«مەن ئەدىب، مەن بۇ گەپنى دېگەندە ئازاپلانساممۇ ئەمما، ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىمەن ۋە شاتلىنىمەن. رۇسىيە ئەدەبىياتى مېنىڭ جېنىم، مېنىڭ قېنىم.» دەپ يازغانىدى بېلىنىسكىي. يېرىم ئەسىردىن كېيىن كورولېنكو بېلىنىسكىيغا جاۋابەن: «مېنىڭ دۆلىتىم رۇسىيە ئەمەس، بەلكى رۇسىيە ئەدەبىياتىدۇر.» دېگەنىدى.پەقەت ئەدەبىي تالانىتقا تايىنىپلا رۇسىيىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ھەققانىيەت، ۋىجدان ۋە ھەقىقەتلەرنى خالىغانچە سېتىپ خەجلەش ئەۋجىگە چىققان ئەشۇ دەۋىردە بېلىنىسكىي ئۆز ھاياتى، ئۆز قېنى بېلەن ئۆمۈر بويى ئەدەبىياتتىكى ھەقىقەت، ۋىجدان ۋە ھەققانىيەتنى ياقلىغانىدى!
[ بۇ يازمىنىbozqirدە2011-05-14 08:24قايتا تەھرىرلىد ]