1949-يىلى ئازادلىقنىڭ ھارپىسىدا لەنجۇنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى ھەشەمەتلىك بىر قورۇدا جاھاننى چۆچۈتىدىغان بىر قانلىق ۋەقە يۈز بەردى:ئىلگىرى ماۋزېمىن قاتارلىق كومپارتىيە ئەزالىرىنى ئۆلتۈرۈش پەرمانى چۈشۈرگەن، شىنجاڭدىكى مىللىتارىسىت شېڭ شىسەينىڭ قېينئاتىسى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن10 ئادەمنى شىمال ئارمىيەسىدىكىلەر ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئەينى چاغدا بۇ قانلىق دېلو پۈتۈن مەملىكەتنى قاتتىق چۆچۈتكەنىدى.
نەق مەيدان شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئىدى
1949-يىلى17-ماي سائەت6:00دە گەنسۇ ئۆلكە مەركىزىدىكى باش ساقچى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى فەن زۇڭشياڭ تېلاۇننى ئېلىۋىدى تۇرۇپكىدىن مۇنداق ئاۋاز كەلدى:
-سەن دەرھال شەرقى يول 69-قورۇغا كەل، بايىقى شىڭ شىسەينىڭ قېينئاتىسىنىڭ قورۇسىغا دەيمەن، شىڭ شىسەينىڭ ئىنىسىنىڭ خوتۇنىنى بىرسى ئۆلتۈرىۋېتىپتۇ!
فەن زۇڭشىياڭ ساقچىلارنى باشلاپ بۇ قورۇغا كەلگەندە،ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان مۇنداق قانلىق مەيداننى كۆردى:قوتۇنىڭ ھەممىلايېرىنى قانغا مىلەنگەن جەسەت قاپلىغان ئىدى، ھەممىسىنىڭ چىرايىدىن قاتتىق قىينالغانلىق ئالامىتى چىقىپ تۇراتتى. شېڭ شىسەينىڭ قېينئاتىسى، ئائىلىسىدىكى11جان بولۇپ،خىزمەتكارلارمۇ ئاياپ جويۇلمىغان ئىدى،ئۇنىڭ ئەڭ كىچىكى 5 ياشلىق بالا ئىدى.
فەن زۇڭشياڭ نەق مەيداننى تەكشۈرۋاتقاندا ، لەنجۇ مۇداپىئە گارىنزوننىڭ مۇ.اۋېن قوماندانى زاڭ جۇڭجىيا بىلەن لەنجۇ ژاندارمىلار23-پولككىنىڭ مۇئاۋېن كوماندارى لىيۇ زىلىمۇ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى. گەرچە ئوجلار يامغۇردەك يېغىۋاتقان، ھەممىلايەرنى جەسەت قاپلىغان جەڭ مەيدانىنى كۆرگەن ھەربىلەردىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇيەردىكى جەسەتنىڭ ھالىغا قاراشقا پېتىنالماي، ئالدىراپ-تېنەپ كېتىپ قالدى. غەربى شىمال باش نازىر مەھكىمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى جاڭ دىيۈ كېلىپنەق مەيدانغا شۇنداق قاراپلا <<ۋاي>>دېگىنىچە ھوشىدىن كېتىپ يەرگە يىقىلدى. بۇ چاغدا تەيۋەنگە جايلىشىپ بولغان شىڭ شىسەي بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن قاتتىق چۆچۈدى، بىراق ئۇ يېقىنلىرىنى ما بۇفاڭنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن بۇ ئىشقا ئارلىشىشنى ئۆتۈنۈشتىن باشقا چارە قىلالمىدى.
54جۈپ بۆكەن مۈڭگۈزى
شۇ يىلى 15-ئىيۇن لەنجۇ ساقچى ئىدارىسىنىڭ <<پەۋقۇللادە ھەرىكەت گورۇپپىسى>>:<<كۈچۈك>>لەقەملىك بۇ ئادەم تۇتۇلغاندىن كېيىن ئىقرار قىلىپ:<<جاڭ چەنشىڭ>>ئىسىملىك بىر ياغاچچى ئۇنى ماڭا سېتىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان،دېدى؛ ساقچىلار جاڭ چەنشىڭنى تۇتقاندىن كېيىن،ئۇنىڭ ئارقا ھويلىسىدىن ئا.ىلىسىدىن يوقاپ كەتكەن بىر قىسىم ئالتۇن-كۈمۈش، تاپانچا ۋە ئوقلارنى تاپتى. جاڭ چەنشىڭ ئىجرار قىلىپ مۇنداق دېدى:خەي يۈشى ئىسىملىك بىرى مېنى بۇ ئىشنى بىللە قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ شەرقى ئارمىيەنىڭ ئەسكىرى، ئەمما بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى يۈزىگە نىقاب تاقىۋالغانىكەن، ئۇلارنى پەرىقلەندۈرەلمىدىم...
ساقچىلار ناھايىتى تېزشلا خەي يۈچىنى تاپتى، ئەمما ئۇ تولىمۇ سوغۇققان، ئىنتايىن قاتتىق شەرقى شىمال ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرى ئىدى. فەن زۇڭشياڭ قايتا-قايتاسوراق قىلغاندىن كېيىن ئۇئاخىرى تىز پۈكتى ۋە ئىقرار قىلىشتىن بىشارەت بەردى. دەل ئۇ گۇناھىنى ئىقرار قاىشقا تەمشىلىۋاتقاندا، كىمدۇر بىرى بۇ شەرقى شىماللىق ئەسكەرنى زەھەرلەپ ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ تامىقىغا زەھەر سالغان گۇماندار شەرقى شىمال ئارمىيەسىنىڭ كونا ئەسكىرى بولۇپ، ئىسمى لى مىڭلى ئىدى. ئۇ قانلىق دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، لەنجۇ گارىنزونىنىڭ مۇئاۋېن قوماندانى زاڭ جېڭجىيانىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن تۈرمىگە ياردەمچى بولۇپ كىرگەنىدى. كىشىلەردەزاڭ جېڭجىياغا گۇمان توغۇلغان پەيىتتە، سوراق قىلىنىۋاتقان لى مىڭلىنى كىمدۇر بىرى ئۆلتۈرۈۋەتتى.بارلىق دەلىل ئىسپاتلار قاتىلنىڭ ما يىكوڭ ئىكەنلىكىنى دەلىللىتىپ تۇراتتى.
ھەقىقى قاتىل
ئىشلار بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا ئىدى،قانلىق دېلو بارغانسېرى گارىنزون قوماندانى بىلەن ژاندارمىلار پولكىغا تۇتاشماقتا ئىدى، ھەتتا تەكشۈرۈشكە قاتنىشىۋاتقان ساقچىلار ئارىسىىمۇ گۇۋاھچىلارغا قول سالىدىغانلار چىقىشقا باشلىدى. دەل شۇ چاغدا بۇ قانلىق دېلوغا قاتناشقان چىن يۇڭجۇن بىلەن چىن خەيبىڭلار ئارقا-ئارقىدىن تورغا چۈشتى، ئۇلار زاڭ جېڭ جىيانىڭ قاتىللىق ھەركىتىنى پىلانلاشقا قاتناشقانلىقىنى ئىقرار قىلدى. ما يىكوڭمۇ ئاخىر ئىقرار قىلىشقا مەجبۇر بولدى،ساجچىلار بۇ چاغدا ئۇلارنىڭبۇنداق قانلىق دېلونى سادىر قىلىشقا شىڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدا زور بىر تۈركۈم كومىنىسىتنى قىرغىن قىلغان چاغدا،شۇلارغا قوشۇپ تېخىمىۇ كۆپ شەرقى شىمال ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرىنى قىرغىن قىلغانلىقى سەۋەپ بولغانلىقىنىبىلدى. لىيۇ زىلى ما يىكوڭنى ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى<<ئالاھىدە ھەرىكەت گورۇپپىسى>>غاكىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ دېلونى پاش قىلىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى بۇيرۇغانىكەن. فەن زۇڭشىياڭ مايىكوڭنىڭ ئىقرارىنى ئانالىز قىلىش داۋامىدا ،دېلونىڭ كەينىدە تېخىمۇ سىرلىق بىر كچنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى خىرە-شىرە بولسىمۇ ھېس قىلىشقا باشلىدى.
بۇ چاغدا كىيۇ زىلى قېچىپ كەتتى.اەن زۇڭشىياڭ ئۇنىڭ كۈتۈپ خانىسىدىن ئۇنىڭ دەرھال قېچىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان بىر پارچە خەتنى بايقىدى، بۇ خەتنى يازغۇچى دەل جاڭ دىيۇ ئىدى، ساقچىلار خەتتە ئېيتىلغان قېچىش ئورنى جىياۋنىغايېتىپ كەلگەندىن كېيىن، جاڭ دىيۈ بىر پارچە ۋەسىيەت قالدۇرۇپ ئۆزىنى ئتىۋالغان ئىدى،بۇ چاغدا لىيۇ زىلى ئۇنىڭ يېنىدا بار ئىدى. جاڭ دىيۈنىڭ ۋەسىيەتنە=امىسىدە مۇنداق دېيىلگەنىدى:<<شىڭ شىسەي كومنىسىتلاربىلەن ئىتتىپاقلىشىش ۋە سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىش تەشەببۇسىغا خائىنلىق قىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئەزالىرىنى تۈركۈملەپ تۇتتى ۋە قىرىپ تاشلىدى. مەن ئاشۇ بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جان-قەرىزنى ئالمىسام بولمايىتتى...شۇ ئىشلارنى خىيال قىلىپ تۇرسام،شىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ تەيۋەنگە قېچىشقە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەلدى،شۇنىڭ بىلەن مەن شىڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭدىكى قانخورلۇقىدىن بىراقلا قىسىس ئېلىش ھەركىتىنى باشلىدىم...>>
1949-يىلى12-ئاۋغۇسىت لىيۇ زىلى جازا مەيدانىغا يالاپ بېرىلىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، قالغان جىنايەتچىلەرنىڭ بەزىلىرىگەمۇددەتسىز، بەزىلىرىگە يەتتە يىللىقتىن20يىللىققىچەيىللىققىچە قاماق جازاسى بېرىلىدى.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن تور يۈزىگە يوللۇغۇچى:باغداش تورى
ئەسكەرتىش:كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ،ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ