تۆنۈگۈن ئانىلار بايرىمى، ئۆگەي ئانامغا ئالغان سوۋغىتىمنى بەردىمدە، خىزمەتدىشىمنىڭ سىپارە نەزىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىپ قالدىم. يولدا كېتىۋېتىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلىدىم، ئاپا، ئەسلى ساڭا ئېلىپ بېرىشقا تىگىشلىك سوۋغاتنى باشقىلارغا بەرگەنلىكىمدىن سېنىڭ قانداق ئويلارغا كېلىدىغانلىقىڭنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىم، ئۆزۈمنى سېنىڭ ئورنۇڭغا قويۇپ باقتىم، ئەرلەردەك مەرتلىكىڭ، كەڭ قوساقلىقىڭ گۇمانلىرىمغا چىكىت قوياتتى.
بالىلىق دەۋرىڭدە قانچىلىك ئەتىۋالىنىپ چوڭ بولغانلىقىڭنى بىلىمەن، لېكىن بىزگە ئانا بولۇپ تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىڭ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئىدى.
دادام سادىق دۆلەت خىزمەتچىسى، كومپارتىيە ئەزاسى ئىدى. گەرچە خىزمەت ئورنىدا نەتىجە قازانغان، كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئادەم بولسىمۇ، سىرتتا نۇرغۇن ئىشلارنى بېجىرىپ، كاتتا خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۆيدە ساڭا ھېچقانچە ياردەم بېرەلمەيتتى، بالىلىق چاغلىرىمىزدا ئۆيىمىز يېزىدا، سېنىڭ خىزمىتىڭ يوق بولغاچقا بىز يېزا نوپۇس ئىدۇق. بەش مو تېرىلغۇ يېرىمىز بارئىدى، دادام بىزدىن يىراقتا ئىشلىگەچكە بالىلارنىڭ، ئېتىز-ئېرىقنىڭ ھەممە ئىشى سېنىڭ زىممەڭدە ئىدى، سەن كۆپىنچە يالغۇز ياشايتتتىڭ، يالغۇز ئىشلەيتتىڭ، لېكىن كۆپىنچە بىزنىڭ ھوسۇلىمىز ئەر-ئايال بىللە ئىشلەۋەتقانلارنىڭكىدىن مول ئىدى. مەھەللىدە ھۆرمىتىڭ بار ئىدى، ھەممىلا ئادەم سېنى ماختىشاتتى، لېكىن ئاپا ئېتىزدىكى سۇنى باشقۇرالماي، سەن ھۆڭگۈرەپ يىغلىغان ئاشۇ ئاخشامنى زادىلا ئۇنتىيالمايمەن. ئاكام بىلەن ئىككىمىز كىچىككىنە گۈرجەكلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ ساڭا قاراپ تۇردۇق، ئېتىزدىكى سۇلار قىرلارنى بۇزۇپ چوڭ يولغا ئېقىشقا باشلىدى، بىرتەرەپتىن ئۈن-سېلىپ يىغلايتتىڭ، بىرتەرەپتىن توختىماستىن قىر سالاتتىڭ، ئەمدىلا ئالغان لېيىڭنى كۈچلۈك سۇلار ئېقىتىپ كېتىۋېرەتتى، ئاخىرى ئاكام بىلەن مەن سۇنىڭ ئىچىگە كىردۇق-تە، ئاۋۋال پۇتلىرىمىز بىلەن، ئاندىن بەداشقىنىمىزنى قورۇپ ئولتۇرۇپ سۇنى توسىدۇق، سەن بۇنى كۆرۈپ، بىزنى چىقىپ كېتىشكە بۇيرىدىڭ، يىغاڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى، بىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، سۇدىن چىقىشقا ھەرىكەتلەندۇق، چىقىپ كېتىۋېتىپ ئايىقىم لايغا پېتىپ قېلىپ، پۇتۇمدىن چۈشۈپ قالدى، ئاكامغا دەپ، ساڭا تۇيدۇرماي ئىزدىدۇق، لېكىن تاپالمىدۇق، ساڭا قانداق دىيىشنى بىلەلمەي قالدۇق، سېنىڭ تىللىشىڭدىن قورىقتۇق. ئەمما دىمەي ئامال يوق ئىدى، ئۇنىڭغىچە كىچىك دادام يىتىپ كەلدى ۋە قولۇڭدىن گۈرجەكنى ئالدى، سەن بىزنى مەھكەم باغرىڭغا باستىڭ....
شۇ مىنۇتلاردا چوقۇم دادامدىن ئاغرىندىڭ، بۇنداق مىنۇتلارنىڭ تالاي ئىكەنلىكى چوقۇم، ئەمما سەن ئەزەلدىن دادام بىلەن سوقۇشمايتتىڭ، ۋاقىراشمايتتىڭ، دادامغا ئاچچىقلىمايتتىڭ.
1987-يىلى سەن يېزىغا بېرىلگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سانىغا ئىمتىھان ئارقىلىق ئېرىشىپ، دۆلەت خىزمەتچىسى بولدۇڭ، 1988-يىلى دادامنىڭ يېنىغا يەنە شەھەرگە كۆچۈپ كەتتۇق.
سەن شەھەردىمۇ، ھەتتا دادام ئىدارە باشلىقى بولغاندىمۇ شۇنداق ئاددىي-ساددا ئىدىڭ، بىزنى سىرتتا تاماق يىيىشكە ئۆگەتمەيتتىڭ، ئېسىل كىيىملەرنى ئېلىشىمىزغا قارشى تۇراتتىڭ، ئادەمنىڭ سىرتىغا قاراپ باھا بېرىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرەتتىڭ، پاكىزىلىقنى سۆيەتتىڭ. ئۆيىمىزگە بىرەر ھاجەت بىلەن كەلگەنلەرنى، سىرتتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارنى بەك رازى قىلاتتىڭ، خۇشال قىلاتتىڭ، دادام رەنجىتىپ قويغانلاردىن بىر ئامال قىلىپ ئەپۇ سورايتتىڭ، ئۇلار بىلەن قېرىنداشلاردەك بولۇپ كېتەلەيتتىڭ.
چوڭ بولغانچە ھېس قىلاتتۇق، سەن مۇناسىۋەتكە بەك ماھىر ئىدىڭ، ھەممە ئادەم بىلەن ياخشى ئۆتەتتىڭ، كىشىلەرنى ئېسىل ياكى ئۇنداق دەپ دەرىجىگە ئايرىمايتتىڭ، دادامنىڭ شۇنداق نامرات، ئاجىز بىر تۇققىنى بولىدىغان، بىز ئۇنىڭ ئۆيىمىزگە كېلىشىنى خالىمايتتۇق، ئەمما سەن بىزنىڭ ئەكسىمىزچە بۇ تۇغقانلىرىمىزغا بەك قىزغىن ئىدىڭ، ئېسىل مېھمانلارغا قىلمىغاننى ئۇلارغا قىلاتتىڭ، ئۇلار قۇرۇق قول كەلسىمۇ، بىر ئىككى تال نان كۆتۈرۈپ كەلسىمۇ، خۇشاللىق بىلەن كۈتىۋالاتتىڭ. ئۇلار قايتقۇچە بىر مۇنچە نەرسىلەرنى بېرىپ يولغا سالاتتىڭ، بىزگە ئۈنسىز تەربىيە بېرەتتىڭ، يۇرتىمىزغا بارغاندا ئاجىز-ئورۇق تۇغقانلىرىمىزنى ئەڭ ئالدىدا يوقلايتتىڭ، دادامنى كەپتۇ دەپ مېھماندارچىلىققا ئالغىلى كەلگەنلەر ساقالاپ كەتسىمۇ، بىزنىڭ ئېسىل جايلاردا ئوينىغۇمىز كەپ كەتسىمۇ، ۋاقىت قىستاپ قالسىمۇ، بىچارىلەرنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويمايتتىڭ.
2002-يىلى دادام ئىككىنچى سەپكە چىقتى، بىز ئەمدى دادام باشلىق بولمىغاندىكىن ئۆيىمىزدىكى مول-ھوسۇلچىلىقنىڭ، مېھمانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلەمدىكىن دەپ ئويلىدۇق، ئەمما قەتئىي ئۇنداق بولمىدى، ئۆيىمىز ئىلگىرىكىدىنمۇ ئاۋاتلىشىپ كەتتى، بىز كىشىلىك ھايات ھەققىدە بەك كاتتا ساۋاتقا ئىگە بولدۇق.
2006-يىلى مەن بالامنى تۇغۇپ، قىرقىم ئەمدىلا توشقاندا، سالامەتلىكىڭنى تەكشۈرۈتتۇق، تەكشۈرۈش نەتىجىسى بېشىمىزغا توقماق بولۇپ ئۇرۇلدى، ئوچۇق ھاۋادا گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەشنىڭ، چاقماق چېقىشنىڭ مەنىسىنى بىلدۇق، ۋەزىنىنى چۈشەندۇق. يىغلىدۇق، چوڭ دوختۇرخانىلار بىلەن ئالاقىلەشتۇق، دەسلەپتە كېسىلىڭنى سەندىن يوشۇرغانىدۇق، ئەمما چېچەنلىكىڭ سەۋەبلىك ئۇزۇن يوشۇرالمىدۇق، ئۆزىمىزنى ئالدىڭدا خۇشال كۆرسىتىشكە تىرىشاتتۇق، ئەمما كۆزلىرىمىزدىن ئاجىزلىقىمىز بىلىنىپ قالاتتى، < دوختۇرلارنىڭ دىئاگنوزىنىڭ توغرا بولۇپ كېتىشى ناتايىن، خاتىرجەم بولۇڭلار، مەن ساقىيىپ كېتىمەن> دەيتتىڭ.
ئەپسۇس، ساقىيالمىدىڭ. 2007-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 57يېشىڭدا سېنى ئۇ ئالەمگە ئۇزۇتۇپ قويدۇق، شۇندىن كېيىن داداممۇ، بىزمۇ يالغۇزلۇقنىڭ، يىگانىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتۇق. دادام ھوقۇقتىن قالغاندا ئەمەس، ئاپامدىن ئايرىلغاندا ئۆيىمىز چۆلدەرىدى، ئۇرۇغ-تۇغقانلارنىڭ قەدەملىرىمۇ ئازايدى، ئاپامنى دوراشقا، ئاپامدىن ئۈلگە ئېلىشقا ھەر قانچە تىرىشساقمۇ ھەممە ئىشنى ئاپامدەك قىلىپ كېتەلمىدۇق، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىمىز بىلەن مۇناسىۋىتىمىز بارغانسېرى يىراقلىشىپ كەتتى، بارا-بارا ھەممىمىز ئۆز ئىشلىرىمىزغا كىرىشىپ كەتتۇق.
2010-يىلى 3-ئايدا دادام ئەل-ئاغىنە، خولۇم-خوشنا، تۇغقانلارنىڭ زورى بىلەن قايتا ئۆيلەندى،
ئۇ كۈنلەردىكى ھېسىياتىمنى دىمىسەممۇ، ئوقۇرمەنلەرگە ئايان، ئەمما بىز بالىلار ناھايىتى غەيرەت قىلدۇق، دادامنىڭ كۈندىن كۈنگە چۆكۈپ كېتىۋاتقان قەددىنىڭ تىكلىنىشىگە، كۈندىن كۈنگە ئاقىرىپ كېتىۋاتقان چاچلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئىنتىزار ئىدۇق، دادامنىڭ چىرايىغا قايتا كۈلكە يۈگىرىشىنى، ياشىرىشىنى، قىسقىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىنى ئۈمىد قىلاتتۇق.
كۈتكىنىمىزدەك يېڭى ئاپىمىزمۇ ناھايىتى ئاقكۆڭۈل ئايال ئىكەن، تۆت بالا ئۆز ئاپىمىزنى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەتلىدۇق، ئۇلارغا شادلىق بېرىشكە، كۆڭلىدىكى ئەندىشىلىرىنى يوقىتىشقا تىرىشتۇق، دادامنىڭ تويى بولغان كۈننىڭ ئەتىسى چىللاشقۇدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھەممىمىز ئۆيلىرىمىزگە ماڭغان ئىدۇق،( ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەن سىڭلىمنىمۇ مەن ئۆزەمنىڭ ئۆيىگە يېڭى ئاپىمىز كۆنىۋالغۇچە دەپ، ۋاقىتلىق ئېلىپ كەتكەنىدىم) دادام تېلىفۇن ئۇرۇپ، كېلىن -كۈيئوغۇللار ھەممىمىزنى قايتۇرۇپ كەلدى، ئۆيگە كىرسەك، ئاپامنىڭ ئوغلىمۇ، ئۇكىمىزمۇ كېلىپتۇ( بوۋا-مومىسىنىڭكىدە تۇراتتى). مېھمانخانا ئۆيگە يىغىلىپ، جىمجىت ئولتۇردۇق، ئاپىمىز چاي قۇيدى. ئاندىن دادام سۆزىنى باشلىدى:
< بالىلىرىم، كۆڭلۈڭلارنى چۈشىنىمەن، ھاياتلىق بىزنى تالاي قىسمەتلەرگە دۇچار قىلىدىكەن، ئەگەر سىلەر قوشۇلمىغان بولساڭلار، مەن بۇ توينى قىلماس ئىدىم، مېنىڭ توي قىلغىنىم ئاپاڭلارنى ئۇنۇتقىنىم ئەمەس، تۆت بالامنىڭ ئانىسىنى 30 يېقىن ئۆي تۇتقان قەدىناسىمنى ئۇنتۇشۇممۇ مۇمكىن ئەمەس، مېنى چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، تۆنۈگۈن ئۆيگە بىرىڭلارمۇ كەلمىدىڭلار، ئاپاڭلار بىلەن ئىككىمىزنىڭ كۆڭلىنىڭ قانچىلىك يېرىم بولغانلىقىنى بىلمەيسىلەر،
سىلەر بىر-بىرىڭلاردىن ئەقىللىق، ئەخلاقلىق چوڭ بولدۇڭلار،ئاپاڭلارمۇ توي قىلىشتىن ئىلگىرىلا مېنى ئەمەس، سىلەرنى دەپ بۇ تويغا قوشۇلغانلىقىنى دىگەن، سىلەرمۇ مېنى خوشال ياشىسۇن، يالغۇز قالمىسۇن، ھەمراسىز قالمىسۇن دەپ بۇ توينى قىلدىڭلار، قوشۇلمىغىنىمغا قارىماي ئۆينى قايتىدىن بېزەتتىڭلار، شۇنى ئۇنۇتماڭلار، بۇ ئۆي سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار، خۇددى ئاپاڭلار ھايات چاغدىكىدەك نىمە قىلغۇڭلار كەلسە، شۇنى قىلىڭلار، نىمە يىگۈڭلار كەلسە شۇنى يەڭلار، سىلەرسىز مېنىڭ خوشاللىقىم بولمايدۇ، بالام ئەسقەرجان( ئىسمى ئۆزگەرتىلدى) دەسلەپتە تويغا قوشۇلمىدىڭىز، سىزنىڭ ھېسىياتىڭىزنىمۇ چۈشىنىمەن، ئەمما توي كۈنى بەك ياخشى قىلدىڭىز، ئاپىڭىزنىڭ قولىغا ئالتۇن ئۈزۈك تاقاپ قويغىنىڭىزدا، ئاپىڭىزنىڭلا ئەمەس، مېنىڭمۇ كۆزلىرىمدىن ياش تۆكۈلدى، ئاپىڭىزنى چۈشەنگىنىڭىزگە رەھمەت، ئاپىڭىز ھېساپتا سىزدىن باشقا كۈچلۈك يۆلەنچۈككە ئېرىشتى، ئاپىڭىزدىن خاتىرجەم بولۇڭ، مانا بۇلار قېرىنداشلىرىڭىز، ئۆز-ئارا ئىناق ئۆتۈڭلار، ئىناق ئائىلە بولۇپ، خۇشال ياشايلى> دېدى.
مانا ھازىر يېڭى ئاپامدىن تېلىفۇن كەلدى، بىزنى چۈشلۈك تاماققا چاقىرغانىكەن، ۋاقىتمۇ توشۇپ قاپتۇ، چوڭ ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم.
[ بۇ يازمىنىaslimaدە2011-05-09 16:15قايتا تەھرىرلىد ]