karamat sarkar xj 50
«12345»Pages: 3/5     Go
بۇ تېما 3984 قېتىم كۆرۈلدى
muzatboy
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1721
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 17 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 17 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىلدۈرگۈ!!
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپى تور بېتى بولغان يازغۇچىلار تورىنىڭ مۇنبەر بەت ئادرېسى ئۆزگەردى!
باش بەت ئۆزگەرمىدىhttp://www.xjzjxh.com  
مۇنبەرنىڭ ئۆزگەرتىلگەن يېڭى ئادرېسى:http://bbs.xjzjxh.com
چوققا [22 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-08 13:40 |
kambagal
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1729
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يېڭى ئەزا كەمبەغەلدىن باغداش ئەھلىگە ئېگىلىپ تۇرۇپ سالام :
ئۈستۈمدە ئېلاندىن بىرسى تۇرىدۇ !
西部医院
چوققا [23 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-09 11:37 |
qinyvrak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1239
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 177 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 167 سوم
تۆھپە: 95 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 98 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چاۋاك.........................................................................................................................
دىلكۇيى ئاچچىق تەنقىتنى سەمىمى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا رەخمەت، باغداش ئەزالىرىنىڭ ھەقىقى ئەخلاقىنى نامەيەندە قىلدىڭىز ئەمدى يانفۇنىڭىزنى ئالماشتۇرۋېلىشىڭىز ئۈچۈ بىر بېلەت تاشلايمەن . يۈرەكلەر قانائەت تاپسا
چوققا [24 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-09 12:35 |
zamani
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1735
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 75 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 75 سوم
تۆھپە: 42 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 42 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سىتودېنىتلارغا ۋەكىلى زاماندىن سالام
  قايسى ئەسرىمنى قاتناشتۇرسام بولا
hawar
چوققا [25 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-09 17:28 |
iwirghol
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 20
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 77
شۆھرەت: 403 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 404 سوم
تۆھپە: 239 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 240 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 271(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى kokturukدە2011-05-05 21:40يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

ئەڭ ياخشىسى باش سۇرىتىڭىزنى ئالماشتۇرۋېتىڭ،بولمىسا باغداشقا كىرگەنلەر نەچچە كۇن ھۆ بولۇپ ،كىرمەس بولۇپ كىتىدىكەن ،مەنمۇ سىزنىڭ باش سۇرىتىڭىزنى كۆرسەملا ئىچىم ئېلىشىپ كىتىدۇ.
كىم ئۇ؟مەن بىلمەيدىكەنمەن.
چوققا [26 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-09 18:47 |
oychan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1788
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 60
شۆھرەت: 398 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 399 سوم
تۆھپە: 233 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 234 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 228(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئىنتايىن ياخشى ئىش قىلىپسىلەر!
مەنمۇ تىرىشاي، تەتىلدە خەجلەيدىغان پۇلغا ئىگە بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرىمەن!
西部医院
مەن _ مۇرەككەپ يارىتىلغان ئاددىي ئادەم!
چوققا [27 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-12 18:36 |
nusrat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 46
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 142
شۆھرەت: 710 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 713 سوم
تۆھپە: 426 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 426 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 37(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يېزىڭلار قەلىمى كۈچلۈكلەر، بىز ھوزۇرلانغاچ باھالاپ بېرىمىز تەڭ «ھە-ھۇ» دېيىشىپ.
sarkar
چوققا [28 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-12 20:23 |
anwarkapak
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 98
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 290
شۆھرەت: 1470 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1490 سوم
تۆھپە: 880 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 880 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

         غەلبە ھامان  كۈتىۋاتقانلارغا ئەمەس ، بەلكى ئىزچىل تىرىشىۋاتقانلارغا مەنسۈپ. مەنمۇ  بىرەر  ئىجادىيەت  ئىشلەپ باقاي ئەمىسە .
hawar
چوققا [29 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-13 10:54 |
ياچىبەگ
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1535
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 85 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 85 سوم
تۆھپە: 48 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 48 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن «قۇمۇل ئەدەبىياتى»ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان شېئىرنى بېرىپ قويۇپتىمەن.(ئۆزەمنىڭ).ئىناۋەتسىزمۇ؟ باشقا شېئىر يوللىسام بولامدۇ؟
sarkar
چوققا [30 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-16 17:30 |
ياچىبەگ
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1535
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 85 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 85 سوم
تۆھپە: 48 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 48 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

غەيۋەتچى ۋە خوشامەتچى
ئەركىن زاكىر
   غاجاپ ئۆتتۈڭ باشقىنى ،
   چۈشۈپ كەتتى چىشىڭمۇ.
   ئىگىلىسەن باشلىققا ،
   يەرگە يەتتى بېشىڭمۇ  .
              چىشىڭ تۈگەپ تىل قالدى ،
              ئىلانمۇ سەن چاققىلى ؟
              غۇرۇر-ۋىژدانىڭ تۈگەپ ،
              نىمەڭ قالدى ساتقىلى ؟!

قۇمۇل خەلق رادىيو ئىستانسىسىدىن : ئەركىن زاكىر
چوققا [31 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-23 22:09 |
ياچىبەگ
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1535
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 85 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 85 سوم
تۆھپە: 48 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 48 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تىلسىزلار سالغان ئويلار
(نەسىرلەر)

نورمال ئادەملەردىن زىرىكىپ ،تىلسىزلار دۇنياسىغا سەپەر قىلدىم .تاغلارنى ،باغلارنى،چۆللەرنە،سەھرالارنى ئايلاندىم .تۈرلۈك قىسمەتلەرگە يولۇقتۇم .ئۇلارمۇ ھەق بىلەن ناھەق، چىنلىن بىلەن ساقتىلىق،پاكلىق بىلەن ناپاكلىق ،ھايا بىلەن نومۇس ،ساداقەتمانلىك بىلەن خائىنلىق ئوتتۇرسىدا تۇرۇۋېتىپتۇ .مەن كۆرگەننى سىزمۇ كۆرۈپ بېقىڭ ، ئۇلارغا بىز ئورتاق باھا بېرەيلى .
گاچا
مېنىڭ ئۇچراتقىنىم ئالدى بىلەن بىر گاچا بولدى .ئۇ گەپ قىلالمايتتى،لېكىن دىگەن گەپنى بىلەتتى ، ،قارىماققا ئۇ كېيىن گاچا بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى .مەن گاچىدىن سورىدىم .
ــ تىلىڭ سۆزلىيەلمىگىنى بىلەن دىلىڭ،كۆزۈڭ سۆزلەۋاتىدۇ.زۇۋانىڭ نىمىشقا تۇتۇلۇپ قالغان سېنىڭ ؟!                                  
گاچا بىر نەرسە ئىزدىگەندەك قىلاتتى . ئۇ ئىزدىگەن نەرسىسىنى تاپقىچە مەنمۇ ئويلىعانلىرىمنى دەۋەردىم .
ــ ئاغزىڭنىڭ ۋالاقتەككۈرلىكىدىن ياكى تىلىڭنىڭ غەيۋەتخور، چېقىمچىلىقىدىن خۇدا زىۋانىڭنى يىققانمۇ ؟
گاچا بېششنى چايقىدى ،ئۇ بىر قەلەم –قەغەز تاپتىدە بىرنەرسىلەرنى يېزىپ كەتتى . كۆزۈم مۇنۇ قۇرلارغا چۈشتى .«تىلىمنى باشقۇرالمىغان بەندىمەن، گۈنايىم شۇ ــــ ھەقنى كۆپرەك سۆزلەپ قويدۇم ».
بەرھەق،  تىلنى باشقۇرالماسلىق ئەڭ چوڭ گۇناكەن ئەمەسمۇ؟!
گاس ھەم گاچا
   مەن گاچىنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ بىر چۆللۈكتە  ھەم گاس ھەم گاچىغا يولۇقتۇم .
ــ سەنمۇ تىلىڭنى باشقۇرالمىغانمۇ ؟ـ دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن  .
سۇئالىم شامالغا يەم بولدى .ئۇ يېزىقمۇ بىلمەيدىغان گاس-گاچا ئىكەن ئەمەسمۇ  .ئۇ قول ئىشارەتى قىلدى .مەن ئازراق چۈشەندىم .ئۇ ئاڭلاشقا تىگىشلىك بولمىغان مەخپىيەتلىكلەرنى ئاڭلاپ قاپتۇ ئەمەسمۇ .ئۇنىڭ گۇناھىغا ئىككى خىل جازا ھۆكۈم قىلىنىپ ، «مەخپىيەتلىك»نى مەڭگۈ ئاشكارلىماسلىقى ئۈچۈن تىلى كېسىلىپتۇ ، ئاڭلىغان گۇناھىغا قۇلىقى كېسىلىپ ،ئۆزى چۆلگە تاشلىنىپ تەركىي دۇنيا قىلىنىپتۇ .
توۋا، ھەي بىچارە ، قۇلىقىڭ ئىككى بولغاندىكىن بىر بىلەن ئاڭلىغان بولساڭ ئىككى قۇلىقىڭدىن ئايرىلىپ قالمايتتىڭ ئەمەسمۇ ؟ ئاڭلىماسقا تىگىشلىك گەپلەرنى ھەرگىز ئاڭلىماسلىق كېرەككەن .
گاس،گاچا ھەم ئەما
   تىلى، قۇلىقى ،كۆزى بولمىغان بىر ئادەمگە يولۇقتۇم ،« توۋا ،بۇ بىچارە نىمە گۇنا قىلغاندۇ؟» دەپ ئويلىدىم.ئۇنىڭغا ھاياتلىقتىن شەپە بېرىۋاتقان يۈرەك بىلەن مېڭىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئۇنى بەر موردا دىسە بولاتتى ،لېكىن ئۇمۇ ھاياتنى قەدىرلەپ مىدىرلاپ ياشاۋېتىپتۇ .
توۋا !! بىر دۆۋىنى ئەگىپ ياشاۋاتقان ،يىلتىزلىرى تۇتاش قېرىنداشلار بىر –بىرىدىن جۇدا بولۇپتۇ . بۇنچىلىك ئازارلىشىشقا نىمە سەۋەپ بولغاندۇ ئۇلارغا ؟
   دۇنيانىڭ تەڭسىزلىگىنى كۆرمەسلىك، ئادالەتسىزلىگىنى ئاڭلىماسلىق، ھەقنى سۆزلىمەسلىك ئۈچۈن بۇ ئادەم مۇشۇنداق بولىۋالغانمۇ-يا!؟
ساراڭ
  ئەمدى ماڭا بىر ساراڭ ئۇچرىدى . ئۇ تۇرۇپ –تۇرۇپلا قاقاقلاپ كۈلەتتى ، ئۇنىڭ تىلى بولسىمۇ گەپ قىلمايتتى . تۇرۇپلا بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قارايتتى . كىشى بىلىپ بولماس خىياللارنى قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى .
   توۋا !! بۇ بىچارىگە نىمە بولغاندۇ؟ ئۇ بىرەر مەكتەپنى پۈتۈرۈپ خىزمەت تاپالماي ساراڭ بولۇپ قالغانمىدۇ؟ ياكى ئىش ئورنىدىن قېلىپ چىقىش يولى تاپالماي ساراڭ بولۇپ قالغانمىدۇ؟! ۋەياكى ئۇنىڭ ئەتىۋالىق خوتۇنىنى شاھلار كېنزەك ، شاھزادە، خانزادە، بەگزادىلەر توقال قىلىۋالمىغاندۇ-ھە؟!نىمە بولغاندۇ بىچارىگە؟ ئۆي-زىمىن، قان-قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانمىدۇ-يا!  ياكى قىمارخانە،قاۋاقخانىلەرگە بېرىپ ، مال-دۇنيالىرىنى، خوتۇن بالىلىرىنى تىكىۋەتكەنمىدۇ ؟ مۇشۇنداق بالالارغا دۇچار بولغانلارلا مۇشۇ كۈنگە قالادۇ-  خالاس!!
قوي
قوي!
نىمەڭ بىلەن پەخىرلىنەرسەن جاھانغا؟ يۇۋاشلىقىڭ بىلەنمۇ ياكى كۈندە كېسىلىۋاتقان باشلىرىڭ بىلەنمۇ ؟ قېنى سېنىڭ ئەركىن يايلايدىغان دالىلىرىڭ؟ ئۆزەڭنىڭ چىشى بىلەن ئۇزۇپ يەيدىغان چىملىرىڭ؟ يايلاقلىرىڭنى بۆرىلەر ئىگەللەپ بولدىمۇ –يە؟!تەييار ئوت،تەييار بوغۇز سېنى كاردىن چىقاردىمۇ ؟ سەن ھازىر تېخىمۇ يۇۋاشلاپ كەتتىڭ.سەن ئەسلى يۇۋاش ئەمەس ئىدىڭ ،شورىنى ئۆرۈپ ئىغىلدىن چىقىپ كەتسەڭ ، تۇتقىلى بولمايتتى سېنى ،قوشقار ئۇسۇپ مېيىپ قىلىپ قويغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدىغۇ؟ ئەمدىلىكتە تالاغا چىقىرىۋەتسىمۇ سېسىق ئېغىلىڭغا يۈگىرەيدىغان بولدۇڭ.ئەركىنلىككە يەتمەيدۇ ئەقلىڭ .
ھەي قوي ،بىلەمدىغانسەن؟! ئىنسانلارنىڭ سېنىڭغا كۈندە يەم-خەشەك ، بوغۇزنى نىمىشقا  بېرىۋاتقانلىقىنى؟! بەزەن-بەزىدە  سېنى كۆتىرىپ،قۇيرۇق ، مەيدىلىرىڭنى تۇتىۋاتقانلىقىنى؟!
كالا
       توۋا،بەستىڭمۇ چوڭ ،مۇڭىزىڭمۇ قاتتىق ، بىر دۆلىسەڭ يەر تىتىرەيدۇ ، ھۆكىرىسەڭ جاھان سىلكىنىدۇ. كۈچۈڭمۇ،تۆھپەڭمۇ،مېھنىتىڭمۇ كۆپ . نىمىشقا خۇدا ئادىللىقتىن ساڭا تەقسىم قىلمىغاندۇ ؟!ئىچىشىڭ سېسىق سۇ،يىيىشىڭ سېسىق سامان .يېتىشىڭ....
سەندە ئىتچىلىك جۈرئەت بولغان بولسا ئىنسانلار ساڭا يولالماستى.يېلىنىڭغا مۇشلاپ سۇتۇڭنى ئىچەلمەيتتى ،موزىيىڭنى «تىرىك يىتىم » قىلمايتتى .
  ئەقىل بولمىسا كۈچ-قۇۋۋەت،بوي-بەس دىگەنلەر بىكار نىمىكەنغۇ ؟!!
توشقان
   جۇغۇڭ كىچىك،ئۆمرۈڭ قىسقا ھايۋانسەن . قانائەتتە ياشايسەن ،باشقىلارنىڭ رىسقىغا چاڭ سالمايسەن .بىراق ، ھاۋادىكى بۈركۈتمۇ،يەر يۈزىدىكى بۆرە -تۈلكىمۇ سېنى ئوزۇقلۇق قىلىشنىلا ئويلايدۇ .ھەتتا ئادەممۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. قورقۇنچاقلىقىڭ چىققان بېشىڭغا . سەندە يەر بېغىرلاپ يۈرگۈچى ئىلانچىلىك جۈرئەت بولغان بولسا ، سېنىڭ تەغدىرىڭ بۇنچىلىك بولمىغان بولاتتى !!!
خوراز
  خوراز - سەن تاڭنى چىللاپ  ئويغاتقۇچى ،سۈزۈك تاڭلار سەن بىلەن ئويغانغان . سېنىڭ قوماندانىڭ يوق،سېنى ھېچكىم ئويغاتمايدۇ،ئۆزەڭ ئويۈۇنىسەن ،ئاناڭ سېنى ئويغۇتۇش تۇرماق ،ئۆزىنىمۇ ئويغۇتالماي يېنىڭدا مۇگدەپ ياتىدۇ .سەن قاچان چىللاشنى ،قانداق چىللاشنى بىلىسەن ،چۈنكى داداڭ ساڭا ئۈگەتكەن.
بىراق يېقىندىن بۇيان چىللىماس بولۇپ قالدىڭ ، چىللاشتىن زىرىكتىڭمۇ ؟!ياكى ئادەملەر سەندىن بالدۇر ئويغۇنۇپ كەتتىمۇ؟ ۋەياكى سېنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلىماسقا سېلىپ يۈرىۋاتامدۇ؟سەن كاتەكتىكى خورازمۇ ياكى دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ شەرققە قاراپ چىللاۋاتقان خورازمۇ؟
خوراز،مەن بىلىمەن ،پوقنى كۆپ يەپ ئاۋازىڭ چىقماس بولۇپ كەتتى .روھىڭ چىرىپ ،ئون مېكىيان ئازلىق قىلىپ ،يەنە مېكىيان قوغلاپ يۈرىسەن . ھاياتىڭدا مېكىيانغا تويارسەنمۇ خوراز!؟
كەپتەر
تېنچلىق ئەلچىسىغۇسەن . ھاياتلىقىڭدا بىرەر جانلىقنىڭ دۈشمىنى بۇلۇپ باقمىدىڭ . پەقەت تاشلاندۇق ئۇرۇقلارلا سېنىڭ ئوزۇقۇڭ .باشقىلارنى ئۆزەڭنىڭ پەرۋازىغا بەنت قىلىپ، ئۆگزىدىن يىقىتىۋەتكەن گۇنايىڭنى ھېساپقا ئالمىغاندا گۇنايىڭنى ھازىرغىچە بىلمىدىم .
بىراق ئىنسانلار سېنى ئۈگىتىمىز دەپ قانات قۇيرۇقلىرىڭنى كىسىپ سېنى ئۇچۇشتىن مەھرۇم قىلىدۇ ، قانات-قۇيرۇقلىرىڭنى چىقىرىپ ئەمدىلەردىن ئۇچىشىڭغا  پۇتلىرىڭغا ھالقا، قۇيرىقىڭغا گۈدۈك ئورنىتىپ، يىنىك تېنىڭنى ئېغىرلىتىپ، سەن قىلغان پەرۋازدىن،سەن چىقارغان ئاۋازدىن ھوزۇرلىنىدۇ .
ھەيرانمەن، كىشىلەر سېنى تور ،سىرتماق سېلىپمۇ،قاپقان قويۇپمۇ ،ئۆز كەپتەرلىرىگە ئەگەشتۇرۇپمۇ تۇتىدۇ .كىم تۇتىۋالسا شۇنىڭ بولىدىغان،ئوينىغۇسى كەلسە ئوينايدىغان ،ئۆلتۈرۈپ يىگۈسى كەلسە يەۋېتىدىغان قۇشسەن .
سەن تېنچلىقنىڭ سىمۇۋۇلىكەنسەنمۇ –كەپتەر؟؟!!
بېلىق
چېچىڭمۇ ، قېشىڭمۇ ، چىشىڭمۇ ، تىلىڭمۇ يوق مەخلۇقسەن.لېكىن دۇنيادا سەندىنمۇ كۆپ نەرسە بارمىدۇ ؟ بەش ئەزايىڭ تولۇق بولسا سىغماسكەنسەن جاھانغا !
تۆگە
تاغ تىزمىلىرىدەك كۆرىنىسەن ھەيۋەتلىك .چۆلدە يوقتۇر سەندەك غەيرەتلىك .قانىدۇ ئۇسسۇزلىقىڭ كىچىككىنە چۆچەكتە،قېنىپ سۇ ئىچىپ باقتىڭمۇ بىرەر قىتىم كۆلچەكتە .يۈدىسەن دولاڭدا بىرمۇنچە يۈكنى ،يۈك ئاز كەلگەندەك ئارتىسەن بىرمۇنچە تۈكنى .
«چۆك!» دىسە چۆكىسەن تىزلىنىپ ،«چۇ!» دىسە ماڭىسەن چۇلۋۇرنى تارتىپ . يەنە چۆكىسەن ،يەنە ماڭىسەن .توۋا! نىمىشقىمۇ بۇرنۇڭنى چۇلۋۇرلىتىپ قويغانسەن ؟! نىمە گۇنايىڭ بار ئىدى سېنىڭ ئادەمگە ؟! نىمىشقا ئاللا بويۇڭنى چوڭ، يۈرىگىڭنى كىچىك يارىتىپ قويۈاندۇ سېنىڭ؟!...
پاقا
سۇدىمۇ، قۇرۇقلۇقتىمۇ ياشايدىۈان ئىككى ماكانلىقسەن . يازدا پاشا-چىۋىنلەرنى تۇتۇپ يىگىنىڭ بىلەن ،قىشتا ئۆچەككە كىرىپ ئۇخلايسەن . شۇنچە ئۇزۇن قىشنى ھېچنىمە يىمەي  ئۆچەكتە قانداقمۇ ئۆتكۈزگەنسەن پاقا ؟! ئىنسانلار بىر قىش تاماق يىمىسە قانچىلىق ئاشلىقنى ئىقتىسات قىلاتتى؟ سېنىڭ غەيرىتىڭ،چىدامچانلىقىڭغا ھەيرانمەن !
يىلان
شۇنچىلىك كۈچلۈك زەھەر ئاتا قىلغان خۇدا ، نىمىشقا قانات ياكى بىرەر پۇت ئاتا قىلمىغاندۇ ساڭا؟!
ھەيرانمەن ،يەر بېغىرلاپ تۇرۇپمۇ رەقىپلىرىڭگە قارشى تۇرالايسەن.سېنىڭ قورالىڭ يىرتقۇچنىڭ چىشىدىن يامان !نەپسىڭ دەريا، چىشىڭ بولسىدى كاشكى يەر يۈزىدە ساڭا تەڭ كەلگۈدەك مەخلۇق ئاز قالاتتى .توپىغا سۆرۈلۈپ يۇرۈپمۇ ،دەرەخكە چىرمىلىپ تۇرۇپمۇ ئۆزەڭدىن نەچچە ھەسسە چوڭ نەرسىلەرنى يۇتىۋېتىسەن ياكى بوغۇپ ئۆلتۈرىسەن .
باتۇرلۇق ــ چوڭ –كىچىكلىكتە ئەمەس ، جەسۇرلۇقتىكەن !
ئېشەك
  ئۆزەڭمۇ سەرت ، خۇيۇڭمۇ سەرت ، سەرتلىك مۇجەسسەم ساڭا.ئالدىڭغا كەلسە چىشلەيسەن ، كەينىڭگە كەلسە تېپىسەن .«ماڭ!» دىگەنگە ماڭمايسەن ،«تۇر!»دىگەنگە تۇرمايسەن.كەلسە كەلمەس ھاڭرايسەن ،توپىنى كۆرسەڭ ئېغىنايسەن .ھاياسىزلىغىڭدىن «توي»قىلىپ كېتىسەن كوچىلاردا.
      بىراق ،كىشىلەر يەنىلا  سەندىن ئايرىلالمايدۇ  .  سېنى مىنگۈسى كەلسە مىنىدۇ، ھارۋىغا،ساپانغا قاتقۇسى كەلسە قاتىدۇ .
كۈچ-قۇۋۋىتىڭ سەتلىگىڭنى يېپىپ تۇرىدىكەنغۇ سېنىڭ !!
بۆرە
       ئىتچىلىكلا ھايۋانسەن ،بىراق نەچچە مىڭ قوينى تېرە-پېرەڭ قىلىۋېتىسەن .بۇ سېنىڭ باتۇرلىقىڭمۇ ؟ ياق-ياق،ئەمىلىيەتتە سەن ئىككى ئىتتىنمۇ قورقىسەن .بىراق سەن قويلارنىڭ ئون قېرىندىشى ئۆلۈپ،ئون قېرىندىشى بوغۇلسىمۇ ،بەشىنىڭ قۇيرىقى يەپ كېتىلسىمۇ قاراپلا تۇرىدىغان  ئۆمسىزلىگىدىن ئىبارەت پىسخىكىسىنى بىلىۋالغان ، ئۇلارنىڭ يۈرەكسىزلىگى سېنىڭ يۈرىگىڭنى چوڭايتىۋەتكەن ،شۇنداقمۇ؟

چاشقان
  قۇش-قۇزغۇن، مۇشۇكلەرنىڭ ،ئىلان ھەم تۇلكىلەرنىڭ ئوزىقىسەن-ئوزىقى .ئوغۇرلۇق جىنايىتىڭ ئۈچۈن دېھقان سېنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلار.ئۆي ماكانەڭنى چۇۋۇپ، سېنى توپان بالاسىغا غەرىق قىلار.
      سەن پەيدا بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە سېنى يوقىتىش ھەركىتى توختىمىدى .سېنى يوقىتىشقا ھەر خىل قاپقانلار،زەھەرلىك يەمچۈكلەر ئىشلەپ چىقىرىلدىيۇ،  بىراق ،سېنى يوقىتىپ بولالمىدى،ئەكسىچە مەۋجۈتلىغىڭنى ساقلاپ،تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىڭنى ئاشۇرۇپ كەلدىڭ .
سەندىكى بۇ خىل چىدام –غەيرەت نەدىن كەلگەندۇ-ھە!!
ھەسەل ھەرىسى
مېھنەت بىلەن ئۆتەر كۈنلىرىڭ ،ئەجرىڭگە ھەممەيلەن قايىل . سەن ئىشچانلارنىڭ ئۈلگىسى ،ئۆملۈكنىڭ بەلگىسىسەن .ئۆز ئېلىنى قوغداشتا سەندەك پاراسەت ئىگىسى بارمىدۇ،دۈشمەن ھەرقانچە پەدەزلەنسىمۇ سېنىڭ «ئورداڭ»غا كىرسە ئۇنى سېزىۋالاسەن ھەم نەق مەيداندىلا چېقىپ ئۆلتۇرىسەن . ئابىھايات ھەسەللىرىڭ يۈرەكلەرنىڭ شىپاسى ،كېسەللەرنىڭ داۋاسى .
ھەيرانمەن ،نىمىشقا كىشىلەر سېنىڭ كەمچىلىكلىرىڭنى ئېغىزغا ئالماس؟! سېنىڭمۇ ئۇچلۇق نەشتەرلىرىڭ،زەھەرلەك سۈيۈقلىقىڭ بارغۇ!؟
قىشىچە تەييارنى يەپ ياتىسەنغۇ؟
دۇرۇس! ئارتۇقچىلىق بىلەن كەمچىلىك، غەلبە بىلەن مەغلۇبىيەت،ياخشىلىق بىلەن يامانلىق،ئادىللىق بىلەن ناھەقسىزلىك،باراۋەرلىك بىلەن باراۋەرسىزلىك دۇنيانىڭ تەڭشىگى ئوخشايدۇ .


ئىت
سېنىڭ ئەسلىڭمۇ،نەسلىڭمۇ ،يىگىنىڭمۇ، ئىچكىنىڭمۇ،ياتار يېرىڭمۇ  ھەممەيلەنگە  ئېنىق ! ئادەم چىشلەيدىغىنىڭنى ئالتە ياشتىن ئاتمىش ياشقىچە بىلىدۇ .«يالاقچى »دىگەن «بۈيۈك »نامىڭ پۇر كەتكەن جاھانغا. خۇدا ئاجايىپ «كەسىپ»ئاتا قىپتىكەن ساڭا.
جاھانغا باقماي ھەددىڭ يوق ئىت!!ھازىر سەن قارايدىغان ئالتۇن غەزىنىلەرگە بىخەتەرلىك ساندۇقلىرى قارايدىغان بولدى . سەن قارايدىغان باغلارنىڭ ھازىر تېمىمۇ يوق ؟ مىۋە ئوغىرلاش نىكەم ئەمەلدىن قالغىلى .
لېكن سەن يەنىلا بىكار قالمىدىڭ.قاۋايدىغان تىللىرىڭ يالايدىغانغا ئۆزگەردى . ئەمدى سەن ئىشقى دەريا خېنىملارنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدىغان «ئەرمەك» بولۇپ قالدىڭ.
ئۇلار سەندىن زىرىككەندە قانداقمۇ قىلارسەن ،ھەي ئىت!!!!
شەئىلەردىن سادالار
بۇغداي
  قوناقچىلىك بويۇڭ،قوغۇنچىلىك مىۋەڭ بولغان بولسا قانچىلىك ئاۋارە قىلاتتىڭ مېنى ؟بىر يىلدىلا تۈگەر ھاياتىڭ .خۇدا نىمىشقىمۇ ئۇزۇن يىللىق ئۆمۈر ئاتا قىلمىغاندۇ ساڭا؟ سەنمۇ باشقىلاردەك كۈزدە پىشساڭ كاشكى، كىشىلەرنى بىژغىرىم تومۇز ئىسسىققا قويمايتتىڭ .
تاللايسەن تۇپراق، چىقارماي ياپراق.كۆنمەيسەن شورغا،قانمايسەن سۇغا. دېنڭدىن سامىنىڭ كۆپ، ھوسۇلىڭدىن جاپايىڭ .
تارىخىڭ ئۇزۇن ،تۆھپەڭمۇ ھەم .كىشىلەر گۆشتىن زىرىكەركى سەندىن زىرىكمەس . ئامال قانچە،ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا زىمىنگە چۈشكەندە ئەۋۋەل  سېنى ئوزۇقلۇق قىلغان ،لېكىن بۇنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىغانغۇ؟ !
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگە سېنىڭ ئىناۋىتىڭ تۆكۈلدىمۇ ياكى باشقىلار بىلمەيۋاتاندۇ سېنى ئويلايدىغانلار قالمىدى . سەن ئىسراپخورلارنىڭ باشلامچىسى بولۇپ قالدىڭ . توي-مەرىكىلەردە تۆكىلىۋاتقان نان-ئاشلارغا ئىچى سېرىلىدۇ ئادەمنىڭ . سېنىڭ ئوۋالىڭغا قالمىساق بولاتتىغۇ ئاخىر!!
ئاپتاپپەرەس
قۇياشقا باقار ئاجايىپ ئۆسۈملۈكسەن ،جاھاندىكى ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە سەنلا،پەقەت سەنلا قۇياشقا باقىسەن،نۇرغا،يورۇقلۇققا باققان ياخشى ئەلۋەتتە . قۇياشنىڭ تۇنجى نۇرلىرىنى سۆيگەنلىگىڭدىن، قۇياش نۇرىدىن ئەڭ كۆپ نەپ ئالغانلىقىڭدىن  پەخىرلىنەمدىغانسەن؟ كېپىنەك-ھەرىلەر سېنىڭ باغرىڭنى چىمەنزار قىلغاندا ،ساپ-سېرىق گۈل بەرگىلىرىڭ بىلەن چاۋاك چالامدىغانسەن ؟
دان تۇتۇپ.مىۋەڭ چوڭايغاندا سېنى ئۆستۈرگەن ئانا  تۇپراققا رەخمەت ئېيتىپ سالام قىلىسەن .
ھەيرانمەن، باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۆزەڭنى قۇربان قىلىپ ،سۈزۈك تاڭلارغا تەلمۇرۇپ ، سەن ياراتقان ئەجىر مىۋىلىرىڭ نىمىشقا قىرلىق تاشلار ئارىسىدا يەنچىلىدۇ؟ياكى ئىككى چىش ئوتتۇرسىدا كىيىملىرى جۇل-جۇل قىلىنىپ يالىڭاچلىنىڭ ،«باسقۇنچىلىق»قا ئۇچىرايدۇ ؟
سەندىن قۇسۇر ئىزدىسەم ،سېنى تىرەپ تۇرغان تېرىكىڭدە مەسىلە بار . چۈنكى ئۇ ھەرقانچە تەمبەل بولسىمۇ ئىچى كور!! بىر قېتىملىق شامالغا بەرداشلىق بېرەلمەي يەڭدەپ ،مىۋىنى چاشقانغا يەم قىلىۋېتىدۇ .
                                تېرىق
    چېچىلاڭغۇلىقىڭدىن  ئىناۋىتىڭ يوق سېنىڭ. كالا قوۋۇرغىسىدا ھەتتا ئورغىلى بولىدۇ سېنى .
  ھەيرانمەن باتۇرلىقىڭغا. نەگە چاچسا شۇ يەردە ئۇنىسەن .يېرىپ چىقىسەن شورنىڭ باغرىنى .چىداملىقنى ئۈگىنەي سەندىن!
قوغۇن-تاۋۇز
ئاتا-ئاناڭ ئىككى يۇرتتا تۇرۇپ ،سەن قانداقمۇ تۆرەلگەنسەن ؟كىم ئۇ ئاتا-ئاناڭنى ئۇچراشتۇرغان؟مىۋەڭنى ئويلاپ ئانا  يەرنى  بېغىرلاپ ئۆستۈڭمۇ؟
توۋا!! لازا ئاچچىقلىغىدىن قورۇلسا، سەن تاتلىقىڭدىن يېرىلىپ كېتىسەن . بۇ خىل تاتلىقلىق نەدىن كەلگەندۇ ؟ بىلىمەن ،بىلىمەن ،باغرىڭنى ئانا تۇپراققا كۆپرەك ياققانلىقىڭدىن كەنگەن !!
ئۆرۈك
باھارنىڭ تۈنجى قىزىسەن ،باھار يامغۇرىنىڭ ئەلچىسىسەن.باشقا مىۋىلىك دەرەخلەرمۇ سېنىلا ماراپ تۇرىدىكەنغۇ-تاڭ!!سەن خۇددى كەلكۈننىڭ بېشىدەك ھەممىسى سېنى ئەگىشىپ ماڭىدۇ .ئاق ئېچىلساڭ زىمىن ئاقىرىپ كەتكەندەك،قىزىل ئېچىلساڭ زىمىن قىزىرىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدۇ ماڭا!! ئادىملەرلا ئەمەس،قۇرۇت-قوڭۇزلارمۇ، پەرۋانە –ھەرىلەرمۇ سېنى تاماشا قىلىدۇ.ئاشىق سېنى ئۈزۈپ مەشۇقىنىڭ چېكىسىگە قىسىدۇ . چىچەكلىرىڭ توزۇپ، غوراڭ كۆزگە كۆرۈنگەندە سەبى بالىلار بىلەن ھامىلدار ئاياللار كەتمەس يېنىڭدىن .ئۇلار غورا يىگەندە ئۇلارنىڭ چىشلىرى قامىماي، كۆرۈپ تۇرغانلارنىڭ چىشلىرى قاماپ ،ئاغزىغا سېرىق سۇلار كېلۇر. تاتلىقلىقىڭدىغۇ مېھرىڭ بار،ئاچچىقلىقىڭدىمۇ مېھرىڭ بار .
   قىزىرىپ مەي باغلاپ پىشقىنىڭدا ئاغىزلارغا سېرىق سۇ كېلۇر .بىرنى ئۈزۈپ باغرىڭنى يېرىپ ئاغىزغا سالاي دىگەندە ئىچىدىن لۆمىرەپ قۇرۇتلار چىقىپ ،كۆڭۈلنى ئاينىتۇر .
توۋا !! دۈشمەن قاچاندىن سېنىڭ باغرىڭغا كىرىۋالغاندۇ؟ سەن توقاللاردىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ ، ئەمدى يۇمشاپ رەڭ تۈزگىنىڭدە تەييارغا ھەييار بولغىنىنى قارا!!
جۈجەم
   سېخىلىقتا كىم ساڭا تەڭ كېلەلەر؟! ھېچكىمدىن ئايىمايسەن مىۋەڭنى . ئادەممۇ ،ھايۋانمۇ ، قۇشلارمۇ ئالدى بىلەن ساڭا ئېغىز تىگىدۇ .
ھەيرانمەن !بۈگۈن تۆكۈلسەڭ ئەتە يەنە پىشىسەن ، يەنە تۆكىلىسەن،يەنە پىشىسەن . شاھ –سۇلتانلارمۇ،گاداي-يوقسۇللارمۇ يىلدا سېنى بىرەر قېتىم يىمەي ئۆتمەيدۇ .زامانلاردا سەن نۇرغۇن ئاچارچىلىقتا قالغانلارنى قۇتۇلدۇرغان ئەمەسمىدىڭ  .كىشىلەرنىڭ سېنى «بىھىشنىڭ مىۋىسى » دەپ تەرىپلىگىنى بىكار ئەمەسكەن .مەنمۇ شۇنداق قارايمەن ساڭا ! سېنىڭ مىۋەڭلا گۆھەر بولۇپ قالماي ،ياغىچىڭمۇ ،يوپۇرمىقىڭمۇ، يىلتىزىڭمۇ گۆھەر . سېنى «ئالا كۆڭۈل» لەرگە ئوخشاتقۇچىلارغا نەپرەتلىنىمەن . بەلكىم ئۇ تۆھمەتخورلاردۇ،ياكى كۆرەلمەسلەردۇ.
سۆگەت
  سەن كۆكەسەڭ زىمىن كۆكلەيدۇ .باھار شاماللىرى سېنى ئەللەيلەپ ئويغىتىدۇ .سېنىڭ« پى-پى »لىرىڭ گۈدۈك چالسا زىمىن ئىللىيدۇ . بالىلار سېنى «ئات»قىلىپ چاپسا تۇمان كۆتۈرىلىدۇ .
قارا ھەم سېرىق  دەپ كىم ئايرىپ قويغاندۇ سېنى ؟ نەسلىڭ بىر،ئەمما ئۆمرۈڭ بۆلەك. سېرىق سۆگەت يىگىرمە يىل ياشىسا ،قارا سۆگەت يۈز يىل ياشايدۇ . قارا سۆگەتنىڭ سايىسى نەقەدەر ھوزۇرلۇق-ھە!ئەلگە نەپ بەرگەنلەر ئۇزۇن ياشايدىكەن ئەمەسمۇ!
چوققا [32 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-23 22:11 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 3/5     Go
Bagdax bbs » مۇنبەر ئۇقتۇرىشى