300-70 -1 oztil xj 50
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 1682 قېتىم كۆرۈلدى
be42late
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 190
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 47
شۆھرەت: 297 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 287 سوم
تۆھپە: 169 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 172 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 104(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 دېھقان پەرزەنتىنىڭ چەتئەلدىكى سەرگۈزەشلىرى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-05-13)
      ھېلىمۇ ئېسىمدە: ئاشۇ مېھرى ئىسسىق سەھرا!
      ھېلىمۇ ئېسىمدە:كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئاشۇ زېمىن، ئاشۇ زېمىندا ئاپىرىدە  بولدۇم، ئاشۇ زېمىندا كۈلدۈم، ئاشۇ زېمىندا يىغلىدىم...
     ھېلىمۇئېسىمدە: مەكتەپتىكى ھاياتىم، يېزامنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى.... قوي بېقىش، يانتاق چېپىش، تەك كۆمۈش، قويلارغا ئەلەپ بېرىش دىگەندەك، مەن قىلىپ باقمىغان دېھقانچىلىق ئىشلىرى يوقمىكىن دەپ ئويلايمەن.....
       ھېلىمۇئىسىمدە: مومام رەھمەتلىك ھايات ۋاقىتلىرىدا، مەكتەپتىن ياخشى نەتىجەئېلىپ كەلسەم، مەڭزىمدىن سۆيۇشلىرى.... ھېلىمۇ ئېسىمدە، باشلانغۇچنىڭ 5 - يىللىقى ئىدى، بۇ ۋاقىتتا مومام ئاللىقاچان ئۇ ئالامگە سەپەر قىلغانىدى،مەن قەبرە بېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا 5 پەندە 100 ، بىر پەندە 95ئالغانلىقىمنى سۆزلەپ بەرگەنلىرىم.... 
    ھېلىمۇ ئىسىمدە: مومامغا، ئاتامغا ياردەملىشىپ قوي باققانلىرىم... 
    ھېلىمۇئېسىمدە: ئاتامنىڭ «دېھقان بالىسى دېھقان بولىدۇ» سېنى ئۇقۇتمايمەن دىيىشلىرى، بىر قولۇمدا كىتاب، بىر قولۇمدا ئەمگەك قىلغانلىرىم... ئاتام ئوقۇتمايمەن دىسە، ئوقۇتمىساڭ مەيلى، مېنى كىشىلەر بىر ئاددى دېھقاننىڭ بالىسى ئەڭ يوقۇرى نومۇر ئەپتۇ دەپ نامىم چىقسىلا بولدى دەپ ئۆگەنگەنلىرىم..............
    مانا ھازىر ئاتام مەندىن پەخىرلىنىدۇ،بۇنىڭدىن 10 يىل مۇقەددەم ئاتام بۇ كۈنلەرنىڭ ماڭا نېسىب بولىدىغانلىقىنى چۈشىدىمۇ ئۇيلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن،مەن ھازىر چەت بىر دۆلەتتەماگىستىرلىقنى تاماملىدىم، مۇشۇ دۆلەتتىكى خېلى بىر داڭلىق شىركەتتە ئىجرائىي خادىم بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن... مەن گەپنى 10 يىل ئاۋالقى تۇرمۇشۇمدىن باشلاي.

ئالى مەكتەپ ھاياتىم


     1999-يىلى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش ئۈچۈن تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئۆگۈنۈش قىلدىم،،لېكىن ئاتامزە مىنىڭ ئوقۇشۇمنى قوللىمايتتى، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئۆگۈنۈش قىلدۇرالماي ئاۋارە، لېكىن ئاتامزە مېنى ئۆگۈنۈش قىلما دەپ ئاۋارە... لېكىن ئوقۇشقا بولغان مۇھەببىتىم بىلەن ھەرگىزمۇ ئوقۇشتىن بوشاپ قالمىدىم، بىر قولۇمدا كىتاب كۆرسەم ، بىر قولۇمدا ئەمگەك قىلىپ دىگۈدەك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانمۇ بېرىپ تۇگەتتىم... ئىمتىھان نەتىجىلىرى چىققاندا،بىر دېھقان ئوغلىنىڭ يوقۇرى نومۇر ئالغانلىق خەۋىرى يۇرتقا بىر كەتتى،،، تىت -تىت ئىلكىدە، چاقىرىق كېلىشىنى كۈتتۈم، كۇتۈلمىگەن يەردىن دالىيەن سۇمەھسولاتلىرى ئۇنىۋېرسىتىغا قوبۇل قىلىندىم،،، لېكىن بۇ چاقىرىقتىن ئانچەخوشال ئەمەس ئىدىم،،، چۇنكى بۇ مەكتەپنىڭ ئىسمىمۇ غەلىتە ئىدى،كەسپىممۇ ئېنق ئەمەس ئىدى،،، لېكىن ئۇقۇتمايمەن دەۋاتقان ئاتام مەندىن بۇرۇن نوۇسلىرىمنى سۆكۈپ تەييار قىلىپ بولدى،... شۇنىڭ بىلەن2 يىللىق تەييارلىق مۇناسىۋىتى بىلەن خېخەي ئۇنىۋېرسىتى ئۈرۈمچى تىل تەربىيلەش مەركىزىگەكەلدىم،،،شۇنىڭدىن ئىتىبارەن مېنىڭ ئالى مەكتەپ ھاياتىم باشلاندى...

     يېزىداچوڭ بولغانلىقىم ئۈچۈن، خەنزوچە سەۋىيەم ياخشى ئەمەس ئىدى... سىنىپتا ئەڭ ناچىرى دىسەممۇ بولىدۇ،،، لېكىن ماڭا نىسبەتەن چېكىنىش يولى يوق ئىدى،،،ئاشۇ سەھرادىكى ئاتا-ئانامنىڭ ئۇمۈدىنى ئاقلىشىم كېرەكتە،،، ئۇلارغا ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشۇم كېرەكتە،،،،، بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئوڭۇشسىزلىقلارغايولۇقتۇم،، ھەتتا بەزى مۇئەللىملىرىم سەن مۇنداق كىتىيۋەرسەڭ، سەندە ئۇمۈديوق دەۋەتتى،،،،،،،، لېكىن ئۆزەمنىڭ ياخشى نەتىجە يارىتالايدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتم، 2 مەۋسۇمدە تەبئىي پەنلەر قېتىلدى،،  يىل ئاخىرىدا 3 ياخشى ئۇقۇغۇچى بولۇپ سايلاندىم... بەزى مۇئەللىملەر ئىشەنمەيلا قالدى،،،،،2 يىل تىرىشىش ئارقىلىق خەنزوچە سەۋىيە ئىمتىھانىدىن لايەقەتلىك ھالدا ئۆتتۇم...مۇنەۋەر تەييارلىق سىنىپ ئۇقۇغۇچىسى بولۇپ باھالىنىپ،يىمەكلىك ئىلمى ۋە تەتقىقاتى كەسپىنى تاللاپ، 2 يىللىق ئوقۇشنى تاماملىدىم،،،،

    ئىقتىسادى مەسلىلىسىمۇ بىر مەسىلە ئىدى ئەلۋەتتە،،،، بۇ جەرياندابوش ۋاقىتلىرىمدالۇغەت سېتىپ ئۆز تۇرمۇشۇمنى بەلگىلىك دەرىجىدە قامدىدىم،،(ئەمىلىيەتتەئاتاممۇ مېنى ئوقۇتالايتتى،لېكىن ئۆزەمگە تايىنىمەن دەيدىغان روھ بارئىدى) ، ھېلىمۇ ئىسىمدە، 2000-يىلى مايلىق بايرام،،،،، بۇ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۈرۈمچىلىك ساۋاقدىشىم بىلەن بىرلىشىپ چىلان سودىسى قىلدۇق... ئۇ ساۋاقدىشىم پۇلى يوقلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە تايىنىش روھىنىڭ يوقۇرلىقىدىن بۇ سودىنى مەن بىلەن قىلدى،،، 7 كۈن ئىچىدىلا خېلى پۇل تېپىۋالدۇق..... شۇنداق قىلىپ 2 يىللىق تەييارلىق سىنىپ ھاياتى ئاخىرلاشتى،،، 

     2001- يىلى 11- سىتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئىككىنجى كۈنى بىز بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر بالىلىرى بىز تەشنا بولغان دالىيەن شەھرىگە يېتىپ كەلدۇق،، پاكىزە، ئازادا بولغان دالىيەن شەھىرى بىزنى كۈتىۋالدى،،شۇنىڭدىن ئىتىبارەن مېنىڭ ئىچكىرىدىكى ئوقۇش ھاياتىم باشلاندى،، مېنى بۇرۇنقىدىنمۇ جىق سىناقلار كۈتمەكتە ئىدى،، بۇرۇنقىدىممۇ جىق بەدەللەرتۆلىشىم كېرەك ئىدى، 60 نەچچە ئۇقۇغۇچى ئىچىدە پەقەت 5 مىزلا ئۇيغۇرئوقۇغۇچى ئىدۇق...قالغىنى خەنزو ئۇقۇغۇچىلار ئىدى،،  خەنزوتىلى بۇلارنىڭ ئانا تىلى بولسا، مەندەك مىللى يېزىقتا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىنىڭ 2 - تىلى ئىدى،،،
      لېكىن ئاشۇ سەھرادىكى ئاتا-ئانام مەندىن نىمىلەرنى كۈتمەكتە؟ئاشۇ يۇرتداشلىرىم مېنىڭدىن نىمىلەرنى كۈتمەكتە؟ خەنزو ئوقۇغۇچىلاردا باربولغان 2 كۆز مەندە بار، 2 قۇلاق مەندە بار، ئېغىز مەندە بار،،، ئاللاماڭا بەرگەن كاللا بار،، دىگەن سۇئاللارنى ئۆزەمگە قويدۇم..... شۇنىڭ بىلەن بەلنى باغلاپ تىرىشىپ ئۆگەندىم،،،،،،،،،

   بەلنى قويۇۋېتىشنى ئۆزەمگە نومۇس دەپ ھىسابلىدىم،،،،، كۈنلەر شۇنداق تىز ئۆتمەكتە،،، ئۆگىنىش داۋاملاشماقتا ئىدى... بىزدىن ئالىي ماتىماتىكا چارەكلىك ئىمتىھانى ئېلىندى،، ئۆزەممۇ ئىشەنمەيلا قالدىم،، سىنىپتا ئارانلا 5 بالائۆتكەنىدى،، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار ئىدىم،،ئوقۇتقۇچۇم مەندىن ئاتاڭ بىلەن ئاناڭ ئىككىسىلا ئۇيغۇرمۇ دەپ سورىدى،،، ئۇ بەلكىم مېنى ئارلاشما قان دەپ ئويلاپ قالغان چېغى،،، مەن ئەلۋەتتە مېنىڭ ئاتا-ئانام ئۇيغۇر،ئۇلار شىنجاڭدا دەپ جاۋاب بەردىم،،،، شۇنىڭ بىلەن مەندىكى ئىشەنچ، مەندىك ىروھ تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى،،، مەن ئۇيغۇلارنىڭ دۆت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، تېخىمۇ قايناق ئۆگىنىش باسقۇچىغا كىرىپ كەتتىم....
بىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىتبار قىلىپ، 20 نومۇر قېتىپ بېرەتتى،، لېكىن مەن بۇنى بىزگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ چۇشىنەتتىم..

بىرىنچى مەۋسۇم ئاخىرلاشتى،،،ھەممە پەنلەردىن 20 نومۇر قېتىپ بەرمىسىمۇ لايەقەتلىك ھالدا ئۆتتۈم.... ھەمدە ئومومى نومۇردا بىرىنچىلىكنى ئالدىم،،،،فاكولتىتتاخېلى نامىم چىقىپ قالدى.....

    مەن ئۇقۇۋاتقان يەر شەرقتە، يۇرتۇم غەربتە بولغاچ قىشلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتمىدىم،،، بۇ چاغدا چاغانغا بىرھەپتە قالغانىدى.. كورلىلىق ساۋاقدىشىم بىلەن بىرلىشىپ قۇرۇق ئۈزۈم سېتىش قارارىغا كەلدۇق،، شۇنداق قىلىپ 1 ھەپتە قۇرۇق ئۈزۈم ساتتۇق،، مەن جىق ساتتىم، سەن ئاز ساتتىڭ دىمەي، ھەممە پۇللارنى توپلاپ، ئانا پۇلىنى بېرىۋەتكەندىن كېيىن، قولىمىزدا 3000 يۈەن قالغانىدى،،،، بۇ پۇلنى 1500يۈەندىن بۆلۈشتۇق.... 1 ھەپتە ئىچىدە 1500 يۇەن پۇل تېپىش خېلى خوشاللىنارلىق ئىش ئىدى.... قالغان ۋاقىتتا ئارام ئېلىپ بۇ قىشلىق تەتىلمۇئاياقلاشتى،،،،

     يەنە ئۆگىنىش باشلىنىپ كەتتى،،، لېكىن قەتئىي بوشاشمىدىم.. 2 مەۋسۇممۇ تۈگىدى،، دىگىنىمنى قىلالىدىم،، ئاتاممۇئىشەنمەيلا قالدى،،، بىر يىللىق نەتىجەم ھەممىنىڭ ئالدىدا چىققانىدى،،،،شۇنىڭ بىلەن دۆلەت  1- دەرىجىلىك ئۇقۇش مۇكاپات پۇلىغا، مەكتەپ 1-دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتىم... بۇ پۇللار مېنىڭ چىقىمىلىرىمغا يىتەتتى،،، ئانا تىلىم خەنزو تىلى ئەمەس تۇرۇپ، ئانا تىلى ئارقىلىق ئوقۇۋاتقانلار بىلەن رېقابەتلىشىش مەن ئۇچۈن ئاسانغا چۈشمىدى ئەلۋەتتە.... مېنىڭ بۇ نەتىجەم مەكتپكىلا ئەمەس، مەن تۇغۇلغان كىچىك سەھراغىمۇ پۇر كەتتى...

شۇنداق قىلىپ مەندىكى ئىقتىسادى بېسىم يوقالدى.... پۇتۇن زېھنىمنى ئوقۇشقا قاراتتىم.... بۇ يەردە قالغان يىللىقلىرىمنى تەپسلى سۆزلەپ ئولتۇرماي،،، بۇ جەرياندا ئېرىشكەن نەتىجىلىرىم:
ئۇدا 4 يىل مەكتەپ بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتى،
دۆلەت 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتى،
 جوڭلىيەن يىمەكلىك شىركىتى مۇكاپاتى،
 ئۆمۈر سۇغىرتىسى 1 -دەرىجىلىك مۇكاپاتى،
 3تە ياخشى ئۇقۇغۇچى،
تەتىلىدىكى ئىلغار شەخىس،
 مۇنەۋەر مەكتەپ كادىرى،
 فاكولتىت دەرىجىلىك مۇنەۋەر ئوقۇغۇچى،
     دالىيەن شەھەرلىك مۇنەۋەر مەكتەپ پۇتتۈرگۈچى بولۇپ ئالى مەكتەپ ھاياتىمنى تاماملىدىم... بۇ جەرياندا سىنىپنىڭ تەنتەربىيە ھەيئىتى خىزمىتىنى ئىشلىدىم... 2 قېتىم خەلىقئارالىق مارازون ئۇزۇنغا يۇگۈرەش مۇسابىقىلىرىگەقاتناشتىم....
شۇنداقلا مەكتەپ رەھبەلىكىدىنمۇ مەمنۇن بولدۇم،، مېنى شىنجاڭلىق دىمەي، نەتىجەمگە يارىشا ئىلىشقا تىگىشلىك مۇكاپاتنىڭ ھەممىسىنى بەردى....

يەنە بىر ئېغىزغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى:
مەكتەپنىڭ4-يىللىقىدا پاراكتىكا قىلىشقا توغرا كەلدى،، مەكتەپ ئويۇشتۇرغان خىزمەتكەئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتىم،، بىر قانچە شىركەتلەر ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى،،، ئاخىرى بىر تەيۋەنلىكنىڭ شىركىتىدە ئىشلەش قارارىغا كەلدىم..ئۇلارنىڭ پاراكتىكا پۇلى ئارانلا 500 يۈەن ئىدى،،، لېكىن تەيۋەنلىك باشلىقىم ماڭا 900 يۈەن بېرىدىغانلىقىنى، ھەتتا تەكلىپىم بويىچە تاماق ئېتىپ يەيدىغان ئاشخانىمۇ ئاجرىتىپ بەردى،، شۇنداق قىلىپ باشقا خەنزوبالىلار 500 يۈەن ئالسا، مەن 900 يۈەن ئېلىپ ئىشلىدىم... بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە پۇل ئەمەس ئىدى... بۇ مېنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىم ئىدى..ھېلىمۇياخشى تاماق قىلىشنى ئۆگىنىۋاپتىكەنمەن، 3 ئاي تاماق قىلىپ يىدىم. لېكىن مەكتەپ پۈتكەندە بۇ شىركەتتە ئىشلىگۈم كەلمەي قالدى،،، چۈنكى ئىمانىم كۆتەرمەيدىغان، بەزىدە ھارام نەرسىلەرنى ئىشلىتىدىغان بۇ شىركەتتىن ئايرىلىش قارارىغا كەلدىم...... لېكىن بۇ باشلىقىم ماڭا قاچان قايتىپ بارسام ئالىدىغان قىلىپ خىزمەت توختامى بەردى،،،،

 بۇرۇن مىللىي ېزىقتا ئۇقۇغانلىقىم ئۈچۈن، ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىپ باقمىغان ئىدىم...تەييارلىقتا خەنزوچە ئۆگىنىش بىلەن ئاۋارە بولۇپ، نەدىكى ۋاقىت ئىگىلىزتىلىغا،،،،،، شۇ دالىيەنگە كەلگەندىن كېيىن ئىنگىلىز تىلىنى بوشاشماي ئۆگەندىم، مەلۇم دەرىجىدە ئىنگىلىز تىلى ئاساسىمنى تىكلىدىم....

شۇنىڭ بىلەن 4 يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتى تاماملاندى،،، ئاتا-ئانامغا تايانماي ئوقۇپ كېتەلىگەنلىكىم ئۇچۇن ئۆزەمنى بەخىتلىك ھىس قىلدىم.... ئەمدى قانداقبىر قىسمەتلەر مېنى كۈتۈپ تۇرار؟ نەدىن خىزمەت تاپارمەن دىگەن ئوي بىلەن باشقا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاشلا خىزمەت ئىزدەش ئىستىكىگەپاتتىم.... تەتىلدە ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.. مەمورىلىققا ئىمتىغان بېرىش ئويۇم بولسىمۇ، لېكىن بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ خىيالىمدىن ۋازكەچتىم...... پۇللۇق خىزمەت تېپىش ئويى بىلەن ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ،شېنجىنغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.....

مالايىسىياغا چىقىش


      بەزى ئادەملەر بىر كىشىنىڭ پۇتۇن ھاياتىنى ئۆزگەرتىۋىتىشكە سەۋەب بولىدىكەن،مەن بىر ئۇيغۇر ئاكاش بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم،، ئۇنەتىجىلىرىمنى كۆرگەندىن كېيىن، مېنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىمنى كۆردى بولغاي، ماڭا يەنە داۋاملىق ئوقۇش تەكلىپىنى بەردى،،، لېكىن ۋەتەندە ئەمەس، چەتئەلدە،،، ( ھېلىمۇ ياخشى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا پاسپورت ئېلىپ قويۇپتىكەندۇكمەن).... ئۇ ئاكاش ماڭا بىرەر دۆلەتكە ئىلتىماس قىلىپ قويۇپ ۋاقتىنچە ئىشلەپ تۇرۇشۇمنى ئېيتتى،،،، شۇنىڭ بىلەن تور بەت ئاختۇرۇپ مالايسىيا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىقىغا ئىلتىماس قىلدىم... شۇنىڭ بىلەن بىرگە شېنجېندا ۋاقىتلىق خىزمەت تېپىپ ئىشلەپ يۈردۇم،،، 3 ئاي بولغاندا ئۇ مەكتەپنىڭ رەت قىلىۋەتكەن ئۇختۇرىشىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم... سەۋەبى مېنىڭ ياسى نەتىجەم يوق ئىدى،،، ماڭا بۇ زەربە تۇيۇلدى،،، ئاشۇ ۋاقىتتىكى ئىنگىلىز تىلى سەۋىيەم بىلەن ياسى بېرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.... قانداق قىلىشىم كېرەك؟؟؟
    ئاشۇيەردە ئىنگىلىز تىلى ئوقۇپ تۇرۇپ، ئاندىن ماگىستىرلىققا ئىلتىماس قېلىش تەكلىپى بېرىلدى،،، شۇنداق قىلىپ مالايسىيادىكى ئۆزۇممۇ تونۇمايدىغان بىرئادەمگە 3000 يۈەن ئەۋەتىپ بېرىپ ، بىرەر تىل مەكتىپىنىڭ ۋىزىسىنى ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئۆتۈندۇم.... شۇنداق قىلىپ بارلىق ماتىرياللىرىمنى ئەۋەتىپ بەردىم،، لېكىن ئۇنى بۇنى دەپ 3 ئاي كەينىگە سۈرىۋەتتى... بۇ جەريانداچالا - پۇچۇق تەرجىمانلىق قىلىپ يۈردۇم... 3-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا مەن كۈتىۋاتقان بۇ نەرسە - ۋىزا كەلدى،،،، ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ دىگەندەك بىرئەرەبكە تەرجىمانلىق قىلىپ بەرسەم 1000 دوللار بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى،،،،لېكىن مەن ۋىزىنى 6 ئايدىن كۆپرەك ساقلىدىم، پۇل دىگەننى يەنە تېپىۋالغىلى بولىدۇ دەپ مالايسىياغا ئوقۇشقا مېڭىشقا تەييارلىق قىلدىم، يۇرتقمۇ قايتىشقا پۇرسەت بولمىدى، ئاتام ئايرۇپىلان پۇلىنى بولسىمۇ ئەۋەتىپ بېرەي دەپ ئەۋەتىپ بەردى،،،، شۇنداق قىلىپ ئاتا-ئانامدىن، ئۇرۇق -تۇققانلىرىمدىن ئايرىلىپ 2006-يىلى 3 -ئاينىڭ 21 -كۈنى مۇساپىرلىق ھاياتىنى باشلىدىم.....

     ئاسمىنىدىن رەڭلىڭ قار ياغامدىكىن،كوچىلىرى ئالتۇن بىلەن بېزەلگەنمىكىن، ئاجايىپ - غارابىياتلارنى ئويلاپ ئاشۇ كۈنى كېچىدە مالايسىيا زېمىنىغا دەسسىدىم.....ھېلىقى چاقىرىق ئەۋەتىپ بەرگەن ئاكاش مېنى كۈتىۋالدى،، ئۇنىڭدىن باشقا ھىچكىمنى تونۇمايتتىم.... 

ئوخشاش ئادەملەر. ئوخشاش كوچىلار. ئوخشاش بىنالار، ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان دەل- دەرخلار،،،،، پەقەت ئوخشىمايدىغىنى ياغلىق چەككەن مۇسۇلمانلار كوپرەك ئۇچرايتتى....

     بۇ ئاكاش ماشىنىسىنى ھەيدەپ نەلەرگە ئاپاردىكىن،بىر بىنانىڭ ئالدىدا توختاتتى،، ئۇكام، كەلدۇق، مۇشۇ بىنادىن ئۆي تاپتىم..دىگىنى مېنى خىيالدىن ئويغاتتى...... چامدانلىرىنى كۆتۈرۇپ بۇ ئاكاش تاپقان ئۆيگە كەلدىم... ئىشىك ئېچىلدى، ھەيران قالدىم، بىر توپ پاكىستانلىق بالىلار ئاشۇ كارىدوردىلا ياتاتتى.. (مالايسىيا بىنالىرىنىڭ كارىدورى چوڭراق، ئۆيلىرى كىچىكرەك كېلىدۇ) .....ئارىدىن بىر بالا مېنى مۇشۇ ئۆيدە تۇرىسەن دەپ كۆرسەتتى،،،، لېكىن مېنىڭ بۇ جىق ئادەملەر ئارىسىدا تۇرۇش مۇمكىن ئەمەستە......
     مەن بۇ ئۆيدەتۇرمايدىغانلىقىمنى دېدىم... ئۇنىڭ ئۆي تېپىش تەس دىگىنىگە ئۇنىماي،ئەتىسى ئەتتىگەندە بۇ ئۆيدىن ئايرىلدۇق....مەكتەپكە كىرمەي تۇرۇپلا مەكتەپ ئەتىراپىدىن ئۆي ئىزلىدۇق... مەن بىر گۈللۈك دەرخنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، مۇشۇجايدىن چىقىپ قالسا بەك ياخشى بولاتتى دىسەم، ئۇ ئاكاش مۇمكىن ئەمەس دەپلا كېسىپ ئېيتىۋەتتى... خېلى ئۇزاق ئىزدۇدۇق... بىر ياخشى نىيەتلىك ئادەم (7/11) دەيدىغان دۇكانغا كىرسەڭلار ئۇ يەردە ئۆينىڭ ئېلانلىرى باردەپ ئېيتىپ بەردى،،، شۇنىڭ بىلەن بىر ئىلان تاختىسىدىكى نومۇرغا تىلفۇن بەردۇق،،، ئۇ ئاشۇ دۇكاندا ساقلاپ تۇرۇشىمىزنى، بىردەمدىن كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى،،، بىر دەمدىن كېيىن بىر مالايسىيالىق خەنزو ئالدىمىزدا پەيدابولدى ۋە ئۆيىگە باشلاپ ئاپاردى،، بۇ ئۆي دەل مەن ئۇيلاۋاتقان گۈللۈك دەرخنىڭ قېشىدا ئىدى،،،،،، ئېيىغا 300 رىڭگىت (600 خەلىق پۇلى ئەتىراپىدا)بېرىدىغان بولۇپ بۇ ئۆيگە كۆچۈپ كىردىم......
ئۆيگە ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن مېنى مەكتەپكە باشلاپ ئاپاردى،،، بۇ سېنىڭ مەكتىپىڭ دېدى...... نىمە؟ كۆزۇمگە ئىشەنمەيلا قالدىم... ئالداندىممۇ نىمە؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

    ئالدىمدا پەقەت بىرلا بىنا،، ئاستىنقى قەۋىتى تاللا بازىرى ئىدى... پەقەت 2-3 قەۋەتلا ئوقۇتۇش رايونى ئىدى...تەسەۋۇرۇمدىكى مەكتەپ بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرقلىنەتتى.... ئۇ ئاكاش مېنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپلا، كېتىپ قالدى..( خەقنىڭ يامان گېپىنى قىلغۇم يوق).... بۇنى بىر مەكتەپ دەپ ئىقرار قىلغۇم كەلمەيتتى،،، پەقەت بىر تۆۋەن دەرىجىدىكى تىل تەربىيلەش مەركىزى ئىدى.... ئۈرۈمچىدىكى تىل تەربىلەش مەركەزلىرى بۇنىڭدىن كۆپ ياخشى،،،،، ئامال قانچە چىداش كېرەك،،،،،،،، بىر قانچە كۈنلەر تىت-تىت بولۇپ ئۆتتۈم... مەن تاماق يىيىش ئۈچۈن ھىندىيانلارنىڭ (ئەلۋەتتە مۇسۇلمانچە) ئاشخانىسىغا كىردىم،،، بىرۋاق تامىقىم 30 يۈەن ئەتىراپىدا چىقىپ كەتتى..... بۇ ئىش بولمىدى دەپ باشقىلاردىن سوراپ يۈرۈپ ئاشخانا سايمانلىرى ساتىدىغان دۇكانغا بېرىپ كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالدىم... ئاللاغا شۈكرى، تاماق ئېتىشنى خېلى ياخشى بىلىدىكەنمەن،،،، تاماق ئېتىشنى باشلىۋەتتىم،،،،،

     لېكىن چىۋىن يەۋەلغاندەك بولۇپ، بۇ مەكتەپتىن رازى ئەمەس ئىدىم..... ئوقۇش پۇللىرىنى تۆلەپ بولدۇم ئەمەسمۇ،،، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋىزا ئالماشتۇرۇشمۇ ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى... سەبىر، سەبىر قىلىش كېرەك........ بىر كۈنى بىر قانچە ئۆزبەك بالىلارنى ئۇچراتتىم... ئۇلاردىن بىر ئۇيغۇر(ھەي، ئۇيغۇر دەپ سوقىدىغان يۈرەك)  بالىنىڭ تىلفۇن نومۇرىنى بىلىشكە مۇيەسسەربولدۇم... ئۇ بالىغا تىلفۇن بەرسەم قوش مۇنارغا كېلىشىمنى ئېيتتى،،، مەن ئۇ يەرگە بېرىپ ئۇ بالا بىلەن كۆرۈشتۈم، راستىنى دىسەم ئۇ بىناغا تۇنجى قېتىم بېرىشىم ئىدى... ئۇ بالا مېنى بىر قانچە مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىردى،،،ئۇ مەكتەپلارمۇ ئوخشاشلا (British Counsel, ELS) كىچىك بىنالاردىلا ئىدى،،، مەن تېخى مېنىڭ مەكتىپىملا شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن..

 كۆڭلۈم بىر ئاز ئارەم تاپتى.... ئەسلىدە ھەممە تىل تەربىيلەش مەركەزلىرى كىچىكلا بىنالار ئىكەن ئەمەسمۇ؟؟؟

     يەنەبىر ئىش مېنىڭ كۆڭلۈمنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلدى،، بىر كۈنى دەرستىن چۈشۈپ قايتىۋېتىپبىر ۋېۋىسكىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى،،، Cosmopoint College دەپ يېزىغان ئىدى... بۇ مەكتەپنى ئاڭلىغاندەكلا،،،، توختاپ تۇر،، كىرىپ باقاي، ئۇيغۇر بالىلار بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ بۇ مەكتەپكە كىردىم،، بىرئوقۇتقۇچىدىن سوراپ يۈرۈپ بۇ مەكتەپنىڭ 5-قەۋىتىگە چىقىپ ئىنگىلىز تىلى ئوقۇۋاتقان سىنىپنىڭ ئالدىغا كەلدىم... راس دىگەندەك 2 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بۇسىنىپتا ئولتۇراتتى،،، بىرى مېنى كۆرۈپ سىرتىغا چىقتى،، مەن ئۇ بالىنىڭ خوتەنلىك ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇم.. لېكىن بىر ئاز ئۆزلىرىنى قاچۇرغاندەك قىلدى،،، لېكىن تىلفۇن نومۇرلىرىمىزنى يېزىشىۋېلىپ خوشلاشتۇق....

      بىرقانچە كۈندىن كېيىن بۇ بالا ماڭا تىلفۇن قىلدى،، ( كېيىن دەپ بېرىشىچەمېنى تونۇيدىغان بىر ئاكاش،، شېنجىندا كۆرۈشكەن،، مېنىڭ ياخشى گېپىمنى قىلىپ بېرىپتۇ)... مەن ئاشۇ ئەتراپتىن ئۆي ئىزدەيتتىم دېدى،،، لېكىن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە قىلغان ئازراق ھۆرمەتسىزلىكىدىن خىجىل بولدى بولغاي،،سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرسام دىيەلمىدى،،، مەن بىۋاستىلا مېنىڭ ئۆيۈممۇ خېلى چوڭ،، مەن بىلەن بىللە تۇرغىن دىسەم ئەتىسىلا كۆچۈپ كەلدى،،،

   مەن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۇپ چىققانلىقىم ئۈچۈن خېلى جىق ئىشلارنى كۆرگەندە،،،،،بۇ بالىغا باشقا بالدۇر چىققان بالىلار جىق پۇل خەجلەتكۈزۈپتۇ،،،، بىلىپ بىلمەي بىر مۇنچە پۇللىرى ئازراق ۋاقىتتىلا خەجلىنىپ بوپتۇ...
   ئىككىمىز تەڭ تاماق ئېتىپ يىدۇق، تەڭ تەكرار قىلدۇردۇم.. ئەتىسى ئەتتىگەن نامازدىن كېيىن بىللە ئىنگىلىز تىلى يادلىدۇق،، لېكىن بۇ كۈنلەرمۇ ئۇزاققا بارمىدى....


   ئۆي ئىگىسى تاماق ئەتمەيسەن ئۆيدە دەپ تۇرىۋالدى،،، لېكىن مەن بۇ شەرتكە قوشۇلالمايتتىم، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۆيدىن ئايرىلىشقا توغرا كەلدى... راستىنى ئېيتسام ئۇيغۇر بالىلار بىلەن تۇرىۋەرسەم، ئىگىلىز تىلى سەۋىيەمنىڭ تىز ئۆسمەيدىغانلىقىدىنمۇ ئەنسىرىدىم.. 
    يەنە ئۆي ئىزدەپ، 50ياشلاردىن ھالقىغان بىر ئىرانلىق بىلەن تۇرۇشقا توغرا كەلدى ، بۇ ئادەم ئىنگىلىز تىلى ئەدەبىياتى ئوقۇغان، ئىنگىلىز تىلى سەۋىيەسى يوقۇرى ئادەم ئىكەن... بىر نەچچە ھەپتىلەر ئۆتتى... ئۆگىنىشىم ئىلگىرى باسمايۋاتقاندەك بىلىنىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۆيۈمنىڭ ئايلىق ئىجارىسىمۇ خېلى قىممەت ئىدى..يانچۇق يۇپقىراشقا باشلىدى......

    مەن چوقۇم 6 ئاي ئىچىدە ياسىدىن6 نومۇر ئېلىپ قىسقا مۇددەت ئىچىدە بىرەر نۇقتىلىق ئالى مەكتەپكە كىرىش ئىدى.... مەن چوقۇم تىزلىكتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىم، يانچۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىم كېرەك ئىدى.....

    بۇ ئىرانلىقمۇ دائىم ئۆگىنىش قىلىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ بۇنداق ئۆگىنىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، چوقۇم جەمىيەتتىنمۇ مۇۋاپىق ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى دەپ تولا ئىچىمنى پۇشۇرۋەتتى... ھەمدە مېنىڭ ئەھۋالىمنى ياخشى بىلگەچكە خىزمەت تېپىپ ئىشلىگىن دەپ تۇرۇۋالدى،،، كەلگىلى 1 ئاي بولا بولمايلا، نەدىن خىزمەت تاپارمەن؟؟؟ ماڭا ئۆگىنىشمۇ مۇھىم ھەمدە يانچۇقمۇ مۇھىم ئىدى.... ھەي تۇرمۇش،،،،،، مېنى نەلەرگە تاشلارسەن؟؟؟؟؟

    مەن ئۆينىڭ يېنىدىك ىبىر مېھمانخانىغا كىرىپ سوراپ باقماقچى بولدۇم،،، قىزىق يىرى مېھمانخانىڭ خىزمەت سورايدىغان يېرىگە باردىم دەپ، خەلىقئارا سودا ئالماشتۇرۇش مەركىزىگە بېرىپ قاپتىمەن...قاراۋۇل ماڭا بىر تىلفۇن نومۇرىنى بەردى،،،دەرھاللا تىلفۇن قىلدىم... ناھايىتى تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن خەنزوچە،ئىنگىلىزچە، ئۆزبەكچە، ( ئۇيغۇرچە دىسەم ئۇلار قانداق تىل ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيتتى)،  ئازراق تۈركچە بىلىدىغانلىقىمنى پەش قىلدىم... بۇ مېنىڭ مالايسىيادىكى تۇنجى قېتىم خىزمەت ئىزدىشىم بولغاچقا، نىمە دىيىشىمنىمۇ بىلمەي قالدىم،، لېكىن بۇ ئاقكۆڭۈل ئادەم جىق گەپ قىلمايلاجۈمە كۈنى كېلىشىمنى ئېيتتى... ئاللاغا شۈكرى........

     لېكىن يەنىمۇ ئىزدەپ بېقىش ئويىغا كېلىپ، باشقا يەرلەردىن ئىزدەپ باقسام، چەتئەللىكلەرنى ئالمايمىز دەپ تۇرىۋالدى...... خەپ جۈمە كۈنىمۇ كېلەر؟؟؟ مېنى ئالارمۇدىگەن خىياللار ئىچىدە جۈمەنى كۈتىۋالدىم.... جۈمەدىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا باردىم... پاكارلا كەلگەن چىرايىدىن مۇلايىملىقى چىقىپ تۇرىدىغان بىر ئادەم ئىدى... ئۇ ماڭا جەدۋەل توشقۇزۇشۇمنى ئېيتتى،،، مەن نىمە خىزمەت دەپ ئۇلتۇرمايلا بىردەمدە تۇشقۇزۇپ بولدۇم،،، سائەتىگە جوڭگو پۇلىدا 10يۇەن بېرىدىغانلىقىنى، ئىشنىڭ دائىم يوقلىقىنى، بۇ يەردە ئىشلەيدىغان تۇنجى چەتئەللىك ئىكەنلىكىمنى ئېيتتى... مېنىڭ قايتىشىمنى ، ئىش بولسا تىلفۇن قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى،،، رەھمەتلەر ئېيتىپ مەن خوشلاشتىم........

    ئەمدى ئۆگىنىشچۇ؟؟؟ بۇ ئەڭ مۇھىمى،،،،،، مەن ئەنگىلىيەئەلچىخانىسىنىڭ ئوقۇتىشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم.... مەن بېرىپ كۆرۈپ بېقىش مەقسىتىدە، بۇ مەكتەپكە باردىم،،، سوراپ يۈرۈپ 120 يۈەن تۆلىسەم، 6 ئايلىق ئەزا بولالايدىكەنمەن،،، كىتاب ۋە دىسكىلارنى خالىغانچەئېلىپ كېتىپ، 2 ھەپتە ئارىيەتكە ئالالايدىكەنمەن،،كىتابخانىسىغا خالىغانداكېلىپ ئۆگىنىش قىلالايدىكەنمەن،،لېكىن پۇل تۆلەپ ئوقۇسام، بۇ مەكتەپنىڭ 2ھەپتىلىك پۇلى 1500 يۈەن ئىدى،،لېكىن ئەزالىق كىنىشكىسىدىن خۇددى ئالىمب ولۇپ كېتىدىغاندەك خوشال بولدۇم....

    زېرىكشلىك كۈنلەرمۇئاخىرلىشىقا باشلىدى،،،، چۈشتىن بۇرۇن ئۆزەمنىڭ ئەبگا مەكتىپىگە بارسام (توزكورلۇق بولمىسۇن)،، دەرستىن چۈشۈپلا ئەنگىلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ مەكتىپىگە بېرىپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردۇم... ئاللا خالىسا، ياسىدىن 6 ئاي ئىچىدە 6 ئېلىشنى ئۆزەمگە نىشان قىلدىم،،، ئەگەر ئالالمىسام باشقانۇقتىلىق مەكتەپلەرگە كىرگىلى بولمايتتى......

    ھېلىقى مېھمانخانىدىن تىلفۇن كېلىپ ئىش بارلىقىنى ئېيتتى،،،،، ئەلھەمدۇلىللا،،،مەن ئىشلەيدىغان بولدۇم دەپ، ئەتىسى ئەتتىگەندە ئىشلەش ئۈچۈن باردىم،،،، (شەنبە ئىدى،،، ئەزەلدىن دەرس تاشلىمايتتم)،،، راستىنى ئېيتسام نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم،،،،، بىزگە ئەتتىگەنلىك يىغىن ئېچىلپ بولغاندىن كېيىن، ھېلىقى باشلىق ئۇنىڭ بىلەن بىر گۇرۇپپا بولۇپ ئېشلەيدىغانلىقىمنى ئېيتتى.... ئەمدى بىلسەم، بۇ راستىنلا خەلىقئارالىق سودا ئالماشتۇرۇش مەركىزى ئىكەن... ئەمما مەن خىزمەت قىلىدىغان بۆلۈم مۇشۇ يەرمەنكىلىلەرگە كېلىدىغان يەرمەنكىچىلەرگە خىزمەت قىلىدىغان بۆلۈم ئىكەن..،ئەتتىگەنلىك، چۈشلۈك، كەچلىك  تاماق بېرىدىغان،  ھۆكۆمـەت يىغىنلىرىغا ، مەكتەپ يىغىنلىرىغا، سودا يىغىنلىرىغا زىياپەت تەييارلايدىغان چوڭ تىپتىكى بىر سودا ئالماشتۇرۇش مەركىزى ئىدى... پۇتراسودا ئالماشتۇرۇش مەركىزى(Putra World Trade Centre )دىسە بىلمەيدىغان ئادەم يوق ئىدى..
     مېنى ئالدىدا كەلگەنلەرگە قەھۋە، چاي قۇيۇپ بېرىش ئىشلىرىنى بەردى... خىزمەتنى پەس دىمەي، ئۇغۇل بالا بولغاندىكىن دەپ،راسچىللىق، ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەپ بەردىم... بارا-بارا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى تۇردۇم،،، بىرەر قېتىممۇ خىزمەتكە كېچىكىپ باقمىدىم...

     بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن باشلىقىم كەچتەزىياپەت بارقارىشىپ بەرگىن دېدى... بولىدۇ دەپ كېلىپ قالدىم... ئۇ كۈنى مالايسىيالىق خەنزولارنىڭ زىياپىتى ئىدى... باشلىقلار خىزمەتلەرنى بۆلدى،قېرىشقاندەك ماڭا ھاراق قۇيۇپ بېرىدىغان خىزمەت كېلىپ قالدى... ئاچ قالسام رازىمەنكى بۇ ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن دە ئەلۋەتتە..... (ئىشلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك مۇسۇلمان )... مەن دەرھاللا بۇ ئىشنى قىلمايدىغانلىقىنى، قايتىپ كېتىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم،،،، باشلىقىم مەندەك بىر جوڭگولق مۇسۇلماندىن تەسىرلەندى بولغاي،، مېنى 2- قېتىم مۇنداق ئىشلارغا بۇيرىمىدى،،،،،، قەتئىي ھورونلۇق قىلمىدىم،، نەچچە ئادەم قىلىدىغان ئىشنى قىلدىم.... بۇ بۆلۈمنىڭ ئەڭ چوڭ باشلىقىمۇ مەندىن بەك رازى ئىدى... ئۇنىڭ چەتئەللىك مۇشۇنداق بولسا قانچىلىك بولسا ئىشلەتسەك مەيلىتى دىگەن گېپىنى ئاڭلاپ قالدىم.....

    باشلىقىم يېققىندا چوڭ يىغىن بارلىقىنى خېلى كۆپ ئادەم ئىشلىتىدىغانلىقىنى ، دوستلىرىم بولسا  تىزىمغا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى،ئۆزەم تونويدىغان ئۇيغۇر بالىلارغاخەۋەر قىلىپ قويدۇم، كۈندە 100 يۈەن ئەتىراپىدا پۇل تېپىش كىمگە خوشياقمايدۇ،، بەزىدە 150 يۈەنمۇ بولۇپ قالاتتى...شۇنداق قىلىپ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر بالىلارنى تونۇشتۇرۇپ قويدۇم،،،،ئۇلارمۇ يانچۇق يۇپقىراپ قالغانداتوختىماي كېلىپ ئىشلىدى....

    كۈنلەرئۆتۈرۋەردى... ئەلۋەتتە مېنىڭ ئوقۇشۇممۇ بىر چەتتە قالمىدى...خىزمەت بىلەن بولۇپ كېتىپ ئوقۇشنى تاشلىغىنىم يوق....... ئاتا-ئانامنى ئەنسىرەپ قالمىسۇن، مېنى بەك مۇساپىرچىلىق تارتىپ كەتتى دەپ ئويلىمىسىۇن دەپ، ئۇلارغا بىر خەلىقئارا سودا مەركىزىدە ياردەمچى بولۇپ ئىشلەۋاتقىنىمنى،كۈنىگە 100-150 يۈەنگىچە پۇل تېپىۋاتقىنىمنىلا دەپ قويدۇم.....

باشلىقىم يەرلىك بالىلارنى تىزىملىمىسىمۇ مېنى دائىم دىگۈدەك ئىشلەيمەن دىگەن چېغىمدا تىزىملاپ تۇردى،،،، نەچچە ئايلار بولغاندا مۇنداق بىر ئىش يۈزبەردى...

    خېلى جىق ئۇيغۇر بالىلار كېلىپ ئىشلىگىلى تۇردى،،، بەزى بالىلار قانداق كىرىپ تىزىملىتىشنى بىلمىگەچكە،، مەن بېكەتلەردە ئۇلارنى ساقلاپ تۇرۇپ تەڭ بىللە كىرەتتۇق،،، بىر كۈنى بىر قانچە بالىلار كېچىكىپ قالدى،،، ئۇلارنى ساقلاپمەن كېچىكىپ كېلىپ تەڭ دىگۈدەك كىردۇق،باشقابالىلار ئەتتىگەنلىك يىغىنغا ئاللىقاچان يىغىلىپ بولغانىدى... ھېلىقى چوڭباشلىق (مېنىڭ ھېلىقى ياخشى باشلىقىم ئەمەس) بىزنى كۆرۈپلا كايىپ كەتتى،بىلىپ تۇرۇپتىمەن، بۇ گەپلەر بىز ئۇيغۇر بالىلارغا قارالماقتا ئىدى،،، نىمىشقا كېچىكىشتىڭ؟ ئەگەر ئىشلىگۈڭ بولمىسا قايسى ئىشىكتىن كىرگەن بولساڭ، ئاشۇ ئىشىكتىن چىقىپ كېتش دېدى... بۇ گەپنى غورورۇم كۆتۈرەلمىدى،،، نۇرغۇن كۆزلەر بىزگە تىكىلمەكتە ئىدى،مەن ئاچچىقىمدا :سەن خالىغانچە ۋاقىرايدىغان  بىز ھايۋان ئەمەس، بىزمۇ ئوخشاشلا ئادەم دېدىم - دە، خىزمەت چاپىنىنى تاشلاپ، چىقىپ كەتتىم..... باشقىلارقارىشىپلا قالدى....

    مەن بىلەتتىم.. ماڭا ھېلىقى ياخشى باشلىقىم تىلفۇن قىلىدىغانلىقىنى ..... بىز ئازدىن كېيىن تىلفۇن جىرىڭلىدى،،،، بۇ ھېلىقى باشلىقىم ئىدى.... ئىسمىمنى ئاتاپ تۇتۇپ،، نەدە ھازىر ؟يېنىمغاكەلگىن- دەپ تىلفۇننى قويىۋەتتى.....  مەن بارغىنىمدا ئۇ باشلىق ماڭا:سېنىڭ ئۆرتىنىۋاتقىنىڭنى بىلىپ تۇرىۋاتىمەن... ئامال قانچە؟ ئۇ بىزگىمۇۋاقىرايدۇ... مىجەزى شۇنداق، سېنىڭ قانداق ئىكەنلىكىڭنى ئوبدان بىلىمەن، زىيادە گەپ قىلماي ئىشلەۋەر دېدى..  ماڭا بىر باشلىقنىڭ مۇنداق دىيىشى ئاسان ئەمەستە...... بۇ يەردە ئىشلەش يەنە داۋاملاشتى....

ئ      ايلارئۆتتى..... ئوقۇش ۋە ئىشلەش تەڭ داۋاملاشماقتا..... مۇنداق بىر ئىش مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەنلىكىمنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى:
بۇقېتىملىق زىياپەت ھۆكۆمەت ئورگىنىنىڭ زىياپىتى ئىدى. زۇڭتۇڭلارمۇكېلەتتى،مېنى زۇڭتۇڭلار ئورۇن ئالىدىغان يەردىن ئىش بۆلۈپ بەردى..مېنىڭ  ئالى مېھمانلارغا كۈتكۈچىلىك قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتتى. بۇ يەردەئازراق ئىش چىقسىلا چوڭ چاتاق چىقاتتى، لېكىن ماڭا باشلىقلار ئىشەندى، كەچ بولغاندا زۇڭتۇڭلار ۋە نۇرغۇن ئالى دەرىجىلىك مېھمانلار كەلدى، مەن شۇلارغا ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا كۈتكۈچىلىك قىلدىم.. ماناكۈتكۈچىلىكنىڭ يوقىرى پەللىسى ئىدى...

    ئوقۇشۇمدىن ئېغىز ئاچاي ئەمدى بۇ يەرگە كۈتكۈچىلىك قىلغىلى چىقمىدىم ئەلۋەتتە...مالايسىيادا ئوقۇش
يوقىرىدا  دەپ ئۆتكەندەك 2 مەكتەپكە قاتراپ يۈردۇم،،،،، بوش ۋاقىتلىرىمدا كىنوكۆرۈپ، گىزىت ئوقۇپ يۈردۈم... بوش ۋاقىت مېنى ئازابلاتتى... بوش ۋاقىت مېنى ئائىلەمنى سېغىندۇراتتى،،، يۇرتۇمنى سېغىندۇراتتى،،، ئۇرۇق-تۇققان،دوست-بۇرادەرلەرنى سېغىندۇراتتى..... يوقال بوش ۋاقىت!!! 

ئۇقۇپ يۈرۈپ بۇ يەردىكى 2 داڭلىق مەكتەپكە ( ھۆكۆمىتىمىز ئىتراب قىلغان)سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىقىغا ئىلتىماس قىلدىم... بۇ ۋاقىتتايەنىلا ياسى نەتىجە يوق ئىدى، مەن ئوقۇش باشلىغىچە تاپشۇرىمەن دەپ ۋەدىنامە يېزىپ بېرىپ چاقىرىق قەغىزىنى كۈتتۇم.... كۈنلەر جىددى ئۆتمەكتە..... ياسىغىمۇ تىزىملىتىپ قويدۇم...... بۇ يەرگە چىقىپ 7 ئاي بولغاندا ياسى ئىمتىھانى بەردىم.... بۇ ۋاقىتلار چاقىرىق قەغىزىنىڭمۇچىقىدىغان ۋاقتى كېلىپ قالغانىدى،،،

     ياسى قەغىزىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەنگىلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ مەكتىپىگە باردىم،،، قانداق باردىم،؟؟ كونۋېرتنى قانداق ئاچتىم بىلمەيمەن...... پەقەت ئەڭ ئاخىرقى كاتەكچىگىلا قارىدىم،،،6.0 دىگەن رەقەم تۇراتتى،،، ئەلھەمدۇلىللا !!!!  مەن دىگىنىمنى قىلالىدىم.... ۋاقتىم بىكارغا كەتمەپتۇ.. قان-تەرىم بىكارغا  كەتمەپتۇ،،،،،،،،،،، ئادىتىم بويىچە جۈمە كۈنى بولغاچقا ئاپامغا تىلفۇن قىلدىم... ئاپام بۇنىڭ قانداق ئىمتىھان ئىكەنلىكىنى بىلمىسىمۇ لېكىن ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكىمنى بىلدى،،،، ئاپام يەنە  نەچچە كۈننىڭ ئالدىدامالايسىيادىن پوچتا كەلگەنلىكىنى لېكىن نىمە ئىكەنكىكىنى بىلەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى، پەمىچە دەل شۇ چاقىرىق قەغىزى ئىدى،،، ۋىسال خوشاللىقىدا بىر دەمدىلا مالايا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدۇم،ئىشخانىدىكى خادىمدىن مېنىڭ ئىلتىماسىمنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سورىدىم ئۇ تەكشۇرەپ بېقىپ، چىققانلىقىنى ۋە جوڭگودىكى ئادرىسىمغا ئەۋەتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى. لېكىن مەن ئۇ چاقىرىقنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بولمىسىمۇ تىزىملىتىپ ئوقۇيالايدىغانلىقىمنى ئېيتتى، رەھمەتلەر ئېيتىپ،ياسى نەتىجەمنى تاپشۇرۋېتپ قايتىپ كەلدىم.......

     قارىمامسىلەر؟!!ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ دىگەندەك، مېنى ئاۋال رەت قىلىۋاتقان مالايسىيادۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتىنىڭمۇ قوبۇل قىلىش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم قايسىسىدا ئوقۇش كېرەك؟ ئۇنىۋېسىت مايالانىڭ تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى، ئۇقۇش سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى ۋە دۇنيادىكى ئالدىنكى 100 نىڭ ئىچىگە كىرگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپبۇ مەكتەپنى تاللىدىم....

      2006 -يىلى 12 -ئايدايەنە مالايسىياغا چىققىلى 9 ئاي بولغاندا مۇكەممەل بىر ئۇنىۋېرسىتنىڭ ئوقۇغىچىسىغا ئايلاندىم...... مېنى يەنە قىسمەتلار كۈتىۋاتىدىكىن؟؟؟؟

     يەنىلائوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىم سوۋۇمىغان ئىدى، بۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ھەقىقى ئوقۇشنىڭ باشلانغانلىقى ھىس قىلدىم. ئوقۇشلارداۋاملاشماقتا  كۈنلەر ئۆتمەكتە،،، 1 -مەۋسۈمنى لاياقەتلىك تۈگەتتىم..ئەمما مەن خوشال ئەمەس ئىدىم... 2 پەن ئارانلا ئۆتۈش سىزىقىدا ئىدى...
لېكىن ھەممە پەنلەردىن لايەقەتلىك بولغان بىردىنبىر جوڭگولۇق ئوقۇغۇچى ئىدىم....خەنزو ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالمايتتى..... ( قىزىق بىر ئىش،،،بىر خەنزو ئوقۇغۇچى دەرسكە كىرسەم ئاق شاپاق كىيىۋاپتۇ.. مەن ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنى ئۇقاتتىم مېنى كۆرۈپلا دەرھال ئېلىۋەتتى مەقسىتى ئۆزىنى مۇسۇلمان كۆرسىتىپ دوكتورلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش ئىدى،،نەدىمۇ ئاقسۇن مۇنداق ساختىلىق )....
     ھەممە پەنلەردە لاياقەتلىك بولغانلىقىم ئۈچۈن مەكتەپ ئوقۇش پۇلىمنى ئازايتىپ بېرىشنى قارار قىلدى.شۇنداق قىلىپ مەكتەپنىڭ 13000 يۈەن ئوقۇش پۇلىمنى ئازايتىۋەتتى. مانابۇ ماڭا بېرىلگەن چوڭ ئىلھام ئىدى. ئوقۇشۇم 2 -5 يىلغىچە پۈتسە بولاتتى،،، 2 يىلدا تۈگىتىش ئۈچۈن بەل باغلىدىم  2-مەۋسۈمدە 5 پەن ( ئەڭ جىق دىگەندە 5 پەن ئالغىلى بولاتتى،، 5 پەن ئالىدىغانلار بەك ئاز)ئالدىم ئۆزەمنى ماختىۋەرمەي.... ئەمما دىمىسەم بولمىغىدەك،، بۇ 5پەننىڭ 4 دە A دەرىجە بولۇپ بۇ مەۋسۈمنى تۈگەتتىم......

      يەنە بىرئامەتنىڭ ماڭا كېلىۋاتقانلىقىنى كېيىن بىلدىم..... ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىر مەسجىددە بىر ئادەم بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. بۇ ئادەم مەندىن قەيەرلىك ئىكەنلىكىمنى، بۇ يەردە نىمە قىلىۋاتقانلىقىمنى سورىدى،، مەن سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردىم  نەدىن بىلەي، بۇ ئادەم مالايسىيا بويىچە 2- دەرىجىلىك شىركەتنىڭ ( بۇ شىركەتنىڭ تارماق شىركەتلىرى شىنجاڭدىمۇ بار) باش شىركىتىنىڭ (General Manager of HumanResources) ئادەم ئېلىش بۆلىمىنىڭ باش دىرىكتورى  ئىكەن... لېكىن بۇكەمتەر ئادەم ئۆزىنى پەقەت شۇ شىركەتتە دەپلا تونۇشتۇردى،، ئەگەر خىزمەت قىلغۇم بولسا قىسقىچە تارىخىمنى ئەۋەتىپ بېرىشىمنى ئېيتتى....... مانا بۇمېنىڭ يەنە بىر مۇۋاپىقىيىتىم ئىدى....

    شۇنىڭ بىلەن ئاددى قىلىپلا مەن قىسقىچە تارىخىمنى ئېلىپ 2007 -يىلى روزى ھېيتنىڭ 3- كۈنى بۇشىركەتكە باردىم بارسام بۇ ئادەم يوق ئىكەن  قىسقىچە تارىخىمنى ئۇنىڭ ياردەمچىسىگە بېرىپ قويۇپلا قايتىپ كەلدىم... ئارىدىن 2 ئايلار ئۆتۈپ كەتتى.... بۇ ئىشىتىن ئۈمۈد يوقكەن دەپ ئۇنتۇپ كەتتىم،،،،

   مەن ئىمتىھانلارنى بېرىپ بولغاندا يۇرتۇمغا قايتمىغىلى، ئاتا-ئانامنى كۆرمىگىلى 2 يىلدىن ئاشقان ئىدى،،، 12 -ئايلىق تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۆيگە بېرىپ كەلمەكچى بولدۇم 11 - ئاينىڭ 15 -كۈنىنىڭ بېلىتىنى ئېلىپ بولدۇم،،، بۇ كۈن يېققىنلاشماقتا ئىدى.... نەچچە كۈنلا قالدى...

ئادىتىم بويىچە خەت ساندۇقىمنى تەكشۈردۈم. كۈتۈلمىگەندە بۇ يەردە « يۈز تۇرانەئىمتىھانغا كېلىش ئۇقتۇرىشى» تۇراتتى... بۇ كۈن دەل مەن قايتىدىغان كۈن ئىدى  مەن دەرھاللا بۇ خەتنى ئەۋەتكەن ئادەمگە تىلفۇن قىلدىم... بۇ كۈنى جوڭگوغا قايتىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم... مېنى ئەتىسىلا كەلگىن دېدى.....
     ئۇكۈن جۇمە كۈنى ئىدى، يۈرەك دۈپۇلدەشلەر، ئەندىكىلەر ئىلكىدە بۇشىركەتنىڭ ئالدىدا  پەيدا بولدۇم،،، بىر شىمالىي ئامرىكىلىق بىر ئايال كۈتىۋالدى.... ئاپلا،،،،، بۇ نىمە ئىش.... ؟؟؟ قانداقمۇ بىر ئانا تىلىداسۆزلەيدىغان بىر ئايالغا تەڭ كىلەلۇرمەن؟؟؟؟؟ ئادىتىم بويىچە، يۈرەكلىك،چىچەن، ھۇشى بار كۈرۈنۈش ئۈچۈن تىرىشتىم،،، نىمە ئۈچۈن بۇ شىركەتتنى تاللىغانلىقىمنى قانچىلىك دەرىجىدە بۇ شىركەت ئۈچۈن پايدا ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىمنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردىم.  ئۇنىڭ چىرايىدىكى مەمنۇنلۇق مېنىڭ مۇۋاپىقىيىتىم ئىدى... ئۇ مەندىن ناھايىتى رازى بولغانلىقىمنى ھەم ئىنگىلىز تىلىنى قانداق ئۆگەنگەنلىكىمنى سورىدى،بۇتىلىنىڭ 3-تىلىم ئىكەنلىكىنى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆگەنگەنلىكىمنى شەرھلەپ ئۆتكىنىمدە مەندىن  تولۇق رازى بولغانلىقىمنى بىلدۈردى.... مەن خوشلاشقان چېغىمدا بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ئۆتمىكەنلىكىمنى سورىدىم ئۇتېخى يەنە بىر مۇنچە ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى يەنە بىر ھەپتىلەرگىچە خەۋەرقىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى....
 
قالغان ئىشنى ئاللاغا تاپشۇردۇم!!!!!

    بۇكۈن يېتىپ كەلدى،،،، مەن ۋەتەنگە قاراپ يول ئالدىم.... مەن شېنجىنغا كېلىپ خەت ساندۇقىمنى تەكشۈردۈم..... ئاللاغا مىڭلاپ شۈكرى!!! مېنىڭ غەلبەم -خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان ئىدىم،،، بۇ ئاتا-ئانامغا ئېلىپ بارىدىغان قىممەتلىك سوۋغات ئىدى. 1 -ئاينىڭ 7-كۈنى خىزمەت باشلايدىغانلىقىم تۇراتتى. مەن بۇ ۋاقىتقىچە مالايسىياغا كېلىپ بولاتتىم....

     يۇرتۇمغابېرىپ2 يىلدىن كۆپرەك كۆرۈشمىگەن ئاتا-ئانامنى، قېرىنداشلىرىمنى، ئۇرۇق-تۇغقانلارنى، قولۇم-قوشىنلارنى، دوست بۇرادەرلەرنى يوقلاپ بولغاندىن كېيىن كۆزۈم قىيالمىغان ھالدا ، ئاتا-ئانامنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ بۇ دۆلەتكەئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرۇش، يېڭى خىزمەت باشلاش ئۈچۈن قايتىپ كەلدىم... مەن نىشان قىلىۋاتقان يەنە بىر يىللىق ئوقۇش بار ئىدى،،،،

20 ئايلىق توختام بىلەن بۇ شىركەتنىڭ سېپىغا قېتىلدىم ئەگەر 20 ئاي ئىچىدە ئىپادىمىز ياخشى بولسا بۇ شىركەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئەزاسى بولۇپ كېتىدىكەنمىز...
    خىزمەتنىڭ 1-كۈنى شىركەتكە يىغىلدۇق... 29خىزمەتچىنىڭ ئىچىدە پەقەت مەن بىرلا چەتئەللىك ئىدىم.... قالغانلىرى يەرلىك ئادەملەر ئىدى بىزنى 2 ئاي ھەقسىز تەربىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى( بۇ مەزگىدە مۇئاشىمىزنى تولۇق بەردى)قالغان 18 ئاينى 3 كە بۆلۈپ 6ئايدىن 3 بۆلۈمدە ئىشلەيدىكەنمىز،، قايسى بۆلۈمگە ياراپ قالساق، شۇ بۆلۈمدە تۇرۇپ قالىدىكەنمىز  كىيىنچە بىلدىمكى،بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى باشلىقلارنىڭ بالىلىرى، ئۇكىلىرى ياكى بولمىسا تۇغقانلىرىنىڭ بالىلىرى ئىكەن،،،، ( ھەممە يەردە مۇناسىۋەت...)......
     شۇنداق قىلىپ ئالتۇن 3 بۇرجەك ئىچىدە قاتراپ يۇردۇم.( ئۆيۈم، مەكتەپ ۋە شىركەت 3 بۇرجەكنى ھاسىل قىلغانىدى...ھەممىسىگە پىيادىلا باراتتىم) كۈندۈزى ئىشكە بارسامكەچتە مەكتەپكەباردىم... ئىشتىن سائەت 5:30 چۈشسەم مەكتەپ 6:30 داباشلىناتتى خىزمەتتە ھورۇنلۇق قىلمىدىم، ئوقۇشنى تاشلاپ قويمىدىم (ئۇقۇش ھەممىدن مۇھىمدە)،،،....


تۇرمۇشۇم

     ئوقۇش ئوقۇش دەۋەرسەم ،مېنى تاڭسىڭ مىكىن دەپ قالماڭلار ( چاقچاق!!!)،،،بۇرۇندىنلا مۇۋاپىق بىرى چىقىسا ياخشى ئائىلە قۇرغۇم بار ئىدى مەن مەلۇم بىر مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر ئۇيغۇر قىزىنى تونۇيتتۇم  ئۆزىمۇخېلى چىرايلىق، ئەدەپ - ئەخلاقى ياخشى، دىيانەتلىك قىز ئىدى . ئۇنى ھەرقېتىم ئۇچراتقىنىمدا ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارالمايتتىم  ھېيىت-بايراملاردا يىغىلىشلاردا ئۇ قىزنى دائىم ئۇچرىتاتتىم  دېمىسىمۇ بۇ كەمسۆز قىز مېنى جەلىپ قىلىۋالغانىدى، لېكىن مېنى رەت قېلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم.ئۆتمەس دەپ نامىم چىقىپ قېلىشىدىن قورقاتتىم... شەرقى شىنجاڭدىن بولغانلىقىم ئۈچۈن ( گەپنىڭ راستى، شەرقى شىنجاڭلىقلار خەنزوچىراي كېلىدۇ ئەمەسمۇ !)، گەپ قىلىشتىن قورقاتتىم. ئۇ ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىدىكى 40 نەچچە يىللىق بىر مائارىپچىنىڭ قىزى ئىدى ئۆزىمۇ بۇ ئۇنىۋېرسىتتا ئوقۇغان... 

ئاللاھ ئورۇنلاش تۇرغىنىنى كۆرەرمەن ؟؟؟ قېنى توي تەكلىپى قويۇپ باقاي، شۇنداق قىلىپ تەڭرىدىن كەلگەن ئىلھام بىلەن ئىغىز ئاچتىم . ئائىلە قۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈردۈم. نەچچە قېتىملار يۈز كۆرۈشۈشــتىن كېيىن ئارلىشىپ باقايلى دېدى لېكىن مەن بىزنىڭ 18 ياش ۋاقىت ئەمەسلىكىمىزنى،بالىلىق دەۋرىمىزنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئاران تەسلىكتە توي قىلىش قارارىغا كەلتۈردۈم....
ئاتا-ئانامغا بىلدۈردۈم  ئۇمۇئاتا-ئانىسىغا بىلدۈردى بۇ مائارىپىچى دادام ( قېيىنئاتام) يېزىلىقكەن دىمەي، تويىمىزغا قوشۇلدى ماڭا 2008 -يىلى 5 - ئايدا تەتىل بولاتتى ھەمدە شىركەتتىكى يىللىق ھاردۇقىممۇ يىغىلىپ قالغانىدى  لېكىن بۇ ۋاقىتتا ۋەزىيەت جىددى بولغاچقا ئاتا-ئانام ئولىمپىكتىن كېيىن بولساياخشىراق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى،، لېكىن ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ ھە  دىگۈزدۈم...

 بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن؟؟!!!!

   بۇ قىزنىڭ (ھازىرقى ئايالىم ) دەرسى بالدۇر تۈگىگەنلىكى ئۈچۈن مەندىن بالدۇرقايتتى چوڭلار مەسلىھەتلىشىپ توينى بېكىتكەندىن كېيىن تويدىن بىرھەپتە بۇرۇنبۇ ئۆمۈرلۈك ئىش ئۈچۈن ئاتلاندىم...

ۋاقتىم قىسقابولغانلىقى ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تويى ئۈرۈمچىدە ئىسلامى يوسۇندابولدى. ئايالىم ئەتلەس كۆڭلەكتە ئاق رومالدا ئورالدى. بۇ مائارىپچى داداممۇ زىيادە گەپ قىلمىدى ،يەنە بىر ھەپتە ئىچىدىلا مالايسىياغا قايتاتتۇق،،،،،

ئايالىمنى ئېلىپ مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن سەھراغاباردۇق . 4 ئەتراپى سايلىق بىلەن ئورالغان بۇ يېزىنى كۆرگىنىدە نىكاھنىڭ غايىب ئىكەنلىكىگە ھەقىقى تۈردە ئىشەندى ئاتا-ئانىمىز بىلەن خوشلىشىپ يەنە مۇساپىرلىق ھاياتى ئۈچۈن يول ئالدۇق.

   مانا ئەمدى مەن ئائىلەمىنى، ئۇقۇشۇمنى ،خىزمىتىمنى ياخشى باشقۇرۇشۇم كېرەك ئىدى. ماگىستىرلىق ئوقۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەۋسۈمىنى ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملىشىم كېرەك ئىدى،،،
ئائىلەمگە كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىشىم كېرەك ئىدى....
خىزمەتتە ئۇتۇپ چىقىپ بۇ شىركەتنىڭ مۇقىم ئەزاسى بولۇشىم كېرەك ئىدى،،،،
ئايالىم ئوقۇمۇشلۇق ئايال بولغاچقا مېنى قاتتىق قوللىدى ئۇقۇشىمنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى  ئەلا نەتىجە بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرۈشىمگە ماسلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى، خىزمەتتىن قايتىپ كېلىشىمگە، ئۈستەلدە تاماق تەييار ئىدىيەپ بولۇپلا مەكتەپكە ماڭاتتىم.

كۈنلەر مۇشۇنداق داۋاملاشتى مەكتەپ پۈتتۈرۈش ماقالەم جىق ۋاقىت تەلەپ قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يىـتەكچى ئوقۇتقۇچۇممۇ قاتتىق قول ئىدى.زالىمدىن ئالىم چىقار دىگەن نىيەت بىلەن بوشانماي ئۆگەندىمئايالىم مەن بىلەن كارىڭ بولمىدى دەپمۇ ۋايساپ كەتمىدى،،،

نەتىجىلىرىم چىققاندا ئايالىم بىلەن ئىككىمىز جاپايىمىزنىڭ نەلەرگە كەتكەنلىكىنىمۇ بىلەلمەي قالدۇق..   ھەممەپەنلەردىن A دەرىجە بولۇپ تۇلۇق نومۇر بىلەن ئۆتكەنىدىم2 يىللىق ئومۇمى نومۇرۇم 3.7 نەتىجە بىلەن ( ئومومى نومۇر 4.0) ئەلا پۇتكۈزگەن ئوقۇغۇچى بولۇپ ماگىستىرلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردۇم....

خىزمەت تەرپتىنمۇ يەنە بىر خوش خەۋەر كەلگەنىدى خىزمەتتىكى تىرىشچانلىقىم ،ئەستايىدىللىقىم بىلەن بۇ شىركەتنىڭ رەسمى خىزمەتچىسىگە  ئايلانغانىدىم .12 ئايلار گەرچە ئىقتىسادى كىرزس مەزگىلى بولسىمۇ ئىشتىن بوشىتىۋەتمىدى مەن بۇ شىركەتننىڭ رەسمى خىزمەتچىسىگە ئايلانغان ئىدىم..................

بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئايالىم رەسمى ئوقۇشقا قەدەم تاشلىدى  ئۇ ھازىر مائارىپ باشقۇرۇش ماگىستىرلىقىدا ئوقۇۋاتىدۇ.........

    مانابۇ 21 يىللىق جاپالىق ئوقۇشنىڭ نەتىجىسى ئىدى 21 يىللىق جاپا-مۇشەقەتتنىڭ غەلبىسى ئىدى. مانا بۇ بىر ئاددى دېھقان پەرزەنتىنىڭ ھەقىقى سەرگۈزشتىلىرى ئىدى !!!

  بۇ ماقالىنى ئىككى يىل بۇرۇن ئېلان قىلغان ، ھازىر يەنە قايتا يوللاپ قويدۇم :

تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-05-06, 01:49
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-05-05 23:35 |
oguzhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 363
شۆھرەت: 1850 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1851 سوم
تۆھپە: 1103 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1103 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 670(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      تىرىشچانلىقىڭىزغا  قايىلمەن  .  بۇندىن  كېيىنكى  ئىشلىرىڭىز  تېخىمۇ  ئۇتۇقلۇق  ،  تۇرمۇشىڭىز  تېخىمۇ  كۆڭۈللۈك   بولغۇسى  ........ 

  
[ بۇ يازمىنىoguzhanدە2011-05-06 19:04قايتا تەھرىرلى ]
music bagdax
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-06 02:57 |
nur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 846
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 108
شۆھرەت: 655 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 655 سوم
تۆھپە: 381 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 381 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 79(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

 
تصرصشچانلصق بصزدصن مۇۋاپةقصيةت ظاللاهتصصن.   چوقذم دوكتورلذق ظوقذش تارصخصثنص يصزصپ يوللصغصن  يصراق سةهرادصكص ساثا ظوخشاش مۇۋاپةقصيةتكة ظصنتصلصؤاتقان ظصنص سصثصللصرصثغا زور ظصلهام بولصدذ. هصلصقص يصلصدصكص ظوقذغذچصلار بصلةن ظأتكذزذلگةن سأهبةت ظصسصثدثمۇ ؟ دةل ظاشؤ يصللصقتصكص ظوقؤغؤچصلار 2010- يصلصدصكص ظالص مةكتةپ ظصمتصهانصدا مصللص تصل يصزصقتا ظصمتصهان بةرگةن ظوقؤغذچصلار ظصچصدة تۇنجى قېتىم 1- تذركذمگة كصرصش نىسبىتى %40بولدص. كصيصنكص ظصشلصرصثغا ظاللاهتصن تېخىمۇ زور مۇۋاپةقصيةتلةر تصلةيمةن.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-06 09:39 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 420
شۆھرەت: 2624 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2624 سوم
تۆھپە: 1477 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1498 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 621(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن بەك تەسىرلەندىم جۇمۇ،ھەققى باھادىر روھ شۇنداق بولىشى كىرەك ئىدى.
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-06 09:50 |
japakax
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 275
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 320
شۆھرەت: 1633 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1634 سوم
تۆھپە: 980 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 981 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سىزگە بارىكاللا قېرىندىشىم . ھەممىمىز سىزدىن ئۈگەنسەك بولغىدەك .
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-06 10:57 |
be42late
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 190
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 47
شۆھرەت: 297 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 287 سوم
تۆھپە: 169 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 172 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 104(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يا ئاللا،،،،، رەسىمىممۇ چىقىپ بوپتىغۇ..
ئەزىز تورداش،،، رەسىمىمنى ئېلىۋەتسىڭىز.....
music bagdax
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-06 12:29 |
naway
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 922
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 105 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 105 سوم
تۆھپە: 63 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 63 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۈرۈمچىلىك غالىپ بىلەن ساۋاقداش ئوقۇپتىكەنسىزدە، ئۇ بىر بالىنىڭ گېپىنى قىلغان سىزكەنسىزدە.
oztil
دىۋە ئالدىدىمۇ تەمكىن بول.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-06 13:00 |
oguzhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 363
شۆھرەت: 1850 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1851 سوم
تۆھپە: 1103 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1103 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 670(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى be42lateدە2011-05-06 12:29يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
يا ئاللا،،،،، رەسىمىممۇ چىقىپ بولتىغۇ....
ئەزىز تورداش،،، رەسىمىمنى ئېلىۋەتسىڭىز.....


  مەن  سىزنى  شۇمىكىن  دەپ  پەرەز  قىلغانتىم  ،  راسىت  شۇكەنسىز  ،  رەسىمنى  ئېلىۋەتتىم  ،   سىزگە  بەخىت  تىلەيمەن  .
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-06 19:07 |
ihwan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 36
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 63
شۆھرەت: 465 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 465 سوم
تۆھپە: 259 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 259 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 130(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپرىن ، قەلەم قۇۋۋىتىڭىزنىڭ ئېشىشىغا تىللەكداشمەن !
oztil
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-06 22:29 |
taratkaqisi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1717
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 50 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 50 سوم
تۆھپە: 30 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 30 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سىزگە كۆپ ئاپىرىن :
مالايسىياغا چىققانلار ئىچىدە چوڭ ئۇنۋېرستىتقا چىقىپ ئوقۇيدىغان بولدۇق دەپ نۇرغۇن پۇل خەجلەپ چىقىپ سىز ئالدانغاندەك  كىچىك  مەكتەپلەرگە بېرىپ قىلىپ 1 يىلدىن كېيىن قايتىپ كەلگەنلار جىقراق.
لېكىن سىز ئۆز تىرىشچانلىقىڭىز بىلەن ، سەۋرىچانلىقىڭىز بىلەن بۇ ئۆتكەللەرنى غەلبىلىك بېسىپ ئۆتۈپسىز :  ئاپىرىن سىزگە :
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-08 05:15 |
xortikin
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1665
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 75 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 75 سوم
تۆھپە: 45 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 45 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەشۇنداق جاپالارنى تارتىپ ئوقۇغان بۇ قېرىندىشىمىزغا ئاپىرىن،مەن بۇ ئاسپىرانىتقا قىزىقىپ قالدىم،مۇمكىن بولسا بۇ بالىنىڭ تەپسىلى ئادرىسىنى،ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇرار جايىنى ئېنىقلاشقا بولارمۇ،زىيارەت قىلسام بوپتىكەن،مەن يېقىندا مۇشۇنداقراق بىر تىمىدا بىر كىتاپ يازغانىدىم.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-08 17:48 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » مەشھۇر شەخسلەر