karamat sarkar xj 50
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 2411 قېتىم كۆرۈلدى
tarati
http://risaletmerdan.blogbus.com/

دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 81
نادىر تېما : 11
يازما سانى : 932
شۆھرەت: 5191 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5163 سوم
تۆھپە: 3050 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3032 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2813(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئايتاراتى--ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان كىتاب

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kokturuk تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-05-03)




مەن ئەڭ بۇرۇن ئوقۇغان كىتاب قايسى؟ بۇ ئېسىمدە قالماپتۇ، ئەمما باشلانغۇچنىڭ 2-3 يىللىقىدا بىر نەچچە بالىنى ئەتراپىمغا يىغىپ <<نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى >> ۋە << ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى >>نى ئوقۇپ بەرگىنىم يادىمدا. كېيىن كۆرگەنلا كىتابنى ئوقۇيدىغىنىم ئۈچۈن، ئاپام كىتاب ئوقۇشۇمنى چەكلەپ قويغان، بىر <<كۆۋرۈك>> مۇ <<ئەدەبىي تەرجىمىلەر>>مۇ  بىر ژورنالنى ئوقۇيمەن دىسەم، ئاپام قويماي، ئۇنى ئېلىپ توخۇ كاتىكىگە كىرىپ ئوقۇپ، توخۇ پىتى چېقىپ، تاس قالغان كىتىپ قالغىلى. شۇندىن باشلاپ كىتاب كىتاب ئوقۇشۇمنى توسمىغان. باشلانغۇچتا << قىزىل راۋاقتىكى چۈش>> نى ئوقۇپ ئولتۇرسام دادام قاتتىق كايىپ كەتكەن.
ئىشقىلىپ، ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان، ماڭا ياققان، مېنى كىتاب ئوقۇشتا ئەڭ يوقىرى چەكتە ھوزۇرلاندۇرغان كىتاب لىئونىد سولۇنۇۋ يازغان << نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە >> ئىدى. ئۇنى يۈز قېتىملارچە ئوقۇغاندىمەن. ئەڭ دەسلەپتە ئون يەتتە-ئون سەككىز ياش ۋاقتىمدا ئوقۇغان، ھازىرغىچە ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن. . ئۇ كىتابنى يادا دەپ بىرەلەيمەن، ھەتتا تەسۋىرلىرىگىچە، << گۈزەل ئاق تاشنى تۇتۇپ ئۈنچىقماستىن كۈلۈمسىرەيتتى >> دىگەن تەسۋىر ماڭا ئالامەت تەسىر قىلغان. مەن ئۇ كىتابنى نەسىردىن ئەپەندى توغرىسىدا يېزىلغان ئەڭ مۇپەسسەل كىتاب دەپ قارايمەن. مەن لىئونىد سولۇنۇۋنىڭ  بۇ كىتابى بىلەن ئەختەم ئۆمەرنىڭ كىتابىنى سېلىشتۇرۇپ بىر ماقالىمۇ يازغان. ئۇ كىتاب ھازىر جۇل-جۇل بوپ كەتتى.(بۇ كىتاب بەشىنچىسى ) لېكىن يادىمدا شۇنداق ئېنىق قېلىپ قالدى. ئۇ كىتابتىن مەن نەسىردىن ئەپەندىنى قان-بىلەن گۆشتىن پۈتكەن تىرىك ھالەتتە كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگەن ئىدىم.

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-05-03 11:33 |
kalamxah

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 214
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 155
شۆھرەت: 1000 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1000 سوم
تۆھپە: 557 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 557 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 355(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەسىم:
   سىز كىتاپنى ھەقىقەتەن كۆپ ئوقۇپسىز .مەنمۇ سىز ئوقۇغان كىتاپلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۇدەك ئوقۇپ بولغان ئىكەنمەن .مەنمۇ سىزگە ئوخشاش كىتاپخۇمارلاردىن بىرى . ماڭا كىتاپ خۇمارلىق رەھمەتلىك دادامنىڭ تەسىرىدىن بولغان .  ئۇ چاغلاردا يېڭى يېزىق ئوقۇيتتۇق،سىياسى كىتاپلار ،لېي فېڭ ھىكايىلىرى بولىدىغان . دادامنىڭ ئوقۇيدىغان كىتاپلىرى كونا يېزىقتا بولغاچقا ئوقۇيالمايتتىم .دادامنىڭ بىر  دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى بار ئىدى ،شۇ كىتاپتىكى رەسىملەرگە قاراپ ئاستا ئاستا كونا يېزىق ساۋادىمنى چىقىرىۋالدىم . يەنە دادامدىن چاغاتايچىنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم .چاغاتايچە «قىسسەسۇل ئەنبىيا»قاتارلىق بىرمۇنچە دىننىي كىتاپلارنى ئوقۇپچىققانىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇيدىغان كىتاپلىرىم كۆپەيدى. كىتاپقا تېخىمۇ بېرىلىپ كەتتىم. بىزنىڭ سىنىپتا دادىسى قوي باقىدىغان بىر بالا بولىدىغان . (پۇلى كۆپتى ) ئۆيىمىز تاغدا بولغاچقا ئۇ بالا دائىم ھەر خىل كىتاپلارنى ئېپ كېلەتتى ،مەن بىر ئامالللار قىلىپ(بەزىدە بىر يانچۇق دادۇر بېرىپ دېگەندەك) كىتىۋىنى بالدۇر ئوقۇۋالاتتىم. ئەڭ بالدۇر ئوقۇغان رومانلارنى «سۇ بويىدا»دىن باشلاپتىمەن . ئالى مەكتەپكە چىققاندىن كېيىنمۇ كىتاپلا يىغىپتىمەن .مەكتەپ پۇتتۇرگىچە ئارانلا چوڭ تۆت يەششىك كىتاپ ئېپ كەپتىمەن . كىتاپ بىزگە مەڭگۈ ھەمرا بولغۇسى .
西部医院
كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ،ئانا تىلىنى بىلمەسلىك جىنايەت!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-03 12:38 |
tohotur
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 682
شۆھرەت: 3717 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3718 سوم
تۆھپە: 2192 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2195 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1529(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ياكى مەن ئەڭ سويۇپ ئوقۇيدىغان كىتاپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەرجىمھالى ، ھازىرغىچە بىر قانچە نۇسخىلارنى ئوقۇپ چىقتىم ، ئۇچ توت ئايدا بىر خۇمار قىلىدۇ ،كەڭ توراداشلارنىڭ يېڭىدىن چىققان چىققىلۋاتقان پەيغەمبىرىمىز تەرجىمھاللىرىىدىن مېنى خەۋەردار قىلىپ قويىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن ،
ئاندىن قالسا ماڭا يېڭىلىق تۇيغۇسى بەخىش ئىتىىدىغان كىتاپلار ، مەن داۋاملىق كىتاپخانا ئارىلاپ يېڭى زوق يېڭى تەم ئىزلەيمەن ،  بۇ  قېىتىمقى باھادىرنامىدە ئاشۇنداق بىر خىل  ئىلگىركى ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى بارلىق رۇمانلاردا بولۇپ باقمىغان ، تەدىبىرلەر،بىلەن تويۇنغان ، ھەم ئىنساننىڭ كوپ قاتلاملىقى ،مۇرەككەپلىكىنى ئەكىس ئەتتۇرۇشتە  ئاپتۇر  ئۆز خاھىشىنى تېڭىشتىن  ئىمكان بار ئۆزىنى تارتقانلىقىنى ، كۆرىۋالدىم .
مۇنداقچە ئىېيتقاندا خەنلەرنىڭ سېسېق دۇفۇ يىيىشگە ئوخشاپراق ھىسياتقا كېلىپ قالدىم . گەرچە سېسىق دۇفۇ دىگەنگە يېققىن كەلمىگەن بولساممۇ  بۇ قېىتىم باھادىرنامىنى ئوقۇش جەريانىدا سېسېق دۇفۇ يىسە مۇشۇنداق بولغۇدەك دەپ تەخمىن قىلىدىم .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-03 14:16 |
oguzhan
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 526
شۆھرەت: 2695 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2696 سوم
تۆھپە: 1605 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1605 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1108(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

       قەلەمشاھنىڭ   كىتاپ  ئوقۇش  تارىخى   مېنىڭكى   بىلەن  ئوخشاپ  قالىدىكەن  .   مەكتەپكە  كىرگەندە  يېڭى  يېزىق  ئۆگەنگەن  ئىدۇق  ،   كونا   يېزىقنى  ئۆزلۈكۈمدىن  « دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى »  (  بۇ  كىتاپ  شۇ  چاغدا  ھەممىلا  ئۆيدە  بار  بولسا  كېرەك  )  ۋە  ئۇيغۇر  خەلق  چۆچەكلىرى (  بۇ  تاشكەنىتتە  بېسىلغان  نۇسخىسى  ئىدى  )  دىگەن  كىتاپلارنى   ئوقۇش  ئارقىلىق   ئۆگىنىۋالغان  ئىدىم  .    كىچىكىمدە  ئوقىغان   كىتاپلىرىم   ئاساسەن   خەنزۇ  يازغۇچىلارنىڭ  كىتاپلىرى  بىلەن  چەتئەل  يازغۇچىلىرىنىڭ  كىتاپلىرى  بولدى  ،  ژىيول  ۋىرېننىڭ   كىتاپلىرىنى  بەك  ياقتۇرۇپ   ئوقۇيۇتتۇم  .  شۇ  چاغلاردا سۇ  بويىدا   رومانىنى  ياتقا  بىلىمەن  دىسەممۇ  بولاتتى  ،  108  قاراقچىنىڭ   نام  شەرىپىنى  رەت  تەرتىپى  بىلەن  دەرىجە  مەنسەپلىرىنى  قوشۇپ  ھازىرمۇ  خېلىسىنى  يادلاپ  بېرەلەيمەن  .  ئالى  مەكتەپتىكى   قولنىڭ  قىسلىقىدىن   كىتاپ  ئالالمىغان  بولساممۇ  ئەمما   مەكتەپ  قىرائەتخانىسى   ماڭا   پۈتمەس  تۈگىمەس  غەزىنە   بولدى  .   شۇ  چاغدا  نۇرغۇن   كىتاپنى  ئوقۇپ   بولغانمەن  ،  مەكتەپ  قىرائەتخانىسىدىكى   خزمەتچى  ئايال  مەن  كىتاپلارنى  ئاسىراپ  ۋاقتىدا  قايتۇرغاچقا  ،  يېڭى  كىتاپ  كەلسىلا  ماڭا   بېرەتتى  (  ئۇنۇڭغا  رەھمەت  ئېيتىمەن )  .  

      كىچىكىمدە   ماڭا   ئەڭ  تەسىر  قىلغان  كىتاپ  ئۇيغۇر  خەلق  چۆچەكلىرى  ،  ئىز  ھەم  ئۆچمەس  ئىزلار   رومانى  بولدى  .   بۇ  كىتاپلار  مېنىڭ   كىتاپقا  بولغان  قىزىقىشىمنى  تېخىمۇ   ئاشۇردى  .  كىتاپلاردىن  يارقىن  جۈملىلەرنى  ،  ياخشى  كۆرگەن  شېئىر  ۋە  نەسىرلەرنى   خاتىرەمگە  كۆچىرىۋېلىشقا  ئامىراق  ئىدىم  ،   شۇلاردىن  ئاران  بىرسىلا  ساقلىنىپ  قاپتۇ  .
      
       ئوغلۇم  ئون ياشتىن  ئاشتى   ،  بىرەر  كىتاپ  تۇرماق  بىرەر  ھېكايە  چۆچەك  ئوقۇپ  باققىنى  يوق  ،  ئۆيدە  نۇرغۇن  كىتاپ   تۇرۇپتۇ   بىرەرسىنى  ئېلىپ  ۋاراقلاپ  باققىنىنى  بىلمەيمەن  .  مەن  شۇنچىلىك  ۋاقتىمدا  خېلى  كىتاپلارنى  ئوقۇپ  بولغان  ئىدىم  ،  لېكىن  ھازىرقى  بالىلارغا  ئىچىم  ئاغرىپمۇ  قالىدۇ  نىمە  جىق  كىتاپ  تاپشۇرۇق  ۋە  ئۆگىنىدىغان تىل  ،  بەلكىم  كىتاپتىن  ھۆ  بولۇپ  كەتكەندۇ  ،  ئويناشقا  پۇرسىتىمۇ  يوق  .
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-03 16:08 |
turan
تەپەككۇردىن ئايرىلغان كۇنۇم ھاياتىمنىڭ ئاخىرلا ..
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 159
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 422
شۆھرەت: 2332 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2335 سوم
تۆھپە: 1365 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1372 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 296(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ كچىكىمدە ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلرى،مىڭ بىر كىچە،قاتارلىق كىتاپلارنى ئۇقۇپ كىتاپ ئۇقۇشقا ھىرىسمەن بۇلۇپ قالغانتىم،بارا-بارا كىتاپنى بېرىلىپ ئۇقۇيدىغان بولدۇم ،ياشلىققا يىڭدىن قەدەم قويغان چاغلرىمدا ئىزدىنىش،ئىز ،ئۇيغانغان زىمىن،ئۇلۇغبەگ غەزىنىسى،ئەنسىز يىللاردىكى نازنىن،كاككۇك قۇنغان تال،ئىسيان،چىرايلىق دوسىت،لىيغان بۇلاقنىڭ بارلىق قىسملرىنى تۇلىمۇ زۇقلىنىپ ئۇقۇغانتىم،كىيىن ئانا يۇرت، مەدەنيەتلەر تۇقۇنۇشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى......قاتارلىق كىتاپلارنى خۇماردىن چىققۇدەك ئۇقۇدۇم،ھىلھەم ۋاقتىم يار بەرسە ئۇقۇۋاتىمەن،يەنە ئۇقۇيمەن......كىتاپ ئۇقۇش تۇلىمۇ كۇڭللۇك ئىش دىسە،گەپنىڭ قىسىقىسى كىتاپ خۇمار بولمىساممۇ كىتاپ ئۇقۇشنى بەك ياقتۇرمەن.........
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-03 17:24 |
maxal20
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 63
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 155
شۆھرەت: 825 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 835 سوم
تۆھپە: 488 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 488 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 612(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

     مېنىڭ بىرىنچى قېتىم ئوقۇغان كىتابىم كۈندە بىر ياخشى ھېكايە دېگەن يۈرۈشلۈك بالىلار ھېكايىسى ئىدى. باشلانغۇچ مەزگىللىرىمدە مەشھۇرلارنىڭ تەرجىمىھالى، ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرى دېگەندەك كىتابلارنى كۆپ ئوقۇپتىمەن. رومان ۋە چوڭ ھەجىملىك كىتابلارنى ئوقۇشۇم تولۇقسىزدىن باشلانغانغۇ دەيمەن. تۇنجى ئوقۇغان رومانىم مەمەت ئاۋاق. ئەڭ تەسىر قىلغان كىتاب لېيىغان بۇلاق. ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان كىتابىم تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ ۋە ئۆزلۈك ۋە كىملىك. ئەڭ كۆپ ئويلاندۇرغان كىتاب ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن. ئەڭ كۆپ ئوقۇغان كىتاب لېيىغان بۇلاق.( 3-4 قېتىم ئوقۇپ بولدۇم) ئەڭ كۆپ ئەستە ساقلىغان كىتابىم پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالى. (شېرىن بۇلاق) ئەڭ قايىل بولغان يازغۇچى جالالىدىن بەھرام. ئەڭ ھۇزۇرلانغان ۋە ساۋاق ئالغان كىتابىم ھايات قىسمىتى. ئوقۇشقا نىيەت قىلىۋاتقان كىتابىم تارىخىي رەشىدىي، باھادىرنامە.
ئوقۇغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىدىنلا شۇنداق زوقلانغان لېكىن بۇ يەرگە ئەڭ لىرىنىلا يازدىم....

ئۇلاردىنمۇ ئارتۇق بىر كىتابىم بار، مەڭگۈ ئوقۇپ بولالمايدىغان شۇنداقلا مەن ئەڭ كۆپ نەرسە ئۆگىنىدىغان... تۇرمۇش!
[ بۇ يازمىنىmaxal20دە2011-05-03 18:30قايتا تەھرىرلى ]
西部医院
مەشئەل20!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-03 18:23 |
xortikin
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1665
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 39
شۆھرەت: 240 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 235 سوم
تۆھپە: 137 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 137 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 103(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كىتاپ ئوقۇش ئەڭ ياخشى دەرسخانا،مەن باشلانغۇچنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلاردىلا كىتاپ ئوقۇشقا كىرىشكەن،كىتاپ سېتىۋىلىش ماڭا خۇددى يېڭى بىر دوست تاپقاندەكلا ئىنتايىن كۆڭۈللۈك بىر ئىش،مېنىڭ بىر كۈندە بىرەر سائەت كىتاپ كۆرمەي ئۆتكەن كۈنۈم خۇددى بىرۋاق تاماقنى كەم يىگەندەكلا بىلىنىدۇ،مېنىڭچە بىز بۇ ئادەتنى بالىلىرىمىزغا سىڭدۈرەيلى، چۈنكى كىتاپ بىزنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ھەمرايىمىز.........
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-03 23:27 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 517
شۆھرەت: 3325 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3311 سوم
تۆھپە: 1860 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1894 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 965(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

باغداشتا نىمىشقا بۇنچە كۆپ بىلىملىك كىشىلەر باركىن دىسەم ئەسلىدە ھەممىسى كىتاپ خالتىسىكەندە؟       
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-03 23:51 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 517
شۆھرەت: 3325 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3311 سوم
تۆھپە: 1860 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1894 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 965(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان كىتاپ <<ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچ دەۋىر تىل ھالاكىتى>> بۇ كىتابنى ئوقىغانلار بارمۇ ؟ ئەلۋەتتە يوق،چۇنكى بۇ نەسلى قۇرۇش ئالدىدىكى ،تېخى نەشىرياتقا تاپشۇرۇلمىغان،يادىكار ،پۇلغا يارايدىغان كىتاپتە؟ ئەگەر بولسا مەن نەچچە دىسە شۇنچىگە ئالىمەن،چۇنكى جاھاندا بۇ كىتاپ ئىككى بولسىلا باھاسى چۇشۇپ كىتىدۇ.
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-03 23:55 |
satar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1328
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 123
شۆھرەت: 630 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 630 سوم
تۆھپە: 375 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 375 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى kokturukدە2011-05-03 23:55يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان كىتاپ <<ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچ دەۋىر تىل ھالاكىتى>> بۇ كىتابنى ئوقىغانلار بارمۇ ؟ ئەلۋەتتە يوق،چۇنكى بۇ نەسلى قۇرۇش ئالدىدىكى ،تېخى نەشىرياتقا تاپشۇرۇلمىغان،يادىكار ،پۇلغا يارايدىغان كىتاپتە؟ ئەگەر بولسا مەن نەچچە دىسە شۇنچىگە ئالىمەن،چۇنكى جاھاندا بۇ كىتاپ ئىككى بولسىلا باھاسى چۇشۇپ كىتىدۇ.


 بۇ نىمە كىتاپ كۆكتۈرۈك ؟  چۈشەنچە بېرەمسىز ؟
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-04 01:01 |
alip121
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1666
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قىپچاق - قازاق كىتاپلىرىدا چەتكە قېقىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
بۇ ماقالە تارىخ بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://tarix.blogbus.com/index_3.html
قازاق - قىرغىز خەلىقى قىپچاق تۈرىكلىرى بۇلۇش بىلەن ، كەڭ تۈرىك مىللەت دەرىخىنىڭ بىر شېخى ھىساپلىنىدۇ . تاتار باشقىرىت تۈركولوگى زەكى ۋەلىدى توغان ئۆزىنىڭ << تۇرىك تارىخىغا كىرىش >>( تۈرىك تىلىدىكى ) ۋەزنىلىك ئالەمشۇمۇل شۆھرەتلىك كىتاۋىدا ھازىرقى قازاقلار ، قىرغىزلار ، تاتارلارنىڭ بىر قىسمى كاۋكازىيەلىكلەرنىڭ قىسمەن ئەجداتلىرى ، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى قىرىم تۇرىكلىرىنىڭ بىرقىسمى ، قارا قالپاق ... ، كۇمان دەپ ئاتىلىدىغان قەدىمىقى كاۋكاز ئەتىراپى شىمالىدىكى مىلەتلەرنى قىپچاق تۈرىكلىرىگە تەۋە دەپ قارىغان ئىدى . ئۇندىن باشقا ئەزەربەيجان ، سالجۇق تۈرىكلىرى ، تۈرىكمەنلەر ( ھازىرقى ئىراق ، سۈرىيە ، سېربىيە ، ئىران رومانىيە تۈركلىرى ) ، تۇرىكمەنىستان تۇركلىرى ،ئۆزبېك ، ئۇيغۇر - سېرىق ئۇيغۇر ، ياقۇت - تۇۋا ... تۇرىكلىرى قەدىمىقى ئۇغۇز تۈرىكلىرى جۈملىسىگە كىرىدىغانلىقىنى قەيىت قىلىش بىلەن بىرگە ، ئۇغۇز تۈرىكلىرىنىڭ مەدەنىيەتكە كىرىشىنىڭ قىپچاق تۈرىلىرىدىن بۇرۇن بۇلغانلىقىنى ... ، ئۇلارنىڭ تارىختا يىپەك يۇلى مەدىنىيىتدە ئاجايىپ ئەرزىگۈدەك ئىشلارنى قىلغانلىقىنى يازغان ... ئۇندىن باشقا ئۇتتۇرا ئاسىيادا قىپچاقلار << سارىت >> (قەدىمىقى تۇرك تىلىدا سۇدىگەر دىگەنلىك ) دەپ قۇيىدىغان قەۋىملەرنىڭ ياراتقان مەدىنىيەتلىرىنىڭ ، پۈتۈن تۈرىك خەلىقلىرىگە ئۇلگە بۇلىدىغانلىقىنى قەيىت قىلغان ...
قانداقلا تارىخىي دەلىلنى كەلتۈرمەيلى ، قازاق - قىرغىز دەپ ئاتالغان قەۋىملەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن بىر يەردە ياشاپ ، خۇشنا بۇلۇپ كەلگەن . ئۇلار تىل ، مەدەنىيەت ، ئۆرىپ ئادەت... ۋە باشقا مىللىي پىسخىك ئالاھىدىلىكتىن يېقىنلىقى ، قان جەھەتتە بىردەكلىكى سەۋەپلىك نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۆز ئارا خۇشنا بۇلۇپ ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ كەلگەن ... بۇ ھەقتە تارىخىي پاكىتلار يېتەرلىك . بۇنىڭغا كۆز يۇمغىلى بۇلمايدۇ ...
قازاقلار تارىختا ئۇيغۇرلار بىلەن تالاي كۇلپەتلەرنى مۈرىنى مۇرىگە تىرەپ دىگۈدەك ئۆتكۈزدى . بۇ خەلىق جۇڭغار باسقۇنچىللىرى دەۋرىدە ، ئۇلارغا قارشى تۇركىستان شەھىرى ئەتراپلىرى ، ئامۇ دەريا شىمال شەرقىدىكى قارا تاغ ئېتەكلىرىدە ، بايقال بۇيلىرىدا 16 - ئەسىرىنىڭ ئالدى كەينىدە ، ھەتتا ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئۇرۇشلاردا ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىرنىيەتتە بۇلۇپ كەلدى ... ، ئۇلاردىن شۇ دەۋىردە تەۋكەخاندەك بۈيۈك پادىشا يۇل باشچىللىرى يېتىشىپ چىقتى ... ئۆزبەكخان ۋە شايبانىلار دەۋرىدە ماۋنە نەھىر ئۇيغۇرلىرى بىلەن قازاق - قىپچاقلىرىنىڭ يۇغۇرىلىشى تېزلەشتى تاشكەنىت ، چىم كەنىت شەھەرلىرىگە قازاق قەبىلىلىرى كۆچۈپ كېلىپ ئۇيغۇرلار بىلەن قان جەھەتتە تېخىمۇ قۇشۇلدى ... ، دىمەك بۇ ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئۆزبەك مىلىتىنىڭ شەكىلىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىشى ھىساپلىنىدۇ ...
بۇمىللەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى ھەتتا 18 -19 -ئەسىرنىڭ بۇسۇغىغىسى ۋە ئۇتۇرلىرىغىچە داۋام قىلىپ كەلدى ... دۆۋلىتىمىزدىكى قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىللىرى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە . سۇدا قىلىپ تاغلارغا ، يايلاقلارغا بېرىپ قازاق قەبىلىللىرى بىلەن مال ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان كەسپىي سۇدىگەرلەرنى ئۇيغۇرلار << قىرچىلار >> دەيدۇ . يەنى قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلار سۇدىسىنى << قىرچىلىق >> دەپ ئاتايدۇ . مانا مۇشۇنداق باغلىنىش سەۋەپلىك ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە قازاق - قىپچاقلارنى ھۆرمەتلەپ كېلىۋاتىدۇ . يازغۇچىللىرىمىز ھەتتا ھەرقانداق تارىخىي ئەسەرلىرىدە ، قازاق - ئۇيغۇر مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغان ھەرقانداق ئەسەرلەرنى يارىتىۋاتىدۇ : << ئانا يۇرۇت >> تا ، << ئىز >> رومانلىرىدا قازاق قەھرىمانلىرى ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنغان . تارىخىي كىتاپلىرىمىز بۇ قىپچاق قەۋىملىرىگىمۇ ئالاھىدە ئۇرۇن بەرگەن ، نەۋايىنىڭ نەزمىي ئەسەرلىرىدە قازاق - ئۇيغۇرلارلا ئەمەس دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەۋرىشكىللىرى بار ... ، بىزنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى ئىنسانىيلىق ئاساسىغا قۇرۇلغاندۇر ... . مانا بۇ ئەجداتلىرىمىزدىكى ئىنسانىيلىقنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى ... .
بىزدە بۇ ھەقتە ئىسپاتلار يېتەرلىك ، ئەمما مۇشۇنداق بۇلۇشىغا قارىماي كۆپلىگەن قازاق كىتاپلىرىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلار ياراتقان مەدىنىيەتكە ئائىت ھېچقانداق بىر ئۈلگۈلەرنى ئۇچۇراتقىلى بۇلمايدۇ . مەشھۇر ئىكىسپىدىتسىيەچى چوقان ۋەلىخانۇپ 19 - ئەسىرنىڭ بۇسۇغۇسىدا ، چارپادىشانىڭ ئىشپۇيۇنى بۇلۇپ ، ئۇيغۇر رايۇنىغاكىرگەنلىكى قازاق ۋەرۇس تىلىدا نەشىر قىلىنغان ئۇنىڭ قۇل يازمىللىرىدا ئۇچۇق ئېيتىلغان ... ( ئەلۋەتتە بۇ بىر قېرىنداش مىللەتتىن چىققان ئالىمنىڭ ئىنسانىيلىق شەنىگە سېلىنغان قارا داغدىن باشقا نەرسە ئەمەس ) . بۇلا ئەمەس قازاق - قىپچاق خەلىقى بىزلەرگە شۇنچىلىك قېرىنداش ، قانداش كېلىدۇيۇ ئەمما ، نىمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنىۋىي ۋەكىللىرى بۇلغان ئەدىپ -ئالىملىرى ، ئىنسانىيلىق بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە دادىل ، كەسكىن بىرنەچچە ئېغىز يازما يېزىشتىن شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدۇ .. ياكى كۆزى كىچىكلىك قىلىدۇ . مەن خېلىدىن بېرى قازاق خەلىقىنىڭ سۆيۈملىك ئاقىن - شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى جۈملىدىن مۇقاغالى مۇقاتايېۋ ، مۇختار ماغاۋېن ، مۇختەر شاقان ... قاتارلىق ئەدىپلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى سۆيىنىش بىلەن ئۇقۇغان ، ئۇقۇپ كېلىۋاتقان ئىدىم ، بىراق يېقىندىن بۇيات نەشىر قىلىنغان قازاق تىلىدىكى كىتاپلاردىكى بەزى مەسىلىلەر ، ئۇيغۇر مەدىنىيەتىگە بۇلغان ھۆرمەتسىزلىكلەر ، دارىتما - ياپتا گەپلەر مېنى قازاق ئەدىپلىرىدىكى ، قەلەمكەشلىرىدىكى ئىنسانىيلىقتىن ، سەمىمىيەتتىن گۇمانلاندۇرۇپ قۇيدى ..، ئەلۋەتتە ھەرقانداق قەلەمكەش ئىنسانىيلىقنى بىرىنچى ئۇرۇنغا قۇيىشى ، شۇ ئاساستا مىللىيىك بىلەن ئۇنى يۇغۇرىشى ، باشقا مىللەت مەدىنىيەت ئۇتۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشى شەرىت ... بىراق مەن ئۇلارنىڭ ئەدەبىي تارىخىي ئەسەرلەردىن ، يازمىلىرىدىن بۇ ھالەتنىڭ - قەدىمىي مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيەتلىرىگە ئايىت ئىزنالارنى ، ئۇچۇق ئىپادىلەرنى تاپالمىدىم ۋە بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم :ئاخىرى بۇ بىنۇرمال ھادىسەلەرنى ئۇيغۇر ئۇقۇرمەنلەر ئالدىدا ئاشكارىلاشنى تۇغرا تاپتىم ...
مەن يېقىندا ئۇتتۇرا ئاسىياغا سۇدا بىلەن چىققان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىدىن ، قىرغىزلارنىڭ بەزى تارىخچىللىرىنىڭ تارىخنى بۇرمىلاپ ، تارىخىي كىتاپلىرىغا << ئۇيغۇرلارنى بىز يەنسەي بۇيلىرىدىن قىتان، تۈبەتلەرنىڭ ھىمايىسىدە سۈر-تۇقاي قىلىپ بۇياقلارغا قۇغلىغانمىز ... ، ئۇلار ئەشۇنداق خەلىق ، بىز ھازىرمۇ ئۇلارنى بۇيەردىن قۇغلىشىمىز كىرەك ...>> دەپ يازغانلىقىنى ئاڭلىدىم . ئۇندىن باشقا مەشھۇر دۇنياۋى شەخىس يازغۇچى چىڭغىىز ئايىتماتۇۋ ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى ئۆزى ئىتىراپ قىلغان بۇلسىمۇ قىرغىزلار ، ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىپ << سەن قىرغىزسەن ... ئەگەر مۇشۇ ھەقتىكى ھەرقانداق بىريازما يېزىلغان گېزىت ، نەشىريات ئۇرنى بۇلسا ئۇنى پىچەتلىگۈزىۋېتىمىز دىگەنلىكى ... >> مەلۇم . مەن بۇ ھەقتىكى پاراڭنىمۇ رايۇنىمىزدىكى بىر گېزىتخانا مەسۇلىدىنمۇ ئىشىتكەن ئىدىم ... قىرغىزلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئەلۋەتتە ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تارىخىي مەدىنىيەتىگە باشقىچە سۇغۇق مۇئامىلىدە بۇلۇۋاتقانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بۇلمايدۇ ... بۇندىن سىرىت قازاقىستان مۇستەقىل بۇلۇشنىڭ ئالدى كەينىدە نۇرغۇن قازاقلار ، << ئۇيغۇرلار دۆۋلىتىگە چىقىپ كەتسۇن ...>>دەپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغاندا ، نەزەربايۇپ << ئۇيغۇرلار بۇلمىسا يەتتە سۇ رايۇنىدىكى دىخانچىىلىق تۇختايدۇ ، بۇنىڭ بىلەن قازاقلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئاخساپ قالىدۇ ... >>دەپ قازاق ئامىسىنىڭ غەزىۋىنى پەسەيىتكەن ئىكەن ...
بۇ ئىشلارنى ئاز دىگەندەك دۆلىتىمىزدىكى كۆپلىگەن غۇللۇق قازاق ئەدىپ ، تارىخچى - مەدەنىيەتشۇناسلاردا بۇخىل ئايرىمىچىلىق يېقىندىن بۇيان خېلىلا ئېغىردەرجىدە باش كۆتۈردى ... بىزگە مەلۇمكى غەرىبىي يۇرۇتلۇق ئەل قىدىر مۇڭغۇللار قۇرغان يۈئەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەرىبىي يۇرىتتىن ئىچكىرىي رايۇنلارغا بېرىپ ، موڭغۇل خان ئۇردۇسىدا تۇرغان ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شەھەر خەرىتەسىنى سىزىغان .ئۇ نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك ئېنجىنېرى ئىكەنلىكى << يۈئەن سۇلالىسى تارىخى >> دا ئۇچۇق ئېيتىلغان . خەنزۇلارنىڭ داڭلىق ئارخىلۇگى جىداچۈن يازغان خەنزۇ تىلىدىكى 1997-يىل10-ئايدا نەشىر قىلىنغان ، << شىنجاڭ تارىخىغا ئائىت سوئال جاۋاپلار >> دىگەن كىتاپنىڭ 80 - 85- بەتلىرىدە ، يۈئەن سۇلالىسىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىدىن داڭلىق ۋەزىر ئارخۇن سارى ، مازۇچاڭ ، مۇزىكانىت گۈئەن يۈن شەن ... لەر قاتارىدا بېيجىڭ شەھىرىنى لاي ھەلىگۈچى ئىنجىنىر ئەلقەدىرنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلىقى ھەققىدە مەخسۇس تارىخىي پاكىتلار بىلەن تۇختالغان . ئەلقىدىرنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ھەققىدە خەلىق نەشىرىياتى نەشىر قىلغان << يۇئەن سۇلالىسىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر شەخىسلەر >> دىگەن كىتاپتىمۇ بايانلار بار .
بىراق قىززىق يېرى شۇكى ، مەن يېقىندا قازاق تىلىدا ئىلى خەلىق نەشىرياتى 2006-يىل 10 -ئايدا نەشىر قىلغان ، پولات كەرىبايېۋ يازغان << قازاقلارنىڭ ئۆي قۇرلىش مەدىنىيىتى >> دىگەن كىتاپتا ، ئۇيغۇر ئەلقەدىرنى قانداقتۇر تارىخىي پاكىتلارنى چۆرىپ تاشلىغان ھالدا ، ئۇنى << قازاق - قىپچاق >>دەۋالغانلىقىنى ، مۇئەللىپ خىيالەن بۇ ئۇيدۇرمىسىنى ئاقلاش ئۈچۈن نۇرغۇن ساختا دەلىللەرنى ئۇتتۇرغا قۇيغانلىقىنى كۆردىم ... بۇ كىتاپنىڭ 60 -63- بەتلىرىدە ، ئەلقىدىرنىڭ قانداقتۇر ئاتالمىش << قازاق - قىپچاق ئىكەن>> لىكى ھەققىدە نۇرغۇن بەت ئاجىرىتىلغان :<< ... قۇبلاي مۇڭغۇلچە ، ۋەزىرلەر خانزۇچە ، ئەمما ئەلقىدىر قازاق - قىپچاق تىلىدا سۆزلەيدۇ . پادىشا ئەلقىدىرغا ، پادىشا ئۇردىسىنى سېلىشتا سېنىڭ كۆز قارىشىڭ قانداق ؟ دەپ سۇرىسا ، قازاق - ئەزىمەتى ئەلقىدىر :< ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك بىلەن ، غەرىپنىڭ ئۆي ئۇسلۇبىدا پەرىق بار ...> دىگەچ ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ، شەھەر قۇرلۇش ئىسخىمىسىنى خانغا سىزىپ بېرىدۇ ... >> . كىتاپ مۇئەللىپى يەنە :<< ئەلقىدىرنىڭ ئۆزى كىم ؟ ئۇنىڭ ئۇلۇتتى - مىللىتى كىم ؟ بېيجىڭغا قانداق بارغان ؟ دىگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ، ئېلىمىزدىكى تارىخشۇناس ، ئارخىلۇگلىرى ، خېلىدىن بۇيان تالاش تارتىش قىلىپ كەلدى ... مېنىڭ قارىشىمچە ئەلقىدىر قازاق ... >> دىگەن ئىدىيەلەرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
بۇندىن باشقا يەنە قازاق تىلىدا يېزىلغان يېقىنقى زامان شىنجاڭتارىخىغا ئائىت نۇرغۇن تارىخىي كىتاپلاردا ، ئۇيغۇرلار تارىختا ئېلىپ بارغان مەدىنىيەت يارىتىش جەھەتتىكى ئۇرۇنۇش ۋە ئۇتۇقلىرى ، بەكمۇ تۈۋەن ئۇرۇنغا چۈشىرىپ قۇيۇلغان ياكى ئېتىۋارغا ئېلىنمىغان ۋە ياكى قەستەن يېزىلمىغان . ھەتتا بەزى كىتاپلاردا ئۇيغۇرلارنى مازاق قىلىدىغان قاراشلارمۇ باش كۆتۈرگەن ... 2005 - يىلى 12- ئايدا ئىلى خەلىق نەشىرياتى تەرىپىدىن قازاق تىلىدا نەشىر قىلىنغان مۇراتخان ئۆمەر ئوغلى تەرىپىدىن يېزىلغان << تۆھمەت >> دىگەن روماندا ، مۇشۇ ئەسىرىنىڭ باشلىرىدا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى روسلار تەرىپىدىن قۇغلىنىپ ، شىمالىي شىنجاڭدىكى مەلۇم شەھەرگە ھەممە نىمىسىدىن ئايرىلىپ ، يەيدىغىنى ، كىيىدىغىنى يۇق ، كىرەرگە ئۆيى يۇق بۇلۇپ قالغان ئۆمەر ئىسىملىك بىر قازاق ياشنىڭ كەچۈرمىشى بايان قىلىنغان ... ئەمما ، ئەسەردىكى پىرسۇناج تىلىدا ھەركىتىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيىتىگە بۇلغان مەنسىتمەسلىك قۇيۇق ئىپادىلەنگەن ... كىتاپتا دىيىلىشىچە .. ئۆمەر شىمالىي شىنجاڭغا ئۆتۈپ نەگە بېرىشىنى ، نەدە تۇرۇشىنى ... بىلەلمەي قالىدۇ . ئۇ مۇشۇنىڭدەك تەمتىرەشلىك ئىچىدە بىر بۇلاقنىڭ تۈۋىگە كەلگەندە ، ئىبىرايىم ئاخۇن دىگەن بىر ئاتۇشلۇق ئۇيغۇر ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىدۇ ... ، ئۇنى ئۆيىگە ئەپ كېلىپ تاماق بېرىدۇ ... ئۆمەرنىڭ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشىغا ئۇنايدۇ ... ، كېيىنچە بۇ قازاق يىگىت ئەشۇ ئۇرايىم ئاخۇننىڭ باش پاناھ بۇلۇشى بىلەن ، ئۇنىڭ نۇرغۇن پۇل دۇنياسى ئارقىلىق بېيىپ سۇدىگەر بولىدۇ ... بىراق ئۆمەر بۇساخاۋەتچى ئۇيغۇرنى پۇل تاپقاندا ئۇنتۇپ ، ئىزلەپمۇ قۇيمايدۇ ... دىمەككى ، بۇ كىتاپتا بىر ئۇيغۇر ئىنسانپەرۋەرلىك قىلىپ ، بىر قازاقنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالدى ... ، بىراق كىتاپ ئاپتۇرىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرنى مەنسىتمەسلىك بولىدۇ ... ئاپتۇر ئۆمەرنىڭ تىلى بىلەن<< ئاش بەرگەنگە مۇش بەر>> دى دىگەندەك ، ئۇيغۇرلارنى ھاقارەتلەش مەقسىتىگە يەتمەكچى بۇلىدۇ ... << ئىبىراھىم ھاراقكەش مېنىڭ بەستىلىك قامىتىمنى كۆرىپ ، مېنى ( قازاق يىگىتنى )ئۆيىگە ئاپىرىپ ، ھاشارغا سالغۇسى كەلدى بولغاي ، مېنى كۆرىپ كۆڭلى يايراپ مەسلىكى يېشىلدى ... >> دەيدۇ ئاپتۇر ئۆمەرنىڭ تىلى بىلەن . ئىبىرايىم ئاخۇن ئۆمەرگە تاماق بېرىش ئۈچۈن ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ ، قازاق ئايالى مەريەمگە تاماق ئېتىشنى بۇيرۇغاندا ، ئۆمەر تۆردە ئۇيغۇرلارنىڭ يۇمشاق ئىككى قات كۇرپىسىدە ئۇلتۇرۇپ ، ئىبىرايىم ئاخۇننىڭ ئۆيىگە زەڭ سېلىپ ئاچلىقىنى ئۇنتۇپ ... ئۇيغۇرلارنىڭ غەيۋىتىنى ئىچىدە قىلىدۇ : << ئورۇسلار ئۇيغۇرلاردىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ، مەن ئۇرۇسلارنى سۆيىمەن ... >> دەيدۇ ئىچىدە . ئۇ مۇشۇ خىيالنى سۈرىۋاتقاندا ، ئۆزىگە شەپقەت قۇلىنى سۇنغان بۇئائىلەنى ، ئائىلە ئىگىللىرىنى كۆزىگە ئىلىپمۇ قۇيمايدۇ ... تارىختىن مەلۇمكى ئۆمەردەك مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا ، ئۇتتۇرا ئاسىيادىن 2- دۇنيا ئۇرشى مەزگىلىدە مەملىكىتىمىز شىنجاڭ رايۇنىغا قېچىپ كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىقىدا كۆكلەپ ، ئۆزىنى تۈزىۋالغان قازاقلار ئاز ئەمەس ... قارىغاندا قازاق ئەدىپلىرى بۇنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك ...
مۇشۇ كىتاپنىڭ ئاخىرقى بابىدا بىر قازاق پېرسۇناج ناھىيە ھاكىملىقىغا ئۆزى سايلىنالماي ، ئۆزىدىن ئىقتىدارلىق بىر ئۇيغۇرنىڭ ھاكىملىققا سايلانغانلىقىنى كۆرەلمەي ھەسەت بىلەن تەنە قىلىپ : <<... مەخسۇم ھاجى دۇرۇس ئېيتىدۇ ، ھاكىم بۇلۇشقا شەھەرلىك ئۇيغۇرنى سايلاشقا تۇغراكەلسە ، ھاشىم ھاكىملىققا لايىق ئۆزىمۇ پۇلدار ئادەم ...>> دەيدۇ . بۇ كىتاپتا ئۇيغۇرلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان گەپلەر كۆپ ئۇچىرايدۇ ...
2007- يىلى 7- ئايدا مىللەتلەر نەشىرياتى قازاق تىلىدا نەشىر قىلغان ، جۇمادىل مامان ئۇغلى ، قۇربان ئەلى قۇنۇسقانۇپ لار يازغان << ئەكبەر باتۇر >> دىگەن كىتاپتا 1943- 1945- يىللىرى ئۇيغۇرلار زور رول ئۇينىغان ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ، قازاقلارنىڭ شەخسىي ئىنقىلاۋى قىلىۋېتىلگەن . بۇ ئىنقىلاپتا ئون -مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تالاي قۇربانلارنى بەرگەنلىكى نۇرغۇن تارىخىي كىتاپلاردا قەيىت قىلىنغان . غېنى باتۇر مۇشۇ ئىنقىلاپنىڭ يۇل باشچىسى ئىدى ...، نىلقا ، غۇلجا ۋە جىڭ ئۇرۇشلىرىدا ئۇيغۇرلار قان كېچىپ كۈرەش قىلغانىدى ... چەتئەل تارىخچىللىرى بۇ ئىنقىلاپتەك مۇنتىزىم ھەركەتنىڭ ئۇتتۇرا ئاسىيادا ئىلگىرى ھېچقاچان كۇرۇلمىگەنلىكىنى قەيىت قىلغانىدى ... سوۋېت ئۇيغۇر يازغۇچىسى زىيا سەمىدى مۇشۇ ئۇيغۇرلار باشچىلىق قىلغان ئىنقىلاپ ھەققىدە << غېنى باتۇر >> دىگەن رومانىنىمۇ نەشىر قىلدى ، بۇكىتاپ روس تىلىغىمۇ نەشىر قىلىنغان ئىدى ...
بىراق قازاق ئاپتۇرلىرى يازغان << ئەكبەر باتۇر >> دىگەن كىتاپتا ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقارقى تارىخىي تۆھپىللىرى يۇققا چىقىرىلغان ، ئېتىۋارغا ئېلىنمىغان ، ئىنقىلاپ باشچىسى پەقەت قازاق ئەكبەرلا بولۇپ قالغان ... ، بۇكىتاپنىڭ 93- 94- بەتلىرىدە :<< ئەينى ۋاقىتتا گومىنداڭنى ساراسىمىگە سالغان ، ئەزىمەتلىك قىلىپ قۇزغىلاڭ كۆتىرىپ ئۇلار تەرىپىدىن < ئالتە ئۇغرى > دەپ ئاتالغانلار دەل مۇشۇ ئىنقىلاپنى قۇزغىغانلار ، مۇشۇ ئىنقىلاپ باشچىللىرى ئەكبەر ، پاتىخ ( تاتار ) ، خامىت ، سەيىت ، ناۋان ، مۇلداجان قاتارلىق قازاقلار ئىدى >> دىيىلگەن . ئاپتۇرلار يەنە :<< شۇنىڭ بىلەن ئەكپەرلەر لاستاي تاغنىڭ بېشىدىكى ئاق تاشنى ماكان قىلىپ مۇشۇ يەردە شىتاپ قۇرىدۇ . قۇراللىق كۈرەش يۇل باشچىسى ئەكبەر ، ئۇرۇنباسار خامىت ، شىتاپ باشلىقى فاتىخ ... بۇلۇپ بەلگىلىنىدۇ ...>> . بۇكىتاپتا باشتىن ئاخىر ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنىڭ قۇزغىغانلار ، ئىنقىلاپ قىلغانلار قان تۆككەنلەر ، غۇلجا- ئايرۇدۇرۇم ، لاڭشاڭ بۇتخانىسىنى ... . جىڭ شىخۇنى ئازات قىلغانلار << قازاقلار>> دىيىلگەن ... ئەمەلىيەتتە ، ئىنقىلاپ ھەققىدە << ئانا يۇرۇت >> رومانىدىمۇ مەلۇمات بار ... ئەخۋال شۇنداق ، تارىخىي پاكىتلارنى قازاق ئەدىپلىرى نىمە ئۈچۈن بۇرمىلايدۇ ، كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدۇ ... ، بۇ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ روھىدا يېتىلگەن تار ئىنسانىي مەدەنىيەت ئېڭىنىڭ تېخى پىىشپ يېتىلمىگەنلىكىنى دەلىلىيدۇ ... بۇنىڭغا ، ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنى كۆرەلمەسلىكتەك ھەسەتخۇرلۇق ، كۆزى كىچىكلىك يۇشۇرۇنغان ...
يېقىندىن بۇيان قازاق - قىرغىز قەلەم كەشلىرى ئارسىدا يەنە نۇرغۇن ئۇيدۇرما تارىخ يازىدىغانلار كۆپىيىپ قالدى مەسىلەن ، << قازاقلار تارىخى >> دىگەن خەلىق نەشىرياتى نەشىر قىلغان كىتاپتا : << قارىخانىلار سۇلالىسىنى قازاقلار قۇرغان >> ، مەخمۇت قەشقەرىي ، يۇسىپ خاس ھاجىپلار قىپچاق ... دەيدىغان قاراشلار باش كۆتەردى . ھەتتا تۇرپان شەھرىنى بىز قازاقلار قۇرغان دىگۈچىلەرمۇ پەيدا بۇلدى ... يېقىندا يەنە قىرغىزلار :<< كىروران گۈزىلى قىپچاق - قىرغىز >> دەيدىغان بۇلىۋالدى ... بۇلارنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەت بۇلاڭچىلىقى دىن باشقا نەرسە ئەمەس ئەلۋەتتە ... مەخمۇت قاشقەرىنى، يۇسۇپ خاجىپنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى تۇركىيەنىڭ ۋە باشقا روس گېرمان تارىخچىللىرى ، خەنزۇ تارىخچىلىرى ئىسپاتلاپ بۇلغان ... يېقىندا مۇسكىۋادا روسچە نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر تارىخچىسى نەبىجان تۇرسۇننىڭ << ئۇيغۇر تارىخى >> دىگەن كىتاۋىدىمۇ بۇنداق ئىسپاتلار يېتەرلىك ... كىروران ۋە كىروران گۈزىلى مەسىلىسىدە ياپۇن ئالىملىرى دۇنياغا ئەرزىگۈدەك دەلىلەر بىلەن ئۇنىڭ يەرلىك مىللەتلىك تەركىۋى ، ئۇيغۇر ئەجداتلىرىدىن ئارىيان ، ساك ..نەسىللىك خەلىقتىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى . پاكىت ئېنىق تۇرۇپ ، تارىخنى بۇرمۇلاش ئادەمنىڭ كۈلگىسىنى كەلتۈرىدىغان ساختىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ...
مەن يېقىندا جۇڭگۇ تىل نەشىرياتى تەرىپىدىن 2006- يىل نەشىر قىلىنغان ، خەنزۇ تارىخچىسى شۇ خەيشەن تەرىپىدىن يېزىلغان :<< قەدىمىقى مايا مەدىنىيىتى >> دىگەن كىتاپنى تاسادىپەن كۆرىپ قالدىم ، كىتاپنىڭ 364- بېتىدە << مايالىقلار ۋە جۇڭگۇلىقلار >> دىگەن قىسىمدا ئاپتور << يېقىندىن بۇيان جۇڭگۇلىقلار ئەڭ دەسلەپتە ئامېرىكا قىتەسىنى تاپقان ، جۇڭگۇ ئامېركىدىكى قەدىمىي تاش ئۇيمىلارنىڭ ئوخشاشلىقى بۇنى دەلىلىيدۇ ...مۇندىن ئەڭ قەدىمىقى دەۋىردە شاڭ سۇلالىسى مەغلۇپ بۇلغاندا ، بەزى جۇڭگۇلىقلار جەنۇبىي ئامېرىكىغا بارغان ... ۋە كېيىن مايالىقلارنىڭ ئەجداتىغا ئايلانغان ... بۇقاراش مايالىقلارنىڭ ئەجداتى يەھۇدى دىگەن قاراشقا سوققا بىرەلەيدۇ ... >> دىيىلگەن . كۆرنىپ تۇرۇپتۇكى جۇڭگۇ مەدىنىيىتى بىلەن مايا مەدىنىيىتى ئىككى سۇغۇق قۇتۇپقا مەنسۇپكى ئۇلار نى بىرئۇرۇنغا قۇيۇش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس . بۇ بىر ئۇيدۇرمادىن باشقا نەرسە ئەمەس . يېقىندا يەنە بەزى جۇڭگۇ تارىخچىللىرى ئافىرىقىلىقلارمۇ جۇڭگۇلۇقلارغا قانداش ...دىگەن << بۈيۈك قاراش >>. ئۈستىدە ئىزلىنېۋېتىپتۇ ...
دىمەككى قازاق ئەدىپلىرىنىڭ مەدىنىيەت جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى ئىتىراپ قىلغۇسى كەلمەي ، ھەتتە ئۇيغۇر مەدىنىيەتىنى ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋېلىشى ، دەل يۇقارقىدەك تۇيۇق قاراشلارنىڭ ئەكىس ساداسسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ... شۇنى ئېيتىشقا بولۇدۇكى تارىخنى ، پاكىتنى بۇرمىلاش مۈمكىن ئەمەس ئۇنى بىز يۇشۇرغان بىلەن باشقا مىللەت ، دۇنيا خەلىقى ، ئىنسانىي ئاڭغا ئىگە ئالىملار يۇشۇرمايدۇ ... ئىلگىرى جۇڭگۇ تارىخىدىكى مەشھۇر ئەسەر << شەنخەيجىڭ >>( تاغ ئىزىملار قۇررى ) دىگەن كىتاپنى كۇرىيە تارىخچىللىرى ئۆزلىرىنىڭ قەدىمىقى ئەجدادى ، مەمىلىكىتىمىز شەرىقى شىمالىدىكى قەدىمىي مىللەت << گاۋ جۈ لى >> خەلىقىنىڭ تارىخچىللىرى يازغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى ... دىمەك پاكىت ھامىنى پاكىت ... ئۇنى يۇشۇرۇش ، قۇياشنى ئالقان بىلەن تۇسۇمەن دىگەندەك ئاخمىقانىلىق ...
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ، كەڭ قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ قەلەمكەش ، تارىخچىللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيىتىنى ، روھىيىتىنى تۇغرا چۈشىنىپ ، تەڭ تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئۇرتاق قەدەم تاشلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن . بىزنىڭچە تەرەققىيات مىللەتلەرنىڭ ئۆز - ئارا ھۆرمەت ، ئۆزئارا باراۋەرلىك ... چۈشىنىش ، مەدىنىيەتلەرنى ئۆز ئارا ئىتىراپ قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان بۇلىدۇ

مەنبە : گۈلۈستان

بۇ ماقالە تارىخ بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://tarix.blogbus.com/logs/31694652.html
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-04 02:11 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«123»Pages: 1/3     Go
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر