلان بولماسلىق ئاقىۋەتتە كۆيۈمىلا بار، ئىرادىسى يوق، ئوتىلا بار سۈيى يوق ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈشكە مۇنبەت تۇپراق بولۇپ قالىدۇ.

 

******
       ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﺟﺎزا ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﺰﻗﺎﻟﺪۇرۇش. ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪت ﺑﺎر. ﺋﺎﻟﯩﻤلار ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎۋاﻳﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎرﯨﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﺎدەم ﮔﯚﺷﻰ ﻳﻪﻳﺪﯨﻜﻪن. ﺑﯘ ﺋﺎﻟﯩﻤلار ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯘلارﻧﻰ ﻣﻪدەﻧﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘرۇپ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﻮﻳﯩﻐﺎ ﻛﻪﭘﺘﯘ. ﺋﯘلار ﺷﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﻮۋاﻗﻨﻰ ﺋﯚز دۆﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘرۇپ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺷﺎراﺋﯩﺘﺘﺎ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪﭘﺘﯘ. زاﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮراﻟلاﻧﺪۇرۇﭘﺘﯘ. ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘلارﻧﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮۇﭘﺘﯘ. ﺑﯘ ﻳﯩﮕﯩﺖ دۆﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺋﺎﻟﯩﻤلار ﺋﯘزۇن ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﭘﺘﯘ. ﺋﯘلار ﺑﺎرﺳﺎ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻳﻪﻧﯩلا ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ ﻗﯧﻠﯩﭙﺘﺎ ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﯘدەك. ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺳﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﻰ ﺳﻮرﯨﻐﺎن ﺋﯩﻜﻪن. ﺋﯘلار <ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﭻ ﺋﯩﺶ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪن، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯚﻟﺘﯜرۈپ ﻳﻪۋەﺗﺘﯘق.> دەپ ﺟﺎۋاپ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. ﭼﻮﯕﻘﯘر ﻣﻪزﻣﯘﻧﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺑﯘ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪت ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪۇ. ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺳﺎﭘﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪن، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻪڭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﮬﻮﻗﯘﻗلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى.
       ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﻛﯚك ﻛﯚزﻟﯜك ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﺪا ﺋﺎﻟﻪم ﻛﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﺮﺗﯩﻴﯘژى ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪۇ-ﻳﯘ، چىمەن دوﭘﭙﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ ﺋﯧﺸﻪك ﮬﺎرۋﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺨﯩﻤﯩﺴﯩﺪا ﺗﻮﺧﺘﺎپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ؟ ﭘﻪرق ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ، ﺳﺎﭘﺎﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﺪا، ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ..
        ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎلا ﺑﻮﻟﯩﯟاﺗﻘﺎن ﭼﯚﭼﯜرﯨﺪەك ﺑﺎﻟﯩلار، ﻗﺎراﯕﻐﯘ ﻛﯜﻟﺒﯩﻠﻪردە ﺳﯩﻘﯩﻠﻐﺎن ﺋﺎرﻣﺎن، ﻛﯚزى ﺋﻮﭼﯘق ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﺎ... ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ۋە ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﮬﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪش ﺋﯧﯖﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ دەرﯨﺠﯩﺪە ﺋﯚﺳﻜﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩلا ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ﻏﻪش ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن رﯨﺌﺎل ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.
تۇيۇقسىز بالىلىق دەۋرىم ئېسىمدىن كەچتى. رەختتىن تىكىلگەن سومكىغا پارچە قەغەزلەرنى يىپ بىلەن تىكىش ئارقىلىق ياسالغان دەپتەرنى، تولا ئۇچلىنىپ قولدا ئاران تۇرغۇدەك دەرىجىدە قىسقىراپ كەتكەن قېرىنداش قەلەمنى ئىشلەتسەكمۇ ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىمىز يۇقىرى ئىدى. ئەڭ مۇھىمى قەدىردان ئاتا- ئانام دېھقان بولسىمۇ پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. ھەر قېتىم سەھراغا بارغاندا مۇھتاجلىق قەددىنى ئەگكەن بوۋاي- مومايلارنى، كەتمەن دەستىدىن مەزگىلسىز قېرى چىراي بولۇپ قالغان ئاتا- ئانىلارنى ئۇچراتسام ئۇلارنىڭ بالا- چاقىلىرىنىڭ بۇنداق جاپالارغا قالماسلىقىنى تىلەيمەن ھەم شۇنداق خىتاب قىلغۇم كېلىدۇ:
ئاشۇ سەھرالاردىكى بالىسىدىن ئەنسىرەپ كۇننى تاڭغا ئۇلايدىغان ، كاللىسىغا چوڭقۇر ئىتائەتمەنلىك ، رايىشلىق سىڭگەن ، بالىسىنى، نەۋرىسىنى، ئۇنىڭدىن ئېشىپ قويلىرىنىمۇ بېقىپ بېرىشنى ئويلايدىغان ، يېشى 50 كە بارماي تۇرۇپلا چېچى ئاقىرىۋاتقان،چىشى قالمايۋاتقان پاك ئىنسانلىرىمىز بولغان ئانىلار ھەققىدە ئويلۇنۇپ قويايلى !
ئائىلە باشلىقلىرىدا ئائىلىسىگە مەسئۇل بولىدىغان ئاڭ بولمايدىكەن، بۇ ئائىلىدىنمۇ جەمئىيەتكە مەسئۇل بولمايدىغان ساپاسىز ئەۋلادلار يېتىشىپ چىقىدۇ. ساپاسىز ئەۋلادلارنىڭ كۆپىيىشى شۇ قەۋمنىڭ كېلەچەكتە يىغلايدىغان يىغىسىنىڭ كۆپىيىشىدۇر.
         ئاجرىشىش نىسبىتى كۈندىن كۈنگە ئېشىۋاتقان، ئائىلە، نىكاھ كىرىزىسى ئوخشىمىغان شەكىللەردە مەۋجۇت بولۇۋاتقان، مېھىر- مۇھەببەت سۇسلاۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، پەرزەنتلەرنىڭ كۈتىدىغىنى پەقەتلا بىر ئىللىق ئائىلە. قۇشقاچ بالىلىرى ئاشۇ ئاددىي ئۇۋىسىدا بەختلىك سايرىيالايدۇ. ئاددىي بىر تال گىياھ ئۆزىنىڭ تەبىئەتكە رەڭ بەرگەنلىكىدىن پەخىرلىنەلەيدۇ. ۋاھالەنكى، ياسىداق ئۆي، توققۇزى تەل تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئائىلىلەردىن ئائىلىۋىي ئىللىقلىقنى تېپىش تەسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەر ئاياللارنىڭ بىر- بىرىدىن كۈتىدىغانلىرى بەكمۇ كۆپىيىپ كەتتى. ھېچكىم ئويلاپ باقمىدىكى، ئۆزىمىز تەلەپ قىلىۋاتقان نەرسىنى ئەمەلىيەتتە بىز قارشى تەرەپكە بەخش ئېتەلمىدۇق. ئۆزگىلەرنىڭ بېغىدىكى شاپتۇل بىزنىڭ باغچىمىزدىكى ئالۇچىدىن تەملىك تۇيۇلدى. ماددىي تەرەققىياتقا يانداشقان مەنۋىي پۈچەكلىك ئىقتىساد، ئۆمرىمىزنى خوراتماقتا. بىز بالىلىرىمىزغا ئېسىل ياسىداق ئۆيلەرنى مىراس قالدۇرۇشنى قوغلاشتۇقكى، ئېسىل يوسۇن،توغرا ئەقىدە، ئادىمىيلىك خىسلىتىمىزنى مىراس قالدۇرۇشنى ئويلاشمىدۇق. باشقىلارغا نەسىھەت قىلدۇق، لېكىن ئۆزىمىزدىن باشلىمىدۇق. 
        بەزى ئاتا-ئانىلار خىزمەت ۋە جەمئىيەتتە بەلگىلىك نەتىجە قازانغان ھەم ئوقۇش تارىخىمۇ يۇقىرى بولغانلىقى سەۋەبلىك پەرزەنتلىرىنى بارلىق ئاماللار بىلەن«ئەقىللىق يىشيۇ»قىلىشقا تىرىشىپ،ئۇلارنىڭ تېخى كۆپ نەرسىلەرنى سىغدۇرالمايدىغانلىقىنى،ئۇلارنىڭمۇ ئۆز خىيالى،ئويۇنلىرى بارلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىۋاتىدۇ.بىر بولسا بالىسىنىڭ قورسىقىغىلا ئىگە بولىدىغان ،بىر بولسا «ئالىم»قىلىمەن دەپ كاردىن چىقىرىدىغان خاتا تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىلىۋاتىدۇ.
         كۆچەتنى تىكىپ قويۇپ پەرۋىش قىلمىغانلىق مەسئۇلىيەتسىزلىك.بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان رىقابەت بىزگە سۇئال قويماقتا.پەرزەنت ھەرگىزمۇ ئەۋلادلارنى ئۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈنلا ئاپىرىدە قىلىنغان ئەمەس.ئاتا-ئانا بولسا ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە تۇتاشقان يولدا ۋىجدان يۈكلىگەن قەرزلەرنى ئۈستىگە ئالغۇچى ھەم ئۇنى ئادا قىلغۇچى ھەمسەپەرلەردۇر.ياراملىق بىر پەرزەنتنى قاتارغا قوشۇش ئۆز نۆۋىتىدە بىر قەۋم ئۆچۈن يېڭى قان قوشقان بىلەن باراۋەر. شۇ ۋەجى ھەر بىر ئاتا-ئانا ئالدى بىلەن ئۆز ساپايىمىز ئۈستىدە دوپپىمىزنى ئالدىمىزغا قويۇپ تۇرۇپ ئويلىنايلى.تۈگىمەس ئادىمىگەرچىلىك كەلكۈنلىرى ئىچىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ قۇتۇلۇپ باغرىمىزدىن يېرىپ چىققان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا،تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ قويايلى.
        ﮬﻪر ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ رەﯕﮕﺎرەڭ ﻣﻪﺋﯩﺸﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪزﯨﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺳﻪﺑﯩﻲ ﻛﯚزﻟﻪرﮔﻪ ﻛﯚﭘﺮەك ﺋﺎﻏﺪۇراﻳﻠﻰ. ﺋﯘلارﻏﺎ ﻛﯚﭘﺮەك ﻣﯧﮭﯩﺮ ﺑﯧﺮەﻳﻠﻰ. ﺋﯘلار ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺗﺮاﮔﯩﺪﯨﻴﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗلارﻧﯩﯔ ﺷﺎﮬﯩﺪﻟﯩﺮى ﺑﻮﻟﺴﯘن.
       «قوي بېقىپ خوتۇن ئالىدىغان،خوتۇن ئېلىپ تۇغۇلغان بالىسىغا يەنە قوي باققۇزىدىغان»يارىماس ئەنئەنە بىزدىن مەڭگۈلۈك يىراقلاشسۇن.بارلىق ئوي-پىكرىمىز ياراتقۇچىنى تونۇيدىغان، ئىككىلا ئالەملىك بەختنى كۆزلىگەن ، ئەقىدىلىك، بىلىملىك پەرزەنت تەربىيلەشكە جەملەنسۇن.شۇندىلا ئايىغىمىز ئاستىدىن يېپيېڭى بىر مەنزىل ئېچىلغۇسى.


مەلۇم بىر ئېتوتتىكى:
  ساۋاقداشلار، ساۋاقداشلار، باغقا بارايلى!
  قوناقلىققا ياڭيۇ تېرىپ كاۋا ئالايلى!
  
       دېگەن ھەجۋىيلەر رىئاللىقىمىزنى ئوبدان ئىپادىلەپ بېرىدۇ. دېمەك، بىز پەرزەنتلىك بولدۇق. ئۇنى باقتۇق.(ھايۋانلارمۇ بالىلىرىنى ناھايىتى ئوبدان تويۇندۇرۇپ باقالايدۇ.) لېكىن ئاقىۋەتتە ئۇنىڭغا ئىدىيە، ھەم توغرا قاراش سىڭمىگەنلىكتىن، قىسىقىسى سىڭدۇرەلمىگەنلىكىمىزدىن قولىدىن ھېچقانچە ئىش كەلمەيدىغان، 30 غا كىرگەن تۇرۇقلۇق يات شەھەردە 10 كۇن ئاتا- ئانىسىز ياشاپ قالسا ئانسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئېتىپ يىغلايدىغان بېلى بوش يىگىتلەرمۇ يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ.
      ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﭘﺘﻰ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ؟ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺑﯩﺰ ﮔﯜﻟﻨﯩﻼ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ،ﺗﯩﻜﻪﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺪﯗﻕ.ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﺷﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﺘﯩﭗ،ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﮔﻪﺗﻤﯩﺪﯗﻕ.<ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻴﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯘﻝ > ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﻣﯩﺪﯗﻕ..پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ ناقىسلىقى ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ،ﻏﺎﻳﯩﺴﯩﮕﻪ ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﻩﺯ.
ئائىلە مۇتلەق ئەركىن بىر دۇنيا. ئەمدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئاتا- ئانىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش. ئاتا- بوۋىلىرىمىزغۇ ئېسىل ئۈگۈت- نەسىھەتلەر بىلەن نى- نى ئوغلانلارنى يېتىشتۈرۈپتىكەن. لېكىن ھازىرقى جەمئىيەتتە،  بالىلىرىمىزنىڭ قەلبىدە پەند- نەسىھەت سىڭىدىغان ئورۇن قالمىدى، دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بالىلىرىمىزنىڭ قەلب ئېكىنزارلىقى خىلمۇ- خىل ئۈندۈرمىلەرنىڭ ئەبجەشخانىسىغا ئايلاندى. ساپلىق يىراقلاشتى.
تەربىيە شەكىللىرىمىز ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلماقتا. ھەر بىرىمىزگە  ئائىلىمىزنىڭ ئاتموسفېراسىنى ساپلاشتۇرۇپ پەرزەنت تەربىيىسىنى مەلۇم نىشان، كەلگۇسى پىلان ئىچىگە سىڭدۇرۇش يولىدا ئىزدىنىش بەكمۇ زۆرۈر بولماقتا. قىسىقىسى ، مەسئۇلىيەتسىز كۆيۈمنى ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇشنىڭ ۋاقتى كەلدى. 
         «ﻗﺎﺑﯘﺳﻨﺎﻣﻪ» دە ﻣﯘﻧﺪاق ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﻪر ﺑﺎر : ﺋﻪي ﺋﻮﻏﯘل، ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ، ﺋﯩﺠﺘﯩﮭﺎت ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺗﯜرﻟﯜك ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪردﯨﻦ ﺧﻪۋەردار ﺑﻮل. ﺗﯜرﻟﯜك ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎڭ، ﺋﺎﻟﯩﻤلارﻧﯩﯔ ۋە ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﮬﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﻐﺎن ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯘلاردﯨﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﯩﻦ. ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺳﺘﺎزﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯔ لازﯨﻢ..
ﺟﺎﮬﺎن ﺗﯧﺰ ﺳﯜرﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘر دەۋرﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮدى. ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﮬﻮﻗﯘﻗﻠﯘق. ﺑﯩﭙﺎﻳﺎن ﻳﯧﺰا - ﻗﯩﺸلاﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدا ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن دﯦﮭﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜرۈش ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻢ..
        ھەشىمەتلىك رېستۇرانلاردا ھەشىمەتلىك توي، قاتار چايلار تۆگە كارۋىنىدەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتكۈزىلىۋەردى.«بىز بەختىيار ئەۋلادلار» ناخشىسى ئېيتىلىۋەردى.ئاشۇ پەرزەنتلىرىمىزگە ئاتا-ئانا مېھرى قان ھەم جاندەك زۆرۈر بولىدىغان چاغدا بىز قەرز ، ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇش ۋەھىمىسىدە تىپىرلاپ ئۇلارنى جاپاكەش ئانىلىرىمىزنىڭ قۇچىقىغا تاشلاپ بەردۇق.ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتتە بىزگە خۇددى يات ئادەمگە قارىغاندەك نەزەردە قاراۋاتقانلىقىنى،كۆزلىرىدە چاقناۋاتقان ۋەھىمە،ياتسىراش ئۇچقۇنلىرىنى كۆرگىنىمىزدە نېمىلەرگە ئېرىشىپ نېمىلەرنى يوقاتقانلىقىمىزنى كېچىككەن ھالدا ھېس قىلدۇق.
       پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەرقانداق بالىنىڭ ئىسلام ئۈستىگە تۇغۇلىدىغانلىقىنى، ئۇنى ناسارا قىلامدۇ، مەجۈسىي قىلامدۇ ئاتا- ئانىغا باغلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە چوڭقۇر ھېكمەتنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇستىخىنىمۇ قاتمىغان پەرزەنتلىرىنى بالىت كۇرسىغا.... يەنە ئاللىقانداق كۇرسلارغا ئىككى قوللاپ سۇنىۋاتقان، ئەقىدە ھەققىدە تېرىقچىلىك بىر نەرسە يۇقتۇرمىغان ئاتا- ئانىلار قىيامەت كۈنىدىكى ھېسابنى ئويلاپ قويۇشى كېرەك.
     كارل ۋېتر پەرزەنتلەرنى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيىلىشىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:«قۇرت -قوڭغۇزلارمۇ بالىسىنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا ھاۋالە قىلمايدۇ».بۇ سۆز ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.دەرۋەقە،پەرزەنتىگە چىن كۆڭلىدىن مېھىر بېرىشكە ۋاقىت چىقىرالمايۋاتقان ئاتا-ئانىلار ھەقىقەتەن كۆپ. ئۇلار تۈگىمەس ئادىمىگەرچىلىك،خىزمەت باھانىسى بىلەن ئائىلىدە پەرزەنتلەرنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشقا،ئۆزلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىدۇ.ياكى ساپاسىز بالا باققۇچىلارغا تاشلاپ قويىۋاتىدۇ.مەلۇم يەسلىدە بالا باققۇچىلار كىم بالدۇر ھەم كۆپ ئۇخلىسا شۇنى ماختاپ مۇكاپاتلىغان.بىز ئىشەنچ قىلىۋاتقان يەسلىلىرىمىزنىڭ بالىلىرىمىزغا بېرەلەيدىغىنى ئەنە شۇنچىلىك .قۇرت -قوڭغۇزلارمۇ ئويغىنىپ كەتكەن دەۋردە ئەجداد ئۇيقۇسى يەتمىگەندەك پەرزەنتلىرىمىزگە ئادىمىيلىك تەربىيىسى ئەمەس ئۇخلاش تەربىيىسى بېرىلسە قانداقمۇ مۇراد گۈللىرىمىز ئېچىلسۇن؟
        " ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چار قۇيرۇق" دېگەندەك ساپاسىز ئاتا- ئانىلارنىڭ قولىدا تەربىيلەنگەن بالىلار ناۋادا قىز بولسا ئۆلگۇچە ئانىسىنىڭ يولىنى تۇتۇپ بالا،نەۋرە،قوي باقىدۇ. نەۋرىسى ياكى قويىنى بېقىپ بېرەلمىگىنىگە ئۆكۇنىدۇ،خىجىل بولىدۇ،ھەسرەتلىنىدۇ.پەرزەنتلىرىمۇ خۇددى ئانىنىڭ ھەسرەتلىنىشى يوللۇقتەك ھېس قىلىدۇ. مۇشۇنداق مىننەتسىز ئەجىر بىلەن تالاي ئاتا- ئانىلىرىمىز ئۇنسىز ئۆتۇپ كەتتى . ئانا تۇپراق ئاخىرى ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلدى. ..
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-27, 19:12
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+20(bagdax) نادىر يازما
  • چ چ:1272497571
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-27 18:45 |
    satar
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1328
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 121
    شۆھرەت: 630 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 630 سوم
    تۆھپە: 375 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 375 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-06
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

        
       ئاتىلار مەسئولىيەتسىزلىشىپ كەتتى . ئۇلار مەسئولىيەتسىزلىكنى بالا تۇغۇلۇشتىن خېلى بۇرۇنلا باشلىۋەتتى  ،
      ئەتراپىمىدىكى بىر قىسىم يېڭى توي قىلغان ياش يىگىتلەر  ھېچقانداق تەييارلىقسىز دادا بوپ قالىدىغانلار كۆپكەن . ھاراقنى ئىچىپ تەييارلىقسىز تاپقان بالا قانچىلىك بولماقچىتى دەيسىز ؟
      بالا چوڭ بولىدۇ ، بىر كۈنلەردە ھاراقنى ئىچىپ كوچىدا جېدەل تېرىپ يۈرسە بالىدىن قاقشاۋاتقان ،  چۈنكى ئۇ ئاتا ئۇنتۇپ كەتتى ،
        20 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ كەچلىك بازاردا ئاچچىق ھاراقنى ئىچىپ كىرىپ تاپقان بالا ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەي بالىدىن قاقشايدۇ .
       پىسخىلوگلار سۈپەتلىك تۇغۇشنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتىدۇ ،  بىلەمسىزكىن ، ھاراق ئىچكەندە ئادەم 40 كۈنلۈك ئىمانىدىن كېتىدۇ دىگەن كونىلارنىڭ سۆزىنى ،  ھازىر مىدىستىنادىمۇ بۇ ئىسپاتلاپ چىقىلدى، ، ئادەم ھاراق ئىستىمال قىلسا 40 كۈن بەدىنىدە ئىسپىرت ماددىسى ساقلىنىدۇ ،  
       بىر بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ھەتتا سىز شۇ تۇغۇلماقچى بولغان بالىنى ئويلىغاندىن باشلاپ تەربىيەنى باشلىشىڭىز كېرەك !
         ھازىر ئەتراپىمىدىكى كۆپىىنچە ياشلار ، كۆپىنچە ئەمەس ھەممە ياشلار بالامنى دوكتۇر قىلىمەن ، بالامنى ئالىم قىلىمەن ، بالامنى يازغۇچى قىلىمەن دىگەندەك ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈكىۋاتىدۇ ،
      ئەگەر ھازىرقى ياشلارنىڭ پىلانىدەكلا  بوپ قالسا يەنە 20-30 يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر جەمئىتىدە تۈركۈملەپ ئالىم دوكتۇر ، يازغۇچىلار مەيدانغا كەپ كەتكىدەك !
      قىززىق ، بۇ مۇمكىنمىدۇ :  بالىلىق بولۇش ئالدىدا تۇرغان ياكى بالىلىق بولغان بىرەر ئاتىنىڭ ئاغزىدىن ، بالام كېيىن دېھقان بولسا ، بالامنى ئوغرى ياكى بۇلاڭچى قىلايمىكىن ، قىزىم چوڭ بولسا ئىچكىرى ئۆلكىدە ئۇسۇلغا سالايمىكەن دىگەننى ئاڭلاپ باقتۇقمۇ ؟
    كىم ئۆز يۈرەك پارىسىنى دوكتۇر ئالىم قىلغۇسى يوق ؟
      لېكىن گەپ تەربىيلەشتە : قانداق تەربىيلەشتە :
      ھازىر ئاتا- ئانىلار بالىلارغا قانداق تەلەپ قويىدۇ ؟ ھەي بالام شۇ كېيىن بىر ناننى تېپىپ يىگۈدەك بولساڭ بولدى ، جېنىڭنى باقالىساڭ بولدى . نىمىدىگەن تۆۋەن تەلەپ بۇ ؟
       دۆلىتىمىز ئاللىقاچەن خەلقنى كىيمى پۈتۈن ،ئاچ قالمايدىغان دەۋرگە باشلاپ كىردى ، بىراۋنىڭ ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ قالغىنىنى ئاڭلىمىغاسىز بۇ يېقىنچىدا ؟
        ناننى تېپىپ يېسە بولىدىغان زامانلار ئۆتۈپ كەتكىلى نەۋاخ ! شۇنداقمۇ ئەمەسمۇ ؟
         مەڭگۈتاشنىڭ تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىن يازغان ھەر بىر ماقالىسى ھەقىقەتەن بىر ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ :  
    lutun
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-27 20:01 |
    turan
    سۇكۇتتە تۇرۇشۇم ئاجىزلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 159
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 578
    شۆھرەت: 3317 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 3338 سوم
    تۆھپە: 1932 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1939 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 553(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەر بىر ئاتا-ئانا زىمىسىدىكى  بۇرچىنى ئادا قىلسا  چۇقۇمكى بىزدىن نان قىپى،سولەتۋاز،ئىنجىمارۇق باللار ئەمەس ،ئادىمىلىك،تەپەككۇردە يىتىلگەن ھەققى ئەركەكلەرنى يىتىلدۇرۇپ چىقالايدۇ.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-27 23:37 |
    aslima
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 406
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 317
    شۆھرەت: 1755 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1771 سوم
    تۆھپە: 1027 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1031 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 399(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    راست، پەرزەنت دېگەن بىر ئاق قەغەزكەن، قانداق بويىسىڭىز، شۇنداق بولىدىكەن.
    ئاچچىقلانسام چىشلىرىم كىرىشىپ، جوزىنى مۇشتلىۋېتىدىغان ئادىتىم بارئىدى.
    قايسى كۈنى بالام كىچىككىنە بىر ئىشقا چىشلىرىنى كىرىشتۈرۈپ، جوزىنى مۇشتلاپ يۈرىدۇ.
    ھەي، پۇشايمان يەپ قالدىم، ناچار ئادەت دىگەننى قاتئىي بالىغا كۆرسەتمىگۈلۈككەن.
    istanbol
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-28 12:19 |
    guzaldunya
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 80
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 117
    شۆھرەت: 630 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 630 سوم
    تۆھپە: 374 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 374 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 297(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

       ئالدى بىلەن تەربىيەنى ئۆزىمىزدىن باشلىساق بولغۇدەك ، ئۆزىمىز نەدىكى قاملاشمىغان ئىشلارنى قىلىپ يۇرسەك ،ئەڭ ئەقەللىي ئەدەپ- قائىدىلەرنىمۇ بىلمىسەك بىز تەربىيلىگەن بالا قانداق بالا بولۇپ چىقماقچى ئىدى ؟
    simfoniya
    قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-04 10:37 |
    tamche
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4002
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 47
    شۆھرەت: 270 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 270 سوم
    تۆھپە: 157 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 157 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-01
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇناھايىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ، مېنىڭچە موشۇ مەزمۇندا بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ باشلانغۇچ قىسمىدا ئومۇمى يۈزلۈك لىكسىيە سۆزلەنسە بولامدىكىن-دەيمەن. چۈنكى مەكتەپتىكى بالىلارغا ئائىلە تەربىيىسىگە قارىغاندا مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ رولى تېخىمۇ زور دەيمەن. چۈنكى خىزمەت ،ئائىلە بېسىمى سەۋەبىدىنمۇ بەزىبىر ئىشلاردا سىنىپلاردا ناھەقچىلىقلار مۇ بولۇپ قالىدىكەن،ئوقۇتقۇچىلارمۇ پەرزەنت تەربىسىدە ئالاھىدە دىققەت قىلسا.
    lutun
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-01 11:03 |
    uguz
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10110
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 17
    شۆھرەت: 117 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 117 سوم
    تۆھپە: 63 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 66 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھازىر بىزدىكى پەرزەنىت تەربىلەشتە .ھەدىسىلا  غەرىپچە ياۋرۇپاچە چۇش بىلەن تەربىلەشكە تىرشىۋاتىمىز.ئويلاپ باقتۇقمۇ مەھمۇت قەشقىرى بوۋىمىز .قانداق شارائىتتا ئاشۇنداق دۇنياۋى ئالىم بولۇپ چىققان.يىقىنقى زامانغا قارايلى.ئا. ئۆتكۈر. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرچۇ.ل.مۇتەللپچۇ .ئويلاپ باقايلى.پەرزەنىت كەلگۇسىنى چىرىغى.پەرزەنلەرنى ئۆزكىملىكىمىز بىلەن تەربىلەيلى.
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-28 14:22 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    Bagdax bbs » تەرمىلەر